ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ۋە تورداشلار!
بىلىۋىلىشكە تىگىشلىككەن دەپ بۇ مەزمۇننى يوللاپ قويدۇم ! بىلەلمەي قالغانلارغا يەتكۈزۈپ قويايلې!
ئىككى سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
1. قوي گۆشى بىلەن تاۋۇز تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، ماغدۇرسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. شوخلا بىلەن قىسقۇچپاقا تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تۇخۇم بىلەن ساخارىن تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. توشقان گۆشى بىلەن كەرەپشە(چىڭسەي) تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، چاچ چۈشىدۇ.
5. ئۆردەك گۆشى بىلەن تۇخۇم تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، ماغدۇرسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. پىياز بىلەن ھەسەلنىڭ تەڭ ئىستېمال قىلىنىشى كۆزگە زىيانلىق.
7. تەرخەمەك بىلەن خۇاسېڭنىڭ تەڭ ئىستېمال قىلىنىشى بەدەنگە زىيانلىق.
8. بانان بىلەن تارو(ياڭيۇغا ئوخشاش يېيىشكە بولىدىغان كۆكتات) تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، قورساق كۆپىۋالىدۇ.
9. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ) بىلەن ھەسەل تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، گاس بولۇپ قالىدۇ.
10. تۇرۇپ بىلەن ياغاچ زەمبۇرۇغى(قېرىنقۇلاق) تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، تېرە يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. ئات گۆشى بىلەن ياغاچ زەمبۇرۇغى(قېرىنقۇلاق) تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، خولېرا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
12. كالا گۆشى بىلەن تۈكلۈك زەنجىۋىل تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، زەھەرلىنىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13. قوي گۆشى بىلەن قۇرۇتۇلغان قارا ئۆرۈك تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، دىمى سىقىلىدۇ.
14. توخۇ گۆشى بىلەن خەردەل تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، ماغدۇرسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
15. توشقان گۆشى بىلەن يازلىق يېسىۋىلەك تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، كۆڭلى ئېلىشىدۇ.
16. ئۆردەك گۆشى بىلەن نەشپۈت تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، ئاسانلا كېزىككە گىرىپتار بولىدۇ.
17. قارا بېلىق بىلەن پىدىگەن(چەيزە) تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، ئاسانلا خولېرا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
18. راك بىلەن چىلان تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، بەزگەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
19. بەرەنگى بىلەن بانان تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، يۈزدە داغ پەيدا قىلىدۇ.
20. كالا گۆشى بىلەن كاشتان تەڭ ئىستېمال قىلىنسا، كۆڭلى ئېلىشىدۇ.
مەنبە ؛ يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىمدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 09:57 PM