مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9569|ئىنكاس: 139

ئەي چولپانلار ،دىسكوخانىلارغا تەكلىپ قىلىنمىساڭلارچۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 906 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا قانداق ئەھۋالىڭلا؟
مەن بۇ يەردە داڭلىق ناخشىچىللىرىمىزغا بولغان كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى مىسرانىم ئارقىلىق بىر تۆكۈۋالاي دەپ كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلدىم.لىكىن ئۇ داڭلىقلىرىمىزنىڭغۇ مىسرانىمغا كىرىپ بۇ تېمامنى كۆرۈپ كىتىشى ناتايىن . شۇنداقتىمۇ بىر تۆكۈۋۈلاي دىدىم.

خوش بىزنىڭ ئابدۇللا ئابدۇريىم،مۆمىنجان ئابلىكىم.....قاتارلىق نۇرغۇن ناخشىچىللىرىمىز بار . بۇلارنىڭ ناخشىللىرىنى خەلقىمىز بەكمۇ ياختۇرۇپ ئاڭلايدۇ . شەخسەن مەنمۇ ئابدۇللاكامنىڭ ناخشىللىرىغا بەك ئامراق.
تولا قۇرۇق گەپ قىلماي گىپىمنىڭ پوسكاللىسنىلا قىلاي بولدى.

بىزنىڭ بۇ داڭلىق ناخشىچىللىرىمىز نىمىشقا مۇشۇ دىسكوخانالارغا تەكلىپ قىلىندىغاندۇ دەيمە.لىكىنغۇ بىزنىڭ دەۋىرنىڭ كەينىدە قالماي ھەتتاكى ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان مۇشۇ ساھە بولسىمۇ باكەن ھەرنىم بولسا.مۇشۇ ناخشىچىللىرىمىزغا مۇشۇ قوتا ئەرزىمەس تەكلىۋىمنى بىر دەپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ئۇ بولسىمۇ ئەي داڭلىقلىرىمىز ئەمدە بولسىمۇ دىسكوخانىلارغا تەكلىپ قىلىنمىساڭلا!

ئەمىلىيەتتە سىلەرنىڭ دىسكوخانىلارغا تەكلىپ قىلىنغىنىڭلا مۇنداخچە قىلىپ ئىيتقاندا ئەمدىلەتىن غەپلەتتىن باش كۆتۈرۈپ جەمىيەتكە بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشاي دەپ كاللىسنى سىلكىپ ئويغۇنۇش كىرەكلىكىنى ئويلاشقا ئاران ئۈلگۈرگەن ياش دوسلىرىمىزنى دىسكوخانىلاردا ئىگىز-پەس دەسسەپ ھاراق-شاراپتا ئاشقازاننى تولدۇرۇپ كاللىسنى يۇيۇپ جاخاننىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە تەۋسىيە قىلغىنىڭلار بولۇپ قالىدىكەن.

مەن بىر تاكسى شوپۇرى مەنلا شۇنداق ئىشلارغا يولۇقامدىمەنكىن ھىچ بىلمىدىم.پالانى كۇلۇپقا پوكونى ناخشىچى تەكلىپ قىلنىپتۇ ئۇ دىگەن داڭلىق ناخشىچى ئۇ ناخشىچى تەكلىپ قىلىنغان كۇلۇپ ياخشى بولمىسا ئۇلارمۇ كەلمەيتى شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى.
ئاداش بۈگۈن داڭلىق ناخشىچىمىز *****پوكونى كۇلۇبىغا تەكلىپ قىلنىپتۇ بىزمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كىرىپ چىقمايمىزمۇ؟
ياق مىنىڭ دەرسىم بار
ۋوي ئۇ دەرسىڭ قويۇپ تۇرۇپ ئۇ كاتتىللىرىمىز تەكلىپ قىلىنغان كۇلۇپقا بىر بىرىپ كىلەيلى ئاداش بولامدۇ؟
مەن كىرىپ باقمىغان ئۇنداق يەر بەك قالايمىقان ھەقىچان ئۇنداق يەرگە قورقىمەن
قوقما مىنىڭچە ئۇ داڭلىقلىرىمىزمۇ ئۇنداق قالايمىقان يەرلەرگە تەكلىپ قىلنامايدۇ.دەرسىڭنىڭ ئىشىغا كەلسەك باشقا بىرە سەۋەپ كۆرسەتسەك بولىدىغۇ؟
مەيلى ئەمسە باساق بارايلى .

يۇقارقىللىرى خىرىدارلىرىمنىڭ بايانلىرى بۇ سىتۇدىنتلار ئۇنداق ئويلىغان يەردە باشقىلار قانداق ئويلىماقچى.مەن مۇشۇ كۇلۇپلاردىن چىققانلارنىڭ ماشىنامغا چىقىشىغا بەك ئۆچ بوپ كەتتىم . چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردىن ئادەمسىمان مايمۇنغا ئۆزگۈرۈپ چىقىدۇ . تىخى تەپتاتماستىن شوپۇردىن تاماكا سوراشلىرى بار بەزى قىزلارنىڭ .دىسكوخانا بىزنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ۋەزىيتىمىزگە توغرا كىلەمۇ؟
بىزنىڭ قەشقەرنى مىسال ئالساق خەنلەر ئاچقان دىسكوخانىدىن (بىر ئىككى قاۋانى ھىساپقا ئالمىغاندا)بىرسىمۇ يوق لىكىن بىزنىڭ خوجايىنلىرىمىز ئاچقانلىرى 6-7 سى بار . مىنىڭچە ئەقىللىق قىرىنداشلىرىم گىپىمنىڭ ئاخىرنىڭ قەيەرگە بىرىشىنى بىلىپ بولدى.

ئەڭ ئاخىردا ئاشۇ داڭلىق ناخشىچىللىرىمىزغا شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ئەي چولپانلار دىسكوخانىلارغا ئەمدى تەكلىپ قىلىنماڭلارچۇ . تىياتىرخانلاردا چوڭ چوڭ مەيدانلاردا پالىيەت ئۆتكۈزسەڭلا دىمەكچى

مەنبە:دات باسقان كاللام
                                                2013-يىلى 14 -مارت (قەشقەر)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 03:46 AM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بىكتەر + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
iksan1 + 300
7YURTTAX + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
furkan + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
rizwangul0995 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 720   باھا خاتىرىسى

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

كۈلكىلىك ئىشلار..........

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 928
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8962
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:45:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللىڭىزنى ھەقىقەتەن دات بېسپتۇ، بۈلەپ بىرىڭ

مىسرانىمدا ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر كۆپكەن........https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (30).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:45:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ پىكىرىڭىزنى مەن ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ قوللايمەن!

ئاللاھ ۋە ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 3052 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغرۇلۇق مەنمۇ ئىلگىرى بىر نەرسە يىزىپ يوللىغان ئىدىم . ئىككىمىز كەسىپداشكەنمىز مەنمۇ قەشقەردە...ھىچ يازغىنىمىزنىڭ پايدىسى بولىدىغاندەك ئەمەس جىمۇ، ئابدىكىرىم ئابلىزمۇ دىدى ئىتوتىدا .ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ شۇلارنى ئەكىلىپ ناخشا ئوقۇتۇپ بىرەيمۇ دەپ. پۇل بەرسە مىنىڭچە ھاجىتى راۋا ھەسسىدارلىق شىركىتىدىمۇ ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ ناخشىنى بۇ چولپانلىرىمىز... مىنىڭچىمۇ ئۇلار ناخشىسىنى چوڭ سەھنىلەردە ئوقۇسا بولاتتى. نۇرغۇن ناشايىن يامان گۇناھلىق ئىشلارغا بىۋاستە سەۋەپچى بولمىسىمۇ ۋاستىلىق ھالدا سەۋەپچى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. چولپانلىرىمىز بۇنى بىلەمدىغاندۇ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80718
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3071
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:49:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلىيەتتە سىلەرنىڭ دىسكوخانىلارغا تەكلىپ قىلىنغىنىڭلا مۇنداخچە قىلىپ ئىيتقاندا ئەمدىلەتىن غەپلەتتىن باش كۆتۈرۈپ جەمىيەتكە بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشاي دەپ كاللىسنى سىلكىپ ئويغۇنۇش كىرەكلىكىنى ئويلاشقا ئاران ئۈلگۈرگەن ياش دوسلىرىمىزنى دىسكوخانىلاردا ئىگىز-پەس دەسسەپ ھاراق-شاراپتا ئاشقازاننى تولدۇرۇپ كاللىسنى يۇيۇپ جاخاننىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە تەۋسىيە قىلغىنىڭلار بولۇپ قالىدىكەن.
------------------------------------------------------
  بۇ پىكىر تۇلىمۇ ئورۇنلۇك بوپ تۇ !  
بۇ دىسكوخانىنىڭ بىرمۇ ياخشى تەرىپى يوق،
نىمىسى كەم دەڭلا شۇ .......لەرنىڭ

ئۈمىد پەرىقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن،
ئۈمىدسىز-شەيتان ئىمىش بىنەسىپ جاندىن.
مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن،
ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۈبھىي تاڭدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2491 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ ناخشىچىلارغا دېسكوخانىدىن كىردىغان كىرىم بەك جىق.                                      ئۇلار بىر كېچە ناخشا ئىتيسا بەش مىڭ كوي تاپىدۇ. بۇنداق ياخشى پۇل تېپىشتىن ئۇلار شۇنداق ئاسان ۋاز كېچەمدا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32437
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6091
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىپ قىلغانلارمۇ پۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ

بارغان شۇ داڭلىق چولپانلارمۇ پۇلنى دەپ بارىدۇ

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8968
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6374 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:53:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغرىسىدا تېما يوللاپ بەك بەلەن قىلىپسىز.ئۈرۈمچىدە دىسكوخانىلار پەسكويغا چۈشكىلى خېلى بولدى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەر ئىككى پىلاستىنكا چىقارغان ناخشىچىلارنى داڭلىق دەپ كۆتۈرمەيمىز.داڭلىق سۆزى ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان،ئەلنى ۋە ئەلمۇ ئۇنى سۆيگەنلەرنى داڭلىق،دەيمىز.نىھايەت داڭلىق سۆزىنى ئاۋۋال ئىشىلىتىدىغان ئورۇن ياكى شەخىس بولسا دەل ئىلان شىركەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ.مەسلەن:پالانى شەھەردە ياكى شەھرىمىزدە پالانى داڭلىق ناخشىچى پوكۇنى ئۇيۇن قۇيىدۇ.ئۇ مانداق پىلاستىنكا چىقىرىپ خەلىق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان دىگەندەك.يۇرۇتلاردا ئىچىلغان كىچىلىك كۇلۇپلاردا تاڭسىخانىلاردا ئاساسەن تەكلىپ قىلىندىغىنى شۇ بىرەر ئىككى ناخشىسى بىلەن ۋاقىتلىق بولسىمۇ خەلىقنىڭ كۆزىنى‹‹ئىچىپ››قۇيغانلار بولىۋاتىدۇ.

ئەمما ئۇلارغا سىلەر بۇنداق يەرگە كىرمەڭلار،دىگەن بىلەن قۇلاققا خۇش ياقامدۇ يۇق بۇنى بىز بىلمەيمىز.چۈنكى كىچىلىك كۇلۇپ تانسىخانا ئاچقانلارنىڭ ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشى شۇ جايدىكى مەستانىلەرنىڭ ياكى كونا يىڭى خىرىدارلىرىنىڭ بۇ جاينى تىخىمۇ ئاۋات قىلىپ بىرىشىنى كۆزدە تۇتقان بولىدۇ.
قىسقىسى جەمىيتىمىزدە ئۇلارنى قۇللايدىغانلىرى بار،قۇللىمايدىغانلىرى بار.
ئەمدى شۇ داڭلىقلىرىمىزغا دەيدىغىنىم:كەچكىچە كۆيدۈم سۆيدۈمنىلا ئىيتىپ كىچىككىنە ئوغۇللارنىڭ شەھۋىتىنى،قىزلارنىڭ ھىسىياتىنى قۇزغاشقا كۈچەۋەرمەي،مىللەت،جەمىيەتتىكى چاكىنا ئىشلارنى قامچىلايدىغان،مىللەتنى ئاقارتىشقا يىتەكلەيدىغان جەھەتتىن كۈچەپ قۇيساڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 11:59 PM  


http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3458
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 26862
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خۇددى جۇگېلىياڭنىڭ سامان خالىتىلىرىنى كىمىگە تىكەپ قويۇپ ياۋنىڭ ئوقياسىنى كۈچ سەرىپ قىلمايلا يىغىۋالغىنىغا ئوخشايدۇ .

سىز بىزدەك مەستانىلار شۇ ئوقيانىڭ ئوقلىرى خالاس !~!

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش