مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2719|ئىنكاس: 47

زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92957
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

   بىزنىڭ يۇرت ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەتتە،يىغىلىشلارنى باغدا ئۆتكۈزىمىز.
  بۈگۈن ئىشىم بولمىغانلىقتىن باققا خېلى بۇرۇنلا باردىم.مېنىڭدىن بۇرۇن بارغان بىرنەچچە دوستۇم بار ئىكەن، سالاملاشقاندىن كىيىن چاي ئىشكەچ قۇرۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
      ئولتۇرغانلاردىن بىرسى سۆزلەپ قالدى،ئادەم تورغا چىقسا جاھان ئەينىگىدەك ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن،بۇرۇن بوشلۇققا چىقىپ دۇنيا دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدىم،كېيىن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن مۇنبەرگە كىرىشنى ئۈگۈنىۋالدىم.ئاللا كارامەت:جاھان دېگەن ئەنە شۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟
      مۇنبەردە نۇرغۇن يازغۇچى، شائىرلار ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن،
  يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە ئاياللار توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر كۆپ بولۇپ كەتتى،«ئاياللار تورغا چىقسا بولامدۇ؟»،«ئاياللار تۇرمۇشنىڭ راھەتىنى قاچان كۆرىدۇ؟»،«كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار» قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلار.
مۇشۇنداق قاراپ باقسام ئەرلەر توغرىسىدا تۈزۈكرەك بىر ئوقۇغۇغىدەك بىرنەرسە يوق،مۇنبەرلەردە ساپلا ئاياللار باردەك.،،
   زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ قالىسەن.بىر چاغلاردا جەمىئىتىمىزدە ئەرلىرىمىزنىڭمۇ خېلى تۆھپىسى بار ئىدى.نى-نى، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغان.
   ياندا ئولتۇرغان بىرسى گەپ قىستۇرۇپ قالدى،دېمىسىمۇ ئەرلەرنىڭ نېمىسىنى يازىدۇ؟ بۇرۇنقى ئەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدى،ھازىر بولسا چۈشكۈنلىشىپلا كەتتى.بېسىم ئېغىرمىكىن دېسە كىرىمىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ،كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلى ياخشى،
    ھوي،نېمە دەيدىغانسەن ،يەنە بىرسىمۇ گەپ قىستۇرۇپ قالدى،بۇرۇنغۇ مال باھاسى تۆۋەن ئىدى،پۇللارنىڭمۇ خېلى كۈچى بار ئىدى،ھازىر 10 يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ بازارغا چىقسا بۇرۇنقى بىر موچەنلىكمۇ كۈچى يوق،توغرا چۈشۈنىڭلار ئائىلە باشقۇرماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى،بۇرۇنغۇ قوساق توق كىيىم پۈتۈن بولسىلا بولاتتى،ھازىر ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى.
    ھۆكۈمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،باي بولۇڭلار دېدى،نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنىمۇ بەردى.ئادەملەر ئازىراق پۇل كۆرگەن ئىدى،ئۆي ئىسلاھىتى قىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئۆزى سېتىۋالدى.شۇنداق قىلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ دېڭىزلارغىمۇ چۈشۈپ باقتى.قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ئۇھ  دەپ تۇرشىغا بالىلار چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپ ئوقۇش يېشىغا توشۇپ قالدى،
   ھۆكۇمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،بۇرۇن ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپ ،مەكتەپ پۈتتۈرسە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇراتتى،ھازىرچۇ؟ بىر بالا ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا پۈتۈن چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان قىلىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئەرلىرىمىز يەنە پۇل تېپىش ھەلەكچىىلىگىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى،بىرمۇنچە قەرزلەرگە بوغۇلۇپ بالىلىرىنى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈزۈپ قايتۇرۇپ كەلسە ئاتىلار يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
     تاپقان پۇلىنى ئېلىپ قەرز قايتۇرسا،يەنە قەرز ئېلىپ بالىلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تاپتى.تاپقان تەرمىگىنىئ‹ ئارقا ئىشىك› دەپ تىقتى.ئاتىلار يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.
   بالىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمدى ئوھ دەپ تۇراتتى،بالىلار توي قىلىش يېشىغا يەتتى.ئوغلى بارلار ئۆي ئالدى، قىزى بارلار ئالتۇن ئالدى دە يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.
     توۋا دەيمەن! ئاتىلار بىر ئۆمۈر ئىشلەپ بانكىلارغا قەرز تۆلىدى،تۈگۈمەس قەرز،ئۆسۈم دەردىدىن باشلىرىغا ئاق كىردى.بۇنداق ھالەتتە مۇنبەرلەرگە قانداقمۇ چىقالىسۇن؟!
     ھۆكۈمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،ئەرلىرىمىزنىڭ پۇلى كۆپ بولۇپ كېتىپ چاتاق چىقارمىسۇن دەپ قەرزگە باغلاپ قويدۇغۇ تاڭ.
     ياندا ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم.دىمىسىمۇ بۇ زامان قانداق بولۇپ كەتتى،پاتىيەمىزنىڭ بەرگەن سىياسەتلىرىغۇ ياخشى ئىدى،لېكىن تۆۋەنگە چۈشسىلا مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.پۇل بولمىسا ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغاندەك!.
ئەرلىرىمىزنىمۇ تازا يازساق بولاتتى،لىكىن يازايلى دىسەك ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق،ئۇلارمۇ ئالدىراش پۇل تاپمىسا تېخى بولمىغان.تاپقان پۇللىرىنى مەلۇم ئىشلار ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلمىسا يەنە بولمىغان،مېھمان چاقىرىپ يەپ –ئىچىدىغان سورۇن ھازىرلىمىسا تېخى بولمىغان.ئۇنداق سورۇنلارنى يازايلى دېسەك ساقى ئۇنىغان بىلەن مېھمان ئۇنىمايدىكەن،ئۇ يەردە ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك چوڭ باشلىقلار تۇرسا.
     مەن ئويلاپ قالدىم ،بوپتۇلا ئەرلىرىمىزنى يازمىساق يازمايلى.بەرىبىر ئۇلارنىڭ بۇ زاماندا يازغۇدەك يېرى بولمىسا،يازسا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز پەخىرلەنگىدەك يازسۇن.
     بىز ھازىر ئاياللىرىمىزنى يېزىپ تۇرايلى.ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان تۆھپىسى چوڭ.ئائىلە باشلىغى بولغان بالىلارنىڭ ئاتىسى ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش تۇرسا،ئانىلار پۈتۈن ئۆينىڭ ئېغىرلىغىنى كۆتۈرۋاتسا ئانىلارنى يازماي كىمنى يازىمىز؟!.
   مىنىڭچە باللىرىمىزمۇ ياخشىراق ئويلاپ گەپ قىلسۇن،ئاتام كۈندە ئىچىپ –يەپ يۈرىيدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن. ئۇلارمۇ چوڭ بولغاندا،ئاتا بولغاندا چۈشۈنۈپ قالىدۇ.
   بۈگۈنكىى ئولتۇرۇشنىڭمۇ سەۋەبى باردەك قىلىدۇ.قارىسام بىر نەچچە باشلىقلارمۇ كەلدى.بانا تۈزەپ كېتىپ ئانىلار توغۇرلۇق بىرنېمە يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم.

                                     مەنبە:ئىجادىيتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 12:18 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kamran + 100 مانا بۇ ھەقىقەتنى سۆز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 6129 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاستىن بىرنى يازىدىغان بولۇپ قالدىم كەچۈرسىز ، تورداشلاردىن ياردەم سورىماقچىتىم ئايرىم تىما قىلىپ يوللاي دېسەم مەزمۇنى بەكلا ئاز شۇڭا ئەيىبكە بۇيرىمىسىڭىز .

بۇرۇنقى ( سىپاتتېز تېز تاماقخانىسى ) ، ( فىرانكا ) ، يەنە بىر كىنو ( ئاخىرقى پادىشاھ ) . مۇشۇ كىنولارنىڭ ئۇيغۇرچە  تەرجىمىسىنىڭ تولۇق قىسمى بار  تور ئادىرىسىنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا ، ئادىرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6987
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:27:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
laqin يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 08:23 PM
تىما ئىگىسى تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاستىن بىرنى يا ...

فىلىم دىسكا ساتىدىغان ئورۇنلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىقىڭ

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسى: http://xjmac.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھازىر نەدىلا بولسا ئاياللارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتتى ، ئەرلەر مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ دىگەن گەپلەر كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ ، ھەقىقەتەن ئەر بولماقمۇ تەس ، ئايال بولماقمۇ تەس . لېكىن مەن قارىسام ، تۇلاراق ئەر كىشى ئۈيىگە كىرمەي ، سىرتتا يۈرىۋاتىدۇ . پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئۇيۇن تاماشا ئۈچۈنمۇ سىرتتا .....
  قالغان گەپلەرنى يەنە دىيىشەرمىز . يەنە سۆزلىسەم ئەرلەر قايناپ كەتمەڭلار يەنە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 6129 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:29:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yoluchi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 08:27 PM
فىلىم دىسكا ساتىدىغان ئورۇنلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىقىڭ

سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم يوقكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئەرلەر يولدىن چىقسا ئاياللار بۇزىلدۇ ،ئاياللار يولدىن چىقسا جەمىيەت خانىۋەيران بولىدۇ.

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92382
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-27
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇندامۇ دىيىشىپ كەتمەيلى قىرىنداشلا ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇندا ئەمەس جۇمۇ

مۇنبەردىكى بارلىق دوسلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن جەمىيەتتىكى ھىلى -مىكىرلەرنى ئېچىپ تاشلاپتۇ !
ئۆي چېقىپ كۈچۈرۈش دېگەنلىك خەقنىڭ قۇلىدىكى پۇلنى يوق قىلغاننىڭ ئۈستىگە بانكىغا قەرىز قىلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 08:47 PM  


ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

نادان، سازاڭ- دەسسىۋىتىش كىرەك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48030
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 09:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچچارە ئاياللار كۈندۈزى ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىۋاتقان، كەچتە تاماق ئىتىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلۋاتقان..............
بىچچارە ئەرلەر كۇندۇزى ئاخشام پوداقچىلىق قىلىپ 3 تە ھەمرا خىنىمدەك باشلىققا ھەمرا بولۇپ ئىچكەن يۇندىنىڭ تەسىرىدە دورا يىگەن توخۇدەك مۇگدەپ، لاتىدەك سۆرىلىپ پۇرلىشىپ يۇرگەن. كەچتە خوتۇنى تىپىپ بەرگەن پۇلغا قىمار ئويناپ، يۇندە ئىچىپ لالمىدەك يۇرگەن.............

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
faeza + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باشقىلار بىلىمىنى كۆرستەلمەي ئاۋارە، بىز مايمۇندەك ناخشا ئۇسۇل ئويناپ باشقىلارنى بەل-قوڭلىرمىزغا قايلىتالماي ئەۋارە!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 09:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش