 |
 |
 |
 |
يالغۇز ئايال
دەرد ئۈچۈن يۈرىكىنى يېرىپ، خۇشاللىقىنى ئېرىغا بېرىپ، ھەسرىتىنى ئىچىگە يۈتۈپ، جىمجىت ھۇجرىدا مىسرا پۈتۈپ، بالىسىنىڭ ئۇخلىشىنى كۈتۈپ ئەللەي توۋلايدۇ يالغۇز ئايال. قازان بېشىدا ئىخلاس بىلەن،روھتا ئۆزى بەك تېمەن، چېچى ئۇزۇن، يوق ئېۋەن،قىلغان ئىشى بەك بەلەن، سۈپۈرگە تۇتۇپ ھويلا تازلايدۇ يالغۇز ئايال. كىر يۇيىدۇ، نان ياقمايدۇ، ئىشقا كۈندە تۆت قاتنايدۇ. ئىچىگە يا پىغان پاتمايدۇ، ياستۇقسىز يالغۇز ياتمايدۇ، ياغاچتەك قاتمايدۇ يالغۇز ئايال. تۈڭلىكىدىن ئاي مارايدۇ، دېرىزىدىن كىرگەن شامال چېچىن تارايدۇ، تۆت تامغا يالغۇزلىقى يارايدۇ، "ئۇف!"تارتىپ، تورۇسقا قارايدۇ يالغۇز ئايال. رېئال دۇنيادىن مەۋھۇم دۇنياغا كىرىپ، دوست تاپىدۇ كۆڭۈل سىرىن بېرىپ، كۆزنەك چىقار يېشىل يىنىپ، يېشىل ئارال قۇچاق ئېچىپ، ئۆزىنى تاپىدۇ يالغۇز ئايال! بىرمىسرا ئۈچۈن بولۇپ تۈتۈن، قىلدەك تولغىنار يالغۇز ئايال...
مەنبە: "تۈن مۇڭلىرى"پۈتۈكلىرىمدى
|
 |
 |
 |
 |
|