|
|
|
|
غۇلجىدىكى زەھەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدا (فىلىم)
ئەسسالاممۇ- ئەلەيكۇم! شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىمىزغا قىممەتلىك ۋاقتى-زېھنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك تورداشلار، تۆۋەندىكى «غۇلجىدىكى زەھەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدا» دېگەن فىلىمنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇق. ئويلاپ باقساڭ، زەھەرگە خۇمار بولۇش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا ئاپەت ئېلىپ كىلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىق. خەلقىمىزدە «كېسەلنىڭ يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن ھەممەيلەن بىلىدىغان ھېكمەتلىك ماقال-تەمسىل بار. شۇڭا، زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مەسىلىگە ھەقىقى يۈزلىنىپ، رىئاللىقمىزدىكى بۇ مەسىلەرنى جەمىيىتىمىزدىكى ھەممەيلەن بىلىدىغان ھالەتتە نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. زەھەرگە يېقىن كەلمەسلىك ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى بىلىشى ھەم بۇ جەھەتتە ھەرۋاقىت ھۇشيار-سەزگۈر بولۇپ، ئالدىنىپ زەھەر چېكىشكە ئۆگۈنۈپ قالماسلىقى، يۇقۇش يوللىرىدىن بىخەۋەر قېلىپ جاننى ئازاپلاپ ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان ساقايماس كېسەل ئەيدىزدىنمۇ يۇقۇملىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئەمىلىي رىئاللىققا يۈزلەنگەندە ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلە چۆچۈش ۋە ئويغۇنۇش پەيدا قىلالايدۇ.
ھاياتلىق زۇلمەتكە ئەمەس، يۇرۇقلۇققا چاقىرىدۇ .
مەنبە : يارپ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ILIHO تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 03:38 PM
|
|
|
|
|
|