مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 571|ئىنكاس: 4

ھىجران دىڭىزى نەسىرلەر توپلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھىجران دىڭىزى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33169
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5730
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 03:55:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەلىب نىداسى


ھايات ئۇزۇن مۇساپە، بۇ مۇساپىنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغىننى ھىچكىم بىلمەيدۇ، ئەمما ئاخىردا ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغىنى ھەر كىمنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ھايات مۇساپىسى ئاجايىپ يول، بەزىدە كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتسەكمۇ، بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ئازاپ قوينىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىمىزنى ھىس قىلىمىزيۇ ئەمما شۇ ئازاپقا بەنىت بولۇپ يەنە شۇ ئازاپنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز. مۇھەببەت كوچىسىغا كىرمەسلىككە قانچە نىيەتلەرنى قىلساقمۇ، يەنە قانداقتۇر شۇ مۇھەببەتنىڭ تار كوچىسىدا ئازاپنى قوش قوللاپ تۇتۇپ زارىقىش، كۈتۈش بىلەن ئۆتىۋاتقىنىمىزنى تۇيماي قالىدىكەنمىز. ئىلگىرى « مۇھەببەت كوچىسىغا كىرمەيمەن » دىگەن سۆزىمىز يادىمىزغا يەتكەندە بولسا « ئەي قىز قاچانلاردا كىرگەنسەن بۇ پىنھان قەلبىمگە » دەپ  ئىغىر خۇرسىنىش بىلەن ھەسرەتلىنىپ مۇڭغا چۆكۈپ ئولتۇرىدىكەنمىز. مۇھەببەتنىڭ ئۆزىمىزنى بۇنچىلىك كونتىرول قىلىۋالغانلىقىدىن ئەجەپلەنسەك، يۈرىكىمىزگە ئورناپ كەتكەن شۇ سىما يەنە كۆز ئالدىمىزغا كىلىۋىلىپ بۇ خىياللىرىمىز يەنە شۇ يۈرەك شىخىمىزغا قونغان ئاشۇ ئۇماق قۇشىمىزغا يۆتكىلىدۇ. توۋا مۇھەببەت ئاشىقلار ئۈچۈن شۇنچە رەھىمسىزمۇ؟ ئاشىقلارنىڭ دىلخانىسى يەنە شۇ ئازاپ بىلەن توشۇپ كىتىپ سۆيگۈنىڭ شىرىن دەملىرى، ۋىسال پەيىتلىرى سىغماسمۇ؟





مۇھەببەت سىنى دەپ چەكتىم رىيازەت،
سۆيگۈنۈم قەلبىمگە بەرمەس ئىجازەت.
سۆيگۈمگە قىلدى، كىملەر خىيانەت،
مۇھەببەت كوچاڭدا قالدىمغۇ تەنھا.



يىنىمدىن يىراقلاپ كەتكەندەك جانان،
بولدىغۇ كىچىلەر چۈشۈمگە ئايان.
يار ئىزلەپ ئەمدى مەن، يۈرىمەن قايان،
مۇھەببەت كوچاڭدا قالدىمغۇ تەنھا.



ھەسرىتىم ئاشماقتا دەرتلىرىممۇ ھەم،
كوچاڭدا تىڭىرقاپ يۈرىمەن شۇ دەم.
ۋىسالىڭ يىتەلمەي كۆزلىرىممۇ نەم،
مۇھەببە كوچاڭدا قالدىمغۇ تەنھا.



بۇ دۇنيا كۆزۈمگە يەنە بىر قىتىم قاراڭغۇ بىلىندى. يۈرىكىم ئۈن تۈنسىز خىياللار ئىلكىدە سۆيگۈ دىۋانىسىغا ئايلاندى. يۈرىكىم ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەننىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقا بىر يۈرەكنىڭ تىنىچ ئامانلىقى ئۈچۈن گۈپۈلدەيتى.  زىمىندا باھار بولىۋاتقان بولسىمۇ، قەلبىمنى زىمىستان قاپلىغان ئىدى. مۇھەببەتنىڭ شىرىن ھىسلىرى ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان، قەلبىمنى ئەسىر قىلىپ، يۈركىمنى قامال قىلغان ئىدى. ئۈن تۈنسىز ئاھ ئۇرۇش، ۋىسالسىز ئازاپ چىكىشلەر بەلكىم پىشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كىرەك. مۇھەببەت ماڭا تەتۇر قارىغاندەك بولۇپ، ئۈمىتسىزلىك بىلەن دۇنياغا نەزەر سالماقتىمەن.



قەلىب ئىشىكىمنى چىكىشىڭگە نىمىشقىمۇ يول قويغاندىمەن، سىنىڭ رەھىمسىزلەرچە مىنى ئىشىق ئوتىغا تاشلاپ قويۇپ كىتىشىڭنى بۇرۇنراق خىيالىمغا كەلتۈرشۈم كىرەك ئىدىغۇ. مەن نىمانچە بىخەستە ھە! يۈرىكىم ھىجراندا ئۆرتىنىۋاتىدۇ، ئۇيقۇم بۇزۇلۇپ، چۈشلىرىم قالايمىقانلىشىپ كىتىۋاتىدۇ.  سەن ئۈچۈن، مۇھەببىتىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلغان خىياللىرىم ھەممىسى كۈلگە ئايلانغان ئىدى.  ۋاقىتقا ئىسىلىپ قالغان تەنھالىقىم زارىقىش ئىچىدە يەنە ساڭا تەلمۈرۋاتاتتى. گەرچە ھەر كىچە ئۇيقۇسىز قويساڭمۇ، چۈشلىرىمدە پەيدا بولۇپ مىنى ئازاپلىساڭمۇ نىمىشقىدۇر يەنە چۈشلىرىمگە كىرمەي قىلىشىڭدىن، خىياللىرىمدىن يوقاپ كىتىشىڭدىن  ئەنسىرەيتىم.  بەلكىم بۇ مەندە پەيدا بولغان ئىشىق ئوتىنىڭ كۈچىيۋاتقانلىقىدىندۇر. ۋەياكى ساڭا تەلمۈرۈپ ئاشىقلىقتىن خۇدىنى يوقاتقان يۈرىكىمنىڭ سەنسىز ياشىيالماي قىلىشىدىن ئەنسىرگىنىمدۇر.



مۇڭلۇق زىمىننىڭ باغرىدا ،سېغىنىش ئىلكىدە ئۆتكەن بۇ كۈنلىرىم گەرچە ماڭا ئازاپ ئىلىپ كەلسىمۇ، بۇ ئازاپقا يۇشۇرۇنغان بەخىت مىنى  كۈتۈشكە، سىنى يەنە خىيال قىلىشقا ماغدۇر قوشىدۇ.  ،تىمتاس كىچىدە ماڭا ھەمرا بۇلىدىغىنى ،يۇلتۇزلاردىن باشقا  ئاپئاق قار ئۇچقىنلرى بىلەن قاپلانغان تىمتاس زىمىن خالاس. ۋۇجۇدۇمدا پارلاۋاتقان سۆيگۈ قۇياشى ماڭا كۈچلۈك نۇرلرىنى چىچىپ قەلبىمدە يىلىنجاپ تۇرغان سۆيگۈ ئوتىنى كۈچەيىتمەكتە ئىدى.  بارچە ئازاپنى كۆتۈرگىنىمچە،مىسكىنلىككە مەھكۇم بولغان بۇ روھىمنى سۆرەپ ،غېرىپلىقتا ماڭىلا ئوخشاپ قالغان تۈن نىسپىدىكى تەنھا ئايغا قاراپ خىياللارغا بەنىت بولاتتىم، قەلبىم لەرزىگە كىلىپ سىنىڭ ئوتلۇق سىمايىڭ كۆز ئالدىمدىن يەنە ئەگىشكە باشلايتتى.




تۇنجۇققان ھىسلار

مۇھەببەتنىڭ ھاياتىمدا ئەڭ چوڭ بۇرلۇش ھاسىل قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بىر قىزنىڭ مىنى شۇنچە كونتىرول قىلىۋالغىنىغا قەتتى ئەقلىم يەتمەيدۇ. مۇھەببەت دىسە ئەزەلدىن قىزىقمايدىغان بوپ قالغان ئادەم يەنە بىر قىتىم يەنە شۇ مۇھەببەت كوچىسىغا قەدەم بىسىۋاتىمەن. مۇھەببەت دىسە ئىشەنچ ۋە ساداقەتنى يوقاتقان ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن باشقىلارنى ئالداپلا يۈرىدىغان بۇرۇنقى ئالدامچى مەشۇقۇم ئىسىمگە كىلىپ مۇھەببەتتىن يەنە بىر قىتىم كۆڭلۈم سوۋۇپ كىتەتتى. مەن نىمە بولغاندىمەن. نىمە ئۈچۈن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان بۇ مۇھەببەتنى يەنە نىمىشقا قوغلىشىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيلە قالدىم، خىياللىرىمدىن تىڭىرقايتتىم، شۈركىنەتتىم، ئۆز خىياللىرىمغا نەپرىتىم كىلەتتى. يەنە شۇ مۇھەببەتنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا سىنى خىيال قىلىپ، ئۆزۈمگە ئازاپنى ھەمرا قىلىپ ئولتۇرۋاتىمەن. تەقدىرىم نىمانداق كاجدۇر،  مۇنۇ مۇھەببەت يولىغا كىرە كىرمەيلا ئۆزۈمنىڭ  يەنە مۇھەببەتنىڭ ھىجرانىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ كىشەندە باغلىنىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم.  ھايات يولۇمغا تۇمان پۈركۈلۈپ ئۆزۈمنىڭ قايسى يولدا مىڭىشىمنىمۇ بىلمىدىم.


يۈرىكىم لەختە، يار سىنى ئويلاپ،
كۆزلىرىمدە ياش مەڭزىمنى بويلاپ.
يۈرەتتىم ھەر كۈن سىنىلا ئويلاپ،
ئىيتقىنا ئاشىقلىق  بولدىمۇ گۇناھ؟.



سىغىنسام نە باراي؟ يار سىنى ئىزلەپ،
چۈشۈمدىن ئويغانسام ئۆزۈمنى بەزلەپ.
بىلمىدىم ھەر كۈنى  يۈرىمەن ئەسلەپ.
ئىيتقىنا ئاشىقلىق  بولدىمۇ گۇناھ؟.



ئىپ كەتتىڭ قەلبىمنى نەلەرگە جانان،
ئىزلەپ يار سىنى باراي مەن قايان.
بىلىمەن كۆيگىنىم كۆڭلۈڭگە ئايان،
ئىيتقىنا ئاشىقلىق  بولدىمۇ گۇناھ؟.




يەنە چۇڭقۇر خىياللار ئىلكىدە يول ياقىسىنى بويلاپ كىتىۋاتىمەن، ۋۇجۇدۇمنى بىرلا نەرسە، يەنى مۇھەببەت چىرمىۋالغان ئىدى. كۆزلىرىمدىكى ھەسرەت ئۇچقۇنى كىملەرنىدۇ ماڭا قاراشقا ئۈندەۋاتقاندەك، چىرايىمدىكى غەمكىنلىكنى كۆرگەن كىشىلەر ماڭا ھىسداشلىق قىلماقچى بولغاندەك، يەنە بەزىلىرى مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتقان بىلىنەتتى.  شۇنداقتىمۇ چاندۇرماستىن ئىغىر قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ يەنە يولۇمنى داۋام قىلدىم.



ساڭا كۆيگەندىن بۇيان ساڭا قەلىب ئىزھارىمنى ئىيتالمىغان ئىدىم. ئىيتالمىدىم ئەمەس بەلكى دىيىشكە جۇرئەت قىلالمىدىم.  توغرا مەن جۈرئەت قىلالمىدىم، قانداقتۇر بىر خىل كۈچ ماڭا دىيىشكە يول قويمايۋاتاتتى.  يۈرىكىمنىڭ ئاشۇ پىنھان جايىدىكى سىنىڭ رۇخسارىڭ، ئالىجاناپلىقىڭ ۋە پەزىلىتىڭ سەۋەبلىك مىنىڭ ساڭا كۆڭۈلمنى بىلدۈرەلمىدىم. مەن نىمىمۇ قىلالايتىم، پەقەت ئازابلىنىپ ھەسرىتىمگە ئەجەبلىنىۋاتىمەن. كۆزلىرىمدىكى ھەسرەت ئۇچقۇنىنى كۆرۋاتقانسەن بەلكىم. مانا بۇ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ ئىزناسى.  ئەمما مەن ھىچبىر نەتىجىگە ئىرىشىدىغاندەك ئەمەس. سەن يەنىلا پەرۋاسىز.  ئاھ مۇھەببەت، سىنىڭ ئۈچۈن كىملەر ئازاپلىنىپ، كىملەر بەخىتكە ئىرىشەر ھە. ئاھ مۇھەببەت سىنىڭ ئادىللىقىڭ قىنى؟، پاك نىيەتلىك كۆڭۈللەرنى ئازاپلاپ، رەزىل كۆڭۈللەرنى خوش قىلىۋاتىسەنغۇ؟ بەزىلەرگە ئىشرەت ئىشىكىنى ئىچىپ بىرىۋاتىسەنغۇ.  بەزىلەرگە قونالغۇ بولۇپ يەنە بەزىلەرگە قالقان بولىۋاتىسەنغۇ. قىنى سەندىكى ئادىللىق؟ قىنى سەندىكى سەممىمىيەت؟  ئۆز ئۆزۈمگە خىتاپ قىلاتتىم.



ئەي سۆيگۈ كىملەرگە سايە بولدۇڭسەن،
كىملەرنى ھەسرەتتە داغدا قالدۇرۇپ.
ئىشرەتكە يول ئالدى سەندىن بەزىلەر،
ساداقەت ۋاپانى چەتتە قالدۇرۇپ.



كۆڭۈللەر سەرسانە، قەلىبلەر ۋەيران،
مۇھەببەت سەن ئۈچۈن ھەم، باسقان قەدەملەر،
چىن سۆيگۈ ئوتىدا قەلىبلەر سەرسان،
ھەقىقى سۆيگۈنى ئۇنتۇپ ئادەملەر.



ھەيرانمەن مۇھەببەت سىرلىرىڭغا مەن،
قالدىغۇ چىن ۋاپا ھەسرەتتە، داغدا.
ھەيرانمەن ئىرىشتى رەزىللەر ساڭا،
يۈرەمدۇ سەيلە قىپ بوستاندا باغدا.



ئاھ مۇھەببەت مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن. مەن سىنى كۆڭۈللەر دىلخانىسى، ئاشىقلار گۈلزارى، ئازاپنىڭ شىپاسى، يۈرەكنىڭ غەمخانى دەپ ئويلاپ كەلگەنئىدىم، ئەپسۇس تولىمۇ خاتالىشىپتىمەن. سەن ئەسلى رەزىللەرنىڭ ماكانىكەنسەن ئەمەسمۇ. سەن ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلارغا مەھبۇسلۇقنى، سىنى ئويۇنچۇقتەك ئەركىلەتكەنلەرگە  سائادەت ئىشىكىنى ئىچىۋاتىسەن. بەزىلەر ئەسلىنى ھەتتا نەسلىنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ.  قىنى ئىيتقىنا سەندىكى ئادىللىق نەگە كەتتى.



ۋۇجۇدۇمدىكى ئۆچمەس خىياللار مىنى يەنە ئازاپ قوينىغا باشلايتتى. سىنى ئەسلەش بىلەن ئۆتكەن بۇ كۈنلىرىم قاچان ئاخىرلىشىدىغىننى پەقەتلا بىلمەيتىم. يۈرىكىم سىنىڭ كونتىروللىقىڭغا ئۆتكەندەك، سەن نىمىلا دىسەڭ رەت قىلالمەيدىغاندەك ئىدىم.  راسلا ساڭا ئاشىق بولغان ئوخشايمەن. ئەمما ساڭا بولغان ئاشىقلىقىمنى پەقەت يۈرىكىمدىلا ساقلاي.  بۇ بىر سىر بوپ قالسۇن. مۇھەببەتنىڭ ئازاپ ھەسرىتىنى پەقەت ئۆزۈملا تارتىپ ئۆتۈپ كىتەي، سەن مەڭگۈ بەخىتلىك تۇرمۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن. خوش مەن سۆيگەن، مىنى سۆيدۈرگەن گۈزەل پەرىشتەم. ئاللا  كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەخىتلىك بولغىنىڭنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلغاي.


ئەسلىمىلەر  
  
(توردىكى مۇھەببەت)

كىچە سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، سىرتقا چىقىپ كۆككە قارىدىم. قارىسام ئاي ئاسماندا تەنھا ئەمەس ئۇنىڭغا سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار ھەمرا. ئەمما ماڭىچۇ؟ مەن زىمىندا تەنھا بەندىمەن، سىنى توختىماي كۈيلەپ، مەدىيلەپ ھارمايدىغان سەۋدايى ئاشىق بەندىمەن. تۇرۇپلا سەن يادىمغا يەتتىڭ، بۇ ۋاقىتتا بىز تىخى رومانتىك تۇيغۇلارغا تولغان ئاشىق-مەشۇقلار ئىدۇق. رىئال تۇرمۇشتا دىدار كۆرۈشۈپ سۆيۈشكە ھەم سۆيۈلۈشكە ئىرىشكەنلەردىنمۇ بەخىتلىك ئىدۇق. مانا بۈگۈنمۇ  شىرىن مۇھەببىتىمىز بۇ ئاي سەيلىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى، يەنە تورخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم. سىنى ئويلىساملا پۈتۈن خۇشاللىقلىرىم چىرايىمغىلا چىقاتتى، ھىچقاچان كەلمىگەن كۈلكەم سىنى ئويلىسام پەقەتلا بىسىلمايتى. بارلىق غەم ئەندىشلىرىم كۆتۈرۈلۈپ دۇنيادىكى پۈتكۈل خۇشاللىق پەقەت مىنىڭ چىھرىمگە مۇجەسسەملەنگەندەك شۇنداق خۇشال بولاتتىم. قەدەملىرىمنى تىز ھەم چوڭ-چوڭ ئىلىپ تورخانىغىمۇ يىتىپ كەلدىم، جىزىنى ئاچقۇزدۇمدە ئەڭ ئاۋال قىلغان ئىشىم چ چ رىمنى ئىچىش بولدى. چ چ رىمنى ئىچىپ سىنىڭ چ چ رىڭغا كۆز يۈگۈرتتۇم، سىنىڭ چ چ رىڭمۇ مانا مەن بۇ يەردە دىگەندەك ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى.
  _ ئەسسالام ئەلەيكۇم دۇنيالىقتا بىر مەلىكەم، تىشلىق تۇرۇپسىزمۇ؟ قىيىن ئاتا، قىيىن ئاپاملار تىشلىقتۇ؟ - خۇددى ئۇزۇن يىللىق ئەر-خوتۇنلاردەك ئەھۋال سورايتىم ئۇمۇ بۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى.
  _ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام شاھزادەم. خۇداغا شۇكرى ھەممەيلەن تىشلىق تۇردۇق، سىزمۇ تىشلىق تۇردىڭىزمۇ؟ ئاپاملارچۇ؟ - ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن مەن بەكمۇ خۇشال ئىدىم. ھەر قىتىملىق پاراڭلىرىمىز مانا مۇشۇنداق باشلىناتتى. ئۇنىڭ چ چ باش سۈرىتىگە چىقىرۋالغان چۈمبەل تارتىۋالغان ئايالغا قارىساملا خۇددى ئۇ مىنى ماراۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم، بەلكىم ئۇمۇ مىنىڭ يۈركىمنى مارلاۋاتقان بولسا كىرەك. يۇركىممۇ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە! چۈنكى ئاشىق مەشۇقلارنىڭ قەلبى بىر تۇتاش بولىدۇ،- دە.
_ ئۇزۇن بولدى تورغا چىقمىدىڭىزغۇ؟ نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۇرىسىز؟ - ئۇلاپلا بۇ خەتنى يازدى.
_ نىمىمۇ قىلاتتىم، شۇ بىكاچىلىقتا قايسى چىمەنزارلىقتا يەنە سىزدەك ئىچىلغان گۈل باركىن دەپ ئاشىقلىقتا سايراپ يۇرمەمدىمەن. - دەپ يازدىممەن ئۇنىڭ خىتىگە جاۋابەن ئارقىدىنلا مازاق قىلىشنى ئىپادىلىگەن چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قويدۇم. ئۇمۇ بۇ چاقچاقلارغا كۆنۈك ئىدى.
_ تاپتىڭىزمۇ؟ مەن كۆرەپ باقسام بولامدۇ؟ قانداق گۈل ئۇ سىزدەك بۇلبۇلنى يەنە توختىماي سايراتقۇزغان؟
_ ئەلۋەتتە تاپتىم. ئەگەر كۆرسىڭىز ھەيرانلىقتا ئايلىنىپ قالاسىزمۇ؟ ئۇ بەك چىرايلىقتى.
_ قىنى مەن بىر كۆرەيچۇ؟ قانچىلىك چىرايلىقكىن ھەجەپ ماختاپلا كەتتىڭىز، ئەۋەتىپ باقمامسىز قىنى سۈرىتىنى؟
_ ئەۋەتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. سىز ئۇنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن؟
_ نىمە؟ مەن ئۇنى تونۇمدىم؟ قانداقسىگە ئەمدى؟
_ شۇنداق تونۇيسىز.ئىشەنمىسىڭىز قولىڭىزغا ئەينەكنى ئىلىپ قاراپ بىقىڭە؟ ئۇنىڭ رۇخسارى سىز تۇتۇپ تۇرغان ئەينەكتە كۆرۈنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىسىز.
_ قىنى قاراپ باقايچۇ؟ راسمۇ يالغانمۇ؟
_ قىنى ئەمسە مەرھەمەت قىلىڭ.
_ سىز نىمانداق دۆت. شۇنچە سەت تۇرسىمۇ يەنە چىرايلىق دەۋاتقىننى.
_  ئۇ سىزگە سەت كۆرۈنۈپتۇ دە، ئەمما ماڭا ئۇنداق ئەمەس.
_ شۇنداقمۇ؟
_ ئاڭلىمغانمىتىڭىز لەيلى-مەجنۇننىڭ ھىكايىسىنى مەجنۇن شۇنداق كۆرۈمسىز بولسىمۇ پادىشاھنىڭ قىزى لەيلى ئۇنى ياخشى كۆرگەن. باشقىلار لەيلىدىن سىز نىمىشقا باشقا يىگىت چىقمىغاندەك شۇنچە كۆرۈمسىز بىر يىگىتنى ياخشى كۆرەمسىز دىگەندە لەيلى ئۇنىڭغا مىنىڭ كۆزۈمدە قاراڭلار شۇندىلا  سىلەرگىمۇ شۇنچە كىلىشكەن، سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ دىگەنكەن، شۇڭە سەت بولسىمۇ مىنىڭ كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنسە كىرەك. - يەنە مەسخىرە قىلغاننى ئىپادىلىگەن چ چ ئىپادىسى بىلەن كۈلكىنى ئىپادىلىگەن چىراي ئىپادىسىنى يوللىدىم.
_ نىمە؟ مىنى مازاق قىلىپ دەۋاتامسىز؟
_ دۆت، ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنى كەمسىتسىڭىز شۇنداق بولىدۇ دە. بۇ دىگەن مىنىڭ چاقچىقىم بىلىسىزغۇ مىنى؟
_ بىلىمەن. سىز بەك ئۇماق جۇمۇ.
_ مۇشۇ گەپ بىلەن مىنى بەزلەيمەن دىمەكچىمۇ سىز؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق؟
_ دەڭە ئەمسە قانداق قىلىمەن.
_ قانداق قىلاتتىڭىز مىنى سۆيۈپ قويىسىز؟ قانداق تەلىپىم ئىغىر ئەمەستۇ؟
_  شۇنداقمۇ تەلەپ قويغان بامۇ؟
_ نىمە ماقۇل بولمامسىز؟ تەكەللۇپتىن ئىتائەت ئەلا دەپلا سۆيۋىتىڭە بىرنى.
_ ئو تىخى  ئەمسە مەن پايدا ئاغۇدەكمەندە سىزنى سۆيۈپ.
_ شۇنداق بولىدۇ دە ئەلۋەتتە. قىنى ئەمسە سۆيىڭە. ئەمما ئاۋاز چىقمىسا ئىناۋەتسىز بولىدۇ جۇمۇ ھە.
_ ماڭا قارىڭە ئەمسە. - كامىرا ئوچۇق ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆيدىن تورغا چىقاتتى، ھەم كامىراسىمۇ يوق ئىدى. كامىرانى ئىچىپ قويۇپ خەت ئارقىلىق پاراڭلىشاتتۇق.
_ مانا قارىدىم، - كامىراغا قاراپلا ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمدىن كۈلگۈم كىپ كىتىۋاتاتتى، يەنە باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم.
_ مەن تىخى سۆيمىدىم، نىمانداق باشقا تەرەپكە قارىۋالىسىز؟
_ نىمىشقىكىن بەكلا كۈلگۈم كىلىۋاتىدۇ. سىزمۇ ئىكراندا كۆرۈنگەن بولسىڭىز ئۇنداق بولماستى بەلكىم.
_ ھە. ئەمدى كۈلمەڭ ھە سىزنى سۆيۈپ قوياي.
_ ماقۇل ئەمسە قارىدىم. _ مۇنۇ خەتنى يوللىۋىتىپ يەنە كامىراغا قارىدىم، يەنە ئىلگىركىدەكلا كۈلكە تۇتقان ئىدى، يەنە باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم.
_ يەنە كۈلىسىزغۇ؟ ئەمما سۆيۋالدىم بۇ قىتىم. - ئۇ سۆيۈشۈپ تۇرغان چ چ ئىپادىسىنى ئەۋەتتى.
_ سىز سۆيۈپ قويىمەن دەپ بەك خوش بوپ كەتكەن ئوخشايمەن شۇڭا، ئەمدى سۆيۈش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندۇ؟
_ سىزمۇ سۆيەمسىز؟ دىدى ۇ نازلانغان ئىپادىنى ئەۋەتىپ
_ ئەلۋەتتە، سىزنىمۇ سۆيگىلى قويدۇمغۇ؟ ئەمدى مىنى سۆيگىلى قويمامسىز؟
_ قىلىنلىقىنى ئوزىڭىز سۆيىسىز دەپ تۇرۋالغان تۇرسىڭىز. سۆيگىلى قويدۇم دەيدۇ تىخى. - مازاق قىلغان ئىپادە بىلەن كۈلگەن ئىپادىنى ئەۋەتىپ قويدۇم.
_ شۇنداق دەپ سۆيگىلى قويمامسىز؟ - خۇددى ئەمەلىيەتتە راس سۆيىدىغاندەكلا چىڭ تۇرۋالغان ئىدىم.
_ بوپتۇ سۆيىڭە ئەمسە؟ ئۇ ئاخىرى ماقۇل بولدى.
_ سۆيدۈم ئەمسە. -دىگەن خەتنى يوللاپ بولۇپ كامىراغا قارىدىم دە ئۇنىڭغا قاراپ سۆيۈشنى ئىپادىلىدىم. - ھە. قۇلىقىڭىزدىن تۇتۇپ تۇرۇپ سۆيدۈمغۇ تازا.
_ سۆيۈڭ دىسە شۇنداقمۇ سۆيىدىكەنسىز ھە، ھەجەپ ئاغرىدى قۇلۇغۇم ئەسكى. - ئۇ يەنە نازلىنىشنى ئىپادىلىگەن ئىپادىنى ئەۋەتتى. بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ تاسلا قاپتىمەن ئاۋازىمنى چىقىرىپ كۈلۈپ تاشلىغىلى. كۈلگەن ئىپادە بىلەن مازاق قىلىش ئىپادىسىنى يەنە ئەۋەتتىم.
_  ئىسىڭىزدىن چىقمىسۇن دەپ شۇنداق سۆيدۈم ئەمدى مىنى ئۇنتۇپ قالمايسىز.
_ راسلا ئۇنتىيالمىغۇدەك سۆيدىڭىز، سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن.
_ مەنمۇ شۇ. - مانا مۇشۇنداق شىرىن مۇھەببەت سۆزلىرىنى قىلىشىپ يىرىم كىچىدىنمۇ ئۆتۈپ قالغان ئىدى.
_ يىرىم كىچىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ ئەمدى ئۇخلاڭ سۆيۈملۈكۈم.
_ ماقۇل سىزمۇ ئارام ئىلىڭ ئەتە ئىشقا بارىسىز ھەقاچان.
_ مەنمۇ ئۇخلايمەن، ياخشى چۈش كۆرۈڭ تاتلىقىم، چۈشىڭىزدە مىنى كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ ھە. مەنمۇ سىزنى كۆرىمەن چۈشۈمدە.
_ ماقۇل، ئۇماق بوۋىقىم بولغان بولسىڭىز قۇچۇغۇمغا ئىلىپ ئەللەي ئىتىپ ئۇخلىتاتتىم، ئەپسۇس سىز يوقتە.
_ شۇ ئەمەسمۇ مىنىڭمۇ كۇچۇغىڭىزدە ئەللەيلىنىپ يىتىشنى بەك ئۈمىد قىلىمەن، ئاللا خالىسا شۇ كۈنلەرمۇ كىلىپ قالار.
_ ئاللا خالىسا بوۋىقىمنىڭ بۇلمىقىنى ئۆزۈم تەييارلاپ بىرىمەن كىيىن، ئەللەي ئىتىپ ئۇخلىتىمەن تىخى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مىنى بەكمۇ خۇشال قىلاتتى.
_ مەنمۇ سىزنىڭ تەييارلاپ بەرگەن بۇلمىقىڭىزنى يىگۈم بار، ئۇلۇغ ئاللا شۇ كۈنلەرگە نىسىپ قىلسۇن.  ھەر ئىككىلىمىز ئاللاھتىن تىلەيتۇق. ئەمدى ئۇخلاڭ ئاللاغا ئامانەت.
_ ماقۇل بوۋىقىم سىزمۇ ئۇخلاڭ ئاللاغا ئامانەت.
بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلىشاتتۇق، تاكى سىنىڭ چ چ رىڭ ئۆچكىچە قاراپ ئولتۇراتتىم، چ چ رىڭ ئۆچكەن ۋاقىتتا ئاندىن باشقا ئىشلىرىمنى قىلاتتىم، ياكى ئارام ئالاتتىم. سەن بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ ئۆزۈمدىن مەمنۇنلۇق ھىس قىلغان ھالدا كۈلۈپ قوياتتىم، ئۇخلاش ئۈچۈن كۈزۈمنى يۇمساممۇ قىلىشقان پاراڭلىرىمىز قۇلاق تۈۋىمدە تەكرارلىنىپ خىلىغىچە ئۇيقۇم كەلمەيتى.
خىيال دىگەن يۈگەنسىز ئات دەپ توغرا ئىيتىپتىكەن سىنى ئويلىساملا كەلگۈسۈم توغرۇلۇق تىخىمۇ چۇڭقۇر خىياللارغا پىتىپ كىتەتتىم، پەرزەنىتلىك بولۇپ شۇ پەرزەنتىمىزنى تەربىيلەپ قاتاغا قوشۇپ خۇددى نەۋرە كۆرگەندەك بوپمۇ قالاتتىم، توۋا خىيال دىگەن ئەنە شۇنداق بولىدىكەن، بىردەمسىلا بالىلىق ھالىتىگە قايىتسا يەنە بىردەمدىلا بوۋاي موماي بولۇشۇپ نەۋرىلىرىنى بىقىۋاتقان. ئەمما رىئاللىق بۇ خىياللىرىمىزنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى، مانا ئۇزۇندىن بىرى سەن بىلەن مۇھەببەتنىڭ شىرىن شەربەت تىمىپ تۇرىدىغان بۇلاقلىرىدىن تەڭ سۇ ئىچكەن تۇرۇقلۇق جامالىڭنى كۆرۈشمۇ ماڭا نىسىپ بولمىدى، ھازىرقىدەك بۇنداق بولىشىمىزنى كىم ئويلىغان، دۇنيا ئەنە شۇنداق ۋاپاسىز، رىئاللىق ئەنە شۇنداق رەھىمسىز، دىدار كۆرۈشمەي تۇرۇپ يەنە ئايرىلدۇق. بەلكىم بۇمۇ پىشانەمدۇر، ئاللا خالىسا بىر كۈن ئەمەس بىر كۈن كۆرۈشۈپ قالارمىز.
نىكا غايىپ، جۇدا غايىپ دىگەندەك رىسىقىمىزمۇ قوشۇلۇپ بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلىنىپ قالامدۇق تىخى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتلار كەلگەندە سەن تەييارلىغان بۇلماقنى كۈندە يەيمەن دە، يىگەنچە تويماي كىتىمەن، چۈنكى سىنىڭ ئاشۇ نازۇك يۇمران قوللىرىڭدا ئەتكەن بۇلماق چوقۇم ئوخشايدۇ. خەيىر ئامان بولغىن گۈلۈم چوڭ بولماس بوۋىقىڭ  : xxxتىن .

  
            


سىنىلا سۆيىمەن



مەن يىغا بىلەن بۇ دۇنياغا تۇغۇلدۇم، ئۆلگەندىمۇ بۇ يىغامنى بۇ دۇنياغا مىراس قالدۇرۇپ كىتىمەن.
مىنىڭ تۇرمۇشۇم، گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولغان، مانا ئەمدى بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپنىمۇ يەنە مۇشۇ دۇنيا بەردى.  راھەت بولسا جاپا بولمىسا، سىغىنىش بولمىسا ئازاپ بولمىسا  دەپ گايى ۋاقىتلاردا كۆپ ئويلايتىم، ئەمما مىنىڭ بۇ ئويلىغانلىرىم خاتا ئىكەن،  چۈنكى راھەت بولۇپ جاپا بولمىسا سەن ھىچنىمىنىڭ قەدرىنى بىلمەي ئۆلۈپ كىتىدىكەنسەن. سىغىنىش بولۇپ ئازاپ بولمىسا سەن سۆيگەن شۇ قىزنىڭ يەنى مەشۇقىڭنىڭ سەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنسەن
ھەممىلا كىشى ھاياتىنىڭ مەنىلىك گۈزەل بولغان مۇھەببەتلىك ئەسلىمىلەر بىزىلىشىنى خالىمسۇن. ھەر كىم ئۆز ھاياتىنىڭ خۇشاللىققا، كۈلكىگە تولىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما مىنىڭ ھاياتىم ھىجرانلىق سىغىنىش بىلەن داۋام قىلماقتا، ھاياتىمنىڭ باغۇ-بوستانلىرى ئاللىبۇرۇن يوقالغان ئۇ يەنە قايتا مەۋجۇت بولارمۇ؟ ھىجران مۇڭلىرىغا تولغان بۇ كۈنلىرىم ئاخىرلىشىپ مەن كۈتكەن كۈن قاچانمۇ كىلەر ھە؟ توۋا مانا ئەمدى مۇھەببەتنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى  ھىس قىلۋاتىمەن.
ئازاپلىق قان ياشلىرىغا تولغان كۆزۈم كۆيۈپ كۈل بولغان قەلبىم، ھىجران نەشتەرلىرى سانجىلغان ئوتلۇق يۈرىكىم،غەمگە تولغان نۇرسىز كۆزلىرىم، ساماندەك سارغايغان ئوتلۇق يۈرىكىمگە كۈلكىنى نىقاپ قىلىپ قايغۇ-ئەلەملىرىمنى يۇشۇرۇپ كىلىۋاتماقتىمەن.
ھەر كۈنى سۆيگەن ئادىمىمنىڭ كۈنىگە خەيرىلىك تىلەپ ئۆزۈم بولسا ھىجران مۇڭلىرىغا جۆر بولۇپ ھاياتىمنى سىغىنىش ۋە تەشنالىق ئىلكىدە سىنى كۈتمەكتىمەن. لىكىن سەن پەرۋاسىز.
ئەي قەلىب قەسىرىم دەرۋازىسىنى چىكىپ پىنھان تۇيغۇلىرىمنى قوزغاتقان سۆيۈملۈك قىزچاق، ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرما. سۆيگۈ بىغىدا كۆكلىگەن يۇمران مايسىلارنى قۇرتىۋەتمە. ئۇ سىنىڭ پەرۋىش قىلىشىڭغا مۇھتاج. ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان شۇ مايسىلارنى شىرىن شەربەتلىرىڭ بىلەن سۇغرۇپ قوي.
ھەي سۆيۈملۈك دىلبىرىم سەن ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى.
سەن سۆيگۈ بىغىدا ئىچىلغان ئەتىرگۈل.
سەن تۇننى يورۇتقان ئاي.
سەن قەلىب ئالىمىمنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرگەن قۇياش.
ئەي قەلبىمدىكى قىز! قەلىب سادالىرىمغا قۇلاق سال. سويگۈمنى ھىجراننىڭ قۇربانى قىلما. تەڭرى ئاتا قىلغان مەندىكى بۇ پاك قەلىب، بىغۇبار يۈرەكنىڭ ھەر ۋاقىت سەن بىلەن بىللە بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.  سىنى ئەبەدى سۆيىمەن. تاكى كۆزۈم يۇمۇلغىچە.  بۇ مۇشتۇمدەك يۈرەك  ھەرقاچان  ساڭا  تەئەللۇق.



مەڭگۈلۈك مۇھەببەت


سەن قەيەردە گۈلۈم؟ مىنىڭ ھەسرەت پىغان بىلەن ئۆرتەنگەن يۈرىكىمنى كۆرگۈڭ يوقمۇ؟  ئەمما مەن يەنىلا كۈلىۋاتىمەن، بۇ كۈلكە چىرايىمدىكى نىقاپ خالاس،  ئەمما يۈرىكىمدىكى ئاشۇ ھەسرەت داغلىرىنى سىنىڭ مۇھەببىتىڭدىن باشقا ھىچنىمە سۈرتەلمەيدۇ؟ سەن ئاشۇ ھەسرەت داغلىرىنى يوقۇتىشنى خالامسەن گۈلۈم؟ ئىشىق ئوتىدا سەرسانە بولۇپ ھىجران چۆللىرىدە چاڭقاپ ھالسىزلانغان شۇ يۈرەككە سۆيگۈ بۇلاقلىرىنىڭ شەربەتلىرىدىن تۇتارسەنمۇ؟  
تەقدىرنىڭ رەھىمسىز قىسمەتلىرى قولۇمدىن تارتقىنىچە مىنى ھايات ماماتلىق سەھنىسىگە ئىلىپ چىقتى. كۈلكە خۇشاللىقلىرىم، گۈزەل ئەسلىمىلىك كۈنلىرىم، شۇ خاتىرجەم غەمسىز كۈنلىرىم مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقاندەك قوللىرىنى پۇلاڭلاتماقتا. كىتىۋاتىمەن.  مۇقەددەس سۆيگۈ  شەھەرچىسى مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ ھىجران چۆلىگە تاشلاندىم، بۇ يەردە نە كۈلكە، نە تەبەسسۇم بولسۇن، خۇددى قەبرىستانلىقتەك سۈرلۈك. . . . .  .
يامغۇر قاتتىق ياغماقتا، بۇ يامغۇر مىنىڭ ھەسرەت پىغانلىرىمغا چىدىماي بۇ دۇنيانىڭ  مەن ئۈچۈن تۆككەن كۆز يىشى. .  يامغۇر خۇددى قەلبىمدىكى ھىجران داغلىرىنى سۈرتىۋەتمەكچى بولغاندەك تىخىمۇ قاتتىق چۈشمەكتە ئىدى، يامغۇر سۈيى يول گىرۋەكلىرىدىن كىچىك ئىرىقلارنى ھاسىل قىلغان ئىدى، خۇددى بىراۋدىن نىجاتلىق تىلەۋاتقاندەك يامغۇردا يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم، ئىككى قولۇمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ كۆككە قاراپ بار ئاۋازىم بىلەن نالە پەريات قىلاتتىم.  
_  ئەي سۆيۈملۈك ئەزىزىم سەن زادى قەيەردە؟ مەندەك بىر ئاشىقنىڭ سەن ئۈچۈن كۆيۈپ كۈل بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتامسەن؟   ئاھ خۇدا  مەشۇقسىز ئاشىقلىققا مۇپتىلا قىلغۇچە ئامانىتىڭنى ئالساڭ بولمامدۇ؟ ئۈستى بىشىمدىن چۈشكەن يامغۇر كۆز يىشىم بىلەن قوشۇلۇپ مەڭزىمنى بويلاپ يەرگە چۈشەتتى، قولۇمنىڭ ئالقىنى بىلەن يەرگە ئۇراتتىم.  
_ مەن نىمە قىلىشىم كىرەك؟ بۇ ھاياتتىن ماڭا ھىچ قانداق مەنا بولمىسا، بۇنداق ياشىغاننىڭ نىمە ئەھمىيتى؟ كەچۈر سۆيۈملۈكۈم، سىنى بۇ دۇنياغا يالغۇز تاشلاپ كىتىدىغان بولدۇم، بەلكىم بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كىرەك،  ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان سىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن، ۋاپا ساداقەت بىلەن تولغان مۇھەببەتكە سادىق بۇ ئوتلۇق يۈرىگىمدىن ساڭا مۇھەببىتىمنى يالداما قىلىپ سەن ۋە بۇ دۇنيادىن خوشلاشماقچىمەن، بەلكىم بۇمۇ  تەقدىر قىسمەتلىرىمنىڭ بىرى بولسا  كىرەك،  سىنى سۆيىمەن جىنىم!  مەڭگۈ، مەڭگۈ سىنى سۆيىمەن، ھەممىنى ئۇنۇتقىن ئەمما مىنىڭ  تاكى ئۆلگۈچە سىنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئۇنۇتما!
خەيىر گۈلۈم ئەلۋىدا ! ! !      

دەرتـمـەن ئـاشـىـق





  ھەر كېچە ھوجرامدا تەنھا ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتاتتىم . سېنى چوڭقۇر سېغىنىش ، ھاياجانلىق غايە، ئىستەكلەر بىلەن ئەسلەيتىم . ئەپسۇس سەندىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ ھىجران ئاتلىق خەنجەر يۈرىكىمگە چوڭقۇر قادىلىپ غايە ئۈمىدلىرىمنى بەربات قىلغان ئىدى.



  مانا بۈگۈنمۇ ھوجرامدا تەنھامەن ،  ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ ئاستا دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم- دە كۆككە باقتىم. يۇلتۇزلار كۆز قىسىپ مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى ، تۇلۇن ئايمۇ پۈتكۈل جاھاندىكى كىشىلەر ئارىسىدىن پەقەت ماڭىلا قاراپ تۇرغاندەك قىلاتتى .  مەن دېرىزە يىنىغا قويۇلغان ئۈستەل ئۈستىدىكى سۈرىتىڭنى قولۇمغا ئالدىم ، شۇئان سەن بىلەن سىرداشقان گۈزەل ئاخشاملار ، بىرگە سەيلە قىلغان بوستان باغلار  كۆز ئالدىمدىن سىنارىيە قىلىمىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى .


  كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش تامچىسى ماڭزىمنى بويلاپ يەرگە چۈشتى دە سىڭىپ كەتتى.  
  ئويلاپ قالىمەن كۆز يىشىم يەرگە سىڭىپ غايىپ بولغىنىدەك مۇھەببەتنىڭ ھىجران ئازاپلىرىمۇ  يوقالسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە ؟!

  قارىغىنا گۈلۈم، كۆز ياشلىرىمنى كۆرۈپ، ھەسرىتىمگە چىدىمىدىمۇ ئايمۇ ، بۇلۇت كەينىگە مۈكتى، يۇلتۇزلارمۇ  ئايغا ئەگىشىپ ئاسماندىن غايىپ بولدى، ئاسماندا پەقەت ئاندا ساندا يۇلتۇزلارلا قېلىپ قالغان ئىدى.
بەزى ئاشىق مەشۇقلارغا شۇنداق مەسلىكىم كىلىدۇ ، ئۇلار ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ بۇلۇت كەينىگە تەڭ ئۆتكىنىگە ئوخشاش، جاپا مۇشاقەتتىمۇ ، راھەت ھالاۋەتتىمۇ تەڭ بولىدىكەن . يەنە بەزىلىرى ئاسماندا قېلىپ قالغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بىر بىرىدىن ئايرىلىپ ھىجران ئازابى تارتىپ يۈرىشىدىكەن . ھەم بىر يەرگە جەم بولمىقىمۇ تەس ئىكەن .  توۋا بۇ دۇنيا نىمىدىگەن شەپقەتسىز ھە ؟!
  « قېنى ئىنسانلاردىكى سەمىمىيەت ؟ قىنى ئۇلاردىكى گۈزەللىك ؟ قىنى ئۇلاردىكى شەرمى ھايا ؟ ئەخلاق پەزىلەت ؟ قىنى ئۇلاردىكى ۋاپادارلىق ؟ ئاق كۆڭۈللۈك، قىنى ئۇلاردىكى ۋىجدان، غورۇر؟؟؟ ..... » دەپ ئۆز ئۆزۈمگە خىتاپ قىلاتتىم.   
  قېنى ئېيتقىنا گۈلۈم ، كۆزلىرىمدىكى ياش تامچىسىنى كۆرەلىدىڭمۇ؟ كۆزلىرىمدىكى ياش ئەمەس بەلكى مۇھەببەتنىڭ ھىجران چۆللىرىدە  سەن قازغان بۇلاقنىڭ سۈيى،  شۇڭا ئۇ ئاچچىق . قايسى بىر ئىشىق ئەھلى بۇنداق سۈيى ئاچچىق بۇلاقنىڭ بولىشىنى خالىسۇن.  ئۇلار ئۆزلىرىگە كۈلكە خەزىنىسى ئىزدىشىدۇ . سەمىمى ساداقەتمەنلىك، ۋاپادارلىق ، مانا بۇلار ئۇلار ھەم بىز ئىزدەۋاتقان كۈلكە خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى . ئەگەر بۇلار بولمايدىكەن سۈيى ئاچچىق بۇلاقنىڭ پەيدا بولغىنى بولغان .

  بىلەمسەن ئەزىزىم،  سىنى ياخشى كۆرەتتىم ، بارلىقىم ، بەختىم دەپ بىلەتتىم.  ئاخىردا ماڭا قالدۇرغىنىڭ ئازاپلا بولدى خالاس. سەنچۇ؟  بەخىتلىك ئۆتىۋاتامسەن؟ جاۋاپ بەرگىنە؟ سەن مىنى ئازاپلاش بەدىلىگە بەخىتلىك بولالىغانسەنمۇ؟  مەن كۈندە ئاللادىن تىلەپ تۇرىمەن  بەخىتلىك بولغىن، مىنىڭ بىشىمغا كەلگەن ئاشىقلىق سىنىڭ بىشىڭغا كەلمىسۇن،  مەنمۇ  كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم كۈلىمەن،  سەن ئاڭلىغۇدەك، پۈتكۈل جاھان ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلىمەن.  شۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ كۈلكىسى قوشۇلۇپ قالامدۇ تىخى.  

مۇز قاپلىغان سۆيگۈ


خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن مەھرۇم قىلىپ، سازلىققا چۈشكەن بىلىجاندەك ئەركىن نەپەس ئىلىشىممۇ قىيىن بولۇپ، مۇشۇ سازلىقتىن بىر ئۆمۈر چىقالمايدىغاندەك، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى قىسمى ئازاپلىق كۈنلەر بىلەن داۋاملىشىدىغاندەك، چەكسىز سۈكۈنات ئىچىدە قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇرماقتىمەن. خخياللىرىم مىنى سەندىن ئايرىلغان ئاشۇ مىنۇت،ۋە دەقىقىلەردىن يەنە مىنى خەۋەردار قىلماقتا. ئاشۇ ئازاپلىق ئۆتمۈش يەنە كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە.

سەن ئىلگىركىدەكلا روھلۇق، ئىلگىركىدەكلا خۇشال كۆرۈنەتتىڭ. ئەمما شۇ خۇشال كۈلكەڭنىڭ ئارىسىدا يەنە قانداقتۇر بىر ئازاپنى تەڭ ئىلىپ كىلىشىڭنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدىم.
بىزبۇرۇنقىدەك خۇشال پاراڭلىرىمىزنى قىلىشتۇق، سەن بىر دىنلا  تىما يۆتكەپ سۆزلىدىڭ. سىنىڭ يوتكىگەن تىماڭنىڭ مەزمۇنى ئىسلام توغرىسىدا ئىدى.      
                             
; قەبرىنىڭ بىزگە دەيدىغان بەش جۇملە سۆزى   
1
-مەن يالغۇزلۇققا تولغان يىگانە ئۆي ،ئەگەر قورقساڭلار بىر دوستۇڭلارنى بىرگە ئېلىپ كىلىڭلار ،ئۇ بولسىمۇ قۇرئانى كەرىمنى جىق ئۇقۇڭلار !

2-مەن بىر قاراڭغۇ ئۆي ،ئەگەر قورقساڭلار بىر چىراق ئېلىپ كىلىڭلار ،ئۇ بولسىمۇ كىچىسى نامازنى جىق ئۇقۇڭلار !

3-مەن تۇپراقنىڭ ئۆيى، ئەگەر مىنى بىزىمەكچى بولساڭلار تەلتۈكۈس تەييارلىق بىلەن كىلىڭلار،ئۇ بولسىمۇ فەرىز ۋە سۈننەتنى ۋاقتىدا تۇلۇق ئىجىرا قىلىڭلار !

4-مەن چايان ۋە ئىلاننىڭ ئۆيى ،ئەگەر قورقساڭلار كۆپلەپ تەسبىي ئۇقۇڭلار !

5-مەن پەرىشتىلەرنىڭ سورىقى بولىدىغان ئۆي،ئەگەر قورقساڭلار ئىسلامىي بىلىملەرنى كۆپ ئۈگىنىڭلار !


سىنىڭ ئىيتقانلىرىڭ دەل مۇشۇلار ئىدى. سەن بۇنى شاتنۇر مۇنبىردىكى پىنھان دەپ كىرگەن تورداشنىڭ يوللىغان تىمىسى ئىكەنلىكىنى ئىيتتىڭ.  بىلىمەن، سەن ئىسلام توغرىسىدا مەندىن كۆپ بىلىملىك، سەن ئىلگىرىمۇ ماڭا ئىسلام دىنىدا مۇھەببەتلىشىشكە بولمايدۇ، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن ئىدىڭ، مەن يۈسۈپ زىلەيخانىڭ مۇھەببىتى توغرىسىدا سۆزلىسەممۇ سەن يەنىلا قايىل بولمىغان ئىدىڭ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن سۆزلەپ يەنىلا ئايرىلىپ كىتىەيلى دىگەن گىپىڭدە چىڭ تۇرۋالغان ئىدىڭ. مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئۇلۇق قۇدرەتلىك بولسا كىرەك، سەندىن ئايرىلىشقا قىيماي يالغان ۋەقە تۇغدۇردۇم، قاتناش ھادىسىدە پۇتۇمنىڭ سۇنغانلىقى تۇغرىسىدا دوستۇمنىڭ چ چ رىدا ساڭا خەت يوللىدىم. گىپىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۈندە تورغا چىقىپ سەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان چچ رىمنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئىچىۋالىدىغان بولدۇم. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا زىرىكىپ تورغا چىققانلىقىمنى، يەنە يۈز بەرمىگەن قاتناش ھادىسىنى راس قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىدىم.  شۇنداق ساختىلىقلار ئارقىلىق سىنىڭ ھىسداشلىقىڭغا، ئىلگىرىكى مۇھەببىتىڭگە ئىرىشىشنى ئويلىغان ئىدىم. دوستۇمنىڭ چچ رىدا سىنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىشىڭ، ئەمدى ئايرىلىش توغرىسىدا گەپ قىلماسلىقىڭ توغرىسىدا خەت يىزىپ، يوقۇتۇپ قۇيغان مۇھەببىتىمنى يەنە قايتۇرۋالدىم. بىز ئىلگىركىدىنمۇ ئامراق بولۇپ كەتتۇق. كىشىلىك تۇرمۇشتا كۈلكەڭدىن يىغاڭ كۆپ بولىدىكەن. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنە سەن ئايرىلىش توغرىسىدا گەپ قىلدىڭ، سىنىڭ بۇ گىپىڭنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم ئىغىر يۈكنىڭ ئاستىدا قالغاندەك بولدۇم.  كىچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزنى ئەسكە سالىدىغان بىر قۇپ ئويماقتاك كۆزلىرىڭ يەرگە قارىۋالغان بولۇپ، خۇددى مەندىن كەچۈرۈشنى ئۈمىت قىلغاندەك بىشىڭنى كۆتۈرمەستىن كۆزۈڭنىڭ قۇيرىقىدا يەر بىقىپ ماڭا قارىدىڭ.  شۇ تاپتا ئىغىزىمغا بىر نەرسە كەپلەپ قويغاندەك گەپ قىلالماي بىر ئاز قاراپ تۇردۇم. كەلگۈسى ئۈمىدلىرىم، بۈيۈك ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ مۇشۇ بىر ئىغىز سۆزۈڭنىڭ قۇربانى بولىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانكەنمەن. مەن ئۆزۈمنى بىسىۋىلىپ ئاران ساڭا گەپ قىلالىدىم.
- سىز راسلا ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
- كەچۈرۈڭ. ئاللانىڭ ئازابى قاتتىق. سىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. بىز قاتتىق گۇناھ يولىغا كىتىۋاتىمىز.
- سەۋەپ شۇما؟ - قايتىلاپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
- ھەئە.  - ئۇنىڭ جاۋابى بىر ئىغىزلا بولدى.
- بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز نىمىگە ھىساپ، ئەمدى شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ سۇغا تەشنا بولغان بىلىقتەك يۈرەمدۇق. - ئاۋازىم تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
- ئاللانىڭ بۇيرىغان ئەمەللىرىنى قىلسىاق ئاللا بىزگە چەكسىز بەخىت ئاتا قىلىدۇ.
- ئەجىبا سىز دەۋاتقان چەكسىز بەخىتنىڭ ئىچىدە سىزدىن ئايرىلىپ قىلىشمۇ بامۇ؟ مەن نىمانداق شور پىشانە، پىشانەم كەينىمگە ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ. - ئاۋازىم تىخىمۇ زەئىپلەشتى.
- ئۇنداق دىمەڭ.
- ھەقىقەت شۇنداق دەۋاتسا، ماڭا نىمە ئامال.
- ئاللانىڭ كۈنلىرىگە شۈكرى قىلىشىمىز كىرەك. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچى. ئۇ يەنىلا شۇ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغاندەك قىلاتتى.
- نىمىدىگەن قاملاشقان سۆزلەر بۇ، مۇشۇ سۆزلىرىڭىزنى دىيىش ئارقىلىق مىنى ۋاز كىچىڭ دىمەكچىمۇ سىز.
- بۇ مەن دەۋالغان سۆزلەر ئەمەس، بۇ ھەقىقەت. تەقدىرگە تەن بىرىشىمىز كىرەك.
- مەن يىغلايمۇ؟ كۈلەيمۇ؟ توۋا بۇ دۇنيا نىمىدىگەن شەپقەتسىز. - ئامال با سەندىن كۆزلىرىمنى قاچۇراتتىم، كۆزلىرىمدىكى ياش يۇقىنى كۆرۈپ قىلىشىڭدىن ئەنسىرەيتىم، ئاۋازىمنىڭ تىترەپ چىقىشىدىن چىشىمنى چىشلەپ ئاچچىق كەلگەن يىغىدىن ئۆزۈمنى ئاراندا توىتۇتۇپ سۆزلەيتىم.
- بىز ئاللانىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتىشىمىز كىرەك. بۇ ئاللانىڭ سىنىقى، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى سىناق. ئاللانىڭ تۇرلۇك سىناقلىرىدىن ئۆتسەكلا ئۇ دۇنيا ۋە بۇدۇنيادا  مەڭگۈ بەخىتلىك بولالايمىز.
- نىمىدىگەن تەسىرلىك سۆز ھە. قايىل بولماي دىسە ئورۇنلۇق، قايىل بولاي دىسە بىرى تاشلاپ كىتىمەن ئۆلسەڭ ئۆل دەۋاتقان.  نىمىشقا كۆيدۈم نىمىشقا ئايرىلدىم، يەنە نىمىشقا ئازاپلاندىم، توۋا بۇ قىسمەتلەرنى. - سەن بىر ئاز سۈكۈت قىلىپ تۇرغاندىن كىيىن يەنە داۋاملاشتۇردۇڭ.
- قەدەمدە بىر سىناق، بۇ سىناقلاردىن چوقۇم غەلبىلىك ئۆتىشىمىز كىرەك.
- مەن چىدىمىدىم، بەرداشلىق بىرەلمىدىم، ئەجىبا بۇ سىناقلار پەقەت بىز ئۈچۈنلىما؟
- ھىدايەت يولىنى بىلگۈچىلەر ئۈچۈن. - ئىككىلەنمەيلا جاۋاپ بەردىڭ. سىناقلاردىن ئۆتسىڭىزلا مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئىرىشىسىز.
- مەن ئىرىشتىم، مەڭگۈلۈك ئازاپقا ئىرىشتىم.
- ئەجىبا مەن ئازاپلانمىدىممۇ؟ -  كۆزلىرىمگە ھەيرانلىق بىلەن خۇددى ئاڭلاپ باقمىغان سۆزنى ئاڭلىغاندەك قاردىڭ.
- سىز بۇ ئازاپلاردىن خىلىلا يىراق.
- سىز شۇنداق ئويلامسىز؟
- تاشلىۋىتىلگەن نەرسىنىڭ تاشلىۋەتكۈچىگە نىمە كىرىكى، ئەمما ئاشۇ تاشلىۋىتىلگەن نەرسە ئۈچۈن ئىگىسى كىرەك، ئۇ ئىگىسىگە مۇھتاج.
دۇنيا كۆزلىرىمگە بارغانسىرى غۇۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىرى ئۇستۈمگە ئىغىر يۈك ئارتىپ قويغاندەك ئىغىر تىناتتىم. توغرائازاپلانغىنى مەنلا ئەمەس سەنمۇ ئازاپلانغان ئىدىڭ، سەن يىراقلاردىن كۆزۈڭنى ئۈزمەي قارايتتىڭ،  مىنىڭ سىنى خاتا چۈشەنگەنلىكىمنى ئىتىراپ قىلغاندەك  كۆزلىرىڭدىن مۇنچاقتەك ئىككى تامچە ياش يۈزىڭنى بويلاپ چۈشكەنچە قارا تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن ئىدى.

ئازاپلىق ئەسلىمە



نەسىر


بۈگۈن كىچە زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى، دەرىزىنى ئىچىۋىتىپ كۆككە تەلمۈردۈم، خۇددى سەن يۇلتۇزلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغاندەك يۇلتۇزلاردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قارايتتىم. ئەپسۇس بىر كىچە ئەمەس ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە قاراپ ئولتۇرساممۇ سىنىڭ يۇلتۇزلار ئارىسىغا پەيدا بولىشىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەمما سەن قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەس چولپان يۇلتۇزى.  بۇ يۇلتۇزنى كۆرگىنىمدە سەن قەلىب ئىكرانىمدىن ئۆتكەچ مەندىن ئەھۋال سورايتتىڭ.
سەن زىمىنغا چۈشكەن پەرىشتە، مىنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ شۇنداق. سىنى پەقەت چۈشلىرىمدىلا كۆرۈش پىشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كىرەك. ئەمما رىئاللىق قولۇمدىن تارتقانچە مىنى ئازاپ دىڭىزىغا تاشلىدى. بۇ يەردە شۇنداق ئىچىنىشلىق نالە پەرياتلار بىلەن ياشىدىم. توغرا مەن كىم ئۈچۈن ياشىدىم؟ ئەلۋەتتە سەن ئۈچۈن بولدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىڭ مۇھەببىتىڭگە چوقۇم ئىرىشىمەن دەپ ئويلايتتىم، شۇڭا تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن مەردانە ياشىدىم، بەلكىم بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدۇر.
قەلبىمدىكى ئوبرازىڭ بويىچە بىر پارچە سۈرىتىڭنى سىزىپ چىقتىم، بۇ سۈرىتىڭنى قەلب مۇنبىرىمدىكى گۈل دەستىلەر ئارىسىغا تىزدىم، سۈرىتىڭ گۈل دەستىلەر ئارىسىدا تىخىمۇ كۆركەم، تىخىمۇ گۈزەل، تىخىمۇ يىقىملىق بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. خىياللىرىم ئارىسىدا ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم، تەسەۋۇرۇمدىكى شۇ سىمايەڭ مۇھەببەت لىرىكىسى بىلەن ئىيتىلغان يىقىملىق ناخشىدەك قەلىب تارىمنى چىكەتتى، بۇ يارقىن مۇھەببەت كۈيلىرى قەلبىمنى چۇڭقۇر ھاياجانغا سىلىپ ئىسىمنى بىلەلمىگۈدەك ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
يۈرىكىم سوقىۋاتاتتى، ئۇ ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەننىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، ئۇزاقتىن بىرى تەشنالىقتا تەلمۈرۈپ كۈتىۋاتقان باشقا يۈرەكنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن سوقىۋاتاتتى. يۈرىگىم ئۇسسىغان ئىدى، ئۇنىڭ سۆيگۈ بۇلاقلىرىدىن قىنىپ ۋىسال شەربەتلىرىنى ئىچكۈسى كەلگەن ئىدى، ئەپسۇس ئۇ ھىقران باياۋانلىرىدىن ئازاپ چاڭ توزانلىرىنى سۈمرىۋالدى. ئۇنىڭ تەشنالىقى قانماستىن تىخىمۇ چاڭقاقلىشىپ كەتكەن ئىدى، يۈرىگىم ھالسىزلانغان تىخىچىلا سۆيگۈ شەھەرچىسىگە يىتەلمىگەن ئىدى. مۇھەببەت قەسىرى مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ ھىجران چۆلىگە تاشلاندىم، بۇ يەردە نە كۈلكە، نە تەبەسسۇم بولسۇن خۇددى قەبرىستانلىقتەك سۈرلۈك  ...............
ئەي سۆيۈملۈك دىلبىرىم ھامان بىر كۈنى مۇھەببەت ۋەسلىڭگە يىتىمەن، ھەم يىتەلەيدىغىنىمغا ئىشىنىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىسىنىڭ تىلىكىنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ.
مەن بۇ يۈرەك سىغىنىشىمنى ئەرزىمەس بىر لىرىكا بىلەن خاتىرە قىلىپ قالدۇردۇم. بۇ پەقەت مىنىڭ يىنىمدا مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بىر ئۆمۈر پاك مۇھەببىتىنى ماڭا ئاتاپ بارلىقىنى مەن ئۈچۈن بىغىشلايدىغان، بىر ئۆمۈر قىرىماس پاك مۇھەببىتى بىلەن مىنى بۇ خىيالى دۇنيادىن قۇتۇلدىرىدىغان سۆيۈملۈك ۋاپادارىمنىڭ بولمىغانلىقىدىن، بۇ مىسكىن قەلبىمنىڭ سۆيگۈ ۋەسلىگە يىتەلمىگەنلىكىدىن  .................
سىنى سۆيىمەن جىنىم! مەڭگۈ سىنى سۆيىمەن!!!!!!




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

خاقانىيە مۇنبىرى ئىچىلدى  http://hakaniye.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 07:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەسىر ئوقۇشقا بەك ئامىراق...تېخى ئوقۇپ بۇلالمىدىم بىردەم ئۇقاي ئاخىرىنى،،،،،قەلەم كۈچى يۇقىرى ئىكەن....

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم

ھىجران دىڭىزى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33169
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5730
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇرغىنىڭزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

خاقانىيە مۇنبىرى ئىچىلدى  http://hakaniye.com

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلب پىنھانىدىن تۆكۈلگەن لېرىك ھېسلار شۇنچلىك يېقىشلىق،شۇنچىلىك يېقىملىق چىقىپتۇ،ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم...

كۆڭۈل ئىلھاملىرى چېچىلغان لېرىكىلارنى شۇنچىلىك ياقتۇرىمەن دېسە.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 10:02:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ساڭا ئۆچ بولۇپ كەتمەكچى ئىدىم،ساڭا ئۆچ بولۇپ كەتتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىراق بۇ ئۆز -ئۆزۈمنى ئالداش ئىكەن بۇ،ساڭا يۈرىكىمدىن ئۆچ بولالماپتىمەن،سېنى يۈرىكىمدىن چىقىرۋەتتىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن، چىن  يۈرەكتىن سۆيگەن بىرسىنى يۈرەكتىن چىقىرىۋېتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن بىلسەم....!



ئارزۇلۇرۇم ئايلاندى چۈشكە،
سۆيگۈ بېغىم قالدى قاغجىراپ.
ھەسرەتلەرگە يەم بولدى يۈرەك،
پاك سۆيگۈممۇ قالدى ھالسىراپ.


كۈكۈم –تالقان بولغاچ ئەقىدەم،
چىرايلىرىم زەپىران بولدى.
ئەسلىمىگە ئايلاندى ھەممە،
يۈرەكلەرگە مىڭ سەۋدا تولدى.





     مەيلى،سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت ياكى ئەسلەپ تۇر،...!<<سەن نېمە دېگەن ئەخمەق،ئۇ سېنى نېمە كويلارغا سالمىدى،ئۇنىڭ ساڭا ئېلىپ  ئازابتىن باشقىسى بولمىدى،شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكەمسەن ؟ئۇنتىياملىدىم دەپ ئاھلار ئۇرۇپ يۈرەمسەن بىچارە >>دەيدۇ كۆڭلۈم تۇرۇپ -تۇرۇپلا، بىراق  بۇنىڭ  كۆڭلۈمنىڭ چىن سۆزى ئەمەسلىكىنى سېزىۋالىمەن  تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمدىن.....! سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم...!ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا زورلاپ ،ئۆزۈمنى ئۆزۈم قىيناپ نە قىلاي...! ئۇنتارمەن بىر كۈنلەردە،ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغۇ....
خەير ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ...!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 10:05 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش