غۇسلى ۋە تاھارەتتە ئوقۇلىدىغان دۇئا
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !
1. ئىۋرىقنى ئالغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
بىسمىللاھىل ئەليىيل ئەزىم ۋەلھەمدۇلىللاھى ئەلە دىينىل ئىسلام. ( ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ ئىسلام دىنىنى مەن ئېتىقاد قىلىدىغان دىن قىلغىنىغا شۈكرى).
2. قول يۇيغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەلھەمدۇ لىللاھىللەزىي، جەئەلەل مائە، تەھۇرەن ۋەلىئىسلامە نۇرەن. ( ئاللاھنىڭ سۇنى مەينەتچىلىكنى ئېرىخ قىلىدىغان نەرسە قىلىپ ياراتقىنىغا، ئىسلامنى بۇ دۇنيانى يورۇتىدىغان نۇر قىلغىنىغا شۈكرى) .
3. ئىستىنجا قىلىپ قوپقاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە ھەسسىن ئەۋرەتىي مىنەل فەۋاھىش ۋى تەھھىر قەلبىي مىنەن نىفاق. ( ئى ئاللاھ ! بەندەڭنى شەھۋانىي ئىشلاردىن يېراق قىلغايسەن، جۇنۇپلۇقتىن ئېرىخ قىلغايسەن، قەلبىمنى پاك قىلىپ، بولمىغۇر خىياللاردىن نېرى قىلغايسەن ).
4. ئېغىز چايقىغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە ئەئىننى ئەلا زىكرىكە ۋە شۈكرىكە ۋە ھۇسنى ئىبادەتكە ۋەتىلاۋەتى كىتابىكەلكەرىيىم. ( ئى ئاللاھ ! ساڭا ئىخلاسمەنلىك بىلەن زىكرى-سانا ئوقۇشۇمغا، شۈكرى قىلىشىمغا، ئىبادەت قىلىشىمغا ھەمدە «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇشۇمغا ياردەم قىلغايسەن) .
5. بۇرۇنغا سۇ ئالغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە رەييىھنىي رائىھەتەل جەننەتى ۋەرزۇقنىي نەئىيمە ھاۋەلاتۇررىھنىي رائىھە تەننار. (ئى ئاللاھ ! جەننەتنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن ھىدلىغىلى نېسىب قىلغايسەن، دوزاقنىڭ مۇدھىشلىرىغا يېقىن يولاتمىغايسەن ).
6. يۈزنى يۇيغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە بەييىز ۋەجھىي يەۋمە تەبيەززۇ ۋۇجۇھۇن ۋەتەسۋەددۇ ۋۇجۇھۇن. (ئى ئاللاھ ! مېنىڭ يۈزىمنى بەزى يۈزلەر ئاقىرىپ كىتىدىغان، بەزى يۈزلەر قارىداپ كىتىدىغان ( مەھشەر ) كۈنىدە ئاق قىلغايسەن).
7. ئوڭ بىلەكنى يۇيغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە ئەئىتىنىي كىتابىي بىيەمىينىي ۋە ھاسىبىنىي ھىسابان يەسىيرا. (ئى ئاللاھ ! نامە-ئەمالىمنى ئوڭ تەرىپىمدىن بەرگەيسەن ھەمدە مەندىن ئېلىنىدىغان ھېساب-كىتابتا كەڭچىلىك قىلغايسەن ).
8.سول بىلەكنى يۇيغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە لاتۇئتىنىي كىتابىي بىشىمالىي ۋەلامىن ۋەرائى زەھرىي يەۋمەلقىيامەتى ۋەلا تۇھاسىبنىي ھىسابەن شەدىيدەن. (ئى ئاللاھ ! قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئەمەللىرىم ۋە گۇناھلىرىمنىڭ خاتىرىسىنى ماڭا سول يېنىمدىن ۋە ئارقامدىن بەرمىگەيسەن ھەمدە مەندىن ئېلىنىدىغان ھېساب-كىتابتا قاتتىق قوللۇق قىلمىغايسەن).
9. باشنى مەسھى قىلغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە ئەزىللەنىي تەھتەئەرشىكە يەۋمەلازىللەئىللە زىللە ئەرشىكە. ( ئى ئاللاھ ! قىيامەتتە بەندەڭگە سايىدىغۇدەك ئىمكان بولمىغاندا، «ئەرش»نى سايە قىلىپ بەرگەيسەن ).
10. ئىككى قۇلاقنى مەسھى قىلغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە جئەلنىي مىنەللەزىينە يەستەمىئو نەلقەۋلە فەييەتتەبىئۇنە ئەھسەنەھۇ. ( ئى ئاللاھ ! بەندەڭنى ياخشى دەۋەتلەرگە قۇلاق سېلىشقا ھەم سېنىڭ دەۋەتلىرىڭگە ئەمەل قىلغۇچىلار سېپىدە تۇرۇشقا نېسىب قىلغايسەن ).
11. بويۇننى مەسھى قىلغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە ئتىق رەقەبەتىي ۋەرىقابە ئابائىي ۋە ئۈممە ھاتىي مىنەننارى ۋەسسالاسىلى ۋەلئەغلال. ( ئى ئاللاھ ! بوينۇمنى، ئاتا-ئانامنىڭ، ئەجدادلىرىمنىڭ بوينىنى دوزاقنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن خالىي قىلغايسەن).
12. ئوڭ پۇتنى يۇيغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە سەببىت قەدەمىييە ۋە قەدەمە ۋالىدەييە ئەلاسىسراتى يەۋمەتەزىللۇ فىيھىلئەقدەم. (ئى ئاللاھ ! مېنىڭ ۋە ئاتا-ئانامنىڭ قەدىمىنى نۇرغۇن قەدەملەر تېيىلىپ كىتىدىغان «سىرات»تىن ئۆتكەندە مۇستەھكەم قىلغايسەن).
13. سول پۇتنى يۇيغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە جئەل سەيئىي مەشكۇرەن ۋەزەنبىي مەغفۇرەن ۋە ئەمەلىي مەقبۇلەن ۋە تىجارەتىي لەنتەبۇر. ( ئى ئاللاھ ! تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ ساۋابىنى بەرگەيسەن، گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن، ئىش-ئەمەللىرىمنى قوبۇل كۆرگەيسەن، تىجارەتلىرىمدىن زىيان تارتقۇزمىغايسەن ).
14. غۇسلى ۋە تاھارەت تاماملىنىپ، ئازغىنى سۇنى ئىچىۋالغاندا ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە شىفىنىي بىشىفائىكە ۋە داۋىنىي بىدەۋائىكە ۋەئىسمىنىي مىنەلۋەھلى ۋەلئەمرازى ۋەلئەۋجائى.
( ئى ئاللاھ ! كېسىلىمگە شىپا بەرگەيسەن، ئازابلاردىن خالاس قىلغايسەن ھەمدە قورقۇنچ، ئاغرىق-سىلاق ۋە ئاچارچىلىقتىن ساقلىغايسەن ).
15. غۇسلى ۋە تاھارەت تاماملانغاندىن كېيىن بەيتۇللاغا يۈز كەلتۈرۈپ ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە جئەلنىي مىنەتتەۋۋابىيىنە ۋەجئەلنىي مىنەلمۇتەقاھھىرىينە ۋەجئەلنىي مىن ئىبادىكەس سالىھىينە ۋەجئەلنىي مىنەززاكىرىينە ۋەجئەلنىي مىنەللەزىينە لاخەۋفۇن ئەلەيھىم ۋەلاھۇم يەھزەنۇن. ( ئى ئاللاھ ! مېنى تەۋبە قىلغۇچى پاك كىشىلەردىن قىلغايسەن ۋە سېنىڭ ياخشى بەندىلىرىڭدىن، ساڭا زىكرى ئېيتىدىغان كىشىلەردىن قىلغايسەن، ئاخىرەتتە قورقۇنچ ھەم غەم بولمايدىغان كىشىلەردىن قىلغايسەن ).
16. غۇسلى تامام بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغىنى :
ئەللاھۇممە تەھھىرباتىنىي بىنۇرى مەئرىفەتىكە كەما تەھھەرتە زاھىرىي بىمائى تەھۇرىكە. ئەستەغفىرۇللاھە ئنىنىي ۋەججەھتۇ ۋەجھى لىللەزى فەتەرەسسەماۋاتى ۋەلئەرزە ھەنىفەن ۋەما ئەنا مىنەلمۇشرىكىين. ( ئى ئاللاھ ! سېنىڭ پاك سۈيۈڭ بىلەن تېشىمنى پاكلىغىنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ مەئرىفەت نۇرۇڭ بىلەن مېنىڭ ئىچىمنىمۇ پاك قىلغايسەن، مەن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن، مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا پۈتۈنلەي يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن ).
مەنبە:«ئىسلام شەرىئىتى- ھەنەفىيە فىقھىسىدىن سۇئال-جاۋابلار » ناملىق كىتاب