مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

ئۇيغۇر شىئېرىيتىدىكى 100مەشھۇر شىئېر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 01:22:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yegiyol يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 11:46 PM
قېرىنداشلار مەنمۇ خېلى كۆپ شىئر ئۇقغان ، لىكن تۆمۈر تۇ ...

راس بۇ تۇمۇر توران كىم بولدى؟،ئون نەچچە شېئىرى باركەن،يوللاپ قويسا بولۇپتىكەن ،بىر قانچىسىنى.ئاڭلىمىغانلا ئاپتۇركەن.ياش تالانىتلاردىن بولسا كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 07:07:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yegiyol يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 11:46 PM
قېرىنداشلار مەنمۇ خېلى كۆپ شىئر ئۇقغان ، لىكن تۆمۈر تۇ ...

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!  تۆمۈرتۇران. دىگەن بىرنامى چىقمىغان، لىكىن ئەل ۋەتەن ئىشقىدا ۋە ھەق يولىدا ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھازىرقى سالاھىتىنى ئاشكارىلىغۇسى يوق ئىكەن. ئەپۇ قىلغايسىلەر!  
تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ بىرقىسىم شىئېرلىرى ؛


           كاشغەر

ئاشىقلارنىڭ قىبلىگاھى مازارى كاشغەر،
ئۇلۇغ ئارمانلار ئارزۇنىڭ بازارى كاشغەر .
ئۇيغۇر قەدىم مەدەنىيتى كۆرىكى كاشغەر،
ئانا تىل پاساھىتىنىڭ يۈرىكى كاشغەر .
سۆزلىرى شۇڭا بەكمۇ راۋان  تاتلىق كاشغەر،
داڭقى كەتكەن جاھانغا مەشھۇر ئاتلىق كاشغەر.
ئۇيغۇر ساماسى تۇغۇلغان ھېيىتگاھىڭدا،
ھەققە تەشنا ئارزۇ -ئارمان ئاھ پىغانىڭدا.
(تۈركى تىلدىكى ئەڭ گۈزەل پاساھەتلىك تىل،
قەشقەرتىلى)دەپ ماختىغان مەھمۇد بوۋام بىل
مىڭ يىل بۇرۇنلا نۇرچاچقان تەرىپىڭ كاشغەر،
پاكىتىدۇر  ئىككى ئۇلۇغ ئەسىرىڭ كاشغەر .
گۇۋاھ يەنە مەھمۇد،يۈسۈپ ئالىمىڭ كاشغەر،
ئەرتۇڭا ھەم سۇلتان سۇتۇق شاھىتىڭ كاشغەر.
شۇنداق ئۇلۇغ خاقانلارنىڭ مەركىزى كاشغەر ،
قەلبىم شەھەرلىرىنىڭ سەركىسى كاشغەر.
نۇزۇكۇمدەك پاك ۋىجدانلىق قىزلىرىڭ كاشغەر،
ئىپارخاندەك ئىتىقادلىق ئىزلىرىڭ كاشغەر.
پەخىرلىنىمەن ھەرزامان سىنىڭدىن كاشغەر،
لىكىن ساڭا تۆھپىلەر ئاز مىنىڭدىن كاشغەر.
2013-3


           مۇئەللىم ئورنى پەس.

1
«ساراڭ» دەر سۆزلىسەم  مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
نەچچە رەت پاكەندىن باستى بىزنى  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
داۋامسىز  بالىلار خۇددى داھىدەك،
كۆرمەيدۇ بىزلەرنى كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئۆيگە يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
ئورنىمىز پەس بولغاچ باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
بولغاچقا سىنىپتا داۋامسىز بالا ،
سىنىپتا دائىم ئوقۇغۇچى ئالا.
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.(
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
مېڭىلماي بىلىم ئۇلۇغلاپ ھىكمەتتە،
مۇئەللىم قىينىلار، ئەمەس ئىززەتتە.
بەزىلەر بولۇپ بەك  يامان نىيەتتە.
مۇئەللىم پەس كۆرۈپ  يۈرەر ئىللەتتە،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
ئىللەتنى تۈزىتەي دىسەڭ ئاقمايدۇ،
قۇلاقلارغا بۇنداق ھەق گەپ ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىش بولغاچ تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
(قاچانمۇ كىلەر؟) دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىلىيەتتىن ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
ئوقۇتۇشقا پايدىلىق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.

2013-3

   

         گۆھەردۇرقۇرئان

بىباھا گۆھەردۇر قۇرئان ئالامەت،
ئىنسانلارغا بىرەركەن قۇت ھالاۋەت.

كەلسە قانداق دەۋرىلەر چانمايدىغان،
ئىلىم-پەننىڭ بۇلىغىكەن كارامەت.

مۆجىزلەرگە تولغانكەن بەك جۇلالىق،
بىلەر بۇنى ھەق ئىلىم پەن ئادالەت.

ئەقىدىسى بەك ئىلمى پۈتۈن پاكلىق،
سۆزلىرىگە كىرگەن چەكمەس نادامەت.

يامانلىق يوق سۆزلىرىدە ياخشىلىق،
قىلغىل دەيدۇ دائىم پاكلىق ساخاۋەت.

دائىم قۇرئان روھى بىلەن ياشىساق ،
بولاركەنمىز بەخىتلىك ھەم سالامەت.

ئوقىمىغان بىلمەس ئۇنىڭ قەدرىنى،
ئوقىغان قەدر ىنى قىلار داۋامەت.

ئىنسانىيەت  بەختى  چۈنكى  نىشانى ،
قۇرئان بىلەن ماڭغان تاپتى سائادەت.

ئىنسان يېزىش قولىدىن كەلمەيدىغان،
مۆجىز ىكەن   قىلىدىغان  شاپائەت.
            
مۇزلۇق قەلبىم نۇرلاندى ئىرىپ مانا،  
بەرگەچ قۇرئان ھەق ئىلىمدىن ھارارەت.  
2013-1!
   

                        ھەق ئىگىلۇر سۇنماس


«ھەق ئىگىلۇر سۇنماس» خۇددى شۇ تاشقا موھۇرسالغاندىن ،
بىراق  ۋىجداندىن  توسار،ھەيۋە ئاقماي كۈلۈپ يالغاندىن.
يېنىشقا قىستايدۇ ۋىجداندىن ھۆرپىيىپ تەھدىت سېلىپ،
ئازغۇنلۇق يوق بىراق ماڭا ھەقدىن ئايرىلىپ قالغاندىن.
ھەق  يولىدا  ماڭغىلى  قويماي   توسار   رەزىل   ئۇسۇلدا   ،
.قولۇم باغلاندى ئايرىلدىم  بۇئىشقا  قار شى ئىمكاندىن
،زۇلۇم قىلار خالىغانچە    ھەددىدىن    ئېشىپ بەك تېشىپ  ،
شۇڭا تىنىم  بولۇپ  قالدى     قۇرۇق    جازا   ئۇستىخاندىن.
،ئۆلۈم  كۈتمەي     يەنىلا كۈتىمەن      مەدەتنى  تىرىشىپ،
ئۇلۇغ ھەق يول مەدەتكارىم مەدەت كۈتمەيمەن ئىنساندىن.
قانداق نەيرەڭ ئىشلەتسۇن ھەق يولىدىن چىكەتمەيمەن،
چۈنكى مىنىڭ ۋىجدانىم ئەركەك، ھەققە سوققان ۋىجداندىن.
،ھەق ئۈچۈن ھەق يول ئۈچۈن بايلىق دىگۈل   بۇجان پىدا،
ئۆلۈم   ئەۋزەل     ھەق يولىغا    ئاسى بولۇپ    قالغاندىن.
ئۆلۈمدىن زادى  قوقمايمەن ياشامتىم   مەڭگۈ   ئۆلمەستىن،،
ئۆلۈم مىڭ ياخشى ئاسىلىق قىلىپ  ھەق يولدىن يانغاندىن.
                            2013–يىلى 21–قەھرىتان

          ھاراق      
        
ھاراقنىڭ ئىنسانغا بەرگەن كاساپاتىنى داتلاپ،
ئاڭلاڭ قىسقىلا شىئېر پۈتتۈم ئۇزۇن گەپنى قاتلاپ.
ھاراق ئاخىرى قورىتار ئەقىلنى چەنلەپ غاجاپ،
پۇللىرىڭنى سورىتار ئۆزىنى بەك شادلىق ساناپ.
ھەرخىل گۇنا تۇغار ھاراق تۇيدۇرماي كىلىپ ماراپ،
گۈلدەك ئەسلىڭنى پەس قىلىپ ۋەسلىڭنى قىلۇر خاراپ.
‹نادانغا ھارام ›دەر ھاراقنى ئىبنى سىنا دىتلاپ
چۈنكى نادان ھاراقنى ئىچىۋىرىپ قويار چىتلاپ.
بەزىلەر‹بىلىملىك ئىچسە بولار› دەيدۇ ۋالاقلاپ،
لىكىن ئىچىپ ھايۋانلاشتى بىلىملىكمۇ شالاقلاپ.
‹ئاز-ئاز ئىچ›،دەيدۇ تېخى شائىر  ھەييام بۇنى ياقلاپ،
لىكىن ئىچكەنلەر ئازئىچەلىدىمۇ ئەسنى ساقلاپ.؟
كۆپ ئىچىۋىلىپ بەزىلەر گەندىلەرنى پوزىلاپ،
ئۆتى يېرىلىپ ئۆلدى ھەم چارىپايدەك سوزىلاپ.
شۇڭلاشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇھەققىمۇ سۆز بۇراپ،
‹ھاراق ئىچمە› ئىچسەڭ ئەگەر ئەقلىڭ كىتىدۇ يوقاپ.
دىگەن ھاراقنى تەتقىق قىلىپ تەسىرىگە قاراپ،
ھەم ھاراقنى ئىچمىگەن ھەر جەھەتتىن كەتكەچ ياراپ.
ئەجدادىمىز قايسى نەرسە ئىنسانغا بولسا ئازاپ،
شۇنەرسىنى چەكلىگەن جىڭلاپ تۇرمۇشىدىن پالاپ.
ئەمىلىيەتتىمۇ تولا كۆردۈم  مەن ھاراق تالاپ،
ھاراقكەشلەر ھايۋانلاشتى ئازگالدا يۇندا يالاپ.
بەزىلەر ‹ھاراق دەت يوقىتاركەن› دەيدۇ چالۋاقاپ،
لىكىن ھاراقتىن ئەقىل،ساقلىق يوقىدى دالداقاپ.
شۇنداق سېسىق بۇھاراق بەزىسىگە قالساڭ قاراپ،
  سەسكىنىسەن ھۆ تۇتۇپ زىھنىڭ توزۇپ كىتەر تاراپ.
خۇسۇسىيتىگە قاراپ تەپەككۇرىڭنى ماڭ باشلاپ،
غەم يوقىتىش دىگۈل ھاراق دەت بىلەن كىتەر ئاشلاپ.

2013-2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 07:38:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۇڭلار قېرىنداشلار!  ئەسلىدە تىما ماۋزۇسىنى ( ئۇيغۇرشىئېرىيتىدىكى مەن ياقتۇرغان 100شىئېر)دەپ قويسام بوپتىكەن! ئەپۇ قىلغايسىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87375
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 12:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بۇ بەك تار دائىرىلىك تاللاش بوپ قاپتۇ. تېما ئېگىسى كىلاسسك شېئىرلارنى ۋە بىر تۈرلۈك ياخشى شېئىرلارنى  نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويۇپتۇ. يەنىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86878
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 01:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى داموللامنىڭ [ ئالدىدا] دىگەن شېىرى چۈشۈپ قالسا بولمايتتى..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86878
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 01:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە   ‹ ئانا تىل› ، ئابلەت ئىسمايىلنىڭ ‹شۈكۈر دېدىم›، ئەخمەتشاھ قاراقاشنىڭ ‹ئات ھەققىدە مۇخەممەس› دىگەن شېىرلارمۇ بار..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karakurumluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 01:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 02:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 02:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 02:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 09:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرە شەخسنىڭ كۆز قارىشى بويىچە رەتلەپ چىققان شېئىرمۇ ياكى  .......................

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش