ئاخىر زامان، يەنى قىيامەتنىڭ قوپىشىدىن بۇرۇنقى ئاخىرقى زامان شەخىسلىرى ۋە بۇ مەزگىلدە مەيدانغا يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەر ئەسىرلەردىن بويان ناھايتى دىققەت بىلەن كۈتۈلگەن قىزىق نوقتىلاردۇر. ئاخىر زاماننىڭ ئالامەتلىرى ئۆتۈپ كەتمەستىن بۇرۇن شۇ مۇھىم ھەقىقەتنى بىلىش ھەممە ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئىسلام ئەخلاقىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولىدىغانلىقى قۇرئان كەرىمدە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىرىلگەن خوشخەۋەر بولۇپ، ئاللاھ تائالا بىر قۇرئان ئايىتىدە شۇنداق دەيدۇ:
﴿ اﷲ ظعحعثلاردعكع ظعمان ظئيتقان ؤة ياخشع ظةمةللةرنع قعلغان كعشعلةرضة، ظذلاردعن بذرذن ظأتكةنلةرنع زئمعندا هأكىمران قعلغاندةك، ظذلارنعمذ حوقذم هأكىمران قعلعشنع، ظذلار ظىحىن تاللعغان دعننع حوقذم مذستةهكةم قعلعص بئرعشنع ؤة ظذلارنعث قورقذنحعسعنع ظامانلعققا ظايلاندذرذص بئرعشنع ؤةدة قعلدع، ظذلار ماثا ظعبادةت قعلعدذ، ماثا هئح نةرسعنع شئرعك كةلتىرمةيدذ، شذ ؤةدعدعن كئيعن كافعر بولغانلار اﷲنعث ظعتاظعتعدعن حعققذحعلاردذر. ﴾ نۇر سۈرىسى 55-ئايەت.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ناھايتى كۆپ ئىشەنچىلىك ھەدىسلەردە ئىسلام ئەخلاقىنىڭ يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ قايسى خىل شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى، ھاكىملىق مەزگىلى ۋە بۇ مەزگىلدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ھالدا بولىدىغانلىقى ناھايتى تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئاخىر زامان پۈتۈن دۇنيادا ناھايتى چوڭ بوزۇلۇش ۋە زىددىيەتلەر بولۇپ ئۆتىدىغان، ئۇندىن كىيىن ھەقىقى دىن ئەخلاقىنىڭ ھاكىم بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان بىر مەزگىلدۇر. ئاخىر زاماننىڭ ئۇرۇشلار، توقۇنۇشلار، جىنايەتلەر، ئەخلاقى بۇزۇلۇشلار، زۇلۇم، ئاچارچىلىق، نامراتلىق كۆپيىدىغان بۇ تۇنجى مەزگىللىرىدە، بۇ ھاللاردا ئامالسىز قالغان ئىنسانىيەت بۇ ھالەتلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھتىن بىر ياردەمچى ۋە قۇتقازغۇچى ئىزدەيدىغان بولۇپ، ھەدىس شەرىفلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەزرىتى مەھدىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەزرىتى مەھدى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى بىر جامائە ئاستىغا توپلايدۇ ۋە ئىككىنچى قېتىم مەيدانغا كىلىدىغان ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە قۇرئان ئەخلاقىنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولىشىغا ۋەسىلە (ۋاستە) بولىدۇ. بۇ خوشخەۋەرنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ناھايتى يېقىندۇر. (توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ)
ھەقىقەتەن، رىۋايەتلەردە ھەزرىتى مەھدىنىڭ چىقىش ئالامىتى سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىشى، ھەرزىتى مەھدى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىڭ ئوپئوچۇق ئىشارىتىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەردە، ئاخىر زاماننىڭ ناھايتى كۆپ ئۆزگىچىلىكلىرى تەرىپلەنگەن. ئاخىر زامان ھەدىسلىرىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ۋە بۇ مەزگىلدە مەيدانغا كىلىدىغان ۋەقەلەردە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مۇھىم بىر رايۇن بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا شەرقتۇر. ھەدىسلەردە ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىزاھلىرىدا دۇنيا تارىخىغا تامغا باسقان ناھايتى كۆپ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىر زاماندا بۇ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ.
ئوتتۇرا شەرق بۇلسا بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى ئىراق، ئىران، سۈرىيە، لىۋان، ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە قىسمەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايۇننىڭ ئومۇمى نامىدۇر. بۇ رايۇن تارىختىن بويان ئۆزىنىڭ سىتىراتىگىيلىك ئورنى ۋە ئىگە بولغان ناھايتى مول ماددى بايلىقلىرى بىلەن ناھايتى زور قىممەتكە ئىگە بولغان. دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ %65.3 نىڭ يەنى تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ، دۇنيادا بايقالغان تەبىئى گاز زاپىسىنىڭ %36.1نىڭ يەنى ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بولغانلىقى، بۇ رايۇننىڭ ماددىۋى تەرەپتىن قانچىلىك مۇھىم بولغانلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر. بۇ جەلىبكارلىقى بىلەن بۇ رايۇن تارىختا نۇرغۇنلىغان كۈرەش، ئۇرۇش، كۈچ ئويۇنلىرىغا شاھىت بولغان. تارىخنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە دۇنيانىڭ كۆزى ھامان ئوتتۇرا شەرق ئىسىمى بىلەن ناملانغان بۇ جۇغراپىيۋى رايۇننىڭ بىر قانچە شەھەرلىرى ئۈستىدە بولغان. بۇنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ‹‹قۇددۇس››تۇر. مەنىۋى قىممىتى ناھايتى بۈيۈك بولغان بۇ شەھەر ناھايتى كۆپ ئۇرۇشلارغا شاھىت بولغان ۋە ناھايتى كۆپ پەرقلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرغان. نۆۋەتتىكى يىللاردا ھەم ‹‹قۇددۇس›› دۇنيا جامائەت پىكىرىدە ناھايتى قىززىق نوقتا شەكىللەندۈرۋاتىدۇ. ئۈچ مۇقەددەس دىننىڭ مەنسۇبلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايتى چوڭ مۇھىملىقنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان بۇ شەھەر بۇ تەرەپتىنمۇ ھەم پەرقلىق بىر قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولىۋاتىدۇ. يەنە بىر مۇھىم شەھەر بولسا قونىستانتىنىيە يەنە بىر ئىسىمى بىلەن بۈگۈنكى ئىستانبۇلدۇر. ئەسىرلەدىن بۇيان ناھايتى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئېرىشىشى ئارزۇ قىلىنىپ كەلگەن بۇ شەھەرنىڭ فەتھى ئوسمانىيلارغا نىسىپ بولغان.500يىلغا يېقىن مۇددەت ئوسمانلىلارنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن بۇ شەھەر كۈنىمىزدە ھەم زۆرۈر جۇغراپىيۋى سىتىراتىگىيلىك ئورنى ۋە زۆرۈر تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن ئۆتمۈشتىكى مۇھىملىقىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىجابى تەسىرلىرى كۈنىمىزدە ھېلىھەم تەرىپلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئەسىرلەردىن بويان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بايراقدارلىقىنى ساقلاپ كەلگۈچى بولغان ئوسمانىلارنىيلارنىڭ ھىمايسى ئاستىدىكى خەلىفىلىك ئورنىنىڭ ئەڭ ئاخىرى بۇ شەھەردە قېلىشىمۇ ئىستانبولنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن ھەدىسلەردە ھەزرىتى مەھدىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىرىشى بىلدۈرۈلگەن مۇقەددەس ئامانەتلەرمۇ ئىستانبۇلدىدۇر. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى دانە بايرىقى، قېلىچى ۋە كۆينىكى بىلەن باشقا مۇقەددەس ئامانەتلەر ئىستانبۇلنىڭ توپكاپى سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.بۇمۇ ئىستانبۇلنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى قىممىتىنى يوقىرى كۆتۈرمەكتە.پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاخىر زاماننىڭ باشقا چوڭ ئالامەتلىرىگىمۇ گۇۋاھ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئوتتۇرا شەرقنىڭ يەنە بىر مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولسا شام (سۈرىيە)دۇر. شام پەقەتلا بۈگۈنكى سۈرىيەنىڭ پايتەختى شام شەھرى بىلەن چىگىرلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. شام سۆزى سۆز مەناسى بويىچە ئەرەب تىلىدا ‹‹سول››مەنانى بىرىدىغان بولۇپ، يەنى ھىجاز ۋە مەككە رايۇنلىرىنىڭ سول تەرىپىدە تۇرغان رايۇنلارنى ئىشارە قىلىدۇ.بۇ رايۇنلارنىڭمۇ ئاخىر زاماندا يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەردە مۇھىم رولى بارلىقى ھەدىسلەردە ھەم بىلدۈرۈلگەن.
پۈتۈن ھەدىس مەنبەلىرىدە ۋە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قەلەمگە ئالغان ئەسەرلىرىدە ئاخىر زاماندا يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ رايۇن يەنى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىغا بىردەك دىققەت تارتىلىدۇ. دۇنيادا ھەر قايسى پەرىقلىق تەرەپلەردىن جىددى سانىلىدىغان ناھايتى كۆپ مەركەزلەر بار تۇرۇپ، مەنبەلەردە پەقەت بۇ رايۇننىڭ باشتا تىلغا ئېلىنىشى، مۇھىم بىر ھەقىقەتنى كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ ھەقىقەت شۇكى، ئاخىر زامان ھەققىدىكى ھەدىسلەردە ھەر دائىم ئىسمى چىقىدىغان شەھەرلەر جايلاشقان ئوتتۇرا شەرق رايۇنى تارىختىن بويان ئاللاھنىڭ مۇبارەك پەيغەمبەرلىرىنىڭ ياشىغان، ئىلاھى كىتابلارنىڭ چۈشۈرۈلگەن، ئۈچ مۇقەددەس دىننىڭ ئۇچرىشىشىغا گۇۋاھ بولغان ۋە ھەر دىننىڭ مۇقەددەس ئىبادەتگاھلىرىنىڭ قۇرۇلغان بەخت-سائادەتلىك بىر رايۇن بولغانلىقى.تارىخ سەھنىسىدە ھەر دائىم باش رول ئوينىغان بۇ رايۇندا ئاخىر زاماننىڭ بەھەيۋەت ۋەقەلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى خۇش خەۋەر بىرىلگەن بىر مەزگىلدە ياشاۋاتىمىز.ئاخىر زاماننىڭ گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە ياشاۋاتقان بىزلەرگە چۈشكەن ۋەزىپە بولسا بۇ خۇشخەۋەرنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشتۇر.
مەنبە؛http://www.backtojerusalem.com/video/btj128.wmv