ئەر چىقىپتۇ
يېقىندا بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ كېتۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز ئۇ :
-ھە ،راسىت ،قايسىى كۈنى خىزمەت ئىشى بىلەن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بارغان ،سىزنىڭ ھېلىقى ساۋاقدىشڭىز توي خېتى ئالغىلى بېرىپتۇ ،توي قىلدىغان ئوخشايدۇ –دېدى .
-قايسى ساۋاقدىشمنى دەيدىغانسىز ؟-ئۇنۇڭدىن سورىدىم مەن .
-ھېلىقىچۇ ؟ دۇكان ئاچىدىغان مېيىپ ساۋاقدىشڭىزنى دەيمەن .
-ھە ،گۇلنۇرنى دەمسىز ،ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋىرىم بار ،توي كۈننىمۇ بېكىتپ بوپتۇ –دېدىم .
-توۋا دەيمەن ،شۇنداق مېيىپ ئادەمگمۇ ئەر چىقىپتۇ-ھە ،تېخى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىغىنى بەش ئەزايى ساپمۇ ساق بالىكەن –دېدى ئۇ .
-نېمە دەيسىز ؟بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ -ئۇنىڭ ئاغىزدىن چىققان گەپلەرگە ھەيران قېلۋاتاتتىم.
-ئۇنداق دېسەم ئۇنى كەمسىتكىنىم ئەمەس ،ئۇ ئۆز ھاجەتلىرىدىن تۈزۈك چىقالمايدىكەنغۇ ،شۇنداق تۇرۇقلۇق توي قىلغۇدەكمىش ،شۇڭا دەيمەن .
ئۇنىىڭ بۇ گەپلىرى مىنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرغان ئىدى. قۇلاق تۈۋۈمدە ئۇنىڭ «شۇنداق مېيىپ ئادەمگىمۇ ئەر چىقپتۇ »دېگەن گىپى جاراڭلاۋاتاتتى ،ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشىپ يۈرگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولساممۇ ،ئۇنىڭ ئاغىزدىن مۇشۇنداق گەپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگىم كەلمەيۋاتاتتى .شۇ تاپتا ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ دېگەن گەپلىرىگە تويغۇزۇپ قوياي دېگەن بولساممۇ ،ئارىمىزدىكى يېقىنلىق مۇناسۋىتى يۈزىسىدىن بولدى قىلدىم ۋە ئىشم بارلىقىنى ئېيىتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم .
كاللامغا دوستۇمنىڭ دېگەن شۇ گېپى «شۇنداق مېيپقىمۇ ئەر چىقپتۇ »كىرۋالغان ئىدى .
شۇنداق ،ئۇ ھەققىقەتتەن بىر ئاجىز قىزئىدى ،ئۇنۇڭغا ھەققەتەن ئەر چىقتى ، « شۇنداق مېيىپ ئادەمگە ئەر چىقسا نېمىە بوپتۇ ؟»،بۇ دۇنيادىكى ھەممە قىزلارنى ئالغىلى ئەر چىقدىغۇ ؟
ئەجابا ئاللا شۇنداق ئاجىز يارتىپ قويغان قىزغا ئەر چىققىنى گۇناھمۇ ؟كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار ئەگىيىتى ،بىز ئادەملەر نېمە دېگەن ئەسكى ھە ؟ بىرسى توي قىلماقچى بولسا خۇددى توي قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلسا بولمايدىغان ئىشتەك غەلىتە گەپلەرنى دەپ يۈرسەك ، يەنە بەزىلىرىمىز بىلىپ بىلمەي يولدىن ئازغان قىزلارنى ،ئوغۇللارنى كۆرگىنمىزدە ئۇلارنى يامان يولدىن قايتىشقا دەۋەت قىلالمىدۇق –يۇ ،ئۇلارغا «بۇزۇق ،جالاپ ،پاسكىنا »،«لۈكچەك » دېگەندەك « چىرايلىق» ئىسملارنى قۇيۇپ قويدۇق .
پۇت قولى يوق ئەما مېيپلارنى كۆرگىنمىزدە ئۇلارنى خۇددى غەلىتىە مەخلۇقنى كۆرگەندەك زاڭلىق قېلشتۇق، ئۇلارنىڭمۇ بىز قۇيۇپ قويغان ،توكۇر ،چولاق ،قارغۇ ،دۈمچەك دېگەندەك بىر چىرايلىق ئىسملىر مۇ بار تېخى ! يېتىم –يىسىر ئاجىزلارنى كۆرگىنمىزدە ئۇلارنىڭ بىچارە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىريىدىغان تۇرقىغا قاراپ ،ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنماقتا يوق ، مېيىىپ ئاجىز يارىلىپ قالغىنى گۇناھ بولغاندەك ئۇلارغىمۇ ئىسم قۇيۇپ ئۈلگۈرۈپمۇ بولدۇق .
يىتىم يىسىرلارغا ،ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە لىكىن بەزىلىرىمىز ئاشۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالمىساقمۇ ،خۇدادىن ئۆزىمىزگە شۈكرى سانالارنى ،ئۇلارغا بەخىتلەرنى تىلەشمۇ قولمىزدىن كەلمىدى .
بىزئادەملەر قاچانغىچە بىر بىرمىزنى كۆرەلمەي ،ئەيبمىزنى ئېچىشىپ،ھەسەت ئوتىدا پۇچلىنىپ ئۆتەرمىز ،ھە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 01:25 PM