مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 31540|ئىنكاس: 666

نورۇزغا مىنگەن شەيتان    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92006
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 11:31:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نورۇزغا مىنگەن شەيتان  

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىيتوغرا يولدا بولغۇچىلار!....

ئىتىقادىمنى چىركىنلىكتىن تازىلاش ھەلەكچىلىكىدە تىپىرلاۋاتقىنىمدا  ،نۇرغۇن جان-جىگەرلىرىمنىڭ

ئىتىقادىنى بۇلغاش ھەلەكچىلىكىدە تىپىرلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم، ئۇلارنى كۆيدۈرگۈسى دەۋزەخنىڭ ئەلىمىدىن سىقىراپ كەتتى!...

ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ھەربىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسان ئۈچۈن قەرزىدۇر،  قەرزىمنى ئادا قىلماق ئۈچۈن نورۇز ھەققىدە ئىككى ئىغىز سۆزلۈگۈم كەلدى، جانابى ئاللاھ ھىدايەت قىلغۇچىنى ھىچ بىر ئازدۇرغۇچى يوق، جانابى ئاللاھ ئازدۇرغۇچىنى ھىچ بىر ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر!...

مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۇزۇندىن بىرى كۆپ تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولغان نورۇز ۋە نورۇزنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغاچقا تۆۋەندە بۇھەقتە توختالماقچىمەن .

.........................

ئەلقىسسە،پارىسچىدىكى "نەۋرۇز"سۆزىنىڭ مەنىسىنى "يىڭى يىل" دەپ ھىساپلاش بۇ سۆزنىڭ پارىسچە مەنىسىگە زىتتۇر،پارىسچىدىكى "نەۋ" سۆزىنىڭ مەنىسى "يىڭى" دىمەكتۇر،"روزى"سۆزىنىڭ مەنىسى "كۈن" دىگەن بولغاي، ئۇنداقتا "نەۋرۇز"دىگەننىڭ پارىسچىدىكى مەنىسى "يىڭى كۈن" دىمەكتۇر، ھالبۇكى "يىڭى يىل" دىگەن بولماس. ئۇيغۇرچە ئاتىلىۋاتقان "نورۇز" دىمەكنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىمۇ قانداقتۇر پارىسچىدىكى "نەۋ روز "دىمەك بولماستىن ، بەلكى ئۇيغۇرچىدىكى "نۇرئۇز" دىمەكتۇر، "نۇر "دىمەك "نۇر-يور-يورۇق" دىمەكتۇر، ھەمدە"نۇر" دىمەك "قۇياش" دىمەكنىڭ قەدىمىي يەنە بىر ۋاريانتىدۇر، چۈنكى قۇياش يۇمىلاقتۇر ۋە قەدىمقىلەرنىڭ قارىشىچە "شەرقتىن غەرىپكە چۆرگىلەپ نۇرتارقىتىپ تۇرىدۇ"، شۇ سەۋەپتىن بالىلىرىمىز قۇياشقا ئوخشاش يۇمىلاق ۋە قۇياشقا ئوخشاش يۆلۈنۈشتە چۆرگىلىتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقىنى نۇر (غۇژژەك)دەيدۇ،شۇنداقلا قۇياشتەك يۇمىلاق بولغىنى ئۈچۈنلا سۇ ئۆتكۈزىدىغان نەرسىنى "نور"(تۇربا)دىگەنمىز، تىلىمىزدىكى "نۇر –نار "سۆزى ئەرەپچىدىكى "نۇر –نار"سۆزى بىلەن يىلتىزداش بولۇپ "نار-نۇر-يور"  تەلەپپۇزلىرىدا بىزگىچە كەلگەن،شۇغىنىسى ئۇيغۇرچىدا "نار" نىڭ مەنىسى "ئەركەك" تۇر، "نارتۆگە" سۆزى بۇنىڭغا دەلىلدۇر، قەدىم باتىل ئەقىدىدە قۇياشنى "ئەركەك ئىلاھ"، ئاينى " چىشى ئىلاھ" دەپ تونۇشاتتى،شۇڭا "نار"دىمەكنىڭ كۆچمە مەنىسى ئەركەكتۇر، خۇددى خەنزۇچىدىكى ئەرنى بىلدۈرىدىغان"نەن" سۆزىمۇ قۇياشنىڭ "ئەركەك ئىلاھ" دەپ تونۇلۇشىدىن  تۇغۇلغان  قەدىمقى "قۇياش"نى بىلدۈرىدىغان "نان"سۆزىنىڭ مەنا كىڭەيتىشىدىن "ئەر"نى، ھەمدە قۇياشنىڭ جەنۇپتاچاقنايدىغانلىقىدىن جەنۇپنى بىلدۈرگىنىدەكلا ، "نار" بىلەن "نەن"نىڭ يىلتىزىمۇ بىردۇر، يەيدىغان يىمەكلىكنى بىلدۈرىدىغان "نان" سۆزىمۇ ناننىڭ قۇياشتەك يۇمىلاق بولغانلىقىغا قاراپ  شۇنداق نامدا ئاتالغان، ئەمما ئەرەپچىدە"نار" سۆزى قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقىدىن مەنا كىڭەيتىپ كەلگەچكە "ئوت" دىمەكتۇر،"نار" سۆزىنىڭمۇ دەسلەپكى تومۇرى قۇياشقا باغلىنىدۇ،شۇنداقلا "نۇر"  سۆزىنىڭ ئەرەپچىدىكى مەنىسى بىلەن ئۇيغۇرچە مەنىسىمۇ قۇياشنى بىلدۈرىدىغان "نان"سۆزىنى يىلتىز قىلىپ كىڭەيگەندۇر، شۇڭا ئىككى تىلدىكى بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ قۇياشنى مەنبە قىلىپ پەيدا بولغاندۇر، " نار-نۇر" سۆزلىرىدىكى ئەرەپ ۋەئۇيغۇرغا تەلەپپۇزدىكى ئورتاقلىق ،بۇ سۆزنىڭ ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتكەنلىگىدىن بولماستىن بەلكى ئەرەپ ۋە ئۇيغۇرغا نوھ ئوغلى ياپەس ۋە نوھ ئوغلى ھامدىن مىراس قالغانلىقىدادۇر. تىلىمىزدىكى "يور-يورۇق" سۆزلىرى "نۇر-نۇرەك"سۆزلىرىدىكى "ن" تاۋۇشىنىڭ "ي" غا ئالمىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن، خۇددى بۈگۈن بىز "قوي" دەۋاتقان جانلىقنىڭ نامىنى بۇرۇن ئەجدادىمىز"قون" دىگەندەكلا.  

"ئۇز" دىمەكنىڭ مەنىسى بۈگۈنمۇ "ئۇز-ئۇزاپ كەتمەك" سۆزلىرىدە ئەينەن ساقلانغان بولۇپ"بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىدىن ئۇزاپ " كەتكەنلىگىگە قارىتا ئىيتىلىدۇ، يۇقارقى دەلىللەردىن شۇ مەلۇمكى، "نۇر ئۇز" دىمەك- "نۇرنىڭ ئۇزۇرۇشى" دىمەكتۇر ، چۈنكى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىپ ،23-مارتتىن باشلاپ كىچە قىسقىراپ كۈندۈز ئۇزىراشقا باشلايدىغان كۈندۇر، بۇسەۋەپكە كۆرە بۇ كۈن ساپ ئۇيغۇرچە "نۇر ئۇز" دەپ ئاتالغاندۇر ، شۇڭلاشقا دەيمىزكى، نورۇز پارىسلاردىن بىزگە كىرگەن بولماستىن ئەكسىچە پارىسلارغا  ۋە باشقا نورۇز ئۆتكۈزۈۋاتقان مىللەتلەرگە بىزدىن كىرگەندۇر ، نورۇز قەدىمقى زاماندىكى شامان دېنى مۇھىتىدىكى دېنىي ئېتىقاتتىن كۆكلەپ چىققان باتىل دېنىي بايرام بولۇپ، 9 باتىل بۇتقا چوقۇنغۇچىلارغا ئىسلام كىرىپ كەلگۈچە شامانىستلار ئۆتكۈزۈپ كەلگەن شامان دېنىي مۇراسىمىدۇر.

نورۇزنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش ئۈچۈن قەدىمقى ئۇيغۇر كالىندارىنى تونۇش لازىم بولغاچقا ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە بايان قىلىمەن، ھازىرغىچە "ئۇيغۇر كالىندارى" دەپ تەلقىن قىلىنىۋاتقان "ئىجادىي كالىندار"لار قەدىم كالىندارىمىز ئاساسىدىكى يۈزەكىي تەسىرات ئۈستىگە قۇراشتۇرۇلغىنى ئۈچۈن ، قەدىمقى تۈزۈلىشى ۋە خەلقىمىزئارىسىدا ھازىرمۇ ساقلىنىۋاتقان ساقىندىلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلىنمىغاچقا ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 9 ئۇيغۇر كالىندارىنىڭ ئەسلى تۈزۈلىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمىدى،كەمىنە ئۇيغۇر فولىكلورىدىن يەتكەن تارىخى ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئەڭ قەدىمىي ئۇيغۇركالىندارى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بىرىمەن. قاراشلىرىم سىزنى ئەجەپلەندۈرسە،بۇرۇندىن كۆرۈپ كەلگەن مەلۇم مەقسەتلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن توقام كىتاپلار ئاساسىدائەمەس، بەلكى ئون نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى بۇ ۋادىدا ياشاپ كىلىۋاتقان  ئەجدادىڭىزدىن سىزگە بۈگۈنگىچە يىتىپ كىلىۋاتقان تىل ئۇچۇرى ۋە ئۆرپى-ئادەتلەر ئۇچۇرى نۇقتىسىدا قاراشلىرىم ھەققىدە دەلىللەش ئىلىپ بارغايسىز.

نۇر ئۇز بايرىمى ، يىراق ئەجداىمىز تەۋھىدتىن يىراقلىشىپ "بۇلۇت، چاقماق، شامال، تۈن، يۇلتۇز، ئاي،يەر، دىڭىز، قۇياش"تىن ئىبارەت 9 باتىل ئىلاھقا چوقۇنغاندا بارا-بارا شەكىللەنگەندۇر. قەدىمدە "9 مۇقەددەسچىلىكى" ياپەس ئەۋلادى ئىچىدە باش كۆتۈرگەندە،  ياپەس ئەۋلادىنىڭ ھەقتىن ئازغانلىرىنىڭ باتىل ئەقىدىسىدە ئىلاھ 9 بولغان ئىدى، كۈن شۇلار ئىچىدىكى 9 –باتىل ئىلاھ ئىدى، شۇ باتىل ئەقىدىدىن ئۇيغۇرلارمۇ "9 ئۇيغۇر" دەپ ئاتىلار ئىدى ۋە 9 تاشقى قەبىلەدىن تۈزۈلەتتى،ئۇلارنىڭ باتىل ئېتىقادى سەۋەبىدە شەكىللەنگەن "9 بۇت"قا چوقۇنۇش باتىللىقىدا ھەممە نەرسە 9 دىن ھىساپلىنار ئىدى، تىلىمىزدىكى "توققۇزى تەل بولماق، توققۇز قىزنىڭ تولغۇقى تەڭ تۇتماق، توققۇز سوۋغا بەرمەك، توققۇزساناق،توققۇز تاشقى قەبىلە بىرلىگى ، 9مۇقام ،توققۇز بايراقلىق خان..." ۋاھا-كازالاريۇقارقى باتىل قاراشلىرىمىزنىڭ تۇغۇندىلىرىدىندۇر .

ئۇ زاماندا ياپەس ئەۋلادىدىن باشقا ئىنسان توپىنىڭ تەپەككۈرى "ۋەد،يەغۇس،يەئۇق،سۇۋائ، نەسىر"دىن ئىبارەت 5 باتىل بۇت ئاساسىدىكى " ھاۋا، ئوت، توپا، سۇ، ياغاچ" تىنئىبارەت  5 شەيئى ئاساسىدا دۇنيانى تونۇغان بولسا، ياپەس ئەۋلادى "ھاۋا ئاساسىدا ئاي شارىنى، ئوت ئاساسىدا قۇياش شارىنى،توپا ئاساسىدا يەر شارىنى، سۇ ئاساسىدا ئەزىم دېڭىزنى، ياغاچ ئاساسىدا كۆكۈل ئورماننى تونۇدى ۋە يۇقارقى شەيئىلەر بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئاسماندىكى  يۇلتۇزنى، چاقماقنى ،شامالنى ۋە يۇقارقى شەيئىلەرنى ئىچىگە سىغدۇرۇۋاتقان غايەت زور"دۇن-تۈن"نى تونۇدى، شۇندىن باشلاپ ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۈرى مىكرولۇققا يانداشقان "5لىك تەپەككۈر"ۋە ماكرولۇققا يانداشقان"9 لۇق تەپەككۈر" دىن ئىبارەت ئىككى فورمىدا تەرەققىي قىلدى، تاكى بۇندىن 12مىڭ يىللار بۇرۇن ، بىر بۆلۈك ياپەس ئەۋلادى تارىم ۋادىسىدىن4 تەرەپكە كۆچكەندە "9 لۇق تەپەككۈر" ئۇسۇلىمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا شۇلارنىڭ سەۋەبىدە تارقىدى، ھەمدە 5لىك تەپەككۈر بارا-بارا شاللىنىپ ، ياپەس ئەۋلادىنىڭ مەپكۈرى 9لۇق تەپەككۈر فورمىسى بىلەن دۇنيانىڭ تەپەككۈر يولىنى نۇرلاندۇردى، ئەپسۇسكى دۇنيا تارىخىغا زور  ۋە سالماق تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تەسىرى بۈگۈنمۇ چوڭقۇر داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھادىسىنى كۆپ قاتلامدىن چوڭقۇرراق تەتقىق قىلمايلا "9لۇق سان دۇنياغا ياۋروپادىن تارقىدى، ياۋروپاغا ئەرەپتىن تارقىدى،ئەرەپلەرگە ھىندىلاردىن كىردى" دەپلا بولدى قىلدى،  غەرپلىكلەر قەلىمىدە "ئارى" دەپ  ناملانغان -ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىم تاشقى6-قەبىلىسى بولغان "ئايرى-ئىيلا-ئىلى"لار ھىندئستانغا بىسىپ كىرىشتىن بۇرۇنقى ھىندى(دايك) تەپەككۈرى " پەنجى ۋاقا-بەش ئاناسىر" ئاساسىدىكى بەشلىك تەپەككۈر ئىدى، ھىندىستانغا بۇندىن 4 مىڭ يىل بۇرۇن بىسىپ كىرگەنلەردىن بولغان، غەرپ قاراشلىرىدا "ئارىيان" دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان ئىنسان توپىنىڭ ياپەس ئەۋلادىنىڭ ئالتاي ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى 6-تاشقى قەبىلىسى ئىكەنلىگىنى ،شۇلارنىڭ تاجاۋۇزىدا گانگ دەريا ۋادىسىدىكى موھىنجۇرۇ دارۇ شەھرى ۋە پەنجاپ ۋادىسىدىكى خاراپپا شەھرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ، ئەمما ئۇلار ئارىسىغا 9لۇق تەپەككۈرنىڭ شۇلارنىڭ ۋاستىسىدە كىرگەنلىكىنى دۇنيا تىخچە كۆرەلمىدى،"ئارىيان"لارنىڭ پەنجاپ ۋە گانگ دەريا ۋدىسىغا تارىم – ئېمىل ۋادىلىرىدىن  ئىلىپ بارغان مەدەنىيەت دۇردانىلىرى  بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىندى!...

تا ھازىرغىچە قەدىم"ئارىيان"لار نىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى ياشاۋاتقان بۇ ئەلۋەك ۋادا ئۇيغۇرلار زۇۋانىدا "ئايلا-ئىيلا-ئىلى" دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا،"ئايرى"لار ياشىغان تاغ باغرى " ئالتە داي-ئالتتاي-ئالتاي"تەلەپپۇزىدا "ئالتەلەرنىڭ ماكانى" دەپ تەلەپپۇز قىلىنماقتا،"ئالاتاۋ" دىمەكمۇ " قىزىل تاغ" دىمەككى، قەدىم "ئارىيانلارنىڭ باتىل ئىلاھى "ئاناخۇد" قىزىل رەڭدە سۈپەتلىنەر ئىدى، شۇڭلاشقا بۈگۈنكى ئىلىنىڭ باش كىيىمى غۇلجا دوپپىسىنىڭ رەڭگى قىزىل(ئالى-ئال-ھال)  رەڭدۇر."دان-داي-ياي-جاي" دىمەك يۇرت دىمەكتۇر،مۇبادا ئادولۇف گىتلىر ھازىرمۇ ھايات بولغان بولسا ئۆزى كۈچەپ بازارغاسالغان "ئارىيان ئېرقى ئەڭ ساپ ئېرىقتۇر" دىگەن نەزىرىيەسى بويىچە بولغاندا ئەڭ ئالىي نەسەپلىك ياۋروپا ئارىيانلىرىنىڭ يەتمىش پۇشتىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ يۈرۈپ مۇشۇ ۋادىدىن تىپىۋالغان بولاتتى. ياپەس ئەۋلادىغا ۋە ئۇلارنىڭ بىسىپ ئۆتكەن تارىخىي تەپەككۈر مۇساپىسىگە كۆز يۇمۇش - دۇنيا تارىخى تەتقىقاتىدىكى زور خاتالىقتۇر،بۈگۈنكى دۇنيا ھازىرمۇ ئېلمىي تەتقىقاتلىرىدا ئۆزى ئىنكار قىلغان، ئىنكارقىلىۋاتقان، كۆرمەسكە سالغان،كەمسىتكەن ، كەمسىتىۋاتقان ئىنسان توپىنىڭ " 9لۇق تەپەككۈر قانۇنى" ئاساسىدا ئۆزىنىڭ بىلىمى-تەپەككۈرىنى فورمىلاپ كەلمەكتە،ئەجەبا سەن 9 ئۇيغۇرنىڭ مىق مەتبەسىدە 9 ئۇيغۇرنىڭ قەغىزىگە 9 ئۇيغۇرنىڭ سانلىرىدائىلمىي تەتقىقاتىڭنى يازىسەنۇ ، يازماڭدا 9 ئۇيغۇرنى "غەرپ-شەرق مەدەنىيىتىنى ئۇچراشتۇرغان تارىم ۋادىسىغا، نەلەردىندۇر ئىزىپ-تىزىپ كىلىپ قالغان يىلتىزى يوق تالىپچاق "دەپ بايان قىلىسەن، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نادانلىق ۋە  بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قارا يۇمۇر بولماس!...

ياپەس ئەۋلادى ئەنە شۇزاماندا توققۇز مۇقەددەسچىلىكى سەۋەبىدە بىر يىلنى 9 ئايغا بۆلۈشەر ئىدى ۋە قەدىم ئۇيغۇر كالىندارىنى مۇنداق 9 ئايدا ھىساپلىشار ئىدى:

1-  بارات ئاي ، تىلىمىزدىكى بارات (بۇلۇت) ۋە باراۋەت سۆزى شۇندىن قالغاندۇر،"بىر ۋاد-باراۋەد-باراۋەت" سۆزىنىڭ مەنىسى "بىرىنچى ئىلاھ" دىمەكتۇر.بارات ئايى باتىل بۇلۇت ئىلاھىنىڭ نامىدا ئاتالغان 1-ئايدۇر،بۇ ئاينىڭ مۇئەككىلى مايمۇن دەپ قارالغاندۇر ، باتىل بارات ئىلاھىنىڭ سىمۋولى ئاق رەڭدۇر .

2-  ھوت ئاي ياكى ئۇد  ئاي،"ھود-ئۇد" دىمەك بۈگۈنكى پارىسچىدىكى "دو" ۋە ئىنگىلىزچىدىكى "تۇ" دىمەكنىڭ ئەسلى يىلتىزى بولغان ساننىڭ قەدىم ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىدۇر ، "ئۇد-دۇ"سۆزى بىزدىكى "ئىككى" دىگەن سۆز بىلەن يىلتىزداشتۇر ، تەمسىلدىكى"ھوت كىردى، دىخان قوڭىغا قۇت كىردى"، "ھۇت –كەتمەن سىپىنى تۇت" دىگەن ئىبارىدىكى "ھوت" دەل 2-ئايدۇر، "ئۇد"سۆزىدىكى "د" تاۋۇشى "ي" غا ئالمىشىپ "ئۇي "دەپمۇ ئاتالغاندۇر،تىلىمىزدىكى "ئۇد-ئۇي" دىمەك كالا دىمەككى ، قەدىمدە باتىل2-ئىلاھنىڭ يەردىكى مۇئەككىلى كۆك كالا دەپ قارالغىنى ئۈچۈن كالا "كۆك ئۇد"دەپمۇ ئاتالغان،تىلىمىزدىكى "قوتۇز-قوتاز" سۆزى شۇندىن قالغان بولۇپ"قوتاز" دىمەك "گود ئۇد-گود ئۇز-گودۇز-قوتۇز-قوتاز" دىمەك بولۇپ ، مەنىسى "ئىلاھنىڭ ئىككىنچىسى" دىمەكتۇر، باتىل كۆك ئىلاھىنىڭ كۆچمەنامى "ئۇد "ياكى "چاقماق" ئىدى ،بۇ ئاينىڭ مۇئەككىلى كۆك ئۇد-كۆك ئۇي(كۆك كالا) دەپ قارالغاندۇر ،باتىل چاقماق ئىلاھىنىڭ سىمۋولى كۆك رەڭدۇر ،چۈنكى چاقماقنىڭ رەڭگى شۇ رەڭدۇر، شۇڭا ئۇ "كۆك تەڭرى" دەپمۇ ئاتالغان. يۇنانغا يىراق قەدىم زاماندا سۇمىرلار كۆچكەندە  كۆچكەن ساكلار "زىۋىس"قا چوقۇنۇشنى ۋە مىللىي نامىدا ئاتالغان"تۇران-ترۇيان" دىگەن شەھەر نامىنى يۇنانغا ئاپارغان، ساكلار تۇرانلارنىڭ جەنۇبىي قەبىلىسى بولغاچقا "ساك" دەپ ئاتالغان، ساك دىمەك جەنۇپ دىمەكتۇر، چۈنكى ئۇلار بۈگۈنكى خوتەن-قاغىلىق-يەركەن ۋادىلىرىدا ياشىغان، ھىندىستانغا كۆچكەن ماتۇلا ساكلىرى كالىغا چوقۇنۇشنى ھىندىلارغا ئىلىپ بارغاندۇر. باتىل ئۇد ئىلاھىنىڭ شامان دېنىدىكى 2-ئىلاھلىق دەرىجىسى ئاساسىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز،پارىس تىللىرىدىكى "2" سانىنىڭ شۇ تىللاردىكى ئالاقىدار تەلەپپۇزى پەيدابولغاندۇر، مىسال:

"ئۇد-دۇ-تۇ-چۇ-كۇ-ئىكۇ-ئىكى-ئىككى(ئۇيغۇرچە2 سۆزىنىڭ تارىخىي تەلەپپۇز ئۆزگۈرۈشلىرى)".

"ئۇد-ئۇي-ئۇر-ئېر(خەنزۇچە2 سۆزىنىڭ تارىخىي تەلەپپۇز ئۆزگۈرۈشلىرى)".

"ئۇد-دۇ-تۇ-two (ئىنگىلىزچە 2 سۆزىنىڭتارىخىي تەلەپپۇز ئۆزگۈرۈشلىرى)

"ئۇد-دۇ(پارىسلاردىكى 2 سۆزىنىڭ تارىخىي تەلەپپۇز ئۆزگۈرۈشلىرى) قاتارلىقلار.....

3-ئۇس ئاي، بۇ ئاي تارىختا"ئاس مان(ئۇس مان)-سامان-سەمەن-ساماي-ساما-سەمەر- سەپەر" دەپمۇ ئاتالغان،"ئاسمان-سامان" دىمەك 3-ئاي دىمەكتۇر،"ئۇس(ئۇچ)-ئاس-سا-سە"دىمەك ئۈچ دىمەكتۇر، ھەپتىنىڭ 3-كۈنىنى بىز ساشەنبە(سەيشەنبە) دىگەندەك، تىلىمىزدىكى"ئۈچ" سۆزى "ئۇز-ئۇس-ئۇچ-ئۈچ" تەلەپپۇزىدىن بىزگە يەتكەندۇر."مان" دىمەك ئاي دىمەكتۇر،خۇددى ئىنگىلىزلار بۈگۈنمۇ ئاينى "مان "دىگەندەك،بىزمۇ "ئاي"نى قەدىمدە "ئان-مان" دىگەن ۋە"مان" نى "مان-ماي-ما-ماھ" دەپمۇ ئاتىغانمىز، "ماھىنۇر-ماينۇر" دىمەك "ئاينۇر" دىگەن بىلەن بىرمەنىدىكى سۆزدۇر،  "ئاسمان-سامان-سەمەن-شامان"دىمەكمۇ "3-ئاي" دىمەكتۇر، 3-ئاي نورۇز ئىيى ئىدى، نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان سورۇن "سامان(شامان)-سەمەن-زەمىن" دەپمۇ ئاتىلاتتى،نورۇز بايرىمىدائۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپمۇ "سامان-ساما" دەپ ئاتىلاتتى، ساما ئۇسۇلىمۇ ئاسمانغا ئۆرلەش ھالىتىنى ئىپادىلەپ چۆرگىلەۋاتقان شامالدىن ئەنداز ئىلىنىپ ئوينىلار ئىدى، قەدىمقىلەر باتىل شامال ئىلاھىنى"بوشلۇقتا ھەركەت قىلىدۇ"دەپ تونۇشتىن بارا-بارا "ئاسمان-سامان-ساما" سۆزلىرى ئاسماننىڭ قەدىمقى نامى بولغان "دون"نى قوشۇمچە بىلدۈرىدىغان  سۆز بولغاندۇر، شۇڭا تىلىمىزدا"دۇن-تۈن" ۋە "دۇنيا" سۆزى ئاسماننى بىلدۈرۈپ "ئاسمان-ساما"سۆزى بىلەن بىللە قوللۇنۇلىدۇ،سامان دېنىدىكى شۇ ئادەتلىرىمىز بۈگۈنكى قەشقەردە ئەينى ساقلانغاندۇر، چۈنكى سەمەركەند،ئاقسۇ - (ئاسۇق) ۋە قەشقەر ۋە كەشمىر ۋادىلىرى 9 ئۇيغۇرلارنىڭ 3-تاشقى قەبىلىسى ياشىغان قەدىم ماكاندۇر، بۇددا دېنىدىكى"سىۋا-شىۋا"، ئەرەپلەردىكى "سۇۋائ "، تىلىمىزدىكى "ساما-سابائ"سۆزى باتىل 9 ئۇيغۇر دېنىنىڭ  باتىل 3-ئىلاھى بولغان "شامال-ساباھ" نىڭ نامى بولۇش سۈپىتىدە ، بىزدىن دۇنيانىڭ 4تەرىپىگە كۆچكەن كىشىلەر تەرىپىدىن باتىل شامانلىقنىڭ بىزدىن 4 تەرەپكە تارقىلىشى بىلەن ، ئاشۇلارغا باتىل ئىلاھ بولۇپ قالغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىكتۇر ،ھەتتا ئەرەپ يىرىم ئارىلىغا بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن سۇمۇر-سەبە قەۋمىمۇ مىللىي نامىنى ئۆزى چوقۇنغان "سابا" بۇتىنىڭ نامىدا "سەبە" دەپ ئاتاشقاندۇر،سۇمۇر-سەبە لەر  بۈگۈنكى ئىراقنىڭ قەدىم يۇنانچە ئاتىلىشى بولغان مۇسۇپوتامىيەگە بۇندىن 12مىڭ يىل بۇرۇن كۆچۈپ كېلىشتىنمۇ بۇرۇنقى ئەسلى ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى،سۇمۇرلارنىڭ قەدىم "گىلگامىش"داستانىدا "شەرقتىكى بىر تاغ" دەپ ئىنىق خاتىرلىگەن ئىدى، شەرقتىكى ئۇ تاغ دەل بۈگۈنكى كەشمىر-تاشقورغان ئارىسىدىكى بۈگۈنمۇ "سۇمۇر تاغ" دەپ ئاتالغان جايدۇر، ئۇ جايدىكى سۇمۇرلار ئارىيانلارنىڭ پەنجاپ ۋە گانگ دەرياۋادىلىرىغا 4 مىڭ يىل بۇرۇن ئالتايدىن بىسىپ كىرىشى بىلەن گانگ دەرياسى ۋادىلىرىدىن سۈرۈلۈپ سۇمۇرتاغ ۋادىلىرىدىن تارىم –تەڭرىتاغ ۋادىلىرىغا كۆچۈشكەمەجبۇر بولغان، ئۇلارنى يۇرتىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغىنى دارى-دايكلەرنىڭ پەنجاپ –گانگ ۋادىسىغا بىسىپ كىرگەن ئارىيلارنىڭ تاجاۋۇزىدا ئانا يۇرتىنى تاشلاپ سۇمۇرلەرنىڭ يۇرتىغا بىسىپ كىرىشىدۇر، بۈگۈنكى تاجىكىستان ۋە تاشقورغان تاجىكلىرى ئارىيانلارنىڭ تاجاۋۇزىدا قەدىم گانگ دەريا ۋادىلىرىدىن قوغلانغان ئىنسان توپىنىڭ بىر قىسمىدۇر،قەدىم ئۇيغۇرلارنىڭ باتىل ئەقىدە كىتاۋى بولغان "مايتىرى سىمىت"دىراممىسىدىمۇ "دۇنيانىڭ مەركىزى سۇمۇر تاغ" دەپ ئىنىق خاتىرلەنگەندۇر ،چۈنكى سۇمۇر تاغلىرى جايلاشقان بۇ ۋادىدا 9 ئۇيغۇرلارنىڭ ئورداكەندى ماكانلاشقان ئىدى، سۇمۇر-سەبە نامى بولسا يەھۇدىي دېنى، خىرستىيان دېنى، ۋە ئىسلام دېنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئورتاق ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان پىشىۋايى ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ ئانا مىللىتىنىڭ نامى ئىدى، ھالبۇكى ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام، ھەزرىتى داۋۇت ئەلەيھىسسالام، ھەزرىتى ئىسائەلەيھىسسالام،ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئورتاق يىراق ئەجدادى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يىراق ئەجدادى ياپەس ئەلەيھىسسالامدۇر، چۈنكى ياپەس ئەلەيھىسسالامنىڭ 9 تاشقى قەبىلىسىنىڭ تاشقى 3-قەبىلىسى دەل سامان-ساما-سەبە-سۇمۇرلاردۇر، ھالبۇكى ياپەس ئەلەيھىسسالاممۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ توپاندىن كىيىنكى 3- قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى،ئۇلار توپان بالاسىدىن كىيىنكى زامانلاردا بۈگۈنكى پامىر تاغلىرىنىڭ كەشمىر-قەشقەر ۋادىلىرىداياشىغاندۇر.

جانابى ئاللاھ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەنسۇپ بولغان قۇرەيىشلەرنىڭ ئانا مىللىتى سەبە قەۋمى ھەققىدە ئۇچۇر بىرىپ  6-سۇرە ئەنئامنىڭ 133-ئايىتىدەمۇنداق دەيدۇ:

پەرۋەردىگارىڭ(خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇخالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن)باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ [133].

يۇقارقى ئايەتتىن شۇ دەلىل سابىتتۇركى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەنسۇپ بولغان قۇرەيش ئەرەپلىرى  ئەسلىدىن ئەرەپ ئەمەس ئىدى. ئەرەپلەرمۇ شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى،ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى جۇرھۇملاردىن ئىدى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاممۇ جۇرھۇملاردىن ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەن ئىدى، چۈنكى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئانا تىلى سەبە تىلى ئىدى ، يۇقارقى 133نۇمۇرلۇق ئايەتتىكى 133 سانىدىن شۇ ئىشارەت باركى،  سەبەلەر 1 ئادەمنىڭ  ئەۋلادىدىن شەكىللەنگەن قەبىلە"ئاد"لارنىڭ ئىچىدىن كۆكلەپ چىققان 3- ئۇرۇق  سانالغان ياپەس ئەۋلادىنىڭ تاشقى 9 قەبىلىسىنىڭ ئىچىدىكى 3-قەبىلىسىدىن شەكىللەنگەندۇر. ئەمىلىيەتمۇ خۇددى شۇنداقتۇر، شۇڭا جانابى ئاللاھ بۇ تارىخنى قۇرئانى كەرىمدە مۇنداقمۇ بايان قىلىدۇ:

اﷲ نىڭ نېمىتىگەئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل(يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان،(پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ [58]. 19-سۈرە مەريەم .

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئانىسى باشقا ، دادىسى بىر قىرىنداشلاردۇر.

بۇ تارىخ زەبۇردا،تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئانى كەرىمدە ،شۇنداقلا قەدىم سۇمۇر مىق يازمىلىرىدا ھەمدە ھىندىلارنىڭ "ۋىدا"دەستۇرلىرىدا قىسمەن بايان قىلىنغاندۇر، ئەپسۇسكى قەدىم تارىخنى يورۇتۇپ بىرەلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بۇ دېنىي تارىخىي نۇقتا تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى بۈگۈنگىچە تارتالمىدى.چۈنكى ئۇلارغا ھەممە سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان جانابى ئاللاھتىنمۇ بىر تال تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ كەمتۈك بايانلىرى ئىشەنچىلىك!...توۋا!....

....................

............

باتىل سامان ئىلاھىنىڭ زېمىندىكى مۇئەككىلى قوي دەپ قارالغاندۇر ، باتىل ساما-سابا-شامال ئىلاھىنىڭ سىمۋولى يىشىل رەڭدۇر ، شۇڭىمۇ قەشقەر دوپپىلىرىنى "سامان-سەمەن" سۆزىنىڭ يىڭى تەلەپپۇزى بولغان"چۈ مەن" دوپپا دىيىلىدۇ ۋە رەڭگى يىشىلدۇر، يىشىللىقلارنىڭ يەلپۈنىشى بىلەن شامالنىڭ ھەركىتىنى كۆرگىلى بولاتتى،شۇڭا بۇ ئاي سۇمۇلەك-سۇمبۇلەك دەپمۇ ئاتالغان ۋە قىشتا ئۆي ئىچىدە مەخسۇس ئۆستۈرۈلگەن سۇمبۇل-يىشىللىقلارنى مۇشۇ ئاي ئۈچۈن تەييارلىشار ئىدى، مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى يۇرت خەلقى دالاغا چىقىپ باتىل كۈن تەڭرى "تالاش" ۋە  باتىل شامال ئىلاھى "ساباھ"قا ئاتاپ نەزرە چىراق ئۆتكۈزەر ئىدى،  3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەل-كۈن نور ئۇز تەبرىكلىشىنى تۈگۈتۈشۈپ، مەرھۇم روھ-ئەرۋاھلارغا ئاتاپ 40 كۈن چىراق يىقىشاتتى، چۈنكى قەدىمقىلارنىڭ چۈشەنچىسىچە ، "بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلار نۇرنىڭ ئۇزۇرىشىدىن خۇشال بولىدۇ،ئۇ دۇنياغا كەتكەنلەرنىڭمۇ نۇردىن ئايرىلىپ قاراڭغۇلۇقتىن قورۇنۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن

ئۇلارغا 9 چىراقنى 40كۈن يىقىپ نەزىر-چىراق بىرىپ ياغ پۇرۇتۇپ روھىغا ئاتاش مەرھۇملارنى خۇشال قىلىدۇ" دەپ ئىشىنەتتى، تىلىمىزدىكى "مەرھۇمنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيمەن"  دىگەن گەپ شۇندىن قالغان،بىزگە ھەق دىن كىرگەندىن كىيىن بۇ باتىل ئەقىدە ئارىمىزدا بۈگۈنگىچە خوتەندە "مازار سەيلىسى" شەكلىدە، يۇرتۇمدا "زاراخەتمە" شەكلىدە  ،تۇرپان تەرەپلەردە "قەۋرە سۈپۈرۈش"نامىدا ئىسلامىي يوپۇق يىپىپ داۋاملاشماقتا، بىز تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان نورۇز مۇشۇ باتىل بايرامنىڭ باشلىنىش كۈنىدۇر.

شۇنىسى ھەقىقەتكى ، بۇ تەرەپكە ساياھەتچى ساياقلاردىن بولغان جاڭچەن،بەنچاۋ، خۇيچاۋ ۋە تاڭشۇەنزاڭ كەلگەندىمۇ بۇ باتىل ئەقىدىلەر بۇ جايلاردا داۋاملىشىۋاتقان ئىدى، ھەتتا خەن سۇلالىسى دەل مۇشۇ 40 كۈنلۈك قىرقى مەۋسۇمىدا ھونلارنىڭ ھىچ ئىش قىلماي ئەرۋاھلار ئۈچۈن يىغا-زارە قىلىپ،نەزرە-چىراق بىرىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، تۇيقىسىز ھۇجۇم قىلىپ بۈيۈك ھون سەلتەنىتىنى تىرى-پىرەڭ قىلىۋەتكەن ئىدى، نەتىجىدە ھونلارنىڭ بىرقىسمى ياۋروپاغا قاچقان، يەنە بىر قىسمى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان، يەنە بىر قىسمى تارىم ۋادىسىغا كىلىپ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا"ئاخۇن" نامىنى قوشۇپ ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى،مۇشۇ زور ۋەقەگەسەۋەپ بولغان لەنەتگەردى كۈن دەل نورۇز ئىدى!...

بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ كۈننى ئۇلۇغلىشى ئىمانىغا  ھاقارەت قىلىشتۇر، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ مۇشۇ كۈننى ئۇلۇغلىشى مىللىتىگە ھاقارەت قىلىشتۇر!...

شۇ قىتىمدا خەنلەرگە ئەل بولغان ھونلارنىڭ خەنزۇلاشقان ئەۋلادى بولغان بۈگۈنكى ئىسمىنىڭ ئالدىغا "لىۇ" قوشۇلغانلار "قەۋرەسۈپۈرۈش"نى خەنزۇلارغا تارقاتسا كىرەك، ئۇلار بۇ كۈننى بۈگۈنگىچە "چوكانتال بايرىمى" دەپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

4-سەپەر قوشنىسى ، بۇ ئاي يامان كۆرۈلۈپ ئۆز نامى بىلەن ئاتالماي سەپەر ئايىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگىنى ئۈچۈن "سەپەر قوشنىسى" دەپ ئاتالغان،  قەدىمقىلار بۇ ئاينى شۇملۇقنىڭ،يىغا-زارىنىڭ 40 كۈنى ئۆتىدىغان ئاي بولۇشى سەۋەبىدە "شۇم ئاي" دەپ قاراشقاندۇر، تىلىمىزدىكى "كۆنەك" ياكى "قىرقى ئاي" مۇشۇ4-ئايدۇر، بۇ ئاي باتىل تۈن(كىچە) ئىلاھىنىڭ نامىدا "تۈن ئاي" دەپ ئاتالغان، بۇ ئاينىڭ مۇئەككىلى توشقان دەپ قارالغاندۇر ، باتىل كىچە ئىلاھىنىڭ سىمۋولى قارا كۆك رەڭدۇر،چۈنكى زەنگەر ئاسمان قارا تۈن بىلەن قوشۇلسا قارا كۆك رەڭ بولاتتى. كونا ئەقىدىدە نورۇز ئاخىرلاشقان 3-24 كۈنىدىن باشلاپ قىرىق كۈن مەرھۇملارغا ھازا ئېچىلىپ ،چىراق يىقىلىپ ،نەزىر بىرىلىپ ،قەۋرە سۈپۈرۈلەتتى، بۈگۈنكى قەۋرەسۈپۈرۈش ۋە ئىسلامچە پەردازلانغان زاراخەتمە  شۇ ئادەتتىندۇر، مەرھۇملارغا قارا كىيىم كيىپ ئاق رەختتە قارىلىق باغلىشىمىزمۇ شۇ ئادەتتىندۇر،تىلىمىزدىكى "قىرىق نەزرىسى"ۋە "قىرقى" سۆزى شۇ باتىللىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى داۋامىدۇر ۋە قاتتق بىدئەتتۇر .

5-بورە ئاي ، بۇ ئاي تارىختا بورە-بوھرا-باھرا-باھار دەپمۇ ئاتالغان، باتىل ئىت يۇلتۇز ئىلاھىنىڭ نامىدا ئاتالغان 5-ئايدۇر، بۇ ئاينىڭ مۇئەككىلى بۆرە دەپ قارالغاندۇر . تىلىمىزدىكى بۆرەم-بايرام سۆزى شۇندىن قالغاندۇر.

تىلىمىزدىكى"بورز-بورس-بارس-بوز-بەس-بەش" سۆزلىرى بۆرىنى ياكى 5-ئاينى بىلدۈرەتتى،باتىل يۇلتۇز ئىلاھىنىڭ سىمۋولى بوز رەڭدۇر ،بۈگۈنكى "مارس" دەپ ئاتالغان يۇلتۇز دەل شۇدۇر،. قەدىمدە ھەر يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ 5-ئاينىڭ4-كۈنىگىچە جەمئى 40 كۈن قىرقى بولاتتى، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قىرقى توشۇپ ياشلار بايرىمى بولغان  كۈنى قىز-يىگىتلەرنىڭ لايىق ئىزلەش-تىپىشىش كۈنى ئىدى ،بۇ بايرام بۈگۈنگىچە دۇنيانىڭ بەزى يەرلىرىد ەقىزلار بايرىمى، بەزى يەرلىرىدە ياشلار بايرىمى نامىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئەجدادىمىز يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ئەر-ئاياللارنىڭ بىرگە ياشىشىغا يول قويسا ، مەلۇم كۈنلىرىدە يول قويماس ئىدى، بۇ ئەقىدەنىڭ تارىخىي يىلتىزى بەك ئۇزۇن بولۇپ ئىسلامدىكى نامەھرەم قارىشىنىڭ يىلتىزى بىلەن تۇتاشقان ھالدا ئادەم ئاتا زامانلىرىدىكى ئىلاھىي ھۆكۈمدىن شەكىللەنگەندۇر،بىلىشىمچە 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپەس ئەۋلادىنىڭ جۈرە ئىزلەش مەۋسۇمى ئىدى، چۈنكى مۇشۇ مەۋسۇمدا چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلى قىلغان تاغ جىلغىلار ئارىسىداتارقاق ئولتۇراقلاشقان، ياكى دىخانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساسىي ئىگىلىك شەكلى قىلغان ئۈزۈك بوستانلىقلاردا تارقاق ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار ، بويىغا يەتكەن قىز-يىگىتلىرىنى بىرگە ئەگەشتۈرۈپ نورۇز ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلىشار ئىدى، ھەمدە جۇغراپىيەلىك كىلىمات سەۋەپلىك يۇرتىمىزدا كۆپلىگەن جانلىق مۇشۇ مەۋسۇمدا جۈپلىشەتتى ، شۇڭا ئەجداتلىرىمىزمۇ مۇشۇ كۈننى جۈپ ئىزلەش بايرىمى قىلسا كىرەك،بۇ ئادەت ياپەس كالىندارىنىڭ سۇمۇرلارئارقىلىق تارقىلىشى بىلەن دۇنياغا بىزدىن تارقالغاندۇر، بۈگۈنكى ياشلار بايرىمىنىڭ يىلتىزى ئەنە شۇ . مۇشۇ باھار ئايلىرىدا بىر-بىرىگە لايىق چۈشۈپ پۈتۈشكەنلەرگە9-ئايدا 40 كۈن توي بولاتتى، تويلاشقان بىر جۈپلەر 41-كۈنى رەسمىي ئەر-خوتۇن بولاتتى، ئاللاھ نىسىپ قىلغانلار ئاساسەن قورساق كۆتۈرۈپ  چىللە ئايدا تۇغاتتى، قەدىمدە چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن سوغۇق بولمىغان مۇشۇ پەسىل تاللانسا كىرەك؟..بۇئادەتلىرىمىز ئۇنتۇلغان بولسىمۇ تىلىمىزدىكى چىللە سۆزى شۇندىن قالغاندۇر، "سىن-چىن"دىمەك ئايال دىمەكتۇر، چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرى شىمال تەرەپتەجايلاشقىنى ئۈچۈن شىمالنى بىلدۈرىدىغان "سون-سىن-چىن" سۆزلىرى ياپەس ئەۋلادى تىلىدا ئايالنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ بولغان، "سىنگىل-سىڭىل"دىگەن سۆزدىكى "سىن" ۋە "سىن- سىنا"سۆزىنىڭ  تەتۈر ئوقۇلۇشى بولغان ، قىزلارنىڭ ئىسمى ئارقىسىغا قوشۇلۇپ كىلىدىغان "نىسا" ئاتالغۇسى ۋە ئەرەپچىدىكى"نىس-نىسا" سۆزى  شۇندىندۇر،ھەتتا خەنزۇچە ئايالنى بىلدۈرىدىغان"نۈ" سۆزىمۇ"سون-نوس-نو-نۈ" ئۆزگۈرىشىدە شەكىللەنگەندۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ يىلتىزى بىر بولغۇنىدەك تىلنىڭ يىلتىزىمۇ بىردۇر، ئەپسۇسكى ساددا مىللەتچىلەر بۇنى ئىنكارقىلىدۇ .

6-ئاي ئاي، باتىل شامان دىنىدىكى 6-ئىلاھ بولغان ئاي تەڭرى نامىدىن كەلگەن، تارىختا ئاي تەڭرىنى "ئاناگود-ئانا خۇد-ئاناخىت ،ناتىگەي، ئۇماي" دەپمۇ ئاتىغانمىز، "ئاناخىت"نامى بولسا ھاۋۋا ئانىمىزنىڭ ئەۋلادى ھاۋۋا ئانىمىزنى بۇرمىلاپ "ئانا ئىلاھ"مەنىسىدە "ئانا خۇدا" دەپ چوقۇنۇشتىن پەيدا بولغاندۇر،

شۇ باتىل ئەقىدىدە "بايتال"ئات بولسا ئاي تەڭرىنىڭ مۇئەككىلى دەپ قارالغان،"بايتال" دىمەك "قىزىل ئات" دىمەكتۇر، باتىل ئاي ئىلاھىنىڭ سىمۋولى ئال-قىزىل رەڭدۇر ،ئاياللارنىڭ قىزىل رەڭگە مەنسۇپ قىلىنىشى شۇ ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.تىلىمىزدىكى"ئايەم "سۆزى ۋە ئاياللارنى بىلدۈرىدىغان "ئايىم" سۆزى شۇندىن قالغاندۇر .

7-ھىيت ئاي، ھېيت سۆزى "ئېند" دىمەكتىن ئۆزگەرگەن،ھىيت ئاي بولسا 7-ئايدۇر، بۇ ئاينىڭ مۇئەككىلى قارا ئېيىغ دەپ قارالغان، باتىل يەر ئىلاھىنىڭ سىمۋولى قارا رەڭدۇر ،شۇڭا يەرنى"قاراتۇپراق" دەيمىز، قەدىمدە غەرپ تەرەپكە خان بولغانلارمۇ "قاراخان"دەپ ئاتىلاتتى، قاراخانىلەر سۇلالىسى ئورخۇن خانلىقىغا نىسبەتەن غەرپتە بولغاچقا قاراخانىيلەردەپ ئاتالغاندەك ، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى قەشقەرگە نىسبەتەن شەرقتە بولغاچقا"ئايخانىيلەر" دەپ ئاتالغان، كىيىنچە "ئايخان "نامى "ئورخۇن"غا ئۆزگۈرەپ كەتكەندۇر،"ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى" ياكى "ئايخان ئۇيغۇر خانلىقى" دىمەك "شەرىقى ئۇيغۇر خانلىقى" دىمەكتۇر، شۇڭلاشقا ئورخۇنلەرنىڭ قاغانلىرى "ئايخان" ياكى "ئەركىن" دەپ ئاتىلارئىدى. "قاراخانىيلەر ئۇيغۇر خانلىقى" بولسا دەل شۇلارنىڭ قارشىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى ئىدى!...تىخى "قاراخانىيلەر" دىگەن مۇشۇ نامنى"كۈچلۈك خان" دىگەن مەنادا شۇنداق ئاتالغان دەۋاتىمىز، مۇشۇ تارىخى ئىبارىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزنىنى توغرا تونۇمىغانلىقىمىز ئۈچۈن "مىلادىنىڭ840-يىلىدىن بۇرۇن تارىم ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار ياشىمىغان "دىگەن خاتا قاراش پەيدا بولدى،

ھدمدە "ئارخان(ئورخۇن)ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخان ئۇيغۇرلىرى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تائىپە" دەپ بايان قىلىندى. شۇنىسى ئىنىقكى، قەدىم ئۇيغۇر يازمىلىرىدا ئىزچىل ھالدا "ئورداخان"،"ئايخان" ۋە "قاراخان" دىگەن خان ئىسىملىرى زىكر ئىتىلگەندۇر،خان بار جايدا ئەل بولىدۇ، ئەل بار جايدا دۆلەت بولىدۇ، دۆلەت بار جايدا قەۋم بولىدۇ.

ئەفراسىياپ زامانلىرىغىچە  ياپەس ئەۋلادى 3 چوڭ مەمۇرىي رايۇنغا بۆلۈنۈپ ياشىغان، تارىم ۋادىسى ئۇنىڭ مەركىزى رايۇنى بولۇپ  قەشقەر ئۇنىڭ سىياسىي مەركىزى ئىدى، ئەفراسىياپ قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس ،بەلكى قەشقەر - ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، جۇغراپىيەۋىي ،تىجارىي،مەدەنىي،ئېلىم-پەن  نۇقتىسىدىكى مەركىزىدە بولغىنى ئۈچۈن قەشقەردە تۇرغان، شۇڭا قەدىم قەشقەر "ئوردۇكەند" دەپ ئاتالسا قەشقەرنىڭ قاغانلىرى "ئوردۇخان پاشايىم" دەپ ئاتالغان،"ئوردۇخان"لىرىمنىڭ تەسەررۇپىدا "ئوڭ قۇل خانلىق" ۋە "سول قول خانلىق" بولاتتى. ئوڭقول خانلىق جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن قەشقەرنىڭ شەرقىدە بولغاچقا "ئايخانلىق" دەپ ئاتالغان، ئاي خانلىقنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بۈگۈنكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ۋادىلىرى ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى بىپايان زىمىندۇر، سول قول خانلىقنى  بولسا "قاراخانلىق " دەپ ئاتىغاندۇر،قارا خانلىقنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بۈگۈنكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە پەنجاپ ۋادىلىرىدا ئىدى، ئەجدادىمىز شەرقنى "ئاي تەرەپ، غەرپنى يەر تەرەپ،مەركەزنى ئوردا-ئورتا " دەپ ئاتىشاتتى . ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ تاجاۋۇزى تۇرانىيەنىڭ يۇقارقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەندىزىسىنى پارچىلاپ يوق قىلىۋەتكەندۇر، بۇيۈك قۇرىغارىيەگە غەرپتىن يۇنانلارنىڭ شەرقتىن"چاڭ"لار ۋە خەنزۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن3 بۈيۈك بىرلىكتىن تۈزۇلگەن كىيىنچە تۇرانىيە دەپ ئاتالغان 9 ئۇيغۇرنىڭ 9 تاشقى قەبىلىسى 45 بەگلىككە بۆلۈنۈپ كەتكەن،ھەمدە ئاھالىنىڭ جەڭگىۋار قىسمى تۈرلۈك ئىھتىياجدىن شەرقكە ۋە غەرپكە كۆچكەندۇر، .جاڭچەن كۆرگەن غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكتىكى "80 مىڭ"چە ئاھالە شۇلارنىڭ 4 تەرەپكە كۆچەلمەي يۇرتىمىزدىكى دەريا ۋادىلىرىنىڭ يۇقۇرى ئىقىنلىرىغا  كۆچۈپ كىلىپ ماكانلاشقان  قىرى-سال ، بوۋاق-ئاجىزلىرىنىڭ ئەۋلادىدۇر.بىز شۇلاردىن كۆكلىگەنلەرمىز، شۇڭا يۇرتىمىز تارىخنى بۈگۈنكى بوستانلىقلار ئەتراپىدىكى خارابىلەرنى دەلىل قىلىپ بايان قىلىش ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ بىسىپ كىرگەن زامانلىرىدىن بۇرۇنقى زاماننى يورۇتالمايدۇ. قەدىم تارىخمىز تەكلىماكاننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدابىر-بىرىگە 50 كىلومىتىر ئارىلىقتىن پاراللىل ياندىشىپ غەرپتىن شەرقكە قاراپ ئاقىدىغان قەدىم سۇمۇر-ئۇيغۇرداس دەريالىرى ۋادىلىرىدا قۇم ئاستىدا ياتماقتا.ھالبۇكى بۈگۈنكى تارىم  دەرياسى بۇندىن 2350يىل بۇرۇنقى ئۇ زاماندا يوق ئىدى.

......................

..........

باتىل يەر ئىلاھىنىڭ ناملىرىدىن بولغان "ئىندىرا " ياكى "ئەرزۇھا" ياكى "ئەرزايىم"ياكى "قاراخان تەڭرى" دىگەن ئاتالغۇلار ئەنە شۇ باتىل يەر ئىلاھىنىڭ تارىخىي ناملىرىدىندۇر، تىلىمىزدىكى ئەيد-ھەيت سۆزى شۇندىن قالغاندۇر.  "قاراخان تەڭرى" ئوبرازى توپان بالاسىدىن بۇرۇن ئادەم ئەۋلادى چوقۇنغان 5 باتىل ئىلاھ " ۋەد، يەغۇس، يەئۇق،نەسىر، سۇۋائ"نىڭ باتىل ئېتىقاد رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى باتىل ئىلاھ بولغان "ۋەد"بۇتى ئاساسىدا شەكىللەنگەندۇر، بۇ بۇت ئوخشىمىغان تارىختا ئوخشىمىغان قەۋم تىلىدا پەرقلىق ھالدا يەرلىك شىۋىلەر بىلەن"ۋاد" ياكى "گاد" ياكى"خۇد" ياكى "مۇد" ياكى "بۇد" دەپمۇ ئاتالغان  بولۇپ، ئادەم ئاتامنىڭ ئوغلى بولغان قابىل تەرىپىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تەققاسلاپ چوقۇنغان "ئادەم-ئاد"  بۇتى ئاساسىدا ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ لايدىن"ئاد-ۋاد"بۇتىنى پەيدا قىلىۋىلىشتىن پەيدا بولغاندۇر، چۈنكى ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ ئادەم ئاتىنى لايدىن ياراتقانلىقىنى بىلىشەتتى، شۇڭلاشقا ئادەم ئاتىنى ياد ئېتىپ توپىدىن يۇغۇرۇلغان لايدا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇشتى، "ئاد" سۆزى كىيىنكى تەلەپپۇزلاردا"ئاد-ۋاد-ۋەد" دەپ تەلەپپۇز ئۆزگەرتكەندۇر، بىزنىڭ تىلىمىزدا  بۇ سۆز " ئاد-ۋاد-ماد-باد-بۇد-بۇت-پۇت"دەپ تەلەپپۇز ئۆزگەرتكەن، دۇنياۋىي 3 چوڭ دېننىڭ بىرى بولغان باتىل بۇددا دېنى دەل مۇشۇ "ۋەد" بۇتى نامىدا ئاتالغاندۇر.

بۇ ھەقتە شۇنى قىستۇرما قىلىش زۆرۈركى، تىلىمىزدىكى "تەڭرى"  سۆزى باتىل دىڭىز ئىلاھىنىڭ نامى "دون گود"ئاساسىدا شەكىللەنگەندۇر، شۇنداقلا تىلىمىزدىكى "خۇد-خۇدا" سۆزىمۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان ئاد قەۋمى چوقۇنغان باتىل "ۋەد" بۇتى ئاساسىدا شەكىللەنگەندۇر،"ۋەد" سۆزى باتىل  ۋەد بۇتىنىڭ نامى ئاساسىدا توپان بالاسىدىن ئامان قالغان ئىنساننىڭ تەپەككۈرىدە توپاندىن كىيىنمۇ ساقلاندى،ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بارا-بارا تەۋھىدتىن يىراقلاشقاندا "ۋەد" سۆزى ھەرقايسى قەۋملەرنىڭ باتىل ئېتىقادىنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى، ئىنگىلىزلاردىكى "گەد" سۆزى ئىلاھنى بىلدۈرۈش بىلەن "ۋەد-گەد" ئۆزگۈرۈشىدىن كەلگەندۇر، قەشقەر-خوتەندە"جۇۋا" دىگەن سۆزنى تۇرپاندا "جۇگا" دىگەندەك "ۋ" تاۋۇشىنىڭ"گ" تاۋۇشىغا ئالمىشىشى بىلەن "ۋەد" سۆزى ئىنگىلىزلاردا"گەد" بولغاندۇر،"د" تاۋۇشىنىڭ "ي" تاۋۇشىغا ئالمىشىشى بىلەن "گەد" سۆزى خەنزۇلاردا "ۋەد-گەد-گود-گۇي " غا ئالماشقاندۇر،خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دېنىنىڭ يادروسى جىن-ئەرۋاھلارغا يەنى "گۇي" غا چوقۇنۇشتۇر."گود-گۇي" بولسا دەل ئادەم ئاتىنىڭ قاتىل ئوغلى قابىل ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى چوقۇنغان "ۋەد" ئوبرازى ئاساسىدا كىلىپ چىققان ئىدى،جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

ئۇ سىلەرنى بىرجاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى ـئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى)ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن،(ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى اﷲ قا:«ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈرقىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى [189]. اﷲ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈپ (بۇتلارغا چوقۇندى)، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر [190]. ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ قا شېرىك كەلتۈرەمدۇ! [191]. ئۇنەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ[192].

سىز تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئىلىنغان ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بايانىنىڭ 190-ئايەتتە كىلىۋاتقانلىغىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟....ياپەس ئەۋلادى جانابى ئاللاھقا 9 باتىل ئىلاھنى شىرىك قىلدى، ھالبۇكى 190  سانىدىن شۇ ھىكمەت ئايانكى 1 ئاللاھقا شىرىك قىلىنغان 9 بۇت 0 گە ئايلانغۇسىدۇر!...

بۇلارنىڭ ئەۋلادى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈپ(بۇتلارغا چوقۇندى)، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر [190].

جانابى ئاللاھ  قۇرئانى مۇقەددەستىكى 9-سۈرە تەۋبىنى شۇڭا "بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم "دىگەن رەھمەت كەلىمىسى بىلەن باشلىمىغان بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى توپان بالاسىدىن بۇرۇنقى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئەۋلادى 1 ئاللاھقا 5 باتىل بۇتنى شىرىك قىلغان بولسا، توپاندىن كىيىنكى نوھ ئوغلى ياپەس ئەۋلادى 1 ئاللاھنى ئىنكار قىلىپ 9 باتىل بۇتقا چوقۇندى!....9-سۈرە جانابى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ مۇشرىكلەر بىلەن بولغان ئادا-جۇدالىق ئىلانىدۇركى،9-سۈرىنىڭ قۇرئانى كەرىم تەرتىۋىدە باشتىن سانىغاندا 9-سۈرە بولۇشى ياپەس ئەۋلادى چوقۇنغان 9 باتىل بۇتلۇق مۇشرىكلىققا ئىشارە قىلسا، ئاياغدىن سانىغاندا 105-سۈرە بولۇشى  ئادەم ئەۋلادى 1 ئاللاھقا شىرىك قىلىۋالغان "ۋەد، يەغۇس، يەئۇق، سۇۋائ، نەسىر"دىن ئىبارەت 5 باتىل بۇتلۇق مۇشرىكلىققا ئىشارە قىلماقتا!...

ئەجابا جانابى ئاللاھ مۇقەددەس كالامىدا ئاشۇ باتىل ئەقىدىلەر سەۋەبىدىن 9-سۈرىنىڭ نامىنى تەۋبە قويۇپلا قالماي، "بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم" دىن ئىبارەت ئىلاھىي رەھممەتنىڭ ۋەدىسىنى ئۇ سۈرىنىڭ بىشىدا زىكىر قىلمىغان تۇرسا  يەنە شۇ ھالدىمۇ "نورۇز"دىن ئىبارەت تاغۇتنى مۇسۇلماندارلىقتا بايرام دەپ تونۇغۇلۇقمۇ؟...

يۇقارقى ئايەتتىن شۇ ئىنىقكى "ئاد" قەۋمى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبىلىسى بولۇپ،ئۇلارنىڭ يىراق ئەجدادى دەل ئادەم ئاتىغا سىمۋول قىلىنغان "ئاد" بۇتىغا چوقۇنۇشنى پەيدا قىلغان قابىل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىدۇر ."ئاد" بۇتىنىڭ نامى كىيىنچە "ۋاد" دەپمۇ ئاتالغاندۇر .

تىلىمىزدىكى "گۇينىڭ بالىسى" دىگەن ئىبارىدىكى گۇي نىڭ يىلتىزىمۇ شۇ "ۋەد"دۇر، باتىل "ۋەد" ئىلاھىنىڭ نامى"ۋەد-گەد-گود(گۇي)-كۇد-قۇد-خۇد-خۇدا،ۋەد-مەد-مۇد-بۇد-بۇت-پۇت"ئۆزگۈرۈشىدە ئەرەپلەردە، ئىنگىلىزلاردا،پارىسلاردا،خەنزۇلاردا ۋە بىزدە ساقلانغان،"خۇدا" سۆزى پارىسلاردىن بىزگە كىرگەندۇر، تىلىمىزدىكى "ۋەدەلەشمەك"ئىبارىسىدىكى "ۋەد-ۋەدە" سۆزى شۇ "ۋەد" بۇتى نامىدىن كەلگەندۇر،"ۋەدەلەشمەك"نىڭ مەنىسى " ۋەد نى گۇۋاھ قىلىپ توختاملاشماق " دىگەن بولغاي ، نەئۇزۇبىللاھ!...

باتىل"ۋەد" بۇتىنىڭ بۈگۈنكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق باتىل ئىتىقاد مەركىزى بولۇپ قالغانلىقىدىن بىزگە يىتىدىغان بىردىن-بىر پايدىلىق تارىخىي ھەقىقەت، بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئەجدادىنىڭ دارۋىندىن چىققان مايمۇن ئەمەس ، بەلكى "ئاد-ۋەد"باتىل ئىلاھىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەۋلادى تەرىپىدىن سەۋەپ قىلىنغان زات -ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىر ئەجدادى ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت تارىخي ئۇچۇرنى بىزگە يەتكۈزگىنىدۇر .

بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئادەم توپىدىن يارالغان، شۇڭا "ئاد" دىمەكمۇ ئەسلىدىن توپا دىمەكتۇر، "ۋاد" دىمەكمۇ توپا دىمەكتۇر، خۇددى تىلىمىزدىكى "كەڭ ۋادا"، "ۋەتەن" ئىبارىسىدىكى "ۋادا" ۋە "ۋەت"دىمەك "توپا" دىمەك بولغاندەك ، بىز ۋەتەنسىزلەر شۇنىمۇ ئېنىق بىلىمىزكى،  توپىسىز ۋەتەننىڭ بولۇشى رىياللىق ئەمەس بەلكى ئوتۇپىيەدۇر.

"ماد-مادا-ماددا"دىمەكمۇ "توپا" دىمەكتۇر،چۈنكى ھەرقانداق ماددا توپىدىن چىقىدۇ، شۇڭا باشقا تىللاردا "ماتىريال، ماددا،ماترىك" سۆزلىرى پەيدا بولغان.

"باد-بۇد-بۇت-پۇت"دىمەكمۇ "توپا" دىمەكتۇر، بۈگۈن بىز "پۇت" دەپ ئاتىغان يول ماڭىدىغان ئەزايىمىز دەل تۇپراققا تىگىپ تۇرغىنى ئۈچۈنلا "پۇت" دەپ ئاتالغان، پۇت دىمەكمۇ "توپا" دىمەكتۇر،  "بۇت "سۆزى "بۇت-تۇب- توپ"  ئۆزگۈرۈشلىرىدە "توپا" بولغاندۇركى،باتىل ئىتىقات ئوبىكتى بولغان "بۇت"مۇ ئەزەلدىن توپىدىن ياسىلاتتى، "بۇت"سۆزىنىڭ "تۇب" سۆزىگە ئالمىشىپ قىلىشى بىلەن "تۇبراق-تۇپراق-تورپاق-تۇرابا-تۇبا-توپا"سۆزلىرى پەيدا بولغاندەك، "توپا" سۆزىدىكى "پا"  بوغۇمىنىڭ چۈشۈپ قىلىشى بىلەن خەنزۇچىدىكى توپىنى بىلدۈرىدىغان "تۇ" سۆزى پەيدا بولغان.

قەدىمدە يەرنى بىلدۈرىدىغان "ئېند'"سۆزى ئاساسىدا پەيدا بولغان "ئەردى"سۆزىنىڭ  بىشىدىكى "ئەر"سۆزىگە"ي" تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن "يەردى"سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى"دې" بوغۇمىنىڭ چۈشۈپ قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى"يەر" سۆزى پەيدا بولغاندەك، "ئەردى" سۆزىنىڭ بىشىدىكى"ئەر" بوغۇمىنىڭ چۈشۈپ قىلىشى بىلەن"دې" غا ئۆزگۈرۈشىدىن خەنزۇچىدىكى"دى-يەر"سۆزى پەيدا بولغان، ئەرەپچىدىكى"تۇرابا"ۋە ئۆزبەكچىدىكى"تۇرپاق" سۆزىمۇ "توب" سۆزىدىن پەيدا بولغان. شۇنداقلا ئىنگىلىزچىدىكى "Erth" سۆزى ۋە ئەرەپچىدىكى "ئەرز " سۆزىمۇ "ئېند"سۆزىنىڭ "ئىند-ئىنز-ئىيز-ئېرز-ئەرز" ئۆزگۈرۈشلىرىدە تەلەپپۇز قىلىنىشدىن پەيدا بولغان،"ئىند-ئىنس" دىمەك "يەر" ياكى "توپا"دىمەكتۇر،شۇڭا "ئادەم" دىگەن سۆزىنى يەنە "ئىنس ، ئىنسان" دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىمىز، "ئىنس" سۆزىگە قوشۇلۇپ ئادەمنى بىلدۈرىدىغان "ئىنسان"سۆزىنىڭ ئاياغ قوشۇمچىسى بولغان "ئان" دىمەك "ئانا" دىگەن بولغاي،"ئىند ئان-ئىنز ئان-ئىنس ئان-ئىنسان-ئىنسانا" دىگەننىڭ مەنىسى"ئانىسى توپا" دىگەن بولغايكى، بۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا "ئىنساننىڭ ئانىس ىمايمۇن" دىگەن سەپسەتىگە قارشى كۈچلۈك دەلىلدۇر ، چۈنكى دارۋىن كۆتىگە مۇشلاپلا كۆتۈرۈپ چىققان ئاتالمىش "مايمۇنسىمان ئادەم"نىڭ  كىيىنكىلەر تاپقان ئەسلىسى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان باش سۆڭىكىنىڭ گەج قاتمىسى پەيدا بولۇشتىنمۇ ناھايىتى بۇرۇنلا بۇ سۆز ئىنسانىيەتنىڭ زۇۋانىدا بار ئىدى.

بىزنىڭ يىراقتارىخمىز توپان بالاسىدا سۇ ئاستىدا ياكى تەكلىماكاندا قۇم ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، لىكىن يىراق تارىخمىزنى بىزگە سۆزلەپ بىرەلەيدىغان ئانا تىلىمىز – ياپەس زۇۋانى بىز بىلەن  بۈگۈنگىچە ياشاۋاتىدۇ، شۇغىنىسى بىز ئانا تىلنى ئەسلى مەناسىدا چۈشۈنىشتىن يىراق ھالدا ، ئېڭىمىزغا ئانا تىلدىن سىڭىپ كەتكەن ئابىستىراكىتلاشقان مەنىلەرنىلا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن تىرمىن سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىمىز،ئانا تىلنى ياپەس دەۋرىدىكى مەنىسى بىلەن سۆزلىتىشنى بىلەلىسەكلا يوقالغان يىراق قەدىم تارىخمىزنى تاپالايمىز!...

شۇنىسى ئەمىلىيەتكى، بۇ تىلنى يىراق تارىخىي مەنا قاتلاملىرى بىلەن چۈشىنەلىگەنلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرتىلى دۇنيانىڭ يوقالغان تارىخىي ھۆججىتىدۇر!...

ئۇيغۇر تىلى قامۇس تىل، ئۇيغۇر تىلى ئىنسانىيەتنىڭ يىراق ئەجدادىغا تۇتاشقان ئەڭ ئىپتىدائىي تىل،ئۇيغۇر تىلى دۇنيانىڭ يىراق كەلگۈسىگىمۇ يىتىپ بارالايدىغان ئۆمرى ئۇزۇن پاساھەتلىك تىل،ئىنشائاللاھ........

شۇنى كەسكىن بايان قىلىش ئىمانىي بۇرچۇمكى،جانابى ئاللاھنى "تەڭرى، ۋەد،خۇدا، گود-گۇي، قۇت،مۇت-بۇت-پۇت-پو.." دەپ ئاتاش مۇشرىكلىقتۇر،باتىلدۇر، قۇرئانى كەرىمدە جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن:

اﷲ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، اﷲ نى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، اﷲ نىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ [180].

7-سۈرەئەئراف  .

جانابى ئاللاھنىڭ99 ئىسمى-سۈپىتى بىزگە شەرئىي دەلىل بىلەن يەتكەن، ئۇندىن باشقا نامدا جانابى ئاللاھنى چاقىرىش يۇقارقى ئايەت ھۆكمى بىلەن ھالال بولمايدۇ .

8-چىللە ئاي. باتىل دېڭىز ئىلاھى "دون" نىڭ نامىدا "دون ئاي" دەپ ئاتىلىشتىن بۇسۆز تەلەپپۇز ئۆزگەرتىپ بارا-بارا "دون ئاي-زون ئار-سون ئار-سونرا-سونلا-چونلا-چىنلە-چىللە"دەپ ئاتىلىشتىن بىزگە يەتكەن، باتىل "دون ئىلاھى"  مەنىسىدە "دونگۇد" دەپ ئاتىلىشتىن بارا-بارا "تونگۇز"نامى كىلىپ چىققان ، "تونگۇز" باتىل دون ئىلاھىنىڭ يەدىكى مۇئەككىلى دەپ قارالغان،قەدىم يۇنانلاردىمۇ باتىل دىڭىز ئىلاھىنىڭ نامى "پوسىدون" دىيىلەر ئدى. بۇندىن 5 مىڭ يىللار بۇرۇنلا سۇمۇرلارنىڭ بىر ئىلاھىنىڭ نامى "دىنگىر " دەپ ئاتىلاتتى، "دىنگىر"سۆزى ئۇزۇن تارىخ جەيانىدا بىزدە "دون گود(دون گۇز-تونگۇز)-دونگىد-دىنگىي-دىنگىر-تىنگىر-تىڭىر-تەڭىر-تەڭرى"تەلەپپۇزلىرىدا ئاتالغان. باتىل دىنگىز-دىڭىز ئىلاھىنىڭ سىمۋولى سۈر رەڭ-يەنى كۈل بولغىنىدەك،ياۋا تونگۇزنىڭ رەڭگىمۇ  سۈر رەڭ-يەنى كۈل رەڭدۇر،ھەتتا تۇرپاندىن تىپىلغان 12 مۆچەلنىڭ ھەيكىلى ئىچىدىكى تونگۇزنىڭ رەڭگىمۇ كۈلرەڭدۇر .ئەجدادىمىز باتىل دېنىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ بۇرۇن رەڭلەرنى تەڭشەشنى كەشىپ قىلغاندۇر، مىڭ ئۆيلەردىكى سىزمىلارغا ئىشلىتىلگەن بوياقلار شۇنىڭ قالدۇقلىرىدىندۇر.

قەدىمدە قىزلارنىڭ تويى بولۇپ قىرىقىنچى كۈنى چىللاق تويى بولاتتى ،تىلىمىزدىكى چىللە-چىللاق سۆزى شۇندىن قالغاندۇر، چىللە ئاي، دۈن ئاي-ئاياللارغا خاسلانغان ئايدۇر، قەدىمدە توي9-ئايدا قىلىناتتى. 9-ئايدا تويى بولغانلار 41-كۈنى بىر ئۆيگە كىرەتتى، شۇڭا ئاياللار كۆپىنچە 7-ئاينىڭ ئايىغىدا، 8-ئايدا تۇغاتتى ۋە مۇشۇ چىللە  ئايدا چىللىدىن چىقاتتى، شۇڭا 8-ئاينى "چىنلە"  ياكى "چىللە ئاي" دەپ ئاتىغان، قەدىم باتىل ئېتىقادقا كۆرە ئاياللار مۇشۇ ئايدا تۇغۇپ 40 كۈن تالاغا چىقماي ۋەبالىسىنىمۇ سىرتتىن بىرسىگە كۆرسەتمەي باقاتتى ، تىلىمىزدىكى "چىللە بۇراپ كەتمەك" ئىبارىسى شۇندىن قالغاندۇر،چۈنكى شۇ ئايدا ئاياللار تۇغاتتى ۋە قىرىق كۈن چىللە تۇتۇپ سىرتقا چىقماي يۇيۇنماي يۈرگەچكە تەرلەپ سىسىق پۇرايتتى. 41-كۈنى چىللىسى توشۇپ يۇيۇناتتى ۋە بالىنىڭ چىچى ئىلىناتتى، بالىنىڭ شۇ چېچى "قىرقى چېچى" دەپ ئاتىلاتتى، چوكان قىرىق بىرىنچى كۈنى ئېرىنىڭ سوۋغاتلىرى بىلەن ئەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ باراتتى، بۈگۈنگىچە ساقلانغان قەدىم ئادەتلىرىمىزنىڭ قالدۇقلىرىغا قارىغاندا ، قەدىمدە چىللىدىن چىققانلارغا "چىللە ئېشى"بىرىدىغان ئادەتمۇ بولسا كىرەك .

9-داي ئاي ، تالاش ئاي، "تالاش"دىمەك باتىل قۇياش ئىلاھىنىڭ قەدىم نامى "دايس" سۆزىدىن كەلگەن، باتىل قۇياش ئىلاھىنىڭ مۇئەككىلى خوراز(توخۇ) دەپ قارالغان،چۈنكى خوراز ھەر سەھەردە قۇياشنى چىللايتتى، لاتىن تىلىدا بىر سائەت دىگەننى بىلدۈرىدىغان ئىبارىدىكى "سائەت"نى"ھوراز " دىسە ،ئىنگىلىزلار "ھورز" دەيدۇ،بىزدە مەلۇم ۋاقىتتاچىللايدىغان ئەركەك توخۇنى "ھوراز –خوراز" دەيمىزكەن ،ئەمىلىيەتتە شۇ ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى قۇياشنى مەنبە قىلىپ پەيدا بولغاندۇر، باتىل قۇياش ئىلاھىنىڭ سىمۋولى سېرق رەڭدۇر ، شۇ سەۋەپتىن قەدىمدىن باشلاپ پادىشاھلار سېرق رەڭنى ئۇلۇغلاپ ئۆزىگە خاس قىلىشىۋالغاندۇر، چۈنكى پادىشاھلار ئۆزىنى "كۈن تەڭرىنىڭ بالىسىمىز "دەپ جۆيلۈشەر ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاممۇ مۇشۇ باتىل قاراشلارغا رەددىيە بولسۇن دەپ ئۈممىتىگە سېرق رەڭدە كىيىم كەيمەكنى چەكلىگەندۇر، تالاش ئايدا قىز-يىگىتلەر 40 كىچە-كۈندۈز مەشرەپ ئويناپ تويلىشاتتى،قىرىق بىرىنچى كۈنى نىكاھى ئوقۇلۇپ بىر ياستۇققا باش قوياتتى، قەدىم چۆچەكلىرىمىزدە "قىرىق كىچە-كۈندۈز تويى بولغانلىق " تەسۋىرىنىڭ بولۇشى شۇندىندۇر، شۇڭا بىرجۈپلەرنىڭ بۇ كۈنى شۇ ئاينىڭ نامىدا "داي" ياكى "تاي"دەپ ئاتالغان، "داي" سۆزى كىيىنچە "داي-تاي-توي" دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان.

مۇشۇ ئايدا يەنە دۆلەت تەۋەسىدە قۇرۇلتاي چاقىرىلاتتى، "قۇرۇلتاي" دىمەك يىڭى بىر سىياسەتنىڭ قۇرۇلىدىغان دايى-كۈنى دىمەكتۇر، "داي" سۆزى ئىنگىلىزچىدا "كۈن"نىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ قالماستىن ئۇيغۇرچىدىمۇ شۇنداقتۇر، "دايىم كىچىكەمسىز؟..."دىگەن ئۇيغۇرچە جۈملىدە كەلگەن "دايىم" دىگەن سۆز "كۈن"مەناسىدا دۇر، ئىنگىلىزلار بىزدىكى "دايىم " سۆزىگە مەنىداش ۋە تەلەپپۇزداش"( time)- تايىم " سۆزى بىلەن بۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ مەناسىمۇ ۋاقىتنى ھىساپلاشقا ئاساس بولغان داي-قۇياشتىن كەلگەندۇر.

"كالىندار"سۆزىمۇ ئۇيغۇرلاردىن سۇمۇرلار ئارقىلىق ئادنان ئەرەپلىرىگە ،ئۇلاردىن رىم-يۇنانلارغا، ئۇلاردىن ياۋروپاغا، ئۇلاردىن پۈتۈن دۇنياغا تارالغان، ئۇيغۇرلار نىستورىيان دېنى بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن بارا-بارا 9 لۇق ياپەس كالىندايى ئورنىغا ياپەس كالىندايىدىن ئۆزگەرگەن گىرگۇرىيان كالىندارىنى ئىشلەتكەن ۋە بىر يىلنى 12ئايغا، بىر ئاينى 31-30 كۈنگە،بىر ھەپتىنى 7 كۈنگە ھىساپلايدىغان بولۇشقان، مۇشۇ زامانلاردىن كىيىن بارا-بارا مۆچەلمۇ 9 دىن كۆپىيىپ 12 بولغان، ئايلارمۇ 9 دىن كۆپىيىپ 12 بولغان،مۇقاممۇ 9 دىن كۆپىيىپ 12 بولغاندۇر، كىيىن ھىجىرىيە كالىندارىنى قاراخانىيلەر، جۇلىيان كالىندارىنى ئىدىقۇتلار، 9 ئۇيغۇر كالىندارىنى ئورخۇنلۇقلار ئىشلەتكەن ۋە بارا-بارا يۇرتىمىز ئىسلام بىلەن بىرلەشكەندىن كىيىن ھىجىرىيە كالىندارىنى ئاساس مىلادىيە كالىندارىنى قوشۇمچە ئىشلىتىدىغان بولغان، ھازىر بولسا مىلادىيە كالىندارىنى ئاساس ھىجىرىيە كالىندارىنى قوشۇمچە ئىشلىتىۋاتىمىز .

"كالىندار" سۆزىنىڭ مەناسى "كالىن داي-كىلىدىغان كۈن"دىمەكتۇر، ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە  ياتلىق بولۇپ كەلگەن قىزنىڭ نامىدىكى "كالىن" ياكى "كىلىن" سۆزى بىلەن يىلتىزداش بۇ سۆزگە "داي-كۈن" سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كالىنداي سۆزى ياسالغان، بۈگۈنمۇ بۇ سۆزنى بىز تەرەپلەردە زاغرا تىلدا "كالىنداي" دەپ قويىمىز، كالىنداينى كەشىپ قىلغان ياپەس ئەۋلادى بولغاچقا بۇ ناممۇ شۇلارنىڭ ئاتىغىنى بويىچە "كالىن داي" تەلەپپۇزىدا دۇنياغا بىزدىن تارقالغاندۇر .

بۈگۈنكى دۇنيادا ئورتاق قوللۇنۇۋاتقان 9 لۇق ساناق ساننى ئىلىم دۇنياسى "ئەرەپ رەقىمى" دەپ ئاتايدۇ، ھالبۇكى ئەرەپ رەقىمى دۇنياغا ياۋروپادىن، ياۋروپاغا يۇنانلاردىن، يۇنانلارغا ئەرەپلەردىن،ئەرەپلەرگە ھىندىلاردىن، ھىندىلارغا ئۇيغۇرلاردىن تارقالغاندۇر . ئۇيغۇر تارىخىنى ، بولۇپمۇ بۇندىن 2300 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر تارىخنى تەتقىق قىلماقچى بولغانلار ، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئۈگەنگۈچى بالا مىللەت ئۇيغۇرلار سۈپىتىدەئەمەس، بەلكى قەدىمقى مەدەنىيەت ئۈگەتكۈچى بوۋا مىللەت 9 ئۇيغۇرلار سۈپىتىدە تونۇماقلىرى كىرەك!...

ئەنە شۇ بۇندىن كەم دىگەندە 12 مىڭ يىل بۇرۇندىن تاكى 2 مىڭ بۇرۇنقى زامانلارغىچە ئارىمىزدا تولۇق ئىشلىتىلگەن ۋە دۇنياغا بىزدىن تارالغان كالىندارىمىزدۇر، بۇ كالىندارىمىز تاكى خىرىستىيان دېنى يىپەك يولى ئارقىلىق سوغدىلاردىن تۇرپانغا يىتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا يۇرتىمىزدا ئىشلىتىلگەن، تاكى نىستورىيان دىنى بىزگە يەتكەندىن كىيىن ئاندىن بىزلەر بىر يىلنى 12 ئايغا ، بىر ھەپتىنى 7 كۈنگە بۆلۈدىغان بولغانمىز، ئەپسۇسكى بۇ ھەقتە ئازغىنا پارچە-پۇرات يازمىلاردىن تاشقىرى ، قەدىم تارىخمىزغا تۇتاشقان ئۆرپى-ئادەتلىرىمزدىن باشقا ئۇچۇر ساقلانمىغان.

قەدىم ئۇيغۇر كالىندارىدا بىر يىل 324 كۈنبولغان، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى دەل بىر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى، بىر يىلدا 40 تۈن بولغان، 9 يىلنى  بىر قەرنە ھىساپلىغان،بىر قەرنە 81 يىلغا تەڭ ئىدى، ھەر 9 يىلدا بىر قىتىم مۆچەل چۆرگىلەپ تۇرغان، مۇشۇ چۆرگىلەشنى "بىر دەۋرى مۆچەل" دىيىشكەن،يۇرتىمىزدا ھازىرمۇ تۇغۇلغان يىلىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ھىساپلايدۇ، بىراۋ توخۇ يىلىدا تۇغۇلغان بولسا يەنە بىر توخۇيىلى كەلسە "يىلىم كەلدى" دەيدۇ، ۋە 5 توخا يىلىنى كۈتۈۋۈلسا 60 ياشقا كىرگەن بولىدۇ، ئەمما بۇرۇنقى ھىساپتا 5 تۇغۇلغان يىلىنى كۈتۈۋالسا 45 ياشقا كىرەتتى، قەدىمدە ھەر 9 ئاينىڭ بىر دەۋر قىلىشى بىر يىل دەپ ئايرىلاتتى، بىرمۆچەلدە 9 ھايۋان مۇئەككەل بولغان 9  ئاي بولاتتى،بىرمۆچەلنى 12 ھايۋاننىڭ نامىدا  12 يىل ئاتاش نىستورىيانلىقتىن كىيىنكى يىڭىلىقتۇر، شۇ زاماندا 9 ئايلىق ئۇيغۇر كالىندارى 12ئايلىق جۇلىيان كالىندارىغا ئورۇن بوشاتقان ۋە قەدىم 9 مۆچىلىمىزمۇ يىڭىلىققاماسلىشىپ 12 بولغاندۇر.12 مۇقاممۇ قەدىمدە 9 مۇقام ئىدى، ھەر بىر مۇقام بىر باتىل بۇت ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان قەسىدە توپلىمى ئىدى، مەسىلەن:

1-  بايات مۇقامى جىم تۇرغان باتىل بۇلۇت ئىلاھى بايات ئۈچۈن ئوقۇلسا،چەببايات مۇقامى (چاپ بۇلۇت) چىپىپ كىتىۋاتقان باتىل بۇلۇت-بايات ئىلاھى ئۈچۈن ئوقۇلاتتى.

2-دوگاھ مۇقامى باتىل 2-ئىلاھ دو گاد-چاقماق ئىلاھى ئۈچۈن ئوقۇلاتتى.

3-ئۇزال مۇقامى باتىل ساما ئىلاھىغا ئوقۇلاتتى.

4-چارىگاھ مۇقامى باتىل تۈن-كىچە ئىلاھىغا ئوقۇلاتتى .

5-پەنجىگاھ مۇقامى باتىل بۆرە ئىلاھىغا ئوقۇلاتتى، پەنجەگاھ دىمەكمۇ "پەنجگاد" دىمەككى "5-ئىلاھ"دىمەكتۇر.

6-ئەجەم مۇقامى ئايەم ئىلاھى ئۈچۈن ئوقۇلاتتى، ئايەم دىمەك بىلەن ئەجەم دىمەك بىر گەپ بولۇپ "ئايىم-ئاي" دىمەكتۇر، تۈركىي تىلدا "ي" تاۋۇشى "ج" بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،ئەجەملەر ئەرەپلەرنىڭ ئىران(ئارىيان)لارنى ئاتىشىدۇر، ھالبۇكى ئىرانلار بۇندىن 4 مىڭ يىلبۇرۇن يۈز بەرگەن ئىران-تۇران سوقۇشىدا بۈگۈنكى ئىرانغا كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەردىندۇر،ئۇلار ياپەس ئەلەيھىسسالامنىڭ 6-تاشقى قەبىلىسى بولغان ئايرىلاردىندۇر.

7-ئىراق مۇقامى بولسا باتىل يەر ئىلاھى(ئېيىغ ئىلاھى) ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ .

8-سىيگاھ مۇقامى،ئۇلۇقدۇر ياكى دۇن مۇقامى  دەپمۇ ئاتالغاندۇر، "سىيگاھ"دىمەك ئىنگىلىزچىدىكى Sea God  دىگەن سۆز بىلەن يىلتىزداش ۋە مەنىداش شۇنداقلا تەلەپپۇزداش بولۇپ "دېڭىز ئىلاھى" دىمەكتۇر، سىيگاھ بولسا قەدىم تىلىمىزدىكى "دون گود" ئاتالغۇسىدىن تەلەپپۇز ئۆزگەرتىپ پەيدا بولغان يىڭى تەلەپپۇزىدۇر، ئىنگىلىزچىدا دېڭىزنى "Sea' دىگەندەك بىزدىمۇ سۇنى"زەي-سەي" دەپ ئاتاشلار بار، مىسال: زەيكەش، سەيلى،سەينىگ، سەل...دىگەن سۆزنىڭ يىلتىزى “سۇ “دىمەكتۇر، سەيگاھ مۇقامى باتىل دۇن-دىنگىز ئىلاھى ئۈچۈن ئوقۇلاتتى.

9-راك مۇقامى بولسا تارىختا"دايك-داك-ياك-راك" دەپ ئاتالغان باتىل قۇياش ئىلاھىغا ئوقۇلاتتى، راك مۇقامىنىڭ "مۇشاۋراك" دەپ بىر تارمىقىمۇ بولۇپ "مۇشاۋراك"دىمەك "مەشرەپ راك-راكنىڭ مەشرىپى" دىمەكتۇر .

"مۇقام" دىمەك قانداقتۇ ئەرەپچە "ماقەۋمە" دىگەن سۆزمۇ ئەمەس، ۋە يەنە قانداقتۇ زورلاپ "مۇ قام "دىيىلىدىغان قەدىم "مۇ" لارنىڭ "قام"ىمۇ ئەمەس،بەلكى 9 ئۇيغۇرنىڭ باتىل 9 ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى ئاساسىدا تارىختا "ئادەم-ۋادەم-مادەم-ماتام-ماچام-ماكام-ماقام-مۇقام" دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشلاردا بۈگۈنكى نامى شەكىللەنگەن باتىل دېنىي قەسىدە-مۇزىكا توپلىمىنىڭ بۈگۈنكى ساپ ئۇيغۇرچە نامىدۇر، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەم ئاتىنىڭ نامى ئاساسىدىكى "ۋەد "بۇتى ئاساسىدا پەيدا بولغاندۇر. شۇنىسى ئېنىقكى قەدىمىي مۇقام تىكىستلىرى دېنىي مەزمۇنلاردا ئىدى، ئاماننىساخان دەۋرلىرىدە قايتا رەتلىنىپ تىكىس كىرىشتۈرۈلگەندۇر، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇقاملار ياپەس ئەۋلادىنىڭ 4 تەرەپكە كۆچۈشى بىلەن  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا"كۆچكەن"دۇر .

نىمە ئۈچۈن بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن بار بولغان "بۆرەگەچوقۇنۇش"ئورتاقلىقى، " مۇقام" ئورتاقلىقى،" باتىل ئىلاھ"ئورتاقلىقى، "9لۇق تەپەككۈر " ئورتاقلىقى، ۋە دۇنيانىڭ باشقا يىرىگە مۇز دەۋرىدىن كىيىنلا كۆچۈپ كەتكەن مىللەتلەر دىيىلگەنلەر بىلەنمۇ  ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇن " ئۆرپى-ئادەت"ئورتاقلىقى ، سۆزلۈك ئورتاقلىقى ساقلىنىدۇ؟....دۇنيا ئاقىللىرى بۇ ھەقتە يەنىمۇ چۇڭقۇرراق ئويلىنالىسا چوقۇمكى بۇ ئورتاقلىقلارنىڭ تىگىدە كۆمۈلۈپ ياتقان يىراق ئەجدادىنىڭ نەسەپنامىسىنى بايقايدۇ .

......................................................................

.....................

قەدىمدە بىر يىل 324 كۈن ۋە 40 تۈن(قىرقى)ھىساپلىناتتى،  بىر ئاي 30 كۈن ھىساپلىنىش بىلەن بىرگە يەنە 27 ئايدىڭ كۈن، 3 قاراڭغۇ تۈنگە بۆلۈنەتتى، بىر ئايدىكى27 ئايدىڭ كۈننىڭ دەسلەپكى 9 كۈنىنى ئاي بىشى ،ئوتتۇرىدىكى 9 كۈنىنى ئاي ئۇتتۇرى ، ئايىغىدىكى 9 كۈنىنى ئاي ئاخىرى دەپ 3 كە بۆلۈنگەن.ئەجدادىمىز بىر يىلدىكى 9 ئايدا كىلىدىغان جەمئى 243 كۈننى يىلنىڭ نورمال تىرىكچىلىك كۈنلىرى ھىساپلىشاتتى ، بايات ئايدىن كىيىنكى 3 ئاينىڭ 81 كۈنى ئۆتكەندە 40 كۈن قىرقى كىلەتتى، باھار ئايدىن كىيىنكى 3 ئاينىڭ 81 كۈنى ئۆتكەندە 40 كۈن چىللە كىلەتتى،تالاش ئايدىن كىيىن كىلىدىغان40 كۈننى "توي"  دەپ ھىساپلىشاتتى ۋە شۇنىڭغا لايىق باتىل دېنىي تۈس ئالغان تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزەتتى، شۇنداق بولغاندا 9 ئۇيغۇر كالىندارىدا بىر يىلدا 243 كۈن،  40 تۈن(قىرقى) ياكى مەرھۇملار كۈنى، 40 چىللە كۈن-ياكى ئاياللار كۈنى ياكى ئادەت كۈنى، 40 توي – بىرجۈپلەرنىڭ تويلىشىش كۈنى ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلتاي كۈنى ، 1 يىل بىشى بولۇپ جەمئى 364 كۈن بولغان بولىدۇ.

بىز بۈگۈن دەتالاش قىلىۋاتقان نورۇز بولسا بىر يىلدىكى 243 كۈن ۋە 40 چىللە، 40توي بولۇپ جەمئى  323 كۈننىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا 2 كۈن قالغان3-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىناتتى، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. نورۇزنىڭ3-كۈنى يىڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى بولۇش سۈپىتىدە "يىل بىشى" دەپ ئاتىلاتتى.

نورۇز ئەزەلدىن باتىل 9بۇتلۇق شامان دىنىدىكى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تەييارلىق قىلىنىدىغان، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخىرلىشىدىغان باتىل يورۇقلۇق ئىلاھى قۇياشنىڭ باتىل قاراڭغۇلۇق ئىلاھى تۈننىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىدىغان كۈنىدە يەنى "نۇر ئۇز " كۈنىدە ئۆتكۈزىلىدىغان باتىل دېنىي بايرامدۇر!...

نورۇزنى ھالال ساناش كۇپردۇر!...

نورۇز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئەمەس بەلكى بۇتپەرەسلەرنىڭ ۋە بۇتپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمىدۇر!...

ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنى ئۆتكۈزسە بولىۋىرىدۇ، ئەمما ئىسلام ئىچىدە تۇرۇپ ئەمەس ، چۈنكى ئىسلام ھىچقاچاندا تەۋھىدتىن باشقا بىر نەرسىنى دېن دەپ تونۇمىغان!....ئاللاھۇ ئەكبەر .

4 تەرەپتىن تۈرلۈك كىرىزىس ۋە تەھدىت ئوراپ تۇرغان بۇ مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرالىشىدا ئىسلام دېنىلا ئەڭ بۈيۈك قوغدىغۇچى مەدەنىيەت قورغانىدۇر، ھالبۇكى بىزنى تەۋھىدنىڭ قارشىسىدىكى باتىل ئەقىدىلەرلا  تەۋھىدتىن شىرىككە چىللايدۇ،شۇنداقلا باتىل ئەقىدىلەرلا بىزنى ھالاك قىلىدۇ، نورۇزنى قوبۇل قىلىش كىرەك بولغىنىدا ئۇنى "بايرام  كۈنلىرى" دەپ ئەمەس بەلكى "ماتەم سىگنالى" دەپ تونۇپ قوبۇل قىلىش كىرەك!..

نورۇزغا سالاچىلىق قىلىۋاتقانلار ئۆزىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرىدىغان قىڭراقنى بىلەۋاتقانلاردۇر!...

شۇنىسى ئىنىقكى، ئۇيغۇرلارئىسلامدا بولمىغان بولسا ،ھىندى ۋە خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت تەھلىكىسى ئارىسىدا بۇددا ئەقىدىسىدە ئاللىقاچان يوق بولغان بولاتتى، ھىندىلارغا ئۇيغۇرلاردىن سىڭىپ كەتكەن ئىنسان توپىدىن "ساك-سىك –شىك" لار ۋە خەنزۇلارغا ئۇيغۇرلاردىن سىڭىپ كەتكەن چاخار، ھون، سارىق ئۇيغۇرلار شۇنىڭ سەلبى تارىخىي دەلىلى بولغىنىدەك، خۇنەن تاۋيۈەندىكى جىەن پامىلىلىك ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇچە سۆزلىشىدىغان خۇيزۇلار شۇنىڭ ئىجابىي تارىخي دەلىلىدۇر !

جانابى ئاللاھ بىزگە بەرگەن ئىسلامدىن ئىبارەت كاتتا نىئمەت ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر ھەققىدە رەببىمگە چەكسىز شۈكرى ئەيتىمەن!....

شۈكرى ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالىمىن ئەلا كۈللى ھال!.....

شۇنداقلا بۇ نىمەتنىڭ قەۋمىم ئىچىدە قىيامەتكىچە كۆتۈرۈلۈپ كەتمەسلىگىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.

يا ھادى...يا راشىد...يا سالام ...يا ھافز!...يائاللاھ!....

ئامىن!...

كىمدە مەھكەم تۇتۇۋالغان ھەق بولىدىكەن ئۇ ھەم ئازمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ ھەم نىجات تاپىدۇ!...

رەببىدىن ئايرىلغان كىشى ئازغۇنلۇق ۋە دەۋزەختىن باشقا ھەممىدىن ئايرىلىدۇ!..

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، چارشەنبە  .

ئالدىراپ يازغىنىم ئۈچۈن ۋە ئالدىراشچىلىقتا يازمامغا ئىنكاس يازغان قىرىنداشلىرىمغا ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىغىنىم ئۈچۈن ھەممىڭىزلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن .

توغرا يولدا بولغۇچىلارغا ھۆرمەت ۋە ئىھتىراملىرىم بىلەن :

شەپەرەڭ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shepereng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 12:34 PM  


ھازىرغىچە 13 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyghur05 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
xaytan520 + 300 توغرا دەپسىز...ناخشا-ئ.
MY_Dreām + 10 سۇپىلار پىشۋاسى !!!
tawghaq + 50 دەلىللەر يېتەرلىك. رە.
kukhelal + 10 ئافاق غوجا قۇتبۇل ئەق.
يەكەن + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
kakkuk11 + 10 ئەخلەت تېما
tvmvr + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
zanjir34 + 10 مۇرتەد كاھىن سوپى.،.!
xperia + 10 ئىلمىيلىكى يۇقرى
nazigul8 + 10 يوقات! ما تېماڭنى!!!
ئاردا + 108 دەلىللەر يېتەرلىك
tohtihan1 + 10 مۇناپىق ئىچكىي بۆلگۈن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 558   باھا خاتىرىسى

پادىشاھ ئەيتار:
شەپەرەڭ نۇردىن قورققاچقا تۈندە ئۇچار.
پاشا ئەيتار:
شەپەرەڭ مەندەكلەرنى تۈندە تۇتار.
شەپەرەڭ ئەيتار:
جاھالەتتەك تۈننىڭ ماھىيىتىنى ھىدايەتلىك قەلبىمدە كۆرەلىگەچكە تۈندە ئۇچارمەن .
barisjan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:27:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4077
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى بىر مەيدان جەڭگە-جېدەل پات ئارىدا باشلانغۇدەك،بىر توپ قىزغىن ئىشتىراكچىلار قوللىرىغا تاياق-توقماق ئېلىپ يول ئۈستىدە كېلىۋاتىدۇ،مەن ئالدىدىنراق ئورۇن تۇتۇپ قوياي،ئولتۇرۇپ ئوبدان كۆرگىلى بولىدۇ.
تېما ئېگىسى پاقىت-ئاساسلارنى توللۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئىزدىنىپ يازغان ماقالىكەن،چىقىش مۇددىئاسى ۋە شەخسى ھېسسىياتنى دېمىگەندە تەتقىقات قىممىتى بار ياخشى ماتىريالكەن

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:44:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېماڭنى مۇنبەردىن يوقات!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈك كىمنىڭ دۇمبىقىنى چېلىۋاتىسەن؟؟؟؟؟؟ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:47:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى ئۆزۈڭدەك ھاماقەت كۆرۈۋاتامسەن؟

مۇھەببەتسىمان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7448
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
urann يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 03:31 PM
يېڭى بىر مەيدان جەڭگە-جېدەل پات ئارىدا باشلانغۇدەك،بى ...

ئەگەشتىم

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنى ياخشى باشلاپسىز، ئەمدى مىللىتىمىزنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنى، يۇرتلىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل، ئىلى....دېگەن ئىسىملىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ سەپسەتىسى بويىچە ئىزاھلاپ چىقىڭ.
ئەجەب نېرۋامنى ئۆرلەتتى.

ئاللاھ ھەممىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41154
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3034
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:59:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تالاش تارتىش قىلمايلى  يارىسائاغىلۇق يارمىسا قويغۇلۇق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش