تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە كاتتايايلاق ھەققىدە ئىزدىنىش
مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە كاتتايايلاق ھەققىدە ئىزدىنىش
يوللىغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يوللانغان ۋاقتى: 2013- يىل 13- مارت ئورنى: ئىلمىي ماقالىلار | 0
ULY ğa aylandurup körüş USY ğa aylandurup körüş
ئاپتور : مۇختەرجان توختى بۇغراخان
قىسقىچە مەزمۇنى:تۈركىي تىللار دىۋاندا تۈرك ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيلىك جايلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئۆزى ھەرقايسى جايلارنى كېزىپ چىقىپ، شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان ھەر بىر قوۋمنىڭ ياشاش سەنئىتى، ۋە مەدەنىيىتىنى تۈركىي تىللار دىۋاندا خاتىرلەپ قالدۇرغان. شۇ سەۋەپتىن بۇ رايوندىكى ھەر بىر يەرنىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالى ئېنىق خاتىرلەنگەن. نۆۋەتتە ئاتۇش شەھەرنىڭ كاتتايلاق دېگەن يېزىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كاتتايايلاق ، ئىزدىنىش، دىۋان
«كاتتايلاق»نىڭ ئەسلى ئىسمى كاتتايايلاق بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا كەڭرى يايلاق دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇرۇن بۇ جاي يۇلغۇنلۇق بولۇپ ئوت-چۆپلەر مول بولغاچقا مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن «كاتتايلاق»قا ئۆزگىرىپ كەتكەن .(1)
«كاتتايلاق » ئەسلى« كاتتايايلاق » بولۇپ، چوڭ يايلاق دېگەن مەنىدە (2). ئىككى مەنبەدىكى كاتتايايلاق نامىغا بولغان ئىزاھنىڭ بۇنداق ئوخشاشلىقى سەۋەبسىز ئەمەس. «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» دېگەن كىتاپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش ۋاقتىدىن بۇنى ئىلغا قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. بۇ ئىككى كىتابتىكى « كاتتايايلاق» نامى ھەققىدىكى ئىزاھات، شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ساقلاپ كېلىۋاتقان يۇرت نامى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەينەن خاتىرىگە ئېلىش بولۇپ، ئۇنىڭ تىل يىلتىزى قېزىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ يۇرتتىكى تارىخى ئىزنالار ئارقىلىق مەزكۇر يەر-جاي نامىنىڭ تارىخى سالاھىيىتى روشەنلەشتۈرۈلمىگەن. نەتىجىدە، ئوقۇرمەنلەردە ئاتالمىش كاتتايايلاق، ئىسىل يايلاق، كەڭرى يايلاق دېگەن ئوخشاش مەنىلەردىكى سۆز نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «كاتتايلاق»نىڭ ئەكسىچە شورلۇق زىمىن ۋە ئۈنۈمسىز يەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ كاتتايايلاقنىڭ يىراق ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنكى رىياللىقىدىكى زور پەرقنىڭ پەيدا بولىشىدا نېمە سەۋەپ بولغان ؟ دېگەن جاۋاپ بېرىش قىيىن بولغان ئۆتكۈر سوئالىغا دۇچ كېلىمىز.
ئاتۇش تارىختىن بۇيان شاھلار ماكانى دەپ تەرپلەنگىنىگە ئوخشاش، ئاتۇش قوينىدىكى «كاتتايايلاقمۇ تارىختا «بارخان»(بايخان «富贵» فۇگۇي )، «ھاسا ئاتام»، «ئاياققاش»،« گەز تۇمشۇق »، «خان سۇپا» (خان يايلىقى)، «كەديايلاغ» قاتارلىق ناملار بىلەن شۆھرەتلەنگەن. بۇ تۇتىيا زېمىندا تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن قىز-ئوغلانلار ھېلىھەم تولىمۇ سۆيۈنگەن ھالدا مەزكۇر يۇرتنىڭ مۇبارەك نامىنى كاتتايايلاق دەپ تەكرار تىلغا ئېلىپ، چەكسىز ئىپتىخارغا چۆمۈلىدۇ.
«كاتتايايلاق» نامىنىڭ يىلتىزىنى قېزىپ چىقىش، تىلشۇناسلىق مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئالدى بىلەن ئۇ مىللەت مەدەنىيىتى ئىچىدىكى تىل مەدەنىيىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ تىل جەھەتتە قايسى مىللەت تىلىغا تەۋە بولىشى، شۇ خىل ئاتالغۇ ئاستىدىكى زىمىن پاسلىنڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
يۇرت نامى شۇ يۇرتقا تەۋە خەلقنىڭ ئىپتىخار نامى! ئۇ، قەلىبلەردە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان، ئۇزاق تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە مەڭگۈ شۇنداق داۋاملىشىدىغان، ئەجداتلاردىن ئەۋلادلارغا قالىدىغان تىلتۇمار، ئابىدە . »بىراۋسەن قايسى يۇرتتىن ؟« دەپ سوراپ قالسا، جاۋاپ بەرگۈچى پۇشتى-زاتى نامىدىن غۇرۇر ئىلكىدە قەددىنى رۇسلاپ، مەيدىسىنى كېرىپ، مەغرۇر ھالدا: «مەن پوكۇنى يۇرتتىن دەپ جاراڭلىق جاۋاپ بېرىدۇ… شۇ ۋەجىدىنمىكىن مەھمۇدكاشغەرى بوۋىمىز تۈركى تىللار دىۋانىدا» كىن يىپار- كىندىك ئىپار« كەن- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەربىر شەھەر نامىغا »كىن، كەن«سۆزى قوشۇلىدۇ. بۇ سۆز»كەند« سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلىدۇر(3) دېيىش بىلەن، جانلىقلار ۋە ئىنسانلار بەدىنىنىڭ دەل مەركىزى بولغان»كىندىك«نى» كىن « سۆزى بىلەن ئىپادىلەپ، تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى يەرشارىنىڭ مەركىزى دەرىجىسىدە سىمۋوللاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكە سالىدۇ.
دەرھەقىقەت! فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتلىق ئاپىرىدىگاھىنىڭ تۈنجى ئۆچىكى- بالىياتقۇدا پەيدا بولىۋاتقان ھامىلە پەقەت كىندىك نەيچىسى ئارقىلىقلا ئەجدادىنىڭ ئۇدۇم ۋە ئىرسىيەت نۇسخىسىنى شۈمۈرىدۇ.»كىندىك « تىكى »كىن « »كەند«كە تەققاسلىنىشى، ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنگۈچى، ئۆز دىيارىنىڭ بىر چىمدىم توپىسىنىمۇ تۇتىيا بىلىپ ئەزىزلىگۈچى ھەر قانداق كىشىگە ئالەمچە زوق بېغىشلايدۇ.
ئانا ماكانى «كاتتايايلاق» تىن جاھان كەزدى بولۇپ چىقىپ كەتكەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ شىمالى شىنجاڭدىكى ئۇرۇمچى ، چۆچەك ، بۆرتالا، سۈيدۈڭ، كورلا، قاراشەھەر …قاتارلىق جايلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز؛ «تاشمۇ چۈشكەن جايىدا ئېزىزكەن… كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇتىيا زېمىننى كىممۇ ئۇنتۇپ قالالىسۇن ؟…» دىيىشىپ، ئۆتكەن ئەجدادلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىسسىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئەسلىشىپ، بۇ قەدىمىي ماكانغا يۈزلىنىپ ئاياللار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئەرلەر ئۆلۈم-يىتىم باناسى بىلەن، ياكى ھېچكىم كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان پىنھان جاينى تېپىپ يۇرت سېغىنچىسى،ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ بۇقۇلداپ يىغلىۋالىدۇ… ئىشەنمىسىڭىز ئۇلارنىڭ «كاتتايايلاق»قا بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق مىلودىيىسىگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ:
*******************************************************************************************
كاتتايايلاق
*******************************************************************************************
كاتتايايلاق ئەجەپ يايلاق،
ئەجەبمۇ يايلىيالمادىىم.
يايلىساممۇ يايلادىم ،
ئوتۇڭغا چىدىيالمادىم .
*******************************************************************************************
كاتتايايلاق دېگەن جايغا ،
ئۆزۈمنى ئاتاي دەيمەن .
تۇپۇرقىدىن جاي ئېلىپ ،
خاتىرجەم ياتاي دەيمەن .
*******************************************************************************************
جەرەن- كىيىك يايرايدۇ،
تاغ باغرىدىكى سايدا .
ناخىشا -كۈيى ياڭرايدۇ،
كاتتايايلاق دېگەن جايدا .
*******************************************************************************************
كاتتايايلاق دېگەن جايدا ،
ئاتام كارۋان ئىزى بار .
رۇزلەمنىڭ قۇنغاندەك ئانىسى،
خالىدەمدەك قىزى بار .
***************************************************************************************************
ئانام قۇنىخان
توققۇز بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ ،
بىرنى ئۇياققا -بىرنى بۇياققا ،
ئەۋەتىۋەتكەن
قاتارغا قوشقان
ئاللاھ ئانام قۇنىخان
ئاللاھ ئاكام كارۋان.
كەتتىڭىز ئانام كەلمەس مەلسىگە،
كەتتىڭىز ئاكام قايسى مەلىگە؟
مېھرىبان ئانام ،مېھرىبان دادام ،
ئاللاھ ئانام قۇنىخان
ئاللاھ ئاكام كارۋان.
*******************************************************************************************
تۈركىي تىلىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى قامۇسى تۈركى تىللار دىۋانىغا ئاساسلىنىپ كاتتايايلاق نامىنىڭ تىل يىلتىزىنى قازغىنىمىزدا، ئۇ بىر پۈتۈن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى، ئىككى تۈپ سۆز شەكلىدە ئىككى ئورۇندا ئۇچرايدۇ. تۈپ سۆز ۋە تۈپ سۆزلەرنىڭ ياسالما ئىسىم پەيدا قىلىشى ھەققىدە مەھمۇدكاشغەرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن… ھەربىر قەبىلىنىڭ تىلىدىن سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلەرنىلا ئالدىم. چۈنكى سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى… قىلىچ ئوق دېگەنگە ئوخشاشلار تۈپ ئىسىم بولۇپ، بۇ خىل ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسالغان ئەمەس. ياسالما ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسىلىدۇ. مۇنداق ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى جانلىق تىلدا ئىشلىتىلىدۇ؛ بەزىلىرى تىل قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. مەن مۇشۇ ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى يازدىم ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. لېكىن مەن شۇنداق بىر يول تۇتتۇمكى، قائىدە بويىچە، قىياس قىلغىلى بولىدىغان ۋە مەن تاشلىۋەتكەن سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ يول بىلەن تېپىۋالغىلى بولىدۇ(4-6)..
«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى يۇقارقى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، « كاتتايايلاق»نى «كاتتا» ۋە «يايلاق»تىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن ياسالما ئىسىم (يەرـ جاي نامى) دىيىشكە بولىدۇ. بىز تىل يىلتىزىنى ئىزدىمەكچى بولغان « كاتتايايلاق»قا ئىككى تۈپ سۆزنىڭ بىرىكىش شەكلى نەزىرى بىلەن «تۈركى تىللانى يازدىم،ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. لېكىن مەن شۇنداق بىر يول تۇتتۇمكى، قائىدە بويىچە، قىياس قىلغىلى بولىدىغان ۋە مەن تاشلىۋەتكەن سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ يول بىلەن تېپىۋالغىلى بولىدۇ.(4-6)
«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى يۇقارقى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، « كاتتايايلاق»نى «كاتتا» ۋە «يايلاق»تىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن ياسالما ئىسىم (يەرـ جاي نامى) دىيىشكە بولىدۇ. بىز تىل يىلتىزىنى ئىزدىمەكچى بولغان « كاتتايايلاق»قا ئىككى تۈپ سۆزنىڭ بىرىكىش شەكلى نەزىرى بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»غا قارايدىغان بولساق «كەد» ۋە «يايلاغ»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆز ئۇچرايدۇ؛ ‹‹كەد- بۇ سۆز “د” بىلەنمۇ، “ز” بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش ئۈچۈن “قالتىس” مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. كەد (كەز) ئات – قالتىس ئات. كەد (كەز) نەڭ – قالتىس نەرسە.›› (7). «يايلاغ- يايلاق» (8). « كاتتايايلاق»تىكى «يايلاق» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «يايلاغ» تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ يەردىكى پەرق «يايلاق»تىكى «ق»تاۋۇشى بىلەن «يايلاغ»دىكى «غ» تاۋۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقى. ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىدىكى «ق»، «غ»، «خ»، «گ» ۋە «ك»لار نىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشچانلىقى دائىملىق ئەھۋال بولۇپ، «غ» تاۋۇش بىلەن «ق» تاۋۇشنىڭ ئۆز- ئارا ئالمىشىشى تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ تىز بولىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئوغۇزلار بىلەن قەدىمكى «ئارغۇ شەھەرلىرى»دىكى ئارغۇلىقلارنىڭ «ق» تاۋۇشىنى «غ» تاۋۇشىغا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش مىساللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
تىلشۇناسلىرىمىز تا ھازىرغىچە سۈپەت خاراكتېرىدىكى «كاتتا» سۆزلەرنى بىردەك ھالدا ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلغان دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. بۇ «تۈركى تىللار دىۋانى» ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ چۇڭقۇرلاشمىغانلىقى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى؛ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ، سۆزلەملەرنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى تۈركى تىلى ئاساسىدا قېزىپ چىقىشىمىزنى يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئاتالمىش پارس تىلى ۋە ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان دېگەن سۆزنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تىل تەۋەلىك مەسىلىسىدە ساختا ھەقىقەت مەنزىرىسى كۆرۈلدى. بىزدىكى قانائەتسىزلىك، دەل « كاتتايايلاق»تىكى «كاتتا» سۆزلەرنى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەم دەپ قارىغانلىقىمىزدىن، ھەمدە «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ زىيادە كۈچلۈكلۈكىدىن پەيدا بولدى. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «كەد(كەز)» بىلەن بىزنىڭ دائىملىق تىل ئىستىمالىمىزدىكى «كاتتا» پۈتۈنلەي ماس ۋە ئوخشاش ئۇقۇم بولۇپ، «كەد(كەز)- قالتىس»، «كاتتا-چوڭ، ئىسىل، قالتىس» قاتارلىق سۈپەت مەنىلىرىنى ئىپادىلىگەندىن باشقا يەنە، ھوقۇقدار، پۇلدار كىشىلەرگە سۈپەت ئاتالغۇسى بولۇپ كېلىدۇ
قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «كاتتا»نىڭ تىل يىلتىزى «كەد(كەز)» بولۇپ، ھازىرقى سۈپەت ئاتالغۇسى «كاتتا» قەدىمدە «كەد (كەز-گەز)»، «كەدە (كەزە-گەزە)» ۋە «كەددە (كەززە-گەززە» تەلەپپۇزىدا ىپادىلەنگەنلىكى ئېنىق. « كاتتايايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى بولغان، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «كەد(كەز)» بىلەن «يايلاغ»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن بىر ئاتالغۇ (يەر-جاي نامى) ياسىغىنىمىزدا، «كەديايلاغ (كەزيايلاغ گەزيايلاغ)»، «كەدەيايلاغ (كەزەيايلاغ گەزەيايلاغ)» ۋە كەددەيايلاغ (كەززەيايلاغ~ گەززەيايلاغ)» قاتارلىق قىسمەن پەرىقكە ئىگە ئوخشاش ئاتالغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ ئوخشاش ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «كەديايلاغ» نامىنى تەشكىل قىلغان ئۈچ بوغۇم («كەد»، «ياي»، «لاغ»)نىڭ ھەربىر ھەرپ تاۋۇشلىرى تىل ئىستىمالىمىزغا تولىمۇ ماسلاشقان بولۇپ، «كەديايلاغ»نىڭ ئوخشاش مەنىدىكى «كەزيايلاغ(گەزيايلاغ)» يانداش ئىپادىلىرى تارىخى تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن قىسقا باسقۇچلىرىدا دەمكۈتە قوللىنىپ ۋە تاشلىنىپ، ئاخىرىدا بۈگۈنكى « كاتتايايلاق»نىڭ تىل يىلتىزى «كەديايلاغ» نامىنى تارىخى ئاتالغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. گەرچە، تارىخى ئاتالغۇ «كەديايلاغ»نىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان «كەزيايلاغ (گەزيايلاغ»نىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخى ئۇچۇرغا ئىگە بولمىساقمۇ، ئەمما، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىسمەن بايانلىرى، شۇنداقلا، « كاتتايايلاق» خەلقىنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن «گەز تۇمشۇق رىۋايىتى» بەزى ئېنىقلىمىلارغا ئىرىشىشىمىزگە ئالاھىدە ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» ناملىق تەتقىقاتىدا: «“خان سۇپا”، “ كاتتايايلاق”، “ھاسائاتام” ۋە “باش قاش” بويىدىكى خارابىلىقلار بالاساغۇنغا ئالاقىدار سىرتقى ئارخېئولوگىيىلىك يەنە بىر چەمبەر ھېسابلىنىدۇ. بىر قاراشتا ئۇزۇن سوزۇلغان سېپىل خارابىسىدەك، ھەتتا ئارىلاپ-ئارىلاپ كېسەك تاملار كۆرۈنۈپ تۇرغان “باش قاش”، “ئوتتۇرا قاش”، “ئاياغ قاش” بىناكارلىقى ئەسلىدە ئۈستۈن ئاتۇشتىن كەلگەن چاقماق دەريا ئېقىنىنى كاتتايايلاق تەرەپكە «كۆتۈردى. . ئېلىپ بارىدىغان كۆتۈرمە قانال-ئۆستەڭ ئورنى بولغان. “ئوتتۇرا قاش”تا كۆپلىگەن ئاھالە ياشىغان توچكىلار ئۇچرايدۇ. » (9). دېگەن ئىلمى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، “قۇمسېغىز” كەنتىدىن تاكى « كاتتايايلاق»قىچە سوزۇلغان يىگىرمە نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قەدىمقى ئۆستەڭ (قاش) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بەزى جايلىرى يەر تەكشىلىكىدىن بىر مېتىر، بەزى جايلىرى ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ يىلاندەك سوزۇلغان ئۆستەڭ(قاش) خارابىلىكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارايدىغان بولساق ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرىلا سۇ ئاققان غۇۋا ئىزنالارنى كۆرۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن (ئاپتور) ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن ئاشۇ سۇ ئاققان غۇۋا ئىزنالاردىن بىرنەچچە نۇقتىنى قېزىپ، سۇ ئاققاندىكى قالدۇرغان قۇملارنىڭ قالدۇقى ۋە قۇملار ئىچىدىكى ساپال پارچىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ كۆتۈرمە «ئۆستەڭ» (“قاش”) نىڭ قەدىمدە خېلىلا چوڭ غول ئۆستەڭ ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «… چاقماق دەريا ئېقىنىنى كاتتايايلاق تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان كۆتۈرمە قانال-ئۆستەڭ ئورنى بولغان.» دېگەن بايانىدا، تارىخى رىيالىققا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلغان، ھەتتا ھازىرمۇ روشەن ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان پاكىتنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، “قاش” ئۇقۇمىنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ “قاش” ھەققىدىكى ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشى “ئاققاش” توپىنومىيىسىنى ۋە بىر قىسىم تارىخى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا “قاش” ئۇقۇمى نوقۇل “قۇمسېغىز”دىن “ كاتتايايلاق”قىچە سوزۇلغان بىرلا قاشنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە بەشكېرەم يېزىسىنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ تاكى “ئاققاش”نىڭ شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ “ كاتتايايلاق” يېزىسىغا قاراشلىق “كۆيەك” كەنتىنىڭ “كۆتەمە” مەھەللىسىگىچە سوزۇلغان يەنە بىر “قاش”نىمۇ كۆرسىتىدۇ. قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز بۇ ئىككى “قاش”نىڭ ئۈستىنى ئۆستەڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇزۇن لىنىيىلىك سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. غەربتىن شەرققە قاراپ پاراللىل ھالەتتە ئاققان بۇ قەدىمقى ئىككى ئۆستەڭنىڭ “باش قاش” تىكى ئارىلىقى 4000 مېتىر ئەتراپىدا، “ئوتتۇرا قاش” ئارىلىقى 500 مېتىر ئەتراپىدا، “ئاياغ قاش” ئارىلىقى نامەلۇم. ئىككى ئۆستەڭ (“قاش”) ئارىلىقىنىڭ بۇنچىلىك كەڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈستۈن ئاتۇش چاقماق دەرياسىنىڭ ئاندا- ساندا ئېلىپ كەلگەن زور كەلكۈنلىرىنى قۇمالتاغنىڭ جەنۇبى ۋە بەشكېرەم يېزىسىنىڭ شىمالى ئېتىكى ئارقىلىق ئىككى “قاش” ئارىلىقىدىكى مەزكۇر “قانال”غا سېلىپ راۋان ئاققۇزۇش بولسا كېرەك.
تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، بۇ ئىككى «ئۆستەڭ»، بىر «قانال»نىڭ غەربى دېڭىز يۈزىدىن 1246 مېتىر ئېگىز، شەرقى دېڭىز يۈزىدىن 1212 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئېگىز تەرەپتىن تۆۋەن تەرەپكە يەنى شەرقكە يۈزلەنگىنىمىزدە بەشكېرەم ۋە ئاققاشنىڭ شىمالىنى يۆنىلىشنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ، ئوڭ تەرەپتە بولغاچقا «ئاققاش» (ئاققاش ئۆستەڭ)؛ «قۇمسېغىز»، «قەدىمقى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» ۋە «خان سۇپا» نىڭ جەنۇبى يۆنىلىشىنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ سول تەرەپتە بولغاچقا «سولى(سولمۇر)» (قارا قاش ئۆستەڭ) دەپ ئاتالغان. تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مەلۇم ئىككى ئورۇن ۋە مەلۇم ئىككى يۇرتنىڭ قانچىلىك يېقىن جايلىشىشىدىن قەتئىي نەزەر، شىمال، جەنۇپ تۈز سىزىق لىنىيىسىدىكى ۋە غەرب، شەرق تۈز سىزىق لىنىيىسىدىكى ئورۇن مۇناسىۋىتى بويىچە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شىمال ۋە غەرپتىكىسىنى «قارا»، شەرق ۋە جەنۇپتىكىسىنى «ئاق» نامى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتايدۇ. مەسىلەن، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شەرقى ئېتىكىدىكى قەشقەر بىلەن غەربى ئېتىكىدىكى كەشمىر تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى يۇقارقى ئورتاق قائىدىمىز بويىچە ئاق-قارا مەنىسىنى؛ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى تاغلارنى قاراقۇرۇم تاغلىرى دەپ، شەرقىدىكى تاغلارنى ئالتۇن تاغ دەپ، كۈنچىقىش تەرەپنى “ئالتۇن” (قىزىل رەڭ) بىلەن، كۈن پېتىش تەرەپنى “قارا” رەڭ بىلەن ئىپادە قىلىنغانلىقى ئېنىق. بۇنداق مىساللار شىنجاڭنىڭ يەر- جاي ناملىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. دېمەك، چاقماق دەرياسىنىڭ غول كەلكۈن سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بۇ چوڭ قانالنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئىككى ئۆستەڭنى شىمال ۋە جۇنۇپ (ئوڭ، سول) تەرەپ مۇناسىۋىتى بويىچە ئېيتقاندا “ئاققاش” ۋە “قاراقاش”(“سولمۇر~ سۇلى”) پەرقىدە ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. ئىككى ئۆستەڭنىڭ سۈيى ۋە ئىككى ئۆستەڭ ئارىلىقىدىكى كەلكۈن ئوخشاشلا غەربتىن شەرق تەرەپكە قاراپ ئاققاچقا، تارىختا ئۇلارنىڭ ئورتاق نامىمۇ بولغان بولىشى مۇمكىن.
ئۇ بولسىمۇ « كاتتايايلاق»نىڭ تىل يىلتىزىدىكى “كەد”نىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان “كەز”نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن “گەز” بىلەن قوشۇلغان “گەزقاش” نامىدۇر. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش» ۋە «ئاياققاش» ئۇقۇمى مۇئەييەن چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ پەقەت «قاش»نىڭ ئىككى چەت ۋە بىر ئوتتۇرا نۇقتىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، «قاش» ئۇقۇمىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەنلىكلا خالاس. «قاش. قىرغاق. ھەرقانداق نەرسىنىڭ قېشى، قىرغىقى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.» (10)
«قاش» يەر تەكشىلىكىدىن قىر ۋە دامبا شەكىللىك قىسمەن كۆتۈرۈلگەن، بىر نوقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغىچە داۋاملاشقان ئېگىزلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇستى ۋە ئىككى يان تەرىپىمۇ ئوخشاشلا “قاش” دەپ ئېيتىلىدۇ. «تۈركى تىللاردىۋانى»دىكى بۇ تەبىر ۋە بىزنىڭ بەرگەن ئىزاھاتىمىزغا ئاساسلانغاندا “قاش” ئۇقۇمى ھەممە جايدا مەۋجۇت ئابستىراكتنى ۋە تۈر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئارقا ۋە ئالدى قوشۇلغۇچى قوشۇلغاندا ياكى يەنە بىر تۈپ سۆز قوشۇلغاندا ئاندىن خاس ئاتالغۇغا ئايلىنالايدۇ. “گەزقاش” بۇ شەرتكە تامامەن ئۇيغۇن خاس ئاتالغۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «گەز(كەز)» تۆت خىل مەنا ئىپادىلىشى مۇمكىن؛ بىرىنچى، ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىنى ئۆلچەيدىغان نەرسىنى “گەز” دەپ ئاتاش؛ ئىككىنچى، ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا سۇۋاق تەكشىلىكىدىن ئېگىزرەك چىقىرىلىدىغان تۇز سىزىق شەكلىدىكى قاپارتمىنى «گەز تارتىش» دېيىش؛ ئۈچىنچى، «كەزلەدى- گەزلەدى، گەز چىقاردى، كىرتىك چىقاردى؛ بەتلىدى. ئول ئوقىن كەزلەدى- ئۇ ئوقىغا گەز چىقاردى، گېزىنى تۈزەتتى…» (11)تۆتىنچى‹كەد- بۇ سۆز “د” بىلەنمۇ، “ز” بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش ئۈچۈن “قالتىس” مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. كەد (كەز) ئات – قالتىس ئات. كەد (كەز) نەڭ – قالتىس نەرسە.›› (7).تىكى «كەد»نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ۋە يانداش ئىپادىسى بولغان «كەز»(گەز) قاتارلىقلار.
بەشكېرەم ۋە قۇمسېغىردىن تارتىپ تاكى « كاتتايايلاق» يېزىسى “كۆيەك” كەنتىنىڭ “كۆتەمە” (كۆتۈرمە) مەھەللىسىگىچە سوزۇلغان ئىككى قاشنىڭ تارىختا “گەزقاش”دەپ ئاتىلىشىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بەش ئاساسى دەلىلىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ: بىرىنچى دەلىل، «ئوتتۇراقاش»تىكى “سۇلى دۆلىتى خارابىسى”نىڭ توققۇز كىلومېتىر شەرقى شىمالىدىكى «ھاسائاتام خارابىسى». ئىككىنچى دەلىل، كاتتايايلاق خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «تۇرخېنىم» رىۋايىتى. ئۈچىنچى دەلىل، «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى. تۆتىنچى دەلىل، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەلكۈن سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياسىغان بىر قانال ھەم بۇ قانالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز قاشنى ئىككى تەرەپتىكى زېمىننى سۇغۇرۇش مەقسىتىدە ئىككى ئۆستەڭ قىلىپ لاھىيەلەشتە، ئۇزۇن- قىسقىلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ “گەز”نى ئىشلەتكەنلىكى. بەشىنچى دەلىل، «كەد»نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشىدىكى يانداش ئىپادە بولغان “گەز”نىڭ ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىش ئېھتىماللىقى.
يۇقىرىقى بەش دەلىل ئىچىدە «ھاسائاتام خارابىسى» بىلەن «تۇرخېنىم» رىۋايىنىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە “ھاسا” تىلغا ئېلىنغان. “ھاسا” ئاتالغۇسىنىڭ بىر تارىخى خارابىلىقتا ۋە بىر رىۋايەتتە ئۇچرىشى، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئورۇن ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن ئون ئىككى كىلومېتىرئارىلىقىدا تۇرۇشى، يەنە كېلىپ شىمالى «قاش»نىڭ لېۋىدە بولىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇكى، «تۇرخېنىم» بىلەن «ھاسا ئاتام» تارىخى رىياللىقتىكى بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى «ھاسا» ماھىيەتتە ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ “گەز” دۇر. ئەجدات سۈپىتىدىكى بۇ «ھاسا ئاتام» قولىدىكى تاياقنى گاھىدا «قاش»نى لاھىيەلەشتە «گەز» (ئۆلچىگۈچ) ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسا، گاھىدا تايىنىدىغان ھاسا ئورنىدا ئىشلەتكەن. «گەز»نىڭ ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى تۇرخېنىم» رىۋايىتىدە مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: « خان غوجام دېگەن بىر كىشى ئۆز ھاسىسى بىلەن ئېرىق چېپىپتىكەنمىش. يۇرت ئاخىرىدا “تۇر! ” دەپ ھاسىسىنى يەرگە سانجىپ قويغان. جىجاپ (سىزىپ) كەلگەن يېرىدىن سۇ كەلگەن. بىر كىشىدىن “ قانچىلىك سۇ كېلىۋاتىدۇ؟” دېسە “3-4 تاشلىق سۇ كېلىۋاتىدۇ” دېگەن. ئەگەر ئاشۇ ئادەم “جىقراق كېلىۋاتىدۇ” دېگەن بولسا جىق كېلەركەنمىش. تاياقنى “تۇر!” دەپ سانجىغان يېرىدە تاياق كۆكلەپ كەتكەن ئىكەن…». دېمەك «خان خوجام» قولىدىكى ھاسا بىلەن «ھاسائاتام»قولىدىكى ھاسا ئارقىلىق ئۆستەڭ چېپىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاشۇ «قاش» ۋە ئاشۇ ئۆستەڭنى لاھىيەلەش ئۈچۈن ئۆلچەپ- سىزىشتا ئىشلىتىلگەن «گەز»دىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقۇرىدىكى ئىككى «ھاسا»نىڭ «گەز» دەپ ئاتىلىشىنى تۆۋەندىكى «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى تېخىمۇ تولۇقلاش كۈچىگە ئىگە بۇرۇنقى زاماندا كاتتايايلاق بۈككىدە ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان، سۈيى مول مۇنبەت تۇپراق ئىكەن… بۇ يۇرتتا ئادەملەر كۆپۈيۈپ ئاۋاتلاشقان بىر پەيتتە، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىدىغان بىر ئاپەت پەيدا بولۇپتۇ… ئۇ “گەز تۇمشۇق” ئىسىملىك يالماۋۇز ئىكەن… ئۇنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ… خوتۇن، بالىلار يۈرەكلىك ھالدا تالاغا چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ… كاتتايايلاقتىكى كىشىلەر يۇرتنىڭ ئۈستىگە كەلگەن بۇ ئاپەتنى قانداق قىلىپ يوقۇتۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنى يوقىتالماپتۇ… گەز تۇمشۇق يالماۋۇز ناھايىتى كۈچلۈك بىر مەخلۇق ئىكەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى شورىماقچى بولسا، ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدىكىنە-دە ئۇزۇن تۇمشۇقىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېلىپ ئۆيلەرگە كىرىدىكەن. ئادەملەرنى بىر-بىرلەپ ئېزىقتۇرۇپ ياكى تۇتۇپ قېنىنى شوراپ، ئاخىرى گۆشىنى يەيدىكەن… ئەنە شۇ چاغلاردا كاتتايايلاقتا قىرانبەگ ئىسىملىك باتۇر بىر يىگىت بار ئىكەن. ئۇ شۇنداق ئەقىللىق، ماھارەتلىك، كۈچلۈك، باتۇر بولۇپلا قالماي، بىلىم- پاراسەتتە كامىل ئىكەن. ئۇنىڭ بىر دانىشمەن ئۇستازى بولۇپ، بۇ ئۇستاز ئۇنىڭغا، بىر نەچچە خىل سېھرىي ھېكمەتنى ئۆگىتىپ، سېھرىي-جادۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلغانىكەن.
قىرانبەگ ئوقيا ئېتىش، قىلىچ ئوينىتىش، چەۋەندازلىق، چېلىش قاتارلىق ھۈنەر-ھېكمەتتە زامانىسىدا تەڭداشسىز ئىكەن… ئۇ گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنى ئۇنىڭ زۇلمىدىن، ئەندىشىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپتۇ… گەز تۇمشۇق: ئەي نادان ئىنسان، ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەي ئالدىمدىن يوقال! -دەپ ۋارقىراپتۇ. -ئۆلۈمىڭنى تۇيۇۋاتامسەن ؟ – دەپتۇ قىرانبەگ باتۇر… ئۇلار نەچچە كېچە- كۈندۈز ئېلىشىپ…ئاخىرى قىرانبەگ باتۇر يالماۋۇزنىڭ بېشىنى قىلىچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ… ئاندىن گەز تۇمشۇقنىڭ بىر گەز قان شورىغۇچ تۇمشۇقىنى قىلىچ بىلەن ئوتۇن كەسكەندەك كەسلەپ تاشلاپتۇ… گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يۇرتتىكى خەلق ناغرا- دۇمباق، سۇنايلارنى چېلىشىپ كوچىغا چىقىپ ئۇسۇل ئويناپ، قىرانبەگ باتۇرنى تەبرىكلىشىپتۇ…» (12).گەرچە بۇ رىۋايەت روشەن توقۇلما خاراكتېرىنى ئېلىپ، “گەز تۇمشۇق” رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولمايدىغان تەرىزدە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تارىختىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى باج-سېلىق سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدىغان يالماۋۇز تەققەسلىشىمىز تەبىئىي. “گەز تۇمشۇق” يالماۋۇز مەخلۇق سىياقىدا تەسۋىرلەنگىنى بىلەن ئۇ بەرىبىر ئادەم. ئۇنىڭ گەز تۇمشۇقى ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىك بولماستىن بەلكى، مەلۇم جاي نامىنىڭ ئەزگۈچى سىنىپ ئىچىدىكى مەلۇم مۇشتۇمزورنىڭ نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى خالاس. “گەز تۇمشۇق”تىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم جاي نامى ھېلىھەم « كاتتايايلاق» توپىنومىيىسىدە «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» نامىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ ئىلمى ئاساسى شۇكى، قۇمسېغىردىن « كاتتايايلاق»قىچە سوزۇلغان شىمالى “قاش” قەدىمقى «سۇلى دۆلىتى خارابىسى»(«ئوتتۇرا قاش»)قا بارغاندىن كېيىن بىراقلا شەرقى شىمالغا بۇرۇلۇپ تەخمىنەن سەككىزكىلومېتىرداۋاملاشقاندىن كېيىن «خان سۇپا» ۋە تىم قورغان» دوقى (جەينەك)نى ھاسىل قىلىپ، شەرقى جەنۇبقا بۇرۇلۇپ تاكى باچاڭ ئېغىزى كەلكۈنى بىلەن چاقماق دەريا كەلكۈنى ئۇچراشقان جايغىچە داۋاملىشىدۇ. «گەز تۇمشۇق»تىكى “تۇمشۇق”- كۆپۈنچە ھاللاردا يەر تەكشىلىكىدىن ئېگىزرەك بولغان تاغ، ئۆستەڭ، قاش ۋە قىر قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم جايدا ئۈزۈلگەن قىسمى ياكى بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ بۇرالغان قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنەشۇ دوق (جەينەك)نىڭ «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» دەپ ئاتىلىشتىن ئىلگىرى “گەز تۇمشۇق” دەپ ئاتالغانلىقى شۇ جايدىكى مەزكۇر “قاش”نىڭ شەرقى شىمالدىن شەرقى جەنۇبقا بۇرۇلۇپ تەخمىنەن 180 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇن.
يۇقىرىقى بەش دەلىلنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا، بەشكىرەمدىن « كاتتايايلاق»نىڭ “كۆتۈرمە” مەھەللىسىگە سوزۇلغان، قۇمسېغىردىن « كاتتايايلاق» “چۈشۈر”گە كەنتى “بەش تام” مەھەللىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىغىچە سوزۇلغان ئىككى “قاش”نىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىنىڭ «گەزقاش» ئىكەنلىكىنى يۇقۇرىدىكى “ئىككى ھاسا” (“گەز”)، «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى، “گەز”نىڭ ھازىرقى تىل ئىستىمالىمىزدىكى ئىككى خىل مەنىسى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى “گەز” ھەققىدىكى ئىزاھات تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ…
تارىختىكى بۇ ئىككى چوڭ “قاش” ئەتراپىدىكى تارىخى توپىنومىيىلىك ناملار ۋە ئىزنالارنى ئاساس قىلغان ھالدىكى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش» ۋە «ئاياق قاش» ئابستىراكتنى ئۇقۇمىنى ئەمدىلىكتە «گەز قاش» كونكرېت ئۇقۇمغا تۈگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بۇ ئىككى “قاش”نىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىنىڭ «گەزقاش» ئىكەنلىگىنى خۇشاللىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا جاكالايمىز. دېمەك، ئىككى “قاش” تارىختا ھەم خاس نامغا ھەم ئورتاق نامغا ئىگە بولۇپ؛ جەنۇبى “قاش” «ئاققاش» نامى بىلەن، شىمالى “قاش” «سۇلى» (سول تەرەپ “قاش”) ۋە “سولمۇر” (سول تەرەپ قارا“قاش”) نامى بىلەن، ئورتاق نامى «گەزقاش» بىلەن ئاتالغانلىقىنى تولىمۇ كېچىكىپ بولسىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە« مۇۋەپپەق بولدۇق.
ئىككى “قاش”نىڭ ئورتاق نامى تارىختا «گەزقاش» دەپ ئاتالغانكەن، «گەزقاش»نىڭ قايسى قىرغىقىدا يايلاق بولسۇن، بۇ يايلاقنىڭ “گەزيايلاق” دەپ ئاتالمىقى بەرھەق. « كاتتايايلاق»تىكى «كاتتا» نامىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى تىل يىلتىزىنى بىز يۇقىردا «كەد» ۋە ئۇنىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان “كەز~ گەز” ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرغان ئىدۇق. يانداش ئىپادە “كەز~ گەز”نىڭ ئاساسى «كەد» بولغان ئىكەن، «تۈركى تىللار دىۋانى» بويىچە گەزيايلاغ”نىڭ «كەديايلاغ»قا ئۆزگىرىشى تىل تاۋۇشلىرى ئۆزگىرىشىنىڭ ۋە تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. بولۇپمۇ “ك” بىلەن “گ”نىڭ، “د” بىلەن “ز”نىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى تېخىمۇ شۇنداق.
ئومۇمەن، كاتتايايلاق نامىنىڭ تىل يىلتىزىكەديايلاغ كەزيايلاغ~ گەزيايلاغ بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، “كەديايلاغ” بولۇش سۈپىتى بىلەن- ئىسىل يايلاق، قالتىس يايلاق، گۈزەل يايلاق، كاتتا يايلاق دېگەنلىك؛ يەنە بىرى، “كەديايلاغ”نىڭ يانداش ئىپادىسى (“كەزيايلاغ~ گەزيايلاغ”) بولۇش سۈپىتى بىلەن – ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئۆلچەيدىغان نەرسە (“گەز”) ئارقىلىق ئۆلچەپ، لاھىيەلىگەن گۈزەل يايلاق دېگەنلىك. كاتتايايلاق»نىڭ مۇبارەك نامىنى ئەڭ دەسلەپ «سۇلى خارابىسى» بىلەن «خان سۇپا» خارابىسى ئارىلىقىدىكى «ھاسا ئاتام» خارابىسى توپىنومىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى «ھاسا ئاتام» قويغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، «ھاسا ئاتام» بىلەن «تۇر خېنىم» (خان خوجام) بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆز قولىدىكى “ھاسا” (گەز) ئارقىلىق “گەزقاش”نى لاھىيەلىگەن بىردىن-بىر كىشى.
ئۇنىڭ «ھاسا ئاتام» دەپ شۇنچە ھۆرمەت نام بىلەن ئاتىلىشى “گەزقاش”نى لاھىيەلەپ، « كاتتايايلاق» نامىنى قويغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئىسىل، گۈزەل ۋە قالتىس نامى بىلەن ئاتالغان « كاتتايايلاق»، تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۈچ قېتىملىق بالايى-ئاپەتلىك، قورقۇنۇچلۇق ئېغىر تىرادېگيىسىنى كۈتۈۋالغان؛ تارىخشۇناس، ئېكولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئاستىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇن تۆت- بەش مىڭ يىللار ئىلگىرىكى مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
*******************************************************************************************
پايدىلانما ماتېرىياللار ۋە ئىزاھات :
*******************************************************************************************
(1) ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1985-يىلى نەشرى، 99-بەت.
(2). «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» نىيازكېرىم 340-بەت.
)3( . . «تۈركى تىللار دىۋانى» مەھمۇد قەشقىرى:1- قىسىم،442-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى
(4). «تۈركى تىللار دىۋانى» مەھمۇد قەشقىرى:1- قىسىم 7-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
(5). «تۈركى تىللار دىۋانى» مەھمۇد قەشقىرى:1- قىسىم 12-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
(6). «تۈركى تىللار دىۋانى» مەھمۇد قەشقىرى:1- قىسىم13-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
(7). «تۈركى تىللار دىۋانى» مەھمۇد قەشقىرى:1- قىسىم 422-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
(8). «تۈركى تىللاردىۋانى»، 3-قىسىم، 63-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
(9) «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، 213-بەت ئالىم ئابدۇ شۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.
(10). .«تۈركى تىللاردىۋانى»، 3-قىسىم، 208-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
«(11). تۈركى تىللاردىۋانى»، 3-قىسىم، 410-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىللىق نەشىرى.
(12) «ئاتۇش ھەققىدە رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر»، 58-68 بەتلەر. بۇ رىۋايەتنى ئېيتىپ بەرگۈچى كاتتايايلاقتىن قۇربان ئاخۇن.( رىۋايەت قىسقارتىپ ئېلىندى).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 09:40 PM