ئارىمىزدا ئالما تېلېفۇننى قىزىقىپ سىتىۋالىدىغانلارمۇ ،ھەۋەسكە سىتىۋالىدىغانلارمۇ ،سەندىن مەن قالامتىم دەپ بەسلىشىپ سىتىۋالىدىغانلارمۇ ، پوچىلىق قىلىپ باشقىلارغا كۆز - كۆز قىلىشقا سىتىۋالىدىغانلارمۇ بار (يوق ئەمەس دەپ ئويلىماڭ چوقۇم بار).
لېكىن شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇن ، مەيلى سىز قانداق مەقسەت بىلەن سىتىۋىلىڭ ،بۇ تېلېفۇننى تۆۋىنى 1000 دىن يۇقىرىسى 7-8000 (يېڭى بازارغا سىلىنغاندا شۇنداق قىممەترەك ئىلىپ سالىمىز) سىتىۋالىمىز ،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ تېلېفۇنغا خەجلەيدىغان پۇل تۈگەپ قالمايدۇ ،سىز بۇ تېلېفۇننى سىتىۋالدىڭىز پۇل خەجلەشنى ئەمدى باشلايسىز .
نېمشقا دەپ ئويلىدىڭىز مەن ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە دەپ باقاي .
تېلېفۇننى ئالدى بىلەن يۈزى سىزىلىپ كىتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئاسراش پەردىسى (保护膜) چاپلايسىز .ئەرزىنى 20 يۈەن (مەن ئەڭ ئەرزان چاپلاتقىنىم ،بەلكىم بۇنىڭدىن ئەرزاندۇ) بۇ سۇلىياۋنى جىق ئىشلىتەلىسەك ئىككى ئاي بولمىسا بىرەر ئايغا پايلىماي يەنە ئالماشتۇرۇشقا بارىدىغان گەپ ،يەرگە چۈشۈپ كەتسە سۈرۈلۈپ ،سۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ 20-30 يۈەندىن باشلاپ 400-500 يۈەنگىچە قاپ سىتىۋالىسىز . سىرتقا چىققانلاردا ،سەپەرگە چىققانلاردا توكى تۈگەپ كەتسە توك قاچىلاشقا توكدان (مەن ئۆزۈم يەرلىكلەشتۈرىۋالدىم،بەلكىم باشقىچە ئاتىلىشى مۇمكېن) سىتىۋالىسىز (充电宝,移动电源) .بۇ ئوقەتمۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى ناچارلىقىغا قاراپ باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئالما تەرەپ يېڭى سىسىتېما يېڭىلىسا ئەگەر ئۆزىڭىز مەشغۇلات قىلالىسىڭىز ئاسان ھەقسىز يېڭىلىيالايسىز، تۈرمىدىن قاچۇرالايسىز ،بولمىسا يانفۇن رىمىنۇت ئورۇنلىرى تۆۋىنى 50دىن يۇقىرى 100 يۈەنگىچە ھەقلىق يېڭىلاپ بىرىش تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتىنى قىلىپ بىرىدۇ (بۇلاردىنمۇ ئاغرىنىشقا بولمايدۇ ،چۈنكى ھازىر بىلىم پۇل ،ھۈنەر پۇل .ئۇلارمۇ جان باقمىسا قورساقنىڭ غىمىنى قىلمىسا بولمايدۇ).
شۇنداق قىلىپ خىلى جىق پۇل خەجلەپ بۇ تېلېفۇننى باقىدىغان گەپ .
تۆۋەندە يوللانماقچى بولغان دەرسلىك تېمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ مەشغۇلات قىلسىڭىز ئاشۇ 100 يۈەن پۇل يىنىڭىزدا قالىدۇ .
ئەگەر يەنە قىلالمىسىڭىز ،كۆز-كۆز قىلىشقا سىتىۋالغان ئالما تېلېفۇننى سىتىۋىتىپ ،Nokia نىڭ 80 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە قىپىنى بۇزمىغان يېڭى تېلېفۇنلىرى كىلىدۇ ،بىرنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ ،سىتىۋالغاندا پۇل كەتكەندىن باشقا ھىچقانداق پۇل خەجلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
سىسىتېما قاچىلاش (يېڭىلاش) مەشغۇلات كومپيۇتېردا بولىدۇ.
ئاۋال يانفۇنغا ماس كىلىدىغان سىسىتېما بولىقى چۈشۈرۈڭ . يەنى قانچىنچى ئەۋلاد ، قايسى نۇسخىدىكى يانفۇن (GSM,CDMA) دېگەندەك .
http://www.weiphone.com/ios/ بۇ ئادرىستىن سىسىتېما بولىقى چۈشۈرسىڭىزمۇ ياكى baidu دىن ماس نەشىرنىڭ سىسىتېما بولىقىنى ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
دەرسلىكتە iphone 5 نىڭ 6.1 سىسىتېما بولىقىنى يىزىش ئۇسۇلى سۆزلەندى (باشقا ئەۋلاد ،باشقا نەشىرنى يىزىش ئۇسۇلى ئوخشاش)
سىسىتېما بولىقنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇلانما بويىنچە يانفۇننى DFU غا كىرگۈزۈڭ .
iPhone دا DFU ھالەتكە كىرىش
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=32&fromuid=1
ئاندىن كونۇپكا تاختىسىدىن shift نى بىسىپ تۇرۇپ قايتۇرۇش (恢复) نى بىسىپ چىققان كۆزنەكتىن سىسىتېما بولىقىنى كۆرسىتىپ بەرسەك
بىزدىن مەشغۇلاتنى مۇقىملاشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ھە دەپ بەرسەك سىسىتېما يىزىلىشقا باشلايدۇ.
3-4 مىنۇت ساقلساق
يىزىلىپ بولۇنغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.
ئەگەر ئىلگىرى زاپاسلىۋالغان ماتىرىيالنى قايتۇرماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى رەسىم بويىچە تاللاپ قايتۇرۇڭ.بولمىسا 设置为新的 iphone نى تاللاپ مەشغۇلاتنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن يانفۇنغا سىسىتېما يىزىش تاماملىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoluchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 10:28 PM