ئەسسالامۇئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى پىقىردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام
گەرچە مەن مۇنبەرگە يىڭى تىزىملىتىپ كىرگەن بولساممۇ يىقىندا مۇنبەردە بولۇۋاتقان تالاش تارتىشلارغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىر ئىككى ئىغىز سۆزلەپ ئۆتەي،
ھەممىڭلەرغا ئايان يىقىندىن بۇيان مۇنبەردە بىرلىككە كىلەلمەسلىك ۋە چىرىكلىشىشتەك تۇيغۇ بىرىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار بارغانسىرى ئەۋىج ئالماقتا،
بىز زادى قاچانغچە بىرلىككى كىلىلمەيمىز زادى قاچانغىچە بىر بىرىمىزنى كۆرەلمەيمىز
مەن داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن،مۇنبەرگە ياخشىراق بىرەر تىما يوللانسا بىر قىسىم ھەسەلدىن قىل ئىلغايدىغان ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەيدىغان تورداشلىرىمىز تىما مەزمىۇنىنىڭ توغۇرلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىتراپ قىلماي ئەكىسچە قارىشى تەرەپنىڭ تىمىسىدىن ئازراقلا يوچۇق تىپۋالسا ئۆزىنىڭ ئىدىيسنى خەقكە زورلاپ تىڭىشنىڭ كويىدا يەنە بەزىلەر نىمىنى مەخسەت قىلدىكىن تاڭ يازغىلى ئىنكاس تاپالمىغاندەك مەن بۇ تىمىنى بۇرۇن باشقا بىر مۇنبەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ھىچ بولمىغاندا مۇشۇنداق ئنكاسلارنى قالدۇرۇپ قويىدۇ، دۇنيادا مۇكەممەللىك بىر ئاللاھ قىلا خاستۇر، ئادەم دىگەن ھەممە ئىشنى توغرا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،ئازراق خاتالىق كۆرۈلسە چىرايلىقچە تۈزۈتۈش بەرسەك ياكى ئۆزىمىزنىڭ قارىشىنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئىپادىلىسەك توغرا بولاتتى ئەسلى تورداشلار،
قايسى كۈنى يەنە بىر تىمىغا قارىسام ئۇيغۇر ئاكاددىمىسى توغۇرلۇق يىزىلغان تىما شۇ تىمنى كۆرۈپ تىما ئگىسىگە بەك ئاچچىقىم كەلگەنتى ، ئەسلى ئۇيغۇر ئاكاددىمىسى قوللاشقا تىگىشلىك ئەمما ئۇ دوستىمىز كىچچىكىنە بىر يوچۇقنى تىپىۋىلىپ بىرمۇنچە قاقشاپ كىتىپتۇ،قارىغاندا ئۆزىنى مىللىەتپەرۋەر قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئوخشايدۇ،مەنمۇ ئۇ توربەتنى داۋاملق زىيارەت قىلىپ كىلۋاتىمەن،ئەمما مەن ئۇنداق ئەھۋلنى ئۇچراتمىدىم،بۈگنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاكادىمىسى مىللەتنىڭ كەلگۈسى توغۇرلۇق ئىزدىنۋاتىدۇ،ھەم نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە،لىكىن بىز چۇ؟بىز مىللەت ئۈچۈن نىمىش قىلىپ بەردۇق ،ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن پوق كەلمەيدۇ، خەخ قىلغانى تىخى ياراتمايمىىز،
ھۆرمەتلىك جامائەت ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاغزىمىزدا مىللەتنى سۆيىمىز قەلىمىمىزدە مىللەتنى كۈيلەيمىز،ئەمما كۆپىچە ئەھۋاللاردا ئۆزىمىزنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىمىزغا بىر كۆزىمىزنى يۇمۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ كىچىككنە خاتالىقىغا ئىككى كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ قارايمىز،ھە دىسىلا خەقتىن قۇسۇر ئىزدەيمىز،ئەمما ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ئىشىمىزنىڭ تايىنى يوق،
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزدىكى ئىللەتنى تۈزەتمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ تۈزۈلىشىدىن ئىغىز ئىچىش بىر ئورۇنسىز قاراش.
مىنىڭچە قوللاشقا تىگىشلىك بولمىغان تىمىلار تۆۋەندىكىدەك
مەسىلەن بولۇپمۇ منى بەكرەك ئويلاندۇرغىنى تورداش نازىگۈل تەرىپىدىن يىزىلغان (ئەرەپمۇ سەن ئۇيغۇرمۇ)مۇشۇ تىمى ھەر بىر ئويلىسام شۇ قىزغا بىر قىتىم ئاچچىقىم كىلىدۇ،شۇ قىزدىن سوراپ باقساق ، مەيلى ئەرەپ بولسۇن ۋە ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن مۇسۇلمانلام بولدىكەن بىزنىڭ قىرىندىشىمىز،كىيىم كىچەك مەدەنىيتىگە كەلسەك مەن ھازىرغىچە شىنجاڭدا بىرەسىنىڭ ئەرەپچە ياسىنىپ يۈرگىننى كۆرۈپ باقمىدىم،تورداشلارنى باش سۈرتىگە ئەرەپچە مۇسۇلمانغا خاس رەسىملەرنى چىقىرىشى ھەرگىزمۇ توردا غۇل غۇلا قوزغۇغۇدەك ئىش ئەمەس،ئەيىپلەشكە توغرا كەلسە دەل سىز دەكلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ باش سۈرتىگە يەنە بىر قىتىم كۆزىڭىزنى يوغان ئىچىپ قاراپ باققايسىز ، تىخى يەنە مۇسۇلمانلىقتىن سۆزلەپ كىتىپسىز،سىز نىمىشقا ھازىرقى قىزلارنىڭ غەرىپچە كىيىم كىيىشىگە رەددىيە بەرمەي مۇسۇلمانغا خاس كىيىنگەنلەردىن قۇسۇر تاپىسىز،ئەجبا سىز ۋە سىزنى قوللاپ ئىنكاس يازغانلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمانغا خاس كىيىنىش مەتولۇق ياكى قالاقلىقمۇ؟
چاچلىرىنى قويۋىتىپ كىيۋاغان كىيىملىرىدىن بەدىنىنىڭ ھەممە يەلىرىنىڭ شەكلى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرسا مايكىسىنىڭ تارلىقىدىن.......... ،مۈشۈك تاتلىۋاغان ئىشتانلىرىنىڭ يىرتىقىدىن ئاپپاق يوتۇلىرىنى بازار غا سىلىپ كيىنسە بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كىچەك مەدەنتىگە ئۇيغۇنمۇ؟
تىخى بەزىلەر تەپ تارتماستىن ئاللا گۈزەللىكنى ياقتۇرۇدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىتىپ سىزنى ياقىلاپتۇ،ئاللاھ گۈزەللىكنى ياقتۇرۇدۇ،ئەممە بۇنداق چاكىنىلىقنى ھەددىدىن ئاشقان بۇزۇقچىلىقنى قەتتى چەكلىگەن،
مىنىڭچە سىز ۋە سىزنى قوللاپ ئىنكاس يازغانلار گەپلىرىنى قايتىدىن بىر ئويلىنىپ بىقىشى زۆرۈر.
يەنى بەزى تىمىلارغا قارىساق بەزىلەر دىننى ئۆلمالارنى ئەيىپلەپ يازغان تىما ۋە ئىنكاسلار
مانا بىزدىكى ئەڭ ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرسى
ئاشۇ تىمىنىڭ ئاپتورى ۋە قوللاپ ئىنكاس يازغانلار ياخشىراق ئويلىنىپ بىقىڭلار،سىز ئاشۇ دىننى ئۆلمالارنى كۆرەلمايۋاتامسىز، ياكى ھەسەت قىلۋاتامسىز ۋە ياكى سىزنىڭ بىلىمىڭز ئاشۇ كىشلەردىن يۇقۇرمۇ؟
ئەگەر شۇنداق بولسىدى سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز قىلالمىغان ئىشنى باشقىلار قىلسا ھەرگىزمۇ كەينىدىن گەپ تىپىپ يۇرمەيتىڭىز،
چۈنكى باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تىپىش ياكى غەيۋەت قىلىش ھەزگىزمۇ مۇسۇلمانغا خاس ئەمەس
بىلىملىك كىشلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىزدەك بىلەرمەنلىك قىلىشقا ئامراق ئەمەس
تىخى تور موللىسى دەپ قاملاشمىغان لەقەمدىن بىر قويۇۋاپسىز،
نوچى بولسىڭىز سىزمۇ تورنام ۋە بوشلۇق سىتۋىلىپ باشقىلارنى ياخشىلىققا يىتەكلەيدىغان توربەتتىن بىر نى قۇرمامسىز،باشقىلاننىڭ قىلغىننى ياراتمىغاندىكىن، سىز ننىڭچە شۇلارننىڭ قىلغىلى ئىشى يوق توردا پەتىۋا سۆزلەپ يۇرەمدىغاندۇ
مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا ياخشى يولغا يىتەكلەش ۋە يامان يولدىن توسۇش مۇسۇلمانلىقننڭ ئىپادىسى
شۇڭا سىزلەرننىڭمۇ يوللىغان تىما ۋە ئىنكسلىرىڭىزنى قايتىدىن بىر ئويلىشىپ بقىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارىشىم
سۆزۈم تامام 2013-يىلى 15-مارىت گۇاڭجۇ
ھۆرمەت بىلەن : ئىرشات
تۇنجى قىتىم مۇنبەرگە بىر نەرسە يوللىشىم بولغاچقا يۇقارقى مەزمۇنلارننڭ سەل ئەگرى توقايلىقى ئۆزۈم
گىمۇ ئايان توغرا چۈشۈنەسىلەر،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otmux020 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-15 08:58 PM