مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 12

بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەخت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 10:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەخت
   مەن بەخت ئىزلەپ چېپىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ، يەنە ئىزدەۋاتىمەن . شۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە شۇنداق پىچىرلاشلار ئاڭلاندى . " سېنى كىم بەختسىز دەيدۇ ، شۇ بەختسىزلەر ئىچىكى بەختلىكىسەن " خالاس .
مەن بۇ گەپنى خېلى كۈنلەرگىچە ئاڭقىرالمىدىم . بەختنى ، بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولالماي شۇنچە يىللارنى ئۆتكۈزۋېتىش بەختسىزلىككە تاشلانغان دادىل قەدەم بولۇشى مۇمكىن ...
   مېنىڭ يەنە كونا خۇيۇم تۇتۇپ بەخت ئىزلىگىلى تۇردۇم . ئىزدەۋاتىمەن . بازاردا ھەممە نەرسە سېتىلسىمۇ ئۇنى ساتىدىغان دۇكان يوق ئىدى . تۇرۇپلا بەخت توغرىسىدا شۇنچىۋالا ھېكمەتلەرنى ئوقۇپمۇ ، بەخت ئىزلەپ قاغجىرىغان قەلبىمگە دال بولغىدەك ، بىراقلا قاندۇرغىدەك ھېكمەتلەرنى ئىزلەۋاتقىنىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنى  بېچارە ھېس قىلغىلى تۇردۇم . ياق گۇنا ھېكمەتلەردە ئەمەس ، بەختنى سېزەلمەس بولۇپ قالغان قەلبىمدە ئىكەن ...
   مەن ئايلىنىپ ئاخىرى بىر بوۋاي بىلەن ھال - مۇڭ بولۇشتۇم .  ئۇ ئاخىرى جاۋاب بەردى ، مەن بىلەن سۆزلەشكىنىڭنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بەخت ، مېنىڭ ھايات ياشاپ تۇرۇپ ، ساق - سالامەت تۇرۇپ بەخت توغرىسىدا چۈشەكەيدىغان ئادەم بىلەن خوشۇم يوق ... قارا قۇياش قانداق پارلاپ چىققان - ھە ! .
   پەقەت مەنلا بەخت ئىزلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلغان ئىكەنمەن ، ئۆزۈمگە ئوخشاش  قەلبىنى زىمىستانغا ئايلاندۇرۋېلىپ يازنىڭ خىيالىنى قىلىدىغانلار خېلى كۆپ ئىدى . بىز بىرلىشىپ يازنى كۈتىدىغان بولۇشۇپ كېلىشتۇق . ياز كەلسە بىز ئەڭ بەختلىك كىشىلەردىن بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ھەققىدە قايناپ - قايناپ ، قۇۋزىمىزنى كۆپتۇرۇپ سۆزلەپ ، كېلىدىغان يازنىڭ ئارزۇسىدا ئارىلىقتىكى ۋاقىتلىق بەختلىك مېنوتلارغا ئېرىشكەن بولدۇق ...
    يازمۇ كەلدى . بىز يەنە يىغىلدۇق . كۈتكەن كۈنلىرىمىز كەلگەن بولسىمۇ ، ھېچقايسىمىز ئۆزىمىزنى خۇشال ، ياكى بەختكە ئېرىشكەندەك ھېس قىلالمايۋاتاتتۇق . بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يەنە بىر مەيدان مۇلاھىزە قىلىشىپ ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلىپ باقماي گۇناھنىڭ ھەممىسىنى ياز پەسلىگە ئارتىپ بەختنى كۆرىدىغان چېغىمىزنى كۈزگە قالدۇردۇق ...
   پەسىللەر ئالمىشىۋەردى ، ئارىمىزدا بەخت ھەققىدە ئەڭ دانا پىكىر بېرىدىغان بىر قانچىسى مەڭگۈ بەخت ئىزدىمەيدىغان جايغا سەپەرمۇ قىلدى . شۇندىلا بىز ئويغانغاندەك بولدۇق . بىراق يەنىلا بەخت ئىزدەيدىغان بولۇشۇپ ئايرىلىشتۇق . شۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا ئۇچرىشالمىدۇق . ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىدىن بەختلىك ياكى بەختسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە سوراۋەردىم ، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئوخشاشلا ئىدى . " بىز بەختلىك " مۇشۇنداق كۈنلەردىمۇ شۇنداق گەپنى قىلىپ ، دەپ ماڭا ئالايغانلىرىمۇ بولدى . ئىچىمدە ، بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەختلىك كۈنلىرىمگە شۈكرى قىلاي جۇمۇ ، دەپ قانائەتلەندىم .       مەنبە :  ئۆزۈم .      2013 - يىل 3- 15 .  ئەبەي تارىم .   شەھىرى شىخو . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 10:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي ئۇقۇي رەخمەت

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭ سەھەردە كۆزىمىزنى ئېچىپ ئويغانغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى بىر بەخىت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xiho تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 11:55 PM  


سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92661
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 932
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:36:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالغان ھەر تىنىق بىر بەخىت،،،،،،،

بىلىشكە ئالدىرمىدىم ،ئۆزى كېلىپ بىلدۈرۈپ قويار دەپ.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:50:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىنى ئۆز ئانا تىلدا ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر بەخىت...............!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:17:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىنىمىز سالامەت ھالەتتە ياشاۋاتقىنىمىزنىڭ ئۈزىمۇ بىز ئۈچۈن زور بەخىت

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:00:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇتېمىغا مەسئۇليەتچانلىق بىلەن  يېزىلغان ئىنكاسلانى ئوقۇشمۇ بەخت

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:03:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بەخت كۆز ئالدىمىزدا،گەپ بىزنىڭ ئۇنى قانداق تۇنۇشىمىزغا باغلىق.

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:53:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەسىللەر ئالمىشىۋەردى ، ئارىمىزدا بەخت ھەققىدە ئەڭ دانا پىكىر بېرىدىغان بىر قانچىسى مەڭگۈ بەخت ئىزدىمەيدىغان جايغا سەپەرمۇ قىلدى . شۇندىلا بىز ئويغانغاندەك بولدۇق-----.

  بۇرادەر بەك بەلەن بەخىت باغىقى بىرەي؛
  بەخىت بۈگۈنكى باھاردىن باشلىنىدۇ،بالىلارنى باشلاپ بىلىم باغچىسىغا بېرىپ بارلىقىڭىزنى بىلىمگە بېغىشلاڭ! بولمىسا بەخىتسىزلەر بوسوغۇسىدىكى بىخودلۇق بۆشۈكىگە باغلىنىسىز.
  بۇرادەر باغچىغا بارسىڭىز باشلاپ باراي، بارامسىز؟ بەلنى بەلەن باغلاڭ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 10:24:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېنىمىزنىڭ ساق سالامەت بولىشىمۇ  بىر بەخىت

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش