مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3302|ئىنكاس: 17

شەنبىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:28:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەنبىدە

تەكشۈرۈش بار كىلىپ قالدىم شەنبىدە،
مۇنبىرىمنى ئېچىپ قالدىم شەنبىدە.
بىر-بىرىدىن ئىسىل بولغاچ يازمىلار،
مەنمۇ شېئىر توقۇپ قالدىم شەنبىدە.

مۇنازىرە قىزىپتىغۇ مۇنبەردە،
پاكىتىڭلار تولۇق ئىكەن ھەر يەردە.
ھۇسولۇڭلار بۇلۇق ئىكەن سەھەردە،
مەن قاراپلا تۇرۇپ قالدىم شەنبىدە.

بىرى دەپتۇ شەيتان مېنىپ نورۇزنى،
تەپمەك بوپتۇ بىدئەت ئاتلىق تورۇسنى.
بىزنىڭ ئەمەس،دەپتۇ يانا نورۇزنى،
ئەقلىم يەتمەي تۇرۇپ قالدىم شەنبىدە.

مۇسۇلماندىن گۇمان قىلىپ بەزىلەر،
يازما يوللار،ئىسپات ئىكەن سۈرىلەر.
كىم مۇسۇلمان؟،بۇ ئاللاغا سىرئەمەس،
مەن ياقامنى تۇتۇپ قالدىم شەنبىدە.

مۇنبەر دىگەن مۇنبەر بولسۇن ئەسلىدە،
دىن توغرىلىق پاراڭ قىلماڭ يارەنلەر.
ئىسلام دىنى ئۇلۇغ دىندۇر -سىر ئەمەس،
كاللام قىزىپ سۆزلەپ سالدىم شەنبىدە.

ئىسلام دىنى ئۇلۇغ دىندۇر سىر ئەمەس،
دىنى ئالىم ،ئۆلىمالار سىز ئەمەس.
باشقىلارمۇ دىنسىز ياكى كىر ئەمەس،
تور ئالدىدا تۇرۇپ قالدىم شەنبىدە.

ئىچ پۇشۇقى چىقارماقچى بولساڭلار،
تېما كۆپقۇ،بولار ئەسەر يازساڭلار.
مېھرى-ۋاپا قېرىنداشنى قازساڭلار،
بىلەرمەنلىك قىلىپ قالدىم شەنبىدە.

دىللىرىمىز ئاغرىمىسۇن يارەنلەر،
قايمۇقمىسۇن خاتا سۆزدە بەزەنلەر.
گۇناھ بارمۇ ئازدۇرۇشتىن ،بىر دەڭلەر؟،
ئېغىرراقى، ئويلاپ قالدىم شەنبىدە.

بىلىم ئەھلى بولساڭ سۆزلە سىلىقراق،
ئىمانسىزمۇ، ئەمەسمۇ بىر بىلىپراق.
دىنىمىزدا ساۋاپ ئىشلار بەك كۆپراق،
سۆزلەپ باققۇم كېلىپ قالدى شەنبىدە.

خاتا بولسا تۈزەت پىكرىم دوستلىرىم،
بۇ مېنىڭكى پەقەت كالتا ئويلۇرۇم.
مەن گۇناھتىن ساۋاپنى كۆپ ئويلۇدۇم،
مەغپىرەت قىل، خاتا بولسا شەنبىدە؟!...
2013.3.16.كۈنى، سائەت9:30دا يېزىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 12:50 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
korul + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
aa0998 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:02:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتتەن ياخشى يېزپسىز بۇنىڭدىن پۇتۇن مىسرانىمدىكى تورداشلار !!!
ناھايىتى خۇشال مۇشۇنداق قوسىقىدا ئىلىمنىڭ سۇنىقى يوق تورداشلار نۇرۇزنى ئۆتكۈزسەڭ بولمايدۇ دېگەپنى مۇنبەرىگە چېقارىدى بۇنىڭغا كۆپ ساندى تورداشلار نارازى بولدى
يانا گاھى بىر قىسىم تورداشلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى بايرىمى بار ئۇلار قۇربان ھېت بىلەن روزاھېت دىگەن خۇراپى ئادەملەرمۇ بولدى روزاھېت بىلەن قۇربان ھېت دىننىي بايرام
زورۇز دىگەن تۇركى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنۋي بايرىمى بۇ بايرامنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جىق دۆلەتلەر تەبىرىكلەيدۇ بۇ بايرامنى ئۇتكۈزۇش توغرا ھەمەيلەن نورۇزنى ئىناق ئىتىپاق ئۆتكۈزەيلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92982
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:20:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرنى به ك باغلاشتؤرؤپ. يىزىپسز به ك مه نىلىك شىركه ن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىر ياخشى چىقىپتۇ.
دېمىسىمۇ كۆپ خىل تەكشۈرۈش، ئىكىسكۇرسىيەلەر مەخسۇس شەنبە، يەكشەنبىنى تاللاپ چىقامدىكىن دەپ قالىمەن. ئۆتكەن يىلى ئۆزۈم يالغۇز 20نەچچە تەكشۈرۈشنى كۈتىۋاپتىمەن، ئەڭ چوڭى ئاپتونۇم رايۇننىڭ تېنچ ناھىيە بەرپاقىلىش تەكشۈرۈشى. ھەممىسى شەنبە يەكشەنبىدە كەلدى دىسە.
ئايالىم كوتۇلداپ: شەنبە، يەكشەنبە بولسىلا مۇشۇ تەكشۈرۈشكە چىقىدىغان ئەركىشىلەرنى خوتۇنلىرى، خوتۇنلارنى ئەرلىرى «ماڭە» دەپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قويىدۇ.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەردىكى ئەركەكلەر،
تەبىرىكلەيلى نورۇزنى.
بايرام يېتىپ كەلمەكتە،
ئۇنۇتمايلى نورۇزنى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 01:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:37:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاڭلسام بۇيىلىلىق نورۇز بايرىمىنى ھېتكاھدا تۈرلۈك ئويانلار بىلەن تەبىرىكلەيدىكەن

تورداشلارنىڭ ۋاختى يەتسە قەشقەردە نورۇزنى پائالىيىتىنى كۆرۇپ كېلىشكە تەكلىپ قىلمەن خەۋەردار بولۇپ قىلىڭلار!!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 01:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91991
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى شىئىركەن . كەچرۈڭلا تېييمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ بوپقالدى .
مەن بايام بىر يازما يېزۋاتقان ، سىرىتتا بىرسى چاقىرغانتى چىقىپ كىرگىچە ئۇكام يوللاشنى بىسۋىتىپتۇ . يىزىپ بولالمىغان يازما ئىدى . باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆچۈرۋىتشىنى سورايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jagqi@@ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-16 02:12 PM
http://www.wisalstudio.net/uy/watch.php?id=372

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بىلەن نورۇز بايرىمىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى  بار جەڭچى ئەپەندىم.ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دىگەن بۇ نىجىس بىزگە يۇققىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى،لېكىن نورۇز بايرىمى دۇنيادىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان بايرامدۇر.ئۇنىڭ تارىخىمۇ ناھايتى ئۇزۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91991
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سوئال : نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ خاتامۇ؟، مەنمۇ باشقىلاردەك بۇ كۈندە بايرام قىلىمەن، ساۋاقداشلار ۋە كەسىپداشلار بىرگە جەم بولۇپ زىياپەت قىلىشىمىز، نورۇزنى مۇشۇنداق تەبرىكلىسەك توغرا بولامدۇ؟ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۇشكە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب :
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. بىز بۇ سوئالىڭىزغا بىر نەچچە نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بىرىمىز.
بىرىنچى: « نورۇز » سۆزلۈكىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ « يىڭى كۈن» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئەۋۋەلقى پادىشاھى “ جەمشىت شاھ“ تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ”باھار بايرىمى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىمام زەھەبىي «تۇشبىھۇل خەسىس بىئەھلىل خەمىس» ناملىق ئەسىرىنىڭ 46- بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”نورۇز كۈنى مىسىرلىق قىبتىلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ بۇلار بۇ كۈننى بەك ئالاھىدە ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاپ قالدى“ .
ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد 1134-، نەسائىي 1556- نومۇرلۇق ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە : « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىگە كەلگەندە ئۇلار يىلدا ئىككى كۈن بايرام قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتۇق دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ ئىككى كۈن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ2021 -نومۇرلۇق ھەدىستە زىكىر قىلىدۇ.
يېڭىدىن پەيدا بولغان بايراملاردىن: يىڭى يىل بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، ئۆسمۈرلەر بايرىمى، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى، مۇستەقىللىق كۈنى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەسلى كېلىپ چىقىشى كاپىرلارنىڭ بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. نورۇز بايرىمى جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن پارسلار ۋە خرىستىئانلار بۇ كۈندە بايرام قىلاتتى، بۇ كۈندە بايرام قىلىشنى چەكلەشتىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ( دېمەك؛ ئەسلى كېلىپ چىقىشى يەھۇدى ياكى خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرى مىللەت ئىچىدە ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەڭ تارالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى، ئەمما ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى دۆلەت بايرىمى دېگەنگە ئوخشاش بايراملار ھەرقانداق دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا شەرئى ھۆكۈممۇ دۆلەت تۇزۇمى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ تۇرۇپ، ئەقىدىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىقىدەك بايراملارغا قاتناشمىسا بولمايدىغان ئەھۋاللاردا (يەنى قاتناشمىسا خىزمىتىگە ياكى ئوقۇشىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا) قاتناشسا بولىدىغانلىقى، ئەمما كۈچەپ قاتنىشىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.-م- )
ئىمام زەھەبىي «سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ بىدئەتتىن ھەزەر قىلايلى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: ”نورۇز بايرىمى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىش دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر. مۇسۇلمان بۇنى بىلمەسلىكتىن قىلىپ سالسا چۈشەندۈرۈپ تەربىيە قىلىپ توسۇش كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ بايرىمىدىن پەخىرلىنىپ، ياخشى كۆرۈپ ئىشتىراك قىلسا قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ، ئەمما بۇ كۈننى ئادەتتىكى ئويۇن تاماشا قىلىش كۈنى دەپ بىلىپ، ئائىلە ۋە بالىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ نىيىتىگە باغلىقتۇر. دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى بىلمەي قىلىپ سالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە چىرايلىقچە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىدۇ“ . ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ژۆرنىلى 103- 104- سانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى يات دىنسىز مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇ مىللەتتىن ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىمۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسي بايراملىرىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ يىراق بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: “ بىر كىشى دىنسىز يات مىللەتنىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بايراملىرىغا قاتنىشىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشى قىيامەتتە شۇلار بىلەن بىرگە تىرىلدۇرۇلىدۇ“. چۈنكى بايرام دېگەن شۇ مىللەتنىڭ دىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەنئەنىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ھەر ئۇممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ». قىبلە، ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش ئايرىم ئىبادەتلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى ياقتۇرۇش بىلەن باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىنى ياقتۇرۇشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە رازى بولۇش، كۇفرىغا تولۇق رازى بولغانلىق، بەزىسىگە رازى بولۇش كۇفىرنىڭ بەزىسىگە رازى بولغانلىقتۇر . بولۇپمۇ دىنسىزلارنىڭ ھېيت-بايراملىرى، ئۇلارنىڭ باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان پائالىيىتى بولۇپ بۇنىڭغا رازى بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.
ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرىدىن قازىخان مۇنداق دەيدۇ : “ بىر كىشى نورۇز بايرىمىدا باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار كاتتىلىغاندەك كاتتىلىسا ئۇ كىشى كافىر ھېسابلىنىدۇ . ئەمما بۇ كۈندە ئادەتتىكىدەك باشقىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلسا ياكى بۇ كۈننى كاتتىلىماستىن نورمال خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزسە كافىر بولمايدۇ . كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كېيىن قىلمايدىغان ئىشلارنى بۇ كۈندىمۇ قىلماسلىق كېرەك“.
مالىكي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى قاسىم مۇنداق دەيدۇ : “ مۇسۇلمان ئۈچۈن يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىش ياخشى ئەمەس، بۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بايرام كۈنىنى ئۇلۇغلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشىمۇ چەكلىنىدۇ . شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام سىموۋۇلى بولغان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بۇ كۈندە ئۇلارغا ئوخشىۋالغان مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە ئۆز ئەقىدىسىدىن پەخىرلىنىپ بېشى ئۇستۇن ئىززەتلىك ياشىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ“.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پېشقەدەم ئالىملاردىن پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئىبنى ئىبنى جىبرىين بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ بىدئەت سانىلىدىغان ھەر تۈرلۈك نورۇز بايرىمى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مىراج-ئىسرا كۈنىنى ئۇلۇغلاش، مەۋلۇت كۈنىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئىشلارمۇ توغرا ئەمەس، يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە قىلغان زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، تاماقلىرىنى يېيىش توغرا ئەمەس . بۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈچلاندۇرغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى توغرا دەپ قارىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز كىشىلەر ئالدىنىپ ئېتىقادتا خاتالىشىپ قالىدۇ“ تۈگىدى.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ھەرتۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قىلىشى ۋە قاتنىشىشى بولسا دىندا چەكلەنگەن ئىشلارغا پىسەنت قىلماسلىققا يول ئاچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە ئەسلى يوق ھېيت بايراملارغا قاتنىشىش توغرا ئەمەس. «ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى توپلىمى» ناملىق ئەسەرنىڭ 27-بېتىگە قارالسۇن.
ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇنhttp://www.islam-qa.com/ug/ref/101404/نورۇز

بايرام, نۇرۇز




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش