ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق قىرىنداشلار
ھەممەيلەن مىللەت توغۇرلۇق قەلەم تەۋرىتۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە، مەنمۇ بىر ئىككى ئىغىز ھازىر بولۇپمۇ ياشلاردا كۆرۈلۈۋاتقان
بەزى ناچار خاھىشلارنى ئوتتۇرغا ئلىپ چىقىش ئارقىلىق شۇلارغا بىر رەددىيە بەرسەك دەيمەن،
ئۆزۈمنىڭ تۇنجى قىتىم ئۆز ئالدىمغا بىر نەرسە يىزىشىم بولغاچقا يازغىنىم ماقالىمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ ئۇنى بىلمەيمەن يازماي دىسەم ھەممىڭلەر مىللەتنىڭ گىپىنى قىلۋاتساڭلار مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپۈتىم بىلەن قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى،
ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئۇدۇللا دەۋىرەي مازاق قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
جەمىيەتىنىڭ تەرەققىياتى بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن بولسىمۇ لىكىن بۇ ئەھۋال نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ يامان يولغا مىڭىشى ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىشىغا سەۋەپ ياكى باھانە بولماقتا،
بولۇپمۇ قىز ئوغۇللارنىڭ يامان يولغا مىڭىشى ،گەرچە بۇ توغۇرلۇق تورداشلار رەددىيە بىرىپ كىلۋاتقان بولسىمۇ بۇ ناچار خاھىشلار بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە بارغانسىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتىۋاتىدۇ،
گەپلىرىمنى ئەمەلى رىئاللىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئەقلى تەپەككۇرۇڭلار ئارقىلىق ئويلىنىپ بىقىشىڭلانى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاۋال گەپنى ئوغۇللاردىن باشلاي،ئوغۇل بالا دىگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسدىكى ئاتىسى،شۇڭا ئوغۇللار ئويۇن تاماششانىڭ ئەمەس بەلكى بەلكى ئەلنىڭ غىمىنى يىيىشى كىرەك ئىدى.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە ئوغۇللاردا مەسئۇليەت ئىڭى ۋە ئەرلىك روھى بارغانسىرى ئاجىزلاشماقتا ۋە يوقالماقتا،
ھىچنىمىدىن خەۋىرى يوقتەك قاچانلا قارىسا ئىچىپ چىكىپ يۈرگەن يىشى 30 دىن ئاشسىمۇ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتاي دىمەيدۇ ئاتا ئانىسى ۋە خەقنى قاقشىتىپ ھەي بۇلار ئۆلۈمنى ئويلاپ قويمامدىغاندۇ،تخى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىچىپ چەكمىگەنلەر ئوغۇل بالا ھىساپلانمايدۇ،ئۆزۈڭغۇ يامان يولدىن قول ئۈزمە بىر ئوبدان ياخشى يولدا كىتۋاتقانلارنى يامان يولغا باشلىساڭ.....
مىنىڭ بىر تونۇشۇم باتى بۇرۇنقى مۇھەببىتى بىرسى بىلەن توي قىلۋاپتۇ، توينى ئۇننىڭغا قىيداپ قىپتىكەن،ئەمدى ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندەئۇلار يەنە تىپىشۋاپتۇ،ئۇ قىز ئىرغا ئانامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ قويۇپ ئۇ تونۇشۇم بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ يۈرۈيدىكەن،مەن ئۇ تونۇشۇمغا نەچچە قىتىم نەسىھەت قىلىپ ھىچ بولمىغاندە ئۆزىنىڭ كىيىنلىكنى بولسىمۇ ئويلاپ قويۇشنى دىگەن بولساممۇ ئۇ ھە دەپ قويۇپ يەنىلام ئۆزىنىڭ بىلگىننى قىلدى،
بىلىشىمىز كىرەككى ئوغۇل بالا دىگەن ئۆزىگە خاس دۇنيانى بەرپا قىلىشى ئۆز ئۆزگە بولغان مەسئۇليەتچالىقنى كۈچەيتىشى كىرەك
مۇشۇننىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن كۆپ،بەزى يەرلەردە ھەتتا 16 ياشنڭ ئەپ چۆرىسىدىكى قىزلارمۇ باشقا ئوغۇللار بىلەن ئۆيىدىن چىقىپ كىتىپ ئەر خوتۇندەك بىر ئۆيدە تۇرۇدۇغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم،
مانا بۇلار بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاتا ئانىلىرى،
كەلگۈسىدىكى ئاتا ئانىلار مۇشۇنداق تۇرسا ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئەۋلاتلار ھەي.....ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ،
ئەمدى قزلارغا كەلسەك قىزلارمۇ بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىسى
لىكىن بۇ ئۇقۇمنى چۈشۈنىدىغان قىزلار زادى قانچىلىك ئۆزى بىر قىز بالا تۇرۇپ قىز بالا دىگەن ئۇقۇمغا توغرا قارايدىغانلار قانچىلىك ئىجتىمائى مۇھۇتتا قىزلار توغۇرلۇق پاراڭلارنى جىق ئاڭلايمىز،ھەم قىزلارنىڭ بەزى ناشايان ئىشلىرىغا كۆزنى يۇمۋالغىلى بولمايدۇ،ھەم بۈگۈنكى كۈندە قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى سۈرشتە قىلدىغانلار زادى قانچىلىك،
قزلارنىڭ يامان يولغا مىڭىشىغا زادى كىم سەۋەپچى بولۇۋاتىدۇ،ئائىلە تەربىسىمۇ بۇننڭ بىلەن زىچ باغلىنىشلىق،ئۇننىڭدىن باشقا مەن تۆۋەندە بۇ توغۇرلۇق بىر نەچچە مىسالنى سۆزلەپ ئۆتەي
بىر تۇنۇشۇم بىر كۈنى ئۆيگە قايتىش يولىدا بىر قىز موتۇسىكىلىتنڭ ئالدىنى تۇسۇپ مىنى ئالغاچ كىتىڭ دەپتۇ،ئۇقىزنى ئاپىرىپ قويۇپ ماڭاي دەپ تۇرسا ئۇ قىز ئۇنىڭ تىلفۇنىنى سوراپ ئىلىپ ئۆزىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ،قارىماققا 15-16 ياشلار ئەتراپىدىكى قىزكەن،ئۇ تونۇشۇم باشتا دىققەت قىلماي كىتىۋىرىپتۇ،بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ قىز ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئارلىشىپ ئۆتەيلى،دوس بولۇپ قالايلى دىگندەك گەپلەرنى قىپتۇ،ئۇ تونۇشۇم ئۇ قىزغا نەسىھەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايالى بارلىقىنى، ھەم ئۇ قىزنىڭ كىچىك تۇرۇپ بۇنداق قىلماسلق كىرەكلىكنى ئىيتىپ بىر مۇنچە نەسىھەت قىپتۇ،بىراق ئۇ قىز خاپا بولغان ھالدا تىلفۇننى قويۇۋىتىپتۇ،
يەنە بىر قىتىم بىر ئاغىنەم بىلەن بىر يەدە ئولتۇرۇپ كوت كوت تا بىر قىز بىلەن يىزىشقان خەتلىرى كۆزۈمگە چىلىقىپ قالدى، ئۇ قىز ئاغىنەمگەمەن ئوغۇللاردىن بەك نەپرەتلىنىمەن دەپ يىزىپتىكەن ئاغىنەم نىمىشقا دەپ سورىسا ئۇ قىز ھىكايىسىنى باشلىدى،
2009-يىلى16 يىشىدا ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەپتۇبىر ئوغۇل بالا بىلەن توردا تۇنۇشۇپ 3-كۈنى كۆرشىپتۇ،ھەم كۆرشكەن كۈنى مەكتەپكە قايىتماي ئۇنىڭ بىلەن ياتاقتا قونۇپ قاپتۇ،
ھىلىقى ئوغۇل بالا ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇنى ئىزدىمەپتۇ،گەپ دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندەئاغىنەم گەپ قىلماي ئۇنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتتى،چۈنكى ئۇنىڭغا يەنە ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ ئورنى قالمىغانتى.
يەنە بىر قىتىم ئاپتوۇستا كىتىۋىتىپ كەينىمدە ئولتۇرغان ئىككى قىزنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى،
باشتا بىرسى تىلفۇندا بىر ئوغۇل بالا بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى،مۇھەبتى بولسا كىرەك ھىسيات جەھەتتىن شۇنچە يىقىن،كىيىن دوستىغا ئاداش پالانى مەكتەپتە پەچچەت ئاخسا ئوغۇللار باركەن بىرىپ بىر ئىككىسى بىلەن تۇنۇشۇپ كەلمەمدۇق دىدى،بولىدۇ ئاداش ئەتە ئالىمنىڭ قىشىغا بارايلى ئوغۇللارغا پۇلنى كارامەت خەجلەيدۇ ئۇ.......
يەنە بىر قىتىم يۇرتۇمدا قەشقەردىن ئاغىنىلىرىم كەپتىكەن ئاخشىمى ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ كىلەي دەپ مىڭۋاتساق بىر ئاغىنەم ئاداش قارىغىنە ئاۋۇ نىمە قىلىق دەيدۇ،شۇنداق قارىسام بىر قىز بالا ئۇزۇن يوپكا ياغلىق چىگۋاپتىكەن،ھەممىنى سىلىپ بىر يەرگە تاشلاپ قويۇپ ئالدى كەينىگە قارىماي دىسكوخانىغا كىىرىپ كەتتى.
يەنە بىر قىتىم ئاپتۇبۇستا كىتىۋىتىپ بىر قىزنىڭ گىپى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى،ئۇ دوستىغا ئاداش مەن يىقىندا توي قىلىمەن ،دوستى:سەن تىخى يىقىندىلام ئاجراشقان تۇرساڭبۇنداق ئالدىراپ توي قىلىمەن دىسەڭ قانداق بولىدۇ،ئۇ:ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ كارىم يوق ھازىر مىنىڭ 3 مۇھەببىتىم بار ھەممىسىگە ماقۇل دەپ قويدۇم قايسىسى بۇرۇن كەلسە شۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دىمەسما....... ئاچچىغىمدا تاس قالتىم بىرىپلام بىر تەستەك سىلۋەتكىلى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇنىڭدىن سىز زادى نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز يالغۇز بۇلار ئەمەس بۇنىڭغا ئوخشاش ناچار خاھىشلارئەتراپىمىزدا ناھايتى كۆپ بەزىلەر ئۈچۈن بۇ قىلمىشلار ئادەتىكدەك تۇيۇلغان بولسا پىشانىسىنى تۇتۇپ مەن نىم بولغان ئادەم دەپ باقسا بولىدۇ،
بىراقلام بولدىغان ئىش يوق بۇزۇلۇش يۇقارقىدك ئەھۋاللاردىن ئاستا ئاستا باشلىنىدۇ،
بەزى قىزلارننىڭ كاللىسى قاپاقمىدۇ دەيمەن،
يەنە بىر مىسال : ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيىتسام مەن بىر بۇرۇن بىللە ئىشلگەن قىز خىز مەتدىشىمنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن ئىچكىردە قاش تىشى سودسسى قىلدىغان بىرسىگە شاگرت بولۇپ كەلگەنتىم،كىلىشتىن بۇرۇن ئۇ تاشچىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ۋىجدانلق ياخشى بالا دەپ تۇنۇشتۇرغانتى،ئەمما كەلگەندىن كىيىن ھەممە ئىشلار ئەكىسچە چىقتى،ئۇنىڭ ۋىجدانلىق مۇھەبتىنىڭ 1ئوغلى 2 قىزى ھەم ئايالى باركەن،ھەم ئۇ ئالداپ كىلىۋاتقان قىزلاردىنمۇ 2-3 باركەن،مەن ئۇنىڭغا نەچچە قىتىم نەسىھەت قىلدىم ، ھىچ بولمىغاندائۆزىنىڭ قىزلىرىنىڭ كىيىنلىكىنى بولسىمۇ ئويلاشنى دىدىم،بىراق ئۇ يەنىلەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى داۋاملشتۇرىۋەدى،
مىنى ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر ئىش بۇ يەردىكى كۆپىنچە تاشچىلارنىڭ 2 4 تال پۇلنى دەپ مىللەتننىڭ يۈزىنى پوق قىلۋاتقانلىقى، قىلۋاتقان ئىشلىرىنىڭ 98%يالغان ئارلاش ۋە ساختا، بۇ توغۇرلۇق مەن بىرەر خەن بىلەن ئازراق تۇنۇشۋاساملا مىللىتىمىزنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۇلارغا سەۋىيەمنىڭ يىتىشچە سۈپەتلەپ كەلدىم،ھەم بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى ئىيتتىم، ئەڭ ئاچچىغىم كەلگەن ئىش ئاتالمىش ئۇستازىمنڭ پۇلنى دەپ كىچىك ئويما شەكىلدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەيكىلى(بۇت)ساتقىنى،
(ئەلۋەتتە ياخشى نىيەتلىك سودىگەرلەمۇ باركەن)
ئاخرى بۇ ئىشلارنى تۇسۇپ بولالماي بۇ يەردىن كىتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلۋاتىمەن،
ئاخىردا تورداشلارغا تەۋسىيە قىلدىغىنىم بۇنداق ئىشلارنى بىز ئوتتۇرغا چىقىپ توسۇپ بولايمىز ئەلۋەتتە
ھەممەيلەن ئاۋال ئۆزىمىزنى تاكومموللاشتۇرساق،ئىسىل پەزىلەتلىك كىشلەرنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرسەك،گەرچە ئۆزىمىز شۇنداق بولمىساقمۇ دوسلىرىمىزنى شۇنداق ئىشلاردىن توسساق مىللەت خاراپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىمىز،ۋە شۇنداقلا ساۋاپ تاپىمىز،
ۋىجدان غۇرۇر دىگەن باشقا يەردە ئەمەس بەلكى يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللاردا بىزنىڭ قانداق قىلىشىمىز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارغا مەيلى قانداق كۆرسىتەيلى،ھەق بىلەن ناھەق،ھەققانىيەت بىلەن رەززىلىك ،گۈزەللىك بىلەن سەتلىك،ياخشى بىلەن يامان ھامان ئايرىلدۇ،
مىلىتىمىىزنىڭ كەلگۈسىنى مىھىربان ئاللاھ تىخىمۇ پارلاق قىلسۇن،ئامىن!!!!
2013-يىلى مارىت ،گۇاڭجۇ
ئىرشات