رىزقىڭىز بىكارغا كەلمەيدۇ.
تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە تىرىشماي نەتىجە قازىنىش، لاتارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، نۇرغۇن پۇل تېپىۋېلىش، تۇيۇقسىز ئەمىلى ئۆسۈپ كېتىش...قاتارلىق ئۈمىدلەر يوشۇرۇنغان بولىدىكەن.دېمىسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق خام خىياللارنى سۈرۈشكە ئامراق كېلىدىكەن. لېكىن نەدىمۇ دۇنيادا ئۇنداق رىسقىڭىز ئاسماندىن چۈشىدىغان ياخشى ئىش بولىدۇ دەيسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى بەختلىك بولۇشنى قانچىلىك ئۈمىد قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ.
بىر كۈنى بىر موماي شەھەرگە بېرىپ، كېلىنىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن يولدا كېتىۋاتسا چىرايلىق بىر زىننەت بۇيۇمىنىڭ قېپى دومىلاپ كېلىپ، موماينىڭ پۇتىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختاپتۇ. يول بويىدا كېتىۋاتقان بىر بالا ناھايىتى تېزلىكتە زىننەت بۇيۇمى قېپىنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق ئېچىپ قارىسا، ئىچىدە بىر تىزىق ئالتۇن مارجان ۋە تالون بار ئىكەن. تالون ئۈستىدە مەلۇم بىر زىننەت بۇيۇمى دۇكىنى تۈزگەن، باھاسى 2800 يۈەن دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇنى كۆرۈپ موماي ئۇ بالىنى تېپىۋالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە دەۋەت قىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن موماي ئىككىسى مارجاننىڭ ئىگىسىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىراق خېلى ۋاقىت ساقلىغان بولسىمۇ بىرەرسى ئۇ زىننەت بۇيۇمىنى ئىزدەپ كەلمەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى يىگىت مومايغا: «ماڭا مىڭ يۈەن بەرسەڭ، مارجاننى ساڭا بېرەي» دېگەن تەكلىپنى بېرىپتۇ. موماي «بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن» دەپتۇ. بىراق ئۇنىڭ كۆڭلى بارا-بارا ئېغىشقا باشلاپتۇ. موماي كۆڭلىدە «مەن بۇ مارجاننى سېتىۋېلىپ كېلىنىمگە سوۋغا قىلسام بولىدىغۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا كېلىنىم بىزنىڭ ئۆيگە يېڭى كىرگەندە، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە ئېلىپ بېرەلمىگەن ئىدۇق. بۇ قېتىم ئۇلارنى كۆرگىلى بارغاندا، بۇ مارجاننى سوۋغا قىلسام، ئۇ چوقۇم بەك خۇشال بولىدۇ، ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موماي ئۇ بالىغا «مەن شەھەرگە ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمنى كۆرگىلى ماڭغان، شۇڭا يېنىمدا كۆپ پۇل يوق، پەقەت مۇشۇ 800 يۈەنلا بار، مۇشۇنىڭغا سېتىپ بەرسەڭ بۇلامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. بالا مەرتلىك قىلغان قىياپەتتە تولىمۇ خۇشال ھالدا «ئۇنداق بولسا بوپتۇ، مەن ئازراق زىيان تارتساممۇ ھېچقىسى يوق، كىم سىزنى مەندىن چوڭ بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن موماي 800 يۈەننى بالىغا بېرىپ ئاسانلا ھېلىقى ئالتۇن مارجانغا ئېرىشىپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. موماي ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كېلىپلا يولدا بولغان ئىشنىڭ بارلىق جەريانىنى ئەر-ئايال ئىككىسىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە مارجاننى چىقىرىپ كېلىنىگە بېرىپتۇ. ئەر-ئايال ئىككىسى بۇنىڭدىن سەل گۇمانلىنىپتۇ، نەتىجىدە ھېلىقى ئالتۇن مارجان دېگەندەك ساختا چىقىپ قاپتۇ. ئەسلىدە بۇ موماي باشقىلارنىڭ كولىغان ئورىكىگە ئاسانلا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن.
دېمەك، بىر ئۈلۈش تىرىشسىڭىز بىر ئۈلۈش نەتىجە قازىنىسىز، بۇ دۇنيادا ئىشلىمەي ئېرىشىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. تۇيۇقسىز كەلگەن پايدىنىڭ ياكى ئامەتنىڭ سىزنى ئېزىقتۇرۇشىغا ھەرگىزمۇ يوق قويماڭ. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ رېسقىڭىز ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا قىلتاق ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، مەسىلەن، پۇل، ئابروي، مەرتىۋە، گۈزەل قىز، پۇرسەت قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە، ھەممە قىلتاقنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، قىزىقىشتىن ئىبارەت پىسخىكىڭىزنى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئۆزىڭىزگە مەنسۈپ بولمىغان نەرسىگە قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەت. بەزى ۋاقىتتا، كىچىككىنە پايدىنى دەپ بىر قىسىم «ئەقىللىق كىشىلەر» ھاماقەتلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ، تۇرمۇش مۇشۇنداق ئېزىتقۇلارغا تولغان بۇ دەۋردە، سەگەكلىكىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرسىڭىز، ئاندىن قىلتاققا چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
مەنبەسى: خەلق تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 12:22 PM