ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىسرانىمداشلار ، بەلكىم يىلچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن مۇنبەرگە تىما يوللاپ باقمىغېنىمغا . ۋاقىت يوقمىكىن دىسەم بىر كۈندە 24 سائەت يەنە شۇ 24 سائەت بولۇپ ئۆتىۋىتىپتۇ ، يىللار ئىلھاملىرىمنى بوغۇپ قويدىمىكىن دىسەم مەندە نەدىكى بوغۇلۇپ قالىدىغان ئىلھام دەيسىلەر . سەل ھورۇن بولۇپ قالغاندەك تۇرىمەن . ئاۋالقىغا ئوخشاشلا مۇشۇ يېزىۋاتقان نەرسىلىرىمنى يېزىپ بولۇپ بىر ئوقۇپ چىقىمەندە ياراپ قالسا يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسىمەن ، ئۇيقۇمنى ئۇخلايمەن .
* ئادەم دىگەن شۇنچىلىك ئاجىز شۇنچىلىك كۆنۈك بولىدىكەن ، سىنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلامەن دىگەنلەر ئايرىلغاندا ھىچقانداق قىلمايدىكەن ، يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى سىزنى ھەم بىزنى ماغدۇردىن قالدۇرۇش بولسا كىرەك ، تۈنۈگۈن تىخى بېشىمىزنى سىلاپ ، باغرىغا بېسىپ ، ئەتىۋارلاپ كىلىۋاتقان ئانىلىرىمىز جىممىدە كىتىپ قالىدىكەن . كىمنىڭ كەتكىسى بار دەيسىلەر ، رىسقى پۈتكەندۇ ھە ؟! ئاللاھ ئانىلىرىمىزنىڭ ئىمانىنى پاك قىلسۇن ، قەدىردانلارنىڭ قەدىرىگە يىتەيلى . سىزگە ھاياتنى كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، بەلكىم يىراقلاردا ئۆيدىن ئايرىلىپ خىزمەت ، جاھاندارچىلىق بىلەن يۈرگەنلەر ئاز ئەمەستۇ ، 5 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ ، شۇ قەدىردانلارغا سالام ئىيتىڭ ، ھال-ئەھۋالىنى سوراپ قويۇڭ ، ئاۋازىڭىزنى بولسىمۇ ئاڭلىسۇن ، چۈنكى ھىچكىم 5 مىنۇتتىن كىيىن نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، جاندا ئىشەنىچ يوق ،ئامانەت ھەرقانداق ۋاقىتتا قايتۇرۋىلىندۇ . ئاللاھ بىزنى مىھرى-مۇھەببەتتىن ئايرىمىسۇن .
* بۇ يىل غۇلجىدا قىش ئوبدانلا كۈچىنى كۆرسەتتى ، قارمۇ زىرىكمەي ياغدى ، كوچا -كوچىلاردا قارلار دۆۋلىنىپ كەتتى ، " < مانا قىش دىگەن مۇنداق بولمامدۇ >دەيدۇ بىراۋلار چۈنكى ئۇلارنىڭ قاردىن ئەندىشىسى يوق . "< ئاللاھ ھەجەپ جىق ياغدى بۇ قار> دەپ زارلىنىدۇ يەنە بىراۋلار .... بىرەر ئاي بولۇپ قالدىمىكىن ئىدارىدىن ئۆيگە قايتاي دەپ يول بويىدا ماشىنا ساقلاپ تۇراتتىم . مەھەللىدىكى ياشقا چوڭىيىپ قالغان بىر كىشى ( بىر نەچچە قىتىم ماشىنىسىغا چىققان ) مىنى كۆرۈپ ماشىنى يانغا تاتىپ توختاتتى ، چىقىپ پاراڭ قىلغاچ ماڭدۇق ، مەن قىلبە تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ:
- يەنە قار ياغمىسا بولاتتىغۇ ، دەپ تۇرسام ئۇ كىشى قولى بىلەن مۆرەمگە بوشقىنە ئۇرۇپ تۇرۇپ:
- ئاسماندىن تاش -كىسەك چۈشمىگىنىگە شۈكرى دەيلى ، دەپ قويدى .
شۇنداق ، ئاللاھنىڭ بەرگەن كۈنلىرىگە شۈكرى دەيلى ، ئىنساپلىق بولايلى ، تاماخورلۇق ، كىبىرلىك بىزدىن نىرى بولسۇن .
*سىلەردىمۇ شۇنداق تۇيغۇ بارمۇ ؟ مەندە شۇنداق بىر ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كىسىلى بار ، بۇرۇن يوق ئىدى ، ئەمما يىقىندىن ياقى سەل ئېغىرلاپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ، خۇددى پەقەت ۋە پەقەت مەنلا ئەخلاقلىقتەك ، مەن بولمىسام بولمايدىغاندەك ھىس قىلىمەن ، كوچىلاردا كىتىپ بىرىپ يولدىن ئۇياققا ئۆتمەكچى بولسام مەنلا قىزىل چىراقنىڭ يېشىلغا ئايلىنىشىنى ساقلاۋاتقاندەك ، كوچا ئاپتۇبۇسلىرىدا ئاۋازىنى قويىۋىتىپ تىلفۇن پاراڭلىشىۋاتقانلارنى كۆرۈپ پەقەت مەنلا ئەدەبلىك چوڭ بولغاندەك ، ئادىمىيلىك پەقەت مەندىلا ئۆز مەنىسىنى تاپالايدىغاندەك .........
جاھان مۇشۇنداقمۇ ياكى مەن يۇقىردا ئېيتقىنىمدەكمۇ ؟ بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاچ ماڭا بىرخىل كۈلۈپ قويىۋاتىسىز ھە؟ ھىچقىسى يوق ، كۆنۈپ قالدىم ، قاچانلاردا كۆنۈپ قالغىنىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ، قاچان ئۇيغۇرغا كۆيدۈم ، ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ......
* ئۇيغۇر .... ماڭا شۇنداق يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ بۇ نام ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ يامان ھەم ياخشى خۇيى بولىدۇ ئەلۋەتتە ، بىز بەكلا رەھىمدىل بەكلا ئەپۇچان ، ئەگەر يەھودىلارغا ئوخشاش ئۆز مىلىتىدىن دىۋانە كۆرسەك كەينىگە تەپكەن بولساق ، يەنە بىر مىللەتكە ئوخشاش بېشى پىقىراپ قالغان قېرىنداشلىرىمىنى يېنىمىزغا تارتقان بولساق ، يەنە نۇرغۇن -نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىلغارلاشقان بولساق... ياق ! ئۇ چاغدا بىز ئۇيغۇر ئاتالمايتتۇق ھە !
* قىشمۇ تۈگەي دىدى ، قىشنىڭ قەھرى خانىم -قىزلىرىمىنى قېلىن كىيىملەر بىلەن تازا ياخشى ئورىغان ئىدى ، ئەمدى بىر قىسىملارنى باشقۇرىدىغان قىش كەتسە كىممۇ ھاي ! دەر... بىز ئەركەكلەرغۇ ئۆيدىكىنى باشقۇرساق بولدى دەيمىز ، ھوي ئۇنداقتائۇنداقلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى قانداق لامزەللىلەردۇ ؟ بىر ئاجىزىگە ئەۋرەتلىرى تولوق يېپىلىدىغان كىيىم كىيگۈزەلمىگەن . ياخشى بولۇپ كىتەر ھە ، ھەممىمىزنىڭ ئىنساپ-ئىمانىمىزنى تولۇق قىلغايسەن ئاللاھ.
.
* _ ئاكا ، ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز،
- مەن بار ساقام ، ساڭا يۆلەك بولالايمەن ،
- نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ، ئاپام تىخى.....
- يېغلىما ھە ، بۇ دۇنيانىڭ ئازاپلىرىدىن بالدۇراق قۇتۇلدى ، ئاللاھ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن....
ھايات،ئارغامچاڭدا چىڭ باغلا مىنى ،
تەندىن سۆيگۈم ئاجراپ كەتمىسۇن .
ئاندىن كۈچەپ تاشلا يىراققا ،
ئاسىيلارنىڭ قولى يەتمىسۇن .
ئۆز -ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرەي مەن ،
ئالدالمىغاچ باشقا بىرىنى .
ھىچ نەرسىگە تەڭ قىلغۇم كەلمەس،
ئاپتاپ كەبى ئانا مىھرىنى .
بەلكىم يەنە نەچچە ئاي ئۆتسە ،
خىياللىرىم رەڭ ئۆزگەرتىدۇ .
باشقا نەرسەڭ كىرەك ئەمەستى ،
مىھىر بەرگىن، مۇشۇ يىتىدۇ .
قار كۆيىۋاتىدۇ،
سەبى بىر يىگىت،
قار ئاستىغا يۈرىكىنى كۆمىۋاتىدۇ!
ئاشكار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 03:32 AM