ئۆگىنىش ۋاقتىڭىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
كېچىلىرى ئۇخلىماستىن تەكرار قىلىش، توختىماستىن تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش دېگەندەك ئىشلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئادەتتىكى ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. «ئەتە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ» دېگەن كۈنى كەچتە پۈتۈن مەكتەپ قورۇسى ئالدىراشچىلىققا تولىدۇ ، بەلكىم دەل شۇ ۋاقىتلاردىلا بىز ۋاقىتنىڭ نەقەدەر قىسىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلساق كېرەك. ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىمتاھاندىن بىر ھەپتە ئىلگىرىلا بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ بولغان بولىدۇ. مۇشۇنىڭدەك ئىشنى بىر نەچچە قېتىم بېشىمدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مەن نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى بۇندا تۇيغۇدا بولۇپ باقماي، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنلا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىم توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم.
ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كۈنىگە سەككىز سائەت ئەتراپىدا دەرس ئوقۇيتتۇق، يەنە بەزى جايلاردا يەنە ئەتتىگەنلىك، كەچلىك مۇزاكىرىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. كۈندە ئەتىسى ئەتتىگەن تاپشۇرمىساق بولمايدىغان، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغان بىر دۆۋە تاپشۇرۇقلىرىمىز بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆگىنىشىمىزنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى، ئۆز ئالدىمىزغا پىلان تۈزىدىغان ئۇنچە كۆپ ۋاقتىمىز يوق ئىدى، شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى بۇنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار: بەلكىم ئىمتاھاندىن بۇرۇن بىرخىل ساراسىمىلىككە چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بىراق ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ئالىي مەكتەپتىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ يامان تەرىپىمۇ يوق ئەمەس: چۈنكى بىز ئىزچىل ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەيمىز.
ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغاندىن باشلاپلا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولدى: بىز ئوخشاشلا كۈندە دەرسكە چىقىمىز، بىراق ھازىر ئەگەر بىرەر كۈنى ئالتە سائەت ئوقۇپ قالساق ھەممىمىز «ئۇھ، بۈگۈن دەرىسنىڭ كۆپلىكىدىن ھېرىپ ئۆلەيلا دېدىم» دەيدىغان بولدۇق؛ ھازىرمۇ دائىم ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلىرىمىز بار، بىراق تاپشۇرۇق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئەتىسىلا تاپشۇرۇشتىن، بىرەر ھەپتىدىن كېيىن تاپشۇرۇشقا ئۆزگەردى؛ ھازىرمۇ كۈنلىرىمىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدۇ، بىراق ھازىر ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى بىلەلمەيمىز.
ئىلگىرى ساۋاقدىشىمغا شۇنداق دېگىنىم ئېسىمدە: مۇبادا ھازىر تولۇق ئوتتۇرىدىكى تىرىشچانلىقىمىزنىڭ يېرىم بولغان بولسىدى، ئەھۋالىمىز ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى.بىراق ھازىر بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، ئۆگىنىش ھەم بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس، بىز تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمىز، دەرىستىن سىرت ۋاقىتلاردا خىزمەت تېپىپ قىلىشىمىز كېرەك. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم، چۈنكى ئىلگىرى دائىم خىيالىمغا كەلگىنى بويىچە ئىش قىلاتتىم، ئۆگىنىش قىلغۇم كەلسە ئۆگىنىش قىلاتتىم، نېمىنى ئۆگىنىشنى خالىسام شۇنى ئۆگىنەتتىم. بۇنىڭ ياخشى تەرىپى بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزلۈكىمىزدىن ئۆگىنىش قىلىمىز، چۈنكى شۇ مىنۇتتا سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۆگىنىش قىلىشنى تارتىدۇ، بىراق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بۇ خىل ئۇسۇل ماڭا قەتئىي ماس كەلمەيدىكەن.
مۇبادا يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇقتىلارغا نىسبەتەن سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولسىڭىز، سىزنىڭمۇ ھازىرقى ئۆگىنىش ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باققۇڭىز بولسا، ئۆگىنىش ۋاقتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرول قىلىشنى ئىستىسىڭىز، تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەلكىم سىزگە كۆپ پايدىسى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.
1.ھازىرقى ئۆگىنىش ئادىڭىتىڭىزنى تولۇق چۈشىنىڭ.
خۇددى مەن «ساغلاملىق پىلانى تۈزىۋېلىڭ» ناملىق ئەسىرىمدە ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ھەرقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا نېمىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەكلىنى بىلەلمەيمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھەركۈنى كەچتە ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ بۈگۈن بىر كۈن نېمىلەرنى قىلغىنىڭىز توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ، بۇنىڭغا ئۆگىنىش خاتىرىسى ياكى ئۆزىڭىز خالىغان بىرەر ئىسىمنى نام قىلىپ قويىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەردە ئەستا قالدۇرۇش ئىقتىدارىم دېگەندەك ياخشى ئەمەس دەپ قارىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بىر كىچىك خاتىرىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ، بۇنداق بولغاندا خالىغان ۋاقتىڭىزدا ئۆز ئويلىرىڭىزنى خاتىرىلىۋالالايسىز. ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى نىسبەتەن خېلى تەرتىپلىك، شۇڭا بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئادەتلىرىڭىزنى تامامەن ئىگىلەپ بولىسىز. ئەمدى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
2. بىر سائەتلىك دەرىسنى تەكرار قىلىش ئۈچۈن ئىككى سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ.
بەلكىم بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاددىي بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق نۆۋىتىدە بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان، شۇنداقلا كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان نۇقتا. مەيلى پىلان تۈزگىنىڭىزدە ياكى ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقىنىڭىزدا بولسۇن بۇنى چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتىشىڭىز كېرەك. ئالىي مەكتەپتە ھەرگىزمۇ تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىدەك قىرىق مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىدا ئاددىيلا بىر نەرسە ئىزىپ چۈشەندۈرىلمەيدۇ، بىر سائەتلىك دەرستە سىز پەقەت تەخمىنىي چۈشەنچىگىلا ئىگە بولىسىز، چۈشەنگىنىڭىز ھەرگىزمۇ ئېسىڭىزدە تۇتىۋالغىنىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەكرارلاش ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە تايىنىشڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىم بويىچە قىلسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئىمتاھاندىن بۇرۇنلا كۆرىلىپ بولىدۇ.
3. ئىشنى قىيىنلىق دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان دەرسلەردىن باشلاڭ.
ئىشنى نىسبەتەن قىيىن بولغان ياكى ئۆزىڭىز دېگەندەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان دەرسلەردىن باشلاڭ، نېمىلا دېگەن بىلەن تۇنجى باشلىنىشتا كەيپىياتىڭىز بىر قەدەر كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ، ئاسان مۈگدەك باسمايدۇ، ئۇنداقتا تېزدىن ئەڭ ياخشى ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋېلىڭ. ئارىمىزدىكى نۇرغۇنلىرىمىز ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان دەرسلەرگە سەرپ قىلىشنى بەكرەك خالايمىز، بىراق قىيىن ياكى بىز دېگەندەك ياقتۇرمايدىغان دەرسلەر بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
4. بىراقلا بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆگىنىش قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
نۇرغۇن ساۋاقداشلار دەرسى يوق ۋاقىتلاردا ئەتتىگەندىلا چاي قۇتىسى ۋە يەيدىغان نەرسىللىرىنى كۆتىرىپ كۈتۈپخانىغا بېرىپ تەكرار قىلىشنى، ياتىقىغا كەچتە بىراقلا قايتىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا دېيەلمەيمىز. ئەمما ھەربىر سائەتلىك ئۆگىنىشتىن كېيىن ئازراق دەم ئېلىۋېلىشنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ. دائىم بىرلا دەرسنى تەكرار قىلىمەن دەپ ئېسىلىۋالماڭ، مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەلۋەتتە GRE ياكى TOEFL ئىمتىھانلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان دوستلارنىڭ كىتاب ئالماشتۇرۇپ يۈرۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، سىز ۋاقتىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ زۆرۈر بولغان ماتېرىيالنى ياخشى تەكرار قىلسىڭىزلا بولدى، ئەمما ئۇدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئۆگىنىش قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىڭ ياكى بولمىسا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ماتېماتىكا سوئالىدىن بىر قانچىنى ئىشلىۋەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.
5. بىر كۈن ئىچىدىكى روھىي ھالىتىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدىغان ۋاقتىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ.
بەزىلەر كېچىلىرى ئۇخلىماي ئۆگىنىش قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىت بىر قەدەر تىنچ بولىدۇ؛ بەزىلەر ئەتتىگەندە سەھەر تۇرۇپ كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا كاللىڭىز بىر قەدەر سەگەك بولىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئامال بار ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش ۋاقتىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ ھەمدە بۇ ۋاقىتنى بىر قەدەر قىيىن ياكى مۇھىم دەپ قارىغان دەرسلەر ئۈچۈن ئاجرىتىڭ. چۈنكى ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ سەرپ قىلغان ھەرقايسى ۋاقىتلىرىمىزدا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئىستەيمىز ئەمەسمۇ!
6. كۈتۈش ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋېتىپ بارغان ۋاقىتلىرىڭىزدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان، كېيىنكى سائەتلىك دەرسكە كىرىشنى كۈتىۋاتقان ياكى بىرەر يەردا دوستلىرىمىزنى ساقلاۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزنى ھېسابلاپ كەلسەك، بەلكىم ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتلار ناھايىتى قىسقىدەك بىلىنگەچكە، كۆپىنچە دېگەندەك ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ قىسقىغىنا نەچچە مىنۇتتىمۇ خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق ئاپتوبۇس ساقلاش ئۈچۈن كېتىدىغان شۇ بەش مىنۇتتا يېنىڭىزدا ئېلىۋالغان سۆز كارتىسىدىكى سۆزلەرنى يادلىسىڭىز، دەرس ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشتا كېيىنكى سائەتلىك دەرس مەزمۇنىنى كۆرسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
7. يېڭى مەۋسۇم ئۈچۈن كۈندىلىك پائالىيەت جەدۋىلى تۈزىۋېلىڭ.
نۇرغۇن كشىلەر بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئەگەر سىز تېخى ئۆزىڭىز ئۈچۈن كۈندىلىك پائالىيەت جەدۋىلى تۈزمىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھېچ بولمىغاندا، بۇ مەۋسۇملۇق ئۆگىنىشىڭىز ئۈچۈن بىر پائالىيەت جەدۋىلى تۈزىۋېلىڭ، بۇنىڭغا دەرس، تاپشۇرۇق، ئىلمىي ماقالە، ئىمتىھان قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىشىڭىز زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالالايسىز.
8.ھەر ھەپتىلىك مۇھىم ۋەزىپىلەر ۋە تاپشۇرۇقلارنى قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكىڭىزگە كىرگۈزىۋېلىڭ.
ئۆزىڭىز ئادەتلىنىپ بولغان باشقۇرۇش سېستىمىسىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ ياكى باشقىچە ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر تېخى بۇنداق قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەر ھەپتىلىك ئىشلىرىڭىزنى بىر پىلان شەكلىگە كەلتۈرىۋېلىڭ، ئەگەر شۇ پىلانىڭىز بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا ئەتە تاپشۇرۇق يىغىدۇ دېگەن كۈنىلا ئالدىراپ-سالدىراپ تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن ساقلىنالايسىز.
ئۆگىنىش ۋاقتىڭىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ~ Live Topic
http://www.live-topic.com/2013/03/manage-your-study-time.html