مىنكاۋخەن توردىشىم
(ھېكايە)
مانا تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ توختاپ قېلىپ ، بۇ جەمئيەت دېگەن چوڭ ماكانغا قەدەم قويغىلى 1يىلدىن ئېشىپتۇ، نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغان دەمسىز؟ نىمە ئۈچۈن بولاتتى ھازىر ئويلىسام ياخشى ئوقۇمىغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلمەن، 8 يىل ياخشى ئوقىماي مانا ئەمدى كەتمەن ئونۋېرسىتىتىغا ئۆتتۈم، كۈندە ئېتىز ئىشى، تۈگىمەس دۇنيا ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرەتتىم. مانا ئىنىممۇ بۇ يىل تولۇقسىزغا چىقتى، ئاتاممۇ بەك ئادىللىق قىلمىدى، مېنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىدى دەپ ئادەتتكى بىر تېلېۋېزورغا چېتېپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقمۇ ئېلىپ بەرمىگەن، ئەمما ئىنىم تۇلۇقسىزغا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپتى ئۇنىڭغا بىراقلا كومپىيوتېر ئېلىپ بەردى، ئىنىم مەكتەپكە كەتسە كومپىيوتېر ماڭىلا قالاتتى
لېكىن تور يوق بولغاچقا ئىچىگە قاچىلانغىنى پەقەتلا شۇ بىر cs دىگەن ئويۇن بولغاچقا زېرىكتىم، باشقا بىرە مەشغۇلات قىلاي دېسەم تور يوق كومپىيوتېردىن تېلۋېزور ياخشىكەن، ئىچىگە قاچىلاپ قويغان نەرسىنىلا كۆرۈپ ئولتۇردىغان گەپ ، ھەي مەنمۇ تورغا بىر ئۇلىمىسام دەپ ،ئۆيىدە تور بار بىر دوستۇمنىڭكىگە كىرىپ <<ماڭا ئويۇن قاچىلاپ بېرە توردىن،-دىدىم.- ھە ماقۇل توردىن چۈشۈرۈپ بېرەي،- دەپ، ئويۇننى چۈشۈرۈشكە باشلىدى، بىردەم بىردەم تىت- تىت -تىت قىلىپ دوستۇمغا ئۇچۇر كېلەتتى.
- ھەي بۇ نېمە؟
- ۋاي كالۋا ئاداش بۇنىمۇ بىلمەمسەن، QQ دىگەن مۇشۇ شۇ QQ ئوينىمىغان ياش - تام تۈۋىدىكى تاش، سەن نىمانداق زاماننىڭ كەينىدە قالدىڭ دەيمەن، QQ نۇمۇردىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بىرەي ، سەنمۇ ئادەم قاچىلاپ پاراڭلاشساڭ بولىدۇ.
- ئاداش ئۇنىڭدىكى ئادەملەر خەنزۇچە پاراڭلىشامدۇ ياكى پىنيىنچىمۇ ؟
- خەنزۇچە بىلدىغانلار خەنزۇچە، پىنينچە بىلدىغانلار پىنيىنچەپاراڭلىشىدۇ.
- ئۇف، مەن خەنزۇتىلىنى ياخشى بىلمىسەم...
- ۋاي پىنينچە يازغىنە ئەمسە بىلگەنلەر بىلەن پاراڭلاش يازغان خەتلىرىڭىنى ئوقۇيالمىسا يۇيۋەتسەڭ بولىدۇ.
-نۇمۇردىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بېرە ئەمىسە.
دوستۇم بىر دەمدىلا نومۇردىن بىرنى ئېلىپ قەغەزگە نومۇرى ۋە پارولىنى يېزىپ بەردى. مەن قايتىلاپ سورىدىم :
- مەخپى نۇمىرىنى ئۆزۈم بىكىتسەم بولاتتى، كېيىن سەن ئۆزگەرتىۋالساڭ قانداق قىلىمەن ؟
-قانداق قىلىمەن مەن بۇنداق يېڭى نومۇرۇڭنى... ئۆزۈمنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى نومىرى تۇرسا. مۇشۇ بىرىگە ئاران يېتىشىمەن مەن . يوقاپ كەتسە مېنى ئىزدە تېپىپ بېرىمەن.
مەن قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە بۇ قەغەزنى يانجۇقۇمغا چىڭ سالدىم ۋە توردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئويۇننى بارماق دىسكامغا كۆچۈرىۋېلىپ، ئۆيگە ماڭدىم.
ئەتىسىلا تېلىگراف ئىدارىسىگە كىرىپ تورغا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلار چۈشتىن كېيىنلا تورنى ئورنىتىپ بەردى. قاتتىق ھاياجاندا كومپىيوتېردىن پىنگىۋىننى ئىزدەپ دوستۇمنىڭ كۆرسەتكىنى بويىنچە ئاچتىم. لېكىن قۇپقۇرۇق ئىدى. دەرھال ئاغىنەمگە تېلېفون قىلدىم:- ئاداش، بۇ بەرگەن QQ رىڭ قۇپقۇرۇقكەنغۇ، مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامسە ؟
-بىردەمدىلا تور ئورنىتىپ بوپسەندە، QQ شىېركىتى ئىچىگە ئادەم قاچىلاپ بەرمەيدىكەن غوجام، ئۆزلىرى قاچىلايلا
-قانداق قاچىلايمەن؟
-QQ نىڭ ئاستى تەرىپىدە لوپا ئەينەك بار، شۇ يەرنى بېسىپ ئىزدەش شەرتلىرىنى تاللاپ قاچىلايسە،- دېدى ۋە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتقىنى بويىنچە ئىزدىتىپ، چىققان تىزىملىكنى ھەر بىر ئادەمگە دوستلۇق ئىلتىماسى ئەۋەتتىم، بىرەرسىمۇ قوبۇل قىلمىدى. ئاخىرى ساقلاپ تۇرسام بىرى قوشۇپتۇ. تەخەللۇسى خەنچە ئىكەن، پىنيىنچە <<ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم>> دەپ يېزىپ باقاي،خەنزۇمىدۇ ئۇيغۇرمىدۇ ... ئىسمى خەنزۇچىكەن، ئاۋال بىر يازاي دەپ <<ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم>> دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتىم. جىم تۇرىدۇ... ئارقىدىنلا <<بارمۇ يا>> دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتىم، يەنە ئۇچۇر يوق. ئاتايىن ئاۋارە بولۇيپ بىر خەنزۇغا خەت يېزىپتىمەنمۇ نېمە دەپ تۇرسام <<؟؟> بەلگىسىنى ئەۋەتىپتۇ.
ئاخرى بار
تەھرىردىن: گەرچە مۇنبەرنىڭ ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى مەتبۇئاتلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆلچەم بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ تۇنجى ئەسىرىڭىز ئىكەن شۇڭا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىملا خاتالىقى، شۇنداقلا ئاخىرى يوق ئەسىرىڭىزنى چىقىرىپ قويدۇق، ئاخىرىنى تېز سۈرئەتتە يوللاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. كېيىنكى قېتىم ئەسەر ئەۋەتكەندە ئەسەرنى تولۇق يېزىپ، دېئالوگ، ئابزاسلارنى ئېنىق ئايرىپ، باغلاشمىغان مەزمۇننى چىقىرىۋېتىپ(ياكى باغلاشتۇرۇپ) ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىنچە (يەرلىك شىۋە قوشماي)يوللاڭ. يوللاپ بولۇپ تەستىق كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا قايتا تەھرىرلەش ئېلىپ بارالايسىز، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىڭ. ئەسەر ئۈستىگە ياكى ئاستىغا ئەسلى ئاپتورنىڭ نام شەرىپىنى ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز تەخەللۇس ياكى ئىسمىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 01:46 PM