|
|
|
|
سۆيۈلۈپ - سۆيگىدەك قىزلار بەك تولا
قەلەمىي
بىراۋچۈن بولمىسا كۆزى كور ئەلەس،
يۇمىلاق ھەم يەنە كۈنگەي بىر پەلەس.
سەمىمىي، راستچىللىق بولسا لىق پەۋەس...
سۆيۈلۈپ - سۆيگىدەك قىزلار بەك تولا.
بىراۋدىن ئازار يەپ بارچىدىن زارلاپ،
بىر يامان ئاتسا مۇشت ئۆزىنى خارلاپ.
يۈرمىسە كېپىنەك كەبى گۈل ئارىلاپ...
سۆيۈلۈپ - سۆيگىدەك قىزلار بەك تولا.
گۈللەرنىڭ تىكىنىگە بېرەلمەي بەرداش،
ئۆزىدىن ئۆزىگە تەگسە ئاھ ھەر تاش.
جانان دەپ جان بېرىپ بولسا گەر سەر باش...
سۆيۈلۈپ - سۆيگىدەك قىزلار بەك تولا.
بىر - بىرىدىن ۋاز كەچكەن ياخشى ئىش ئەمەس،
ۋاز كېچىش ئەمەستۇر قىلغۇدەك ھەۋەس.
ۋاپالىق بولمىسا ۋاپا كېلىشى تەس...
سۆيۈلۈپ - سۆيگىدەك قىزلار بەك تولا.
ئەقىللىق تەلەپچان بولسا گەر يىگىت،
ۋىجدانى چاقمىسا دەقىقە چىگىت.
ئۇرۇلۇپ قالمىسا قاپقارا چېكىت...
سۆيۈلۈپ - سۆيگىدەك قىزلار بەك تولا.
|
|
|
|
|
|