مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1255|ئىنكاس: 13

( دولان ) قەشقەردىكى داڭلىق ئىككى مەدرىسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1846
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 10:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەردىكى داڭلىق ئىككى مەدرىسە

مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ( ئىشقى )

قەشقەر شەھرىدە بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى 17 مەدرىسە بار بولۇپ،بۇلاردىن① ھېيىتگاھ مەدرىسەسى، ② تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسەسى،  ③ ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسەسى، ④دورغابەگ مەدرىسەسى،⑤ كەنجازا مەدرىسەسى ( توختا خۇجا مەدرىسەسى )، ⑥ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسەسى،⑦ تاغارچى كۇچىسىدىكى مەدرىسەدىن ئىبارەت يەتتە مەدرىسە قەشقەرشەھىرىنىڭ « تاشقارقى شەھەر » دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان ؛ ⑧ دۆڭمەسچىت مەدرىسەسى ،⑨ ۋاڭلىق مەدرىسەسى ،⑩ خانلىق مەدرىسەسى ،⑪ قازانچىمەدرىسەسى ،⑫ تۇقام ( ئابدۇۋېلى باي ) مەدرىسەسى،⑬ ئاخۇن بايۇفلار مەدرىسەسى،⑭ساقىيە مەدرىسەسى،⑮ چاچ مەدرىسەسى، ⑯ لاي پەشتاق مەدرىسەسى،⑰ كەسكەنيار مەدرىسەسىدىن ئىبارەت ئون مەدرىسە قەشقەر شەھرىنىڭ « ئىچكەركى شەھەر » دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان. تاشقارقى شەھەر شەھەر قىسمىدىكى مەدرىسەلەرگەقارىغاندا ئىچكەركى شەھەر قىسمىغا جايلاشقان مەدرىسەلەر ئۇززاقراق تارىخقا ئىگە،بۇلاردىن « خانلىق مەدرىسەسى » بىلەن « ساقىيە مەدرىسەسى » تېخىمۇ قەدىمقى مەدرىسەلەر ھىساپلىنىدۇ. تۇۋەندە « خانلىق مەدرىسە » بىلەن « ساقىيە مەدرىسەسى »ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈمىز.

  1، خانلىق مەدرىسەسى

  خانلىق مەدرىسە خانلار تەرىپىدىن ياسالغان مەدرىسە بولۇپ، ئۇلارنى « سەئىدىيە » خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ياسىغان. يەكەندە «خانلىق مەدرىسە » دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ مەدرىسە بار، بۇلاردىن بىرى ئالتۇنلۇق مازار يېنىدىكى ئابدۇرېشىدخان ياسىغان مەدرىسە، بىرى كونا خانلىق مەدرىسەسى، يەنە بىرى رەستە ئارقىسىدىكى رىكىستان ( قۇملۇق ) دىكى ئابدۇللاخان ياسىغان مەدرىسەلەردىن ئىبارەت. يەنە خۇتەننىڭ ئىلچى دىگەن يىرىدە « خانلىق مەدرىسە » دېگەن بىر مەدرىسەبار. قەشقەردىكى « خانلىق مەدرىسە » نى « سەئىدىيە » خانلىقىنىڭ 8-پادىشاھى ئابدۇللاخان ئابدۇرېھىم ئوغلى تارىخىي ھىجرىيە 1048-يىلى ( مىلادىيە 1638-يىلى )تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن ياسىغان. قەشقەردىكى بۇ مەدرىسە ئەينى چاغدىكى شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا كۆپ مەدرىسە ۋە جامەلەر بىلەن ئاۋاتلاشقان « ئوردائىشىكى » دىگەن گۇزەرگە سېلىنغان بولۇپ، ئۇيەردە شاھ ئوردىسى ( قەسىر ) بار ئىدى.

   قەىشقەر خانلىق مەدرىسەسى غايەت زور مەرىپەت ئورنى بولۇپ، ئەينى چاغلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۇرۈشتە ئالاھىيدە رول ئوينىغان.

   بۇ مەدرىسەنى خانلار ياسىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ۋەخپىنىڭ كىرىمىدىن كېلەتتى، يەنى ياسىغۇچى ئاجراتقان كۆپ مىقداردىكى ۋەخپە زېمىن، ۋەخپە ساراي، ۋەخپە دۇكانلىرىنىڭ كىرىملىرى مۇدەرىسلەرنىڭ ئىش ھەققى، تالىپلارنىڭ ئوقۇش يادەم پۇلى، مەدرىسەلەرنى باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىلەرگە بېرىلەتتى، مەدرىسەلەرنىڭ رىمۇنىتىغا ئىشلىتىلەتتى.

  2، « ساقىيە مەدرىسەسى

  « ساقىيە » مەدرىسەسى قەشقەرنىڭ ئىچكەركى شەھرىدىكى « ساقىيە » مەھەللىسىگە جايلاشقان. بۇ مەدرىسە « خانلىق مەدرىسە » تىن ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەدرىسەنىڭ نامىغا قارىغاندا، مىلادىيە XIII ياكى XIV ئەسىرلەردە ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇمەدرىسەنىڭ ئەسلى نامى « تۇقابەگ مەدرىسەسى » بولۇپ، بۇ توغرۇل دىگەن نامدىن بۇزۇلۇپ ئاتالغان.

   موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە « بەرراس » دىگەنبىر قەبىلە بار بولۇپ، بەرراسلار مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ئەينى چاغدا بۇمەدرىسەنى بەرراسلاردىن بولغان ئەرتوغرۇل بەرراس دىگەن كىشى ياسىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەدرىسە « ئەرتوغرۇل بەگ مەدرىسەسى » دەپ ئاتالغان، كېيىن « ئەرتوغرۇل بەگ »دېگەن سۆزدىن « ئەر » سۆزى تاشلىنىپ قېلىپ « توغرۇل بەگ » دەپ ئاتالغان، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن « توغرۇل بەگ » دىگەن سۆز يەنە بۇزۇلۇپ « تۇقا بەگ » دىگەن سۆزگەئۆزگەرگەچكە، يېقىنقى زامانغىچە « تۇقا بەگ » نىڭ مەدرىسەسى دىگەن نام ئۆزلەشكەن.بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ مەدرىسەنىڭ تارىخىنى 500 يىلدىن ئاشقان دېيىشكە بولىدۇ.

   ئۇنداق بولسا « ساقىيە » دىگەن نام قانداق پەيدا بولغان؟

   ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىلگىرى ساقى، باقى، سەقى،نەقى دېگەن ئىسىملار كۆپ ئىدى، ساقى دىگەن ئىسىم ئەينى چاغدا بىر مەھەللىدە قاسساپلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېيىن شۇ مەھەللىنىڭ نامى ساقى قاسساپنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ مەھەللىگە سېلىنغان مەدرىسەمۇ بارا-بارا «تۇقابەگنىڭ مەدرىسەسى » دىگەن نام بىلەن ئاتالماي، ساقى قاسساپنىڭ مەھەللىسىدىكى مەدرىسە ـــ « ساقىيە مەدرىسەسى » دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ چاسا گۈزىرىدىن قارىقى دەرۋازا ئورنىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر مەھەللە شۇنىڭدەك شۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەركومىتېتىنىڭ نامىمۇ « ساقىيە » دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.

   « ساقىيە مەدرىسەسى » شۇ مەھەللىدە بولغانلىقتىن « ساقىيە » دىكى مەدرىسە دەپ ئاتىلىپ، كىيىن « دىكى » دىگەن قوشۇمچەچۇشۈپ قېلىپ « ساقىيە مەدرىسەسى » بولۇپ كەتكەن.

   « ساقىيە مەدرىسەسى » نىڭ ياسىلىشى ئۇزاق تارىخىقا ئىگە بولۇپ، قەمەرجاننىڭ ماقالىسىدىمۇ 1654-يىلى قەشقەرلىك باھاۋىدىن باي تەرىپىدىن رېمۇنىت قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ئۇنىڭ قەدىمقى مەدرىسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ.

  بۇ مەدرىسە 1913-يىلى باھاۋىدىن مەخسۇم تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم رېمۇنت قىلىنغان. شۇ چاغدا مەدرىسەنىڭ پەشتىقىغا:

     « سال تەئىمىر ئىن راۋاقى بىدان »

    « ئەۋۋەلەش شوغلى، ئاخرەش غۇفران »

  دىگەن ئىككى مىسرا شېئىر يېزىپ قويۈلغان، بۇ شېئىر مەدرىسەنىڭ ياسىلىش تارىخىنىڭ ئەبجەد ھىسابى بىلەن يېزىلغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

  شېئىردىكى شۇغلى سۆزى رېمۇنىتنىڭ باشلانغان يىلى 1330-يىلنى، غۇفران سۆزى پۇتكەن يىلى 1331-يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سان ھىجىرىيە يىلى بىلەن ھىساپلانغان بولۇپ، مىلادىيەنىڭ 1912-، 1913-يىللىرىغا توغراكىلىدۇ.

« ساقىيە مەدرىسەسى » يۇرتنىڭ ئاتاقلىق بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقىرى كۆتىرۇشكە نۇرغۇن تۆھپە قوشقان. بۇ مەدرىسەگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى نەچچە يۇز تالىپ كېلىپ ئوقۇغان، مەدرىسەدە سەرپ-نەھۋى ( گرامماتىكا )، مەنتىقە ( لوگىكا )، ئەدىبىيات( مەسنىۋى ) لەر ئوقۇتۇلغان.

--------

①      ھېيىتگاھ مەدرىسەسى: ھازىرقى ھېيىتگاھ جامەسى ئىچىدە.

②      تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسەسى: ھازىرقى قوناق بازىرى 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى.

③ ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسەسى: چاسا باشقارما ئوردا ئالدى باسما زاۋۇت ئورنى ( چېقىۋېتىلدى ).

④  دورغا بەگ مەدرىسەسى: شەھەرلىك بانكا ئارقىسىدىكى ئاھالىلەر بىناسى ئورنى ( بورۇن شەھەر گوڭشى ئورنى بولغان ).

⑤      كەنجازا مەدرىسەسى: ھازىرقى ئۆستەڭبۇيى 4-ساقچىخانا ئورنى.

⑥      ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسەسى: ھازىرقى ئۆستەڭبۇيى باشقارما ئورنى.

⑦      تاغارچى كۇچىسىدىكى مەدرىسە: ھازىرقى تاغارچى كۇچا ئاھالىلەر كومتېت ئورنى.

⑧      دۆڭ مەسچىت مەدرىسەسى: ھازىرقى تاغارچىلىق ۋە گىلەمچىلىك كارخانىسى ئورنى.

⑨      ۋاڭلىق مەدرىسەسى: ھازىرقى ئوردا ئىشىكى 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى.

⑩      خانلىق مەدرىسەسى:ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ سىياسىي مەكتەپ ئورنى.

⑪   قازانچى مەدرىسە: بۇمەدرىسەمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ سىياسىي مەكتەپ ئىچىدە بولۇپ، خانلىق مەدرىسە بىلەن تۇتاش سېلىنغان.

⑫      تۇقام  مەدرىسە: ھازىرقى خەلق باشقۇرغان تىل-تېخنىكامەكتىپى ئورنى.

⑬      ئاخۇن بايۇفلار مەدرىسەسى: سابىق چاسا باشقارما يېنىدىكى خەلق باشقۇرغان مەكتەپ ئورنى.

⑭      ساقىيە مەدرىسەسى: ھازىرقى ۋىلايەتلىك دىنىي مەكتەپ.

⑮      چاچ مەدرىسەسى: ھازىرقى چاسا غۇجىلا كۇچىسى ئۇدۇلىدىكى سودا-سانائەت بىرلەشمە كارخانا ئورنى.

⑯      لاي پەشتاق مەدرىسەسى: بەشئېرىق كۇچىسى ئىچىدىكى 17-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى.

⑰    كەسكەنيار مەدرىسەسى: (سائادەتباي مەدرىسەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ھازىرقى شەھەرلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى باشقۇرىشىدىكى دىنىي مەكتەپ ئورنى.

مەنبە:

مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ( ئىشقى ) « قەشقەر تەزكىرىسىدىن تەرمىلەر » قەشقەرئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999-يىلى 8-ئاي 1- نەشرىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئاپتۇر مەزكۇر ئەسەرنى 1983-يىلى يازغان بولۇپ، مەدرىسەلەرنىڭ ئەسكەرتىلگەن ئورنىدا ھازىر ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن، مەن ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش يۇزسىدىن،ئەسەردىكى بويىچە ئەينەن ئالدىم.


مۇنبەرگە يوللىغۇچى: دولان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 11:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91671
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:16:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن    رەھمەت قېرىندىشم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3771
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:32:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەخمەت ، ئىسىل تىما ئىكەن

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21087
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2110 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:47:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى قىممەتلىك تارىخى پاكىتلارنى بىلىۋالدىم.رەھمەت ئۆزلىرىگە.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:59:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخ

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:59:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى بىلىملەر ئىكەن ، شۇنداق قىلىپ ھازىر ھېيىتگاھ مەدرىسى يالغۇز قالدى دەيلى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6482
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:18:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپ ئورنى ،ساقچىخانا ئورنى دەپ تىلغا ئاپسىز،بىر سىدىلا چېقىۋىتىلگەن دەپ ئەسكەرتىش باركەن،ئاۋۇ ئورنى دېگەنلەرمۇ چېقىۋىتىلگەنمۇ يە؟

ئاتا ياتقان جايى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16848
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8231 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 04:19:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازمىكەن بىلىۋالدىم  يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت . قەسقەردىكى خانلىق مەدرىس ھازىرمۇ بارمىدۇ؟چېقىۋېتىلدى دەپ ئاڭغانتىم.
13301C3L-5Y5.jpg

مەخمۇت قەشقىرى زامانىسىدا (قارىخانلار دەۋرىدە  ) سېلىغان مەدرىسكەن دىگەن دەك ئاڭلىغان ئىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AynaK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 04:25 AM  


سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 893
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 619 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 10:28:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خانلىق مەدرىسەسى بىلەن ساقىيە مەدرىسەسىنى قاراخانلار خانلىقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .شۇ دەۋىردە يەنە قەشقەرنىڭ مەدرىسەلىرىنىڭ داڭلىقلىقى بىلەن سانى بۇخارا دەپ ئاتالغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان. ئەمما بۇ يازمىدا جاراخانلار خانلىقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان مەدرىشەلەردىن بىرسىمۇ تىلغا ئىلىنماپتۇ.
ھازىرقى دۆلەتباغ يولى يەنى توقۇمچىلىقتىن تىببىي مەكتەپكە ماڭدىغان يول ئۈستىدىكى شەھەرلىك خاشۇ زاۋۇتىنىڭ كەينىدە ھۈسيۈن پەيزۇللا غوجام قەبرىسى شۇنداقلا ئاشۇ زات ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان، بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرى ياش چاغلىرىدا بىلىم تەھسىل قىلغان مەدرىسە بار . ئەجىبا بۇ مەدرىسە يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان 17 مەدرىسە قاتارىدا تىلغا ئىلىنمىغان.
ئەگەر خاتا ياكى كەم قالغان يەرلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ قويشىنى، تولۇقلاپ قويشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش