مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 5

چەكسىز خۇشاللىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 05:45:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چەكسىز خۇشاللىق




                                     ----------------------


                                           1   




      كىم بولسۇن ھاياتىنى ئاختۇرسا، خۇشال بولغان، خۇشاللىق تاپقان كۈنلىرىگە قارىغاندا، قايغۇ – ھەسرەتكە، دەرت- ئازابقا قالغان كۈنلىرى شۇنداق كۆپ بولىدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئاشۇ ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ۋە ئاشۇ قايغۇ- ھەسرەت، دەرت- ئازابقا قالغان كۈنلەرگە ئىنچىكە نەزەر سالالىسا ۋە ئۇنى ئىجابىي پۇزۇتسىيە قاينىمىغا تاشلاپ باھا بېرەلىسە، ئادەم ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدىكى چىقىش يولىنى تېپىشنىڭ ھۇل - ئاساسىنى ئاشۇنداق سىناقلار داۋامىدا تاپقانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى قايغۇ- ھەسرەت، ئازاب- ئوقۇبەت كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىپ بولمىغان پاراسەتسىزلىكىمىز ۋە يېتىلىپ بولالمىغان، پىشمىغان تۇرمۇش قارىشىمىز، تەجرىبىسىزلىكىمىزنىڭ پۇشايمىنى بولۇپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاچچىق ساۋاق بىزگە ئۆزىمىز ھېس قىلمىغان، ئىتىراپ قىلمىغان زۈرۈرىيەت ئېھتىماللىقىنى ۋە بىز دەمال بىلىپ كېتەلمەيدىغان ئۆزىمىزدىكى ئىستېمال تەشنالىقىنى تونىتىدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەن ۋە ئۇنى چىن مەنىسى بىلەن ئىتىراپ قىلغان چېغىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ ناھايىتى كېچىككەنلىكىمىزنى، نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى ۋە شۇ ھەقىقەتلەردىكى ھېكمەتلەرنى بىلىپ – بىلمەي ئۆتكۈزگەنلىكىمىز چۈشۈنۈپ يېتىمىز، بۇنى بىز شۇنداق كېچىكىپ تۇنىغان بولساقمۇ، رازى ۋە رىزالىق بىلەن ئۇراپ، ھاياتىمىزغا تەدبىقلىيالىساق، ئۆزىمىزدە ئۇزۇندىن بۇيان كەم بولۇپ كەلگەن مەنىۋى، ئىدراكى ئېھتىياجغا ھامى بولۇش شەرىپىگە سازاۋەر بولۇشىمىز مۇمكىن. بىر قارىسىڭىز، قايغۇ- ھەسرەت، ئازاب- ئوقۇبەت راستىنلا بولمايدىغان نەرسىدەك تۇرىدۇ، ئۇنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ، خالىمايدۇ. لېكىن ئۇ ھامان كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدا، ھايات قايناملىرىدا، تۇرمۇش مۇساپىسىنىڭ ھەر بىر باسقۇچ، قاتلاملىرىدا ئەگىپلا يۈرىيدۇ، سەن ئۇنىڭدىن قانچىكى قاچساڭ، ئۇ سېىنى شۇنچىلىك قوغلايدۇ، يۇپۇشىدۇ، ھەر قەدەمدە سېنى نابۇت قىلىشنىڭ قاپقانلىرىنى قۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەر خىل بولۇش بىلەن بىر چاغدا، ساڭا كەلتۈرىدىغان قىيىنچىلىقى ۋە ئاشۇ قىيىنچىلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىمۇ ھەر خىل، يۇشۇرۇن ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئۆزەڭنىڭ تۈرلۈك سەۋەنلىكىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ، بىرسى ئۆزەڭ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىسەن، يەنە بىرسى، ئۇنى سەن ھېس قىلمىغان يەردىن باشقىلار ۋاسىتىلىق ھالدا پەيدا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مەنبە ۋە جەريانلارنى قانچە چۇڭقۇرلىساق، شۇنچىكى مۇرەككەپ، چۇڭقۇر بولىدۇكى، ئۇنىڭ پايانىغا، تەكتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.  

         دۇنيادىكى ھەممە نەرسە جۈپتى بىلەن يارالغان، قاتتىققا يۇمشاق، يۇمشاققا قاتتىق ھامان ھەمراھ، مۇشۇ قانۇنىيەت بىزگە ناھايىتى نۇرغۇن ھەقىقەتنى تونىتىدۇ. بىرلا گەپكە يىغىنچاقلىساق، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ بىر – بىرسىگە بېرىكىش، ئالمىشىش ئارقىلىق، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ راۋانلىقىنى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، قايغۇ- ھەسرەت، ئازاب- ئوقۇبەتنىڭمۇ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرسى ئۆزى بولسا، يەنە بىرسى خۇشاللىق ۋە بەخت بولىدۇ. بۇنىڭغا «بىر يىغىنىڭ بىر كۈلكىسى، بىر كۈلكىنىڭ مىڭ يىغىسى» بولغىنىدەكلا ئىش دەپ ئاددىيلا تەربىر بەرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، قايغۇ- ھەسرەت، ئازاب- ئوقۇبەتنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس يامان ئىش دىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان ھەسرەت- ئازابى بولۇش بىلەن بىر چاغدا، تەقدىم قىلىدىغان ساۋىقى، شۇ ئىشتا ھاسىل بولغان تەجرىبە قاتارلىق ئامىللىرىمۇ ئارقىدىنلا ئۇللىنىپ كېلىدۇ، مانا بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئادەملەرگە خۇشاللىق - بەخت كەلتۈرىدىغان ئىشلارغا دەستەك، دەستۇر بولۇپ قالىدۇ. يەنى خۇشاللىقنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تۇتقۇزغان بولىدۇ.


                                        2



     مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن ئادەملەر بار، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى قاينىمىدا تىپىرلايدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۆزى ئۈچۈن خۇشاللىق ئىزدەشتىن ئاۋال باشقىلارغا خۇشاللىق ئىزدەش، خۇشاللىق تەقدىم قىلىش بىلەن شادلىق پەيزىنى سۈرىدۇ. مەن تونۇيدىغان ئاددى كىشىلەر ئارىسىدا نىياز بېلىق شۇنداق ئادەمكى، ئۇ دائىم باشقىلارغا ئۇنى- بۇنى بەرسەم دەپ تۇرىدۇ، ئۇ مەن تاپقىنىمنى باشقىلارغا بېرىۋالسام، باشقىلارنى خوش قىلىۋالسام دەپ ئويلايمەن، مەن قانچىكى كۆپ بەرسەم، ئىشلىرىم شۇنچىكى ياخىشى يۈرىشىدۇ، ئويلىسام، باشقىلارنىڭ ماڭا بەرگىنى مەن بەرگەندىن كۆپ بوپتۇ. مەن باشقىلارغا بېرىشنى بىلگەچكە، ئازاب- ئوقۇبەت، قىيىنچىلىق دائىم مەندىن يىراق. خۇدانىڭ ماڭا بېرىۋاتقىنىمۇ بەك يېتەرلىك...

شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئۇ قىلىۋاتقان  تىجارىتى- بېلىق پىشۇرۇپ سېتىش تىجارىتى جەريانىدا بۇنداق روھ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتنى تەكرار، جانلىق نامايان قىلىپ كەلدى.  بۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقى، يەنە بىر نۇقتىدىن چىن بەختى.  ئادەم بېرىشنى بىلگەندە، ئاندىن باشقىلارنىڭ بېرىشىگە، تەقدىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەڭ چوڭ ئېرىشىش- ئەڭ چوڭ تەقدىم قىلىش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. بەزىلەر ماددى تەقدىم قىلىش بىلەن خۇشاللىق، بەخت ھېس قىلىدۇ، بەزىلەر مەنىۋىي تەقدىم قىلىش بىلەن خۇشاللىق ۋە بەخت سېزىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، ھەر ئىككىسىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىق ۋە بەخت پەيزىگە چۈمۈلىدۇ. باشقىلارغا تەقدىم قىلىشنىڭ خاسىيىتى ۋە كارامىتى شۇ قەدەر ئۇلۇقكى، ئۇنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ھۇزۇرىنى ھېچقاچان، ھېچ يەردىن تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ھەرقانداق قانائەت قىلمىغان ئادەمنى مەڭگۈلۈك قانائەت ۋە شاپائەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھېچ نەرسىگە قانمىغان ئادەم ئەڭ ئاخرىدا پەقەت مۇشۇنىڭ پەيزى ئارقىلىق ھاياتلىققا، بايلىققا قانىدۇ، قانائەت ھاسىل قىلىش تەختىگە مۇشۇنداق مۇشەررەپ بولغان ئادەم بۈيۈكلۈككە يىتىپ، كۆزى توق، قارنى – كۆكسى كەڭ بولۇپ يارىلىدۇ، ئۇنداقلا رازىمەنلىك تەختىگە چىقىپ، ئادىمىيلىق قىممىتىنى تاپقىنىدىن سۈيۈنىدىغان بولىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئادەم مۇشۇنداق ئۇتۇقنىڭ شادلىقى،شان- شەرىپى بىلەنلا ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ تولۇق تۇيۇنۇشقا ئېرىشەلەيدۇ، بولمىسا، ئادەم باشقا ھەرقانداق نەرسىگە، روھقا – مەنىۋىيەتكە مەڭگۈ- مەڭگۈ قانمايدۇ، مەڭگۈ – مەڭگۈ تويمايدۇ!...

      قەشقەر سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ئىبراھىم سەمەن يىل بويى چېپىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىدۇ، تاپقان پۇلىدىن ھەر يىلى بىر مىليۇن يۈەندىن كۆپرەكىنى ساخاۋەت قىلىدۇ، ئۇ دائىم  مۇنداق دەيدۇ: ھاياتىمدا بىر ئادەمنى بولسىمۇ خۇش قىلغىنىم ئۇتۇق قازانغىنىم، مانا مۇشۇنىڭ  ئۆزىنى مەن بەختىم دەپ ئويلايمەن. ئۇ قەشقەردىكى داڭق چىقارغان مەرىپەتپەرۋەر، ئەل سۆيگەن، ئەلمۇ كۆيگەن ئادەم. ئۇ باشقىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە ئىگىلىكىنى ۋاسىتە قىلماي ۋە ئۇنىڭغا چۆكۈپ كەتمەي، يەرلىك مەھسۇلات ۋە ئىگىلىكنى مەنبە، ئۇنىڭغا بازار ئېچىشنى قانات قىلىپ تەرەققى قىلغان، ئۇنىڭ تىجارەت قىلىشتىكى تاكتىكىلىرىدىن ئۇنى مۇشۇ ساھەدىكى يىتىك ئالىم دېسەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى شۇنچىلىك ئاددى، ئەمما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك، شۇڭا ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ئىش- پائالىيەتلىرىنىڭ يەكۈنى بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھاياتىدىكى خۇشاللىق ۋە بەخت ناھايىتى ئاددى، ناھايىتى كىچىك ئىشلاردا مەۋجۇت بولىدۇ، لېكىن بۇنى شۇ ئادەمنىڭ قانچىلىق ھېس قىلىشى بەلگىلەيدۇ، بەك كىچىك ئىشلارنى كۆزگە ئىلمىسا، ئۇنىڭدىكى خۇشاللىق ۋە بەختنى ھېس قىلىش ئىقتىدارى بولمىسا، ئېنىقلا ئۇنىڭدا ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى بولمايدۇ، ئۇنى پەقەت تونۇپ ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قوبۇل قىلىشقا مۇيەتسەر بولغاندىلا، ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئۇلۇق قىممىتى نامايان بولىدۇ. بىز باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى: بىر تىلەمچى تىلىگەنلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ ۋە تىلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجلىرىدىن خۇشاللىق، بەخت تاپىدۇ، ئىلھاملىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئالاھىدە پەرىق قىلىدىغان مىليونىرچۇ؟ بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمتىيازلىرى ۋە باشقا تولۇق قاندۇرۇلغان ئېھتىياجلىرىدىن خۇشاللىق، بەخت ھېس قىلىشى، ئىلھاملىنىشى مۇمكىن. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى نېمە؟ پەقەت شەكىل جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق، ماھايەت بولسا بىر، يەنى ماھىيەت تۈپتىن ئوخشاش بولىدۇ. ئالايلۇق، ئۇلاردىكى خۇشاللىق ۋە بەخت ھېس قىلىش بىلەن ئىلھاملىنىش پەرىقلەنمەيدۇ، بەلكى بىردەك بولىدۇ. چۈنكى تىلەمچىدىمۇ مىليونىردا بار ئادەملىك روھ، ئىنسانى تۇيغۇ، كۆڭۈل بولىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ مەسىلىنى ياكى ئاشۇ كىشىلەر قىلىدىغان ھەرىكەتنى قانداق قۇبول قىلىشتا. تىلەمچىنىڭ تىلەمچىلىكنى ئىتىراپ قىلىشىنىڭ ئۆزى بىر خىل سۈيۈنۈشنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، قانداقتۇر مەجبۇرى بولغان ئىش ئەمەس. دېمەك، قانداق ئىش بولسۇن، بۇ يەردىكى گەپ تىلەمچىلىكنى ئىتىراپ قىلىشتا، بۇنداق ئىتىراپ قىلىش ئىشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، يۇقىرى – تۆۋەنلىك دەرىجىسىنى يوق قىلىۋەتكەن بولىدۇ، تىلەمچىلىكنى پەقەت چىن ئەقىدە بىلەن ئىتىراپ قىلىشلا، ئۇنىڭغا خۇشاللىق، بەخت ھېس قىلدۇرىدۇ. ئومۇمەن باشقىلارغا ياخشلىق قىلىش، شۇنداقلا ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشمۇ چوڭ- كىچىك بولۇشتىن قەتئىنەزەر خۇشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ يۇقىرى قاتلامغا تەۋە كىشىلىرىمىز ئىچىدىكى پاساھەتلىك ئىستىبىدات ئىگىسى، مەنىۋىيىتىمىزنىڭ پەرۋىشكارى، مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى ئۈلگىسى مىجىت ناسىر ئاكا باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشنىڭ ئۆزى ئادەمنىڭ چەكسىز خۇشاللىقىدۇر دەپ قارايدۇ ھەم ئاشۇ يولدا تېنىمسىز كۆرەش قىلىدۇ، ئۇ شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيەتنى قوغداپ، روھىيەتنى سالاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان چەكسىز بەختىنى ھېس قىلىدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. باشقىلارغا تەقدىم قىلىش بىلەن باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قوربان بېرىش ئۇنىڭ چەكسىز خۇشاللىقى، مانا بۇ چەكسىز خۇشاللىق ئۇنىڭ ھەقىقى بەختى! ئادەمنىڭ ئادەملىك قىممىتى ياراتقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىپلا قالماستىن، تەقدىم قىلغان ھارارىتى ۋە باشقىلارنى ئىتىراپ قىلىش، قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى خۇشاللىق ئىچىدىكى سۆيۈنۈش بىلەن بەخت تەقدىم قىلىش مىقدارىنىڭ سالمىقىدا بولىدۇ. بەزىلەر ئۆزى ئۈچۈن، يەنە بەزىلەر باشقىلاردىن نەپ ئېلىش ئۈچۈن خۇشالىققىنى دەسمايە قىلىشى مۇمكىن؛ ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزىنى ھەقىقى تونۇپ، ئۆزگىلەر ئۈچۈن قۇربان بېرىش بەدىلىگە خۇشاللىق، بەخت تېپىشقا ئادەتلەنگەن، سۈيۈنۈش ھېس قىلىدىغان ھەم شۇ مەۋقەدە تۇرۇپ ئۆزىگە باھا بېرىدىغان، ئۆزىنى تاپىدىغانلار خۇشاللىقىنى خالىسلىقنىڭ دەسمايىسى قىلىدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، خۇشالىقنىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىسى سېخىيلىق، شۇنداقلا خۇشالىقنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمۇ سەمىمىيەت بولىدۇ. چۈنكى،خۇشاللىق ماددى ۋە مەنىۋىي ۋاسىتىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپسىمۇ، سەمىمىيەت ئارقىلىق ھەقىقى ھەغداسىغا يېتىدۇ، ساپ مەنىسىنى بېيىتىدۇ.

     ئاخبارات سېپىدىكى يېتۈكلىرىمىزنىڭ بىرسى بولغان زورۇللا سوپىيوۋ مۇنداق دەيدۇ: ئادەم پىشىپ يېتىلگەنسېىرى ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى شۇ قەدەر چۇڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ، شۇ چاغدا ئادەم تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ھەقىقى ئارتىستلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ھەر ئىككىسىگە ساغلام تەپەككۇر بىلەن بېزەلگەن ساغلام روھ ، ساغلام كۆز، ساغلام ئۇقۇم لازىم بولىدۇ. مانا بۇ ئۇزاق مەزگىللىك خۇشاللىق ۋە بەختنى تېپىشىنىڭ مەنبەسى... شۇنداق، بىر قارىسىڭىز، قايغۇ- ھەسرەت بىلەن ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ ئادەمگە تەقدىم قىلىدىغىنى ھەسرەت- نادامەتتەك قىلىدۇ. ئۇ «بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى، بىر يىغىنىڭ مىڭ كۈلكىسى بار» دېگەن يەكۈنگە چۈشمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇدۇلىغا قارىساق، راستىنلا شۇنداقتەك كۆرۈنىدۇ، ماھايەتتە بولسا، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، بۇ يەردىكى مىڭ كۈلكىسى ئۇ بەرگەن تەجرىبە- ساۋاق ۋە كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە قوللانسا بولىدىغان،  ساۋاق ھەم شۇ ساۋاق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نەتىجىگە بېرىپ تاقىلىدۇ؛ خۇشاللىقنىڭ ئاخىرقى ئۇتۇقى نېمە بولىدۇ؟ كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئۇتۇقى بەخت بولىدۇ. ئىنچىكە قارىساق، خۇشاللىقنىڭ ئادەمگە بېرىدىغىنى خۇشاللىق، يەنى بەخت بولىدۇ، پەقەت تاساددىبىي ھېس قىلماسلىق ياكى بىمەنە شەكىللەنگەن خۇشاللىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئومۇمەن ئۇنىڭ نەتىجسى بەختتىن كېلىدىغان سۆيۈنۈش بولىدۇ.

   

                                            3


   گاھىدا چوڭ ئىش، چوڭ نەتىجنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخت بولۇپ كېتىشى ناتايىن، شۇنداقلا،  كىشىلەر دەپ قويىۋاتقاندەك چەكسىز خۇشاللىق مەۋجۇتسىزلىق بولماستىن رىئاللىقتۇر. ئۇنداقتا چەكسىز خۇشاللىقنى نەدىن تاپىمىز؟ بۇ قىيىن ئىش ئەمەس، ئەمما مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەسىلە. بۇ يەردىكى گەپ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، قانداق ئىتىراپ قىلىشىمىز ۋە قانداق يولغا قويۇشىمىزدا. خۇشاللىق بىلەن بەختنىڭ چوڭ- كىچىكلىك چېكىنى تاپقان ئادەم يوق، ئەمما چوڭ، كىچىك ئىشلاردىن خۇشاللىق تاپقان، بەخت تۇيغۇسىغا چۈمگەنلەر كۇرمىڭ. چەكسىز خۇشاللىق ئېنىقكى خۇشاللىقنىڭ ئەڭ ئاداقى چېكى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق ئېتىشقا بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرەلىگەن ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئىلھام بېرىپ، خۇشاللىق ئاتا قىلالىغان ئادەم – ئۆزى ئۈچۈن چەكسىز خۇشاللىق، چەكسىز بەخت ئاتا قىلغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىشىنىڭ ئىككىلا يولى بار، ئۇنىڭ بىرسى، شۇنىڭغا لايىق ساپا ھازىرلاش، يەنە بىرسى، شۇنىڭغا يارىشا پىسخىك ھالەتنى بەرپا قىلىش. ساپا ھازىرلاشنىڭ يوللىرى بەك كۆپ، بۇ يەردىكى ساپا مەسىلەرگە توغرا قاراش، ئادەملەرگە توغرا باھا بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇتۇق، نەتىجە، سەۋەنلىك ۋە مەغلۇبيىتىنى ۋاختىدا بايقاپ تەنقىدى مۇئامىلە قىلىش ياكى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۇزۇپ قويۇماي قانات يايدۇرۇشىنى مەنبە قىلىشقا قارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئاشۇ ئادەمنىڭ پائالىيەت تارىخى ۋە پائالىيەت نىشانىدىكى بارلىق پۇرسەت ۋە ئىمتىياز، خرىس- تۇسالغۇلارنى مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭدا كېلەچەك ئۈچۈن ناماياندا بولىدىغان ئۇتۇققا نائىل بىردەكلىكنى ھېس قىلىش، بايقاش كېرەك، بۇ نىشان ئىشقا ئاشسا، ئېنىقكى، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئىلھاملىنىدىغان، نەپ ئالىدىغان ۋە خۇشاللىق، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدىغان كارامەتلەرنىڭ ھازىرلىنىش مۇمكىنچىلىكى زاھىر قىلىنغان بولىدۇ. ئالايلۇق، مىجىت ناسىر ئاكىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى باشقىلارغا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلىش ۋە ئۆزىدە چەكسىز خۇشاللىق تۇيغۇسى سېزىشنىڭ نىشانىغا دەل ئاشۇنداق ئۇلۇغلۇق سىڭگەن. ئۇ باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى قوبۇل قىلىش، ئىتىراپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ياراتقان تۆھپە ۋە ئۇتۇقنىڭ كېلەچەك ئۈچۈن بېرىدىغان تەسىرى، ئۇتۇقى، ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىنى شۇ قەدەر چەكسىزلىك ئىچىدە ھېس قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەر بىر نەتىجە، ئۇتۇقىدىن سۈيىنىدۇ، كىمدۇر بىرسى مەلۇم ئۇتۇق قازانغا بولسا، ئۇنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئەۋزەللىكى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شۇ ئادەمنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كەڭ جامائەتكە، خەلقى ئالەمگە يېيىپ، تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ئىلھاملىنىش دائىرىسىنىڭ كەڭ كۆلۈمدە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

پىسخىكا جەھەتتىكى ئىتىراپ قىلىشقا كەلسەك، بۇ بىز ناھايىتى ئەستايىدىل، كۈچەپ ھەل قىلمىساق بولمايدىغان بىر مۇھىم ئىجتىمائى  ھادىسە،بۇنى تېخىمۇ كونكرېت قىلساق، ئۇ ساغلام روھ، ساغلام تەن، ساغلام ئىتىقاد، ساغلام پەزىلەت بەرپا قىلىشىمىزدىكى ناھايىتى ئېغىر توسالغۇ. بىز نادانلىق ئاسارىتى پەيدا قىلغان ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىك، ئالدىدا ماڭغانلارنى پۇتلاش، ياخشىلارنى بېسىش، شىلىش، قىسىش، چەكلەش، يوق قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە زىيان سالىدىغان روھى بېكىنمىلچىلىك، پەسكەشلىك كىشەنلىرى ئاسارىتىدە ئۆزىمىزدىن باشقىلارنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان پىسخىك ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان. بىز تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئاشۇنىڭ كىشەنلىرى، بۇيۇنتۇرۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ كەتكىنىمىز يوق، كىچىك ئىشلار بەدىلىگە بولىنىۋاتقان جىدەل – ماجىرا،غەيۋەت- شىكايەت، نىزا- خۇسۇمەتلەردىن بۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىز، باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاسىتىسى بولغان تور دۇنياسىغا كىرىپ قالسىڭىز، كىشىلەرنىڭ بىر – بىرسى بىلەن بولغان بەس- مۇنازىرلىرىدىكى تېتىقسىز گەپ، تىل- ئاھانەت، رەسۋاچىلىقلاردىن ئادەم شۇنچىلىك سەسكىنىدۇ. بۇ بىزدىكى پىسخىكا ئاجىزلىقنىڭ نەدەقەر ئېغىرلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چەڭسىز خۇشاللىق ئۈچۈن دەل مۇشۇنداق پىسخىكا ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز باشقىلارغا خۇشاللىق تەقدىم قىلىش بەدىلىگە خۇشاللىق سېزىشتەك ئادەت ۋە ساغلام پىسخىكىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئۆمۈر بويى چەكسىز بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلىش پەيزىگە ئېرىشەلەيمىز. بۇنداق پىسخىكىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش،مۇستەھكەملەش،داۋاملىق يېڭىدىن يېڭى ئۇقۇم بىلەن بېيىتىش، ئۇنى مەڭگۈ مۇستەھكەم دائىملاشتۇرۇش كېرەك. دېمەك، چەكسىز خۇشاللىق ـ چەكسىز بەختنىڭ مەنبەسى، ئۇنى پەقەت باشقىلارغا تەقدىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ھۇقۇقىنىڭ پاسىبانى بولغىلى بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خۇشاللىق تېپىشنىڭ يوللىرى، مەنبەلىرى بەكمۇ كۆپ، مەسىلەن، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كۆيۈنۈش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىزغىن، سەمىمىي، ئەستايىدىل مۇئامىلە بىلەن مېھرىبانلىق قىلىش، تۈرلۈك تۈمەن ئىشلارغا توغرا قاراپ ئىللىق پوزۇتسىيە بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، خۇشاللىقتا ئورتاقلىشىش، ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە ساغلام ئەقىدە، ئىتىقات، كۈچلۈك غۇرۇر –ۋىجدان بىلەن ھەق مەيدانىدا تۇرۇش، ئەجىر- مېھنەت  قىلىشتا ئۆلگە بولۇش، قىسقىسى، ئۆزىڭىز ۋە  باشقىلارغا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كەلگۈسى ئۈچۈن دەسمايە – دەستەك بولىدىغان، ئۆمۈر بويى ياخشى خۇلۇق پەيدا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز خۇشاللىقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، ئەجداتلىرىمىز ئاشۇ بىر قاتار ئىشلارنى ياخشى پەزىلەتلىك بولۇشنىڭ شەرتى قىلغان ۋە ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن، سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆمۈر بويى باشقىلارغا خۇشاللىق بېغىشلاش، كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆرنەك بولىدىغان ۋە ئۇلۇق ئىشلارنىڭ ھۇجۇتقا چىقىرىشىغا ھەيدەكچى بولىدىغان، ئىسىل ئەخلاقى پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان سەمىمىيلىك چەكسىز خۇشاللىققا سازاۋەر بولۇشنىڭ ئاساسىيدۇر.


مەنبە: يېڭى ئىجادىيەتلىرىمدىن.

      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 05:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 03:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭز ئۆتكۈركەن ئەجرىڭزگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشكەيسىز.........

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 05:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن
ھاياتىمدا بىر ئادەمنى بولسىمۇ خۇش قىلغىنىم ئۇتۇق قازانغىنىم، مانا مۇشۇنىڭ  ئۆزىنى مەن بەختىم دەپ ئويلايمەن. بۇگەپنى چۇقۇم ئىسىمدە ساقلايمەن، ئەتراپىمىزدىكلەرگە قۇلىمىزدىن كىلىشچە ياخشىلىق قىلايلى

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 06:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
assalam副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 07:06:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن، مەزمۇنى چوڭقۇر

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 07:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شامنى ئۇقىۋېلىپ كۆرەي ھە ئاندىن ئىنكاس يازاي...................

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش