لەيلى
لەيلى كۆزلىرى دۆپدۈگىلەك،دائىم نىمە ئۈچۈن؟ دىگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان،خۇددى ئۈچ ياشلىق قىزنى بويىدىن تارتىپ ئۆستۈرۈپ قويغاندەكلا كۆرىنىدىغان ئوماق،ساددا،ئەمما تىرىشچان قىز ئىدى.كورستا دەسلەپ ئوقۇش باشلىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىزىملاتقان خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى دەرسنى ئانا تىلدا ئۆتكەچكە چۈشىنەلمەسلىكنى باھانە قىلىپ ياكى ئالىي مەكتەپكە كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئانا تىل ئاساسى ياخشى كورسداشلىرىنىڭ مەسخرىسىدىن قېچىپ دەرس باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي توختاپ قېلىشتى.پەقەت لەيلىلا دەرسكە تولۇق قاتناشقاندى.ھەر سائەتلىك تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئورۇنداش بىلەن بىرگە يېڭى سائەتلىك دەرس ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كىلەتتى.توختىماي سۇئال سوراپ مىنى تەرلەتكەن چاغلىرىدا مۇشۇنداق تىرىشچان ئوقۇغۇچىمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كىتەتتىم.ئوقۇغۇچىلار بەس-مۇنازىرىسىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ مۇنازىرىچىسىمۇ ،ئاكتىپ پائالىيەتچىسىمۇ،تۇنجى قېتىملىق كۇرس بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجە مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىمۇ مۇشۇ لەيلى ئىدى.
سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى تېلڧفونىدا ئۈنگە ئېلىۋېلىپ دەرستىن كىيىن باشقىلاردىن سوراپ ئۈگىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،دەرىستىن سىرت ئۇنىڭغا خەنزۇتىلىدا تەكرار قىلىپ بەردىم.ئەگەر خالىسا ئۇيغۇر تىلى ساۋادىنى چىقىرىشقا ياردەمدە بولىدىغانلىقىمنى ئېيىتسام ئۆزىنىڭ مەكتەپنىڭ ئختىيارى تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسى قاتارىدا ئۇيغۇرتىلى دەرسىنى تاللىغانلىقىنى ،بىر ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ مەخسۇس خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرىسلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.مىنىڭ بىلىشىمچە مەكتەپتە خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلار 100دىن كەم ئەمەس،لىكىن بۇ دەرسنى پەقەت بىر لەيلىلا تاللاپتۇ.شۇنچە كۆپ بالىلارنىڭ تىزىملاتمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم.لەيلىنى رىغبەتلەندۇرگەچ بىز سۆيۈپ ئوقىغان ئېلىپبەدىن بىرنى سوۋغا قىلدىم.
كۇرس ئاخىرلىشىپ خېلى بىر چاغلارغىچە ھەر كۈنى ئەتتىگەن لەيلىنى مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى چىملىقتا ئنگىلىزتىلى يادىلاۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىتىپ تۇردۇم.مەن دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پەقەت لەيلىلا ئىزچىل ئۈگىنىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقاندەك قىلاتتى.بىر كۈنى لەيلى كۈتۈپخانىدا ئۇچىراپ قالدى.ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋسۇملۇق ئۈگىنىش پىلانىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.ئىنگىلىزتىلى6-دەرىجە ئىمتىھانىغاتەييارلىق قىلىش،دۆلەت ئەدىليەئىمتىھانى،شوپۇرلۇق پىراۋا نەزىريە ئىمتىھانى،بوغالتىرلىق ئىمتىھانى،كەسپى دەرىسلىك....... ئۇيغۇرتىلى ساۋادىنىڭ چىققان چىقمىغانلىقىنى سورىسام ئۆزى ئوقۇغان سىنىپتا لەيلى بىرلا خەنزۇۋان ئۇيغۇر قالغىنى خەنلەر بولغاچقا مۇئەللىم بىر ماۋسۇمدا پەقەت 32ھەرىپنىلا سۆزلەپتۇ.دىمەك ساۋادى تېخى چىقماپتۇ.
-نىمىشقا ئۈگەنمەيسىز؟
_.....
ئىنگىلىز تىلىنى شۇنداق تىرىشىپ ئۈگەندىڭىزغۇ؟
_ ئۇيغۇر تىلى ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ئاسان. ئۇنتۇپ قالماڭ بۇ دىگەن سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز!
ئاۋازىم يوقىرى چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك كۈتۈپخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە قاراشتى.لەيلىنىڭ لەۋلىرى ئۈمچىيىپ ، يۈزلىرى قىزاردى.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز لەيلىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم.
-مۇئەللىم،ساۋادىمنى چىقىرىشىمغا ياردەم قىلالامسىز؟
تۇيۇقسىز ئۈگىنىش نىيىتىگە كىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم.سىنىپىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە لەيلى رىياسەتچى بولغانكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چىمەن دوپپىسىنى ئەتلەس كۆينىكىنى كىيىپ بارسا بىر خەن ساۋاقدىشى سەن يا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسەڭ يا يازالمىساڭ بىزدىن نىمە پەرقىڭ؟ تېخى غەيرى كىيىنۋالغىنىنى تېخى دىسە يەنە بىر خەن ساۋاقدىشى بۇلار ئاز كۈندە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش يوقىلىپ كىتىدۇ دەپتۇ.بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن لەيلى شۇ كۈنىلا ساۋاد چىقىرىش ئىرادىسىگە كەلگەنكەن.
-ئەمدى نىمىنى ئۈگىنىشنىڭ ئەڭ موھىملىقىنى ھەقىقى تونۇپ يىتىپسىز،ئەلۋەتتە سىزگە خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلىمەن، دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم.ھەپتىدە تۆت كۈن ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن دەرس ئاڭلاپ لەيلى خېلىلا ئىلگىرلەپ قالدى.ئۇنىڭ ئېلىپبەنى يېڭى تىلى چىققان بالىدەك ئوقۇشى مىنى ئالەمچە خۇشال قىلاتتى. ئۇنىڭ < ئېلىپبەنى تۈگەتتىم>دىگەن تىكىسىتنى دودۇقلىماي جاراڭلىق ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنكى كۆز يېشىدىن ئۇنى شۇنچە يىلدىن بېرى ساۋادسىز يۈرگەنلىكىگە بولغان پۇشايمان،ئۆكۈنۈشىنى،ئانا تىلدا كىتاپ كۆرۈشنىڭ نەقەدەر پەخىرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ<ئىز >ناملىق شېئىرنى يادىلاپ كىلىشكە ئورۇنلاشتۇرسام ئەتىسىلا يادىلاپ كەپتۇ.
ئىز
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز .
ئەمدى ئاتقا مىنگىدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز،
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز .
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق،قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا،گايى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسىلانلار دەشىت-چۆللدە قەۋرىسىز.
قەۋرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چىىچەككە پۈركىنەر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.
قالدى ئىز ،قالدى مەنزىل،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران،كۆچسە قۇملارھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا،بۇ ئىزنى نەۋرىمىز ياكى ئەۋرىمىز.
شېئىرنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەسىراتىنى سۆزلەپ:
-تاڭ شېئىرلىرىنى يادىلىغاندىن مىڭ ھەسسە ئاسانكىنا!!؟دىدى.
-بارىكاللاھ،لەيلى!ئەمدى ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشىدىڭىز.سىزگە ئوخشاش سىڭىللىرىمىزلا بولىدىكەن ئۇيغۇر تىلى يوقالمايدۇ ھەم يوقىتالمايدۇ!دىدىم ھاياجان بىلەن.
2013-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 11-كۈنى
مەنبە: ئويتاغ قەلىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uytag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-12 11:53 PM