1-كورىيەنىڭ (قىسقىچە)ئۇمۇمى ئەھۋالى
كورىيەنىڭ تۇلۇق نامى<<بۈيۇك كورىيە ئاۋام دۆلىتى>>بۇلۇپ،شەرىقى ئاسىيانىڭ چاۋشەن يىرىم ئارىلىغا جايلاشقان. غەرىپ تەرىپى سىرق دىڭىزغا ، شەرىق تەرىپى ياپۇن دىڭىزىغا ، شىمالى 38 -پاراللىل ھەربى سىزىقى ئارقىلىق چاۋشىيەن بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . تارىختا جەنۇبى ۋە شىمالى چاۋشىيەن بىر پۇتۇن دۆلەت ئىدى . 1910-يىلى ياپۇنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان . 1945-يىلى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كىيىن چاۋشىيەن يىرىم ئارىلى سوۋىت ئىتىپاقى ۋە ئامرىكا تەرپىدىن ئىككىگە بۇلۋىتىلگەن . 1948-يىلى جەنۇپ ۋە شىمالى چاۋشىيەن ئايرىلىپ جەنۇپتا <<بۈيۇك كورىيە ئاۋام دۆلىتى>> ، شىمالدا <<چاۋشىيەن دىمۇكىراتىك خەلىق جۇمھۇريىتى>> قۇرۇلغان .كورىيەنىڭ يەر مەيدانى 99مىڭ 392 كۇۋادىرات كىلومىتىر ، نۇپۇسى 46 مىليۇن 860 مىڭ. پايتەختى سىئول .
كورىيەدە بوددا دىنى ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدىغان دۆلەت . بۇددا دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان نۇپۇس 28% ، خىرىستىيان دىنى ۋە كاتۇلىك دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان كوريانلارمۇ ئاز ئەمەس............
2- كورىيەدىكى ئىسلام دىننىڭ تارىخى ,
ئىسلام دىننىڭ كوريەدىكى تارىخى ئۇزۇن ئەمەس ، مۇسۇلمانلار نۇپۇسىمۇ ناھايىتى ئاز. كوريەلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېرىش كىلىش تارىخى خېلى ئۇزاق . 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار كورىيەگە تىجارەت ئۇچۇن كەلگەن ھەم شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان .بۇلۇپمۇ 1270-يىلى كورىيەنى مۇڭغۇللار تىزگىنلىگەندىن كىيىن مۇڭغۇللار قۇشۇنىدا ئەمەلى ھۇقۇق تۇتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق نۇرغۇن مۇسۇلمان كورىيەگە كەلگەن ھەم شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان .ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئەمەلدارلار بۇلۇپلا قالماي نۇرغۇن تىجارەتچىلەر ۋە كوچمەنلەر بۇلۇپ ئۇلار پايتەخت ئەتراپىغا مەھەللە قۇرۇپ ئىسلام ئەنئەنىسى بۇيىچە ياشىغان .ھەم ئىسلامنى راۋاجلاندۇرغان .
ئەمما 15-ئەسىردە شۇ ۋاقىتتىكى كورىيە خانى قانۇن جاكارلاپ دىنى تۇرمۇشنى مەنئى قىلغان .مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇز كىيم كىچەكلىرنى كىيىشنى چەكلىگەن.نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ئىقتىزادى ئورنى بىراقلا تۇگۇشۇپ ئىسلام دىنى شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولغان 1920-يىلى 200دىن ئارتۇق قازان تاتارلىرى كورىيەگە كەلگەن شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار بىلەن كورىيەلىكلەر ئۇچىرشىشى قايتا باشلانغان ئۇلار سېئۇل ئەتراپىدىن يەر سېتىۋېلىپ باياشات ياشىغان ،مەسچىت سالغان ،قەبرىستانلىق قىلغان ئەمما كورىيە 1945-يىلى ئىككىگە بۇلۇنگەندىن كىيىن تاتارلار ئامرىكا .كانادا ،تۇركىيە قاتارلىق دۇلەتلەرگە كۇچۇپ كەتكەن .
3-ھازىرقى زامان كورىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخى كورىيەدىكى ئىسلام تارىخىنى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ھەقىقى باشلانغان دىيىشكە بۇلىدۇ 1950-يىلى كورىيە چاۋشەن ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن تۇركىيە ئەسكەرلىرى بىرلەشكەن دۇلەتلەر قۇشۇن تەركىۋىدە كورىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان .ئۇلار ئۇرۇشتىن بوشىغان ۋاقىتلىردا كورىيەلىكلەر ئارسىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىننىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى سەھىپىسىنى ئاچقان .تۈركىيە ھەربى لاگىردىكى ھەربى ئىمام ئابدۇلغاففار(Abdulgafur Karaismailoglu) ، زۇبەيىر(Zubeyr Koch) قاتارلىق ئىماملار ئىسلام دىنىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلىپ كورىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىغا بولغان بولغان قىزىقىشنى قوزغىغان نەتىجىدە نۇرغۇن كورىيەلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللا كىم يىدۇ .تۇنجى تۇركۇم مۇسۇلمان بولغان كورىيەلىكلەردۇر .
ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ بەكرەك تەشۋىق قىلىش ئۇچۇن 1955-يىلى كورىيە مۇسۇلمانلىرى<<كورىيە ئىسلام جەميىتى>>نى قۇرغان .كورىيەلىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىدا تۇركىيە ھەربى ئىماملىرى ئالاھىدە رول ئوينىغان .ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىسلام لىكسىيەسى ئۇرۇنلاشتۇرغان . 1956-يىلى چېدىر ئىچىگە ۋاقىتلىق بىر مەسچىت سالغان بۇ كورىيە تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت ھىساپلىندۇ .1957-يىلى كورىيە مۇسۇلمانلىرى 208گە يەتكەن .
تۇركىيە ئەسكەرلىرى كورىيەدە ئىسلام دىنى تارقاتقاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىسلام ئەللىردىكى تەشكىلاتلار كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا كۇڭۇل بۇلۇشكە باشلىغان.1959-يىلى كورىيە ئىسلام جەمىيەت باشلىغى ئۇمەر كىم جىن كىيۇ مالايسىيا ،پاكىستان ،سەئۇدى ئەرەبىستان لاردا زىيارەتتە بولغان ھەم ھەج قىلىپ كورىيە تارىىخىدىكى تۇنجى ھاجى بولغان .شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىسلام ئەللىرى كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بەرگەن.1965-يىلى
كورىيەدىكى بىر نەچچە ئىسلام جەمىيىتى بىرلىشىپ <<كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى>>نى قۇرغان .1970-يىلى نىفىت كىرزىسى يۇز بەرگەندىن كىيىن كورىيە ھۇكۇمىتى ئىسلام ئەللىرىگە ۋە كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا كۇڭۇل بۇلۇشكە باشلىغان .1970-يىلى ھۇكۇمەت 5000كۇۋادىرات يەرنى مەسجىت ۋە ئىسلام مەركىزى ئۇچۇن ھەقسىز ئاجىرتىپ بەرگەن.1974-يىلى سېئۇل مەركىزى مەسچىتى پۇتكەندە 17ئىسلام مەملىكىتىنىڭ 50 تىن ئارتۇق مۇسۇلمان داھىلىرى مۇراسىمغا قاتناشقان .
1976-يىلى كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى ئىسلام مەركىزىدە ئەرەپ تىلى مەكتىۋى ئېچىپ غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىدىن دەرىس بەرگەن.نۇرغۇن كورىيەلىكلەر ئۇقۇش پۇتۇرگەندىن كىيىن مۇسۇلمان بولغان .ئۇلار يەنە مۇسۇلمانلار ھەپتىلىك گىزىتى ،ئىسلام قاتارلىق ژورناللارنى نەشىر قىلغان .قۇرئان كەرىمنى كورىيان تىلىغا تەرجىمە قىلغان .
4-كورىيە مۇسۇلمانلىرى ۋە مەسچىت
ھازىر كورىيەدە كورىيان مىللىتى مۇسۇلمانلىرى 35مىڭدىن ئاشىدۇ .ئۇلارنىڭ 20% تى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كوۋەيىت قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا مۇسۇلمان بولغان. كوريە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى دىىنغا يىڭىدىن كىرگۈچىلەر ئەمەس . ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كورىيان مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ئائىللەردە تۇغۇلغان . كورىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ 80% سېئۇلدا ، قالغانلىرى پۇسان گۇڭجۇدا ياشايدۇ. كورىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقۇرى .99% تى ساۋەتلىق .50% دىن 80% گىچىللرى يۇقۇرى مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن . پەقەت 5% لا دىھقان . قالغانلىرى ئىختىسادى ساھەدە خىزمەت قىلىدۇ .
كورىيەدە ھازىر سېئۇل پۇسان گۇڭجۇ ،چىڭجۇ چۇئەنجۇلاردا بەش مەسچىت بار ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ۋاقىتلىق نامازخانا بار. كوريەدە يەنە 100 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇسۇلمانلار ياشايدۇ .
مەنبە
http://www.chinaislam.net.cn/cms/whyj/yslgk/world/201205/28-746.html