مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2733|ئىنكاس: 41

ئىسلام دىنىدىكى ئىمان توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 12:18:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئاللار:::
1- ئىمان دىگەن نىمە؟ قانداق قىلغاندا ھەقىقى ئىمان ئىيىتقان بولىدۇ؟ مۇسۇلمان بولوش ئۇچۇن ئىمان كەلىمىسىنى ئېغىزدا ئىيتىپ قويۇشلا كوپايىمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقا شەرىتلىرىمۇ بارمۇ؟
2- خەلىق ئارىسىدا بەزى كىشىلەر «لائىلاھە ئىللەللا دىگەن ئادەم دەۋزەقتە قالمايدۇ» دىگەن ھەدىسكە ئىشىنىپ بىز گۇناھلىرىمىز توگىگەندە يەنە جەننەتكە كىرىمىز دەپ مۇشۇ سوزگىلا ئىسىلىۋىلىپ باشقا ئىبادەتلەرنى قىلمايدىكەن ،ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟
جاۋاب:
«ئىمان دىگەن نىمە؟ قانداق قىلغاندا ھەقىقى ئىمان ئىيىتقان بولىدۇ؟ مۇسۇلمان بولوش ئۇچۇن ئىمان كەلىمىسىنى ئىغىزدا ئىيتىپ قويۇشلا كوپايىمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقا شەرىتلىرىمۇ بارمۇ؟»
    جاۋاب:
بۇ سوئالىڭىزغا تۆۋەندىكى ھەدىس جاۋاب بەرسۇن:
ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز قېشىمىزغا كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا بىر كىشى چىقىپ كەلدى.
ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەپەر قىلغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھېچ قايسىمىز ئۇنى تونۇمىدۇق. ئۇ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى يوتىسىغا قويۇپ: «ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسلام ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ› گۇۋاھلىق بېرىشىڭدۇر، پەرز نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشىڭدۇر، زاكات بېرىشىڭدۇر، رامزان روزىسىنى تۇتۇتۇشڭدۇر، قادىر بولالىساڭ ھەج قىلىشىڭدۇر»، دېدى.
ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى. بىز ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى سوراپ، ئۆزىنىڭ سورالغان سوئالىغا جاۋاب بېرىلسە، « راست ئېيتتىڭ»، دەپ تەستىقلىغىنىغا ئەجەبلەندۇق.
ئاندىن ئۇ كىشى يەنە: «ماڭا ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەتكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر»، دېدى. ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى………
ئاندىن كېيىن ئۇ كىشى بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. مەن بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قاپتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۇمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟»، دېدى. مەن: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جىبرىئىل بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە دىنىڭلارنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن»، دېدى.— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
دېمەك، ئاللاھ تەئالاغا، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى مۇئمىن، بۇ ئىمانىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان بولمايدۇ.
ئىسلامسىز ئىمان، ئىمانسىز ئىسلام ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. شەيتاننىڭ ئىمانى بار ئىسلامى يوق، مۇناپىقنىڭ ئىسلامى بار ئىمانى يوق. بۇلارنىڭ ھېچبىر ئەسقاتمىدى؛ نە شەيتاننىڭ ئىمانى، نە مۇناپىقنىڭ ئىسلامى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى ۋە ئەسقاتمايدۇ.
بىر ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەم مۇئمىن، ھەم مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. ئىككىسىنىڭ بىرى يوق بولسا، يا شەيتان بولىدۇ ياكى مۇناپىق بولغان بولىدۇ.
«خەلىق ئارىسىدا بەزى كىشىلەر {لائىلاھە ئىللەللا دىگەن ئادەم دەۋزەقتە قالمايدۇ }دىگەن ھەدىسكە ئىشىنىپ بىز گۇناھلىرىمىز توگىگەندە يەنە جەننەتكە كىرىمىز دەپ مۇشۇ سوزگىلا ئىسىلىۋىلىپ باشقا ئىبادەتلەرنى قىلمايدىكەن ،ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟»
جاۋاب:
«لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
بىر كىشى بۇ سۆزنى سۆزلىگەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزى «مەن ئاللاھ تەئالا نېمە دېسە قوبۇل قىلىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمەن» دەپ ئاللاھقا سۆز بەرگەنلىكى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن يەنى بۇ سۆزنى سۆزلىگەندىن كېيىن ئۇ كىشى، بۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ مەنىسى «مەن ئادەم ئەمەس، ئاغزىمدا دېگەن سۆزۈمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېگەن بولىدۇ.
دېمەك، «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» نى «سۆزلەش»، ئېغىزدىلا دەپ قويۇش ئەمەس، ئېغىزدا سۆزلەپ، مەزمۇنىغا ئەمەل قىلش بىلەن بولىدۇ.
دوزاخقا كىرىپ مەلۇم مۇددەت كۆيگەندىن كېيىن چىقىش مەسىلىسىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىمدە، دوزاختا «گۇناھىمىزنىڭ جازاسىنى چېكىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە چىقىمىز» دېگەن مۇددىئا يەھۇدىيلارغا ئائىت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەر مۇنداق:
1- «ئۇلار: «بىز جەھەننەمدە قالساقمۇ بىرقانچە كۈنلا قالىمىز» دەيدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟- ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ- ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».
ياق، ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. يامانلىق قىلىپ خاتالىقى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلار بارغۇ، ئەنە شۇنداقلار قىلمىشلىرىنىڭ تۈپەيلىدىن جەھەننەم ئەھلىدۇر؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۇ قالىدۇ.
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچلاردۇر»- (بەقەرە 2/80-82).
2- «كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا، ئىچىدىن بىر تۈكۈم كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار داۋاملىق يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
بۇ، ئۇلارنىڭ: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىر قانچە كۈنلا كۆيىمىز» دېگەنلىكى ۋە ئۆزلىرى ئويدۇرغان ئويدۇرمىلارغا دىنى ئىشلىرىدا ئۆزلىرى ئالدانغانلىقى ئۈچۈندۇر.
بىز ئۇلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە توپلايمىز، ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا/مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟»- (ئال ئىمران 3/23-25).
قۇرئان كەرىمنىڭ قىيامەت، ئاخىرەت ھاياتى، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قىلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى، جەھەننەمگە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قېلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
1- ئىنسانلار قىيامەت مەيدانىدا ئىككى تۈرلۈك (قارا يۈزلۈكلەر، ئاق يۈزلۈكلەر) بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار ئۇ ئازابقا بەزى يۈزلەر ئاقىرىدىغان ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدىغان كۈندە دۇچار بولىدۇ. يۈزلىرى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداق بولسا كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
يۈزلىرى ئاقارغانلار بولسا، اللەنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ جەننەتتە قالىدۇ»- (ئال ئىمران 3/106، 107).
2- ئەمەللەر تارتىلغان يەردە ئىككى تۈرلۈك (ياخشى ئەمىلى يىنىكلەر، ياخشى ئەمىلى ئېغىرلەر) بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار اللەغا بوھتان چاپلاش ئىشىنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.
ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلىشىم مۇمكىن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بىر قۇرۇق گەپتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بار. بۇ ئۇلارنى، ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.
سۇر چېلىنغان كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال- ئەھۋال سورىمايدۇ.
ئۇ كۈنى مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ»- (مۇئمىنۇن 99/23- 104).
3- ئەمەل دەپتەرلىرى بېرىلگەن يەردە ئىككى تۈرلۈك (ئەمەل دەپتىرى ئوڭدىن بېرىلگەنلەر، ئەمەل دەپتىرى سولدىن ياكى ئارقىسىدىن بېرىلگەنلەر) بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:
«ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدىغان يولدا تىرىشىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن.
كىمنىڭ دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە،
ئۇنىڭ ھېسابى ئاسانلا تۈگەيدۇ.
ئۇ، يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ.
كىمنىڭ دەپتىرى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە،
ئۇ، يوق بولۇش ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ
ۋە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.
ھالبۇكى ئۇ، بىر زامانلار يېقىن – يورۇقلىرى ئارىسىدا خۇشال ئىدى
ۋە رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلىمايتتى»- (ئىنشىقاق 84/6/14).
4- ئاخىرىدا بىر پىرقە جەننەتكە، بىر پىرقە جەھەننەمگە يەرلىشىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! شۇنىڭدەك بىز ساڭا ئەرەبچە بىر قۇرئان ۋەھىي قىلدۇق. بۇنى كەنتلەرنىڭ ئانىسى بولغان مەككىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇ كۈنى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى جەننەتكە، بىر قىسمى دوزاخقا كىرىدۇ»- (شۇرا 42/7).
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا «گۇناھىمىزنىڭ جازاسىنى چېكىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە چىقىمىز» دېگەن ئېتىقاد يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. بۇ ئېتىقاد گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ، جەننەتنى ھېچكىمگە بەرگۈسى كەلمەيدىغان ئەخمەق «مۇسۇلمان» لارنىڭمۇ ئېتىقادىدۇر. ئۇلارغا مۇنداق سوئال قويۇشىمىز كېرەك:
«سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟- ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ- ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».


مەنبە:ساقلانمىلىرىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھۆكۈما + 97 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17534
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1504 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:45:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
بىر كىشى بۇ سۆزنى سۆزلىگەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزى «مەن ئاللاھ تەئالا نېمە دېسە قوبۇل قىلىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمەن» دەپ ئاللاھقا سۆز بەرگەنلىكى بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەتكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر»، دېدى.

دېمەك، ئاللاھ تەئالاغا، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى مۇئمىن، بۇ ئىمانىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان بولمايدۇ.







قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9967
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 10:48:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يازما ئىكەن، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1322
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:11:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،   اللە  سىزگە كۆپ ئەجر-ئەزىم بەرسۇن ،ۋە  رەھمەت قىلسۇن! مۇشۇنداق تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپتۇرۇڭ!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7066
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:13:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازما يولاپسىز ئاللاھ بارلىق قىرنداشلارنىڭ قەلبىمىنى ئىمان ئىسلام قوينىغا مۇيەسسەر قىلسۇن ھەقنى تەۋسىيە قىلغانىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ بەرسۇن رەخمەت تورداش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 11:14 AM  


ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83671
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3271
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 11:52:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 01:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 11:13 AM
ياخشى يازما يولاپسىز ئاللاھ بارلىق قىرنداشلارنىڭ قەلب ...

دەپ قويسىلا بولمايدۇ ھەمىمىز ئەمەل قىلايلى!!!رەخمەت تېما يولىغۇچى!!!ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!!ماڭا بەك ياقتى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10046
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3153 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 01:58:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن   رەھمەت قېرىندىشىم

ئاڭلىساڭ تىڭشايسەن يۈرەك نىداسى
كۆرىسەن كۆزۈمدىن سۆيگۈئىزناسى
كۆرىمەن سىنىڭدىن كۈلكە سىماسى
قەلبىمدە تولايمەن سۆيگۈ نىداسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92894
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 03:06:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18228
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 03:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىزنى ئۇقۇپ رەھمەتلىك ھەمزە (ياتقان يېرى جەننەتت بولسۇن) قېرندىشىمىزنىڭ سۆزلىرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

بىلمىگەننى بىلدۇرۇشمۇ ئىماننىڭ جۇمىلىسىدىندۇر،رەھمەت سىزگە .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش