مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4594|ئىنكاس: 25

ئۇيغۇر ئوغلى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



دۇنيا تۈركولوگىيە ئىلمى ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن كاشغەرىي 11 – ئەسىردە ياشاپۋە ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى ۋە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناسى ۋە ئەدىبىدۇر.

ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ھەققىدە ئېيتقان: ‹‹بۇ كىتاب مېنىڭ ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى›› دېگەن سۆزىگە ۋە خەلق ئىچىدە تارقالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ تەخمىنەن 1008 – يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە قەيەردە ۋاپات بولغانلىقىمۇ پۈتكۈل جاھان ئىلىم دۇنياسىغا تاكى ھازىرغىچە تولۇق ئېنىق بولماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى. بۇ ھەقتە خىلمۇخىل كۆز قاراش ۋە مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلگەنىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا كۆرسىتىپ ئۆتكەن يىپ ئۇچلىرىغا، ئۇزۇن يىللىق، ئەتراپلىق، قايتا – قايتا ئەمەلىي ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە، خەلق ئاممىسى ۋە خەلق ئىچىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالار تەمىنلىگەن قىممەتلىك يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەرگە تەۋە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى ئېنىقلاندى. ئالىم ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ‹‹كاشغەر››(قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئاتىلىشى) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قوشۇپ ئىشلەتكەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ، ئۆز ھاياتىدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا بارسغانغا ھاكىم بولغان مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بۇبى رابىئە ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن ئالىي مەلۇماتلىق، زېرەك ئايال بولۇپ، ئوغلى مەھمۇدنى كىچىكىدىن ئەتراپلىق ماھارەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشقان.
مەھمۇد كاشغەرىي باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپال ئازىغدا ئالغان، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى شەيخ ئىمام زاھىد ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشغەرىي مۇددەرسلىك قىلغان ‹‹مەدرەسەئى ھامىدىيە›› دە ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرق دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان ‹‹مەدرەسەئى ساجىيە›› دە ئالغان. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، بەلكى تىلشۇناسلىق، ئىلمىي مەنتىقە (لوگىكا)، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، تېبابەتچىلىك قاتارلىق ئىلىملەرنى ئىگىلىگەن.

شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي شارائىتتىن ئېلىپ قارىغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي ياشىغان دەۋر قاراخانىيلاردا ئىلىم – مەرىپەت يۈكسەلگەن دەۋر بولۇپ، ئالىمنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بىن يۈسۈپ ۋە بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەسەن بىن سۇلايمان قاتارلىقلار قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىدە ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ھامىيسى بولغان شەخسلەر ئىدى. بۇنداق شەرت – شارائىت مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىلىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن تولۇق ئىمكانىيەت بەرگەنىدى.

ئائىلىۋى ھاياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىمنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى خوجا سەيپىدىن ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان بۇبى رابىئەنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەخلاقلىق، ئوقۇمۇشلۇق قىلىپ تەربىيەلىگەن. مۇنداق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن مەھمۇد كىچىكىدىن ھەم قەلەم ھەم ئەلەم تەربىيەسىنى ئالغانىدى. لېكىن ئۇ بىر سەركەردە (قوماندان) بولۇش ئارزۇ – ئىستىكىدە بولماي، بەلكى ئىلىم ئۆگىنىش ئارزۇ – ئىستىكىدە بولغان. شۇڭا ئۇ بالا ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆگىنىشكە تىرىشقان، پۈتۈن ئەقىل – پاراسىتىنى ئىلىم ئىگىلەشكە سەرپ قىلغان، ئىلىم – پەنگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان، كېچە – كۈندۈز، ھارماي – تالماي تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى مانا مۇشۇنداق مەڭگۈ ئۆلمەس ئىلمىي ئىشقا ئاتىغان. ئالىمنىڭ ئون نەچچە يىل قىر – سەھرالارنى كېزىپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تەتقىق قىلىش روھى، ‹‹دىۋان›› دا مىسال كەلتۈرۈلگەن خەلق قوشاقلىرى بىلەن خەلق ماقال – تەمسىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گۈزەل ئىنسانىي خىسلىتى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىسى بۇبى رابىئەدىن سىڭگەن تەربىيەنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ مۇھىمراقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلىم – پەنگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكى ۋە جاپالىق ئەمگەك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئەرەب، پارس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە شۇ چاغدا ئومۇمىي ئادەت ۋە مەجبۇرىيەت ھېسابلانغان ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ، چېۋەر چەۋەنداز ۋە ئۇستا مەرگەنلەردىن بولۇپ يېتىشكەن.

ئالىمنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد 1058 – يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن، لېكىن بەختكە يارىشا، ئالىم بۇ قىرغىنچىلىق ئىچىدە ئامان قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى، يېزا – قىشلاقلارنى، بىپايان يايلاق ۋە دالا – قىرلارنى ئارىلاپ 15 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىڭگىل، باسمىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلى ۋە ئۇنىڭ پەرقلىرىنى، ئىتنوگرافىيىسى (كېلىپ چىقىش مەنبەسى) نى، تارىخىنى، جۇغراپىيەلىك جايلىشىشىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى يازماقچى بولغان ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىغان. ئاخىر ئۇ 1072 – يىلى سالچۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەرەب ئىسلام خەلىپىسىنىڭ پايتەختى باغداتقا يېتىپ بېرىپ، 1074 – يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە رەتلەپ يېزىپ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتكۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان. 1074 – يىلىدىن 1076 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ كىتابنى قايتا تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ 27 – سى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.

ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى مىلادىيە 1058 – ، 1059 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ 1080 – يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، يەنە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانى ئوپالغا ئورۇنلاشقان. ئۇ ئوپالغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ‹‹مەدرەسەئى مەھمۇدىيە›› دەپ ئاتالغان بىر مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇددەرسلىك قىلغان ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئالاھىدە مەلۇماتلىق نۇرغۇن نۇرغۇن شاگىرتلارنى، ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ‹‹ئىلىمگە ھۆددىكار پىرىم››، ‹‹ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى›› دەپ ئاتىغان. ئۇ پۈتۈن جايغا ئىلىم – مەرىپەت تارقىتىپ، 1105 – يىلى ئەتراپىدا ئۆز ئانا يۇرتى ئوپالدا تەخمىنەن 97 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئالىم ۋاپات بولغىنىغا گەرچە 900 يىلغان يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، تېخى ئۇنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ، قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى ۋە قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى جاھان ئىلىم ئەھلىگە ئېنىق مەلۇم بولماي كەلگەنىدى.

1982 –، 1983 – يىلىدىكى ئەتراپلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاخىر قەشقەر ئوپال يېزىسىدىكى ‹‹ھەزرىتى موللام›› مازىرىنىڭ دەل مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلاندى. بۇ ئارخېئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدىكى چوڭ بىر نەتىجە ۋە پۈتۈن دۇنيا تۈركولوگلىرى ئىچىدە چوڭ تەسىر قوزغىغان، كەڭ جامائەتچىلىكنى چەكسىز خۇشال قىلغان بىر چوڭ ۋەقە ۋە يېڭىلىق بولدى.

ئۇيغۇر خەلقى قەشقەر ئوپال يېزىسىدىكى ‹‹ھەزرىتى موللام›› قەبرىسى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا ئومۇمەن ئالغاندا، بىر دىنىي ئۆلىما قەبرىسى سۈپىتىدە تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئۇنى 1000 يىلدىن بۇيان ئۇنتۇماي ئەسلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەمدىلىكتە بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ يۇرتى ۋە قەبرىسى تېخىمۇ زور ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا ۋە مەملىكىتىمىز خەلقىنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، ئىلىم – پەن خادىملىرىنىڭ ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ ھۆرمەت بىلەن زىيارەت قىلىدىغان جايىغا ئايلانماقتا.

                                              www.Gm1.cn174_副本.jpg



ھۆرمەتلىك تورداشلار،ياخشىمۇسىلەر.كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام بولغاي.

مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرگەندىن بىرى ئىزچىل تېما يوللاپ سىلەرگە ئېسىل مەزمۇنلۇق تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشۋاتمەن.ئەگەر يازمام سىلەرگە زوق ئېلىپ كىلەلىسە ئۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخىت.

ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن ئوپالغا چىققان ئىدىم.خاتىرە ئۈچۈن بىر تۈركۈم رەسىملەرنى تارتقان.مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسى ئوپال يىزىسىغا جايلاشقان.شىنجاڭنىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدىكى تورداشلار تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئەزىر ئورۇننى كۆرەلمەي قالغان بۇلىشى مۇمكن.شۇڭا رەسىم ئارقىلىق بۇ يەرنى ساياھەت قىلغايسىلەر.


P8030499.JPG

رەسىم ھەققىدە:كىرىش ئىشكى يېندىكى ئەسكەرتمە

P8030498.JPG

P8030500.JPG

P8030502.JPG

P8030503.JPG

P8030506.JPG

P8030509.JPG

P8030510.JPG

P8030513.JPG

P8030516.JPG

P8030518.JPG

P8030524.JPG

P8030525.JPG

P8030527.JPG

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 03:20 AM  


P8030614.JPG
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 100 رەھمەت رەسىمدە بولسىم.
bazarbay + 97 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 197   باھا خاتىرىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت باشلنغۇچتا ئۇقۋاتقاندا مەكتەپتىن بىزنى ئېلىپ بارغان باللىقىمنى ئەسلەپ قالدىم

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:46:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 91يىلى بارغان خېلى ئۆزگۇرۇپتۇ

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9152
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3151 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Why is Song Dynasty and not The KharaKhan Dynasty?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 782
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:03:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بىزگە بۇنداق زور ئەھمىيەتلىك تىما يوللىغىنىڭىزىغا كۆپ ، رەھمەت .مەن رەسىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىق شۇ يەرگە بارغاندەك بولدۇم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1332
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 617 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:03:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئۇكام ئەجىرىڭىز ئەبەدى بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32280
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3423 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:12:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئوغلى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنى مۇمكىن بولسا بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ قويغۇلۇق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:52:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇمنى تىخىمۇ سىغىندۇر ۋەتتىڭىز ؟ قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ،،،،،،

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:57:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بىزگە بۇنداق زور ئەھمىيەتلىك تىما يوللىغىنىڭىزىغا كۆپ ، رەھمەت .مەن رەسىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىق شۇ يەرگە 4 - قېتىم بارغاندەك بولدۇم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:47:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلار دىققەت قىلدىمىكىن ئەڭ ئاخىرقى رەسىمدە  مەھمۇد قەشقىرىنى 11-ئەسىردەجۇڭگۇ شىنجاڭ قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان دەپ بار ئىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا نەدىمۇ جۇڭگۇ شىنجاڭ  دىگەن ئىسىملار بار ئىكەن ،   بۇنداق دىسەم مىنىڭ كۆڭلۈمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭلار .

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش