مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1333|ئىنكاس: 13

بۇ ئازاپنى شۇنداق يىڭىش كىرەككى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 05:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ئازاپنى شۇنداق يىڭىش كىرەككى

      ئازاپ ئىنسان روھىيىتىنىڭ قاتىلى،مۇھاببەت _ بارلىق ياخشىلىق، يۈكسەكلىك، قۇدرەتلىك، يىقىملىق ۋە يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئجاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چەكسىز ئازاپقا تولغان خۇشاللىق ؛ مۇھاببەت _يالقۇنى كۆرۇلمەس گۇلخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاغرىغى بىلىنمەس يارا، ئازاپ چىكىدىغان بىيىشتۇر. مۇھاببەت ئىنسانغا قەدىرلىنىشنى ئاتا قىلسا ، تاشلىنىش ئىنسانغا خارلىنىشنى ئاتا قىلىپ روھىنى ئازاپتا سىقىدۇ.مۇھاببەت ئىلىپ كەلگەن ئازاپ ئىنساننىڭ  مەنىۋىي دۇنياسىنى كۆيدۈرۇپ كۈل قىلىۋىتىدۇ. ھەممىنى يىڭىپ كەتكىلى بولسىمۇ بىراق بۇ ئازاپنى يىڭىش ئۈچۈن يۈكسەك جاسارەت كىتىدۇ.

      كونىلار  ھەسەلنى كۆپ يىسە ئەمەن تىتىيدۇ دەپ تۇغرا ئىيتقان. يولدىشىڭىز بەخت رىتىمى بىلەن ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشنى قىزغىنلىقى يوقالغان، ئۆزگەرمەس، ئەھمىيەتسىز،بىر قىلىپتىكى زېرىىكشلىك ئۈمىدسىز قورغان دەپ ھېس قىلغانىدا ياكى سىزدىن بىزارلىق ھىس قىلغاندا سىرتقا چىقىپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىىلپ تۇرمۇشنى تەڭشەش مەقسىتىدە تالاغا قاراپ سىزنى ئازاپ دوزىقىغا ئىتتىرىۋىتىدۇ دە  مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ ئائىلىگە كۆڭۈل بولمەيدىغان، يوق ئىشلاردىن قۇسۇر تىپىپ ئۇرشىدىغان، ئۆيدە دائىم سورۇن چىراي تۇرۇپ تالاغا مىڭىشقا ئالدىرايدىغان، سىزنى بۇرۇنقىدەك ھۆرمەتلىمەستىن چۈشۈرۈدىغان،  قىزغىن ئەركىلىسىڭىزمۇ سوغۇق سىلكىيدىغان، تىلفۇن كەلسە سىرىتقا چىقىپ مەخپى سۆزلىشىدىغان،بۇرۇنقىدەك سىزگە يىقىنچىلىق قىلماستىن ، سىزدىن قاچىدىغان، سىزنىڭ ئەرزىمەس كىچىك    گۇنايىڭىزنى   چوڭايتىپ،چوڭىنى كۆككە كۆتىرىپ،   سىزنىڭ بۇ ئاتالمىش ئاجىزلىغىنى ئۆزىنىڭ گۇنايىنى يىپىش دەسمايىسى،ئىغىرراق بولغاندا بۇنى ئاجرىشىشنىڭ دەستىگى قىلىۋالىدۇ.

    شۇ نەرسە ھەممىمىزگە ئىنقكى ئاللاھ لەنىتى شەيتانغا تا قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلارنىڭ تۇمۇرىدىن ھاياتلىق بەرگەن. شەيتان تاكى قىيامەتكە قەدەر مىھرى مۇھاببەتلىك ئائىلىدە «ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىش، گۇمان ئۇرىغى چىچىش، تالاغا قاراشقا ئىزىقتۇرۇش .. . » تەك قىلمىشلار ئارقىلىق ئەر ئايال ئۆتتۇرىسىدىكى  ئىشەنچنى يوقىتىپ، ئازاپلاپ،  ئايرىۋىتىشكە  ۋەدە قىلغان. شەيتان ئىنساننىڭ تومۇرىدا تۇرۇپ ئىنساننى بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ. يولدىشىڭىزنىڭ تالاغا قارىشىنى شەيتان بىلەن خام سۈت ئەمگەن ئىنسان بالىسىنىڭ ئىشى دەپ قاراڭكى ھەرگىز شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ،ئىللىق ئائىلىڭىزنى سورىۋەتمەڭ.

    ئۇنداقتا سىز يولدىشىڭىزنىڭ تالاغا قاراپ، سىزگە ئاسىلىق قىلىپ ، سىزنى ۋە ئەقىدىڭىزنى بىر تىيىنگە ئەرزىگۈسىز قىلىۋىتىشىنى شەيتاننىڭ ئىشى دەپ چارە - تەدبىرسىز قاراپ تۇرىشىڭىز كىرەكمۇ؟ ياق! سىز دۇشمەننىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماي،ئازاپنى يىڭىپ، شەيتاننىڭ  بەختىڭىزنى سورىۋىتىشىگە ھەر ۋاقىت يول بەرمەستىن، ئائىلىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاڭ، شەيتان يولدىشىڭىزدىن ئۆچ ئىلىش ھىساۋىغا ئىزىشقا ئۈندىگەندىمۇ ئۆزىڭىزگە ھاي بىرىپ، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت ۋە ئىسىللىگىڭىزنى ساقلاپ، تۆۋەندىكى چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئازاپتىن قۇتۇلۇپ، سەمىمىي مۇھاببىتىڭىز ۋە ساداقىتىڭىز بىلەن سەۋرىچانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ پۇشمان بىلەن قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈڭ.

1    . سىز يولدىشىڭىزدىن ئاغرىنماستىن ئالدى بىلەن سەگەكلىك بىلەن بۇ خىل يىرىك مۇناسىۋەتكە سەۋەپ بولغان ئامىلنى تىپىپ چىقىڭ. سىز بەلكىم ئېرىڭىزنىڭ مەۋجتلىقىغا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا ،ئۇنىڭمۇ ھېسياتىنىڭ نازۇك،ھەمراھ بولۇشقا ۋە تەسەللىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويغان بولىشىڭىز مۈمكىن.ئەر كىشى ئۆيىدىن بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە  چوقۇم سىرىتتىن ئىزدىشى مۈمكىنغۇ؟ ئۇنىڭدىنلا ئاغرىنماي  ئالدىڭىزغا ئەينەكنى قويۇپ ئوزىڭىزنى تەكشۈرۈپ، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىڭىزنى تىپىپ چىقىپ تۈزىتىڭ. ئۇزىڭىزدىن شۇ سۇئالنى سوراپ بېقىڭ، سىز مۇھەبىتڭىزنى قەدىرلىدىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىدىڭىز ۋە ئەخلاقىڭىز بىلەن ئۇنى مەپتۇن قىلالىدىڭىزمۇ؟ ئۆز قولىڭىزدىكى يولدىشىڭىزنى نىمىشكە باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدىڭىز؟ ئۇ سىزدىن نىمىشكە بىزار بولدى؟ نىمىشكە سىزدىن ۋاز كەچتى؟ بۇ تۇگۇننىڭ سىرىنى ئاڭلىقلىق بىلەن يىشىڭ.

   2. قانداقلا قىلىڭ قەلبىڭىزدىكىئازاپ ،غەزەپ  ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت روھىي توساقنى يىڭىپ، پىسخىكىلىك ناچارلىقىنى تىز تۈگىتىپ، پاسسىپ ھالەتنى تەشەببۇسكار رول ئۆينايدىغان ئاكتىپ ئامىلغا ئۆزگەرتىڭ. ئەلۋەتتە بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرگىچە چەكسىز ئازاپلىنىسىز، بىراق ئەرزىيدۇ، ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن دەپ ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئۈمىتلەدۈرۈپ، ئۇنىڭ قەلبىدە ياخشى بىر ئوبراز تىكلەڭكى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى پۇتۇنلەي سۈپۈرىۋەتمەڭ . ئۇ سىزگە قىيالماي پۇشمان ئىچىدە    ئەپسۇسلانسۇنكى  بىراق سىزدىن قۇتۇلغىنىغا خۇشال كۇلمىسۇن.

   3.ئەمىلىي ھەركىتىڭىز بىلەن يولدىشىڭىزدا سىز بىلەن يەنە ئۆي تۇتالىغۇدەك ئىشەنچ تۇرغۇزۇڭ، ئىشەنچ ئاشسا مۇھەببەت ئاشىدۇ،ئىشەچ  بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئانىسى سۆيگۇنىڭ كاپالىتى ئەمەسمۇ؟ ئىشەنچكە ئىرشەلمەسلىكنىڭ  تولىمۇ ئازاپلىق، ئىشەنچتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ بەكلا ئۇمۇتسىزلىك ئىلىپ كىلىدىغىنىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ.غەيرەت بىلەن قولدىن كىتىش ئالدىدا تۇرغان بەختىڭىزنى قايتۇرۋىلىڭ.

4   . ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى رۇھى ھالىتىڭىزنى، ئۆز خاسلىقىڭىزنى ساقلاڭ ، ئازاپ ۋە ئۈمىتسىزلىك ئىچىدىمۇ ھاياتقا كۈلۈپ قاراڭ ، غەم قايغۇ گۇمان ۋە جىدەل ماجرا توقۇنۇش ئۈچۈن ۋاقىت قالدۇرماڭ، ئۈزىڭىزنىڭ قەدىر -قىممىتىنى بىلىڭ ، شەرمى - ھايالىق ئەدەپ ئەخلالىق بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەچنى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىتنى غايىنى يوقتىپ قويماڭ. بىشەملىك ۋە ئۈمىتسىزلىكنىڭ ھەممىدىن مەھرۇم قويىدىغان تۇيۇق يول ئىكىنلىگىنى ئۇنۇتماڭ.بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى كۆتۇرۇڭ.

5.ئاچچىقلاش _ ئوزىنى ئازاپلاش ئۈچۈن ئىچىلگەن زەھەردۇر.ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۈزىنى جازالاشتۇر . ئاچچىقلىنىش ، غەزەبلىنىشتىن ئۈزىڭىزنى لەنەتكە دۇچار قىلماڭ. ئازاپ ۋە قىيىچىلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ،ئۈمىتۋار ياشاپ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئۆزىڭىزگە ئاسىيلىق قىلماڭ، ئۈزىڭىزگە خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يۇقاتماڭ ، ئىش - ھەركىتىڭىز ئىچكى دۇنيارىڭىز گۈزەل بولسۇن ، ئەخلاقىڭىزغا دەز كەتمىسۇن، مۇلايىملىقىڭىز بىلەن بوي سۇندۇرۇشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ.

6 .تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۇپ، خۇشال ياشاڭ. پاسىپ ئويلاردىن تىزرەك قۇتۇلۇڭ، يولدىشىڭىزنىڭ ۋاقىتلىق سىزنى تاشلىۋىتىشى بىلەن ئۆچ ئىلىشنى نىيەت قىلىپلا ھاياسىز ، بەتخۇي ، قەھرى-غەزەپلىك ، ھەسەتخۇر ، گۇمانخۇر بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتمەڭ.نىيىتىڭىز دۇرۇس بۇلسۇن. ئەقىل – پاراسەتلىك ، دىنايەتلىك،  ۋىجدان- غورۇرلۇق ، ۋاپادار توغرا يوللۇق ،سەۋىرچان ،كەڭ قوساق، ئەپۇچان،شۈكۈر قانائەتچان بۇلۇڭ، يۈرۈش تۇرۇش ، ھەتتا تىنىقلىرىڭىزغىچە ئەدەب قائىدىلىك بۇلۇڭ ! ئازاپنى يىڭىشتە ئۈزىڭىزنىڭ - ئۈزىڭىزگە دورا ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماڭ.

7.يولدىشىڭىزنى ئەيىپلاپ ئاغرىنىپ كۆزىگە كىرىۋالماستىن ماختاش ، غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش، مۇھىم كۈنلەرنى خاتىرلەش ،سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ، ئۇنىڭ ساداقەتسىزلىگىنى ئەپۇ قىلىش(بۇ دىگەنلىك ئەرلەر ئاسىلىق قىلسا بىر ئۆمۇر كەچۈرۈم قىلنىدۇ دىگەنلىك ئەمەس)، ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بولۈش،ئورتاق مەشغۇلاتنى كۆپەيتىش،مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش ،خوشال تەبەسسۇم ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئائىلىڭىزنى خوشاللىق باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ سىزدىن چەتنەپ كەتكەن كۆڭلىنى ماگىنىت تۆمۇرنى تارتىپ كەلگەندەك قايتۇرۇپ كىلىڭ.

8. ئورتاق ھاياتلىق نىشانى،ئورتاق مۇھىت، ئورتاق سۆھبەت تىمىسى،ئورتاق دوست، دائىملىق ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوسلار يىغىلىشىدىن پايدىلىنىپ ،چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسىل خىسلەت خاراكتىرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بەخت يۇلتۇزى ئىكەنلىگىڭىزنى ئىسپاتلاپ ، بىپەرۋا ئىرىڭىزدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، سۆيىنىش تۇيغۇسى، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىرگە بولۇش ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يولدىشىڭىزنى سىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، سىزنى سىغىنىدغان ھالغا كەلتۇرۈڭ، ئۇ شەيتاننىڭ  ۋەسۋەسى بىلەن سىزگە ئاسىلىق قىلماقچى بولسىمۇ سىزدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ دەرھال كەينىگە يانسۇن. ئۇ ھەممىنى ئۇنۇتسىمۇ بىراق سىزنىڭ ياخشى ئىشلىرىڭىز،گۇزەل ئەخلاقىڭىز ،  ئىسىل روھىڭىزنى ياد ئەتسۇن.بۇ ئائىلىڭىزنى قوغداشتىكى قورغان بولالايدۇ.

9.سىز يولدىشىڭىزغا ئەرلەرنىڭ مەركىزى ئىھتىياجى بولغان ھۆرمەتلىنىش ، ئىززەتلىنىش، ئىتىراپ قىلىنىش قوللىنىش ۋە چۈشۈنىشكە ئىرىشىشى ھوقۇقىنى ئاتا قىلىپ، ئوتتۇرىدىكى چۈشۈنىش، ئىقتىسادى مەسىلە،جىنسى تۇرمۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يولدىشىڭىزنىڭ ئىشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ،يولدىشىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك بايقاپ، ئاكتىپ كۆزقاراشقا تولغان ۋە ياخشى نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۆز  ئىبارىلەرنى كۆپرەك قىلىپ، يولدىشىڭىزدىن زارلاش، خاتا چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەيىپلەشنى ئازايتىپ، يولدىشىڭىزنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك ئويلاپ، ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، قىيىنچىلىقىنى چۈشۇنۇپ،  ھالىغا يىتىڭ، "سىز بەك قالتىس، مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن" ، " كەچۇرۇڭ، مەن خاتالىشىپتىمەن"، "مەن سىزگە ئىشىنىمەن"،  "مەن سىزنى سۆيىمەن" دىيىشكە ئادەتلىنىڭ. ھەر ۋاقىت يولدىشىڭىزنىڭ ئاجىزلىغىنى كۈزىتىدىغن كۆزىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۈزىتىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاقىت يولدىشىڭىزنىڭ يىتەرسىزىلىگىنى سۆزلەيدىغان تىلىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ياخشىلىغىنى سۆزلەيدىغان تىلغا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. يولدىشىڭىزغا ئىشىنىشنى، چۈشىنىشنى ، كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. ئۇ سىزدىن ۋاز كەچكەندىمۇ ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈڭ.

10. مىھرىڭىز كۆتۇرۈلۈپ كەتكەن تەقدىدىمۇ ئۇنى چۈشۈردىغان گەپلەرنى ھەرگىز قىلماڭ. يولدىشىڭىز سىزدىن بىزارلىق ھىس قىلمىسۇن، سىزگە ئۆچ بۇلۇپ كەتمىسۇن. يولدىشىڭىز سىزنى تاشلىۋەتتىيۇ لىكىن ۋاز كەچمىدى، روھلۇق بۇلۇڭ ، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن يىراق تۇرۇڭ، تەمكىن سۇغوققان ، ئېغىر-بىسىق بولۇڭ ، تەنتەكلىك قىلماڭ، مۇھىتقا قاراپ ئىش تۇتۇڭ ، يول قويۇشنى ئۆگىنۋېلىڭ.ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ.

11. ئۆزىڭىزنى رەقىۋىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى قايسى تەرەپلەردىن تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەكلىگىنى تونىۋىلىڭ. ئۇنىڭ يولدىشىڭىزنى جەلىپ قىلىدىغان سىزدىن ئارتۇق قايسى تەرىپى بار؟ ئۆتكۈر كۆزىڭىز بىلەن گۈزىتىڭ، ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن ھەرگەز جىدەل ماجرا قىلماڭ، چۈنكى يولدىشىڭىز شۇ تەرەپتە، سىز يالغۇز.سىز ئۇنى چۈشەنگەندىلا ئۇنى مەغلۇپ قىلالايسىز. ئەقىللىق بولسىڭىزلا يولدىشىڭىزنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن سا ئولجىنى يۇلۇپ ئالغاندەك تارتىپ ئالالايسىز.

12. ئائىلىڭىزدىكى ئازغىنە ئارازچىلىق ئۈچۈن يولدىشىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ۋاز كەچمەڭ، ئۇلارنى بۇرۇنقىدىنمۇ قەدىرلەڭ ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ ، كۆيۈنۈڭ ، ۋاپادار بۇلۇڭ، ئائىلىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ ، قەدىرلەڭ،ئۇنىڭ ۋە يىقىن كىشىللىرىنىڭ  تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ،ئۇلارنى تەبىرىكلەڭ ،قىرىنداش دوست-يارەنلىرىنى ھۆرمەتلەڭ. بۇ ئارقىلىق ئۇنى تەسىرلەندۇرۈڭ.

13.ئازاپغا جاپاغا چىداملق بولۇڭ. ئازاپ ئىچىدىمۇ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي مەنىلىك خۇشال ياشاڭ، ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن، قۆرسىقىڭىزنى كەڭرى تۇتۇڭ ،سەمىمىي بۇلۇڭ، ئاددىي-ساددا،پاكىز بولۇپ،يولدىشىڭىزنى ئائىلىدە غىزالىنىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ، چۈنكى تاماق ئىتىش جەريانى مىھرى مۇھاببەتنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر.ئەخلاقىڭىزنى، ئىتىقادىڭىزنى ئەنئەنىۋىيلىكنى يوقاتماڭ ، ھاياتنى قەدىرلەڭ، غورۇرلۇق، ھايالىق بولۇڭ!!! بۇ ئارقىلىق ئۇنى سۆيۈندۇرۇڭ.
    14.يولدىشىڭىزنى پۇتۇن ۋۇجۇدىڭىز بىلە سۆيسىڭىز ئۇنىڭغا ئەركىن نەپەس ئالالايدىغان بىر بوشلۇق قالدۇرۇڭ،ئۇرۇنسىز ئۇرۇشماڭ، ئورۇنسىز كۈنلىمەڭ،ئۇنىڭ ئەركىنلىگىنى مۇنۇپۇل قىلماڭ،ئۇنىڭغا ۋاپادار بۇلۇڭ.چىچىلغاندا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەڭ تۇرماڭ. ھۆرمەت قىلىشنى بىلىڭ. ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئۆزىڭىزگە باغلىق.ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.

15. ئۇ سىزنى تاشلاپ چىقىپ كەتسىمۇ قايغۇرماستىن ئۇنىڭغا ئويلىنىشقا يىتەرلىك  ۋاقىت بىرىڭ.بۇ جەرياندا كۆزىگە كىرىۋالماي، چىرايلىق تلەكلىرىڭىز بىلەن يولغا سىلىپ قويۇڭ، خۇشخۇي قارشى ئىلىڭ، ئازاپ ئىچىڭىزگە پاتمىسا دەرت تۆكىدىغان ئوبىكتىنى توغرا تاللاڭ، ئۇنىڭ يۈزىنى تۆكمەڭ، ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇڭ، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن ساۋاق ئىلىڭ. ئەپۇ قىلىش_ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. يىقىلغان يىرىڭىزدىن ئۆزىڭىز تۇرالايدىغان بولۇڭ. ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشىپ،يولدىشىڭىزنى ئىللىق ئائىلىڭىزگە باغلاپ، يۈرەك قىنىڭىزنى گۈزەل ئائىلىڭىز ئۈچۈن سەرپ قىلىپ،باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك تۇرمۇش كەچۈرۈڭ.

      16. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا ، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر. ئۆزىڭىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.بۇ ئارقىلىق بىزارلىقتىن قۇتۇلۇپ،ھەممىنى قەدىرلىيەلەيسىز. قولدىن بىرىپ قۇيغان نەرسىگىلە ئىسىلىۋىلىپ،ئېرىشكەنلىرىڭىزگە سەل قارىماڭ.

    17. مىننىەتخۇرلۇقنى تاشلاپ، مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ. تەقۋادارلىقنى دوس تۇتۇپ، غەم _قايغۇغا چۆكۇپ ئولتۇرماي، شۇكرى قىلىشتىن نىجاتلىق يولى تىپىپ، دۇشمەندىن،شەيتاندىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇپ،سۇخەنچىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن نىمە مەخسەتتە ئاراڭلارغا بولگۈنچىلىك سىلىۋاتقىنىنى تۇنۇڭ.ھۇشيارلىغىڭىزنى ئۆستۇرۇپ، بۇ ئۆتكۈنچى ئازاپلارغا پىسخكىلىق ساپانىڭ يۇقۇر پەللىسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىڭ. ھەممىنى يوقاتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئائىلىڭىزگە يولدىشىڭىزغا بولغان ئىشەچنى يوقاتماڭ.

18.ۋاقىت ئازاپنى يىڭىشتىكى _ ئەڭ ياخشى دورا.بۇ ئازاپلارنى تۇرمۇشىڭىزدىكى كۆلەڭگۈسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگىمۇ يولدىشىڭىزگىمۇ ۋاقىت بىرىڭ. ئۆز سەۋەنلىكىڭىز  ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.ھىچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەردىن بولۇپ، روھى نامراتلىقنى قۇرال قىلپ، يولدىشىڭىزنىڭ مەنىۋى بىغىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىشتىن ساقلىنىڭ.ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ يىنىڭىزغا مەڭگۈ كەلمەيدۇ.

19.سالامەتلىگىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، ئازاپ بىلەن ئۆزىڭىزنى تۇگەشتۇرىۋالماڭ، دۇشمەنلەرگە ئويۇن قويماڭ،ئەڭ ياخشى كىتاپلارنى ھەمراھ قىلىپ، سەۋىر دۇلدۇلىغا مىنىپ ئازاپ ھاڭلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈڭ. باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە ۋە  سۆز چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماڭ. ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ مەسىت بولۇپ يىنىكلەيمەن دەپ ئويلىماڭ ! بەدىنىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ ، يېڭى كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ مەنزىرلىك يەرلەرنى سەيلى قىلىڭ! يالغۇز بېكىنىۋالماڭ ! كۆڭۈلدىكى دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىڭ . دۇشمەن ئالدىدا   قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ مېڭىڭ ! نەزىرىڭىزنى قەدىمىڭىز ئاستىدىكى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىزچۇققىلارغا تىكىڭ،  ئۈمىدسىزلەنگەندە باشقىلاردىن تەسەللىي تاپالمىسىڭىز، ئۈزىڭىزدىن تەسەللىي تېپىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.ھەر قانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ،ئۇئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ،شۇڭا ھەرگىز بىئارام بولماڭ.كۈندەش بىلەن سىزنىڭ مۇناسىۋىتىڭىز تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت، ئۇ كۈچەيسە سىز ئاجىزلىشىسىز، سىز ئۈمىتكە تولسىڭىز ئۇ ئۈمىتسىزلىنىدۇ،ئۇنى ئۈمىتسىزلەندۇرۇپ يولدىشىڭىزنى قويىۋىتىشىنى قولغا كەلتۇرمەي، ئۇرۇش جىدەل قىلىپ ئۇنى كۇچلەندۇرۇپ نىمە قىلىسىز؟

     20.كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ،ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ،كۆڭلىڭىزدە ساقىلغانلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي خاتىرلەش ئارقىلق كەيپىياتڭىزنى تەڭشەڭ. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى، ئۆزىڭىزنىڭ  كەمچىلىگىڭىزنى، تۇزىتىش ئىرادىڭىزنى، ۋە تىرىشىش نىشانىڭىزنى يىزىڭ، ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ، ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىپ ياشىيالامسىز؟ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمىگەن ئادەم نىمىشكە ئۇنى سۆيۈش ۋە سۆيىنىش بىلەن يىنىڭىزدا ئىلىپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشمايسىز؟ بۇ ئارقىلىق مەسىلىگە جاۋاپ تاپقىلى بولماسمۇ؟ سىز ئۇنى باشقىلار بىلەن كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئەقىللىق بولۇپ،كۆرمەسكە سىلىپ، يولدىشىڭىزنى كۆڭلى بىلەن قوشۇپ  قايتۇرۇپ كىلىك.

    ئەگەر سىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىڭىزمۇ كار قىلماي ئۇ سىزنى تاشلاپ بىراقلا كەتكەن تەقدىردىمۇ ئازاپلانماي مۇنداق مەردانە ياشاڭ: :

1.كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇپ،ئۇتمۇشىڭىزنى ۋە ئۇنى بىراقلا ئۇنتۇپ ،ئازاپتىن خالاس بولۇشقا تىرىشىڭ. سىزنى ۋە ئەجرىڭىزنى قەدىرلىمەيدىغان ، سىزگە ئاسىلىق قىلغان ئادەمدىن تىزراق قۇتۇلغىنىڭزغا خۇرسەن بولۇڭ.

2.ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى رۇھى ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ. ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئۆزىڭىزگە ئاسىيلىق قىلماڭ،ئۈزىڭىزگە خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يۇقاتماڭ ، قەيسەر ياشاڭ،  ئىش - ھەركىتىڭىز گۈزەل بولسۇن ، ئەخلاقىڭىزغا دەز كەتمىسۇن ،ئىچكى دۇنيارىڭىز گۈزەل بۇلسۇن .

3  .تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۇپ، خۇشال ياشاڭ. پاسىپ ئويلاردىن تىزرەك قۇتۇلۇڭ،نىيىتىڭىز دۇرۇس بۇلسۇن، لاتاپەتلىك،خۇشخۇي، سەۋىرچان،  شۈكۈر قانائەتچان، ئەدەب قائىدىلىك روھلۇق بۇلۇڭ ، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن يىراق تۇرۇڭ، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ. ئازاپنى يىڭىشتە ئۈزىڭىزنىڭ - ئۈزىڭىزگە دورا ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماڭ.

4   . ئۆزىڭىزنى  قىزغىن سۆيۈڭ ، قەدىرلەڭ، ئازاپغا جاپاغا چىداملق بولۇڭ. ئازاپ ئىچىدىمۇ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۇپ، خۇشال ياشاڭ، ھاياتنى قەدىرلەڭ، غورۇرلۇق، ھايالىق بولۇڭ. غايىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. ئۈمىتۋار ياشاڭ. قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ. تەقۋادارلىقنى دوس تۇتۇپ كامىل ئىشەچ بىلەن كەلگۇسىگە ،يۇز بىرىپ بولغان رىياللىققا ، ئازاپ ۋە   قىيىنچىلىققا يۈزلىنىڭ. ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەڭ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىڭ.

5.    تەقدىرىڭىزنىڭ يەنىلا ئۆز قولىڭىزدا ئىكەنلىگىگە ئىشىنىڭ. پاسىپ ئويلاردىن تىزرەك قۇتۇلۇڭ. يىراقلارغا نەزەر سىلىڭ. ئەتىگە بولغان ئۈمىت بىلەن بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇڭ، دۇنيادا ئازاپ ئوقىبىتى يوق ئادەم يوقلىغىنى بىلىڭ. ھەر بىر كۈننى ئىللىق چىراي كۈتىۋىلىڭ.روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچ ئارقىلىق ئازاپنى يىڭىڭ.

6.   ياخشى خاراكتىر بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشىش ۋە ۋاقىت ئازاپنى يىڭىشڭىزدىكى  ئەڭ ياخشى دورا ئىكەنلىگىنى بىلىڭ..ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەڭ.قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ. قولدىن بىرىپ قۇيغان نەرسىگىلە ئىسىلىۋىلىپ،ئېرىشكەنلىرىڭىزگە سەل قارىماڭ . ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.

7. ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئازاپ ئالدىدا باتۇر بولۇپ، ھەممىنى يىڭىپ، پارلاق ئەتىگە يۈزلىنىڭ. بۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە ۋە  سۆز چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماڭ . دۇشمەن ئالدىدا قان ئاقتۇرۇڭكى لىكىن ياش ئاققۇزماڭ. باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى بىلەن ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يۇقاتماڭ !

8  .   سالامەتلىگىڭىزگە دىققەت قىلىڭ سالامەتلىكىڭىزنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ ، ئۆزىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ ؛ تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ ، تاماق تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ ؛تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەڭ ، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلماڭ ! ئۆتمۇشنى ئۇنتۇڭ، ئۇنتۇشنىڭ  كىشىگە  ئۇمىد ئاتا قىلىدىغىنىنى بىلىڭ.

   9.ئۆزڭىزنى پەس كۆرۈش ،كەمسىتىش تۇيغۇسىغا تاقابىلتۇرۇڭ، كەچكىچە ، غەم ـ قايغۇ ، ھېجران كۈيلىنىدىغان چۈشكۈن ئىشقى ناخشا كۈيلەرنى ئاڭلىغاننىڭ ئورنىغا كىشىگە ئېلھام ـ ئۈمىد ، ئىشەنىچ ـ جاسارەت ئاتا قىلدىغان كىتابلارنى كۆرۈڭ . ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ مەسىت بولۇپ يىنىكلەيمەن دەپ ئويلىماڭ . ئۇ نەرسىلەر سىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ چۈشكۈنلىككە باشلايدۇ .

  10.بەدىنىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ ، يېڭى كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ مەنزىرلىك يەرلەرنى سەيلى قىلىڭ! يالغۇز بېكىنىۋالماڭ ! كۆڭۈلدىكى دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىڭ . خۇداغا رەھمەت ئېيتىڭ ! سىز بىلەن تەڭ ـ دېمەتلىك دوسىت ، تۇنۇش ـ بىلىشلەردىن نەچچىسى كېتىپ قالدى ؟ سىزنىڭ ھايات ، سالامەت يۈرگىنىڭىزنىڭ  ئۆزى بەخىت ـ خۇشاللىق بولماي نېمە ؟ھەر كۈننى ، يېڭى بىر كۈن باشلاندى دەپ خۇشاللىق بىلەن كۈتۈشكە ئادەتلىنىڭ ! ھېچكىممۇسىزگە خۇشال بولۇپ بەرمەيدۇ ، ئازابلىرىڭىزنى تارتىپ بەرمەيدۇ، كەيىپياتىڭىزنى قانداق تۇتۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق . ئۈمىدۋار بولۇڭ ! ئۈمىدسىز ، چۈشكۈن كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ ئۇلاردىكى پاسسىپلىقنى يۇقتۇرماڭ.  قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ مېڭىڭ ! نەزىرىڭىزنى قەدىمىڭىز ئاستىدىكى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىزچۇققىلارغا تىكىڭ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىڭىزنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ ؟ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ , قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ .

11 .    سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ ئۇلارغىمۇ ئىشەنچ ئۈمىد ئەكىلەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ.  نىشانسىز ياشىماڭ . نىشانىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا سىزدىن بەختىيار ئادەم بولمايدۇ.

  12. باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ،  ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىڭىزدىن پەخىرلنىشنى ھۆزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، ئۈمىدسىزلەنگەندە باشقىلاردىن تەسەللىي تاپالمىسىڭز، ئۈزىڭىزدىن تەسەللىي تېپىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.باشقىلارغا روھسىز ھالىتىڭىزنى كۆرسىتىشنى خالىمىسىڭىز ،ھاۋاسى ساپ خىلۋەت جايلارغا بېرىپ ،بۇ كۈنلەرنىڭمۇ ئۈتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئۈزىڭىزگە ئاگاھلاندۇرۇڭ.قەددىڭىزنى قايتىدىن روسلاپ ،مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئىلىپ،خاتا قەدىمىڭىزنى توغرىلاڭ.

   13. كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ. پاسسىپ كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ناچار ھەركەت ئادىتىڭىزگە قەتئى چەك قويۇڭ.ھەر قانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ ئۇ ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ؛شۇڭا ھەرگىز بىئارام بولماڭ.ئەگەر ۋاقىت ھەم ئىقسادىڭىز يار بەرسە ساياھەت قىلىڭ . ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان ،سىز چىقشالايدىغان ،كۆڭلىڭىزنى چۈشۈندىغان ،يۇمۇرستىك دوسلىرىڭىز بولسا شۇلار بىلەن بىللە ساياھەت قىلسڭىز ئۈنۈمى تېخمۇياخشى بولىدۇ.

   14.كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ،ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ،كۆڭلىڭىزدە ساقىلغانلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي خاتىرلەش ئارقىلق كەيپىياتڭىزنى تەڭشەڭ.بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ تازا قانغۇچە ئۇخلاڭ ،ئويغانغاندىن كىيىن كەيپىياتىڭىز چۇقۇم ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بارلىق دەرد-ھەسرىتىڭىزنى، ئويلىغانلىرىڭىزنى بىر خاتىرىگە  يېزىڭ ھەم  ئۇنى ئاپىڭىزغا ھەم يېقىن ئادەمگە ئوقۇپ بېرىڭ ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ. ۋاقتىڭىزنى مەنىسىز ئىشلارغا خوراتماڭ ،پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇڭ.
   15.بەزى يۇمۇرلۇق  ھەجىۋى رەسىملەر توپلىمنى ،كىتاپلارنى ياكى   كومىدىيىلىك فىلىمدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ ،پۈتۈن  زىھنىڭىز بىلەن كۆرۈپ چىقىڭ،كۈلكە بارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلىرىڭزىنى ئۇنتۇرلدۇرىدۇ.ئىسسق سۇدا يۇيۇنۇڭ، پۇتىڭىزنى ئىسىىق سۇغا چىلاپ راھەتلىنڭ،بەدەن راھەتلەنسە،كەيپىياتمۇ تەبئى ھالدا ياخشىلىنىىدۇ،   سەھەر تۇرۇپ باغچا  ياكى دەرەخزارلىقتىن ئىبارەت يېشىلىققا پۈركەنگەن جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ. بالكوندىن پايدىلىنپ باغۋەنچىلىك لەززىتىدىن بەھرىمەن بۇلۇڭ، پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن بۇ ئۆسۈملۈكلەردىن خەۋەر ئېىلىڭ. يامان ئېللەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ ،
سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ،ساپ ھاۋالق تېنچ موھىتتا سەيلە قىلىپ تۇرۇڭ.
   16.سىرىتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئەينەككە بىر قېتىم قاراڭ.قىياپىتىڭىزگە دېققەت قېلىڭ. ياسىنىشنى بىلىڭ،دائىم  سىرىتقى كۆرۈنۈش كىشىگە بەرگەن تۇنجى باھا بولىدۇ.ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ گىرىم قىلىڭ،قاش ،چاچلىرىڭىزىنى تىرنىقىڭىزنى ياستىڭ،ئەتىۋارلىنش ھىسياتىدىن بەھرىمەن بۇلۇڭ،ئادەم چىرايلىق بولغانسىرى كەيپىياتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدۇ.چېنىقىش مەركىزى ياكى ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرېپ كەسپى ئۇۋلاشتىن   بەھىرىمەن بۇلۇپ،پۈتۈن بەدىنڭىزنى تەلتۆكۈس بوشاشتۇرۇڭ.

   17.ئەڭ راھەت قىياپەتتە تۇرۇپ ،قورساق بىلەن نەپەسلىنڭ،بۇرۇن بىلەن كۈچەپ نەپەس ئېلىپ ،ئاندىن ئېغىز بىلەن ئاستا -ئاستا نەپەس چىقىرىڭ، مۇشۇنداق تەكرار بىر نەچچەقېتىم نەپەسلەنگەندە، كەيپىياتمۇ تۇراقلىشىدۇ.دوستڭىز بىلەن  مۇڭدىشىڭ. كۆپرەك پىيادە مېڭىڭ ،ئۆزىڭىزگە مەدەت بېرىپ تۇرۇڭ.نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا كىچىلىكىگە ياكى كارا ئوكى تانسىخانلىرىغا بېرىپ قانغۇچە تاڭسا ئويناڭ ،ياكى ناخشا ئېيتىڭ،باشقىلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقنى كۆڭىلڭىزگە ئانچە ئالماڭ،ناخشا ئېيتىپ تاڭسا ئوينىغاندا.ھەم پۈتۈن بەدەنىنڭ ئېنېرگىيسى سەرەپ قىلغىلى ،ھەم بەدەننى پۈتۈنلەي بوشاشتۇرغىلى بۇلىىدۇ.
   18.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى تا كەيپىياتىڭىز ياخشلانغۇچە يەڭ، ئۇرۇقلاۋاتقان بولسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق،ئۆزىڭىزگە بىر كۈن رۇخسەت بىرىڭ. ئىلگىرى سېتۋالماقچى بۇلۇپ سېتۋالالىمىغان كىيىم ياكى سومكىنى سېتىۋىلىپ،ئۆزىڭىزگە؛« داۋامىلق تىرىشقىن» دەپ تەسەللى سۈپىتىدە   سوۋغا قىلىڭ . بەش ناماز قۇرئان،ھەدىسنى ئوقۇڭ.
بىرە كىچىك ئەرمەك ھايۋان ياكى گۈل-گىياھ بېقىپ تۇرمۇشىڭىزنى كۆڭۈللۈك قىلىڭ.
   19.ھاياتقا تارتىشىش ھېس قىلدۇرىدىغان بىر ۋە بىر قانچە ساغلام ھەۋەس يېتىلدۈرۈڭ. بۇ ھالەتتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ھەرگىز ياتلىق بولۇشقا ئالدىرىماڭ، بەختىسىز بولۇپ قالسىز. بولسا تەلتۆكۈس ئوڭشلىپ ئاندىن ئويلشىڭ. ئۆزىڭىز ھېيقىدىغان چوڭلار بىلەن، ھۆرمەتكە سازەۋەر ئادەم بىلەن كۆپرەك پاراڭلشىڭ. ساقيىشنىڭ دورسىنى ھەرگىز باشقىلاردىن ئىزدىمەڭ. ئۆزىڭىزگە رەھمىسىز بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى باشقۇرالىسڭىز، بۇ ھالەتتىن ھامان قۇتۇلالايسىز.

   20.ئەڭ قۇددىرەتلىك بولغىنى-ۋاقىت .ئەڭ مويۇم بولغىنى-كۆتۇرەڭگۇ رەھ . ئەڭ قاتتىق بولغىنى-دۇشمەن .ئەڭ رەھىمسىز بولغىنى-روھىي ئازاپ.ئەڭ قەدىرلىك بولغىنى- غۇرۇر .ئەڭ خاتىرجەملىك ئىلىپ كىلىدىغىنى بولغىنى-قانائەت چانلىق . خىزمەتنى قىزغىن سۆيۈپ ، ياخشى ئىلشەش بىلەن بىرگە ئارام ئېلىشنىمۇ بىلىڭ ؛ بىلىم قۇرۇلمىڭىزنى يېڭلاپ تۇرۇڭ ، تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى تارتىۋىلىڭ، بولمىسا سىزمۇ پۇلىڭىزدىن ئايرىلسىز. چۈشكۈنلەشمەي،ئەكىسچە بۇ ساۋاقنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.

   21. بەزى ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۈگۈنۈڭ.نادان نامەرت ئادەملەربىلەن مۇئامىلە قىلماڭ، ئۈمۈتسىز ئادەمدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ، ئۆزۈڭىزنى تونۇڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ. ئوڭۇشسىزلىققا ئازابلىنىپ ياش تۆكمەڭ ، تۇرمۇشتا قانچىلىك ئۇڭۇشسىزلىق بولسا ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەڭ چوڭ شان -شەرەپلەر سىزنى ساقلاپ تۇرغانلىغىغا ئىشىنىڭ. سىزمۇ بىرسىنى ھەقىقى سۆيگەندەك  بىراۋمۇ سىزنى چىن دىلىدىن سۈيىشىگە ئىشىنىڭ.

   22. قەلبىڭىزدىكى كۈندەشكە بولغان ھەسەت ۋە رەشىك ئوتلىرىنى چىقىرۋىتىڭ. ئۇ سىزنى مەڭگۈ ئارام تاپقۇزمايدىغان قاباھەتلىك دەۋزاخقا ئىتتىرۋاتىدۇ.ئازاپنى يىڭىشنىڭ دورىسىنى ھەرگىز باشقىلاردىن ئىزدىمەڭ. ئۆزىڭىزگە رەھمىسىز بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى باشقۇرالىسڭىز، بۇ ھالەتتىن ھامان قۇتۇلالايسىز. پۈتۈن زىھنىڭىزنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆتكۈنچى ئازاپنى ئۆيلايدىغان ۋاقىت قالدۇرماڭ. سىزنى قەدىرلىيەلمىگەن ئىنسان ئۈچۈن ئازاپلىنىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ؟سىزنى تاشلىغانلارنى خۇددى ئەسكى پايپاقنى تاشلىغاندەك تاشلىۋىتىپ، مەردانە ئالغا مىڭىڭ. بارغانلا يىرىڭىزدە ئۆتمۇشنى تىلغا ئىلىپ باشقىلار قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى چۈشۈرىۋەتمەڭ، ئايرىلغانغا ئولسىڭىزمۇ بۇ ئازاپقا چىداپ ھەممىنى ئۇنتۇپ مەردانە ئۆلۈڭ. باشقىلار سىزگە قايىللىقتىن قول قويسۇن، سىزنى تاشلاپ كەتكەنلار پۇشمان بىلەن لىۋىنى چىشلىسۇن. سىزنى قەدىرلەيدىغانلار مەردانە مەيدانغا چىقسۇن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 06:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3447
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 08:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   نىكاھ بىر ماشىنىغا ئوخشاش ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.ئەر - ئاياللار ئۇرۇشۇشقا دۇچ كەلگەندە بىز ۋاز كېچىشنى بىلىشىمىز كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا نىكاھ ماشىنىسى مەنزىلگە بەخت بېكىتىگە ئامان - ئېسەن يېتىپ بارالايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulqinay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 08:43 PM  


دصهقان شاظصر ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40827
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4366
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 09:11:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما توللاپسىز،قوللايمەن،بۇنى باشقا تور بەتلەرگىمۇ يوللاپ قويسا بولغىدەك

رازىگۈل سالى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 09:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز.

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:16:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خىلى كۆپ نەرسىنى بىلىۋالدىم.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۆرۇپ ئۆزەمنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇشكە تىرىشىشنى ئويلىدىم.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4257
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5672 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:25:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرىماي كۈڭۈل قۇيۇپ ئوقۇپ چىقتىم،مۇكەممەل بىر ئادەم بۇلۇشنىڭ مىزانى مۇشۇنداق بولسا كېرەك.
دەردى يوق ئىنسان يوق،ھەتتا  كىسەكنىڭمۇ ئۆزىگە تايىن دەردى بار.گەپ بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يىڭىشتا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lazzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 10:28 PM  


دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2653
يازما سانى: 614
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15427
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 3356 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:50:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىزنى ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالاي،رەھمەت سىزگە!

قىلغان ئىشىڭغا مىننەت قىلما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 10:14:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈش لەززەتلىك قەدىرلىنىشتۇر، تاشلىنىش خارلىنىشتۇر، ئىنساندا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك پىسخىكىق ساپا بولمىسا ئورنىدىن دەس تۇرالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازاپنى يەڭگۈدەك شىجائەت بولسا كەلگۈسىدىن ئۈمىت بولىدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش