مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2033|ئىنكاس: 37

تويى بۇزۇلغان خوراز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 918
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 08:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  مەھەللىمىزدە «ئەمەت خوراز» دەيدىغان بىر ئاتا مىراس خورازۋاز بار ئىدى .بىر كۈنى قارىسام مەھەللىدىكى ياش بالىلار بىر ياغاچ ساندۇقتەك نەرسىگە ئىككى ياغاچنى ئۆتكۈزۈپ مىخلاپ ،ئۈستىگە قىزىل لاتا ئارتىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قارا قىزىل خورازنى تۇرغۇزۇپ ،ۋارقىراپ توۋلىشىپ كىلىۋاتاتتى .ئۇلارنىڭ ئالدىدا كىلىۋاتقان ئەمەتكام خوراز خۇشاللىقىدىن ھېجىيىپ ئوتتۇز ئىككى چىشى چىقىپ قالغىلى تاسلا قاپتۇ .ئەسلىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان خوزار سوقاشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە ئەمەتكامنىڭ خورىزى چىمپىيون بولغان ئىكەن .ئۇ خوراز تاجىللىرىنىڭ قان بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي شۇنداق غادىيىپ تۇرۇپتۇكى، بوينى يەنە ئۇزۇنراق بولغان بولسا قۇيرۇقىغا تىگىپ قالاتتى .تىزلا بۇخوراز مەھەللىدىكىلەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى .
  «ئەمەتكام خورازغا لايىق تاللايدىكەن »،دىگەن سۆز بىردەمدىلا ھەممە يەرگە پۇر كەتتى .شۇ كۈنلەردە خورازغا لايىق يارىمايۋاتاتتى .ئۇ خوراز مەھەللىنى پۈتۈن كېزىپ ئۆزىگە لايىق مىكيان تاپالمىغان ئىدى . بىر كۈنى ئەمەتكام كوچا دوقمۇشىدا بىرنەچچىمىز بىلەن ئۇچىراشقاندىمۇ ئالدىراشلا ماڭغان ئىكەن،ئۇ قىسقا قىلىپ :«خورازجانغا لايىق ئىزدىشىپ بەرگەن بولساڭلا ئۇكام»دىگەن ئىدى.مەن بۇ گەپتىن كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللىمىزدە خوراز توغۇرلۇق ھەرخىل ئىشلار تېخىمۇ چىقىشقا باشلىدى.
  بىزنىڭ قوشنا مەھەللىدە بىر تۇغقىنىمىز بولىدىغان ،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مەن ئۇ تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كىلىپ قارىسام ئەمەتكام ئولتۇرۇپتۇ، مەن ھەيران بولۇپ بىر قۇر ئەھۋال سۈرۈشتۈردۈم.ئەسلىدە ئەمەتكام ئۇلار بىلەن خورازنىڭ توي ئىشى توغۇرلۇق كەلگەن ئىكەن.خوراز لايىق ئىزدەپ مۇشۇ كەمبەغەل تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ئىكەن ،بىر مىكياننىڭ باشقا مىكيانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ كەينىدىن كەپتۇ ،قارىسا ئۇ مىكيان دەل مۇشۇ قوشنىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قەپەسكە كىرىپ كىتىپتۇ .ئۇ خوراز ئاستا كىلىپ مىكيانغا قاراپتۇ ،قارىغانسىرى قارىغۇسى كەپتۇ .لىكىن بىر ئېغىز «قىق»دىيەلمەپتۇ .
  شۇ كۇنىدىن باشلاپ ئۇ خوراز ھەركۈنى ئەمەتكامنىڭ ئۆيىدە جىق تۇرماس بولۇپ قاپتۇ .تۇرسىمۇ بىر نىمىلەرنى دەپ مەستەك يۈرۈيدىغان بولۇپ قاپتۇ . لىكىن بارغانسىرى تاماقنى جىق يەيدىغان بولۇپ كىتىپتۇ .ئەمەتكام كەلسە سەكرەپ كىتىغان خوراز ھېچنىمىگە پەرۋاسىز بوپ قالغانلىقىدىن ئەمەتكام قاتتىق ھەيران قاپتۇ -دە،بىر كۈنى كەچتە خورازنىڭ كەينىگە چۈشۈپتۇ ،ئۇ خوراز دەل ھېلىقى مىكياننىڭ قەپىزىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ،ئېغىزىدىن تاماقلارنى قۇسۇشقا باشلاپتۇ ،مىكيان «سىزمۇ يەڭ ،بىللە يەيلى»دىگەندەك خورازغا ئىشارەت قىپتۇ ،خوراز مىكياندىن كۆزىنى ئۈزمەي بىللە يىيىشكە باشلاپتۇ .
  ئەمەتكام خۇددى شائىرلاردەك دەپ بەرگەن بۇ ھىكايىسى بىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋەتكەن ئېدى .شۇنىڭ بىلەن توي ئىشى بىكتىلدى .توي كۈنى شەنبە قىلىنىپ ،«قىز» تەرەپ پولا ئىتىشكە .قالغىنىنى ئەمەتكام ئۆزى قىلىشقا دىيىشىپ ،خورازنى مىكيان بىلەن بىر ئاستىغا گىلەم سېلىنغان چىرايلىق ئىشكى يوق قەپەزگە سولاپ قويىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ چىىقىپ كەتتى.
  بارغاق تارقىتىلىپ، توي قىلىشقا ئىككى كۈن قالغاندا ،مەھەللىمىزدىكى مىكيان ۋە خورازلار تىپىرلاشقا باشلىدى.
كەچتە توخۇلارنىڭ ئانچۇمۇنچە ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .ئەسلىدە توخۇلارئۇيقۇسىدىن كىچىپ چوڭ يىغىن ئاچقان ئىدى .بىر نەچچە خوراز ئۇيان بۇيان مېڭىپ گەپ قىلىۋاتاتتى :
___نىمە ئۇچۈن ئۇ گۇي توي قىلىدۇ؟ بىز بىر ئۆمۈر ئىشلەپ داندىن بۆلەك بىرەرياخشى نەرسىگە ئىرىشەلمەيمىز؟نىمىشقا ھەممە كىشى ئۇنىلا بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ،بىز گۆشلا بولىمىز؟ ئويلاپ باقايلى كۆپچىلىك
بۇ توي ئەسلى بىزگىمۇ بولسا بولاتتى،سىلەر قىزلارغىمۇ ئۇۋال بولدى ،سىلەردەك گۈزەللەرنى ياراتماسمىش ،بۇ بىرئادالەتسىزلىك،دېدى بىر بەسلىكىرەك خوراز ھەممە توخۇلارغا قاراپ.
__ياق ،ياق ،ئۇ ھەممە خورازنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يەڭدى ،بىزچۇ؟ دان يىيىشتىن بۆلەكنى بىلمىدۇق،ئۇ چېنىقتى ،بىز ئويۇننىلا ئوينىدۇق .ئۇ كۈچلەندى بىز ئوخشىاش تۇردۇق .ئەگەر بىز ئۇنىڭدەك قىلغان بولساق چوقۇم بىزنىڭ تويىمىزمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىغان بولاتتى،ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەننى ئالسا نەرى خاتا؟ ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز ،بىز ئۇنىڭ تويى ئۈچۈن قۇربان بولساقمۇ ئەرزىيدۇ ،دەپ بىر كىچىكرەك خوزار ئوتتۇرغاچىقتى.
__نىمە؟؟؟! قۇربان بولۇش؟؟؟! بۇ گۇي قۇرۇق پەلسەپە سۆزلەپ ھەمىشە باش ئاغىرتىدۇ ،شۇڭا بىزنىڭ تەقدىرىمىز مۇشۇنداق خەققە گۆشلا بولۇش بولىۋاتىدۇ ،چوقۇڭلا بۇنى .....
  بىرنەچچە خوراز ئۇنى چوقۇپ باش كۆزىنى قان قىلىۋەتتى ،ئۇ يۇمىلاپ كەتتى ،ھېچكىم ئىچ ئاغرىتقاندەك ئەمەس ئىدى .
  خورازلار يەنە گەپ باشلىدى :
__توينى بۇزۇش كىرەك ،پىلان تۈزۈپ توينى بۇزايلى .لىكىن ھەممىڭلار ماسلىشىڭلار!!!!!
__بۇزايلى،بۇزايلى....!
مىكيان خورازلار تەڭ ۋارقىراشتى .يىغىن شۇنداق ئاياغلاشتى .
  توي كۈنى سازلار چېلىندى ،شۇنداق ھەيۋەتلىك بولدىكى،سىرىتتىن قارىغان ئادەم بىر ئادەمنىىڭ ئىككى ئوغلى تەڭ توي قىلغان ئوخشايدۇ ،دەپ قالاتتى .قىزمۇ كۆچۈرۈلدى ،خوراز كېرىلىپ ئولتۇرۇپ پولانى يەپ بولۇپ ،ھويلىدا راسا بىر ئۇسۇلغا چۈشتى .ياش بالىلار ئۇنىڭ بۇنچە قاملاشتۇرۇپ ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى چەمبەر شەكلىدە ئورىۋالدى .خوراز جىكسوننىڭ ،كوچا ئۇسۇلىنىڭ ،خەلق ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىرىدە قالتىس ئوينىۋەتتى.بالىلار ئويناۋاتقان ئۇسۇلنى قويۇپ ئۇنى قول تىلىفۇن بىلەن رەسىمگە تارتىشقا چۈشۈپ كەتتى.
  قىز يۈزى ئېچىلىدىغان ۋاقتى كەلدى ،ھەممەيلەن جىمجىت بولۇپ خورازنىڭ قانىتىغا قاراپ قالغان ئىدۇق.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىككى خوراز يۈگۈرۈپ كەلگەنچە ناھايتى تىزلىكتە قىزنىڭ چۈمپەردىسىنى قايرىۋىتىپ بىر نەچچىنى چوقىۋەتتى .ئوغۇل خوراز بىرخورازنى بىر ئۇرۇپ يىقتىۋەتتى-دە يەنە بىرسىنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن
قىز مىكيان قورىققىنىدىن يۈگرەپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.توي پاتا-پاراق بولۇپ ،بىز نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدۇق ،بۇ ئىشلار بەك تىز بولغاچقا بىزمۇ توسۇپ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدۇق .
  كىيىن ئاڭلىساق قىز مىكيان باشقا مىكياندىن خوراز يىگىتىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كىتىپ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بوپتۇ .ئەمەتكام يىغلامسىراپ جەسەتنى تېپىپ كەلدى.نەچچە كۈندىن كىيىن كىشىلەر ھېلىقى توينى بۇزغان توخۇلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ ،تويى بولغان خوراز ئۈچۈن نەزىرە قىلىشتى .
ئاڭلىساق ھېلقى مىكيان ئەمەتكامنىڭكىگە قايتىپ كىلىپ ،ئۇنىڭغا تۇخۇم كاكىلاپ چۆجىلەپ بېرىپتۇ ،كىيىن نەچچە چۆجە ھېلىقى خورازغا ئوخشاش يامان بولۇپ چوڭ بوپتۇ .بىر چۆجە چوڭ بولۇپ بۇ يىل يەنە مۇسابىقىدە بىرىنجى بوپتۇ ،ئەمەتكام شۇنداق بولسىمۇ نىمىشقىكىن يەنىلا ئازىراق غەمكىن بوپقالغان ئىدى ......

م.ئوغلان (ئىجادي ئەسىرىم)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 08:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھاھاھاھاھاھاھا  ئەجەپ قىزىق ، نىمەدىگەن كۈلكىلىك تىما بۇ ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت .{:34:}{:34:}{:34:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KARAMAT147 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 10:52 PM  


سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88432
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقىقىي خورازلىكەن...............

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78321
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3833
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92497
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 12:12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56919
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4137
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1779 سائەت
تىزىم: 2011-9-17
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 12:22:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ غورازلارغا ھەسەت قىلىمەن جۇمۇ، يەتتە -سەككىز خۇتۇنى بار بىر مۇ قېيىنئانىسى يوق.

بىراۋ دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
مەن دىدىم- شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار!
رۇزى سايىت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92182
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 12:37:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خورازلارغا [پىلانلىق تۇغۇت]يوخما!  

سەن تىزلىنىپ باش ئىگىشكە ئادەتلەنگەن بولساڭ، سىنىڭ بۇ ئىتائەتمەنلىگىڭ زوراۋانلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تەخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90025
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 04:36:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن كۈلكىلىك. ھەقىقىي ئوغۇل بالىدەك خورازكەنتۇق، رەھمەتلىك!!!

يۈتۈپ كەتسە ئەگەر بىر كالاڭ،
سوراپ كىتىسەن كالام قەيەردە.
سەندىن ئىمان يۈتكىلى نەۋاق،
سوراپ قويمايسەن ئىسلام قەيەردە.

جاندىن كەچمىگۈچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 1341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8225
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1353 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 06:41:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئويلاردۇردىغان يومۇرلۇق تىمىڭىزغا رەھمەت دوستۇم .!
بىز دان يىيىشنى ئوقۇپ چېنىقىشنى تالشلاپ قويغان خۇرازلا .

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش