مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1590|ئىنكاس: 13

ئوغلۇمغا يېزىلغان خەت (ئوقۇپ بېقىڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6643
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 37167
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2889 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:35:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يۈرەك پارىمىز ،سۆيۈملۈك ئوغلۇم ،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟ئالتۇن بويىڭىز ئامانمۇ؟چوڭ دادىڭىز،ئىككى چوڭ ئانىڭىز،ئۇكىڭىز،دادىڭىز ،مەن ۋە باشقا بارلىق ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم –خوشنىلار،تونۇش –بىلىشلەر سالامەت،ياخشى تۇرىۋاتىدۇ.


ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك:  


  سىز تۇغۇلغان 19 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ دەقىقىدە دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ چېھرىنى ئالەمچە خوشاللىق قاپلىغان ئىدى،تۇنجى پەرزەنتىمىز بولغاچقىمىكىن  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز  سىزنى تالىشىپ كۆتىرەتتۇق، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان ۋاقىتلىرىڭىزدىكى يېقىملىق گۇڭراشلىرىڭىز، تاتلىق كۈلۈشلىرىڭىز دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ جىسمىنى شامدەك ئېرىتىۋەتكەن ئىدى،  تاتلىق قىلىقلىرىڭىز بىزدىكى بارلىق غەم -ئەندىشىلەرنى خوشاللىققا ئايلاندۇرغان ئىدى.   دادىڭىز  بىلەن ئىككىمىزنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشچىقىمىزنىڭ ھارغىنلىقىنى يىراقلارغا چۆرىۋەتكەن،تالاي كېچىلەردىكى كۆزلىرىمىزنى قىزارتىپ ئولتۇرۇپ بۆشۈكىڭىزنى تەۋرىتىپ، قېپ قالغان  ئۇيقۇسىزلىقلارنىڭ ئازابىنى قايەرلەرگىدۇ تاشلىۋەتكەن ئىدى.
    بىلسىڭىز ئوغلۇم ،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور  خوشاللىقى بوۋا –مومىڭىلىرىڭىزدىن قالسا، دەل ئۇكىڭىز بىلەن ئىككىڭلار،ئىككىڭلار بولغاچقىلا دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز خوشال،ئائىلىمىز خوشال. ئىككىڭلار بىلەن  چېھرىمىزدىن خوشاللىق نۇرلىرى ئۆچمەيدۇ،سىلەر دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ  
مېھرىنى بىر - بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغۇچى رىشتە،سىلەر بولغاچقىلا ئىككىمىزنىڭ مېھرى بۇ ئائىلىگە باغلانغان.
    ئاكا –ئىنى  ئىككىڭلار  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزگە بالا مېھرىنىڭ ئالەمچە چەكسىز سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردۇڭلار ،شۇنداقلا ئىككىمىزنىڭ مېھرى -مۇھاببىتىنى تېخىمۇ چىڭىتتىڭلار،ئائىلىمىزگە ئىناقلىق ،خوشاللىق،بەخت ئاتا قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئالەمچە تەشەككۈر ئوغلۇم......!

  شۇنى بىلىڭكى،سىلەر  ئۇيغۇر ئەجدادى ،مۇسۇلمان ئەۋلادى ،ئۇكىڭىز تېخى كىچىك ،بۇ گەپلەرنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ،سىز چوڭ بولۇپ يىگتلىك قورامىغا يەتتىڭىز،ئادەمنىڭ ئەڭ پەخرلىك،گۈزەل چېغى  ياشلىق دەۋرىدۇر،مانا سىزنىڭ ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان گۈزەل پەيت 18 ياشتىن ھالقىپ 19 ياشقا قەدەم قويۇشىڭىزغا بىر ھەپتىدىن ئاتۇقراقلا ۋاقىت قالدى .ھازىر سىزئۇيغۇرلار  ئىنتايىن ئاز بولغان شۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە  تۆت يىللىق ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى جاپالق ئۆگىنىش مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ  ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز.دېمەك سىز ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى مۇنتىزىم ھەربىي ھالەتتىكى، قاتتىق بولغان مەكتەپ تۈزىمىدىن چىقىپ ،ئىختىيارى ھەركەت ھالىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇش ئالدىدا ،ئاللاھ خالاپ ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن تېنچ –ئامانلا ئۆتۈپلا كەتسىڭىز،شۇ تاپتا دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ پۈتكۈل ئېسىيادى سىزدىلا،ئوغلىمىز‹‹ تېنچ –ئامان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتسە›› دېگەن ئويدا.يەنە ‹‹چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ ››دېگەن ئىشەنچمۇ بار  بىزدە،ئاللاھ خالسا ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەرسىز.بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.ھېرىپ –چارچاشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسى چىققان شۇ كۈنى بارلىق ھاردۇقىڭىز چىقىپ،ھاياجانلىق مىنۇتلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ ئوغلۇم.

    سىز بۇ دۇنياغا بىر يىگىت ،ئەركەك بولۇپ تۆرەلدىڭىز ، سىز ۋاپادار،كۆيۈمچان،مىجەزى ئېسىل  پەرزەنتسىز،بۇنى خۇلۇم –خوشنىلار،ئۇرۇق –تۇققانلارنىڭ ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماختاش سۆزلىرىدىن  ھەمدە ئائىلىدىكى يۈرۈش –تۇرۇشلىرىڭىزدىن مەلۇملۇق ئوغلۇم،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۈمىدى شۇكى،بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش يولىڭىزدا  ئۆزىڭىزدە  ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس بولغان غەيرەت –جاسارەتنى،مېھرى –ۋاپانى ،كۆيۈمچانلىقنى،ئىمان –ئىنساپنى  ھازىرلاڭ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن،باشقىلار بىلەن  كىيىش،يېيىش –ئىچىش،ئويۇن –تاماشىدا بەسلىشىش ئەمەس ،بەلكىم ياخشى ئوقۇپ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز ، بىزگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلالىسىڭىز  ،ئۆزىڭىزدىن ئاجىز دەپ ھېسابلىنىدىغان  قىزلارنى قوغدىيالىسىڭىز، يىگىتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلالىسىڭىز ،يۇرتىمىزدىن يىراق بولغان ئىچكىرى ئۆلكىدە ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى نامايەن قىلىپ،ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ ياشىسىڭىز، ،ئاندىن  دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالىغان بولىسىز،بىزمۇ ھەم سىزدىن پەخىرلىنەلەيمىز ئوغلۇم....

    سىزمۇ بىلىسىز ،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ھوقۇقىمىز بار ئەمەلدارلاردىن ئەمەسمىز،كۆپ پۇلى بار ،قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان بايلاردىنمۇ ئەمەسمىز،بىز پەقەت شۇنداق ئەمەلدارلارنى،بايلارنى تەربىيلەيدىغان،بىراق جەمىيەتتە ئورنىمىز يۇقۇرى ئەمەس،ئېغىزدا ھۆرمەتكە سازاۋەر،جاپاكەش، ئاددىي ئوقۇتقۇچىلارمىز،ئەگەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالسىڭىز،  سىزگە بايۋەتچىلەردەك خەجلەيدىغانغا نەچچە مىڭلاپ ئۇنچە كۆپ پۇل ئەۋەتىپ بېرىشكە قۇربىمىز يەتمەيدۇ،چۈنكى بىز  باي ئەمەس،بىراق سىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىڭىزغا يەتكۈدەك،سىزنى  بويۇن قىستۇرۇپ قويمىغىدەك تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز چوقۇم،شۇڭا بەدخەجىلكتىن ساقلىنىڭ،بەدخەجلىك،بەسخورلۇق ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار ،يامان ئادەتلەردۇر،بۇنداق ناچارلىق سىزدىن مەڭگۈ يىراقتا تۇرسۇن.
     دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى،زېھنىمىزنى،پۈتۈن مېھرىمىزنى ئىككىڭلار ئۈچۈن سەرپ قىلدۇق،بۇسەرپ قىلىشلار  پەقەت سىلەرنىڭ مېھرىڭنىڭلارنىڭ ئۇلۇقلىقى، سىلەرنىڭ ساغلام،ئەقىللىق ،تېتىك،ياراملىق،ۋاپادار،ئىمان –ئىنساپلىق  چوڭ بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر،بۇلارنى ئېغىزغا ئېلىشىم ھەرگىزمۇ سىلەرنى باققىنىمز ئۈچۈن قىلنغان مىننەت ئەمەس ،پەقەت ئۈمىدىمىزنى بىلدۈرۈشتۇر.

    دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۈمىدى ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ،  بىزنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىمىزنى ئاقلاپ، ھەقىقى ياراملىق ئوغلان بولۇپ، كەلگۈسىدە خەلق قەلبىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىشىڭىزدۇر، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا بىزنىڭ پۈتۈن ھاردۇقىمىز چىقىپ ،يېنىكلەپ كېتىمىز ئوغلۇم......!

    ‹‹ئاپام نېمىشقا بۇ سۆزلەرنى تەتىلدە ماڭا بىۋاستە دېمەي خەت يېزىپ يۈرىيدىغاندۇ ؟››دەپ ئويلاپ قالماڭ،تەتىلدە سىز كەلگەندە بۇنچە سۆزلەرنى سىزگە خەتتىكىدەك تەرتىپلىك دېيەلمەسلىكىم ھەم ئېيتقانلىرىم بۇنچلىك  ئېدىتلىق،تەسىرلىك چىقماسلىقى مۈمكىن ھەم گەپلىرىم خەتتە يازغاندەك جەلپ قىلارلىق بولماسلىقى مۈمكىن،شۇڭا كېلىش ئالدىدا تۇرغان تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئاتاپ بۇ خەتنى يازدىم،بولسا خېتىمنى ساۋاقداشلىرىڭزغىمۇ ئوقۇپ بېرىڭ،خەتتىكى ئېيتقانلىرىم نۇرغۇن ئاتا –ئانىلارنىڭ پەرزەنتىلرىگە ئېيتماقچى بولغان يۈرەك سۆزلىرى بولىشى مۈمكىن،ساۋاقداشلىرىڭىز خېتىم ئارقىلىق،ئاتا –ئانىسىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەسكە ئېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، خېتىمنى ئوقۇپ  ئىچىڭىزدە مەسخىرلىك تەرىزدە كۈلۈپ سالماڭ،بۇنداق قىلسىڭىز ماڭا،دادىڭىزغا ،بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزغا ھاقارەت قىلغان بولۇپ قالسىز،سىز ئەمدى چوڭ بولدىڭىز ،ئاق –قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدىڭىز ،سىز بىزنىڭ ئەقىللىق ئوغلىمىز،بىزنىڭ پەخرىمىز،خەتنى ئوقۇپ بىزنىڭ مەقسىدىمىزنى چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭزغا ۋە كەلگۈسىدە شۇنداق يول تۇتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز...


   ئۇشبۇ خەتنى يېزىۋاتقان شۇ دەقىقىدە كۆزلىرىمدىن ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا سىزنى سېغىنىش ياشلىرى سىرغىپ چۈشۈپ،كۆزۈم غۇۋالىشىپ قالدى،مەيلى سىز قايەردە ئوقۇماڭ، يەنىلا بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ئۇكىڭىز بىلەن سىزنى جېنىمىزدىنمۇ ئەزىز كۆرىمىز ئوغلۇم...

    خەير ئوغلۇم،خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي،بولمىسا يازىدىغان گەپلىرىم ئۇزۇراپ داستان بولۇپ كېتدىغان ئوخشايدۇ،قالغان گەپ –سۆزلەرنى تېلىفوندا،تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا يەنە دېيىشىۋالارمىز اللاھ ئۆمرىمىزنى بەرسە...

    تىرىشىڭ،غەلىبە سىزگە مەنسۇپ،ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشىكى سىزگە داغدام ئېچىقلىق...

ئامان بولۇڭ،اللاھ ھەر ۋاقىت سىزگە يار –يۆلەك بولسۇن،دىلىڭىزدا اللاھنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرۇڭ...

سىزگە ئۇتۇق تىلەپ :دادىڭىز،ئاپىڭىز،ئىنىڭىز ۋە باشقا ئۇرۇق –تۇققانلار....




   مەنبە : ئۆز قەلىمىم




     بۇ يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلۇمغا يازغان خېتىم.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 11:58 PM  


تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:38:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلىڭىزنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن ھەدە .

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:46:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇڭىزنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر ئوغلى ،سىلەرنىڭلا ئەمەس ئەلنىڭ خەلىقنىڭ ئوغلى بۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ھەمدە ئوغلۇڭىزگە ئىمان ھەم ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6325
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 753 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:47:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توردىن ئوقۇۋالامدۇ يە؟؟(چاخچاق قىلىپ قويدۇم)
ئىنتىھانغا تەييار تۇرىۋاتقان كىشى بۇنداق تورلارغا چىقىشقا ۋاقتى يار بەرمەيدۇ،مەيلى قەيەردە كۆرسۇن مېنىڭچە ئوغلىڭىز تېخىدىنمۇ جاسارەتلىك بولۇپ كەتكۈسى،شۇنداق ياخشى يېزىلغان بىر پارچە خەتكەن بۇ؟!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5550
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1247 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:49:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي،شۇنچە چوڭ ئوغلىڭىز بارما؟  ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ. ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنىڭ چىچەكلەيدىغان يېرىگە كەپتۇ،مۇرادىڭىزغا يەتكەيسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wisalay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-13 12:50 AM  


ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92982
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 01:22:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
هه ككه ته ن بىر ياخشى ئانا كه نسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 03:15:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ata.ata يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 12:46 AM
ئوغلۇڭىزنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر ئوغلى ،سىلەرنىڭلا ئەمەس ئەل ...

ئەگەشتىم !

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

سەن خۇدادىن ئۈۆز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7394
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 11:23:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئەجەپ ئېسىل يېزىلىپتۇ بۇ خەت ،مېنىڭمۇ بىر قىزىم بار ،كېلەر يىلى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا بارىدۇ.
                پۇتكۇل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوغۇل -قىزلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،دىلىغا ئىمان،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تەنلىرىگە سالامەتلىك،ئۆمرىگە بەخىتلەر يار بولغايييييي

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31170
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1565 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 11:27:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 11:43:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇڭىزگە ئىمان ھەم ئۇتۇق تىلەيمەن ..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش