بۈگۈن يامغۇر يېغىپتۇ، يولدا تاماكامنى قاتتىق قاتتىق شوراپ كېتىۋاتىمەن...پۇتلىرىم خۇددى گەۋدەمگە ئېسىۋالغان مۇنۇ ئەقىلسىز بېشىمدەكلا ئېغىر.چۈشكۈنلۈك قاپلىغان جىسممىم باھار يامغۇرىدىن سەگىيدىغاندەك ئەمەس يەنە غەمگە چۈشتۈم!
ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپتۇ،
يۈرەكلىرىم ئاغدى ئىشەنسەڭ...
كەلدى يەنە يېڭى بىر مەۋسۇم،
نېمە تېرىپ نېمە ئورارمەن؟
گويا يۈرىكىمنى پايانداز قىلىپ ماڭغاندەك،ھەربىر قەدىمىم نەپسىمنى بوغماقتا.ئىنساننىڭ روھى چۈشسە، ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىمۇ چاپالمايدۇ دېگەن گەپنى كىم دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق،لېكىن راسىتلىقىغا چوقۇم گۇۋاھلىق بېرىمەن!شۇ تاپتا مېنىڭ ئېتىم ئەمەس،مېڭەممۇ ئىشلەشتىن توختىغان بۇنداق ئەھۋالدا پۇتۇمنىڭ ھەرىكەن قىلىۋاتقىنىمۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەلۋەتتە!
خۇش بولمدىم يېڭى پەسىلدىن،
يۈرەكلىرىم سىقىلدى ھەيھات.
باھار ئىشقى قالدى نەلەردە؟
ئۆلگەن روھلار توۋلايدۇ پەرياد.
بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ باقاي دەيمەن لېكىن ئويلاشتىن قورقىمەن.ئاللىقانداق چىگىش پىتلىشىپ كەتكەن خىياللارنى قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك.كاشكى بۇخىياللاردا زەررىچە ئۈمىدنىڭ نۇرى بولسا نېمە دەي!
شۇنچىلىك ھوزۇرلۇق باھارنىڭ مەيىن شامىلىغىمۇ زوقۇم يوق.روھى ئۆلگەن ئادەمگە قەھرىتاننىڭ شىۋىرغىنى بولامدۇ باھارنىڭ مەيىن شامىلى بولامدۇ ئوخشاش بولسا كېرەك!شۇنچىلىك تىتىرەپ تۇرىمەن سوغۇقتىنمۇ ياكى قورقۇنۇچتىنمۇ بىلمەيمەن!
مەيىن شامال تىلىپ يۈزۈمنى،
دەرەخلەرگە ئۈنمەكتە بىخلار...
قەيەرلەردىن كەلگەندۇ كۆچۈپ؟
غاجىلىماقتا كۆڭلۈمنى ھېسلار!
يامغۇر...مەن زارىقىپ كۈتكەن يامغۇر قاچانمۇ ياغار؟بوغۇلغان روھ ،بۇلغانغان روھ...
زىددىيەتكە تولغان ھايات.ئاخىرى چىقماس خىياللار...ماڭا جۈرئەت كېرەك،جاسارەت كېرەك...قايتا ئورنۇمدىن دەس تۇرالىغۇدەك،جىسمىمنى چەمبەرچەس قاماللىۋالغان كىشەنلەرنى چېقىپ تاشلىغۇدەك...ماڭا ئۈمىد كېرەك...
ھاياتلىقىمنى ،يوللىرىمنى قايتا يورۇتقۇدەك!ئەڭ ئالدى بىلەن ماڭا بىر بازغان كېرەك...ئايىغى چىقماس خياللارنى تولا قىلىدىغان،مېنى چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا باشچىلاپ ئەكىرىپ كېتىۋاتقان قاپاق كاللامنى چېقىپ تاشلىغۇدەك...
ماڭا نۇرغۇن نەرسە كېرك.................................................................................................
مەنبە:ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەجەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 07:15 PM