مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16174|ئىنكاس: 44

لاي قەلئە پاجىئەسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85232
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لاي قەلئە پاجىئەسى


(چۆچەك)


مۇھەممەتتۇرسۇن (مەرۋايىت)



لاي ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لاي ئۈستەلگە ئېڭىشىۋالغان لاي شائىرنىڭ قولىدىكى لاي قەلەم.....
لاي چىراقنىڭ يورۇقىدا بەتلىرى سانىۋالغۇدەكلا ئاز ۋە كونىرىغان بىر لاي دەپتەر...
لاي دېرىزە تەكچىسىدىن سىرتقا قاراۋاتقان لاي مۈشۈك، لاي تورۇستىكى باچكىسىغا دان يېگۈزۈۋاتقان لاي كەپتەر...
لاي سېپىل ئۈستىدىن لاي قېلىچتا كېسىلگەن لاي ئاشىقنىڭ دۇمىلاپ چۈشكەن لاي بېشى...
بىزلەرگە لاي ئوردىدىن تاراپ، لاي پادىشاھنىڭ ئېغىزىدىن لاي شەھەرنىڭ لاي پۇقرالىرىغا يەتكەن بۇ قىسسە، لاي ئاشىقنىڭ مەشۈقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېشىنى لاي قېلىچقا تۇتۇپ بەرگەن مۇشۇ سەھەردىن باشلانغان...
**********************************
لاي كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقان لاي ئادەم، ئۇنىڭ ئاجىزغىنە سوقۇۋاتقان لاي يۈرىكى، لاي گۈلزارلىق ۋە لاي تەكچىلەر ئارىسىدا پەرۋاز ئەيلەۋاتقان لاي قاناتلىك كېپىنەك، لاي چاڭگىدا تۇخۇم باسقان لاي قاغىنىڭ مايماق لاي سۆگىتى، سۆگەت يېنىدىكى لاي ئۆستەڭدە ئويناۋاتقان لاي بالا بۇ سەھەرنىڭ شاھىدى ئىدى، يېراقتىن كۆرۈنگەن لاي سېپىلدىكى لاي قىلىچلىق ياساۋۇللار لاي ئوردىدا قەد كۆتۈرگەن لاي تەخىتتىكى لاي تاجىلىق پادىشاھ ئۈچۈن جان-تەنلىرىنى پىدا ئەيلەپ ئۈشبۇ لايدىن پۈتكەن شەھەرنىڭ لاي قەلئەسىنى قوغدىماقتا ئىدى. لاي شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن كېچەيۇ-كۈندۈز ئۆزىنى بېغىشلىغان شاھ بولسا، ئەتراپىغا ئەلەمدار-قەلەمدارلارنى، قابىل-تالانتلىقلارنى توپلا، ئۆز سەلتەنىتىنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئىستىقبالغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، تەر تۆكمەكتە ئىدى.  لاي ئوردىدىكى لايدىن پۈتكەن گۈلزارلىقتا تا لاي قوياش كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ لاي ھىلال ئۆزىنى كۆرسەتكۈچە مىھنەت قىلىدىغان لاي باغۋەن بۈگۈن سەھەرمۇ ئادىتى بويىچە لايدىن پۈتكەن ئەڭ خۇشپۇراق گۈللىرىدىن گۈلدەستە ياساپ، لاي ھوجرىدىكى لايدىن پۈتكەن تۆشەكتە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان لاي مەلىكىنىڭ دىدەكلىرىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى.
لاي شەھەرنىڭ ئادىللىقتا نامى بار لاي پادىشاھىنىڭ ئەركە مەلىكىسى لاي تۆشىكىدىن ئېرىنىپ تۇردى ۋە لاي دېدەكلىرىنىڭ قوللىرىغا سۇ بېرىشى بىلەن يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، لاي دېرىزە تۈۋىگە راسلانغان داستىخانغا ئولتۇردى، ئۆز قەلئەسىدىكى لايدىن پۈتكەن مەيدانلارغا، لاي سېپىللاردىكى لاي قېلىچلىق زەبەردەس ياساۋۇللارغا، لاي گۈلزارلىقتىكى ھەربىرتامچە تەرى بىلەن گۈللەرنى سۇغۇرۇۋاتقان باغۋەنگە قارىدى، لاي دېدەكلەر ھازىرلىغان داستىخانغا ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن قول سۇندى، ئەتراپىدا پايپىتەك بولۇۋاتقانلار ۋە لاي تۆشەك يېنىدىكى لاي جاھازىغا قويۇلغان رەڭگارەڭ لاي گۈللەر، سەلتەنەتلىك لاي خاندانلىقى مەلىكىنىڭ شۆھرىتىگە تېخى كەملىك قىلاتتى.
لاي شەھەرنىڭ چىڭقى چۈشى، لاي ئۆستەڭنىڭ لاي سۇلىرى تېنچلىق ئىلكىدە ئېقىۋاتىدۇ، لاي شەھەرنىڭ لاي پۇقرالىرى لاي ئىمارەتلەردە، لاي كوچىلاردا ۋە لايدىن پۈتكەن بۇ دۇنياسىدا خاتىرجەم تىرىكلىكى بىلەن. لاي خاندانلىقى ۋە لاي پۇقرالىرى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلىگەن لاي پادىشاھ ئۆز ئوردىسى ئۈستىگە تىكلەنگەن لاي قۇياشنىڭ تەپتىدىن ئىسسىدى ۋە ئارامخانىسغا كىرىپ يانپاشلىدى، سالقىن ۋە ئارامبەخىش خانىسىدە تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى. لاي پادىشاھ شۇنداق چۈش كۆردى، چۈشىدە ئۇنىڭ قوينىدىن قىپقىزىل بىر يىلان سۇغۇرۇلۇپ چىقارمىش، ئاچىماق تىللىرىنى كۇشۇلدىتىپ پادىشاھنىڭ بەدىنىگە چىرمىشارمىش، ئاندىن، پادىشاھنىڭ قوينىغا پاتقان بۇ يىلان بارا-بارا يوغىناپ ۋە ئۇزىراپ شاھ قەسرىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ تۇرغان لاي پۇقرالارنى قورشارمىش، پۇقرالار ساراسىمىگە چۈشۈپ پادىشاھقا ھەيران-ھەيران قارااشقاندا، پادىشاھ ئېيتتىلەركى: ئىي پۇقرالىرىم، قورقماڭلار! ئاللاھ ئۈستۈڭلاردىدۇر، شاھىڭلار ھەم سىلەر بىلەندۇر!!! بۇ يىلان قوينۇمدىن چۈشكەندۇر، سىلەرگە ھىچ ئازار يەتكۈزمەيدۇ! تەشۋىش ئەيلىمىگەيسىلەر...
لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى ئېغىزىدا قالارمىش، قىزىل يىلان ئەمدىلىكتە ئېغىزلىرىدىن قىپقىزىل قان تامغان قىزىل ئەجدەرھاغا ئايلىنارمىش ۋە بىر ھەملە بىلەن پۇقرالارنى بەدىنى بىلەن سىقىشقا باشلارمىش، پادىشاھ قاتتىق توۋلارمىش: تارت قولۇڭنى ئىي بەچچىغەر!!! پۇقرالىرىم مېنىڭ جېنىمدۇر!!!
شاھنىڭ سۆزى بىلەن تەڭ ئەجدەرھا شاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىلىچ تۇتۇپ شاھنى قوغداۋاتقان لاي ياساۋۇلنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتارمىش، كۆك قەھرىگە ئۆرلەپ يەرگە قايتا چۈشۈۋاتقان ياساۋۇلنى كۆرگەن شاھ ياساۋۇلنى تۇتۇۋىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتارمىش، ئەمما ئۈلگۈرەلمەسمىش، يەرگە چۈشۈپ كۇكۇم تالقان بولغان ياساۋۇلدىن چاچرىغان قان پادىشاھنىڭ يۈزىنى بويارمىش، خەلق پادىشاھقا غەزەپ كۆزلىرىنى تىكەرمىش، بۇندىن قاتتىن غەزەپكە تولغان شاھ، لاي زۇلپىقارىنى ئوينىتىپ بىر قېلىچ بىلەن شۇنچە زور ئەجدەرھانىڭ بېشىنى تەندىن جۇدا قىلارمىش، يەرگە يىقىلغان ئەجدەرھا بىردىنلا مەلىكىگە ئايلىنارمىش...
ھەيھات، چۈش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پادىشاھ چۈچۈپ ئويغاندى، قانداقتۇر كۆڭۈلسىزلىك ۋە ناخۇش تۇيغۇلار بىلەن تەخت بارگاھىغا كۆچتى، يەنە شۇ لايدىن پۈتكەن شەھەرنىڭ، لاي پۇقرالارنىڭ غېمىگە چۆكتى. كۈن ئۆزىنى لاي تاغ كەينىگە مۈكتۈرۈپ لاي ھىلال ئۆزىنى كۆرسەتكەندە، ئاندىن ئارام تاپتى ۋە مەلىكىسىنى كۆرگىلى مەلىكىنىڭ خانەسىگە كىردى، ئۇخلاپ ياتقان مەلىكىنىڭ پىشانىسىدىن سۆيدى، ئەمما كۈندۈزى كۆرگەن چۈشى يادىغا چۈشۈپ، قاتتىق ئەنسىزلىك ۋە يېقىمسىزلىق ئىچىدە ئۆز ھوجرىسى تامان ئەتتى.
تاڭ سەھەردە لاي مۇئەززىننىڭ لاي قۇببە ئۇستىدىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزانلىرى لاي شەھەرنىڭ كۆكىنى گۈلگە پۈركىدى، توغرا، قۇياشقا ئەڭ يېقىن جاي مەسچىتنىڭ قۇببىسى ئىدى، رەببىنىڭ رازى-رىزالىقى، جەننەت ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن لاي پۇقرالار مۇزدەك لاي سۇلاردا جىسمىنى پاكلاپ لاي مەسچىتلەر تامان يۈرمەكتە ئىدى، تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقان مەلىكىنىڭ ئاتىسى شۇ چاغدا مۇڭلۇق دۇئالار ۋە تارام-تارام كۆز ياشلار بىلەن ئۆز ئاۋام-پۇقرالىرىغا خاتىرجەملىك، سەلتەنىتىگە ئاسايىشلىق تىلەۋاتاتتى. ئاسمان شاھى قۇياش ئۆز خانەسىدىن چېقىپ كۆك تەختىدە قارار تاپقاندا، شاھ ھەم ئۆز تەختىدە ھازىر بولدى.
لاي ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن، لاي خاندانلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كۆزلىرى تورلىشىپ، بەللىرى ئېگىلگەن باش ۋەزى ئېھتىرام ئىلكىدە شاھقا سۆز باشلىدى:
-ئاللاھتىن ساڭا زىيادە سەلتەنەت تىلەيمەن شاھىم، سۆزلىشىمگە ئىجازەتمىكىن؟
-قېنى سۆزلە خاندانلىقىمنىڭ كۆز نۇرى؟ نېمە ياخشى سۆزلىرىڭ بار؟
-ساڭا مەلۇم بولسۇنكى، شەھەرنىڭ لاي رەستىسىدىكى تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بۈگۈن ساڭا ئۆز ئىختىيار ۋە رازىلىقى بىلەن ياساۋۇل بولغىلى كەپتۇ، سېنىڭ بوسۇغاڭنى سۆيۈپ، خىزمەت كەمىرىڭنى باغلىماق ئۈچۈن ئىجازەت كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، لەۋزىڭنى ئايىمىساڭ، يېگىت ھەم خەۋەر ئالسا!
-قېنى ئىجازەت، كىرسۇن شۇ ئاپتاپ يۈز يېگىت، نەزىرىمدىن ئۆتكەي-ئىجازەت بەردى ئەلەم ۋە قەلەمدە ماھارەتكە يەتكەنلەرنى ئەل خىزمىتىگە قويۇپ ساۋاب تېپىشنى كۆزلەيدىغان شاھ.
ئول زامان يۈزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، يۈسۈف تەلئەت بىر يېگىت ئوردا بوسۇغىسىنى سۆيدى ۋە تەخىت ئاستىغا كېلىپ، تازىم بەجا كەلتۈرۈپ سۆزلىدى.

-ئىي شاھىم! ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەن دۆلىتىنى توغرا تۇتۇپ، بىزلەرگە باشپاناھ بولۇپ، ئۈشبۇ لاي شەھەرنى بەرپا ئەتتىڭ! شۇل سەۋەب ساڭا خىزمەت قىلماقنى دىل تارتىپ بۇيان كەلدىم، بىلمىدىم ئىي خۇش تەلئەت شاھ، خىزمىتىڭگە قوبۇل كۆرەرسەنمۇ؟
-قېنى، ئېيتقىن، نېمە ئارتۇقچىلىقىڭ بار؟
-يا بىلەن ئوق مېنىڭ قېنىمدۇر، شەمشەر مېنىڭ جېنىمدۇر! لۇتفىي ئەيلىسەڭ ئەي شاھ، ساڭا ماھارىتىمنى كۆرسەتسەم، ئارمىنىم يوق ئىدى، ئاللاھ سۆيگەن سەندەك بىر شاھنىڭ دۆلىتى ئاستىدا خەلقىم ئۈچۈن جان بەرسەم.
شاھ سورۇن ھازىرلاشقا ئىجازەت بەردى، ئەمما يېگىتنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك قىلاتتى، سورۇن ھازىر بولدى، يېگىت ماھارىتىنى شۇنداق كۆرسەتتىكى، ئاللاھ لاي شەھەرنى ئاپىرىدە قىلىپ، خاندانلىقنى لاي پادىشاھقا تۇتقۇزغاندىن تا ھازىرغا قەدەر بۇ كەبىي شىرمەتنى ھىچكىم كۆرمىگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئاتقان ئوقى قىلنى ئوتتۇرىدىن بۆلەتتى، ئويناتقان شەمشىرى قۇياشنى ھەم چۈچىتەتتى، شاھنىڭ خاس ياساۋۇللىرىنى ئاتتىن يۇلۇۋىلىپ ئاتقانلىرىدا شاھمۇ ھەم ھەيرانلىق چىشلىرى بىلەن تەئەججۇپ بارمىقىنى چىشلىدى. يېگىت ئېتىنى شۇنداق چاپتۇرۇپ، شۇنداق ئىلىشاتتىكى، بۇ ئەگەر ياۋ بىلەن بولغان جەڭ بولغان بولسا، بۇ يېگىتنىڭ نەرىسىدىن ياۋ قوشۇنىدا ھۇشىنى يوقاتمىغان ئەر قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ يېگىت شاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى، ھەمدە شاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىپ، شاھنىڭ خاس ياساۋۇللىرىدىن بولدى.
ئۇل دەقىقىدە لاي شەھەرنىڭ گۈليۈزلۈكلىرى بۇ سورۇننى تاماشا قىلىۋاتقاندا، لاي خانىسىدىكى لاي دېرىزىدىن قاراۋاتقان مەلىكىمۇ ھەم مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، ئەمما بۇنچە باھادىرلىق مەلىكىنى ھەيران ئەتمىدى، تەئەججۇپ قۇشلىرىنى كۆڭۈل قەسرىدە ئۇچۇرالمىدى، چۈنكى مەلىكە ئالدىدا بۇلار ھىچنىمە ئەمەس ئىدى. مەلىكىنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئەخمەق ياساۋۇل خالاس! خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا نېمە بولاتتى؟ ئەنە، لاي شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ياشاۋاتمامدۇ؟ لاي ئىمارەتلەردە ياشايدۇ، لاي كوچىلاردا يۈرۈشىدۇ، لاي رەستىلەردە سودا-سېتىق قىلىشىدۇ، نە بىر ياساۋۇلغا ئىھتىياجلىق؟ مەلىكىنىڭ نەزىرىدە بۇنداق كىشىلەر پەقەت شاھتىن نەپ ئېلىش ئۈچۈنلا كېلەتتى «دادامنىڭ ئورنىدا مەن بولسامچۇ كاشكى-دەيتتى مەلىكە-ئۇنداقلارنى قوغلاپ چىقىراتتىم، ياكى كۈچىگە يارىشا ئېغىر ئىشلارغا سېلىپ جاۋاھىرلارنى قازدۇراتىم»، شۇنداق، بۇ مەلىكە ئىدى، لاي پادىشاھنىڭ سەلتەنەتلىك لاي خاندانلىقى سايىسىدا چوڭ بولغان مەلىكە ئۈچۈن ھەممە نەرسە تەبىيلا بولۇشى كېرەك ئىدى. لاي پادىشاھنىڭ سەلتەنىتى مەلىكە ئۈچۈن ئىدى، لاي شەھەرنىڭ پۇقرالىرى مەلىكە ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى، لاي سېپىلدىكى لاي قېلىچلىق ئەسكەرلەر مەلىكىنى قوغدايتتى، لاي شەھەرنىڭ جاۋاھىراتلىرى، زىبۇ-زىننەتلىرى ھەم مەلىكىنىڭ ئىدى، چۈنكى ئۇ مەلىكە، شۇنچە سەلتەنەت سايىسىدا ياشىغانىكەن، ئۇلار بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ لاي شەھەرنىڭ قۇياشى مەلىكە ئۈچۈن نۇر چاچاتتى، لاي شەھەرنىڭ يۇلتۇزلىرى مەلىكە ئۈچۈن كۆز قىساتتى، لاي شەھەرنىڭ ھىلال-تولۇنلىرى مەلىكە ئۈچۈن پارلايتتى. كەلگۈسىدە بۇ سەلتەنەتلەر مەلىكىگە قالاتتى، تېخى بىرەر شاھزادىگە ياتلىق بولسا، شاھزادىنىڭ شەھرىنى ھەم لاي سەلتەنىتىگە ئۆتكۈزۈۋالاتتى، مانا بۇ لاي مەلىكىنىڭ بۈيۈك ئارزۇلىرى ئىدى.
شۇ كۈنلەردە شاھنىڭ ھوزۇرىغا مەلىكىسىنى ئۆزىنىڭ شاھزادىسىگە سورىتىپ، مايمۇنلاردىن تۆرەلگەن تائىپىدىن قۇرۇلغان تاش شەھەرنىڭ پادىشاھى ئەلچى ئەۋەتتى، بۇلار نە ئەقىدە، نە ئىتىقادنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان لاي خاندانلىقىدىن قورقۇپ ئۆزلىرىنى ناھايىتىمۇ يوغان بىر تاش سىپىل ئىچىگە سولاپ ياشايتتى، ۋە تاش شەھەر دەپ ئاتىلاتتى. شاھ بۇنى ئاڭلاپ كەسكىن رەت قىلدى ۋە ئېيتتىكى:

-ئىي ئەلچىلەر! كونىلار ئېيتقانكىم «ئەلچىگە ئۆلۈم يوق» بولمىغاندا ئىدى، باشلىرىڭىز مۆرىلىڭىزدە تۇرماس ئىدى! قايتىڭ، شاھىڭىزغا ئىيتىڭ، سىزلەر كىم؟ بىزلەرچۇ؟ بىزلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، ئاللاھقا قۇلدۇرمىز، سىزلەر ئاسىيدۇرسىز، ئاللاھنى تونۇمىغانلادىندۇرسىز، بىزلەر ئاللاھقا زارلىنىپ، ئاللاھتىن تىلەپ، ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىگە شۈكرانىلەر ئېيتقۇچىلارمىز، سىزلەر يارالغىنىنى ۋە ياراتقاننى بىلمەيدىغان غاپىلدۇرسىزلەر. شاھىڭىزغا ئېيتىڭ، سىزلەرگە قىز بەرمەك بىزلەرگە نادۇرۇس ھەم ئۆزلىرىمىزگە نۇمۇس!!!
لاي ئەلچىلەر شاھ ئوردىسىدىن كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى، ھەمدە مايمۇنلار دىيارىغا قاراپ ئات سالدى، ئەمما بۇ گەپلەر مەلىكىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى، مەلىكىنىڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئاشۇنداق سەلتەنەت ساھىبىغا ياتلىق بولۇش تۇرسا، ئاتىسى نېمىشقا رەت قىلىدۇ؟ مەلىكە تەئەججۇپ ئىلكىگە ئاتىسىغا شىكايەت ئەيلەش ئۈچۈن قۇياش كۆك تەختىنى ھىلالغا بوشاتقاندا خانىسىدىن چىقتى ھەمدە ئاتىسىنىڭ ئارامگاھىدا ئۆزىنى زاھىر ئەتتى، بۇ چاغدا شاھ بىر كۈنلۈك رىيازەتتىن چارچىغان تەنلىرىگە روخسەت بېرىپ، ھېلىقى يېگىت بىلەن سۆھبەتتە ئىدى، مەلىكە شاھقا سالام كەلتۈردى ۋە ئېيتتى:
-ئېي ئاتا، شىكايىتىم بار، قوبۇل ئەتسىڭىز.
-قېنى سۆزلەڭ رەيھانىم! يۈرىكىمنىڭ پارچىسى، نەدەرد سىزنى ماڭا شىكايەت قىلدۇردى؟
-ئارزۇيىڭىز ۋە ھەۋىسىڭىز ئۆز سەلتەنىتىڭىزنى كۈچەيتىش، پۇقرالارغا خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىق ياغدۇرۇشتۇر. ئەمما نەئۈچۈن سەلتەنەتنى كېڭەيتىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىسىزكىن؟
شاھ مەقسەتنى چۈشەندى ۋە سۆز ئاچتى:
-كېلىڭ رەيھانىم، ئولتۇرۇڭ! سۆزىڭىزنى چۈشەندىم، بىلىڭكى مەلىكەم، بۇ خۇدالىق ئالەمدۇر! سىزنى ۋە مېنى ياراتقان رەببىمىزگە ئاسىي بولۇپ، يات تائىپىلەرگە سىزنى بېرىش چوڭ گۇناھ ھەمدە ئاللاھقا ئاسىيلىق، سەلتەنەتىمىزگە نۇمۇس داغدۇر، شۇل سەۋەب ئۇلارنى قوغلىغىنىم دۇرۇستۇر. ئاللاھ بىزگە ئامانەت بەرگەن خەلق ۋە زېمىن ئەلۋەتتە مۇھىمدۇر، ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئىتىقادىمىزدۇر، شاھلىق تەختىدىن گادايلىق كوچىسىغا رازى-رىزامەنكى، ئاللاھقا ئاسىي بولالمايمەن قىزىم.
-لېكىن ئاتا، سەلتەنەت ئاللاھ سىزگە سوۋغات قىلغان دۇنيادۇر، ئۇنى قەدىرلىمەك ھەم مۇھىمدۇر، ئەجەبا ئاشۇ سەلتەنەتنى بىزگە قوشۇۋالساق ياراقۇچىمىز ھەم بىزدىن رازى بولار ئىدى؟
-ياق قىزىم، گېپىم ئوچۇقتۇر، ئەقىدە ۋە ئىتىقاددىن كېچىپ ئىرىشكەن سەلتەنەت ماڭا بىھاجەتتۇر، ياراتقۇچۇمنىڭ رازىلىقى مېنىڭ نىشانىمدۇر، سەنمۇ چۈشەنگىنكى بۇ ئىش ئۆزۈڭنى ئوتقا تاشلىغان بىلەن باراۋەردۇر، نىيەتتىن يان، قەلبىڭنى دۇرۇس قىل، قايتقىن قىزىم. ئىيتقانلىرىمدەك ئاللاھ نىسىپ ئەتسە ھەرنە ئاماللار بىلەن ئول مايمۇنلار تائىپىسىنى ھەم ئۆزلىرىمىزگە ئەل قىلارمىز، ئەمماكى، قىز-ئاياللىرىمىز ئارقىلىق دۈشمەننى بېقىندۇرۇش بىزدەك قۇياش سۆيگەن، ئاللاھ ئەزىزلىگەن لاي شەھەرلىكلەر ئۈچۈن نۇمۇستۇر، قىزلىرىمىزنى قوغدىيالمىغىنىمىزدىن ئۆلمىكىمىز دۇرۇستۇر، قايتقىن قىزىم.
مەلىكە ئاتىسىنىڭ خانىسىدىن قايتىپتۇ، ئاتىسى ئېيتقان دۇردانىلەرنىڭ ھەقىقىتى ۋە ۋەزنى ئۇنىڭ قەلبىنى سۈزۈلدۈرۈپتۇ، ئەمما ئاشۇ مۇشتۇمچىلىك گۆشنىڭ بىر يەرلىرىدە كىچىكىدىن پاراغەتتە ئۆتكۈزگەن سەلتەنەت ئوتلىرى لاۋۇلداشتىن ئۆچمەپتۇ.

مايمۇنلار تائىپىسىنىڭ ئەلچىلىرى قۇيرۇقلىرى ئېتىنىڭ ئىگەرلىرىگە قىستۇرۇشۇپ، ئاتلىرىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇشۇپ، قورساقلىرى ئاچسا ئاتتىن چۈشمەي تۇرۇپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان پاشا-كۇمۇتا، چېۋىن-گىزەندىلەر بىلەن قورساقلىرىنى تويدۇرۇشۇپ مېڭىپتۇ، ئۆز شەھرىگە كەلگەندە ئالدىرىغاننىڭ دەستىدىن ئىگەرنىڭ ئاستىدىكى قۇيرۇقلىرىنى ئۇنتۇشۇپ ئاتتىن سەكرەپتۇ، شۇ زامان ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى تۈۋىدىن ئۈزۈلۈپ قاپتۇ، ئۇلار كەشلىرىنىڭ چۈشۈپ قىلىشىغا قارىماي مايمۇنلار شاھىنىڭ ئوردىسىغا يۈگۈرەپ كىرىپ بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى يەتكۈزۈپتۇ.

مايمۇنلار شاھى قۇيرۇقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بۇ ئەلچىلىرىگە قارىغىنىچە ئويغا چۆكۈپتۇ، شاھزادىسى بولسا مەلىكە ۋە لاي سەلتەنىتىنىڭ مەست قىلىشى بىلەن ئاتىسىنى ئالدىرىتىپتۇ، ئاتىسى شۇنداق ئېيتىپتۇ.

-ئىي ئوغلۇم، بۇنىڭغا ئامال-چارە كېرەكتۇر، لاي خاندانلىقى ئەزەلدىن كۈچلۈك ۋە سەلتەنەتى ئۇلۇغ بىر خەلقتۇر، ئۇلارغا تەك كەلمەك بىزگە مۈشكۈلدۇر، ئېيتىمەنكى، بىر ئامال-چارىلەر بىلەن مەلىكىگە يېقىنلاشساق، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھەم بىلىپ باقساق، بۇ ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىشكە ئۇرۇنۇپ باقساق ئەجەپ ئەمەس. مەلىكىنى قولغا كىرگۈزسەك ۋە ئۇلار ئارىسىغا پىتنە چاچساق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز، يەنى لاي خاندانلىقىنى بويسۇندۇرۇشىمىزغا يول ئېچىلىدۇ، ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۇلار بىلەن قۇدۇلىشىش ئەمەستۇر، پەقەت بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان دۈشمەننى جىمىقتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئەل قىلىشتۇر.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز تائىپىسىدىن بىر جادۇگەر چىشى مايمۇننى تېپىپتۇ، ئۇنىڭ ھەم قۇيرۇقىنى ئۈزۈپتۇ، لاي خاندانلىقىنىڭ پۇقراسى سۈپىتىدە ئوردىغا كىرگۈزمەكنى، مەلىكىنىڭ خىزمىتىگە قويماقنى ئىستەپتۇ، بۇ جادۇگەر قۇيرۇقى ئۈزۈلگەنگە شۇ قەدەر ئېزىلىپ يىغلاپتۇكى، ھەتتا لاي خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىنى سۆيۈپ تۇرۇپ قۇيرۇقى ئۈچۈن توختىماي نالە قىپتۇ، ئاقكۆڭۈل شاھ سوراپتۇ.

-ئىي ئەقرىبالىرىم، بۇ نېمە غەۋغا؟ مېنىڭ سەلتەنىتىمدە مۇشۇنداق نالەيۇ-پەرياد بولۇۋاتسا مەن نېمىشقا خاتىرجەم ئولتۇردۇم؟ چىقىڭلار، سوراڭلار، نېمە ئەرزى باركىن ئاڭلاڭلار.
شاھنىڭ مەلۇماتچىلىرى جادۇگەرنى شاھ ھوزۇرىغا باشلاپتۇ، جادۇگەر مىڭ يەردىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ ئېيتىپتۇ.
-ئاھ سەلتەنەتلىك شاھىم، سېنىڭ دۆلىتىڭدە مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتۇق، قارىسام يېشىم چوڭىيىپتۇ، لېكىن سېنىڭ ئۈچۈن بىر خىزمەت قىلماپتىمەن، مەن ئويلىنىش ئارقىلىق مەلىكەڭگە بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىش مەقسىدىدە كەلدىم، سەن ئىجازەت بەرسەڭ، مەلىكەڭ توغرا كۆرسە مەلىكەڭ ئۈچۈن ھىچ بىر مىننەتسىز ۋە شەرتسىز جېنىمنى پىدا ئەتسەم.
شاھ ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئاخىرى ئىختىيارنى مەلىكىگە بەرمەك بولۇپ ھوزۇرىغا چىللاپتۇ، مەلىكىنى كۆرگەن جادۇگەر ئاپتاپتەك ئېچىلىپ، قوينىدىن تاش شەھەرنىڭ پاسكىنىچىلىقلىرىدىن ئاپىرىدە بولغان مەينەت جاۋاھىرلارنى چىقىرىپ ھەدىيە ئېتىپتۇ، لاي خاندانلىقنىڭ بىر تال تېشىغا ئەرزىمىگۈدەك بۇ جاۋاھىرلارنىڭ تەكتىنى بىلمىگەن مەلىكىگە بۇلار بەكلا چىرايلىق كۆرۈنۈپتۇ ۋە قوبۇل قىپتۇ، جادۇگەرنى ھەم خىزمىتىگە ئاپتۇ.



قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم ئەمدى مېنى ئازراق كەينىمگە قايتقىلى قويسا، مۇھىم تەپسىلاتلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن لاي پادىشاھ قىزى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئاخشامغا قايتىش ماڭا زۆرۈر.



شۇ ئاخشىمى قىز قايتىپتۇ، شاھ خانەسىدە ياساۋۇل يېگىت بىلەن قاپتۇ، ئەمما مەلىكىنىڭ سۆزلىرى، يېگىت ۋە شاھقا قارىغان كۆزلىرى يېگىتنى قىزنىڭ ئىشقىغا ساپتۇ، مەلىكىنىڭ سەۋرى بويى، ھەر لەۋزىدە شاھقا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇلايىملىقى يېگىتنى ئاشىقلىق ئىسكەنجىسىدە قىسىپتۇ، يېگىتنىڭ يەلكىسىدىن كۆيۈك تاغلىرىدا بېسىپتۇ. قىزنىڭ كىرپىك كامانى يېگىتنى ئاشىقلىق ئوقىدا ئېتىپتۇ. ئەقىللىق شاھ يېگىتنىڭ كۆزىگە بىر قاراپ بۇنى سېزىپتۇ-يۇ، يېگىتكە چاندۇرماپتۇ.
ھېلىقى جادۇگەر مەلىكىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ياساۋۇل يېگىت يەنە مەلىكىنى كۆرۈپتۇ، بىر ئوتى ئون بوپتۇ، بىر غەم يۈز بوپتۇ، مەلىكىگە ئىنتىزار كۆزلىرىنى تىكىپتۇ، ئۇنىڭدىن بىر بېقىشلار تىلەپتۇ، يامان مەقسەتلەر ۋە قارا نىيەتلەر بىلەن كەلگەن جادۇگەر بۇنى دەقىقە ئىچرە سېزىپتۇ ۋە خەتەر ھىس قىپتۇ، جادۇرگەر مەلىكە سۆھبىتى ئۈچۈن شاھ ھوزۇرىدىن ئايرىلىپ مەلىكە خانەسىگە يۈرۈپتۇ، مەلىكىنىڭ ئۆز دېدەكلىرى جابدۇغان ساراينى قايتىدىن بېزەپتۇ، لاي خاندانلىقىنىڭ ئەۋلاتدىن داۋاملىشىپ كەلگەن قائىدىسىنى بۇزۇپ، لاي گۈللەرنى تاشلاپ، تاش قەلئەنىڭ سۈنئىي گۈللىرىنى تولدۇرۇپتۇ، جاھازىلارنى يۆتكەپتۇ، ئەمما مەلىكىگە پۇرىقى يوق، رەڭگى يوق ئەمما توزۇمايدىغان بۇ گۈللەر يېقىپ قاپتۇ، شۇنداق قىلىپ جادۇگەر بىلەن مەلىكە چىقىشىپ كېتىپتۇ. جادۇگەر مەلىكىنىڭ قەلبىگە سەلتەنەت، بايلىق ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ مۇدھىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭغا مايمۇنلارنىڭ تاش شەھرىنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ لازىملىقىنى، شاھ ئۆلسە بارلىق سەلتەنەتنىڭ شاھزادىگە قالىدىغانلىقى، ئۇ چاغدا ئۇ مەملىكەتنى ھەم ئۆز تەسەررۇپىغا ئالىدىغانلىقى، تاش شەھەرنىڭ جاۋاھىراتلىرى، زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ، مەلىكىنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت ئۇلغۇيۇپتۇ، شەيتان جادۇگەر بىلەن بىرلىشىپتۇ، نادان مەلىكە جادۇگەرنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل باشلاپتۇ. ۋە ئېيتىپتۇ.

-ئىي ئايلا، ئاتام بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
-غەم قىلمىغىن قىزىم، بۇنى ئۆزۈم ئوڭشايمەن. سېنى بەخىتكە ۋە سەلتەنەتكە چۆمدۈرۈش مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ.
ئەمما جادۇگەرنىڭ كۆڭلىدىن ھېلىقى ياساۋۇلنىڭ مەلىكىگە قاراشلىرى ۋە شاھنىڭ ياساۋۇلغا مەمنۇنىيەت بىلەن بېقىشلىرى پەقەت كەتمەپتۇ، كۆڭلىدە غەم، كۆزلىرىدە نەم پەيدا بوپتۇ، ئېنىقكى ياساۋۇلنى يوقاتمىسا مەقسەتكە يەتمەكنىڭ تەسلىكىنى بىلىپتۇ ۋە شاھ قەسرىگە جۆنەپتۇ، شاھنىڭ يالغۇز قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شاھقا دەرد تۆكۈپتۇ.

-ئىي شاھىم، ساڭا بىر سۆزۈم باردۇر، قوبۇل ئەتسەڭ، بايان ئەيلىسەم.
-قېنى ئېيتقىن، ئاڭلاي.
-ئاگاھ ۋە دانا بولغىنكى، ھېلىقى ياساۋۇلۇڭ چاتاق، ئۇ سېنىڭ قىزىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ.
پادىشاھ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە بۇ جادۇگەرنىڭ بۇنى بىلىۋالغىنىدىن چۈچۈپ توختاپتۇ.

-ئېيتقىن ئىي ئەرزىمەس، بۇنى قانداق بىلدىڭ؟ ھەم ياخشى كۆرسە، سۆيسە نە قىلاي؟
-ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ يېنىشىدىن، قىزىڭغا بېقىشىدىن بىلدىم.
-ئەلۋەتتە مانا بۇ ھەقىقىي ئاشىقلىق، ھەقىقىي ئاشىق بولساڭ تىلىڭدا ئەمەس، ئەنە شۇنداق دىلىڭدا جۇش ئۇرىدۇ.
-ئۇنى ئۆلتۈر، چاپ، جېنىدىن جۇدا قىل.
-ئېيت ئەرزىمەس، نېمە گۇناھىغا ئۇنى ئۆلتۈرەي؟
-بىر ياساۋۇل تۇرۇپ، سەندەك شاھنىڭ قىزىغا كۆيۈشنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھ!
-قوي بەچچىخەر! دۈشمەنلىرىمنى يامان كۆردى دەپ ئۆلتۈرەي، دوستلىرىمنى ياخشى كۆردى دەپ ئۆلتۈرەي، ئويلىغىن، مۇشۇنداق ئۆلتۈرىۋەرسەم دۇنيادا ئادىمىزاتتىن نىشان قالارمۇ؟ چىق خانەمدىن، خىزمىتىڭنى قىل. @
جادۇگەر شاھ قەسرىدىن نائۈمىد قايتىپتۇ، ئەمما يامان نىيەتلىرىنى تاشلىماپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تاش شەھەرنىڭ مايمۇنلىرى يەنە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، بۇ قېتىم مەلىكە ئوچۇق ھالدا ئاتىسىغا قوشۇلۇشنى بۇيرۇپتۇ، ئاتىسى يەنە ئىلگىردەك جاۋاب قىپتۇ ۋە ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپتۇ، شاھ بويىغا يەتكەن قىزنىڭ تويىنى ئوينىماي تۇرۇپ تېنچلىنىدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەپتۇ ۋە ۋەزىرىنى چاقىرىپ ئېيتىپتۇ.
-ئىي دانايىم، ساڭا بىر مەسلىھەتىم، ئاڭلىساڭ، قىزىمنى ياتلىق قىلاي دەيمەن، سېنىڭچە كىمگە بەرسەك بولار؟
-ئۆزۈڭ ئاقىلدۇرسەن شاھىم، ماڭا ئېيتساڭ، مېنىڭ مەسلىھەتىم، مېنىڭ ئوغلۇم يوق، ئەمما قارىسام سېنىڭ خاس ياساۋۇلۇڭنىڭ كۆزلىرىدە ئوت، يۈرىكىدە ئوت، جىسمىدا ئوت، ئۇ ئوت خەلقنىڭ ئوتى، رايىمغا باقساڭ شۇ ياساۋۇلۇڭنى كۆرسىتىمەن.
-ياشاپ كەت باتۇرۇم، شۇڭا دانايىمسەن، ئويىمىز بىركەن. قېنى، چاقىر شۇ باھادىرنى.
ۋەزىر ياساۋۇلنى چاقىرىپتۇ، كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپتۇ، ياساۋۇل "ئىي ئاتا" دېگىنىچە سۆز باشلاپتۇ.

-ئىي ئاتا، شاپائىتىڭگە كۆپ تەشەككۈر، ئاللاھتىن ساڭا بەخىتلەر ياغسۇن، مەندەك يېتىم ئوغۇلغا بۇقەدەر قىلىش ئارتۇقچىدۇر، خاندانلىقىڭدا مەندىن باھادىر شىرمەتلەر باردۇر، قىزىڭغا مەن لايىق ئەمەسمەن.
-ياق ئوغلۇم، سەن ئاللاھ ماڭا ئۇچراشتۇرغان بەندىسەن. سەن ئوغلۇم بول، مەندىن كېيىن سەلتەنەتنى ئاۋال ئاللاھقا، ئاندىن ۋەزىرىم ۋە ساڭا تاپشۇراي، شۇندىلا مەن خاتىرجەم بولىمەن.
شۇنداق قىلىپ خەۋەر مەلىكىگە ۋە جادۇگەرگە يەتكۈزۈلۈپتۇ.

-بىر مەلىكە تۇرۇپ-دەپتۇ جادۇگەر-ئاشۇ ياساۋۇلغا تېگەمدىكەنسىز؟ شاھ ئاتىڭىزنىڭ نېمە ئويى بار؟ نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟
-بىر مەلىكە تۇرۇپ-دەپتۇ مەلىكە-شۇ ياساۋۇلغا تېگەمدىكەنمەن؟ ئاتام نېمە ئويلايدۇ؟ ياق، بۇنىڭغا مەن ھەرگىز قوشۇلمايمەن.
-قوشۇلماسلىق كېرەك! جان كەتسىمۇ قوشۇلماسلىق كېرەك، ئاتىڭىزدىن كېيىن قالسا خەلق "بىر ياساۋۇل بىزگە شاھ بولسۇنمۇ" دەپ سىزلەرنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، شاھزادە بولمىسا ياتلىق بولماسلىق كېرەك.
جادۇگەرنىڭ ئەپسۇنلىرى مەلىكىنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرۇپتۇ ۋە ئاتىسىغا قارشى ئىسيانغا يول قويۇپتۇ، ئاتا ۋە قىز ئوتتۇرىدا سۆھبەتلەر ۋە تالاش-تارتىشلار بوپتۇ، شاھ مەلىكىگە بوي بەرمەپتۇ، مەلىكە يىغلاپ-قاقشاپ خانىسىگە قايتىپتۇ، دىلى سۇنغان شاھ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ياساۋۇلنى ۋە ۋەزىرنى تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ شىكارغا چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن جادۇگەرنىڭ كۈنى تۇغۇلۇپتۇ ۋە مەلىكىنىڭ قۇلىقىغا بىر نەرسىلەرنى دەپ پىچىرلاپتۇ.
شاھ شىكاردا يۈرگەن كۈنلەردە جادۇگەرنىڭ ئەپسۇنلىرى مەلىكىنى ئەسىر قىپتۇ ۋە ياساۋۇلنى خانەسىگە چاقىرىپتۇ. يالغاندىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەر قىپتۇ، چاھارباغلاردا سەيرە ئېتىپتۇ، شۇ كۈنلەردە جادۇگەرنىڭ ماڭدۇرغان خەۋەرچىلىرى ھەم تاش شەھەرنىڭ پىتنىچىلىرىنى باشلاپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇلار ھەم لاي خاندانلىقىدا چانماسلىق ئۈچۈن قۇيرۇقلىرىنى تامام قىرقىپ تاشلاپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە شاھ ئورنىدا ئولتۇرغان ۋەزىرگە يالۋۇرۇپتۇ.
-ئېي ئاتىجانىم، ئىجازەت بەرسىڭىز، كۆپ زېرىكتىم، ياساۋۇل بىلەن بىرلىكتە سېپىلغا چىقسام، بارلىق پۇقرالارنى يىغسىڭىز، ئاتامنىڭ بۇ پاراۋان پۇقرالىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمنى ئازادە ئەتسەم.
ۋەزىر ھەم مەلىكىدىكى ئۆزگىرىشتىن خۇشال بولۇپ ئەمىر قىپتۇ، چىڭقى چۈشتە بارلىق پۇقرالار سېپىل تۈۋىگە يېغىلىپتۇ، مەلىكە ياساۋۇل بىلەن بىللە سېپىلغا چىقىپتۇ، ھەمدە پۇقرالارغا جاكارلاپتۇ.
-ئىي پۇقرالىرىم، مەن كىمدۇرمەن؟
-سىز بىزنىڭ مەلىكىمىزسىز-دەپتۇ خەلق-ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن يىگانە گۈلىسىز. سەلتەنىتىمىزنىڭ ئاي-يۇلتۇزىسىز. تۇپراقىمىزنىڭ سۇ-كەۋسەرىسىز.
بۇ ماختاشلار مەلىكىنى جادۇگەرنىڭ ئەپسۇنلىرىدىن ئۆتە مەست قىپتۇ ۋە قارا نىيەتلىرىنىڭ پىلانلىرىنى باشلاپتۇ.
-تەشەككۈر خەلقىم، پات ئارىدا تويۇم بولىدۇ، مەن مونۇ باھادىرغا ياتلىق بولىمەن، ئەمما كۆڭلۈمدە بىر تەشۋىش بار، سىلەر مېنىڭ ئاتامسىلەر، ئانامسىلەر، قىرىندىشىم سىلەر، دەردىمنى سىلەرگە ئېيتماي كىمگە ئېيتاي؟
-ئېيتىڭ مەلىكەم-دەپتۇ خەلق-دەردىڭىزگە دەرمان بولالمىغان بۇ جان بىزگە بىھاجەت.
-ئاتام ماڭا بۇ ياساۋۇلنى چېتىپ قويماقچى. ئەمما بۇ ياساۋۇلنىڭ نىيىتى سىلەرگە ئايانمۇ؟
خەلق توپى جاۋاب بەرمەپتۇ. ئەمما تاش شەھەرنىڭ قۇيرۇقسىز مايمۇنلىرىدىن بىرى گەپ قىستۇرۇپتۇ.
-بۇ يېگىتنىڭ نېيىتى سەلتەنەتتە بولمىسىلا باشقىسى مەيلى ئىدىغۇ.
-شۇنداق-دەپتۇ مەلىكە-شۇڭلاشقا بۈگۈن مەن خەلق ئالدىدا بۇ يېگىتنى سىنىماقچىمەن. مەن ئاللاھتىن تىلىدىم، ئەگەر بۇ يېگىت ھەقىقىي ئاشىق ۋە سەلتەنەتىمىزگە زىننەت بولماقچى بولسا شەرتىمگە قوشۇلىدۇ، بولمىسا مۇشۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا يۈزىگە قارا سۈركەپ، شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.
باھادىر تۇرۇپلا قاپتۇ، ۋە دەپتۇ.
-شەرتىڭىزنى دەڭ مەلىكەم، ئورۇنداشقا تەييارمەن.
-مۇشۇ سىپىلدا بوينىڭىزنى قىلىچىمغا تۇتۇپ بېرىسىز، مەن ئاللاھتىن تىلىدىم، ھەقىقىي ئاشىق بولسىڭىز، سەلتەنەتىمىزگە زىننەت بولۇشنى ئويلىسىڭىز قىلىچ سىزگە ئۆتمىسۇن، ئەگەر نىيەتلىرىڭىز ساختا بولسا بوپتۇ، كەڭچىلىك قىلاي، بۇيەردىن ھازىرلا كېتىۋىلىڭ.
-ۋادەرىخ-دەپتۇ ياساۋۇل-ئىي پەلەك! ماڭا كۆرسەتكىنىڭ شۇ بولسا كۆرەي. ئەمما مەلىكەمنىڭ نېمىشقا بۇ خىيالغا كەلگەنلىكىنى بىلەي.
-شۇنىمۇ دېيىش كىتەمدۇ؟ بۇ سەلتەنەتكە كۆزى قىزىرىۋاتقانلار يوق ئەمەس، شۇڭلاشقا خەلقنى توپلىدىم، ئاللاھتىن تىلىدىم، ئەگەر چىن ئاشىق ۋە ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن سەلتەنەتكە زىننەت بولۇشنى ئويلىسىڭىز بېشىڭىزنى تۇتۇڭ، بولمىسا يولىڭىز ئوچۇقتۇر.
-بوپتۇ دەپتۇ يېگىت، تۇتسام تۇتاي-دەپتۇ يېگىت-سىزمۇ ھەم مېنى سىناپ ئارمانىڭىزغا يېتىڭ. ئۆلۈمۈمگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر! خەلق ئالدىدا يا يالغانچى بولۇش، يا ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ يولدىن بىرنى تاللاتسىڭىز پاكتۇرمەن، نىيىتىم دۇرۇستۇر، ماڭا يالغانچى ئاتالماقتىن ئۆلۈم ئەۋزەلدۇر. مېنىڭ قانداقلىقىم بەندىگە ئەمەس، ئاللاھقا ئاياندۇر.
ياساۋۇل سۆزىنى تۈگىتىپ سېپىل لېۋىگە كەپتۇ ۋە بېشىنى سوزۇپ ئېڭىشىپتۇ، مەلىكە قېلىچنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ، دەل شۇ چاغدا شىكاردا يۈرگەن پادىشاھ چۈشلۈك ئۇيقۇدا بولۇپ ئاۋۇ بىر زامان كۆرگەن قىزىل يىلاندىن ئۆزگەرگەن ئەجدەرھا، ياساۋۇللارنى قايتا كۆرۈپتۇ ۋە چۈچۈپ ئويغۇنۇپتۇ، ئويغۇنۇپ ئېسىگە ئاپتۇكى ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى چۈشىدە زاھىر بولغان يېگىت ئوخشاشلا شاھنىڭ ياساۋۇلى ئىكەن. شاھ دەرھال يارەنلىرىنى چاقىرىپ شەھەرگە ئات ساپتۇ، مەلىكىنىڭ قېلىچى زەرپ بىلەن ياساۋۇلنىڭ گەجگىسىگە چۈشۈپتۇ. ياساۋۇلنىڭ بېشى سىپىلدىن دۇمىلاپ چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭدىن ئاققان قان سىپىلنى بوياپتۇ، خەلق توپى تەئەججۇپ ئىلكىدە ئاتىسىنى تاپالمىغان كېچىك بالىدەك تەمتىرەپ ئەتراپىغا قاراپ شاھىنى ئىزدەپتۇ، شۇ مەھەل شاھ ئېتىنى چاپتۇرۇپ كىرىپ كەپتۇ ۋە ئاتتىن ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ ياساۋۇلنىڭ بېشىنى قولىغا ئاپتۇ، تەنسىز باش لىپپىدە كۆزىنى ئېچىپتۇ ۋە شاھقا دەپتۇ.
-ئىي ئاتا، سەلتەنىتىڭىز زىيادە ئىدى، ئاللاھ سىزنى سۆيگەن ئىدى، ئەپسۇس، بار يوق بىر پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمەي ھەممىدىن قۇرۇق قالدىڭىز، پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلىگەن بولسىڭىز ئىدى، سەلتەنەتىڭىز تېخىمۇ گۈللىگەن بولاتتى، چۈنكى پەرزەنتىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدۇر. خەير ئاللا سىزنىمۇ ئامان قىلسۇن.
شۇ دەقىق سېپىل ئۈستىدىكى باشسىز تەن شاھ يېنىغا كەپتۇ، شاھنىڭ قولىدىن ئۆز كاللىسىنى ئېلىپ قولتۇقىغا قىستۇرۇپ شەھەردىن چىقىپ كېتىپتۇ، نەق مەيداندا تۇرغان ياساۋۇلنىڭ ئانىسى شاھقا شۇنداق بەددۇئا قىپتۇ.
-ئىي شاھ، ئاللاھ بەرگەن شۇنچە سەلتەنەتنى جايىدا باشقۇردۇڭيۇ بىر قىزىڭنى باشقۇرالمىدىڭ، شۇل سەۋەب مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلدىم، ئاللاھ ساڭىمۇ ھەم جۇدالىق تەمىنى تېتىتقاي.
ئەل ئىچىدە تۇرغان مايمۇنلار تائىپىسىنىڭ پىتنىچىلىرى شۇئان خەلق ئارىسىغا پىتنە تىرىپتۇ. بىرى شاھنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا بىرى مەلىكىنىڭ قىلغىنى توغرا دەپتۇ، بىرى يېگىتنى ئاقلىسا بىرى جادۇگەرنى ماختاپتۇ، شاھ شۇ ئاچچىقىدا زۇلپىقارىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ جادۇگەرنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ ۋە قىزىنىڭ بېشىنى ھەم ئالماق ئۈچۈن ئەتراپىغا قاراپتۇ، ئەمما مەلىكە ئاقتىمۇ-كۆكتىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. چۈنكى تەنسىز باشنىڭ ئۆز كاللىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن مەلىكە قورقۇنۇچتىن ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. پادىشاھ خەلقكە قاراپ شۇنداق دەپتۇ.
-ئىي پۇقرالىرىم! نادان شاھىڭلارنى كەچۈرۈڭلار، ئەمدى ماڭا شاھلىق يولى جايىز ئەمەستۇر. ئەگەردە بىرەرسى بۇرۇنقى خانىڭلار قانداق ئىدى دېسە «لەكمىڭ لەكمىڭ تۈتۈنلۈك سەلتەنەتنى جايىدا تۇتۇپ، بىر قىزىنى باشقۇرالمىغان ناباب شاھ ئىدى» دەڭلار-دەپتۇ ۋە شاھلىقنى ۋەزىرگە تاشلاپ، گادايلىق يولىغا قەدەم تاشلاپتۇ.
شۇ كۈندىن ئىتىبارەت قۇياش سۆيگەن بۇ خاندانلىق تىنجىماپتۇ، چۈنكى مايمۇنلار تائىپىسىدىن كەلگەن پىتنىچىلەر خەلق ئارىلىرىغا پىتنىلەر تېرىپتۇ، ئەزەلدىن ئۆم ۋە ئىناق خەلق بۇ پىتنىچىلەر تەرىپىدىن نەچچىگە بۆلۈنۈپتۇ، ھەركىم ئۆزىنى قوللىغان پىتنىچى مايمۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆز قىرىنداشلىرىغا زەرەر يەتكۈزۈشنى باشلاپتۇ. قورغان-سىپىلسىز بولسىمۇ تىل ۋە دىل بىرلىكى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان بۇ خەلق توپى يىمرىلىشقا باشلاپتۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سەلتەنەت ۋە نام-شۆھرەت تاماسى قىزىقتۇرغان بەزى كىشىلەر قىزلىرىنى تاش شەھرىنىڭ شاھزادىسىگە ياتلىق قىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەلىكىنىڭ سەلتەنەت چۈشى بىلەن قىلغان خاتا ھەركىتى تەرىپىدىن بۇلغانغان بۇ خەلق ناھايىتى تىزلا تاش شەھەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپتۇ.
شاھلىقنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋەزىر بولسا شۇ زامانلاردا ھەرخىل پىتنىلەرنىڭ ئارىسىدا قاپتۇ، بىرى ئۇنى «قىرىپ قالدى، قانداق شاھلىق قىلىدۇ» دېسە، يەنە بىرى «ساقىلى ئۇزۇنكەن» دەپتۇ، يەنە بىرى «بويى ئېگىزكەن» دېسە يەنە بىرى «مۈكچىيىپ قاپتۇ» دەپتۇ، شۇنداق قىلىپ مايمۇنلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناشنى باشلىغان خەلق ئۆز ئۈستىگە ئاشۇ مايمۇنلار تائىپىسىدىن بولغان بىرىنى شاھلىققا قويۇپتۇ.
ھېلىقى ياساۋۇل ھازىرغىچە بېشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئەر زاتىغا «دۇنيا ۋاپا قىلمايدۇ، قىزىڭنى ياخشى تەربىيلە ئىي ئاتا» دەپ يۈرگۈدەك، ھېلىقى مەلىكە بولسا شۇ قاچقانچە قېچىپ خۇدانىڭ لەنەتلىرى كەينىمدىن يېتىۋالمىسۇن دەپ توختىيالماي يۈرگۈدەك، ھېلىقى شاھ بولسا زۇلپىقارىنى ئويناتقىنىچە ئۇچرىغانكى كىشىدىن «ھېلىقى دەيۈز قىزىمنى سەن كۆرسەڭمۇ چېپىۋەت، مەن كۆرسەممۇ چېپىۋىتەي، خەلقىمىز ۋە رەببىمىز بىز ئەر زاتىغا لەنەت قىلمىغاي» دەپ تىلەپ يۈرگۈدەك، شەھەرنى بېسىۋالغان مايمۇنلار بولسا «بۇلار مايمۇنلىقىمىزنى بېلىپ قالسا قوزغىلىپ بۇ دىيارنى تارتىۋالمىسۇن» دەپ ھازىرغا قەدەر قۇيرۇقلىرىنى كېسىشىپ، ئادەم سىياقىدا يۈرۈشەرمىز. ھېلىقى يېگىتنىڭ تۇل ئانىسى بولسا لاي رەستىدىكى لاي تام ئۆيىدە دۇئاغا قول كۆتۈرگەن پېتى «ئىي ئاللاھ، قىزلىرىمىزغا ئىنساپ ھىدايەت، ئوغۇللىرىمىزغا ئىمان-دىيانەت بەرگەيسەن» دەپ تىلۋاتقۇدەك. سەلتەنەتلىك لاي خاندانلىقىنىڭ پۇقرالىرى بولسا ھېلىھەم مايمۇنلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ «سەن سىمىز مەن ئورۇق» دەپ بىر-بىرىنى يالماۋۇزنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىشقان كىشىلەردەك بىر-بىرىنىڭ ئەيبىنى مايمۇنلارغا چىقىشتۇرۇپ يۈرگۈدەكمىش. سىپىل ئۈستىدىكى لاي قېلىچلىق ياساۋۇللار بولسا «ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ» دېگەن كەلىمىنى يادلاپ ئولتۇرامىش.
بەلكىم، بۇ رىۋايەت راستتۇر ياكى يالغاندۇر، لېكىن لاي شائىرنىڭ ئۆز كۆز ياشلىرىغا چىلىنىپ ئولتۇرۇپ لاي شاھنىڭ تەخىتكە قايتىشىنى، لاي مەلىكىنى ياخشى تەربىيلەپ، لاي ياساۋۇلغا ياتلىق قىلىشىنى، تاش شەھەرنىڭ مايمۇنلىرىنى سېپىلنىڭ ئېچىگە تېخىمۇ چوڭقۇر تىقىۋىتىشىنى، لاي قىلىچلىق ياساۋۇللارنىڭ سېپىل ئۈستىدىكى بەھەيۋەت تۇرقىنى كۆرۈشنى تېلىگىنى ھەقىقەت.


@-بۇ دىئالۇگلار ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋە بىر ۋەزىرىنىڭ ئوتتۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋەقەلىك بولۇپ «ھېكايەتلەر» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىلىپ قىستۇرۇلدى.


تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىم بۇ يەردە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merwayit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 03:40 PM  


قىزىقارلىق يۇمۇرلار، شەخىسنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە كۈلدۈرگىلەر مانا بۇ جايدا!
بۈگۈن سىزگە تۆۋەندىكى سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلدىم، ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز
[كىتاپ بازىرى] [ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلار جەمگاھى] [url=http://www

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8600
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:18:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا سوغوققان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.تېما بولسا ئۇ يەر بۇيېرىنى ئوقۇپ قۇيۇپلا كىچىك بالىدەك ئىنكاس يېزىپ، ئۆز ئىناۋىتىنى ئۆزى يەرگە  تۆكمەي، چۈشەنمىگەن بولسا باشقا تېما كۆرسە بولىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ تەپەككۈرى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ھەر كىم ئۆز سەۋىيىسىگە لايىق تېما كۆرۈشى كېرەك. چۈشەنمىسە ئىنكاس يېزىپ دوكلات سۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 04:19 PM  


مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8600
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدا ئىنكاسى ئۈچۈرۈلگەن 8نەپەر تورداش ئەشۇ تېتىقسىز ئىنكاس يېزىشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزنى تېما ئوقۇشقا قاراتقان بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1802
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 05:01:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان تېما...
لاي ئاپتورنىڭ بۇ لاي تېمىسىنى ،لاي بېسىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى لاي قولۇم بىلەن ئېيتىۋېتىپ لاي ئېكرانغا چەكچىيىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن.لاي خىياللىرىم لاي باسقان شەھەردىكى(قۇم باسقان شەھەر) قېنى كىم پادىشاھ بولىدۇ دېگەن بابىغا كۆچتى........!
     

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
merwayit + 39 شۈكرى ئاللاھ، نېمە دې.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1802
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 05:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارغا ئىككى ئېغىز قۇرۇق گەپ ...(تېما ئىگىسى توغرا چۈشىنەرسز،لاي تېمىڭىزنى پاچىقىم بىلەن ئوڭ-تەتۈر پېتىغلاپ قويىدىغان بولدۇم)
قارىسام مېنىڭ ئىنكاسىمنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەلشاھ دېگەن باشلىق قوشنامنىڭ پىچىقى خېلى كېسىدىغان چىراي.ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك بۇ قوشنىمىز ئۆزى دېگەندەك بىزدىن بۇرۇن بۇ تېمىغا كۆچۈپ كەلگەن 8قوشنىنى كۆچۈرۋېتىپتۇ.ئەگەر باشقا باشقۇرغۇچىلارمۇ سىزدەك ئىنكاسنى ۋاقتىدا ئۆچۈرگەن بولسا ئىدى ،نۇرغۇن ئازارچىلىقلاركېلىپ چىقماس ئىدى.(مېنىڭ بۇ يەردە كونا خاماننى سورۇش نىيتىم يوق ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن).بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان دوپپا بىلەن سەللە توقۇنۇشى ھەر ھالدا بېسىققان ئوخشايدۇ.ئەگەر باشقا باشقۇرغۇچىلارمۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويۇپلا تام تۆپىسىگە چىقىپ تاماششا كۆرۈپ ئولتۇرماستىن ،تېمىنى ۋاقتىدا تاقىغان ياكى تېتىقسىز ئىنكاس يازغانلارنى ۋاقتىدا كۆچۈرۈپ تۇرغان بولسا ،نۇرغۇن پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولاتتى.باشقۇرغۇچىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوقاپ كېتىۋاتامدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ بىلمىدىم.بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئىككى بالىنى سوقۇشقا سېلىپ قويۇپ تاماششا كۆرىدىغان،باشقىلارنىڭ بىزنى ئاجراتماپتۇ دەپ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن -ھەي سوقۇشماڭلار....دەپ قويۇپ ھىجىيىپ تۇراتتۇق.خېلى باشقۇرغۇچىلارنى كۆردۈم شۇنداق تېمىلارغا كىرسە،خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ناچار ئىنكاسلارنى يۇيۋەتمەستىن،باشقىلارغا تۆت ئېغىز ئەدەب-ئەخلاقتىن لېكسىيە سۆزلەپ قويۇپ غىپپدە چىقىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ مۈجمەل تەربىيەسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشمۇ بىر مەسىلە.باشقۇرغۇچى بولغان ئىكەن كەسكىنرەك بولسا،ئاۋايلاپ-پەپىلەپ گەپ چۈشەندۈرىدىغان بۇ مۇنبەردىكىلەر كىچىك بالا ئەمەس.ئەگەر سىزنىڭ شۇ كەسكىنلىكىڭىز تۈپەيلى ئۇ ئەزا يامانلاپ چىقىپ كەتسە ھېچقىسى يوق.بەلكىم مىسرانىمنىڭ ئەزا سانىمىز مانچىگە يەتتى دەيدىغان ئېلان سۆزىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن.لېكىن شۇ نەچچە چۈپرەندە ئەزانى ئويلاپ ئاۋايلاپ يۈرسەك،مىسرنىمنىڭ كۇرسى ئېنىقلا چۈشۈپ كېتىدۇ،ھېلىمۇ خېلىلا چۈشۈپ بولدى.مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە مىسرانىم ساندا بار سۈپەتتە يوق دېگەن ئاتاققا قالىدۇ.شۇڭا تەكلىپىم باشقۇرغۇچىلار سەل كەسكىن بولسا.ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىكىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ ماڭسا.بەزى ئەزالارنىڭ مىسرانىمغا مۇھەببىتى ئېشىپ كېتىپ بىر ئەزا نامى يېتىشمەي،يەنە بىر ئىككىدىن يېتىم ئەزا نامىنى بېقىۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت.ۋاقتى كەلگەندە ئۆزى چوڭ سۈپەت تۇرۇۋېلىپ،كىچىك بالىلىرىنى باشقىلارنى تالاشقا قويۇپ بېرىدىغان ئىشلار ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ!
گېپىم ئارتۇق كەتكەن بولسا باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار مەندەك ئاددىي ياۋاش پۇقرا بىلەن  تەڭ بولۇپ كەتمەس دەپ ئويلايمەن.تېما ئىگىسىنىڭمۇ بىر مۇنچە لاي ۋارىقىنى ئىسراپ قىلىپ قويدۇم،ئەلۋەتتە ئېغىر ئالماس!گېپىم تۈگىدى...ئەمىر-ئەركانلار ئويلىشىپ كۆرە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەجەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 05:55 PM  


كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13216
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4620 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 06:12:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىم ناھايتى ئىبرەتلىك ھىكايە بولۇپتۇ ،تەربىيىۋې ئەھمىيىتى يۇقۇرى

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7415
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1883 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 07:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆز قارىشى بۇلىدۇ. دىمەك بۇ تىيمىغا قارىتا ياخشى پىكىردە بولمىغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچىرىلدىكەن، ماختاپ يازغانلارنىڭ بولسا ئۇچۇرىلمەيدىكەندە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2499
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 07:34:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىنى كۈرۈپلا  يالقۇن رۇزىنىڭ  لاي قەلئەنىڭ سىرى دىگەن ئەسىرى كۆز ئالدىمۈە كەلتۈرگەندىم ، بۇ چۆچەكمۇ ياخشى ئىكەن ، تەربىيۋى ئەھمىيتى يۇقىرى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8600
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabaat يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 07:19 PM
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆز قارىشى بۇلىدۇ. دىمەك  ...

سابائەت خانىم. قارشى ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ. ئەمما قارشى ئىنكاسنى يېزىش ئۈچۈن تېمىنى بىر تەپسىلى كۆرۈۋېتىپ، ئاندىن يازسۇن.باش ئاخىرىدىن ئىككى قۇردىن ئوقۇپ قۇيۇپ تېمىغا  ئاپتورنى ياكى مەزمۇننى چۈشەنمەي ھاقارەت قىلسا، مەسخىرە قىلسا بولمايدۇ.  يەنە كېلىپ بۇ بالىلار چۆچىكى ئەمەس. ئاپتورنىڭ ئۇزۇن ۋاقت يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ يازغان ئەسىرى. بىزنىڭ ئاپتور ۋە يازما ئىناۋىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىمىز بار.بۇ ئۈچۈرۈلگەن ئىنكاس...
未命名.jpg


بۇ قېتىمقى ئىنكاس ئۈچۈرۈشكە ياكى مېنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىمغا تەكلىپ-پىكىرىڭىز بولسا قوبۇل قىلىمەنelijan@live.cn



مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 894
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 09:38:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ،تەربىۋى ئەھمىيتى زور ئىكەن .ئەجرىڭىزگە رەھمەت

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش