ئىمانىڭىزنى پۇلغا تېگىشەمسىز؟
ئا: ۋاي-ۋۇي بۈگۈن كۈن غەرىپتىن چىقتىمۇ نىمە؟قېنى ئارتىۋالغان ياغلىقىڭ،ئۇزۇن يوپكىللىرىڭ قېنى؟بۈۋىمدەك يۈرىدىغان ئادەم ئەجەپ شۇشەن، مودا بولۇپ كېتىپسەنغۇ؟
ب:شۇ ئاداش،بۇيىلدىن باشلاپ مەكتەپ ياغلىق ئارتىۋالغان،يوپكا كىيىۋالغانلارغا ھېچقانداق ئوقۇش ياردەم پۇلى،ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمەيمىز دەپتۇ،شۇڭا بىزمۇ ئەمدى سۇنىڭ ئېقىشىغا،تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش تۇتمىساق بولمايدىكەن دىگىنە،شۇڭا ئەمدى ھى ھې ھې.
ئا:ھەراسىت،بىزنىڭ ياتاقتىكى ئامىنەگىمۇ 5000يۇئەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەنتۇق ياغلىق ئارتىپسەن،يوپكا كىيىپسەن دەپ ئۇ پۇلنىمۇ بىكار قىلىۋىتىپتۇ.
ب:5000يۇئەن؟ۋاي ئېسىت،قانچە يىغلىغاندۇ،ئىچى قانچە ئېچىشقاندۇ ھە ئۇقىزنىڭ.
ئا:ۋاي نەدىكىنى،خىيالىغا كەلمەي يۈرۈيدۇ ،تېخى ھەرقانچە مەكتەپتىن ھەيدىۋەتسىمۇ مۇشۇنداق يۈرۈيمەن دەيدۇ.
ب:توۋا قارا ئاقسالىقىنى،ئاجايىپ قىز ھە ئۇ؟
ئا:شۇنى دىگىنە،كەچكىچە كىتاپتىن باش كۆتۈرمەي،ھېچكىمگە ئارلاشماي، بۈۋىمدەك ئىبادەت قىلىشنىلا بىلىدۇ ئۇ،بىزنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ .ئۆتكەندە ياتاقتىكىلەر بىلەن داپەنجى يەپ كەلمەكچى بولغانتۇق، شۇنچە زورلىساقمۇ ئۇنىماي ياتاقتا ئۆزى يالغۇز قېپ قالدى.تېخى بىزگە ۋەز نەسىھەت قىلىپ كېتىشلىرىچۇ ئادەمنىڭ نېرۋىسىغا تېگىپ.
ب:قانداق،ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالىدىڭمۇ ؟
ئا؛ئالدىم ئاداش،باشتا مۇئەللىم سىزنىڭ ئائىلىڭىز بايكەن دەپ ئۇنىمىغىلى تۇرۇۋىدى،كەچتە ئۆيىسىگە 200كويلۇقتەك بىرنەرسە ئېلىپ كىرىپ ئىشنى توغىرلىدىم.سەنچۇ؟
ب:مەن مۇشۇ مەكتەپكە ئۆتكەن چاغدىلا ھەدەمنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن ئائىلىدە قىيىنچىلىقىم باردەپ ئىسپاتنامە يازغۇزۇپ ئېلىۋالغانتىم،شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتىمەن ئۇپۇلدىن.ئۆيدىكىلەرمۇ ھەر ئايدا 800 يۈئەن سېلىپ بېرىدۇ،4000يۈئەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بار .بەگدەك ياشاپ كېلىۋاتىمەنغۇ.
ئا:كاللىسى ئەجەپ ئىشلەيدىكەن ھەدەڭنىڭ،ئېسىت مەنمۇ شۇنداق قىلغان بولسامچۇ.بىزنىڭ سىنىپتىكى گۈلنىگارمۇ ئاتا- ئانىسى ئىككىلىسى خىزمەتچى تۇرۇپمۇ ئاتا-ئانام تۈگەپ كەتكەن دەپ 7000نى ئالدى ئەمەسمۇ.
ب:كېرەك يوق ئاداش ،داشۆ دىگەندە، سىنىپ مۇدىرىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭ ياخشى بولسىلا، گېلىغا ئانچە-مۇنچە بىرنەرسە ئۇرۇپ تۇرساڭ ،ھەممە ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.
ئا:توغرا دەيسەن ئاداش.ھەراسىت قوسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى سىرىتقا چىقىپ بىر نەرسە يەپ كىرەيلىچۇ؟
ب:نەگە بارىمىز؟خوگو يەپ كېلەمدۇق يە؟
ھە،شۇنداق قىلايلى،مېنىڭمۇ خۇمارىم تۇتۇپ تۇراتتى.
ئا:ھە راسىت ناماز ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ ئاداش سەل ساقلاپ تۇرە،مەن نامىزىمنى ئوقۇۋىلىپلا ئاندىن ماڭايلى.
ب:ۋاي-ۋۇي،كەچتە ئوقۇساڭمۇ بولىدىغۇ،قورساقلىرىم ئېچىپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتتى،سېنى ساقلاپ تۇرالمايمەن،يۈرە ھازىرلا بارايلى.
ئا:ھە ماقۇل يۈر ئەمسە،كەتتۇق...................
مەنبە: ئۆزۇم
2012-يىل 3-ئاينىڭ13-كۈنى