مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1957|ئىنكاس: 10

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12184
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 10:28:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش
         ئىسلام دىنى ئەر بىلەن ئايالنى نىكاھ ئەقىدىسى بىلەن باغلاپ، بىر ئائىلىگە جەملىگەندە ياخشى ئائىلە قۇرۇپ چىقىشتا قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش ئۈچۈن، ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە مەسئۇلىيەت يۈكلىرى ۋە ھەر ئىككىسىگە ئايرىم-ئايرىم ھەق ۋە مەسئۇلىيەت بېكىتتى. ئەرنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىنى بېقىشنى پەرز قىلغان بولسا، ايالىنىڭ ئۈستىگە بالىسىنى ئېمىتىپ بېرىش مەسئۇلىيتىنى ۋاجىپ قىلدى. بوۋاق ئىككى قولىنى ئانىنىڭ كۆكسىگە قويۇشقا موھتاجدۇركى ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانىنىڭ مېھرىدىن روھىي لەززەت تاپىدۇ، سۈتنى ھۇزۇرلۇق بىر تۇيغۇ بىلەن ئېمىدۇ ۋە شۇ سۈت بىلەن بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ. ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللا ئانا كۆكسىدە سۈت ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر زاۋۇتنى تەييار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پېقىر بولسۇن ياكى باي بولسۇن بۇ غېرىپ ئالەمدە تۇغۇلغان بارلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بىر ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەيدانغا كەلدى.
          بۇرۇنقى زامانلاردا ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىدە ھەمدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئادىتىدىمۇ بالىسىنى ئانىسىدىن باشقا بىرىگە ئەمدۈرۈش بار ئىدى. قۇرئان كەرىم مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ( ‹ئۆز ئانىسى كېلىشتىن› ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق )‹1›. شۇنىڭدەك يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ باشقا ئانىلارنى ئېمىپ چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك ھەلىمە ئانىمىز (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ئېمىتكەن ئىدى. ئاللاتائالا بۇ خىلدىكى بالا ئېمىتىشكە ئۆزىنىڭ شەرئىي ھۆكۈملىرىنى قويدى. ئۇلاردىن بىرى: (سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرىلىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ ‹ باشقا ئەردىن بولغان › ئۆيۈڭلاردا تەربىيلەنگەن قىزلىرىنى ‹ بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيلەنمىگەن بولسىمۇ › ئېلىش ھارام قىلىندى)‹2›.
         بالىلارغا سۈنئىي سۈت ۋە سۈنئىي غىزالار ئالدىنقى ئەسىرلەردە تېخى ئىشلەپچىقىرىلمىغان ئىدى. 20-ئەسىردىن باشلاپ بوۋاقلار ئۈچۈن ھەر خىل نام ۋە ئىسىمدىكى ئوزۇقلۇقلارنى ئىجاد قىلغانلارمۇ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەۋزەللىكىنى، ئانىنىڭ ئېمىتىشى كېرەكلىكىنى ئۆزلىكىدىن تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئاللانىڭ بۇيرىغىنىنى قىلىشقا ئالدىرايدىغان  مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق تەشۋىقاتلار ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ يۈرۈشىنىڭ ھېچقانداق بىر ئورنى يوق. چۈنكى ئانىنىڭ سۈتىدە ئەمدۈرۈش ئاللانىڭ بېكىتىپ بەرگەن كۆرسەتمىسى بولۇپ، قۇرئاندا ئانىلارغا بالىلىرىنى ئۆز كۆكسىدىن ئەمدۈرۈشكە ھەتتاكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يامانلاشقان ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىققا بۇيرۇغان. مانا بۇ ئىلاھىي قانۇننىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ئادىللىقىدۇر. ئاللاتائالا بۇ ھەجتە مۇنداق دەيدۇ: ( ئانىلار ‹ بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە › تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرىشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. ‹ ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە › ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتاغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ‹يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى › ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا- ئانا كېڭىشىپ ‹ بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا › ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھىچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللادىن ‹ يەنى ئاللانىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن › قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللا سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر).‹3›.
         ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ ئېمىتىدىغان بالىسىغا مەسئۇلىيتى بار بولۇپ، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئاللا ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرز قىلغان. ئۇنى ھەرگىز ئائىلە بۇزۇلغان ھامان بۇزۇلىدىغان ۋە پەرۋاسىز قارىلىدىغان بىر ئىش قاتارىدا قويمىدى. شۇنداقلا ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئەرنىڭ بالىسىنى ئېمىتىپ بېرىۋاتقان ئايالىغا گەرچە ئۇ بالا ئانىنىڭ ئۆز بالىسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئېمىتىش ھەققىنى بېرىشنى پەرز قىلدى. ئاللاتائالا ئىنسانلارغا ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنگەنىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنگۈچىدۇر. ئاللا تائالا ئانىغا بالىسىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشنى پەرز قىلدى. چۈنكى بۇ مۇددەت بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئوزۇقلىنىشىدا ئانا سۈتىگە ئەڭ موھتاج ۋاقتىدۇر. بۈگۈنكى تىببىي تەتقىقاتلارمۇ بۇ ئىككى يىلنىڭ ناھايتى مۇھىملىقىنى، بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش بالا ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئاللانىڭ رەھمىتى شۇكى ئۇ مۇسۇلمانلارنى بۇنداق مۇھىم قانۇنىيەتنى تەجىربە قىلىپ بىلىۋىلىشى ئۈچۈن تاشلاپ قويماي قۇرئان كەرىمدە ئېنىق قىلىپ بۇيرىدى. ئاللا بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر، بوۋاقلارغا تولىمۇ رەھىمدىلدۇر.
          ئىسلام دىنى ھالال نىكاھ بىلەن تۇغۇلغان بالىلارنىلا ئەمەس ھەتتا زىنادىن تۆرەلگەن بالىلارنىمۇ تولۇق ئېمىش مۇددىتىگە ئىگە قىلىشقا بۇيرىغان ۋە بۇ مۇددەت تاماملانماي تۇرۇپ ئانىغا بېرىلىدىغان جازانى يۈرگۈزمەسلىكنى بۇيرىغان. مانا بۇ ئاللانىڭ بالىغا قانچىلىك دەرىجىدە مېھرىبان ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
          ئىمام ئەھمەد مۇسنەنىدە مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان. زىنا قىلغان غامىدىيەلىك بىر ئايالنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: مەن زىنا قىلدىم، ماڭا ئىسلامدا بەلگىلەنگەن جازانى بەرگەن بولساڭ، دەپ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹‹سەن بېرىپ تۇغۇپ بولغاندا ئاندىن كەل!›› دېدى. ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن بالىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! مانا بۇ بالىنى تۇغدۇم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹ سەن ھازىر قايت! بالىنى ئېمىتكىن، بالا سۈتتىن ئايرىلغاندا كەل! ›› دېدى. ئۇ ئايال بالىسىنى سۈتتىن ئايرىلغاندىن بالىسىنىڭ قولىدا بىر پارچە نان كۆتەرگەن ھالدا كېلىپ: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! بالام سۈتتىن ئايرىلدى، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىنى مۇسۇلمانلاردىن بىرىنىڭ بېقىۋېلىشىغا بەردى، ئاندىن باشقىلارنى ئۇ ئايال ئۈچۈن بىر ئورەك كولاشقا بۇيرۇپ، ئۇ ئايالغا چالما-كېسەك جازاسىنى ئىجرا قىلدى.
          داڭلىق تېۋىب ئىبنى سىنا بالىنىڭ ئانا سۈتىنى ئېمىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بالىنى مۇمكىن بولغىنىچە ئانا سۈتىدە بېقىش كېرەك، ئانا سۈتىنىڭ بالىنى تېنىنىڭ تەرەقىي قىلىشى ۋە ھەر قانداق بىر كېسەللىكتىن قوغدىنىشىدا ئالاھىدە ھىمايە قىلىش رولىغا ئىگىدۇر.
          مەشھۇر دوختۇر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئەلبەلەدى مۇنداق دېگەن: ئانىنىڭ سۈتى سۈت تەركىبىنى بۇزىدىغان بىرەر ئالامەت ياكى بىرەر كېسەللىك ئانىنىڭ جىسمىدا مەۋجۈدلا بولمايدىكەن ئۇ ئەڭ ساغلام ۋە ئەڭ قۇۋۋەتلىك سۈتتۇر. بالىنىڭ ئانا سۈتىنى ئېمىشى ئانا-بالىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە پايدىلىقتۇر.
          تىۋىب ئەلبەلەدىنىڭ بالا ئانا سۈتىنى ئەمگەندە نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئەمچەك راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قارىشى زامانىمىز تەتقىقاتچىلىرىنى بىر قانچە ئەسىر ئارقىدا قالدۇردى.
          ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئنھۇ خەلىپىلىك دەۋرىدە بالىلارغىمۇ دۆلەت غەزىنىسىدىن مائاش بېرىلىدىغان بولۇپ، بالىلار سۈت ئېمىشتىن توختىغاندىن كېيىنلا مائاشلىق بولۇپ قالاتتى. بىر كۈنى كېچىدە ئۇ مەسچىتنىڭ ئتراپىنى ئايلىنىپ يۈرگەندە بىر كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى، ئۇ بالىنىڭ ئانىسىغا: ئۇنى ئېمىتكىن، دېدى. ئانىسى ئۆمەرنى تونۇمايتى، ئۇ: ئۆمەر سۈتتىن ئايرىلمىغان بالىلارغا مائاش بەرمەيدۇ، شۇڭا مەن ئۇنى مائاشلىق بولۇپ قالسۇن دەپ سۈتتىن ئايرىۋەتكەن ئىدىم، دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر بۇنداق قىلغاندا بالىلارغا زۇلۇم بولۇپ قالىدىكەن دەپ ئويلاپ بالىلار سۈتتىن ئايرىلمىسىمۇ ئۇلارغا دۆلەت خەزىنىسىدىن مائاش بېرىۋىرىدىۈانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاتائالانىڭ: ( ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىر بېرىمىز)‹4› دېگەن ۋەدىسى ھەقىقەتلەشكەنلىكىنىڭ بىر ئىپىدىسى نامايەندە قىلىنغان.
          ئانا سۈتىنىڭ كۆپ خىل پايدىلىرى باردۇر.
          بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئوزۇقلۇقنى ئانىنىڭ بەدىنىدىن قوبۇل قىلىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇنۇشنى يەنىلا ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ، تەبئىي سۈت ئۇنىڭ تەن ساغلاملىقىنىڭ نورمال بولىشىنىڭ كاپالەتچىسىدۇر. تىۋىب ۋە دوختۇرلار تىببىي ئىلىم ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن مۇنداق بىر نەچچە خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.
          1)- بالا پاك ۋە مىكروپسىز بولغان سۈت ئىچىدۇ.
          2)- ئۇ سۈتنىڭ تەركىبى سوغۇق ياكى ئىسسىق ئەمەستۇر.
          3)- ئانا سۈتى ھەر قانداق ۋاقىتتا تەييار تۇرىدۇ.
          4)- ئانا سۈتى ساقلانغان تەقدىردىمۇ بۇزۇلمايدۇ.
          5)- بالىنىڭ ئاشقازىنىغا مۇناسىپ بولۇپ، بالىدا ئۇنى ھەزىم قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
          6)- بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
          7)- بالىنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەللىك مىكروپلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
          8)- بالا سۈت ئەمگەن مەزگىلدە بالىمۇ، ئانىمۇ سەمىرىپ كەتمەيدۇ.
          9)- ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ.
          ئانا بالا ئېمىتكەندە ئۇنىڭ دىلىدا يەنە بۇنى ئاللانىڭ رازىلىقىنى تىلىگەن ھالدا قىلسا ئۇنىڭ مېۋىسى ناھايتى تېزلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىغا: سىز بالىنى ئېمىتكەندە ئۇنى خۇددى ھەرقانداق ئانا مەخلۇقاتلارنىڭ بالىسىغا كۆيىنىش ۋە شەپقەت قىلىشىغا ئوخشاش كەيپىياتتىلا ئېمىتمەي بەلكى بۇ ئىشىڭىزدا ئاللانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلغان، بالىڭىز ئاللانىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى ئېتراپ قىلىدىغان، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بىر بەندە بولىشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئېمىتىشىڭىز لازىم، دېگەن.
         بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ يەنە قورساق كۆتۈرىشى مەكروھتۇر. چۈنكى قورساق كۆتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭدىكى سۈتنىڭ تەركىبى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېمىۋاتقان بالا سۈتتىن مەھرۇم قالىدۇ.شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن توسقان ئىدى.
          ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامان كۆرىدىغان ئون ئىشنى زىكىر قىلغاندا بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرىشى سەۋەبىدىن سۈتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدەك ئىشنىمۇ بۇ ئون ئىش قاتارىدىن زىكىر قىلغان ئىدى. ‹ ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان›.

ھازىرقى جەمىيتىمىزدىكى سۈت پاراشوگى ۋە بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى مەھسۇلاتلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈتىدك قۇۋۋەتلىك كۈرۈپ ياكى سەتلىشىپ كىتىمەن، قورۇق چۈشۈپ كىتىدۇ دىگەندەك سەپسەتىلەرگە ئىشىنىپ، شۇ پەرىشتىدەك بوۋاقلارنى ئانا سۈتىنى ئېمىشتىن مەھرۇم قىلغان ‹ كۆيۈمچان › ئانىلارغا شۇنداقلا ‹سۈتۈم ئاچچىق ئىكەن، بىزنىڭ جەمەتتە پوكۇنى ھاممامنىڭمۇ سۈتى ئاچچىق بولغاشقا ئېمىتمەپتىكەن› دېسە ھە دەپ قاراپ تۇرغان ‹ شىر سۈپەت› ئاتىلارغا شۇنى بېغىشلايمەنكى:     ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،كالا سۈتى بىلەن كىرمەس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئىزاھات: ‹1› سۈرە قەسەس 12-ئايەت.            ‹2› سۈرە نىسا 23-ئايەت.          ‹3› سۈرە بەقەرە 233-ئايەت
           ‹4› سۈرە ئىسرا 31-ئايەت.

          مەنبە:  ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيسى ) ناملىق كىتابتىن...



ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yarkin135 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Eltekin + 99 پەزىلەت ھەممىمىزگە ھە.
XERHAN + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
uysoda + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 360   باھا خاتىرىسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:45:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3458
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 26862
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:27:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uysoda يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 12:45 PM
تىما ئىگىسىگە رەھمەت بۇ ئىشلار ھەممە ئادەملەرنىڭ بىلى ...

مەقسەت مۇددىئايىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق ، كەڭ بايان قىلغان بولسىڭىز بەلكىم تېخىمۇ پايدىلىق بولار ئىدى .

تىما ئىگىسىگە رەھمەت ، پايدىلىق ، قوللىنىشچان تىمىكەن !

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91547
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:31:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما ئىكەن.مەن بۇھەقتكى ساۋاتلاردىن خەۋەرسزئىدىم.باشقىلاردىن سوراشتىن خىجىل بولغان.رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:42:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق مۇسۇلمان ئەھلى بىلىشقا تىگىشلىك ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ،قولىڭىز دەرت كورمىسۇن

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ كۆپلەپ يوللىنىپ تۇرىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن............   

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 07:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مانا ئېسىل تېما دىگەن مۇشۇ شۇ ،،،،،

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:04:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 08:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھىم سەن ھەممىگە قادىرسەن ،ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچىسەن.

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12917
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4238 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 10:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش