مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا
تاققا-تۇققۇ يۇمۇرلار (1) 2-قىسىمى بار !! نى تەقدىم ئەتكەن . بۈگۈن 2-قىسىمىنى ئېلىپ كەلدىم
1.باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا دۆلەت رەئىسى بۇلۇشنى ۋە باۋما ماركىلىق ماشىنام بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم
، تۇلۇقسىزغا چىققاندا ئۆلكە باشلىقى بۇلۇشنى ۋە ئاۋتو ماشىنام بۇلۇشنى ئارزۇقىلاتتىم
، تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋىلايەتنىڭ ۋالىسى بۇلۇشنى ۋە شاڭخەي داجوڭ ماشىنام بۇلۇشنى ئارزۇ قىلدىم
، كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندا بولسا كەنىت باشلىقى بۇلۇشنى ۋە موتۇسكىلىتىم بۇلۇشنى ئارزۇ قىلدىم
، مانا ئەمدى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا ئائىلە باشلىقى بۇلۇشنى ۋە ۋېلىسپىتىم بۇلۇشنى ئۆمۈت قىلىپ يۈرۈپتىمەن
، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئارزۇيىم نېمىگە ئايلىنار ؟؟
2. مېنىڭ بىر ياتاقتا تۇرىدىغان ئاغىينەم تېخىچە بويتاقتى
، ئۇ ياپۇنىيەنىڭ كارتۇن فىلىمىگە ھەددىدىن زىيادە قىزىقاتتى . بىر كۈنى ئۇ ئۆزى ياقتۇردىغان كارتوننىڭ سۈرىتى چۈشرىلگەن كۆينەكنى كىيىپ كەچلىك مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا تۆۋەن يىللىقتىكى بىر چىرايلىق قىز ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ '' سىزمۇ بۇ فىلىمگە ئامراقكەنسىز دە ، مېنىڭ تېلىفۇنۇمدا بۈگۈن يېڭى چىققان قىسىمى بار ، بىز بىرلىكتە كۆرەيلىمۇ '' دەپتۇ
، لېكىن مېنىڭ بۇ لەقۋا دوستۇم قىزغا بىر قاراۋەتكەندىن كېيىن '' تېلىفۇننىڭ ئېكرانى بەك كىچىككەن ، مەن ياتاققا قايتىپ كومپىيوتېردا كۆرەي '' دەپلا كېتىپ قاپتۇ
مېنىڭ بۇ دوستۇمغا دەيدىغىنىم :بۇرادەر، سېنىڭ ھازىرغىچە يالغۇز يۈرگىنىڭگە خوپ بوپتۇ تازا !! بەزنى ئېغزىغا سېلىپ بەرسىمۇ يىمىگەن سەندەك مۈشۈككە سۆڭەك ئۇچرىغاي !!
3.بىزنىڭ بىر مۇئەللىمىز دەپ بەرگەن :
ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ ئۇ دەرىسلەردە ناھايىتى ياخشىكەن ، بۇلۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىغا بەك ئۇستىكەن
، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېنگىلىز تىلىدا 138نۇمۇر ئېلىپ بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرىستىتىغا قۇبۇل قىلنىپتۇ
مەكتەپكە بېرىپ ئىككى ھەپتىدەك ھەربىي مەشىق قىلىش داۋامىدا ئۇ ئوقۇغۇچى ھەممە يېڭى ساۋاقدشلىرىغا دىگۈدەك '' مەن ئېنگىلىز تىلىدا 138 ئالغانتىم ، سەن نەچچە ئالغانتىڭ ؟؟ '' دەپ چىقىپتۇ
لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ
. ئوقۇش باشلانغان كۈنى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن '' بۇ يىل سىنىپىمىزنىڭ ئېنگىلىز تىلى نەتىجىسى خېلى ياخشىكەن ، پۈتۈن سىنىپتىكى 200 ئوقۇغۇچنىڭ ئىچىدە 140تىن تۆۋەن ئالغاندىن ئىككسىلا باركەن ، بىرسنىڭ 139 ، يەنە بىرسنىڭ 138 '' دەپتۇ
4. كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئاچامغا ئۇكاڭغا ئونداق قارا دەپ مېنى ئاچامغا بىرىپ قۇيۇپ ئۆزى ئىشلىگىلى كەتتى . ئاچام بولسا دوستلىرى بىلەن '' مىھماندارچىلىق '' ئوينىماقچى بولۇپ مېنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ئۇلارنى ئوينىغىلى قويماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ كۆمۈر دۆۋسىدىن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر پارچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا '' ماۋۇلارنى پاكىز يۇيۇپ ئاقارتىپ بولۇپ كەلسەڭ ئاندىن سېنىمۇ قېتىپ بىللە ئوينايمىز '' دېدى
......... مەن بىچارە ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن بىر چۈشتىن كېيىن كۆمۈر يۇيۇپ چىقتىم
ئەمدى چوڭ بولۇپ ھەممىنى چۈشنىپ يەتتىم .
5. مەن باشلانغۇچتىن ھازىرغىچە 13 يىل مەكتەپتە ئوقۇپتىمەن . ئەگەر مەن 13يىل ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىلغان بولسام مەن چۇقۇم بىر داڭلىق ناخشىچى بۇلاليتتىم ؛ ئەگەر مەن 13 يىل توپ ئوينىغان بولسام چۇقۇم بىر داڭلىق توپچى بۇلالايىتىم ؛ ئەگەر مەن 13 يىل مەخسۇس ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىغان بولسام چۇقۇم دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالايتىم ، ئەمما ھازىر مەن پەقەت 13 يىللىق ئوقۇش تارتىىخغا ئېگە ، سىرتقا چىقسام بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ خىزمەت تاپالمايدىغا بىر ئاددى كىشى خالاس ، ئىسىت 13يىل !!
6. تېلىفۇنۇمنىڭ پۇلى تۈگەپ قېلىپ بىر بۇرادىرىمگە ئۇچۇر يوللىدىم : مېنىڭ تېلىفۇنۇمغا 10 يۈەن قاچلىۋەتكىن ، پۇلۇڭنى ئەتە قايتۇرۇپ بېرىمەن . ئىھتىياتسىزلىقتىن توپ ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ قاپتىمەن . ئەتىسى ئەتىگەندە قارىسام تېلىفۇنۇمغا 28 پارچە ئۇچۇر كەپتۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە 15 پارچىسىدا '' قايتۇرمىساڭمۇ بۇلىدۇ '' دەپتۇ ، 4 پارچىسىدا '' ئەتە قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالما '' دەپتۇ ، قالغانلىرى '' قاچلىۋەتتىم '' دەپتۇ . مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى بىر قىز '' سىزگە 20 يۈەن قاچلىۋەتتىم ، يەنە بىر ئىش بار ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن '' دەپتۇ
، شۇنداق قىلىپ مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۇچۇرنى توپ ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ قالغان باھانە بىلەن 150 يۈەن سۆزلىشىش ھەققىي ۋە بىر دانە قىز دوسىتقا ئېگە بولۇپ قالدىم
بۇنى ناھايىتى قاملاشقان مۇكەممەل خاتالىق دېيىشكە بۇلامدۇ يوق ؟؟
7. ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىن چىقىپ مەن ئازاپلانغانلىقىمدىن يىغلىۋەتتىم
، ئەتىسى ئالىي ماتېماتىكا ئېمتىھانىدىن چىقىپ مەن تۈنۈگۈن سەل بۇرۇن يىغلاپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم
8.ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ تىرشىپ ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ؛
ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ تىجەشلىك قىلىش ئۈچۈن ؛
گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ ئۇرۇق-ساغلام قىلىش ئۈچۈن ؛
گۆرلۈك ھەققىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى ئۆلمەي تېخىمۇ ئۇزاق ياشاشقا دەت قىلىش ئۈچۈن . بىزنى خۇشال-خۇرام ، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت كۆپ بېشىنى قاتۇرۇپتۇ ، پارتىيەگە رەھمەت ، دۆلەتكە رەھمەت ، ھۆكۈمەتكە رەھمەت !!
مەنبەسى : تىڭشۈن مىكروبلوگى