شەيتان لۇغەت                                                                                           
  غاڭزا -بەڭگىلەرنىڭ ئىمىزگۈسى.
تاماكا چىكىش -ئۆپكە ،كانايلارغا كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن سىلىنغان ئىسرىق.
مۇخپىر -بىكار قالسا ئۆزىدىنمۇ سۇئال سوراپ باققۇسى كىلىدىغان ئادەم.
پارا -كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىلىقلاشتۇرۇش مىيى،يۇقىرى مائاشلىقلارنىڭ تۇراقلىق كىرىم مەنبەسى.
باي -نامراتلىقىدىن پۇلىلا قالغان ئادەم.
بوۋاق -كىچىدە جىددىي سىگنال بېرىش ئۈسكىنىسى.
رىتسىپ -دورا ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،ئەمما باھاسىنى ئىنىق كۆرگىلى بۇلىدىغان قەغەز.
ئۆچۈرگۈچ -خاتالىقنى تۈگىتىپ بولالماي ئاخىرى ئۆزى تۈگەپ كىتىدىغان نەرسە.
خىمىيىلىك ئوغۇت-مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ ،ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان  دورا.
گال-ئىنساپنى سۇغۇرۋالسا مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغان كامار.
مۇسابىقە مەيدانى -باتۇرلۇق ،چەبدەسلىك ،گورۇھۋازلىق،يۇرتۋازلىق،چىدىماسلىق توپلاشقان جاي.
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aycultan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 02:00 AM