ناماز دىننىڭ تۈۋرىكىدۇر
ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تىلىدا مەشھۇر بولغان ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە ئورنىشىپ كەتكەن نەرسىنىڭ بىرى <<ناماز دىننىڭ تۈۋرىكى >> ئىكەنلىكى بولۇپ ،ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. چۈنكى ناماز مۇسۇلمانلىق بىلەن كاپىرلىقنىڭ چەك -چىگىرسىنى ئايرىيدىغان ئالاھىدە بىر چىگرا قىلىنغان بولۇپ،نامازنىڭ ئۈستۈن دەرىجىسىمۇ ئۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەزىرىدىكى چوڭ ئەھمىيىتى تۈپەيلىدىنلا ئۇنىڭغا بۇ سۈپەتنى بېرىپ ،ئۇنى دىننىڭ تۈۋرىكى ۋە دىننىڭ ئەڭ ئۈستۈن پەللىسى قىلغان .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزنى نامازغا ئەھمىيەت بىرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:<<(بەش ۋاقىت)نامازنى، بۇلۇپمۇ ناماز دىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار،(يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تۇللۇق ئادا قىلىڭلار)،ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا(يەنى نامازدا)ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار>>. بەقەرە سۈرىسى 238-ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :<<قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھېسابى سورىلىدىغان نەرسە نامازدۇر. ئەگەر ناماز تەلەپكە لايىق كۆرۈلسە ئۇنىڭ باشقا ئەمەللىرىمۇ ياخشى بولىدۇ،ئەگەر ناماز تەلەپكە لايىق كۆرۈلمىسە باشقا ئەمەللىرى ئىتبارغا ئېلىنمايدۇ >>.
ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە نامازنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇپ ،نىجات تېپىشنىڭ،مەقسەتكە يېتىشنىڭ،غەلبە قىلىشنىڭ ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قىلىپ كۆرسىتىدۇ:<<مۆئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى.(شۇنداق مۆئمىنلەركى)ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكىدىن )ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر>>.مۇئمىنۇن سۈرىسى 1-2-ئايەتلەر
نامازنىڭ مەنىۋى تەسىرى
خۇشۇ ۋە خۇزۇ بىلەن ئوقۇلغان كامىل ناماز دىلنى يۇرۇتۇپ ،قەلبنى پاكلايدۇ. كىشىگە بەندىچىلىكنىڭ ئەدەب-قائىدىلىرىنى ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ دىلىغا ئاللاھنىڭ كاتتا ۋە بۈيۈكلىكىنى ئورنىتىش ئارقىلىق بەندىگە جانابى ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىدىغان ۋەزىپىلىرىمىزنى قانداق ئادا قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۈگىتىدۇ. يەنە نامازنىڭ ئىنساننى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە قىلىپ ، ئۇنى راسچىللىق ،ئامانەتكە رىئايە قىلىش، قانائەتچان بۇلۇش ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش،كۈيۈمچان بۇلۇش،كىچىك پىئېل بۇلۇش ،ئادىل بۇلۇش ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئوخشاش گۈزەل خىسلەتلەر بىلەن زىننەتلەيدۇ. يەنە ناماز ناماز ئوقۇغۇچىلارنى ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىرىشتۈرىدۇ، ۋە ئۇنى يەككە- يىگانە ئاللاھقا يۈزلەندۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن كىشى ئاللاھنى تېخىمۇ كۆپ ياد ئېتىپ ،ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك قورقىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ھىممىتى ئالى،نەپسى پاكىزە بولۇپ ،گۇناھ-مەئسىيەتتىن يىراق تۇرۇپ ،يالغانچىلىقتىن ،خىيانەتتىن، يامانلىقتىن، ئالدامچىلىقتىن ، قەھرى-غەزەپتىن ۋە تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرىدۇ. زۇلۇم دۈشمەنلىك، پەسكەشلىك، پاسىقلىق ۋە ئاسىلىقتىن يىراق تۇرىدۇ.
دىمەك بەندىدە ناماز ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدە دىگەنلىرى ئەمىلىلىشىدۇ .
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<<....نامازنى(تەئدىل ئەركان بىلەن )ئوقىغىن،(چۈنكى)ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن تۇسىدۇ ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە )ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ>>.ئەنكەبۇت سۈرىسى 45-ئايەت
ناماز دىلغا شىپادۇر
ناماز شەكىل ۋە روھتىن ئىبارەت بولۇپ ،ئۇنىڭ شەكلى ئەزالارنىڭ ئىبادىتىدۇر، روھى بولسا دىلنىڭ ئىبادىتىدۇر. يەنە ناماز جىسمانى تەلىم -تەربىيە ھەمدە روھى تەربىيە بولۇپ، ناماز ئوقۇغىچىنىڭ دىلىنى يۇرۇتىدۇ، يۈزىنى ئىلاھى نۇر بىلەن يۇرۇتىدۇ ، ھەم ناماز بىلەن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرىلىدۇ.
شۇنىڭدەك ناماز بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدىكى بىر ئالاقە بولۇپ، ئۇنى كامىل،تەلەپكە لايىق ئوقۇش ئىماننىڭ ئەڭ چوڭ ئالامىتى ،دىنى شۇئارلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە سانسىزلىغان نىئمەتلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ روشەن نامايەندىدۇر.
ناماز ئوقۇماسلىق بولسا ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلىشى ،ئۇنىڭ رەھمىتىدىن، نىئمەت بۇلىقىدىن ۋە نۇرغۇنلىغان پەزلى-ئىھسانىدىن مەھرۇم قېلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى- ئىھسانى بىلەن ئۇنىڭ نىئمەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىقتۇر.
تەلەپكە لايىق ئادا قىلىنغان ناماز بىر قىسىم يۈرەك كىسەللىكلىرىگە ۋە روھى بىئاراملىقلارغا شىپالىق دورا بولۇپ، گۇناھ-مەئسىيەت قاراڭغۇلۇقلىرىنى يوق قىلغۇچى نۇردۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :<<قانداق قارايسىلەر:ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ،ئۇ كىشى ئۇ ئۆستەڭدە كۈندە بەش قېتىم يۇيۇنسا ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ ؟ ساھابىلەر:<<ياق ئۇنىڭدا كىر قالمايدۇ >>دەپ جاۋاب بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :<<مانا بۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ مىسالى بولۇپ ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرۋىتىدۇ >> دىگەن . ( ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
<< نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن ،پەرۋەردىگارىمىز دۇئايىمنى قۇبۇل قىلغىن ، پەرۋەردىگارىمىز ھىساب ئالىدىغان كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە )ماڭا، ئاتا-ئانامغا ۋە مۆئمىنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن >>. ئىبراھىم سۈرىسى 40-41- ئايەتلەر
بارلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا خاستۇر
مەنبە :ساقلانمىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ihsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 07:13 PM