قشىنىڭ جۇدۇنلىرى كېتىپ،توڭلار ئېرىشكە باشلىدى، يۇرتىمىز ئەمدى ئۇزاق ئۇيقىدىن قايتا كۆز ئېچىپ،تەبىئەتنىڭ ھىدايىتى بىلەن يېڭى ئۈمىد ۋە نورۇزدەك دىلنى سۆيۈندىرىدىغان تەنتەنەبىرلە ئۈمىدلىك قەدەملىرىنى قايتا تاشلىدى. بىزگە بۇ يۇرت شۇنچىلىك مېھىرلىك،ئەزىزلەر! خۇددى سىزنىڭ ئىشلەپ تاپقانمۇئاشىڭىزنى كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بەرگەندەك، بىزنىڭ بارلىق ماددىي ۋە روھىيئوزۇقىمىزنىمۇ پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى مۇشۇ زېمىنغا چېچىپ بەرگەنىكەن. ئەنە شۇروھىي ئوزۇقلارنىڭ بىرىنى نۇرغۇن قېنى قىززىق، ھىسياتچان، ۋۇجۇدىدىن ھاياجان قاچانكىقايناپ تۇرىدىغان ياش ياكى ئاق باشلار، سۇمبۇل چاچ ۋە قەلەمقاشلار، ئېنىقكى، ئەرگۇڭ دەيدىغان پۇتبۇل مەيدانىدىنئىزدەيدۇ.
تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر بىر يەرگەجەم بولغان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر پۈتۇن جاھاندىكى سىز بىلەن ئورتاق چىراي، ئورتاقتىل ۋە ئورتاق ئەقىدىدىكى جىمى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدۇ. مەنمۇ بۇلتۇر بۇخىلكۆرۈنشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھاياتىمغا ئاز بولمىغان ھاياجانلىق، مۇھەببەتلىكمىنۇتلارنى قالدۇرغان ئىدىم. ھالا بۇ كۈندە ئۇنى كۆرۈش شەرىپىگە ئىگەبولالمىساممۇ، شۇ بىز ئۆز ئەزىمەتلىرىمىز دەپ تەلمۈرۈپ باققان يىگىتلىرىمىزگەئىككى كەلىمە يۈرەك سۆزىمنى بايان ئەيلىۋىلىشنى ئۆزۈمگە يۈكسەك تەسەللىي بىلىپ بۇخىتابنى لايىق كۆردۈم.
سىلەر كەسپىي پۇتبولچى،پۇتبولغا بولغان ئىشتىياق تۈرتكىسىدە ئۇنى ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ غولى قىلغان يەنى ھىچبولمىغاندا ياشلىقىڭىزنىڭ كۈرەش يولى قىلغان ئەزىمەتلەر. شۇڭا ھەربىر مەيدانمۇسابىقىدە يېڭىش سىلەرنىڭ نىشانىڭلار. بۇ سىلەردىكى تەبىئىي تۇيغۇ. ئەلۋەتتە، بىزسىلەردە بۇخىل تۇيغۇنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىشىنى تىلەيمىز. لېكىن مېنىڭ تىخىمۇ بەكدېمەكچى بولغىنىم، سىلەردە قانداق قىلغاندا شۇ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدەئورتاق ھەم چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان ئادەت ۋە ئەقىلنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.سىلەر بۇ سوئالغا جاۋابنى ھەر ساباھتىكى قۇياشقا شۈكرى ھەم زوق بىلەن بېقىش،ئاكتىپ مەشىق قىلىش، ھەركۈننى ياخشى ئىدارە قىلىش، ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى پۇتبولچى ۋەخىزمەتچىلەرنى قىزغىن سۆيۈشتىن تاپالايسىلەر.
پۇتبول مەيدانىنى بىز ئەگەرجەڭ مەيدانىغا ئوخشاتساق ئەلۋەتتە ئارتۇق كېتىدۇ. لېكىن ئۇ ھەم بىر ئاددىي ئۇيۇنئەمەس. ئۇ يىگىتلەرنىڭ جاسارىتىنى، تىرىشچانلىقىنى، يېڭىلمەس روھىنى ۋەئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سىلەر ئۆزبەختىڭلاردىن خۇشال بولۇشقا تامامەن ھەقلىقسىلەركى، چۈنكى سىلەر شۇ سەھنىگە قەدەمباسالىغان ئارزۇلۇق يىگىتلىرىمىز. بېشىڭلارنى كۆتۈرۇپ تۆت ئەتراپىڭلارغا شۇنداقبىر باقساڭلار، سىلەر ئۈچۈن مەدەت تىلەپ، ئىختىيارسىز توۋلاپ، تومۇز - ئىسسىق دىمەي، روزا-رامىزان دېمەي، كالپۇكلىرىچاك-چاك يېرىلىپ كەتسىمۇ يەنە مادارىدىن كەتكىنىگە تەن بەرمەيدىغان جان-جىگەرمەدەتكارلىرىڭلار بار. شۇڭا سىلەر مەيداندا ئاخىرغىچە يۈگرەڭلار، خەق بىر غەيرەتقىلسا سىلەر ئىككى-ئۈچ غەيرەت قىلىڭلار. يىقىلىپ تارتساڭلار دەس تۇرۇپ كېتىڭلار،چۈنكى سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش دەشت چۆللەردە ئات چاپتۇرۇپ، قان كېچىپباققان، نى-نى ئەلەم زەربىلەردە كۆزىدىن تامچە ياش ئاققۇزماي قەددىنى تىك تۇتۇپمەردلىك بابىدا مۇقامغا يەتكەن ئاتىلارنىڭ پۇشتى سىلەر! شۇڭا ناۋادا يېڭىلىپ قالساڭلارمۇ لېكىن ئۆزئەركەكلىكىڭلارنى، قەيسەر-مەردلىكىڭلارنى ئۇتتۇرۋەتمەڭلار. تېخىمۇ مۇھىمى،ئاخىرغىچە ئىناق بولۇڭلار. چۈنكى بىز ئاچچىق مۈغلۇبىيەتتىن يۈرەكلىرىمىز پارە بولسا بولسۇنكى، لېكىن يىگىتلىرىمىزنىڭبېلى بوش ھەم نادان ھالىتىدىن دىلىمىز زىدە بولمىسۇن. چېمپىيون ئۇ دەماللىق قولغا كېلىدىغان نەرسەئەمەس. شۇڭا ئۇ قانداقتۇر لاتارىيە ياكى قىمار بولماستىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەقىدە،ھالال تەرنىڭ مەھسۇلىدۇر.
شۇڭلاشقىمۇ مەن سىلەرنىڭ بۇئۇرۇن مۇساپىدە، ھاياتلىقنىڭ چىن مەناسىدىن ئايرىلماي، بىر نەمۇنىلىك ئەربولىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن. سىلەر شۇنداق بىر توپ ئەزىمەت بولۇڭلاركى،دەرسلىرىدىن قېچىپ سىلەرنى كۆرگىلى بارغان ئوقۇغىچىلار ھىچ بولمىغاندا قەيسەرلىكنىسىلەردىن ئۆگەنسۇن. سىلەر شۇنداق بىر توپ ئەزىمەت بولۇڭلاركى ، مەستانىلارقۇچاقتىكى بالىلىرىغا كۆردۈڭمۇ بالام، ھەقىقىي ئوغۇل بالا دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇجۇمۇ دەيدىغان بولسۇن. سىلەر شۇنداق بىر توپ ئەزىمەت بولۇڭلاركى ، سىلەرنى كۆرۈپجىسمىنى زەئىپلىك باسقانلار قايتا ئىلھام ئىلىپ، ساغلاملىققا، قەددى دۇرۇس مەزمۇتبولۇشقا بەل باغلايدىغان بولسۇن. سىلەرشۇنداق بىر توپ ئەزىمەت بولۇڭلاركى ، قىزچاقلار پەقەت ئىسمىڭلارنى توۋلاپ،چىقىراپ قويىدىغان ئەركە يىگىتلەر ئەمەس،بەلكى نەقەدەر ئەركەكلىكىڭلاردىن دىللىرى تەسەللىي ۋە ئىپتىخار تاپىدىغان بولسۇن.سىلەر شۇنداق بىر توپ ئەزىمەت بولۇڭلاركى ، ھالال، غۇرۇرلىق ياشىغان،ياشايدىغانلارنىڭ مىسالى سانالغاندا سىلەرنىڭ نامىڭلار ئاۋۋال ئاتالسۇن!
ئەڭ ئاخىرىدا ، ئالىي تىلىكىم- پۈتكۈل غەلبە ، تەنتەنە، بەخت سىلەرگە ۋە سىلەرنى سۆيگەن ئاشۇ مەڭگۈلۈكمىھرىبان، سۆيۈملۈك خەلققە يار بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-15 11:32 AM