يىـڭى ئــەزا
ئارزۇ
1 5ئاي بۇرۇن _مەمەتنىياز شەنبە دالىيەنگە بارامسەن؟ _مۇئەللىم چاقىرىپتۇ بارالمايمەن. _ئاكىلا،مەنمۇ بارايچۇ؟ _ئاۋۋال ياخشى ئوقۇغىنا سەن،مەۋسۇم ئاخىرىدا قالدۇق قامىساڭ بىلەت مەندىن ئۆزۈم ئاپىرىمەن. _ئوقۇش مۇكاپاتى ئاسامچۇ؟ _پايپىقىڭنى يۇيۇپ بىرىمەن. _ok تامىقىنى يەپ بولغان مەمەتنىياز ئادىتى بويىچە كۈتۈپخانىغا ماڭدى. _4يىل بولدى كۈتۈپخانىغا يويمىدىڭزما؟ نەلەردىندۇر پەيدا بولغان زەيتۇنگۈل ئۇنڭغا يانداشتى. _سىزنى دەپ كىرىمەن كۈتۈپخانىغا ،بولمىسا ......خا خا خا ...... _مۇئەللىم نىمدەپ چاقاتىپتۇ؟ _ئۇقمۇدۇم،بەك مۇھىم چوقۇم كەل دەيدۇ. _مۇئەللىم سىزگە بەك ئامراق ھە؟ _ئەلۋەتتە ،شۇندا كىلىشكەن تۇرسام >) (< _ئەينىكىمنى بىرىپ تۇرايمۇيا؟ _مەنچە مۇئەللىم سىزگە خىزمەت تىپىپ قويدى،مەكتەپتە قالامسىز تىخى؟ _ياق،مەن مۇئەللىم بولسام بولمايدۇ. _نىمىشقا ئەمدى؟ _ھازىر ئاتالمىش سىتىيۇدىنتلار ئۈگىنىش تۈگۈل دەرىسكىمۇ چىقمايدۇ،بىرەسىنى ناكا قىپ قويۇپ سوتتا كۆرمەي ئۆزەمنى،بولاپمۇ دىيارىمىزدىن كەلگەن بالىلار،تۆمۈرچىنىڭ بىلىدىغىنى ئۇلاردىن جىقراق. _تۆمۈرچىگىلا شاگىرىت بوماي،نىمە قىلاردىڭز يىراق ھەم سوغۇق بۇ شەھەردە؟ _تەغدىرىمنى ئوبدانراق سوقاي دەپ. سىپى ئۆزىدىن ھاكاۋۇر زەيتۇنگۈل ياتىقىغا كىرىپلا كارۋىتىغا ئۆزىنى ئاتتى،نىمىشقىدۇر كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى ئازادە ئەمەس ،قانداقتۇر سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىگە بەزىلەرنىڭ نەزىرى چۈشمىگەندەك. مەمەتنىياز بىلەن زەيتۇنگۈل بىر كەسىىپتىن ،دەسلەپ مەكتەپكە كەلگەندە مەمەتنىياز ھەممىدىن قورۇناتتى ،بىرە سىگە چىش يىرىپ گەپمۇ قلمايتتى ،زەيتۇنگۈل ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر كەسىپتىلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپلا يۇرەتتى،قىسقىسى كىيىنىشى ،يۇرۈش تۇرۇشى بۇ ھاكاۋۇر قىزغا پەقەت ياقمايتتى. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ،كەچلىك مۇزاكىرەدىن يانغان زەيتۇنگۈل ،كۆل بويىدىكى تار يولدا كىتىۋىتىپ ،بىرسىنىڭ بىلىق تۇتۇش سۇپۇسىدا تلفۇن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى . ____\مەھەللىدىكى يوقسۇزلارغا ئۇن ئچىقىپ تۇرۇڭ ئانا،بوۋامنىڭ روھى خوش بولىدۇ،ئاق ئانامغا سالام ئىتىڭ ئەنسىرمىسۇن،خۇداغا ئامانەت \ زەيتۇنگۈل ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى،ياتىقىغا كىرىپلا ئانىسىغا تىلفۇن قىلدى. مەكتەپ ھەقىقەتەن گۈزەل بىر بىلىم دىڭزى ،كۈتۈپخانا بولسا بىر يىگانە ئارال،ساناقسىز كىتاپلار سىزنى چەكسىزلىك ئالىمىگە باشلايدۇ،گويا شالۋاقلىرى ئقىپ تۇرگان ئاچكۆزگە ئايلىنىسىز،قىنىڭز تومۇردا مارافونچە يۈگۈرەيدۇ ،قەھرتان قىش سىز ئۈچۈن ئاتەش ياز.
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ