مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 6

ئا ، ئە ، ن ، ت ھەرىپلىرى بىلەن تونۇش ئويۇنى _ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40860
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12128
تۆھپە نۇمۇرى: 1639
توردا: 1061 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 01:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئا ، ئە ، ن ، ت ھەرىپلىرى بىلەن تونۇش ئويۇنى _ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كەڭ مۇنبەر ئەھلى! ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلار! كەمىنە ئەلقۇتتىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.
ئالدىن بىر قانچە يازمىلىرىمدا، بىلپەت تىل ئۆگىنىش تاختا كومپىيوتېرى غۇلجا بازىرىغا سېلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا دوستۇم تەرىپىدىن بىر دانە ھەدىيە قىلىنغانلىغىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن مەن ئاندىروۋ يانفون سېستىمىسى ۋە بۇ تاختا كومپىيوتېرنىڭ مەستانىسى بولۇپ قالغانلىغىمنى، ھەم مۇشۇ ئىشلار تۈرۈتكۈسىدى ئۆز ئانا تىلىم ئۈچۈن بىرەر ئەرزىگۈدەك ئىش قىلىپ بەرسەم دىگەن ئارزىيومنى مۇشۇ ئاندىروۋ يانفون سېستىمىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، ئاندىروۋ سېستىمىلىق تېلفون ۋە تاختا كومپىيوتېرلاردا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇيغۇر ئىلىپبە ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنى تۇزۇپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلگەنلىگىمنى بايان قىلغان ئىدىم. ھەم بىر قانچە سىناق نۇسخىسىدىكى دىتاللارنى تورغا يوللاپ باققان ئىدىم. بۇگۈن توردىكى خالىس نىيەتلىك ئەپ ياساش ئۇستىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ  ئەپنىڭ تۈنجى دەرىسلىكىنىڭ دىتالىنى غەلبىلىك ياساپ چىقتىم.
بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ ئەپلەرنى ھەم بەھىرلەپ كەڭ ئۇستاز ۋە تورداشلارنىڭ بۇ دىتالغا بولغان تەكلىپ پىكىرلىنى توپلاپ شۇ ئاساستا قالغان قىسمىنى ياساپ چىقماقچى كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى تەكلىپ بېرىشىنى سورايمەن.
ئالدى بىلەن بۇ دىتالنى  چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
بۇ بىر ئويۇن دىتالى بولۇپ 4 ياشتىن 15 ياشقىچە بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ. بالىلار بۇ دىتالنى ئاتا - ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە كۈنىگە 30 مىنۇتتىن ئويناپ بەرسە 2 ئاي ئىچىدە ئانا تىل ساۋادى چىقىپ بولىدۇ.  بۇ دىتال بىلىم قۇرۇلما ئۆگىنىش جەھەتتە 3 چوڭ تۈردىن تۇزىلىدۇ.
1. ھەرىپ تونۇش
2. ئىزلاپ يېزىش
3. سۆز جۈملىلەر بىلەن تونۇش.
بۈگۈن كۆپچىلىككە سۈنغۈنۈم 1 تۈرنىڭ تەكلىپ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى . بۇ تېمىدا مەن ھەم مۇشۇ 1 تۈردىكى دىتالنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


ھەرپ بىلەن تونۇشۇش ئويۇنى :
بۇ ئويۇن ئىچكى قىسىمدىن 3 بۆلەككە بۆلىنىدۇ.
1) ھەرىپ تونۇش
بۇ تۈردە بالىلار ئىكراندى خالىغان ھەرىپنى بارماق بىلەن چەكسە شۇ ھەرىپ يوغۇنايدۇ ۋە ئوقۇلىشىنى ئوقۇپ بېرىدۇ.






بۇ قىسىمنى چوقۇم ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنىنى ئويناشتىن بۇرۇن ئاتا- ئانىلار ياردىمىدە 10 مىنۇت مەشىق قىلىشى كېرەك.ئاندىن ئىككىنجى باسقۇچقا ئۆتسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ.

2) ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇن

بۇ بىر ئوخشاش ئىككى ھەرىپنى تېپىش ئويۇنى بولۇپ ئىكراندا ئىختىيارى ھالدا بىر جۈپتۈن  ھەرىپلەر ، ئىختىيارى تىزىلىدۇ.بالىلار بۇ ھەرپلەردىن ئوخشاش ئىككىسىنى بارماق بىلەن كەينى- كەينىدىن چەكسە  غەلبە قىلغان بولۇپ بۇ ئىككى ھەرپ يوقايدۇ. ھەر بىر ھەرپنى چەكسە بۇ ھەرىپلەرنى ئوقۇلىشىنى ئوقۇپ بېرىدۇ . بۇ جەرياندا بالىلار ئويۇن ئوينىغاچ تەبىئىلا ھەرىپلەرنى تونالايدىغان ۋە ئوقالايدىغان بولىدۇ.
ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنىنى بالىلار ئەقلى قابىلىيىتى ۋە يېشىغا قاراپ  4، 6، 8، 12 ، 24 ھەرىپتىن تۇزۇلگەن شەكىللىرىنى تاللاپ ئويناشقا بولىدۇ.










3) ئەستە ساقلاش مەشىقى
بۇنىڭدا بېرىلەن ھەرپلەر پۈتۈنلەي يوشۇرۇنغان بولىدۇ. قايسۇ كاتاكچىنى چەكسە شۇ كاتەكچىدىكى ھەرىپنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ ۋە شۇ ھەرىپ كۆرىنىدۇ. بۇ ھەرىپ بار ئورۇننى ئېسىدە تۇتۇۋىلىپ يەنە بىر ھەمراسىنى تاپقاندا ئارقىدىنلا بايىقى ئېسىدە ساقلىۋالغان كاتەكچىنى چەكسە ئىككىلا ھەرىپ كۆرۈنىدۇ، ئويۇن ھەممە ھەرىپ تولۇق كۆرۈنگۈچە داۋاملىشىدۇ، ئارقا - ئارقىدىن ئوخشاش ھەرىپ بار كاتەكچىنى چېكەلمىسە ھەرىپ كۆرۈنمەيدۇ.
بۇ باسقۇچتا بالىلار بالىلار ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەرىپلەرنى ئەستا ساقلىۋالىدۇ. ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ .
ئويۇنىنى بالىلار ئەقلى قابىلىيىتى ۋە يېشىغا قاراپ  4، 6، 8، 12 ، 24 ھەرىپتىن تۇزۇلگەن شەكىللىرىنى تاللاپ ئويناشقا بولىدۇ.

ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى :
1- خىل ئۇسۇل :
دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىسنى يەشكەندىن كىيىن . يانفوننى چاتقۇ سىم ئارقىلىق كومپىيوتېرغا چېتىپ 91 ياكى 360 نىڭ يانفون باشقۇرۇش دىتالىغا تونۇتقاندىن كىيىن بىۋاستە دىتالنى قوش چېكىپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
2- خىل ئۇسۇل: دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىسنى يەشكەندىن  كىيىن ئۇنى تېلفون سىغىم كارتىسىغا كوپىيەلەپ ئاندىن ، سىغىم كارتىنى يانفونغا سېلىپ ، ھۆججەت كۆرۈش قورلالى ، ياكى ئەپ قاچىلاش قورالى ئارقىلىق ئۇ دىتالنى ئىزدەپ تېپىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا قاچىلىنىدۇ.

دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئىككى خىل تۈرى تەمىنلەندى بىرسى 4 ھەرىپ ۋە بۇ 4 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار برگە بېرىلگن نۇسخا

چۈشۈرۈش

ئىككىنجى 6 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن نۇسخا ( بوغۇم كىرگۈزۈلمىگەن)


چۈشۈرۈش

ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن : ئەلقۇت  www.elqut.cn


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 07:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى ئىش بوپتۇ.  ھەممىمىز  ئىجادچانلىقنى ئۆگىنەيلى، مەنمۇ بىر نەرسە ئىجاد قىلماقچى بولۇۋاتىمەن.  ياساپ بولغاندا تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92011
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 08:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ،چۈشىرىۋالدىم ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

كەچۈر ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 09:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 09:10:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ يېڭىلىق قۇ بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 09:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.ناھايىتى ياخشىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6477
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 822 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:33:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدىرەك كاللىمىز ئىچىلغىلى تۇرغانمىدۇيە يە بۇرۇن چىقىپ بولۇپ كۆمۈلۈپ قالغان بولغۇيمىدۇ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش