يۈرەكلەردىن -يۈرەكلەرگە سالام-!!!
كۆكرەكلەرگە سولانغان خۇشاللىقى بۇلانغان ،
سالام مەڭگۈ بىر ئوتتا تىپچەكلىگەن يۈرەكلەر.
مىرادىغا  يېتەلمەي  ئەجەل ئوقى قادالغان ،
تۇتقۇنلۇقنىڭ ئاھىدا چېچەكلىگەن يۈرەكلەر.
سالام -!تېنى ئويۇلغان باغرى قانغا بويالغان،
بىز ئۇخلىساق بەھوزۇر ئۇخلىمىغان يۈرەكلەر.
مەۋجۇتلۇقنىڭ بارىغا مادار بولۇپ يارالغان،
لېكىن ئۆزى بىر نەپەس شوخلىمىغان يۇرەكلەر.
تومۇرلىرى تۇتاشقان قانلىرىمۇ ئۇلاشقان،
مۇستەھكەملىك مۇجەسسەم مۆجىزىلىك يۈرەكلەر.
سالام-! قورشاۋ ئىچىدە رېتىمىدىن ئازمىغان،
چىڭ تۈگۈلگەن ھەر كىمنىڭ مۇشتىمىچىلىك يۈرەكلەر.
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 02:45 PM