ئانا تۆگىنىڭ مۇھەببىتى
(تەرجىمە ئەسەر)
بۇ،ئامىرىكىلىق بىر ساياھەتچى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەققى ۋەقەدۇر.
تومۇز ئىسسىق يېلىنجاپ تۇرغان،پايانسىز كەتكەن سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا،بىر ئانا تۆگە بىرنەچچە بوتلاقلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ سۇ ئىزدىمەكتە ئىدى.ئۇلار خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى سۇ دىدارى كۆرمەي تەشنالىقتىن چاڭقاپ ھالىدىن كېتىشكەن بولۇپ چۆيۈندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن تاپانلىرىنى سۆرىشىپ تەسلىكتە ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.
ئانا تۆگە بىر تەرەپتىن بوتلاقلىرىنى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدىن ھىمايە قىلغاچ ،بىر تەرەپتىن ھەممە يەرنى ھىدىلاپ سۇ ئىزدەپ ماڭدى.بوتلاقلىرى بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشىپ كەلمەكتە ئىدى.بۇپايانسىز قۇملۇقتا نە بىرپارچە يېشىللىق،نە بىر تېمىم سۇ ئۇچىرىسۇن؟ئۇسسىۇزلۇق ،كۆزنى چېقىپ تۇردىغان يۇقىرى ھارارەتلىك ئاپتاپ ئۇلارنى شۇنچىلىك قىينىماقتا ئىدى.
ئۇلار ئىزدە-ئىزدە ئاخىرى يېرىم ئاي شەكىللىك بىر بۇلاقنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. بوتلاقلار سۈپسۈزۈك سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاقنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن سەكىرەپ تاقلاشقىنىچە بۇلاق بويىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى.
ئەپسۇسكى بۇلاق تولىمۇ چوڭقۇر بولۇپ ،بۇلاق بويىدا تۇرغان بوتلاقلارنىڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ سۇنى ئىچەلىشىگە كۆزى يەتمىدى.ئانا تۆگە تەشنالىقتىن ھالىدىن كەتكەن بوتلاقلىرىغا قاراپ ئىچى سىيرىلىپ،جىددىيلەشكىنىدىن بۇلاقنى بىر نەچچىنى چۆگىلەپ چىقتى.ئاخىرى ئۇ تۇيۇقسىز توختىدىدە، بۇلاققا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدى.بىرنەچچە سىكۇنىت ئۆتمەي سۇيۈزى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.تەشنالىقتىن چاڭقاپ ئاران تۇرغان بوتلاقلار ھەممىنى ئۇنتۇپ سۇغا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى.
نەچچە ئون مىنۇتتىن كىيىن ئانا تۆگىنىڭ تېنى سۇيۈزىگە لەيلەپ چىقتى .ئۇسسۇزلۇقىغا راسا قېنىپ ھاردۇقى چىقىشقان بوتلاقلار شۇندىلا ئېسىگە كېلىپ ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتتى.ئەمما بۇچاغدا ئانا تۆگە ئاللىقاچان تىنىقتىن توختىغان ئىدى.
مەنبە: ياشلىق ئۈزۈندىلىرى ژۇرنىلى(خەنزۇچە)
2013/03/15