مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1756|ئىنكاس: 4

بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 04:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز




ئابلىز مۇھەممەد سايرامى

   F201303141458004196700000.jpg



  ‹‹بوۋاقلارغا خاس ئارامگاھ، راھەت ماكان›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە بۆشۈك قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ بالا تەربىيەلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. بۆشۈكنىڭ ئاددىي ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىكلىكىدىن قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىلا بۆشۈك ئىشلىتىشى خېلى ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم.

  تۇرمۇشىمىزدىكى بۆشۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، نۇسخىلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇملاشقانلىرى خانتاجى، سەنەم، قول سەنەم، قىرىما، ئەگمە، ناۋا، ئانارچە بۆشۈك، مېھراب نۇسخىلىق بۆشۈك قاتارلىق ئون خىلدىن ئاشىدۇ.

  ئادەتتە ئەنئەنىۋى بۆشۈكلەر ئوخشاشلا يەرلىك ياغاچ ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. بۆشۈكلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 85 – 90 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 50 – 60 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قۇرۇلمىسى ئاساسەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا)، ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە (تەڭلىك – بالا ياتىدىغان قىسمى) قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۆشۈكنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىرغۇدا ئالما، ئانار، قاپاق، مۇنچاق قاتارلىق شەكىللەر چىقىرىلىپ، ئىسىتېرېئولۇق كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. بۆشۈككە يەنە بىر يۈرۈش بۆشۈك جابدۇقلىرى، يەنى ئۇۋۇدا، ياستۇق، شىلدىرشاپ، يۆگەك، زاكا، چەمبىرەك، جاك، شۈمەك، چۆرەك، تىزلىق، ئوشۇقلۇق، كاشا(قول تارتقۇ)، يۈز ياپقۇ قاتارلىقلار ھازىرلىنىدۇ.

  ئانىلىرىمىزنىڭ بۆشۈكىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئىلمىيلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئاساسەن، بۆشۈكنىڭ رولىنى مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

  بىرىنچى، بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بۆشۈكتە چوڭ بولغان بالىلاردا ئادەتتە دوقا، دوك، توخو تۆش(دۆڭ مەيدە)، ئىچ مايماق، تاش مايماق، سىڭا سۆڭگەچ، مۈرىلىرى ئېگىز – پەس، بوينى مايتۇق، پەچەك(پاقالچاقلىرىO شەكىللىك) بولۇپ قېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.

  ئىككىنچى، بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، ئېغىر يۆتىلىدىغان، زۇكام بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.

  ئۈچىنچى، بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا قاقلىنىپ، قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا تولا سىيىپ سۈيدۈك يېيىۋېتىدىغان، ئەنگىزى ئېشىپ كېتىدىغان، قەغىشلىق قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.

  تۆتىنچى، ئۇيقۇ بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئارام ئېلىش، ھۇزۇرلىنىشتۇر. ھەرخىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلسىمۇ، ئۇيقۇسىنى تاپالماي تولا يىغلايدىغان بوۋاقلار بۆشۈككە بۆلىنىپ ‹‹ئەللەي ناخشىسى››غا سىيلىق تەۋرىتىپ بېرىلسە ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ.

  بەشىنچى، بۆشۈكنى لەرزان تەۋرىتىش بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىن باشقا، بوۋاق بەدىنىدىكى بوغۇم – ئۈگىلەرنى، مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ، ئۇلاردىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

  ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ مول تېببىي بىلىمى، ئىلمىي تەجرىبىسى بىلەن بۆشۈكلەر ناھايىتى ئىلمىي ئاساستا لايىھەلەنگەن. بالىنىڭ مېڭىسى چايقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ‹‹يورغا›› چىقىرىلغان، ھازىر شارىكلىق ئاسما شەكىلدىمۇ ياسالماقتا. فولكلور مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولغان بۆشۈكلىرىمىز لايىھەلىنىشى ئىلمىي، ماتېرىيال مەنبەسى تەبىئىي ھەم كۆپ، تەننەرخى تۆۋەن، باھاسى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، ھۈنەر – سەنئەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلىدۇ.

  خەلقىمىز ئەزەلدىن بۆشۈكنى ئېتنىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئۇلۇغلىغاچقا، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىش ئادىتى بىر خىل ئېتنىك ئۇدۇم سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ ئېتنىك تۇرمۇش ئادىتىمىز بىر تەرەپتىن مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بوۋاقلارنى ساغلام چوڭ قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلسە، يەنە بىر جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماس كەلگەنلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

  ئىشىنىمىزكى، ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مىللىي ئەنئەنىگە، ئۆزگىچە ئېتنىك تۇرمۇش خاسلىقىغا ئىگە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق، ئۇ دەۋر مېلودىيەسىگە جور ھالدا تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇپ، كېلەچەك ئىگىلىرىنى تېخىمۇ ساغلام تەربىيەلەشتە ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك جارىي قىلدۇرغۇسى.





                 مەنبە  :    خەلق تورى  .
http://uyghur.people.com.cn/157846/15300348.html
قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 10:12:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆشۈككە بۆلەش خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۆشۈككە بۆلەش ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، نېرۋا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرىكەت سىستېمىسىدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك غەيرىي ئەھۋاللارنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شۇڭا خەلقىمىز بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىملىق بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈكئانىسى» تەكلىپ قىلىنىپ، «بۆشۈكئانىسى»نىڭ ئۇدۇمى ئېلىنىپ، «بۆشۈك تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 10:20:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەر دەلدۈش قوپۇپ «بالىنى بۆشۈكتە بېقىش بىدئەت» دېمەس- ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92055
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 10:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆشۈك بالىسى خان بالىسى، يە بالىسى پوق بالىسى!!!
مەنمۇ بۆشۈكتە بېقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 02:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ 2ياشقا كىرگۇچە يىتىپتكەنمەن ،ئاپام بىز 7بالنى بوشۇكتە باققان ھەمىمىزنىڭ يەتتە ئەزايى ساق بىرسىمىزدىمۇ كۇيەك تاتۇق يوق ،بوشۇكتە باقسا شۇنداق بىخەتەر شۇنچىلىك ساغلام چوڭ بولدۇ بالا ،مەن بالامنى بوشۇككە بولسەم قەينئانام بولگۇزمىدى بالنى قىيناپ دەپ ،شىخەنزىدە بالنى بوشۇككە بولەپ باقمايدىكەن ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش