مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 15

مەن بەك ساددىكەنمە ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 07:03:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا چىقاي دىگەن ۋاختىم ئىدى ، بىر كۈنى مەن مەكتەپتىن
قايتىپ كىلۋاتسام يولدا ساۋاقدىشىم ئالىم ئۇچراپ قالدى . جۈرە ئاداش بىر يەرگە بىرىپ ئويناپ كىلمىز دەپ تۇرۋالدى ، مەن ئۆيگە قايىتمىسام بولمايدۇ دىسەم ئۇ ئۇنمىغاچقا بىللە باردىغانغا ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدىم بىز بىردەم ماڭغاندىن كىيىن يىنىمېزغا بىر ماشنا كىلىپ توختىدى ، ماشىندىن بىر ئادەم چۈشۈپ ئالىمنى توۋلاپ ماشنىغا چىقىڭلا دىدى ، مەن ئۇ ئادەمنى تونمىغاچقا ماشنىغا چىقىشقا ئۇنىمىدىم ، ئالىم مىنى ھىچ ئىش
بولمايدۇ ، دەپ زورلاپ تۇرۋالغاچقا مەنمۇ ماشنىغا چىقتىم ماشنىغا چىققاندىن كىيىن مەن ئالىمدىن نەگە باردىغىنىمىزنى سورسام ئالىم بۇ مىنىڭ نەۋرە ئاكام بىزنى باشقا نايىگە ئاپرىپ ئوينىتىپ كەلمەكچى دەپ تۇرۋالدى
مەن ماقۇل بولۇپ بىرىپتىمەن بىز بارغۇچە كەچ بولۇپ كەتكەچكە ئۇ ئادەم بىزنى بىر ئۆيگە باشلاپ باردى .
ئۇ بىزنىڭ قونۇپ قىلشىمىزنى ئەتە بىزنى ئوينىتىپ قويۇپ ئاندىن ئاپرىپ قويدىغىننى ئىتىپ تۇرۋالدى .
بىز ماقۇل بولۇپ قونۇپ قالدۇق ، ئەتىسى ئويغۇنۇپ قارسام بىز كارۋاتلىق ئاپتۇبۇستا كىتىپ بىرىپتىمىز ئالىم ياندىكى كارۋاتتا ئۇخلاۋىتىپتۇ . مەن ئالىمنى ئويغاتتىم بىز زادى نەگە بارمىز راس گەپ قىل دىسەم ئالىم ماڭا ئەسلىدە ساڭا دىمىگەنتىم ئاداش ئاكام بىزنى ئۈرۈمچىگە ئاپرىپ ئويناتماقچى بولغان دىدى .
مەن ھاڭۋىقىپلا قالدىم . نىمىشقا بالدۇر دىمىدىڭ دىسەم ئۇ سىنى قوشۇلمامدىكى دەپ دىمىگەنتىم دىدى .
بىز شۇنداق قىلىپ ئەتىسى كەچتە ئۈچۈمچىگە يىتىپ كەلدۇق ، بىز بىر ياتاققا چۈشۈپ ياتتۇق ئەتىسى ئالىمنىڭ ئاكىسى بىزنى تاماققا ئىلىپ چىقتى . تاماقتىن كىيىن ئەمدى سىلەرنى ئويناتقىلى ئاپراي دەپ بىزنى باغچىلارنى ئايلاندۇردى ، ئويۇنچۇقلارغا چىقىرىپ ، بىزنى شۇنداق ياخشى ئويناتتى . شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئۆتتى .
مەن ھىلىقى ئادەمدىن ئۆيگە قاچان كىتىدىغىنىمىزنى سورسام نەچچە كۈندىن كىيىن كىتىمىز دەپ گەپنى    تۈگەتتى . شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئۆيگە كىتىمەن دەپ چىڭ تۇرۋالدىم شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ئەمسە كىتەيلى دەپ بىزنى ئىلىپ ماڭماقچى بولۇپ تۇرشىغا يەنە بىر ئايال ئىككى بالنى ئىلىپ كىلىپ بۇ باللانىمۇ يۇرىتقا ئالغاچ كىتىشنى ھاۋالە قىلدى . شۇنداق قىلىپ بىز يۇرىتقا ماڭماقچى بولۇپ يولغا چىقتۇق
بىردەمدىن كىيىن بىز پويىز ئىستانسىسقا چىقىپ قالدۇق . ئۇ ئادەم بىزگە پويىزدا ماڭساق ياخشى بولدۇ دەپ بىلەت ئالدى ، ئۇ پويىزغا ئايرىم - ئايرىم چىقىشىمىزنى جىكىلەپ ئۆزى پويىزغا چىقتى . بىزمۇ ئۇنىڭ دىگنى بويچە پويىزغا چىقتۇق . بىز كىچىك بولغاچقا پويىزنىڭ نەگە باردىغىننى بىلمەيىتتۇق . شۇنداق قىلىپ بىز پويىزدا نەچچە كۈن ماڭغاندىن كىيىن ئىچكىرگە يىتپ كەپتىمىز .
ئۇ يەرگە بىرىپ بولۇپ ئۇقسام ئالىمنىڭ ئاتا - ئانىسنىڭ خەۋرى باركەن مەن يىغلاپ - قاخشاپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدىم . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن 20 ياشلار چاممىسىدىكى بىر بالا كىرىپ تۇرە بازارغا چىقىمىز دىدى مەن ئۇنىمىدىم ئۇ كاچىتىمغا نەچچىنى سالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم . يەنە مەن دىمەتلىك باللاردىن 3بالا بىللە ماڭدى ، بىز ئايلىنىپ يۈرۈپ ئادەم ئەڭ كۆپ بىر بازارغا يىتىپ كەلدۇق ، ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن ئەمسە بۇلارنىڭ نىم قىلغىنىغا ياخشى قارا دىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزىلىرنىڭ تىلپۇنلىرنى ، بەزىلىرنىڭ ،
سومكىسىدىن پۇل قاپچۇقلىرنى ، سۇغرىشقا باشلىدى . مەن كۆرۈپ گاڭگىراپلا قالدىم .
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ نىمىگە ئىلىپ كىلىنگىنىمنى ئاندىن بىلدىم . كۈنلەر شۇنداق ئۆتتى ئەتتىگىنى بازارغا چىقىپ ھىلىقى ھۈنەرنى ئۈگەنسەم ئاخشىمى ئۆيگە كىلىپ سومكا ئىچىشنى باشقىلار تۇرۇپ بەرسە يانجۇقىنى ئاختۇرۇشنى ئۈگنەتتىم ، چاندۇرۇپ قويسام تاياق يەيتتىم . شۇنداق قىلىپ بۇ ھۈنەرنى ئازراق ئۈگەندىم .
مەنمۇ باشقىلارغا قوشۇلۇپ بازارغا چىقماقچى بولدۇم ، تۇنجى كۈنىلا تۇتۇلۇپ قالدىم . باشقىلار قىچىپ قۇتۇلدى .
خوجايىن مىنى جەرىمانە تۆلەپ ئىچىقتى . ئۇ مىنى ئويگە قايتۇرۇپ كىلىپلا ، شامالدۇرغۇچقا ئىسىپ قويۇپ بىردەم پىيقىراتقاندىن كىيىن يەرگە چۈشۈرۈپ ئۇرۇشقا باشلىدى ، مەن ھۇشۇمدىن كەتسەم سۇغۇق سۇنى بىشىمدىن قۇياتتى ھۇشۇمغا كەلسەم يەنە ئۇراتتى . شۇنداق قىلىپ مەن تاياق يەۋەگەچكە مەنمۇ بۇ ھۈنەردە ئاز - تولا يىتىشىپمۇ قالدىم .
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۋاتاتتى ، پۇلنى ياخشى تاپساق دىسكوخانلاغا ئاپرىپ ئوينىتاتتى ، پۇل تاپالمىساق تاماقمۇ يوق
يەرگە سۇنى چىچىپ شۇ يەردە بىر كىچە ئولتاغۇزۇپ قوياتتى . مىنىڭ يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىمغا 2يىلمۇ بوپ
مەن ئاتا - ئانامنى قىرىنداشلىرىمنى بەكمۇ سىغىنغان ئىدىم بىر كۈنى پۇرسەت تىپىپ قاچماقچى بولدۇم ، لىكىن ئۇلار مىنى تۇتۋىلىپ قاتتىق ئۇرغاچقا مىنىڭ  بىلىگىم سۇنۇپ كەتتى . مەن بازارغا چىقالمىدىم خوجايىن مىنى يەنە بازارغا چىقىشقا مەجبۇرلىدى مەن ئامال يوق بىر قولۇم ئىسىقلىق ھالەتتە بازارغا چىقتىم .
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۋاتاتتى . مىنىڭ ئۆيۈمدىن ئايرىلغىنىمغا ھەش - پەش دىگىچە 4 يىل بولۇپ قالدى .
ئاخىر يەنە قىچىش قارارىغا كەلدىم ، مەن پويىز ئىستانسىستىن ماڭسام يەنە تۇتۋىلىشتىن ئەنسىرەپ يۈك باسىدىغان پويىزنىڭ يىنىغا بىرىپ پويىز ئەمدىلا قوزغىلىۋاتقاندا مەن ئىسىلىپ چىقۋالدىم .
قانچە كۈن ماڭغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، جان تاتلىقكەن خەنلەر يەپ بولالماي تاشلىۋەتكەن مومىلارنى ، ئىچىپ بولالماي تاشلىۋەتكەن سۇلارنى ، ئىچىپ قۇمۇلغا چۈشۋالدىم . قۇمۇلغا چۈشۈپلا قەپەزدىن چىققاندەك خۇش بولدۇم . شۇنداق قىلىپ قۇمۇلدا بىر ياخشى نىيەتلىك تاغام مىنى بىلەت ئىلىپ يولغا سىلىپ قويدى شۇنىڭ بىلەن
يۇرتۇمغا كىلۋالدىم .
اللاھ قا مىڭ ئۈشكىرى ئىيتىمەن ھازىر تۇرمۇشۇم شۇنداق ياخشى كىتىپ باردۇ .

       بۇ ھەقىيقى يۈز بەرگەن ھىكايە ............................

                             تېيمىدىكى پىرسۇناژ مەن ئەمەس مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق .









ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 771
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 10:57:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇنداقلىرنىڭ كۇزى قاچانمۇ پۇلغا تۇيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇناپىقلا............

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6868
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34198
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2996 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىسىنىڭ ھەققى بارمىدۇ دەيمەن مۇشۇ  بالا ئالدامچىلىرىنىڭ خەقنى بالىلىرىدا ....


تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىنسان سۆلەتلەك ھايۋانلارنى  مەن ھازىر تۇرۋاتقان شەھەردە  سىرتقا بىر ئىشلار بىلەن چىقساملا  ئاساسەن ئۇچۇرتالايمەن ....ئالدىغا  ئۈچ تۆت كىچىك بالىنى قوي ھەيدىگەندەك سېلىۋېلىپ  پۇراپ يۈرۈپ ئوغۇرلۇق قىلىدۇ

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:18:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇناپىقلار ! بۇنداق قىلىشنىڭ قانچىلىك گۇنا بۇلدىغانلىغىنى ، بىلىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىدۇ . ئەبلەخلەر !!! ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:25:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇق ئاللا ئىگەم ، ئۆزىڭىزگە ئامانەت ......

مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ، ياراتقان ئىگىمىزدىن قورقۇڭلار بۇ بەك يامان گۇناھ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93172
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارام مال-دۇنيانىڭ قۇربانى بوپ كەتكەنلەر!
ئۆلگەندە بىر ئوچۇم تۇپراققا تويىدۇ بەرىبىر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93090
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 495
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 03:20:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا شۇنداق رەزىل ئادەملەر باركى مىسرانىم مۇنبىردىكى ھەممەيلەن قولىمىزغا ئۆتمەس پىچاقتىن بىردىن ئىلىپ جىننى قىيناپ چاناپ چاناپ چاناپ چاناپ يەنە چاناپ گۆشلىرىنى ئاتلانتىك ئوكيانغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ، شۇ بىر نىمىلەرنىڭ دەستىدىن بىزدەك توغرا يولدا مىڭۋاتقانلارمۇ بىر تاياقتا ھەيدىلىپ بەزى يەرلەرگە بارساق خەنلەر بىزدىن تاپتىن قاچقاندەك قاچىدۇ، ياتاق ئىچىپ بەرمەسلىكى تىخى.

نىشانسىز ياشاش،كومپاسسىز دىڭىزغا چۈشكەنگە ئوخشاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 03:36:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپسىزلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش