مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 121526|ئىنكاس: 466

توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 01:35:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ھىكايە 2009 - يىلى ulinix.cn تورىدا ئۆز نانىمدا بىر قېتىم ئىلان قىلىنغان ، ئۇزاققا قالماي كەڭ دائىرلىك تور توختىغاندىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇچرىتىپ قېلىپ قايتىدىن تولۇقلىغان ، تەھرېرلىگەن ئاساستا تورداشلارغا سۇندۇم .

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلىنىش تورىدىكى نىزامىدىن ئاكا ۋە باھارگۈل خانىمگە چىن كۆڭلۈمدىن سالام يوللايمەن !


ئەسكەرتىش : باشقا توربەت ، مۇنبەرلەرگە يوللاشتىن بۇرۇن ماقۇللۇقنى ئېلىشىڭىزلارنى سورايمەن ، رەھمەت .


توي كىچىسىدىن كىيىن ئۆزگەرگەن تەقدىر

( ھىكايە )

(1)

جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپدە ، بىر ئايالدا ، بىر ئانىدا ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەت ، مىھرىبانلىق بولمىسا پۈتكۈل ئائىلىدە ، مەسئۇلىيەت كەمچىل ، مىھرىبانلىق سۇس بولىدۇ .
مانا ، بىر ئۆگەي ئانا ئۆگەي قىزىنى ياتلىق قىلىپ تالاغا چىقاردى ،  بۇ ئانا بۇ قىزنى پۈتۈنلەي شەخسى مەنپەئەت ، شەخسى ھىسىيات بىلەن ياتلىق قىلىشنى ئاستىرىتتىن پىلانلاپ ئاخىرى ۋۇجۇتقا چىقارغان بولسىمۇ ئەمما قىزنىڭ دادىسى بۇ پىلانلاردىن خەۋەرسىز ئىدى ، ئەكسىنچە قىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىپ مەجبۇرى يۇسۇندا تويىنى قىلىۋىتىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان بولغاچقا ، قىز ئۈچۈن بۇ توي ھەم ھاقارەت ھەم تەڭسىزلىك بولۇپ ھىساپلىناتتى .

قىزنىڭ بىر قېتىملىق كىچىككنە سەۋەنلىكى بۇ توينىڭ ھەم تىز ، ھەم مەجبۇرى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالدى ، ئىشنىڭ ئاساسلىق جەريانى ياقۇپقا گەپ ئۈگىتلىش بىلەن باشلاندى .

- ماڭا قارا ياقۇپ ، سەن رەناغا كۆيىسەنغۇ ؟ شۇنداق بولغان ئىكەن مىنىڭ گېپىم بويىچە ئىش كۆرسەڭ چوقۇم ئاز كۈنگە قالمايلا رەنا سىنىڭ بولىدۇ .

- قانداق دەيسىز زورىخان ئاچا ؟

- چۈشتىن كىيىن بىزنىڭ تاۋۇزلۇققا سۇ قويغىلى چىققىن ، مەن بىزنىڭ ئادەمگە دەپ قويىمەن ياقۇپ سۇ قويۇپ بىرىدىغان بولدى دەپ ، ئاندىن بازارغا ئوغۇتقا ئېلىپ كىلىشكە ئەۋەتىمەن ھەم قايتىپ كىلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ رەنانى قېشىڭغا چىقاتىمەن ، رەنا چىققاندىن كىيىن سەن ئۇنى - بۇنى دەپ ئۇنى گەپكە تۇتۇپ تۇرىسەن ، بىزنىڭ ئادەمنىڭ سىلەر بار يەرگە كىلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ ساتمىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ياغلىق بىلەن بىشارەت بىرىمەن ، سەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىپ مەن بىشارەت بەرگەن ھامان رەنانىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ، ئۇنىڭغا يىقىنچىلىق قىلساڭلا بولىدۇ ، قالغىنغىا مەن بار ...

- سىزنىڭچە بولارمۇ ؟

- قالغىنىغا مەن بار دىدىمغۇ سەن شۇنداق قىلساڭلا بولىدۇ .

- رەناغا كىچكىمدىن كۆيۈپ يۈرەتتىم بىراق ئۇ ماڭا پەقەت كۆڭۈل بەرمىدى ، ئاڭلىسام تۆۋەنكى مەھەللىدىكى نىجات بىلەن ۋەدىسى بارمىش ، ئۇ نىجات ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغان تۇرسا بۇ ۋاقىتقىچە ئۈرۈمچىلىك قىزدىن بىرەرنى تېىپىپمۇ بولغاندۇ .

- شۇنى دىگىنە ، نىجاتنىڭ دادىسى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ، ئانىسىمۇ كەنىت ئاياللار مۇدىرى تۇرسا نىجاتتەك ئائىلە ئەھۋالى ياخشى بالىغا رەنا ماس كىلەمتى ؟ كىيىنچە ئۇ ئىككىسى توي دىگەن تەغدىردىمۇ ، نىجات ئەتىۋارلىق يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا چوقۇم رەنانى ئات - ئىشەكنىڭ ئورنىدا ئىشقا سېلىپ ، تويغۇزىدۇ ئاندىن خېتىنى بىرىپ چوكان قىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ ، ئۇ ۋاقىتتا يەنە قاچانغىچە باقىمەن ئۇ جىن تىپىۋەتكەن ئەۋاقنى ...

- زورىخان ئاچا دىمەك رەنانى بالدۇرراق ياتلىق قىلىش ئويىڭىز بار ئىكەندە ؟

- شۇنى بىر دىگىنە ، ھېلىمۇ ئون نەچچە يىل باقتىم ، ئەمدى بولغاندا قۇدىلىق بولۇپ قۇدىلار بىلەن بىلەك تۇتۇشۇپ ھېيىتلىشىپ كەتسەم ، توي - تۆكۈنلەردە بىر يەردە ئولتۇرۇپ خەقنىڭ ھەسىتىنى قوزغىسام ...نىمىدىگەن ياخشى ھە ؟ ئۇ نىجات بۇ يىل تېخى ماڭدى ئوقۇشقا ، ئاڭلىسام تۆت يىل ئوقۇيمىش ... تۆت يىلغىچە كىم بار ، كىم يوق ؟ رەنامۇ قېرىپ ئەل - خالايىق ئالدىدا < ئولتۇرۇپ قالدى > دىگەن ئاتاققا قېلىپ يۈزۈمنىڭ سەت بولىشىنى خالىمايمەن .

- دىگەنلىرىڭىز توغرا زورىخان ئاچا ، ئۇ ئىككىسى توي قىلدى دىگەن ھالاتتىمۇ يەنە تۆت يىل بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ تۆت يىلغىچە ئەرگە تەگمەي يۈرىۋەرسە رەناغىمۇ سەت ...

- شۇڭا دەيمەنغۇ ، سىنى تىزراق تۇتۇش قىل دەپ ... ئىسىڭدە بولسۇن بۇ ئىش مەخپى بولسۇن . باشقىلارغا دىگۈچى بولما ، يەنە بىر گەپ ماڭا ئاز تولا كۈيئوغۇللۇقنى كۆرسەتمىسەڭ بولماس ، سىنىڭ كاللاڭ خىلى ئىشلەيدۇ ئۇنى دىمىسەممۇ بىلىسەنغۇ دەيمەن .

- خاتىرجەم بولۇڭ زورىخان ئاچا ، بۇ ئىش جايىدا پۈتۈپلا قالسا ئۆزۈمگە تەۋە باققان قويۇمدىن يەتتە - سەككىزى بار ، ئىككىسى سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ، ئەڭ سېمىزدىن ...

- ماۋۇ گېپىڭ جايىدا ، يولنى مەن كۆرسەتتىم مېڭىش ئۆزۈڭدە ئەمىسە .

- سىزغۇ تويغا ئىندەككە كەلتۈرەرسىز ، ئەمما تويدىن كىيىن ماڭا تۇتۇق بەرمەي ، ئەسكىلىك قىلسا قانداق قىلىمەن ؟

- شۇنىمۇ گېپىم بار دەپ قىلىدىكەنسەن ، قىز بالا دىگەن ناۋاتقا ئوخشايدۇ ، ناۋات بەك قاتتىق ئەمما سەن ئۇنى قايناق چايغا سالساڭ بىردەمدە ئىرىپ ، شاما بولۇپ كىتىدۇ ، توي كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا ئۇ ساڭا كۆڭۈل بىرىپ ، سەندىن خۇشاللىق ئىزدەيدىغان بولۇپ قالامدۇ تېخى ...قايناق چاي بولالىساڭلا ئۇ ناۋات سەن ئۈچۈن ئىرىيدۇ .

- ئەمىسە يولنى سىز كۆرسىتىڭ .

- دىدىمغۇ يولنى مەن كۆرسىتىمەن ، مېڭىش ئۆزۈڭدىن ...قالغىنغا مەن بار ، تويدىن كىيىنمۇ يەنە مەن بار ، ھەممە ئىشلارنى يىپتەك قىلىۋىتىمەن .

- ھى ھى ھى ...

- بولە ماڭ چالا ھىجايماي ئۆيۈڭگە بېرىپ كەتمەننىڭ نوچىسىنى ئېلىپ بىزىنىڭ تاۋۇزلۇققا بارغاچ تۇرغۇن ، رەنانى ئاشقا تەييارلىق قىلغاچ تۇرغىن دەپ قويغان ئىدىم ، ئاۋۋال رەناغا ئاندىن بىزنىڭ كەپتەر خۇمار ئادەمگە قاراپ باقاي .

- ماقۇل .

رەنا كىچكىدىن باشلاپ ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان بولۇپ تاماق ئىتىش ، ئۆي تازىلاش ۋە يىپ - يىڭنە ئىشلىرىغا تولىمۇ قولى كىلەتتى . زورىخاننىڭ بۇيرىقى بىلەن تاماققا تەييارلىق قىلىپ بولۇپ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىسى ھەسەننىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ ، باش كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ھويلا - ئاراملارنى سۈۈپرۈپ سۇ چېچىپ پاكىزلا قىلىپ قويغان ئىدى .

ھەسەن بولسا رەنادىن نەچچە ياش كىچىك بولغاچقىمۇ ئەتىمال رەناغا بەكلا ئامراق ئىدى ، رەنامۇ ئامراق بولۇپ ، خۇددى بىر ئانا - بىر دادىنىڭ باللىرىدەك ئويۇن چاقچاق ،كۈلكە ئىچىدە ئۆتەتتى ، ئەمما رەنانىڭ ئۈگەي ئانىسى زورىخان ئۇنداق ئەمەس ، رەنانىڭ يەنە بىر مەستانىسى ياقۇپتىن ئىككى قوينى قوبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە تويلۇقىدىن ئاز تولا جۆندەشنى ئاللىقاچان كۆڭلىگە پۈكۈپ ، خىيال قىلىپ بولغان .

رەنانىڭ دادىسى بولسا زورىخاننىڭ يالغان ياۋداقلىرىغا ، شىرىن گەپلىرىگە كۆنۈپلا كەتكەن ، قۇمىدىكى كەپتەرلەر ئۇنىڭ بىكار قالسىلا ھوزۇر ئالىدىغان ، ئۇچۇرۇپ تاماششا قىلدىغان جانلىقلىرى ، بىر كۈننىڭ يېرىمىدا ئاساسەن كەپلەرگە دان - سۇ بىرىش ، ئۇچۇرۇش ، باچكىلىرىنى تەكشۈرۈش بلەن مەشغۇل بولىدۇ .

ئۇلارنىڭ ئىككى ئۈچ مو تېرىلغۇ يېرى ئاندىن ئۆينىڭ كەينىدە بىرەر مـــــــودەك بېغى بولۇپ ئائىلە كىرىمنىڭ بىر قىسمى شۇ باغدىن ، بىرقىسمى يەردىن يەنە بىر قىسمى كەپتەرچىلىكتىن كىلىدۇ ، بايىقى پۈتۈشكەن مەسلىھەت شۇ باغنىڭ چىتلىقىغا تۇتىشىدىغان يەردە قىلىنغان .

زورىخانچە بولغاندا رەنانى ئەڭ تىز سارئەتتە ياقۇپقا ياتلىق قىلىپ ياقۇپنىڭ ھىممىتىگە ئىرىشىش ھەم قۇدىلارنىڭ مەھەللىدىكى < باي > ئاتىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ھەر قاچان< تۆر > گە قويۇپ قۇدىلىرىنىڭ چاپىنىدا تەرلەش ، باشقىلارنىڭ قىزغىنىشلىرىنى قوزغاپ ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىش ...

قەلبى گۈزەل ئارمانغا ، ئوتلۇق مۇھەببەتكە تولغان رەنا شۇ كەمدە زورىخاننىڭ نىمە ئويلايدىغىننى ، نىمە پىلانلارنى تۈزۈپ بولغىننى ھىچ بىلمەيدۇ ، ئۇنىڭدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ۋە ساداقەتمەنلىك ھەر قاچان ئائىلىدىكى ياخشى بالا ، ياخشى قىز بولۇشنى تەكىتلەپ تۇرغاچقا ، ئۇ ئائىلىسىدىكى ھەر بىرەيلەن شۇنداقلا نىجات ئۈچۈن بارلىقىنى بىرىشكە تەييار ! ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ پىكىرىنى دەپ نىجاتتىن ۋاز كىچىش ۋە باشقا بىرىگە كۆڭۈل بىرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىيىن ھەم مومكىن بولمايدىغان بىر ئىش ، چۈنكى ئۇنىڭ نازۇك قەلبىنى نىجات سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ گۈل - چىچەكلىرى بىلەن زىننەتلەپ بولغان ئىدى .

(2)


داۋامى ...

ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان بۇ كىچككىنە تاۋۇزلۇقتىكى تاۋۇزلار تازا ئۇسساپ قاندۇرۇپ بىر سۇغۇرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى ، ياقۇپ ئۇيەر - بۇيەرلەرگە ئۈنۈپ قالغان چۈجىگىن ، ئىت ئۈزۈمى ۋە لويلىلارنى چاناپ ، تاۋۇزلارنىڭ پىلەكلىرىنى تۈزلەپ قويىۋاتقان ئىدى ، راسىت دىگەندەك رەنا پەيدا بولۇپ قالدى .

- قاياقتىن كەلدىڭ رەنا ، جىندەكلا پەيدا بولۇپ قالدىڭغۇ ؟
ياقۇپ كۆڭلىدىكىنى زادىلا چاندۇرمىدى ھەم ئۇستىلىق بىلەن بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىپ كەتمەننى كۆتۈرۈپ رەنانىڭ ئالدىغا كەلدى ، رەنا خىجىللىق ھەم مۇلايىم قىياپەتتە ياقۇپنىڭ گېپىگە جاۋاپ بەردى .
- سەيگە چىقتىم ، كەچلىك تاماققا ...
- ھە ، كۆك چامغۇر ، كۆك سامساق  ، ئۇششاق ئاق سەيلەر تازا بولۇپ ئۆسۈپتۇ مانا .
دىدى ياقۇپ چۆنەك بىلەن چۆنەك تۇتاشقان قىرلاردىكى نەچچە خىل بولۇق ئۆسكەن سەي ، كۆكتاتلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ياقۇپنىڭ گەپلىرىگە پىسەنىت قىلمىغان رەنا نېرىراققا بېرىپ كۆ چامغۇرلارنى تاقلاپ يۇلۇشقا باشلىدى ، ياقۇپ رەنانىڭ قېشىغا ئانچە يىقىنلاشمىدى ، ئەمما توختىماي سۇئال سوراپ رەنانى ئۆزىگە قارىتىشقا ئۇرۇناتتى .
- مەن سىزنىڭ يۇقىرلاپ ئوقىمىغىنىڭزغا ھەيران رەنا ، مەھەللىدىكى بالىلاردىن ئاڭلىسام ئوقىشىڭىز بەك ياخشىكەنتۇق ، سىز بىلەن بىللە ئوقىغان جۈرۈننىڭ بالىسى نىجات كىتىپ قالدى ئەينا ئوقۇشقا ...نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟
- نىمە دەيمەن ؟
- نىمە دىسىڭىز مەيلى ، مەن سورىغان گەپلەرگە جاۋاپ بەرمەمسىز .
- نىمىگە جاۋاپ بىرىمەن ، سىز بىلەن پاراڭلاشقۇدەك ۋاختىم يوق ئۆيگە كىرىپ كەتمىسەم بولمايدۇ .
- ۋاي - ۋۇي ، نىمىگە بۇنداق ئالدىرايسىز ؟ ئۆيدە باشقا ئىش بولمىسا يا قىلىدىغان ؟
- ئىشىم بار ...
- ماڭا قاراڭ رەنا ، سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى ، بىراق ئۇزۇندىن بېرى پەقەتلا كۆرىشەلمىدۇق ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۆيدىلا ئولتۇرۋالدىكەنسىز ...
- ئۆيدە ئولتۇرماي تالاغا چىقىپ ئولتۇرسام بولامتى ئەمىسە ، تازىمۇ بىر ...
- بوشىراق تىرىكسىڭىزچۇ ؟ مەن سىزنى كۆرسەملا يۈرەكلىرىم تىزلىشىپ دەيدىغان گېپىمنىمۇ تاپالماي قالىدىكەنمەن .
- قۇرۇق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا چولام يوق .
- ۋاي ، ۋۇي ئالدىرىماي يۇلىڭە سەينى ... قۇرۇق گەپنى ئاڭلاشقا رايىڭىز بولمىسا نەمدىسەممۇ بولىدۇ .
- يوقىلە ماڭ ! يەنە ماڭا گەپقىلىۋەرسەڭ سەت تىللاپ سالماي يەنە ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭنى بىلىۋال !
- ھەي مەن ...
ياقۇپ رەناغا يەنە قانداقتۇر گەپ قىلماقچى بولىۋىدى ، ئۇنىڭغىچە زورىخاننىڭ < رەنانىڭ دادىسى كەلدى > دىگەن بىشارىتىنى كۆردى ھەم رەنانىڭ قېشىغا كىلىىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتتى ، ياقۇپنڭ بۇ قىلىقىدىن نارازى بولغان رەنا ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلكىشلەپ ، قويىۋەتمەكچى بولدى ئەمما ياقۇپ چىڭ تۇتىۋالغاچقا ئامالسىز قالدىمۇ ياقۇپنى تىللاپلا كەتتى .
- نىمە قىلىسەن ؟ قويىۋەت قولۇمنى ،قويىۋەت دەيمەن ھارامتاماق ...
- بۈگۈن گېپىڭىزنى ئوچۇق قىلىڭ رەنا ، ماڭا ماقۇل بولۇڭ !
- يوقال ، ۋۇ ئىپلاس ! نىمە قىلماقچى سەن؟
- بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ ؟
ياقۇپ رەنانىڭ ئىككى قولىدىن چىڭ تۇتۇۋىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تارىتتى دە ئۇنىڭ يۈزلىرىگە يۈزىنى زورلاپ يۈرۈپ تگىشتۈرمەكچى بولدى ، قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن رەنا  ئۈنۈلك ئاۋازدا ياقۇپنى بولىشىغا تىللىدى ئەمما ياقۇپ يەنىلا زورلۇق قىلىپ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغان ئىدى ، ياقۇپنىڭ يۈزىنى چىشلەپ قۇتۇلماقچى بولۇپ چىشلىرىنى غۇرۇچلىتىپ تەييار
بولغان رەنا ، يىراقتىراق ھارۋا ھەيدەپ كىلىۋاتقان دادىسى نۇردۇننى كۆردى ھەم ياقۇپقا شۇنداق ئۆچمەنلىك نەزىرىدە دىدى.
- قويىۋەت مىنى ئىپلاس ، دادام كىلىۋاتىدۇ ، قويىۋەت دەيمەن ...
ياقۇپ رەنانىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلمىغاندەك رەناغا تېخىمۇ مەھكەم چىرمىۋالدى ھەم رەنانىڭ دادىسى نۇردۇن ئۇلارغا يىقىنلىشىپ ئۇلارنىڭ ھالىتىنى تولۇق كۆرگەندىن كىينلا ھەييارلىق قىلىپ رەنانى قويىۋەتكەچ دىدى .
- ئاپلا ، رەنا دادىڭىز كەلدى ...تىز بولۇڭ ئۆيگە قايتىڭ ، ھە ياق - ياق مۆكىنىۋىلىڭ !...
رەنا شۇھامان ياقۇپتىن ئاجراپ ، يىغلامسىرىغان پېتى يۈگىرەپ ئۆي تەرەپكە چاپتى . ياقۇپنىڭ رەنانى قاچۇرۋەتكىنىدەك بۇ كۆرىنىش رەنانىڭ دادىسى نۇردۇننى خۇددى ئۆزىنى كۆرۈپلا ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەندەكلا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى ، ئىشەكنى تاۋۇزلۇقنىڭ ئۇ تەرەپىدىكى جىگدىگە باغلاپ قويغان نۇردۇن تىز - تىز مېڭىپ ياقۇپقا يىقىنلاشتى ھەم قولىدىكى ھارۋا ھەيدەيدىغان تاياقنى ياقۇپقا تەڭلىگەن پېتى ئۇنىڭغا دىدى .
- ھۇ ناكەسلەر ...نىمە قىلىق بۇ كۈپكۈندۈزدە ؟ نىمە سەتچىلىك بۇ ماڭا ...كىلە ئوغىرنىڭ بالىسى ، مەن سىنى ئۇرۇپ ...
نۇردۇننىڭ بارغانچە قېشىغا يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى ھەم ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياقۇپ ئۆزىنى ئوخشىتىپ قويۇشقا تىرىشتى ھەم يالغان - ياۋداق گەپلەر بىلەن نۇردۇننىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى .
- مەن ، مەن ھىچنىمە قىلمىدىم نۇردۇنكا ، تاۋۇزغا سۇ قويۇشۇپ بىرىدىغىنىمدىن سزنىڭمۇ خەۋرىڭىز بارغۇ ، قىزىڭىز رەنا ئۆزى  بۇ يەرگە مىنى ئىزدەپ چىقىپتىكەن ، سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتتى ، مەندە گۇناھ يوق ، مەندە گۇناھ يوق ...
ياقۇپ گەپلىرىنى دىگەچ تىزلىك بىلەن قېچىپ بىردەمدىلا تاۋۇزلۇقتىن غايىپ بولدى ، بىردەم قوغلاپ توختاپ قالغان نۇردۇننىڭ يۈرەكلىرى سىقىلىپ ، نەپەسلىرى تىزلىشىپ كەتكەن ئىدى ، شۇ تاپتا ياقۇپتىنمۇ بەكرەك قىزى رەناغا قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ كەتكەن نۇردۇن ، نىشانىنى ئۆي تەرەپكە بۇرىتىپ رەنادىن تازا بىر ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولىۋىدى ئۇنىڭغىچە زورىخان پەيدا بولۇپلا نۇردۇننى توختىتىپ قويدى .
- نۇردۇنئاخۇن ، ھۇي نۇردۇنئاخۇن ...
تىز - تىز قەدەملىرى بىلەن ئۆي تەرەپكە يول ئالغان نۇردۇن قەدەملىرىنى توختىتىپ تاۋۇزلۇق تەرەپكە قارىدى ھھەم زورىخاننىڭ چاقىرىقى بىلەن كەينىگە قايتىپ كەلدى .
- نەگە بارىسىز بۇنچە تىز ؟ ئوغۇتنى تىزراق سالمىساق ھېلىغىچە سۇ توختاپ قالسا قانداق قىلىمز ؟ كەلسىلە ھە ، ماۋۇ داسنى ئالسىلا قوللىرىغا ...
- خەپ ، خەپ ...
- ۋي نىمە بولدى ؟ خەپ - خەپ دىگۈدەك گەپ قىلمىغاندىمەن ؟
- خەپ - خەپ ، بەڭۋاش ...
- ۋۇي نىمە بولدى دەيمەن ، نىمە خەپ دەۋىرىسىز ؟
- رەنا دىگەن بەڭۋاش  ، يۈزى قېلىننى دەيمەن ، كۈپكۈندۈزدە ماۋۇ يەردە ياقۇپ قىزىل كۆز بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ يۈرۈپتۇ .
- ئۇنى مەنمۇ كۆردۈم نۇردۇن ، بايا مەن رابىخاننىڭ ئۆيىگە ئەلگەككە چىقىۋىدىم رابىخان تاۋۇزلۇقىڭلىدىكى كۆك چامغۇردىن بىر ئاشلىق يۇلۇپ بەرسەڭلا دەپ تۇرىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەيلى دەپ بىللە كىلىۋىدۇق ، قارىساق رەنا بىلەن ياقۇپ بايا سىز كۆرگەندەك تۇرىدۇ ، رابىخاندىن خويمۇ خىجالەت ھىس قىلدىم شۇنىڭ بىلەن رابىخان ھېلىغىچە چىقاي دەپ كەينىگە قايتىپ كەتتى ، مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرسام ئاۋۇ تەرەپتىن سىز كەلدىڭىز ...
- نىمە رابىخان دىگەن ۋات - ۋات خوتۇنمۇ كۆردىما ئۇ ئىككى شەرمەندىنى ؟ سەن كۆرگەن ئادەم نىمە دەپ گەپ قىلمىدىڭ ؟
- ۋۇي شۇ مەنمۇ ئەمدى تېخى كىلىپ تۇرغان ئىدىم ، رەنانى سەيگە چىقاتقىلى ئىككى ئاش پىشىم ۋاختى بولغان ئىدى ، ئۆيدە ساقلاپ تۇرىۋەرسەم كىرمىدى ، قارىسام رابىخان ئوتياشنىڭ گېپىنى قىلدى ، رەنا كىرمىگەندىن كىيىن قاراپ باققاچ بىر ئىككى ئاشلىق بىرەي دەپ رابىخان بىلەن مۇڭىشىپ كىلىپ قارىساق ئاشۇنداق تۇرىدۇ ، مەن گەپ قىلاي دەپ يېنىغا بېرىپ بولغۇچە  سىز كەلدىڭىز ، سىزنى كۆرۈپ ئىزىمدا توختاپ قالدىم .
- ھەي ئىسىت ، ھەي ئىسىت...يۇۋاش ، ئەقىللىق بالا بولدى دىسەم ما سەتچىلىكنى قانداق قىلاي ئەمدى ؟ رابىخان دىگەن جەددال خوتۇن بىرنى - ئىككى قىلىپ يايىدۇ خەلقى ئالەمگە ...
- بولار ئىش بولدى دادىسى ، ئەمدى مىڭ قاقشىغان بىلەن ئەسلىگە كەلمەيدۇ . ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ ، رەنادا گۇناھ يوق ، ياقۇپ قىزىل كۆزنى دەيمىغان ... تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان ...ھە دىسە ئىشىڭىز بارمۇ ، قىلىشىپ بىرەي ...دىسە ماقۇل دەپ ئاش ، نان بىرىپتىمەن ئۇ قارايۈزگە ...
- مەن كۆردۈم ھەم ئاڭلىدىم ، ەۇناھ ياقۇپتا ئەمەس ... مىنىڭ كەلگىنىمىنى كۆرۈپ < داداڭ كەلدى > دىۋىدى ئاندىن ئىزا تارتىپ قېچىپ كەتتى ، سەنمۇ ئاڭلىغانسەن ھەرقاچان ...
- ئۇغۇ شۇ دادىسى ، قىز بالا بولغاندىن كىيىن دادىنىڭ ئالدىدا ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ئەلۋەتتە ئىزا تارتىدۇ ئەمەسمۇ ؟
- خەپ ، خەپ ...
- بولدى بولدى دادىسىنى ، ھازىر ئاچچىقلىنىدىغان ۋاقىت ئەمەس . ئەڭ مۇھىمى تاۋۇزلارنى بىر سۇغۇرۋىتەيلى ، رەناغا گەپ بولسا كەچتە ئۆيگە كىرگەندە ، چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ دەيلى .
- چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ گەپ قىلمايمەن ، خەپ جۇۋاينىمەكنى ...
- بولدى - بولدى دادىسى ، قېنى ئوغۇتنى ئەكىلىڭە ، ھېلىغىچە سۇ توختاپ قالسا ، تاۋۇزلار ئېرىق - ئۆستەڭگە سۇ پەيدا بولۇپ بولغۇچە ئۇسساپ يىگىلەپ قالىدۇ .
زورىخاننىڭ ئۇستىلىق بىلەن پىلانلىغان بۇ ئوينى دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋاپىقىيەتلىك ئوينىلىپ ، رەنا بىلەن نۇردۇننىڭ ئارىسىدا چوڭ بىر خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىندى .
شۇ كەمدە نۇردۇننىڭ ئەلپازى بويىچە رەنانىڭ كەينىدىن ئۆيگە كىرىپ تازا بىر ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقارغۇسى بار ئىدى ، ئەمما زورىخان ساختا مىھرىبانلىق ۋە ئىشچانلىق كۆرسىتىپ نۇردۇننى تۇتىۋالدى ھەم رەنانى ۋاختىدا ياتلىق قىلىۋىتىش توغرىسىدا دەسلەپكى مەسلىھەتنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ، تاۋۇزغا سۇ باشلاپ بولغۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇنىڭ - بۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىش چىقىرىپ قويۇپ ، ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈزىنى پوق قىلغىنىدەك بىر قاتار راسىت - يالغان ئىشلارنى سۆزلەپ نۇردۇننىڭ كاللىسدا < ياتلىق قىلىمەن > دىگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشاتتى .

(3)

داۋامى ...

غەرىپتىكى شەپەق نۇرى يوقىلىشقا باشلاپ زىمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلاۋاتقان بۇ پەيىتتە ، نۇردۇن ئۆزىنى قانچە تۇتىۋالاي دىدىيۇ ئەمما ھېلىقى كۆرىنىش كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ ئىچىگە پاتمايلا قالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زورىخاننىڭ رابىخانمۇ كۆردى دىگىنى تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى ، ھېلىقى رابىخان دىگىنى مۇشۇ مەھەللىدىكى سۇخەنچى ، بىرسىنىڭ گېپىنى بىرسىگە ئەڭ تىز سۈرئەتتە يۈتكۈزىدىغان ئايال بولۇپ ، مەھەللىدە ئۇنىڭ < رابى پاتەم > دەپ لەقىمىمۇ بار ئىدى .
نۇردۇن ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى ھەم تاۋۇزلۇقتىن ئېلىپ كەلگەن بىر خالتا ئوت - چۆپنى قويلارغا سالغاندىن كىيىن رەنانى چاقىردى ، قايتا - قايتا چاقىرىش نەتىجىسىدە رەنا ئىچكىركى ئۆيدىن چىقتى ، نۇردۇن ئۇنى چىققان ئۆيىگە يەنى ئىچكىركى ئۆيگە كىرىشكە بۇيرۇق قىلىپ ئۇنىڭدىن ھىساپ ئېلىش قارارىغا كەلدى .
غال - غال تىترەۋاتقان رەنا دادىسىنىڭ نىمە توغۇرلۇق ئۆيگە سولىغانلىقىنى بىلەتتى ، شۇ تاپتا دادىسىغا قانداق چۈشەندۈرۈش ، قانداق ئاقلىنىشنىمۇ ئويلىنۋاتاتتى .
- قېنى دىگىنە ، ياقۇپ قىزىل كۆز بىلەن كۈپكۈندۈزدە نىمىلەرنى قىلدىڭ ؟ نىمىلەرنى دىيىشتىڭ ؟
- مەن ، مەن ھىچنىمە قىلمىدىم دادا ، ئانام مىنى سەي ئېلىپ كىرىشكە بۇيرىغان ئىدى ،، مەن سەينى يۇلۇپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسام ياقۇپ قولۇمدىن تۇتىۋالدى ...
- بىكاردىن بىكار خەقنىڭ قولىنى تۇتىدىغان ئىشمىكەن ، بۈگۈن راستىڭنى ئېيىت بولمىسا تىرەڭنى سويىۋالىمەن .
- دادا ، مەن ھىچ ئىش قىلمىدىم ، ئۇ ئۆزى مىنى تۇتۋالدى .
- مەن ھەممىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق يەنە يالغان سۆزلەيسەنغۇ ؟ بۇ يۈزۈمنى نەدە قويىمەن ئەمدى ...مانا ئەمسە تويە ....
- ئاھ ، دادا ... مەن خاتا ئىش قىلمىدىم دادا ...
رەنانىڭ نىداسى ئۆينى بىر ئالدى ، دادىسى نۇردۇننىڭ ئاچچىقى بەكلا تۇتۇپ كەتكەچكە قىزىنىڭ ئاھۇ زارى ، نىداسى قۇلىقىغا چۈشمەيىتتى، قورقۇپ بىر بۇلۇڭغا قاپسىلىۋالغان رەنانى ، قوي باغلايدىغان ئارغامچىنى نەچچە قات قىلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى .
رەنا قارشىلىق قىلالمايىتتى ، نۇردۇنغا زورىخاننىڭ خەقنى نەقىل ئېلىپ قىلغان تۈرلۈك يامان سۈپەتلىك سۆزلىرى بەكلا تەسىر قىلغان بولسا كىرەك ، ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن رەنانى شۈنچە قاتتىق ئۇرۇپ كىتىپ باراتتى .
نەخ شۇ پەيىتتە زورىخان ئىشىك تۈۋىدە بار ئىدىيۇ ئەمما بىردەمدىن كىيىن ئاندىن ئالدىراپ - تىنەپ كىرگەندەك قىياپەتتە كىرىپ نۇردۇننى رەنادىن ئاجراتتى ھەم قولىدىكى ئارغامچىنى ئېلىۋىلىپ نۇردۇننى تۇتىۋىلىپ  رەنانى سىرىتقا چىقىپ كىتىشكە قايتا - قايتا چاقىرىق قىلدى ، گەرچە بۇ بىر شەكىلۋازلىق بولسىمۇ ئەمما زورىخان بۇ شارائىتتا چوقۇم مۇشۇنداق قىلمىسا بولمايىتتى ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان بۇنداق ئۇسۇللارغا ئەلۋەتتە ئۇستا ئىدى .
نۇردۇن زورىخاننىڭ كۈچلۈك توسىشى ۋە تەسەللىسى نەتىجىسىدە تولىمۇ تەستە ئاچچىقىنى باستى ھەم باغقا ئېلىپ چىقىپ كىتىلدى ، رەنا بولسا يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ كىتىپ ئىشىكنى مەھكەم يېپىپ كۆزلىرىدىن بۇلاق كەبى ياشلىرىنى تۆكمەكتە ...شۇ تۇرقىدا نىجاتقا كۆڭلىدە نىدا قىلىۋاتاتتى .
- ئاھ ، يۈرەكلىرىم ...سىز نىمە ئىشلار بىلەن نىجات ؟ مىنى ئويلاۋاتامسىز ؟ بۈگۈن مەن نىمىنى خاتا قىلدىم ؟ نىمە گۇناھ ئۆتكۈزدۈم ؟...
رەنانىڭ بۇ ئازاپلىق يىغلاشلىرى ، يۈرەك زەردابى تارتىشلىرى پەقەت مۇشۇ ئۆي ئىچىدىلا قالدى ، زورىخان بولسا نۇردۇنغا تەسەللى ئېيىتقان بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مەقسەتلىك قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرى بارا - بارا ئۈنۈم بىرىۋاتاتتى .
- ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ دادىسى ، ئۇرۇپ تىللىغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟ ئۇنىڭدىن ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلغان ياخشى . رەنا ئەمدى ئون يەتتە ياشقا كىردى ، مەھەللىدىكى باشقىلارنىڭ رەناچىلىك قىزلىرىغۇ توي قىلىپ ئالدىنىڭ بالىسىمۇ بولۇپ بولدى ، شۇنداقتىمۇ رەنا مىنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا كىچىك شۇڭا ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوق .
- نىمە رەنا كىچىك دىدىڭما ؟ كىچىك بولسا كۈپكۈندۈزدە شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرەمدا ؟
- ئەمدى قانداق قىلىمىز دادىسى ، ياشچىلىق ئەمەسمۇ ؟ بىزمۇ شۇنداق رومانتىك ئىدىققۇ بىر چاغلاردا ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟
- ھەي ، مەن بۇ رەنانى خىلى ئەقىللىق ، ئىش ئۇقىدىغان چوڭ بولدى دەپ يۈرۈپتىمەن .
- مىنىڭچە بولسا ياتلىق قىلىدىغان يەرگىمۇ يىتىپ قالغان دادىسى ، قىز بالىنى بەك چوڭ قىلىپ ئەرگە بەرسىمۇ ئادەمگە باش ئاغرىقى بولىدىغان گەپكەن ، ئىش كۆرمىگەن ۋاختىدىلا تويىنى قىلىپ قۇيسا بۆلەنلا كىلىشىپ قالىدىكەن .
- ئۆتكەن ۋاقىتتا تېخى نېرىقى مەھەللىدىكى نايۇپ موزدوزنىڭ ئوغلىغا سوراپ كەلسە قوشۇلمىغان ئىدىڭغۇ ؟
- ۋاي دادىسى ، ئۇ نايۇپ موزدوزنىڭ ئوغلى تۆت تەڭگە پۇل تاپسا ئۆيىگە يەتتە سەككىز قىمارۋاز ئاغىنىسىنى يىغىپ ئوينايدىكەن ، رەنانى ئۇنىڭغا بەرسەك تۆت كۈنگە قالماي دەمىي غالتەككە چىقىپ قېلىپ ئوتۇن ، ياغاچ ، ئۇن ، ياغنى بىر ئاپىرىپ بىرىپ ئۆي تۇتقۇزساق بولىدۇ ، شۇڭا قوشۇلمىدىم ...
- ئوغۇل بالا بولسىغۇ ئىش ئاسانكەن ، بۇ قىز بالىنى يا < ئېلىڭ > دىگىلى خەققە بۇنداق بەدقىلىقلىق قىلىۋەرسە رىسقىمۇ كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ پىشانىسىدىن ...
- دادىسى ، ئەگەر ماقۇل كۆرسىلە شۇ ياقۇپقىلا بىرىمىزمۇ يا ؟
- تولا جېنىمغا تەگمىگىنە ، بۈگۈنكى پەسچىلىك يەتمىگەندەك يەنە شۇ ياقۇپنىڭ گەېپىنى قىلىۋاتىسەنغۇ ؟
- ئويلىنىپ بېقىڭ دادىسى ، سىز ، مەنغۇ ئۆز قىزىمىزنىڭ بۇ ئەيىپىنى يېپىپ ، ئىچىمىزگە يۈتۈۋاتالايمىز ، ئەمما رابىخان ئۇنداق ئەمەستە ... بۇ چاققىچە سەككىز ئون ىوتۇن - خەققە تارىتىپ بولغاندۇ تېخىمۇ ئۇلغايتىپ گەپنى ...سىزمۇ بىلىسىز بىر گەپنى تېپىۋالسا كۆپتۈرۈپ ، چوڭايتىدىغان خۇيى بار ئۇ ئايالنىڭ ...
- قانداق قىلساق بولار ئەمىسە سىنىڭچە ؟
- ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيسۈن دادىسى ، ئويلاپ بېقىڭە < ياقۇپ رەنا بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ قاپتۇ > دەپ گەپ تارىلىپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ ، مۇشۇنداق گەپ تارىلىسىپ كەتسە يۇرت ، مەھەللە ئىچىدە رەناغا يەنە كىممۇ ئېغىز ئاچار ؟ ئەگەر ئۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق رەناغا گەپمۇ تاپالمايدۇ خەق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياقۇپ كىچىكىدىن ئانچە - مۇنچە ئىشلىرىمىزغا ياردەم قىلىپ بىز بىلەنمۇ ئۆزلىشىپ قالغان ، ئاتا - ئانىسىمۇ توق يەپ ، توق كىيىپ يۇرىيدىغان ئادەملەر...شۇڭا بىر ئويلىنىپ بېقىڭە دادىسى بۇ ئىشنى ...
- دىگىنىغۇ بىر تەرەپتىن توغرا ، لىكىن ياقۇپتىن ئەلچى كىلىپ قىز سورىمىسا توينى قانداق خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ ؟
- ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولىڭە ، ئۇ ئىشلارغا مەن بار ، مەن ياقۇپ بىلەنمۇ ، رەنا بىلەنمۇ پاراڭلىشىمەن ، ياقۇپنىڭمۇ خىلى سۈيى بار ، رەنانى باشقۇرۇپ ، كۆڭلىنى پەپىلەپ كىلىشىپ كىتەلەيدۇ .
- گېپىڭغۇ خىلى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ ، تىنىچ - ئامان خاتىرجەم تويىنى قىلىپ چىقىرالايدىغانغانغا ئىشەنچىڭ بولسا بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ ئورۇنلاشتۇرغىن ، رەنا قىز بالا بولغاچقا سۆزلىشىشىمگە بىئەپ بولىدىكەن ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ گېپىنى ئاڭلاپ باققىن !
- ماقۇل ، يۈرىڭە قالغان گەپلەرنى ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى .
زورىخان ، نۇردۇننىڭ رەناغا بولغان كۆ زقارىشىنى بارا - بارا ئۆزگەرتىمەكتە ، ئەتىگىچە يەنە قانداق گەپلەرنى قىلىپ نۇردۇننىڭ قۇلىقىنى تولغايدۇ ، بۇ پاراڭلار ۋە كىيىنكى پىلانلارنى ئاللىقاچان كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان زورىخان بۇنىڭغا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئەلۋەتتە .


(4)


داۋامى ...

ئالدىن دىيىشىلىپ قويغان ۋاقىت بويىچە زورىخان ياقۇپقا خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدى .
- ئىشلارنى توغۇرلاپ بولدۇم ياقۇپ ، سەن ئۆيدىكىلىرىڭگە دىسەڭ ئەتىلا رەناغا نانلىق ئېلىپ كىرسە بولىدۇ .
- نىمە ، شۈنچە تىزما؟...
- رازى بولمايدىغان ئوخشىمامسەن ؟
- ياق ، ياق ئۇنداق ئەمەس ، ئىشنى بۇنداق تىز توغۇرلايدىغىنڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .
- مىس ، مىس ئادەم بىلەن خوشۇم يوق قارا ...بىلىسەنغۇ گەپنىمۇ ئورۇنلۇق قىلىمەن ، ئىشنىمۇ دەل ۋاختىدا قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن .
- بىراق ، بىراق رەنادىن ئەنسىرەپ قالدىم ، ئۇ ھېلىقى مۇھابىتىگە تارتىشىپ قېلىپ تويدا چاتاق چىقىرامىكىن دەپمۇ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن .
- خاتىرجەم بولغىنە ئۇ ئىشلارغا مەن بار ، سەن غەم قىلماي چاققان توينىڭ تەييارلىقىنى قىلغىن نانلىق كىرگەندىن كىيىن مۇشۇ شەنبە كۈنىلا تويۇڭلارنى قىلىۋىتەيلى .
- بۇ ، شەنبە كۈنىگە تۆت كۈنلا قالغان تۇرسا؟...
- تۆت كۈن يەتمەمدۇ ؟ تويلۇق پۇلنى بىرىسىلەر ، تويلۇقنى بىر كۈندىلا ئېلىپ بولغىلى بولىدۇ ، ئەتىسى بىركۈن باغاق تارقىتىپ ، قازان - قۇمۇش تەييارلىقىنى قىلىپ ، ئۇنىڭ ئەتىسى ھويلا - ئاراملارنى جابدۇساقلا ئىش پۈتىدىغۇ ؟
- ئۇغۇ شۇ ، شۇ تاپتا رەنانى ئويلىسام ھازىرلا توي قىلىپ ئۆيگە يۆتكىگىم بار .
- ھە ، شۇنداق بولغاندىن كىيىن توينى شەنبە كۈنىلا قىلىۋىتەيلى قانداق ؟
- مەيلى ، ئاتا - ئاناممۇ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بېشىمنى ئاغرىتىپ تويۇڭنى قىلىپ قويايلى دەپ تۇرىۋالغان ئىدى ، ئۇلارمۇ قوشىلىدۇ ئەلۋەتتە .
- ھە  راسىت ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسدىكى  سۆزلەر مەخپى بولسۇن جۇمۇ ، ئاشكارلاپ قويىىغان بولساڭ مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن ...
- ئۇنى بىلىمەن ، كىچىك بالا بولمىسام مەن .
- تويلۇققا كەلگەندە پىخسىغلىق قىلىپ تۇرىۋالمىسۇن جۇما ئۆيۈۇدىكىلەر ، ئەگەر كۆڭلۈمدىكىدەك بولماي قالسا بىرىدىغان رەنا يوق ساڭا .
- خاتىرجەم بولىڭە ، ئاتا - ئانامنى ئۆزۈم كۆندۈرىمەن ، ئەگەر لايىقىدا بولماي قالسا ئۆزۈمنىڭ يىغىپ قويغان پۇلۇم بار شۇنى سەپلەپ بىرىمەن ، رەنانىڭ يېشى توي خېتىگە چۈشەرمۇ دەپ قالدىم شۇ ؟
-ۋاي چۈشسە چۈشمىسە بەرىبىر ، بىزنىڭ رازىقان موللامنى چاقىرتىپ كىلىپلا ئىشنى پۈتتۈرىمىز .
زورىخاننىڭ پىلانى بارغانچە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى ، ۋاختى كىلىپ تويدىن بىرەر چاتاق چىقسىمۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئالدىنئالا ئويلاپ قويغان زورىخاننىڭ كۆڭلى توق ، ئۇ پەقەت توينىڭ تىزراق بولىشىنى تەققەزالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى .
شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ نىمە كۈن كۆرمەكچى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان رەنا ، نىجاتقا ئاتاپ كەشتىلەۋاتقان كەشتىسنىڭ ئاخىرىنى تىكىش ئۈچۈن تەمشىلىپ يىپ ، يىڭنىنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق سېغىنىش ئوتلىرى بىلەن كەشتىلەشنى باشلىدى .
زورىخاننىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بىلەن ئېغىزى قۇلىقىغا يەتكەن ياقۇپ ، شۇ ھامان ئۆيىگە قايتىپلا ئاتا - ئانىسىغا ھال ئەھۋال ئېيىتتى ھەم شۇ كۈنىلا رەناغا ئەلچىلىككە كىرىشكە كۆندۈردى .
ناماز شام ۋاختى ، ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان زورىخان ئەلچىلەرنى كۆرۈپ ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدى . بىر قاتار نان ، چايلارنى داستىخانغا تىزىپ ئەلچىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى . رەنانىڭ ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىقىنى پەملىگەن زورىخان ئۇنى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە ئىشقا بۇيرۇپ ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ قېلىپ پىلانىغا تەسىر يىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى .
بەك ئۇزۇنغا سوزۇلمىغان بۇ ئەلچىلىكمۇ تىز ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەمەلگە ئېشىپ تويلۇق پۈتۈشۈلدى ، رەنا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۆي ئىچى ئاللىقاچان تىنجىپ قالغان ئىدى .
بۇ كۈن كىچىسى زورىخاننىڭ كۆزلىرىدە خۇشاللىق چاقناپ ، يۈرىكى ئويناپلا كەتتى ھەم نۇردۇنغا رەنانى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ چىقىرۋەتكەنلىكىنى ، بۇ ئەلچىلىككە رەنانىڭ  قارشى چىقمىغانلىقىنى ئېيىتىپ يالغان مەلۇماتلارنى ئارلاشتۇرۇپ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى .  
ئەتىسى سەھەر ، ئەلگەكنى ئېلىپ چىقىپ بىرىشنى باھانە قىلغان زورىخان ، ياقۇپ بىلەن رەنانىڭ تويى بولىدىغانلقىنى ، تويلۇقنىمۇ پۈتۈشۈپ بولغانلىقىنى ، ھېلىغىچە ياقۇپنىڭ تيلۇق پۇلنى ئېلىپ كىردىغانىقىنى قەستەنلىك بىلەن مەلۇم قىلدى ، خۇددى ئىشىكى ئۆلەۋاتسا ، سۇنىيى غىجەك تارتىپتۇ دىگەندەكلا ئىش بولاۋاتاتتى .
چۈشكە قالمايلا ياقۇپ بىكىتىلگەن تويلۇق پۇلنى زورىخانغا يەتكۈزۈپ بەردى ، پۇلنى ئالغاندىن كىيىنكى زورىخاننىڭ يۈرىكى تېخىمۇ تىپىرلاپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالغاندەكلا قىلاتتى .
بۇ كۈن نۇردۇن كەپتەرلىرىنى بېقىش بىلەن ، زورىخان ۋە رەنالار ھويلا - ئارام ، ئۆيلەرنى تازىلاپ پاكىزلاش بىلەن ھەسەن ئويناش بىلەن مەشغۇل بولۇپ بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى تۇيمايلا قېلىندى .
ئەتىسى  سەھەردە بامداتتىن يانغان جامائەتلەر نۇردۇنغا ، توي قىلماقچى تۇرۇقلۇق نەچچە ۋاقىتتىن تىۋىش چىقارمىغانلىقى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشىپ كىتىشتى ، دىمەك تېخى باغاق تارقىتىلماي تۇرۇپلا بۇ ئالاھىدە خەۋەردىن خىلى كۆپ ئادەملەر خەۋەر تېپىپ بولغان ئىدى . چۈشكە يىقىن نۇردۇن باغاق يازدۇرۇش قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ كەتتى . زورىخان نۇردۇنغا رەنا بىلەن تويلۇق ئالغىلى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەنا ، رەنانىڭ ئىككى ئۆگەي ھاممىسى بىلەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى ، ئۆزىگە تويلۇق ئېلىندىغانلىقىدىن تېخىچە بىخەۋەر رەنا ھىچ ئىشنى تۇيمىغاندەك ئۇلارغا ئەگىشىپلا ماڭغان ئىدى .
رەنانىڭ تويلۇق پۇلىنى قولىدىكى ئۇ يەر ، بۇ يەرنىڭ سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن قول سومىسىغا سېلىۋالغان زورىخان ، بىسمىللا دىمەستە ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن بىر قۇردىن ئوخشاش كىيىم ئېلىشتى .
- شەھەردىكى ئاياللارمۇ توي قىلسا ئاچا - سىڭىللار جۈپ ، جۈپ بولۇپ كىيىملەرنى كىيىشىدىكەن ، بىزمۇ كىيىپ باقايلى .
- شۇنى دىگىنە ئاچا ، بىزمۇ جۈپ بولۇپ مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتەيلى .
بۇلار مانا مۇشۇنداق يۇسۇندا بازار چۆگىلىشىپ ئاۋۋال ئۆزلىرىگە بىر قۇردىن كىيىم ، ئاندىن ئاز تولا گىرىم بويۇملىرى ئېلشقاندىن كىيىن نۆۋەت رەناغا كەلگەن ئىدى .
رەناغا ئۇنى - بۇنى سايە قىلىشىپ ، ماۋۇ كىلەرمۇ ؟ ئاۋۇ يارىشارمۇ ؟...دىيشىىكىلى تۇرغان ۋاقىتتا رەنا ئەجەپلىنىپ قالدى ھەم ھىچ ئۇقالمىغاندەك سورىدى .
- ماڭا نىمىشقا كىيىم ئېلىپ بىرىسىلەر ؟
رەنانىڭ ئەجەپلىنىپ سوراشلىرىدىن قىلچىمۇ ھەيران قالمىغان بۇ ئاچا - سىڭىللار رەنانى پەملەشكە باشلىدى .
- بىزمۇ بىرەرقۇردىن كىيىملەرنى ئېلىپ كىيدۇق ، سىزمۇ ئاچامنىڭ قىزى بولغاندىن كىيىن بىر ئىككى قۇر كىيىم ئېلىپ بەرمىسەك بولماس .
- شۇ ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇتلۇق كۈنىڭىزدە سىزمۇ كىيىم كىيمىسىڭىز بولماس .
- نىمە ، نىمە قۇتلۇق كۈنۈم ئۇ ؟
- ئۆگۈنلۈككە سىزگە ئەلچى كەلمەكچى ...
- نىمە دەيسىز ؟ مەن ، مەن قانداق بولۇپ ...
- ھىچ بولمايدۇ رەنا ، ئۆتۈپ كىتىدۇ .
- شۇ ئەمەسمۇ ؟ بىز سىزگە ئۇنىڭ ئۈچۈنلا كىيىم ئېلىپ بىرىۋاتقىنىمىز يوق ، بىز كىيگەندىن كىيىن سىزنىمۇ مۇنداق بولۇپ قالمىسۇن دەپلا ئېلىپ بىرىۋاتىمىز .
- مەن ، مەن كىيىم كىيمەيمەن بولدى .
- قاراڭ پۇلىسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس ئىكەن ، بۇنى كىيمەيمەن دىسىڭىز خەق ئاچامنى قىزىنى ئۆگەيلەپتۇ دەپ ئاچامنى يامان كۆرمەمدۇ .
-شۇ ئەمەسمۇ ، مەنغۇ سىزنى ئۆز قىزىمدەكلا كۆرىمەن ، ئەمما خەق ئۇنداق ئويلىمايدۇ دە ؟...
كۆڭلىدە نە گۇمان ، نە ھەيران قېلىۋاتقان رەنا ، بۇ ئىشلارنىڭ بىر < پىلان > ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ يىتەلمەيىتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە ئاچا - سىڭىللار شۇ ھامان ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ ، ئىشنى ئوڭغا سۆرەيىتتى ، ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ رەناغا بېشىدىن پۇتىغىچە بىر قۇر يىڭى كىيىم ئېلىندى .
ئۇلار نەچچە سائەت بازار چۆگىلەشكەندىن كىيىن زورىخان رەنانى پەللەپ يىقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىدا ئېلىپ قالدى ، رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىلىرى بولسا رەناغا بىلىندۈرمەيلا رەنا ئۈچۈن يەنە بىرقانچە قۇر كىيىم - كىچەك ۋە تويلۇق ئالتۇن زىبۇ - زىننەت ئالغىلى كەتكەن ئىدى .
ئۇلار بەك ئۇزاققا قالماي رەنالارنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىشتى ھەم رەنا ئۈچۈن ئالغان ئالتۇن زىبۇ - زىننەتنى بىلىندۈرمەي زورىخانغا تۇتقۇزۇپ ، كىيىم - كىچەكلەرنى بىر سۇلىياۋ خالتىغا تىقىپ ئۇنىمۇ زورىخانغا بىرىشتى ، ئاندىن تاماق يەپ بىرئاز ھاردۇقلىرىنى چىقىرىشقاندىن كىيىن ،  ئەتىكى كۈندە زورىخاننىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ قازان - قۇمۇش تەييارلىقى قىلىشنى چاندۇرماي  پۈتۈشۈپ  شەھەردىن چىقىپ  ئۆز ئۆيلىرىگە راۋان بولۇشتى .

(5)

داۋامى ...



ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشقا ئېشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغان زورىخان ، رەنانى كەچلىك تاماق قىلىشقا بۇيرۇپ قويۇپ ، نۇردۇننى باغقا چاقىردى ھەم رەناغا ئوڭۇشلۇق ھالدا تويلۇق ئېلىنغانلىقىنى ، رەنانىڭ ئالدىدا ئۇنى خىجىل قىلىدىغان ، ئۇنىڭغا ئېغىر قىلىدىغان گەپ - سۆزلەرنى ، ئىشلارنى قىلماسلىق توغرىسىدا بىر تالاي ۋەز - نەسىھەت قىلىپ ، نۇردۇننى شەك - شۈبىھسىز ھالدا قايىل قىلدى ھەم < كۆيۈمچان ، مىھرىبان ئۆگەي ئانا > بولۇپ قالدى .
نۇردۇن زورىخاننىڭ ئېيىتقىنىدەك رەناغا ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدى ، رەنامۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئۆز ئىشى بىلەن بولدى ، زورىخان بولسا داۋاملىق ھالدا كىيىنكى قەدەم پىلانلار توغرىسىدا ئويلىنىپ ، ئۆز ئۆزى بىلەن كېڭىشۋاتاتتى .
ساپ ھاۋالىق ، سالقىن كىچە ئادەمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق ئىدىكى ئادەمنىڭ جانلىرىنى يايرىتۋىتەتتى . ئەمما ئىللىق ياز پەسلىنىڭ بۇ كىچە ئاسمانلىرى خېلىلا قىسقا بولۇپ بىر ئۇيقىدىن كىيىنلا تاڭ سۈزۈلۈپ قالاتتى .
مانا يەنە بىر قېتىم تاڭ سۈزۈلۈپ ، بامداتتىن كىيىنكى قىپقىزىل شەپەق نۇرى جاھانغا ئۆزىنىڭ ئوتلۇق سىماسىنى تاشلاشقا باشلىدى . رەنا كۈندىكىدەكلا تاماققا تۇتۇش قىلىپ ئۇزاققا قالماي مەززىلىك بىر ۋاقىت تاماق يىيىلىپ داستىخان يىغىلدى .
تاماقتىن كىيىن نۇردۇن ئاكىسى ھاپىز بىلەن مەھەللە باشلىقىنىڭ ئۆيىگە مەھەللىگە تەۋە يوغان داش قازان ۋە چىنە ، پەتنۇسلارنى ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن چىقىپ كىتىشىگە رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىلىرى   كىرىپ كەلدى ھەم كەم - كوسا نەرسلەرنى تەييارلاپ ئەتىكى توينىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى .
بۈگۈن ئۆيدىكى بۇ ئىشلاردىن باشقىچە بىر خىياللار بىلەن كۆڭلىگە گۇمان چۈشكەن رەنا ، زورىخاندىن ھەيران قالغان ھالدا سورىدى .
- بۈگۈن نىمىشقا يەنە ھامماملار كىلىدۇ ؟ نىمىشقا ئۇلار بىر مۇنچە داستىخان ، زەدىۋال ئېلىپ كىلىدۇ ؟
- ئۆيگە سالىمىز ، تاملارغا تۇتىمىز شۇ ...
- نىمىشقا ئۆينى تۈزەيمىز ؟ بايا دادام قازان ، پەتنۇسلارنى ئېلىپ كىلىپ بولۇپ ئاندىن سەۋزە ، گۈرۈچ ئېلىپ كىلەيلى ، دەپ چىقىپ كىتىپ بارىدۇ ، نىمىشقا؟...
- سىزگە ئەلچى كىلىدۇ دىدىققۇ ...
- ئاچا، ئاچا سىنىڭ تويۇڭ بولامدۇ ؟ دادام بىلەن ئانام شۇنداق دىيىشتىغۇ بايام ...
ھەسەننىڭ يۈگرەپ كىلىپ ھەيرانلەرچە ، سەبىيلەرچە رەنادىن سورىغان بۇ گېپى رەناغا بىر چىلەك مۇزلۇق سۇ سەپكەندەكلا بىلىندى ھەم  تىزلا زورىخاندىن سورىدى .
- بۇ نىمە گەپ ؟ بۇ گەپ راسىتما ؟ قاچان قىلماقچى توينى ؟ خۇدايىم توۋا ، كىم بىلەن توي قىلىمەن ؟
- نۇردۇن تويىڭىزنى قىلىۋىتەيلى دەپ قوشۇلغاچقا شۇڭا مۇشۇنداق بولدى ، ئەتە ياقۇپ بىلەن نىكاھىڭىزنى ئوقۇيدۇ .
زورىخان ئۆزىنى ئاقلاشقا ھەرقاچان تەييار بولۇپ ، نۇردۇننىڭ ئالدىدا رەنانى يامان كۆرسىتىپ ، رەنانىڭ ئالدىدا نۇردۇننى يامان كۆرسىتىپ دىگەندەك ھىچ قانچە كۈچ چىقارمايلا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتىش ئالدىدا تۇراتتى ، ئۆزىچە بولغاندا رەنا يۇۋاش ، كەمسۆزرەك بولغاچقا رەنانىڭ مۇشۇ خۇي - مىجەزىدىن پايدىلانماقچى ئىدى ، بىراق رەنا توينىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بۇ تويغا بار كۈچى بىلەن قارشى چىقىشقا ئۇرۇندى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كۈندىن بۇيانقى توي مەسلىھىتىدىن خەۋرى بولمىغاچقا ئەتە توي بولىدۇ دىگەن بۇ كۈندە بىلگەنلىكىدىن بەكمۇ ئازاپلاندى ھەم ئاچچىقى كەلدى .
رەنا ئەھۋالنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئۆگەي ئانىنىڭ قانداقتۇر ئۆزى ئۈچۈن بىر توراق قۇرىۋاتقاندەك بىرخىل ھىسىياتنى ھىس قىلدى ھەم زورىخان بىلەن قاتتىق زۇكۇرلىشىپ قالدى ، رەنانىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن ھاممىلىرى بىرمۇ - بىر رەنانىڭ گەپلىرىگە رەددىيە بىرىپ ، نىمە دىسە شۇنىڭغا ھازىرجاۋاپلىق بىلەن رەنانىڭ ئېغىزىنى دۈملەپلا قويىۋاتاتتى ، ئۇلارغا گەپ چىقىشتۇرۇپ بولالمىغان رەنا ئاخىرى چىدىيالماي تويلۇق ئۈچۈن ئېلىنغان كىيىمنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ يىرتىپ نەچچە پارچە قىلىۋەتتى ھەم ئۇلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى .
- مەن قاچان توي قىلىمەن دىدىم ؟ مەن قاچان توي قىلىمەن دىدىم ؟...دىلەر بۇ كىيىملەرنى نىمىشقا ئالغانلىقىڭلارنى يۇشۇرىسىلەر ؟ مىىنڭ نىمىشقا خەۋرىم يوق ؟ ھەممىسى سىزنىڭ پىلانىڭىز شۇنداقمۇ ؟...
رەنا بار ئاۋازى بىلەن زورىخاننىڭ ئالدىغا دىكىنىپ كىلىۋىدى ، ئۇنىڭغىچە رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىسى كىلىپلا رەنانىڭ ئالدىنى توسىدى .
- ھۇي ، توي قىلغۇڭىز يوق ئادەم ئەجەپ تاۋۇزلۇقتا يىلىمدەك چاپلىشۋاپتىكەنسىزغۇ ياقۇپقا ؟... ھەممە ئادەم بىلىپ بولدى ئۇ قىلىقىڭىزنى ئەمدى يەنە نىمە دەيسىز ئاچامغا ؟
- مەن ھىچنەرسە قىلمىدىم ، مەن ھىچنەرسە قىلمىدىم ...قەسەم قىلاي مەن ھىچ ئىش قىلمىدىم ...
رەنا شۇنداق ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى ، شۇ توپتا ئۆزىنىڭ شۇنداق چوڭ بىر ئىشتىنمۇ خەۋەرسىز قېلىپ ، ئالدىنىپ قالغىنىغا ئىچى قايناپ ئۆزىنى باسالمايلا قالغان ئىدى .
رەنا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنىڭ تاقىۋىلىپ شۇنداق قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەتتا  ھويلىغىمۇ خىلى ئوچۇق ئاڭلىنىپ كەتتى ، ئەھۋالنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن زورىخان دەررۇ يول ئۈستىگە چىقىپ نۇردۇننىڭ كەلگەن - كەلمىگەنكىگە قارىدى ، نېرىراقتىن كىلىۋاتقان نۇردۇنلارنى كۆرۈپ كۆڭلى بىرئاز تىنغاندەك بولدى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيگە يىقىنلىششىغا ئۆيدىن يۈگرەپ چىققان قىياپەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى .
- تىز بولۇڭ دادىسى ، تىز ئۆيگە كىرىڭ ...
- نىمە بولدى ؟
- رەنانىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ، تويلۇق ئالغان كۆينەكنى يىرتىپ تاشلىدى ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىۋىلىپ شۈنچە يالۋۇرساممۇ  ئاچقىلى ئۇنىمىدى .
- نىمىشقا ؟ نىمىشقا ئۇنداق قىلىدىكەن ؟
- تۈنۈگۈن تويلۇق ئالغان ۋاقىتتىلا خۇيى تۇتۇپ قالغان ، بايامدىن بېرى ياقۇپقا كىم تەگسە تەگسۇن ، مەن تەگمەيمەن ، مەن ئۆلىۋالىمەن ... دەپ ماڭا پۇقۇسلاپ يىرتىۋەتتى بولغاي كۆينەكنى ...ۋاي خۇدايىم نىمىمۇ قىلاتتىم بىللە كىرىپ ، ئۆزىدىلا كىرسە بوپتىكەن ئەسلى ...
دەرۋاز ئالدىدىن ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە قىلىنغان بۇ تەتۈر تەشۋىقات نۇردۇننىڭ سەپرايىنى قىرىق گەز ئۆرلەتتى ، نۇردۇن رەنا كىرىۋالغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى قانچە قېتىم قېقىپ ، ئىتتىرگەن بولسىمۇ رەنا ئاچقىلى ئۇنىمىدى ، بۇ زورىخانغا يەنە بىر گەپ قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى .
- قىزىم رەنا ئىشىكنى ئېچىڭ ، بالام ئىشىكنى ئېچىڭ ... ۋاي دادىسى نۇردۇن ، رەنادىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن ، ئۇ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويماس ھە ؟!...
بۇ گەپلەردىن تېخىمۇ تىت - تىت بولۇپ ، رەناغا يەنىمۇ ئاچچىقى كەلگەن نۇردۇن ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ ، تۆتنى قاتتىق تىپىپ ئىشىكنىڭ قۇلاپىنى ئاجراتتى ھەم ئۆيگە بېسىپلا كىرىپ سۇپىنىڭ تۈۋىدە تۇرغان زەدىۋال تۇتۇش ئۈچۈن ئەكىرىپ قويۇلغان بولقىنى قولىغا ئېلىپ ، كۆرپىگە يۆگىنىپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان رەنانى بولقا سېپى بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى .
- مانا ئەمىسە ، ھۇ ۋاپاغا جاپا قىلدىىغان تۇزىكور ! مانا ئەمىسە ، ھە ... ئادەم بولدۇڭمۇ سەنمۇ ؟ يۈزۈمنى تۆكۈپلا بولدۇڭغۇ ھە ...
- جېنىم دادا ، مەندە گۇناھ يوق ...جېنىم دادا مەن ھىچ ئىش قىلمىدىم ...
دادا بالا ئىككىيلەننىڭ بۇ ئاچچىق دىئالوگلىرى زورىخانغا ھىچقانچە تەسىر كۆرسەتمەيىتتى ، ئەمما زورىخان قاراپ تۇرسىمۇ بولمايىتتى شۇڭىمۇ ئارقىدىن يۈگرەپ كىرىپلا نۇردۇننىڭ قولىدىكى بولقىنى ئاجراتماقچى بولدى ، يەنە بىر تەرەپتىن رەنانىڭ تاغىسى نۇردۇننى قۇچاقلىۋىلىپ تەسلىكتە ئىككى - ئۈچ قەدەم نېرىسىغا ئاپىرۋالدى ، شۇ كەمدە بولقا سېپى بىلەن نەچچىنى يەپ بولغان رەنانىڭ جېنى ئىچىگە پاتمايلا قالدى ھەم بار ئاۋازى بىلەن نەپرەت ، قايغۇسىنى ئېلىپ ھويلىغا قاراپ ئېتىلدى .
- ئاھ خۇداھ ، مەن جېنىمدىن تويدۇم ، مەن ئۆلىۋالىمەن ... نىجات ، مەن ئۆلىۋالىمەن !...
رەنانىڭ بۇ گەپلىرى نۇردۇننىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى . ئىككەيلەننىڭ قولىدىن يۇلۇنۇپ چىقالمىغان نۇردۇن ، ئەمدىلا بوسوغىدىن پۇتىنى ئالغان رەنانى تۇتىۋىلىشنى جاكارلىدى ، ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرغان رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىلىرى شۇ ھامان بۇيرۇقنى ئىجارا قىلىپ رەنانى بار كۈچى بىلەن توسۇپ ، تۇتىۋالدى ھەم ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي سۆرەپ دىگەندەك يەنە بىر ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئۆيگە يەنى قازناققا ئېلىپ كىرىپ كەتتى .
- ۋاي دادىسى نۇردۇن ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ ! ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ ، مەھەللىدىكى خەق ئاڭلاپ قالسا سەت تۇرىدۇ . بولدى ... رەناغا نىمە گەپ بولسا ئاچچىقىڭىز بېسىققاندا قىلىڭ ...
زورىخاننىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان مىجەزى ھەم ياغلىما گەپلىرى ھەرقاچان نۇردۇنغا يول باشلاپ ماڭاتتى ، بىر ھازالىق ئاچچىقتىن كىيىن نۇردۇن ئۆزىنى بەك تەستە بېسىقتۇردى ، رەنا بولسا ئۆگەي ھاممىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەنىد قىلىنىپ قازناقتا قاناتسىز قۇش كەبى يىشلاپ ، ھۆڭرەپ ئولتۇراتتى .
قازناق ئۆي خىلى ئىچكىرى بولغاچقا رەنانىڭ ئاۋازىنى ھىكىممۇ ئاڭلىمايىتتى ، پەقەت كۈن نۇرى چۈشىدىغان تورۇستىكى كىچىككىنە تۆشۈكلا بۇ ئۆينىڭ ئۈمۈد چىرىقى ئىدى .
خۇددى ئالدىن دىيىشۋىلىنغاندەك رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىلىرى رەنانى سىرىت بىلەن ئالاقىسىز قالدىغان بۇ ئۆيگە سولىغاندى كىيىن زورىخان نۇردۇنغا ئىككى ھاممىسىنىڭ رەناغا قارىشىنى ، بولمىسا رەنا ئاچچىقىدا بىرەر ئىش چىقىرىپ قويسا ئەل - جامائەت ئالدىدا يۈزلىرىنىڭ پوق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ رەنانى ئۆيدىن چىقارماسلىقنى تەسۋىق قىلدى ھەم نۇردۇننى دەرھال بېرىپ گۈرۈز ، سەۋزە ، گۆش ئەكىلىشكە بۇيرۇپ ئۆيدە رەنا بىلەن پىكىرلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى .
رەنانىڭ شۈنچە چوڭ بەخت ، رىسقىنى دوغا تىكىۋاتقان زورىخان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بىلەن ئىش كۆرىۋاتاتتى . نۇردۇننىڭ بولسا بۇ بىر ئىككى كۈندىن بۇيان رەناغا بولغان كۆز قارىشى بەكلا ئۆزگەرگەن بولۇپ ، خۇددى رەنانى ئتىلا ياتلىق قىلىپ چىقىرۋەتمىسە بولمايدىغاندەك ، بۇ تويغا ئالدىراۋاتقاندەك بىرخىل ھىسىيات شەكىللەندى .
رەنالار بار قازناق ئۆيگە نان ، چاي ۋە يەل ، يىمىشلەر ئەكىرىلگەن بولۇپ رەناغا سىرىتقا چىقىشقا پۇرسەتمۇ بىرىلمىدى ، رەنا سىرىتتا نىمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز قالدى .
پەقەت تۈڭلۈكتىكى قۇياش نۇرى يوقاپ ، نەچچە تال يۇلتۇزلارنى كۆرگەندىلا ئاندىن قاراڭغۇ چۈشۈپ ، تۈن كىچىسىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى سەزدى ، ئۇ ۋاقىتقىچە مەھەللىدىكى قوشىنىلار كىرىپ سەۋزىلەرنى توغراپ ، توي ئېشىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىپ ئۆز ئۆيلىرىگە رارقاپ كىتىشكەن ئىدى .
زورىخان بولسا نۇردۇننى بار كۈچى بىلەن بۇ تويغا ئالدىرىتىپ ، دادا بالىغا پاراڭلىشش پۇرسىتى بەرمىگەن ئىدى .  بۇ ئازاپلىق كىچە رەنانىڭ نىجاتقا بولغان سېغىنىشىنى ، نالىسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ كىتىپ باراتتى ، شۇ كەمدە رەنا كىچىككىنە بىر كىپىنەك ياكى قۇشقا ئايلىنىپ تۈڭلۈكتىن ئۇچۇپلا چىقىپ كىتىپ  ، بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ئەلەم ، ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى قانچە رەت ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ تېخىمۇ ئــــــــــــــــــەدەپ كىتەتتى .

(6)

داۋامى بار ...


رەنا ئۈچۈن بۇ ۋاقىت بەك ئاستا ئۆتمەكتە ! تۈن نىسبىدىن ئاشقاندا رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىلىرى ئۇخلاپ قېلىشقان ئىدى ، رەنا ۋارقىراپ - جارقىرىسا ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلەگچكە ، پەم بىلەن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدى ھەم ئىشىكنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ئاستاغىنا تارىتتى ، ئەپسۇس ئىشىك تېشىدىن تاقاپ قويۇلغان بولۇپ ، رەنا بىر قانچە قېتىم كۈچلۈك تارىتقان بولسىمۇ ئامال بولمىغان ئىدى .
ئۆزىنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان رەنا ، ئىشىككە يۆلەنگەن پېتى كۆز ياشلىرىنى ئازاپلار بىلەن قوشۇپ ئۈنسىز تۆتكمەكتە !...

كىچە جىمجىتلىقى رەناغا جۆر بولۇپ رەنانى پەپىلەۋاتقاندەك ، تۇڭلۈكتىن چۈشكەن كىچىككىنە ئاي نۇرى رەنانى ئۆز مەيدانى ، ئۆز ئەركىنلىكىگە چاقىرۋاتقاندەك ...
بۇ كىچە قانداق ئۆتۈپ كەتكىننى رەنا ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى ، شۇ تاپتا ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆگەي ئانىسىنىڭ بىر قوللۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى ، رەنا كىچىچە بەك ئويلاندى ، بەك ئازاپ چەكتى ، ئۇ ئۇيان ئويلاپ  بۇيان ئويلاپ ئاخىرى < ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ > ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقتى .
ناماز بامداتتىن ئىلگىرى رەنانىڭ ئۆگەي ھاممىلىرى رەنانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتى ، شۇ كەمدە رەنا قانداقتۇر ئاھۇ زارلىنىش ، بولىشىغا قارشى چىقىشنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھىس قىلىپ رايىش قىياپەتتە سۈكۈتتە ئىدى .
ئۆيدىكى ئاياللار بامداتقا تاھارەت ئېلىۋالغاندىن كىيىن پەتنۇس ، تەخسىلەرنى يۇرۇپ ، پاكىزلاپ باغقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يوغان داش قازاننىڭ يېنىدىكى ياغاچ كارۋاتقا تەللىگەن بولۇپ ، قازاندىكى رەنانىڭ تويى ئۈچۈن ئىتىلگەن لىق بىر قازان پولۇمۇ دەم يىيىش ئۈچۈن دۈملەپ بولۇنغان ئىدى .
نۇردۇن ۋە باشقا ئىككى ئۈچەيلەن ناماز بامدات ئۈچۈن مەسچىتكە يول ئالدى ، ئۆيدىكى باشقا ئاياللار بولسا ھويلا ئارامغا سۇ چېچىپ ، سۈپۈرۈپ ئەتتىگەنلىك تازىلىقنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن بامدات ئوقۇشقا كىرىشىپ كىتىشتى .
يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن تاڭنىڭ سۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ ، مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمام ئاخۇنى باشلىق جامائەتلەر ئۆيگە كىرىشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ قوللىرىغا سۇ بىرىلگەندىن كىيىن داستىخان سېلىنىپ اش تۆردىكى موللا ، ئىماملارغا ئايرىم ئۇنىڭدىن كىيىن ، ھەر ئۈچ - تۆت ئادەمگە بىردىن چىنىدە لىققىدە چاي ، ئىككى - ئۈچتىن ئاق نان ۋە ئۇ يەر - بۇ يەرگە ھۆل يەل يىمىشلەردىن  تىزىلىپ ، پولۇ ئېلىپ كىرىپ بولغۇچە جامائەتلەر ئۇنىڭغا تەكلىپ قىلىندى .
بىردەمدىن كىيىن توي پولۇسى ئېلىپ كىلىندى ، يوغان داش قازاننىڭ پولۇسى ئانچە ئوخشىمىسىمۇ ئەمما ئاساسەن دىگۈدەك جامائەتنىڭ ئالدىدىن ئاشمايىتتى ، ئاشقان ھالەتتىمۇ بىرەر تالدىن ناننىڭ قېتىغا تۆكۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كىتىلەتتى .
ۋەز نەسىھەت ، كۈلكە - چاق ، ھال مۇڭ ئارلاشقان بۇ جامائەت سورۇنى ، داستىخاندىكى بۇ توي ئېشىنىڭ قانداقتۇر رەنانىڭ كۆز يېشى ، ئازابى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىشالمىغان ئىدى . داستىخان ئاساسەن قورۇغدىلىنىپ قالغان ۋاقىتتا دۇئا قىلىنىپ جامائەتلەر بىر - بىرلەپ ئۆيدىن چىقىشقا باشلىدى .
نۇردۇننىڭ تەكلىپى بىلەن ئىمام ئاخۇنۇم ۋە خاتىپ ئېلىپ قېلىنىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ياقۇپ قاتارلىق ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيدىكى يەتتە - سەككىز ئەر مىھمان كىرىپ كەلدى .
ئۇلارغىمۇ قايتىدىن داستىخان ھازىرلىنىپ بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ئەتراپتىكىلەر تىنىچلىنىپ گەپ قىلىش نۆۋىتىنى ئىمام ئاخۇنغا بىرشىتى ، ئىمام ئاخۇن قىزنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كىلىشىنى تەكىتلىگەندىن كىيىن ، خىلى بىر ۋاقىتقىچە تۇرمۇش ، ئائىلىدىكى ئەر ۋە ئايالنىڭ ئورنى ، بۇرچى ، مەسئۇلىيتى ۋە نىكاھ كۆز قارىشى توغرىسىدا ۋەز - نەسىھەت ئېيىتقاندىن  كىيىن نىكاھ ئوقۇشقا باشلىدى .
بۇ ۋاقىتتا ئۆز كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر ئىشنى ئويلىشىپ قويغان رەنا ئىككى ئۈچ ئايالنىڭ تەكلىپنى ھىچقانچە رەت قىلمايلا تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ ، ھويلىدىكى سۈپىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەۋاتقان ئىمام ئاخۇننىڭ گەپلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈپ بولغان ئىدى .
رەنانىڭ قۇلىقىغا باشقا گەپەلر چۈشمىدى پەقەت ئىمام ئاخۇن < ئۆزلىرىنى ياقۇپجانغا خاتۇنلۇققا قوبۇل قىللىمۇ ؟> دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سورىغان چاغدىلا ھىچ ئىككىلەنمەستىن < قوبۇل قىلدىم > دەپ ئىپادە بىلدۈردى ، ئارقىدىن يىگىتتىن سورالغان سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئاخىرلاشقىن كىيىن ، ئۇلار ئۈچۈن قول كۆتۈرلۈپ ئومومىيۈزلۈك دۇئا قىلىندى .
ئىمام ئاخۇن ۋە خاتىپ ئاخۇنغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۇل ۋە ئىككى بودىن قەنىت قويۇلغاندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم دۇئاغا قول كۆتۈرلۈپ < مۇبارەك بولسۇن > دىگەندەك ياخشى نىيەت ، ياخشى ئىبارىلەر ئاساسىدا بۇ نىكاھ ۋۇجۇتقا چىقىپ ئىمام ئاخۇن قاتارلىقلار خوشلىشىپ قايتىشىتى .
رەنامۇ ئۆز ئورنىغا قايىتتى ، شۇ كەمدە بۇ نىكاھقا ئۆز ئېغىزىدا ئىپادە بىلدۈرگىنى بىلەن يۈرىكى ئېتىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان رەنا ئاران - ئاران تۇرغان ئىدى .  
ئەتتىگەنلىك جامائەت ۋە يىگىت تەرەپ ئەر مىھمانلىرى كىتىپ قالغاندىن كىيىن ھويلا - ئارام يەنە بىر قۇر رەتلىنىپ ، كەم - كوسا نەرسىلەر تولۇقلانغاندىن كىيىن زورىخان باشچىلىق ئاياللار كىيىملىرنى ئالماشتۇرۇپ ، ئۆزىنى تۈزۈپ چىرايلىق ساھىپخانلىق ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كىتىشتى .
داۋاملىق جىمجىت ، سۈكۈتتە ئولتۇرۇشنىڭ ئانچە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتكەن رەنا زورىخاننى چاقىرتىپ كىرىپ كۆڭۈل قويغان ئاساستا ئۆزرىھالىق بىلدۈردى .
- كەچۈرۈڭ ئانا ، تۈنۈگۈن سىزگە ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويۇپتىمەن  ، ئەسلى سىلەرمۇ مىنىڭ غېمىمنى يەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىلەر ئەمما مەن تۇيۇقسىزلا خەۋەردار بولغاچقا شۇڭا جىددىيلىشىپ كىتىپ ، ئۆزۈمنى تۇتالماي قاپتىمەن ، ئەمدى ئويلاپ باقسام ھامان توي قىلىدىكەنمەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ياقۇپ بىلەن نىكاھىممۇ ئوقۇلۇپ بولدى ، ئەمدى باشقىسىنى كۆڭلۈمگە پۈككەننىڭمۇ پايدىسى يوق ...شۇڭا خاپا بولماڭ ، بۈگۈن كەچتىن باشلاپ مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كىتىمەن ، شۇڭا مۇشۇ پەيىتتە بولسىمۇ يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىۋالاي دىدىم .
رەنانىڭ تولىمۇ مۇلايىم ھالدا قىلىنغان بۇ گەپلىرى زورىخاننى باشقىچىلا خۇشال قىلىۋەتتى ، ئۆز كۆڭلىدە بۇنداق ئاسان قوبۇل قىلىپ ، بۇنداق ئاسان باش ئىگىدىغىننى ئويلاپمۇ باقمىغان زورىخان رەنانىڭ بۇ كەچۈرۈمنامىسىنى ئىككىلەنمەيلا قوبۇل قىلدى ھەم رەناغا بىر قۇر جابدۇنۇش تەكلىپىىنى بىرىپ رەنانىڭ قاش ، كۆز ، چاچ ، يۈزلىرىگە بىر قۇردىن گىرىم قىلىپ چىقىلدى .
زورىخانچە بولغاندا رەنا ئەمدى بۇ نىكاھ ، بۇ تويغا تامامەن بوي سۇنۇپ ، قوبۇل كۆرگەن ئىدى ، ئەمما رەناچە بولغانچە بۇ پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ۋاقىت توشقان چاغدا قۇتۇلغىلى بولىدىغان < توزاق > ئىدى .
قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى زىمىننى بارا - بارا قىزىتىپ ھاۋىنى ئىسسىتىشىغا ئەگىشىپ توينىڭ مىھمانلىرى بىر - بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى ، ئالدىراشچىلىققا تولۇپ كەتكەن بۇ ئۆيدىكىلەر ، مىھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بىرىىش ، داستىخان سېلىش ، داستىخاننى يىغىش ، تاماق توشۇش ...بىلەن مەشغۇل ئىدى .
ۋاقىت ئۆتىۋەردى ، چۈشكە يىقىن قۇدا مىھمانلارنىڭ كىلىشى بىلەن ئۆي تېخىمۇ ئاۋات ، تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى ، ئىككى ئۆينىڭ ئارىسى ئانچە يىراق بولمىغاچقا توي بىر كۈندىلا ئۇزۇتۇپ ، ئاخىرلىشىشقا كىلىشىلگەن ئىدى .
ئايال قۇدا باشلىق ئايال مىھمانلار بىر يەرگە ، ئەر قۇدا باشلىق ئەر مىھمانلار بىريەرگە ، يىگىت باشلىق ياشلار بىر يەرگە باشلىنىپ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلارمۇ تازا ھېرىپ ، چارچاپ كىتىشكەن بولۇپ بەزىلىرى قىزنى تىزراق كۆچىرىپ كەتسە ، بالدۇرراق ئارام ئېلىشنىمۇ ئويلىغاندەكمۇ قىلاتتى .
مەھەللىدىكى توي - تۆكۈنلەردە مۇلازىمەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىككى - ئۈچەيلەن ئوخشاشلا بۇ توي ئۈچۈن داپ ، دۇتتار ، ناغرا چېلىپ توينى تېخىمۇ قىزغىن ، يۇقىرى  پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولىشىغا چېلىپ ، ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، ھىچكىمنىڭ - گېپىنى ھىچكىم ئاڭلىمىغۇدەك دەرىجىدە شاۋقۇن - سۈرەن پەيدا قىلغان ئىدى .
ئۆيدىكى ئادەملەرنىڭ پاراڭلىرى ئاڭلانمىغان بىلەن داپ ، ناغرا ، دۇتتارنىڭ ئاۋازى خېلى يەرلەرگىچە ئاڭلىنىپ بۇ ئۆيدە توي بولىۋاتقانلقىنى ھەممە خالايىققا جاكارلاۋاتقاندەك قىلاتتى ، ئەمما بۇ جاكار ، بۇ ياڭراق ئاۋازنى يىراق شەھەردىكى نىجات ئاڭلىيالمايىتتى ھەم ئاڭلاشنىمۇ خالىمايىتتى .


(7)

داۋامى ...

شۇنداق قىلىپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئاخىرلىشىپ قىز ، يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلدى .
يىگىت شۇنداق خۇشال ھەم تەمكىن كۆرۈندىيۇ ئەمما قىز شۈنچە روھسىز ، شۈنچە تىنىچ تۇراتتى . < قىزبالا بولغاندىكىن ئاز تولا نۇمۇس قىلىپ شۇنداقتۇ > ، دەپ ئويلايىتتى بەزىلەر ، ئەمما قىزنىڭ ئەسلى كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بولالمايىتتى .
بىراق تەقدىر پىشانە شۇنداقمۇ ، قىزنىڭ ھەسرىتى بەدىلىگە قىلىنغان بۇ تويدىن تېخى نىجاتنىڭ قىلچە خەۋرى يوق ، شۇ قېتىم خوشلاشقانچە < مىنىڭ نىگارىم كۈتۈپ تۇرىدۇ > دەپ ئويلىسا كىرەك .
ھەتتا قىز ئۆزىنىڭ توي قىلماقچى بولغانلىقىنىمۇ ئېيتالمىدى ، نىجات ئۇقسا نىمە بولۇپ كىتەر ؟ بۇ توي بەكلا تىز بولۇپ كەتكىننى ئاز دەپ رەنا ئۆز تويىدىن توي كۈنىگە قەدەر بىخەۋەر قالغىلى تاسلا قالغان ئىدى .
شۇ تاپتا رەنا ئۆگەي ئانىسىغىلا ئەمەس ، دادىسىغىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى . ئەمما زادىال چاغندۇرماي نورمال قائىدە - يۇسۇن بىلەن توينىڭ ئاخىرلىششىنى تاقەت بىلەن كۈتتى .
رەنا ئۈچۈن  بۇ تويغا بۇنداقلا سۈكۈت قىلسا بولمايىتتى . ئەگەر مۇشۇ يولنى تاللاپ ، ياقۇپقا بارلىقىنى بېغىشلىسا نىجات قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قىزنى ۋەدىسىز ، ۋىجدانسىز ، دىگەندەك ئەيىپلىشى ھەم ئازاپ چىكىشى ئېنىقلا ئىدى .
بۇ كۈن رەنا ئۈچۈن شۇنداق ئاستا ئۆتتىكى خۇددى ھەربىر مىنۇت بىر سائەتتەك شۇنداق ئۇزاق بىلىنىپ كەتكەن ئىدى ، سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتكەن پەيىت يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇراتتى ، قىز يىگىتنى ئاۋۋال چوڭ ئۆيگە كۆچىرلەپ كىلىپ ، كەچ بولىشىغا ئەگىشىپ ياقۇپ ئۈچۈن سېلىپ بىرىلگەن ئايرىم قوراغا يۆتكەپ قويۇشتى .  بۇ ھۇجرا شۈنچىلىك سۈرلۈك ۋە مىھرى سوغۇق كۆرۈندىكى رەناغا خۇددى زىندان كەبى كۆرۈنۈپ كەتتى .
بۇ كۈننى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن ياقۇپ رەناغا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى .
-  كىلىڭە رەنا ، يىقىنراق ئولتۇرۇڭ ماڭا ، نىكاھ ئوقۇلدى دىگەن گەپ ئىككىمىزنىڭ رىسقى پۈتۈلدى ، بىر ئۆينىڭ ئادىمى بولدى گەپ ...
رەنا سۈكۈت ئىچىدە ئىدى ، ياقۇپ ئۆز كۆڭلىدە رەنانى تارتىنىپ قالغان چېغى دەپ قالدى .
- بۇنداق ئولتۇرۋالماڭ رەنا ، مەن بۇ كىچىنى كۈتكىلى نەچچە زامانلار بولدى .
رەنا يەنىلا سۈكۈتتە ئىدى ، شۇ تاپتا ياقۇپنىڭ تاۋۇزلۇقتا قىلغان قىلىقلىرى ، ئۆزىنى ئوىشۇتۇپ دىگەن گەپلىرى كۆز ئالدىدا بىر - بىرلەپ ئەكىس ئىتىۋاتاتتى ، ئەمما قىلچىۇ بىلىندۈرمەيىتتى .
رەنانىڭ يەنىلا بىر خىل ھالىتىنى كۆرگەن ياقۇپ رەنانىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ قولىنى تۇتتى ، ياقۇپنىڭ بۇ قوللىرىدىن يىرگىنىپ كەتكەن رەنا نىمە قىلىشنى ، نىمە دىيىشنى بىلمىگەندەك دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
- نىمە بولدى ؟ ئەجىبا مىنى خالىمامسىز رەنا ؟ سىزگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيمەن ...
بۇنداق سۈكۈتتە تۇرىۋەرسە ياقۇپنىڭ زورلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان رەنا ، ئالدىن ئويلاپ قويغان < توزاقتىن قۇتۇلۇش > نى ئەمدى ئىشقا سالىدىغان پەيىت كەلدى دەپ ئۇنى ئىشقا سېلىشىش قارارىغا كەلدى .
- مەن ، مەن كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن ياقۇپ ، سىز بۇرۇندىنلا مىنى ياخشى كۆرەتتىڭىز ، ئەمما مەن تويىمىزنىڭ بۇنچە تىز بولىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم . شۇ تاپتا مىنىڭمۇ كۆڭلىڭىزنى قوبۇل قىلغۇم بار چۈنكى مەن سىزنىڭ نىكاھىڭىزغا ئۆتتۈم ...
- شۇ ئەمەسمۇ رەنا ، ئەمدى نىمىلا دىگەن بىلەن ئىككىمىز ئەر - خوتۇن بولدۇق ، كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلمىسىڭىزمۇ بولماس .
- راسىت گەپنى ياقۇپ ، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن شۇ تاپتا قەلبىم سىزنى چاقىرۋاتىدۇ ، ئەمما سىزنىڭ ماڭا زورلۇق ، مەجبۇرلۇق ئاساسىدا يىقىنچىلىق قىلماي مىنىمۇ ئويلاپ قويىشىڭىزنى ، ماڭىمۇ پۇرسەت بىرىشىڭىزنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن .
رەنانىڭ ئېغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ياقۇپ ئەس - ھۇشىنى يوقىتىپلا قويدى ، شۇ تاپتا رەنانى ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئەل بولدى دەپ قالغان ياقۇپ خۇشاللىق ئىلكىدە رەنادىن جاۋاپ كۈتتى .
- قېنى دەڭە رەنا ، قانداق پۇرسەت بىرىمەن ؟ نىمە گېپىىڭىز بولسا تارتىنماي قىلىۋىرىڭ ھازىر ئىككىمىز يالغۇز ، ھويلىدىمۇ باشقا ئادەم يوق .
- ئاۋۋال كۆڭلۈمدىكىنى ، سىزگە بولغان چۈشەنچەمنى ئېيتاي ئاندىن سىزمۇ ماڭا بولغان چۈشەنچىڭىزنى ، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېيتىڭ شۇنداق قىلساق ئارلىقىمىز تېخىمۇ يىقىنلىشىپ ، بۇ قۇتلۇق كۈن تېخىمۇ گۈزەل ، تېخىمۇ مەنىلىك بولمامدۇ ؟
- بولىدۇ ، بولىدۇ ...سىز نىمە دىسىڭىز شۇ ...
رەنانىڭ بۇ ئۇسۇلى ئەس قېتىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى ، مەھەللىنىڭ تىنجىشىنى كۈتكەن رەنا ئۇنى - بۇنى دەپ دىگەندەك ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ ئاخىرى پەيىتنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدى ھەم تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ كىرىش باھانىسى بىلەن دەرۋازا تاقىقىنى پەم بىلەن ئاچقاندىن كىيىن يىنىك ، ئەمما ئىىتك قەدەملىرىنى ئېلىپ مەھەللىنىڭ تەتۈر يۆلىنىشىگە قاراپ يول ئالدى .
رەنا قەدەملىرىنى تىز مېڭىشتىن يۈگرەشكە ئۆزگەرىتتى ، پۇتىدىكى ئايغىنى تىزلىك بىلەن سېلىپ ئورمانلىققا تاشلىۋەتكەندىن كىيىن تېخمۇ تىز يۈگرەپ بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشدىن ئەنسىرەپ ، بىردەمگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەھەللىدىىكى ئائىللىكلەر رايۇنىدىن ئايرىلدى ھەم ئېتىز قىرلىرىدىكى چىغىر يوللارنى بويلاپ چوڭ تاشيولنى نىشانلاپ بار كۈچى بىلەن يۈگۈردى .
توختىماي يۈگرەۋاتقان رەنانىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ ، تىنىقلىرى تىزلىشىپ كەتكەن ئىدى ، شۇ كەمدە ئۇنىڭ خىيالىدا دادىسىمۇ ، ئۆگەي ئانىسىمۇ ، ياقۇپمۇ يوق ئىدى . پەقەت مۇشۇ قېچىش بىلەن ئۆز بەختىنى تېپىشنى ئويلايىتتى ، ئەمما بۇ قېچىشنىڭ ئۆزىگە ئاۋارچىلىق يەنى كىلىپ ناھايىتى چوڭ ئاۋارچىلىق ، ئاھانەت ئېلىپ كىلىدىغننىمۇ بىلەتتى ، بىراق نىجاتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق كۆڭلىدىكى بۇ تويغا بولغان نارازىلىق بىلەن قوشۇلۇپ مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى تاللاتقۇزغان ئىدى .
رەنانىڭ بۇ ھالىتىدە ئۆيدە ئۆزىنىڭ كىرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان ياقۇپنى ئويلىغۇدەك ۋاقىت ھەم ھسىياتمۇ يوق ئىدى ، توختىماي يۈگرۈپ ئاخىرى چوڭ يولغا چىققان رەنا  تىزراق بىرەر قاتناشنىڭ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ يولغا چىقىپ بولۇپمۇ يەنىلا يۈگۈردى .
ئارىدىن نەچچە مىنۇتلار ئۆتتى بولغاي يىراقتىن چىراقلىرىنى بولىشىغا يېقىپ كىلىۋاتقان بىر ماشىننىڭ بارغانچە يىقىنلىشىپ كىلىشى رەنانى بىرئاز ئۈمۈتلەندۈردى .
رەنا نەھالى بىلەن ماشىندىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ماشىنىغا قول ئىشارىسى قىلدى ھەم بار ئاۋازى بىلەن توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى ، ئۇ بىر يۈك ماشىنىسى ئىدى .

-  توختىتىڭ ، چىقىۋالاي ...
شوپۇر رەنانىڭ تەققى تۇرقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىيۇ ، كۆڭلىدە چوقۇم بىر جىددى ئىش باركەن دەپ ئويلىدىمۇ ماشىننى تىزلا توختىتىپ ئەينەكتىن بېشىنى چىقىرىپ دىدى .
-  نەگە بارسىز ، نىمە ئىشىڭىز بار؟
رەنا تىزلا ئېتىلىپ كەلگىنىچە ماشىننىڭ ئىشىكىگە ئېتىلدى ھەم شوپۇرغا يالۋۇرۇپ كەتتى .

- ئۆتۈنۈپ قالاي مىنى بۇ يەردىن ئېپ كىتىڭ ، مەن كەتمىسەم بولمايدۇ ، تىز بولۇڭ ...
شوپۇر قىزنىڭ ئۈستى بېشىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن كىپىنگىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى ،
- چىقىڭ ئەمسە ...
قارىماققا بۇ شوپۇر خىلى ياخشى نىيەتلىك كىشىدەك قىلاتتى ، رەنا شوپۇرنىڭ 30 ياشلار چامىسىدىكى قارامتۇل كەلگەن چىرايىغا قاراپ قويۇپ تەشۋىشلىنىش ، جىددىيلىشىش ئىچىدە كىپىنكىدە ، يۈگرەشتىن كىيىنكى چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىنى ئوڭشاشقا باشلىدى .

جىددىيلىشىشىتىن تېخىچە پەسەيمىگەن رەنا شوپۇردىن سورىدى .
-  ئۇستام سىز نەگە بارىسىز ؟ مىنى قەيەرگىچە ئېلىپ بارالايسىز؟
-  غۇلجا تەرەپكە بارىمەن ، سىز نەگىچە باراتتىڭىز ؟
- مەن ھازىر ئېنىق ئۇقمايمەن .
شوپۇر رەنانىڭ تۇرقىدىن ھەم بۇ كەچتىكى جىددىي ھالىتىدىن ئۇنىڭ ئۆيدىن قېچىپ چىققانلىقىنى سەزدى چۈنكى رەنانىڭ پۇتىدا ئاياغمۇ يوق ئىدى .
- مەھ ، ئېلىڭە ماۋۇ سۇنى ئىچىۋىلىڭ ، ھاردۇقىڭىز چىقىپ ، جىددىيلىكىڭز پەسىيىپ قالىدۇ .
رەنا ئىككىلىنىش ئىلكىدە سۇنى قولىغا ئېلىشتىن يالتىيىپ قالدى ھەم شوپۇردىن سورىدى .
- كەچۈرۈڭ مەن ئۇسسىمىدىم ، مەن ئۈرۈمچىگە بارماقچى ئەگەر مىنى سىڭلىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ ، ئۈرۈمچىگە بېرىشىمغا ياردەم قىلىسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم .

شوپۇر رەنانىڭ گېپىدىن بىردە ھەيران قالدىيۇ ، ئەمما رەنانىڭ كۆڭلىنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەمىمىي ، ئاقكۆڭۈل نىيتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى .
شوپۇرنىڭ بىر پەس ئۆزرىھالىقىدىن كىيىن ، رەنا بىرئاز ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلغاندەك بولۇپ ، ئۈمۈدلۈك كۆزلىرىنى توختىماي مېڭىۋاتقان ماشىننىڭ چىراقلىرى يورۇتقان يولغا تىكتى .

(8)

داۋامى ...

ماشىنا نەچچە سائەتلەر ماڭغاندىن كىيىن بىردە كەڭ سايلىقلاردا ، بىردە قىيا تاغلار ئارىسىدا كىچە كۈننىڭ خوجايىنى بولۇپ كىتىپ باراتتى ، ئاندا ساندا ئۇچقىشىپ ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ماشىنىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ يولدا رەنا بىلەن شوپۇر چىققان ماشىنا ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە .
رەنا بىر تەرەپتىن ئالدىراپلا بۇ ماشىنىغا چىققىنىدىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇرنىڭ يالغۇزلىقىدىن سەل ئەنسىرەپ دەككە دۈككىدە قالغان بولسىمۇ ئەمما شوپۇرنىڭ ئۇنىڭغا دىگەن ياخشى گەپلىرى يەنىلا ئىشىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان ئىدى .
بۇ يول بويى تولىمۇ سالقىن ھەم شاماللىق ئىدى ، شوپۇر رەنانىڭ يىنىك تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆيۈنگەن قىياپەتتە دىدى .
-   بىردەم ئارام ئېلۋىلىڭ ، كەينى ئورۇندا يۇڭ ئەدىيال بار ، يۆگىنۋىلىڭ يول بويى سوغۇق ، ئاغرىپ قالىسىز .
رەنا بۇ گەپنى ئاڭلاپ كەينى تەرەپە ئۆتۈپ يۇڭ ئەدىيال بىلەن يۆگەندى ھەم كەينىگە يۆلەنگىنىچە چوڭقۇر نەپەسلىنىپ كۆڭلى بىرئاز تىنجىغاندەك بولدى .
ئاسماندىكى ئاينىڭ ئورنى بارغانسىرى غەرىپكە قاراپ يۆتكەلمەكتە . ماشىنا بولسا شىمالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە !
مانا تۈن يېرىمدىن ئاشتى ،  رەنانىڭ شۇنداق تاتلىق ئۇيقۇسى كىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇخلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى ، ئۆز كۆڭلىدە < ئۇخلاپ قالسام مىنى باشقا تەرەپكە ئېلىپ كەتمىسۇن > دەپمۇ ئويلايىتتى .
ۋاقىت ئۆتىۋەردى ، رەنانىڭ غۇۋالاشقان كۆزلىرى يار بەرمىدى ، كۆزلىرىنى يۇمغۇسى كەلمىگەن ھالەتتە مۇگدەپ قالدى .
ئالا ھەزەل بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ماشىنا بىر كىچىك بازارغا يىتىپ كەلدى ، شوپۇر ماشىننى ئاستا توختىتىپ ، تاماكا ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە باشقا پارچە يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ كىلىپ رەنانى ئويغاتماقچى بولدىيۇ ، رەنانىڭ شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ قالغىننى كۆرۈپ ئاستاغىنە ياتقۇزۇپ قويدى .
رەنا شۇ پېتىلا ئۇيقىغا كەتتى ، شوپۇر بولسا داۋاملىق ماشىننى ھەيدىمەكتە!
بۇ قۇتقازغۇچى راستىنلا رەناغا ھىسداشلىق قىلىپ ئۇنى ئېلىۋالدىمۇ ياكى كۆڭلىدە بىر قانداق غەيرى پىلانلار بارمۇ بۇ رەناغا نامەلۇم بولۇپ ، ياقۇپنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغىنىغا كۆڭلى يورىغان رەنا ئۈرۈمچىگە بېرىپ نىجات يازغان خەتتىكى ئادرىس بويىچە ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆزىنىڭ پاك ، سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدى .
ماشىنا مېڭىۋەدى ، رەنامۇ ئۇيقىغا كەتتى .
ئەمدى گەپنى رەنانىڭ بۇگۈنكى ئىرىدىن  ، يەنى رەناغا نىكاھلىنىپ توي كىچىسى بىرگە بولالمىغان ، < كىيىم ئالماشتۇرۇپ كىرىدۇ > دىگەن شىرىن خىياللار ئىچىدە قالغان ياقۇپتىن  ئاڭلايلى :
ساقلا - ساقلا رەنا كىرمىدى ، < خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرۇپ قالغان چېغى > دەپ ئويلىغان ياقۇپ تاشقىرقى ئۆيگە چىقتى ، رەنا يوق ئىدى . ھويلىنىڭ چىرىقىنى يورىتىپ ھەممە يەرگە تەپسىلى قارىدى ھەم توۋلىدى ، رەنا يەنىلا يوق ئىدى ، كۆڭلىگە نى گۇمانلار چۈشىۋاتقان ياقۇپ شۇ چاغدىلا دەرۋازىنىڭ قىيا يېپىقلىق ئىكەنلكىنى كۆردى دە رەنانىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى .

ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ، < داداملارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكەنمىدۇ ؟ ياكى بولمىسا قېينىئانامنڭكىگە كەتكەنمىدۇ >؟ ...ياقۇپ مۇشۇ خىياللار ئىچىدە ئۆيدىن چىقتى .
ياقۇپنىڭ دادىسنىڭ ئۆيى ئارقا كوچىدىلا بولۇپ ، بۇرۇنلا ياقۇپ ئۈچۈن ئايرىم ئۆي سېلىپ بەرگەن ئىدى .

ياقۇپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقتى ، جاۋاپ يوق ، زورىخاننىڭ قېشىغىمۇ باردى يەنىلا جاۋاپ يوق .  
شۇ تاپتا ياقۇپنىڭ كەيپىياتىغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى  . بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى ئۆيدىكىلەرمۇ ساراسىمگە چۈشۈپ پاتپاراق بولۇپ كىتىشتى .ئىشقىلىپ بۇ كىچە ھەممەيلەنگە ئارامچىلىق بولماي قالدى .

- ئەتە ئەل جامائەت ئالدىدا قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرەرمەن ، باشقىلار قانداق ئويلاپ قالار ئەمدى ، ۋاي خۇدايىم ...
ياقۇپنىڭ بۇ خياللىرى دىلىنى ئۆرتىسە ،رەنانىڭ يوقاپ كەتكىنى تولىمۇ سەپرايىنى ئۆرلىتەتتى .

گۇمانلىق دەپ قارالغان ھەممە جاي بىر قاتار ئىزدىلىپ چىقىلدى ، ئەمما رەنانىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىگەن ئىدى ، بۇ ئىش تۈپەيلى ئىككى ئۆيدىكىلەر ۋە ياقۇپقا ئۇيقا ھارام بولدى ، ئەتە تاڭ يورىسا يەنە قانداق ئىشلارنىڭ چىقىشىنى ھىچكىم بىلمىسىمۇ ئەمما ، تەدبىركار زورىخان ئىشنىڭ يامان تەرەپكە بۇرۇلۇپ كىتىۋاتقىنىغا ئەگىشىپ ، ئۆزىنى ئاقلايدىغان ئاماللارنى ئاللىبۇرۇن ئويلىنىپ بولغان ئىدى .
شۇنداق قىلىپ بۇ كىچە ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا ، تاڭنىڭ بارا - بارا سۈزىلىشى بىلەن شوپۇر  كۆزلىرىنى رەناغا پات - پات تاشلاپ قويۇپ ماشىنىنى ئىلگىرلەتمەكتە .
تۇيۇقسىز ماشىننىڭ ئالدىغا يۈگرەپ چىققان بىر ئىتقا تورمۇز قىلىنىپ ، كاناي ئۇرىلىشى بىلەن تەڭ رەنامۇ ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ كەتتى .
- بىز قەيەرگە كەلدۇق ؟ سائەت قانچە بولدى ؟
سورىدى رەنا شوپۇردىن ، شوپۇر رەنانىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن ھالەتتە جاۋابەن ئېيىتتى .
- كورلا تەۋەسىدە كىتىپ بارىمىز ، ئۇيقىچىلىقتا تاڭ ئاتاي دەپ قالغىننمۇ سەزمەي قاپسىزدە سىڭلىم ، مەھ ئېلىڭە ماۋۇ سوغۇق سۇنى ئىچسىڭىز ئۇيقىدىن يىشىلىسز ، يەنە ماۋۇلار بىلەن ناستا قىلىۋىلىڭ !
رەنا بۇ كىچىنىڭ بىخەتەر ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە قاراپ شوپۇرغا يەنىمۇ ئىشەنىچ تۇرغۇزدى ھەم ئېلىپ بەرگەن سۇ ۋە پىرەنىكلەرنى قولىغا ئېلىپ خۇددى چۆلدە قالغان ئادەمدەك ئارقا - ئارقىدىن گۈپۈلدىتىپ ئىچىپ ، پىرەنىكلەر بىلەن ناشتا قىلىشقا باشلىدى .
شوپۇر ئۆزىمۇ سۇ ئىچكەچ رەناغا دەپ قويدى .
- مانا قاراڭ مەنمۇ سەھەردە سوغۇق سۇ ئىچىشكە ئامراق ، ئەتتىگەندە سوغۇق سۇ ئىچىۋالسام روھلىنىپ كىتىمەن ھەم كۆزۈم تورلاشمايدۇ ، ئاخشامدىن بېرى بىز تۈزۈكرەكمۇ پاراڭلاشمىدۇق ھە ، مەن ئارتۇق گەپ سوراي دىسەم سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز تازا ياخشى ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يىڭى كۆرۈشكەن بولغاچقا بىئەپ كۆردۈم ، ئەمدى بولغاندا ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ ؟
- نىمىنى ئاڭلايسىز ؟ ھە راسىت ، بۇنداق ئۇزۇن يولغا نىمىشقا ئۆزىڭىز يالغۇز سەپەرگە چىقىسىز ؟
- ئەسلى يەنە بىر ھەمراھىم بار ئىدى ، ئۇ تۈنۈگۈن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن سوقۇر ئۈچەي بولۇپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم مېڭىۋەردىم ، ئادەتتە بىر كىچە - كۈندۈزگە چىدىيالايمەن . مەن تېخى ئىسمڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ سورىماپتىمەن ، ئىسمىڭىز نىمە ؟
- رەنا ...
- رەنا ، نىمانچە چىرايلىق ئىسىم بۇ ، ئىسمىڭىزمۇ چىرايلىق ، ئۆزىڭىزمۇ چىرايلىق ئىكەنسىز .
شوپۇرنىڭ گېپىدىن قورىنىپ قالغان رەنا بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى . رەنانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن شوپۇر ئۇنىڭغا پات - پات قاراپ قويۇپ باشقا گەپمۇ سورىمىدى .
رەنامۇ جىمىپ كەتتى ، ئارىدىن ئون نەچچە مىنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن رەنا ئۆلىكىدىنلا ئۇيقىغا كەتتى ، رەنانىڭ ئۈنتىسىز ھالدا ئۇخلاپ قالغىننى كۆرگەن شوپۇر پۇرسەتنىڭ يىتىپ كەلگىننى بىلدى ھەم ماشىننى بىرئاز ھەيدىگەندىن كىيىن يان يولغا بۇراپ ، چوڭ تاشيولغا خىلى يىراقلاتتى ھەم يۇڭ ئەدىيالنى ماشىننىڭ يېنىغا سالغاندىن كىيىن ، رەنانى ماشىنىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ چۈشۈپ ئەدىيالغا ياتقۇزۇپ ، چىرايىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراشقا باشلىدى .
خۇددى بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلدى دىگەندەك ، ياقۇپنى خالىماي قېچىپ چىققان رەنا ئەمدى بولغاندا بۇ شوپۇرنىڭ قولىدا قەدىر - قىممىتىنى يوقىتىش ئالدىدا ئىدى ، ئەسلىدە ئاللىبۇرۇن تەيارلىق كۆرۈپ قويغان بۇ شوپۇر ئىچىملىك سۇغا بىھۇش قىلىش دورىسى سېلىۋەتكەن بولۇپ ، رەنانىڭ ھىچبىر قارشىلىقىسزلا ئۆز مەقسىدىگە يىتەلەيدىغىننى بىلەتتى .
رەنانىڭ ئىشەنگەن بۇ ئادىمى ، رەناغا ياخىشى گەپ ، ياخشى نىيتىنى بىلدۈرۈپ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ قويغان بىلەن ئۆزىنىڭ نەپسى - بالاسىنى ئاياپ قويمىدى ، ئەپسۇسكى ئۆزىنىڭ نىجات ئالدىكى پاكلىقى ، ئاقلىقىنىڭ يوقىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى رەنا سەزمەيلا قالغان ئىدى .
تاڭ سۈزۈلۈپ جاھاننى ئىللىق قۇياش نۇرىغا  چۈمكەۋاتقان پەيىتتە ، شوپۇر رەنانى ئۆز ئورنىغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن ماشىننى ئارقىغا ياندۇرۇپ ئەسلىدىكى لىنىيە بويىچە ئالدىغا قاراپ ھەيدەشكە كىرىشىپ كەتتى .

(9)

داۋامى ...

- مەن ، مەن نىمە بولدۇم ؟ بۇ ، بۇ قانداق بولغىنى ؟ ...
خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇيقىدىن يىشىلەلمەي ئەمدى بولغاندا كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنى سەل باشقىچە ھىس قىلغان رەنا ، ئورنىدىن تۇرۇپ ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆز ئۆزىدىن سورىغان بۇ گېپى شوپۇرغا ئانچە تەسىر قىلمىغان بولسا كىرەك ، شوپۇر رەناغا گەپ قىلمىدى ، ئاللىقانداقتۇر گۇمان ، ئەنسىرەش ئىچىدە قېلىۋاتقان رەنا شوپۇردىن سورىدى .
- بايا نىمە ئىش بولدى ؟ مەن نىمىشقا ئۇخلاپ قالدىم ، ئېيتىڭە ؟...
- ھىچ ئىش بولمىدىغۇ ، ئۇخلاپ قالدىڭىز  مەن ماشىننى ھەيدەۋەردىم شۇ ...
- مىنى زادى نىمە قىلدىڭىز ئېيتىڭە ؟ مىنى نىمە قىلدىڭىز ؟
- ئۆزىڭىز بىلەسىز ، سوراۋەرگەننىڭ نىمە پايدىسى ؟
- ھايۋان ! سەن ...سەن ئادەم ئەمەسكەنسەن ، ماڭا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ كۆيۈنۈپ كەتسەڭ مەن تېخى سىنى راسىت شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
- بولدى قىلىڭ ، مىڭ تىللىسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە پۇل لازىم بولسا پۇل بىرىمەن  ، قولۇمنى نەگە سۇنسام شۇ يەرگە يىتىدۇ .
- ئېغىزىڭنى يۇم پەسكەش ، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش سەندەكلەرنىڭ ئىشى ، مەن ساڭا ئىشىنىپ ، سىنى ئاكام ئورنىدا كۆرگىنىمگە مۇشۇنداق پەسكەشلىك قىلىشقا قانداقمۇ يۈزۈڭ چىدىدى ئېيتە ئىپلاس ...
رەنانىڭ بۇ ئاچچىق تىللاشلىرى ۋە ھاقارىتى شوپۇرنى بىرئاز تەرسالىققا ئاپىرىپ قويدى .
- نىمە دىمەكچى ؟ ماشىنىغا چىقىرۋالغىنىمغا ئىپلاس ، پەشكەش بولدۇمما ئەمدى ؟ بەز يىمەيدىغان مۈشۈك نەدە بار ، مەندىن باشقا بىر ئەركەك بولسىمۇ بۇ چاغقىچە قىلىدىغاننى قىلىپ بولاتتى ...
پات - پات كەينىگە قارىغاچ گەپ قىلغان شوپۇتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان رەنا ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى .
- ئاھ خۇداھ ، مەن نىمىشقا بۇنچە شور پىشانە ؟ ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ ئىسىت...
رەنانىڭ ھەسرەت ، نالىسى ماشىنا ئىچنى بىر ئالدى . رەنانىڭ بۇ دات - فەريادىغا ئانچە ھىسداشلىقى كەلمىگەن شوپۇر يەنىلا شۇ پېتى ماشىنا ھەيدەش بىلەن مەشغۇل ئىدى .
خىلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان رەنانىڭ ھەسرەت نالىسى بىرئاز پەسەيدى ئەمما كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىك ، ئېچىنىش تۇيغۇسى تېخىچە پەسەيگىنى يوق ، شۇڭىمۇ ماشىنا ئىشىكىنى بولىشىغا ئۇرۇپ شوپۇردىن ماشىننى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى .
- ماشىننى توختات ! مەن چۈشىمەن ، مەن چۈشىمەن ...
رەنانىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى ۋە ماشىنا بېقىنىغا شاپاللىشى بىلەن شوپۇر ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يولنىڭ چېتىغا توختاتتى ، يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان رەنا ئىشىكنى ئېچىپلا ھۆڭىرەپ يىغلاشقا باشلىدى .
رەنانىڭ ھالىنى كۆرگەن شوپۇر نىمە دىيىشنى ، نىمە قىلىشنى بىلمىگەندەكلا قاراپلا قالدى ، رەنا ھىچ پەسىيدىغاندەك ئەمەس ، ئەكسىنچە ماشىنا چاقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تېخىمۇ بەك يىغلاپ ، ئاھ ئۇرۇپ كىتىپ باراتتى .
يولدىن ئاندا - ساندا قارشى يۆلىنىشتە ۋە ئوڭ يۆلىنىشتە ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ماشىنلاردىكىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن ئوڭايسىزلىنىپ قالغان شوپۇر رەنانى بەزلەپ ، كۆڭلىنى تىندۇرۇشنى ئويلىدى .
- ماڭا ئىشەنسىڭىز مەن سىزگە ئىگە بولىمەن ، خالىسىڭىز توي قىلساقمۇ بولىدۇ . خالىمىسىڭىز نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بىرەي ...يول ئۈستىدە بۇنداق تۇرۋالسىڭىز ئۆتكەن - كەچكەنلەر نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ قالمامدۇ ؟ بولدى يىغلاۋەرمەڭ ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ !...
رەنا ھىچ پەسىيدىغاندەك ئەمەس ، شوپۇر رەنانى پەس قىلىپ تىجىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشاتتى .
- مەن گېپىمدە تۇرىمەن ، مەيلى ئىككىمىز توي قىلساقمۇ ، بۇنداق يىغلىماڭ بولامدۇ ؟ مەنمۇ خاتا قىلغانلىقىمنى كىيىن ھىس قىلدىم ، خاپا بولماڭ ...
- بۇ ، بۇنىڭغا خاپا بولماڭ دەپ قويسىلا ئىش تۈگەمدۇ ؟ مەن ، مەن ئەمدى نىجاتقا نىمە دەيمەن ، مەن ئۆلسەملا بولمامدۇ ؟...
رەنانىڭ يىغا ئارلاش بۇ گەپلىرىدىن بىرئاز ئەجەپلەنگەن شوپۇر ، رەنانىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىگەچكە ئۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ، كەچۈرۈپ سوراشتىن باشقىنى قىلالمىدى .
- راستىنلا خاپا بولماڭ ، يېرىم كىچىدە يولغا بۇ ھالىتىڭىزدە چىقسىڭىز ، مەن تېخى سىزنى ئىرىدىن يامانلاپ قالغان قىز ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ سىزگە چېقىلىپ ساپتىمەن ، مەن ئادەم ئەمەس ، مىنى ئۇرۇڭ - تىللاڭ ، ئاچچىقىڭىزنى چىقىرۋىلىڭ بولامدۇ ؟ ئەمما باشقىلار ئالدىدا بۇنداق يىغلاپ ، قاقشاپ ، داتلىنىپ تۇرىۋەرسىىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ ، ماڭىمۇ ياخشى بولمايدۇ ، نىمىلا ئىش بولمىسۇن ئۆز ئارا چىرايلىق ھەل قىلساق بولىدىغۇ ...
شوپۇر خىلى بىر ۋاقىتقىچە رەناغا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئاخىرى رەنانى ماشىنىغا چىقاردى ، رەنامۇ كۆپ يىغلاش ، كۆپ ئاھ ئۇرۇشلاردىن خىلى بەك چارچىغان ئىدى .
شۇ تاپتا رەنا بۇ شوپۇرنى يەپ كەتسىمۇ دەردى چىقماي قالاتتى ئەمما قانداقتۇر ئۆزىنىڭ بىر مەغلۇبىيەتچى ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىپ ئاخىرى ،  شوپۇردىن قانداق ئىنتىقام ئېلىشنى ، ئەتىكى كۈنگە قانداق بېقىشنى ئويلىنىشقا باشلىدى ، شۇ كەمدە ماشىنا ئىچىدە ياڭرۇتقىدىن چىقىۋاتقان مۇلۇق ناخشا ئاۋازىدىن باشقا رەنا بىلەن شوپۇر ئوتتۇرسىدا باشقا پاراڭ يوق ئىدى .

- << بىلەلمىدىم ئاينىڭ سىرىنى

ئاينىڭ يۈزى نىمانچە  داغدۇر

ئۇقمىدىممۇ يۇلتۇزلارنىڭ سىرىنى

يۇلتۇزلار نىمانچە كۆپتۇر.....

شۈنچە ئاي نۇرىغا گەپ قىلسام

ئۈندىمىدى ئاي نۇرى ماڭا

تاڭمۇ ئېتىپ يۇلتۇزلار تۈگەپ

ئايمۇ كەتتى نەلەرگە يەنە>>...
بۇ مۇڭلۇق ناخشا رەنانى تېخىمۇ ئىزىۋەتتى ، شۇ تاپتا نىجاتقا بولغان چىن ۋەدىسى ، پاكلىقى ئالدىدا ئۆزىنى بىر مەھبۇس كەبى ئويلاپ قالغان رەنا ، نىجاتنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزى بىلەن بېرىشنى ، بارسىمۇ گەپ - سۆزنى قەيەردىن باشلاشنى ، ئۆزىنى قانداق ئاقلاشنى بىلمەيلا قالغان ئىدى .
پەقەت ئۆز كۆڭلىدە نىجاتتىن كەچۈرۈم سوراپ ، نىجاتقا نالە قىلاتتى .

(10)

داۋامى ...

قۇياش نۇرى بارغانچە كۈچىيىپ زىمىننى قىزىتىشقا باشلىغان بۇ ۋاقىتتا ، ياقۇپنىڭ ئەھۋالىچۇ ؟ ئەسلى نورمال تەرتىپ بويىچە بۈگۈنكى كۈندە قۇدىلار ئارا چاقىرىشىپ مىھماندارچىلىق ئۆتكۈزەتتى ، ئەمما رەنانىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن بۇ ئىشلارمۇ بىر تەرەپتە قالدى .
رەنا ۋە ياقۇپنىڭ ئۆيىدىكلەر بىئارام بولۇپ ، ئىچى تىتىلداپ تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى ، گەرچە ئىككى ئائىلىدىكىلەر بۇ ئىشنى مەخپى تۇتۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما ، قانداقتۇر رەنانىڭ توي ئاخشىمى يوقاپ كەتكىنى بىردەمدىلا مەھەللىگە پۇر كەتتى ، بۇنداق ئىجتىمائى خەۋەرلەر بۇ مەھەللە ئۈچۈن ئامرىكا ئىراق ئۇرۇشىنىڭ خەۋىرىدىنمۇ يامان ، ھەم تىز تارقىلاتتى .
- < توي قىز زادى نەگە كەتتى ؟ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ چوقۇم بىرگەپ بار جۇمۇ ؟ >... مۇشۇنداق ئاقماس پاراڭلار مەھەللىنى بىر ئالدى . بۇ خەۋەر  چۈش بولمايلا تارقىلىپ كەتتى . ھەممە كىشىلەر گۇناھنى ئاشۇ رەنادا قويۇشتىيۇ - ئەمما ھىچكىم رەنانىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئويلىمىدى ، بەزى ئادەملەر ئۆگەي ئانا ئەسكى ، ئۆگەي ئانىنىڭ كۆيىمى ، مىرىبانلىقى بولمىغاچقا شۇنداق بولدى دەپ ئويلاشتى  .
ئەمدىكى ئىش ، بۇ ئىشنى ئەل جامائەتكە قانداق چۈشەندۈرۈش بولۇپ قالدى ، ياقۇپنىڭ ئۆيدىكىلەر ۋە رەنانىڭ ئۆيدىكىلەر رەنانىڭ ئۆيىسىدە خۇددى ماتەمدە ئولتۇرغاندەك سوغۇق كەيپىيات ئىچىدە ئولتۇرۇشقان ئىدى ،ياقۇپ بولسا نە ئارنۇمۇس ئىچىدە ئۆيگە بىكىنىپ تالاغا چىقشقا يۈزى چىدىمايلا قالدى .

جىمجىتلىقتىن زىرىككەن رەنانىڭ ھاممىسى كۆپچىلىكنى ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقىرىق قىلىپ ئەل - خالايىققا بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دىدى .
- مىنىڭچە رەنانى ئاخشام كىسىلى تۇتۇپ قېلىپ ناھىيگە ئەكەتتى دەيلى ...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان زورىخان قوشۇلمىغان ھالەتتە جاۋابەن دىدى .

- رەنانىڭ ئەزەلدىن كىسىلى بولمىسا ئۇنداق دىسەك قانداق بولىدۇ ؟
-  ئەمسە جىددى ئىش بىلەن بىر يەرگە كەتتى دەيلى ...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان نۇردۇن ئاياللارنى جىم تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ قۇدىلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن دىدى .
- ئالدىڭلاردا بەك سەت بولدى ، مەنمۇ ئۇقمىدىم نىمە دىيىشىمنى ، ياقۇپجانمۇ نىمە قىلار ئىدى دەرۋازىنى تاقىماي ...
تۈنۈگۈنكى قاينام تاشقىنلىق ئۆي مانا ئەمدى تىپ تىنىچ بولۇپ قالغان ئىدى ، نۇردۇننڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەركەك قۇدا < ھەي >...دەپ چوڭ بىرنى تىنىپ قويۇپ سىرىتقا ماڭدى .
چىشى قۇدا بولسا قوشۇمچە قىلىپ دەپ قويۇپ ئاندىن كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى .
- ئەگەر رەناخان بۈگۈن تېپىلمايدىغان بولسا ئۇنداق كېلىنىم يوق مىنىڭ ، ھېلىغىچە پەيدا بولماي قالسا تويلۇقنى تەللەپ قويىشالا ...
قۇدىلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆي ئىچى تىنجىپ قالدى ، نۇردۇن زورىخانغا تاپا قىلىشقا باشلىدى ، زورىخان ئاللىقاچان ئىدىيە تەييارلىقى قىلىپ قويغان بولۇپ ھىچ تەمتىرىمەيلا نۇردۇن نىمە دىسە شۇ يەردىن چىقىپ گېپىگە گەپ قايتۇرۇپ بەردى .

- ھەممىسى سىنىڭ ئالدىراقسانلىقىنىڭنىڭ ئىشى ، ئاياندىن دەپ ، ماياندىن ئەرگە بەردۇق ، خوپ بولدىمۇ ئەمدى ؟
- مەن نىمە قىلدىم دادىسى ؟ ئۇ تويغا سىزمۇ قوشۇلغان ئىدىڭىزغۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەنا ئۆزىمۇ رازىلىق بەرگەن ، ئەگەر بۇ توي بولماي ھېلىقى گەپ تارقىلىپ كەتكەن بولسا يۈزىمزى تېخىمۇ چۈشۈپ كىتەتتى .
- ھە ، ھازىر چۈشمىدىما يۈزۈڭ ، بەك يورۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟
- ئىشقىلىپ رەنانى بىز چىقىرىپ بەردۇق ، ئۇلار ئېلىپ كەتتى ، ئامانەتنى چىڭ ساقلىيالماي قاچۇرۇپ قويغان گۇناھ ئۆزىدە بولغاندىن كىيىن ئۆزىدىن كۆرسۇن ...
- ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ رەنانى نەدىن تاپىمىز ، ئەگەر بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچراپ قازا يىتىپ قالسا قانداق قىلىمىز ھە ، دىگىنە ...
- مەندىن سورىسىڭىز مەن كىمدىن سورايمەن دادىسى ، رەنا ئۇنچە ئەقىلسىزمۇ ئەمەس ، قازامۇ يەتمەس خۇدايىم ساقلىغاي ئىلاھىم ...
رەنانى بولىشىغا ئىزدەۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا ، رەنا بولسا يۈك ماشىنىسىنىڭ كىپىنكىسىدە ئۈرۈمچىدە سەپىرىدە ئىدى . ئىچى ئاچچىققا ، ئۆچمەنلىككە تولۇپ كەتكەن رەنا بۇنداقلا بولدى قىلماسلىقنى ئويلاشتى ھەم كۆڭلىدە بىر پىلانلارنى تۈزۈشكە باشلىدى .
رەنانىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى سېغىنىش ئوتلىرى پەسەيمىگەن بولسىمۇ ئەمما ، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا تىگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم ئىش دەپ قارايىتتى .

- مەن ئۈرۈمچىگە بارمايمەن ، سىز نەگە بارسىڭىز مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن .
دىدى رەنا بوغۇق ئاۋاز بىلەن شوپۇرغا ، شوپۇر بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن رەناغا قارىماي تۇرۇپلا جاۋاپ قايتۇردى .
- ئەمەلىيەتتە مەن ئالتاي تەرەپكە بارىمەن ، ئەجىبا شۇ يەرگىمۇ بىللە بارماقچىما ؟
- شۇنداق ، نەگە بارسىڭىز شۇ يەرگە بارىمەن ، بىر قەدەممۇ ئايرىلمايمەن .
رەنانىڭ گەپلىرى شوپۇرنى بىرئاز ئەندىشىگە سېلىپ قويدىمۇ ئەتىمال ، شوپۇر يەنە بىردەم ئويلىنۋالغاندىن كىيىن رەناغا ئۆزىنىڭ بەزى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى .
- ئەسلىدە مىنىڭ ئايالىم بار ، بالاممۇ بار ... بولمىغان بولسا سىزنى ئەمرىمگە ئالساممۇ بولاتتى .
- ئەمدى يېنىۋالماقچىما ؟ نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بىرەي ...دىگەن ۋەدىلەر نەدە قالدى ؟
- شۇنداق دىيىشنىغۇ دىگەن ئىدىم ، ئەمما ئويلاپ باقمامسىز ، مىنىڭ خوتۇنۇم ، بالام بار ئادەم سىزدەك بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالسام سىزگە ئۇۋال بولمامدۇ ؟ ياش پەرقىمىزمۇ خىلى بار تۇرسا باشقىلار نىمە دەپ قالىدۇ ؟
- مەيلى ، نىمە دىسە دىسۇن ، مەن ئەمدى يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن .
شوپۇر رەنانىڭ بۇ گەپلىرىدىن راستىنلا چۆچۈپ قالدى ھەم ئامال بار ياخشى گەپلەرنى قىلىپ رەنانىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى .
رەنا مۇشۇنداق دىيىش ئارقىلىق قانداقتۇر شوپۇرنى قاتتىق پۇشايمان قىلدۇرۇش ، بۇنداق پەسكەشلىكنى قىلىش دىگۈل ، ئويلىيالماس قىلىۋىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، شوپۇرغا بېسىم ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭغا قەستەن چاپلىشىۋىلىش نىيتىدە كۆڭلىدىكى ئاچچىق ، ئازاپلارنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرۋاتاتتى .

(11)

داۋامى ...

- مەيلى ، نىمە دىسە دىسۇن ، مەن ئەمدى يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن .
شوپۇر رەنانىڭ بۇ گەپلىرىدىن راستىنلا چۆچۈپ قالدى ھەم ئامال بار ياخشى گەپلەرنى قىلىپ رەنانىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى .
رەنا مۇشۇنداق دىيىش ئارقىلىق قانداقتۇر شوپۇرنى قاتتىق پۇشايمان قىلدۇرۇش ، بۇنداق پەسكەشلىكنى قىلىش دىگۈل ، ئويلىيالماس قىلىۋىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، شوپۇرغا بېسىم ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭغا قەستەن چاپلىشىۋىلىش نىيتىدە كۆڭلىدىكى ئاچچىق ، ئازاپلارنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرۋاتاتتى .
ئىشنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ بولۇپ كىتىشىنى ئويلىمىغان شوپۇر رەنادىن كەچۈرۈم سورىدى ، رەناغا ياخشى گەپلەرنى قىلدى ، بىراق رەنا قارارىدىن يانمىغان ئىدى .
ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان ماشىنا ، غەربى شىمالنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، تولى ناھىيەسى تەۋەسىدە قاناقتۇر بىر باقمىچىلىق رايۇنىغا بېرىپ توختىدى ، بۇ سەپەردىن شوپۇرمۇ ، رەنامۇ تازا چارچىغان بولۇپ ، يول بويى بۇ يەرگە كىلىپ بولغۇچە كەيپىيات ياخشى بولمىسىمۇ ، ئەمما ھەر ئىككىسى ئۈچۈن چىدىمىسا بولمايدىغان سەپەر بولۇپ قالدى .
رەنانىڭ شوپۇرغا بۇنچە ئەگىشۋىلىشدىكى نىيەت ، مەقسىدى ئېنىق ئىدى ، بىراق شوپۇرنىڭ بۇ بېسىمغا داۋاملىق چىداپ بولالىشى ناتايىن ئىدى ، شۇڭىمۇ ئۇ ئەسلى بېرىشقا تىگىشلىك مەنزىلدىن ۋاز كىچىپ ، يىراق ھەم رەناغا تېخىمۇ ناتونۇش بولغان بۇ زىمىنغا دائىم مالغا كىلىدىغان ئورۇن دىگەن يالغان ئاتاق بىلەن يىتىپ كەلدى .
رەنانىڭ ئالدىدىكى بۇ ناتونۇش ماكان ئۇنىڭغا يات بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى تامامەن زىيانلانغۇچى ، شۇنداقلا شوپۇرنى جاۋاپكار ئورنىدا كۆرگەچكە ئانچە ياتسىراش ھەم ئەنسىرەش ھىس قىلىپ كەتمىدى .

بىراق شۇنى ئويلاپ يەتمىدىكى بىر قېتىم چاققان ئىككىنجى قېتىممۇ چېقىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى . شوپۇر نېرىدىراقتىكى كىگىز ئۆينىڭ ئالدىدا يۇڭ ئېتىپ ئولتۇرغان بىر ئايال بىلەن  قىسقىغىنا بىر قانچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كىيىن ھېلىقى ئايال رەنانىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى .
بۇ ۋاقىتتا كىگىز ئۆينىڭ مىلاڭزىسى قايرىغلىق بولۇپ ، ئىچىدە يەنە بىر ئايال ۋە بىر قانچە كىچىك بالىلار ئويناپ يۈرگىننى كۆرگىلى بولاتتى ، رەنا ئۆيگە كىرىشتىن بىردە ئىككىلىنىپ قالدىيۇ ئەمما تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ بەكلا خۇشخۇي ، مۇلايىملىقى ، قىزغىنلىقى ۋە ئۆيدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئويناپ يۈرگەن ھالىتى ئۆي تەرەپكە قەدەم بېسىشقا دەۋەت قىلدى .
ئۆي ئىچىگە كىرىشىگە ساھىپخان رەنانى يۇقىرغا ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى ، رەنا ئۆتەيمۇ - ئۆتمەيمۇ دەپ ئويلىنىپ بولغۇچە ياندىكى كىچىك بالىلار ۋە ئايال  شۇنداقلا تەكىلىپ قىلىپ ئېلىپ كىرگەن ئايال شىپپىدىلا چىقىپ كىتىپ ، ئىشىكنىڭ مىلاڭزىسى چۈشۈرلۈپ چىغ قاپقاق بىلەن تاقاپ قويۇلدى .
رەنا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغان ۋاقىتتا ئۆي ئىچى بىرئاز قاراڭغۇلىشىپ بىردىنبىر چىقىش ئېغىزى بولغان ئىشىك تاقىلىپ بولغان بولۇپ ، رەنانىڭ ساددا قەلبى مۇشۇ ۋاقىتتىلا يەنە بىر چوڭ توزاققا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تۇيدى .
ئۆزىنىڭ سولاپ قويۇلغانلىقىنى سەزگەن رەنا ئىشكنى ئۇرۇپ باقتى ئىتتىرىپ باقتى ئەمما ئېچىلمىدى ، باشقا يەرنىمۇ شۇنداق ئىتتىرىپ باقتى ئەمما چىغ ، ۋاسىلار بىلەن چىڭ تىكلەنگەن بۇ تام ش پېتىلا ... يەنە بىر جىددىيچىلىك ۋە ئاچچىق رەنانى بىر ئالدى بار كۈچى بىلەن ۋارقىراپ ، تىللاپ باقتى بىراق ئۈنۈمى بولمىدى .
ئۆي ئىچى ئاددىيلا بىرەلگەن بولۇپ قېچىشقا ياردىمى تەگككىدەك ئەسۋاپ چاغلىق بىرەر نەرسىمۇ يوق بولۇپ ، ئۆزىنىڭ يەنە قانداق مۇشكىلاتقا دۇچ كىلىدىغىننى ئويلىيالمايۋاتقان رەنا تىت - تىت بولۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالغان ئىدى .
ئۆي سىرتىدىكى شوپۇر بولسا ھېلىقى ئايالنىڭ قىزغىن مىھمان قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ ، ھەمداستىخان بولۇشقاندىن كىيىن ئايالنىڭ قىزغىن ئۇزۇتۇشلىرى ئىچىدە كىتىپ قالدى .
ماشىننىڭ گۆرۈلدەپ كىتىپ قالغىننى تۇيغان رەنا ، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ ۋارقىراپ - جارقىراپ باقتى بىراق ئۇنى تاشقىردىكىلەر ئاڭلىماسقا سېلىۋالدى ھەم ئاڭلىسىمۇ پەرۋا قىلمىدى .
ئۆينىڭ ئۇچلۇق ئۆگزىسىدىكى تۇڭلۇقتىن چۈشىۋاتقان قۇياش نۇرى ئاستىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم چوڭ خاتالاشقىننى ھىس قىلغان رەنا جىمىپ قالدى ، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە بۇ يەردىن قانداق قۇتۇلۇش بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى .

(12)

داۋامى ...

تۈڭلۈكتىكى قۇياش نۇرىنىڭ بارا - بارا سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆي ئىچى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى . بىر ۋاقىتلاردا ئىشىك تەرەپتىكى تىۋىشتىن بىرسىنىڭ كىرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەن رەنا ئىشىكىڭ يېنىغا باردى ھەم بىرسىنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ سىرىتقا قاراپ ئېتىلدى ئەمما كۈچ ئاجزلىق كەلگەن بولۇپ ئۆي ئىچىگە قايتۇرۇلدى .
بىلىنە بىلىنمەس بۇ يورۇقلۇق ئىچىدىكى تىركىشىش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى ، رەنا ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغاچقا بار كۈچى بىلەن قارشىلىق قىلىپ باقتى ، يېلىنىپ باقتى... ئەمما يەنىلا ئاجىزلىق كەلدى .
كۆز يېشى كۆزىنىڭ جىيەكلىرىدىن ئېقىپ قۇلاقلىرىغا تىگىشكەندىلا ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى ھىس قىلغان رەنا ، بارچە ئازاپلارنى كۆز ياشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئويلىمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىخىتيارسىز ئېقىۋاتقان ياشلىرى قەلبىدىكى ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى بىلەن بىرىكىپ ، ئۇنى تىنىچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى .
ئۆزىنىڭ نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئارقا - ئارقىدىن يالغانچىلىق ، شەكىلۋازلىق ، زومىگەرلىك ئارلاشقان بۇ رىئاللىقلارغا دۇچ كىلىدىغننى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان رەنا ھىچقانداق گەپ ، ھىچقانداق ئىش تەسەللى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەسرەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى .
رەنانىڭ نىجاتقا بولغان ساپ قەلبى ، ئوتلۇق مۇھاببىتىنى سۇسلاشتۇرىۋاتقان بۇ رىئاللىق رەناغا يەنىلا ئۈمىدۋار بولۇشنى ، ياشاشتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىكنى تەكىتلەيىتتىيۇ ، ئۆزى خالىمايدىغان بۇ تۇرمۇش ، بۇ رىئاللىقتىن قانداق قۇتۇلۇش ، قانداق تاقابىل تۇرۇشتىن بىشارەت بىرەلمەيىتتى .
مانا بۇ رەنانىڭ تەقدىرى ئۆزگەرگەن ئىككىنچى كىچە بولۇپ قالدى ، رەانىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن غەپلەتتە قالغان ياقۇپ خۇددى بىر شىرىش كۆرۈپ ئەڭ ياخشى يېرىگە كەلگەندە ئويغىنىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدى ، بۇ كىچىمۇ ياقۇپ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئۇيقۇ ھارام بولىدىغان كىچە بولۇپ قالدى .
بۇ كەم بولغاندا رەنانىڭ يوقاپ كىتىشى مەھەللە - كوينى بىرئالغان بولۇپ ، چوڭدىن كىچىككىچە ھەممە بىلىپ بولغان ئىدى ، ئۆزىنىڭ ۋىسالسىز قالىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ياقۇپ ، بۇ توينى ماقۇل كۆرۈپ ، زورىخاننىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن قىززىق قانلىق قىلىپ قويۇپ چوڭ بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىغا ئەمدى پۇشايمان قىلماقتا ...
بىراق بولار ئىش بولۇپ بولغان ئىدى ، ھېلى ئۇيانغا ئۆرۈلۈپ - ھېلى بۇيانغا ئۆرۈلۈپ دىگەندەك ياقۇپنىڭ كۆزىگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمىدى ، رەنانىڭ يوقاپ كىتىشىدىن باشقا ، يۇرت ، مەھەللىنىڭ سۆز - چۆچىكىگە قېلىشنى ئويلىسلا تېخىمۇ بىئارام بولۇپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالاتتى .
بۇ كىچە ياقۇپ ئۈچۈنمۇ ، رەنا ئۈچۈنمۇ شۇنداق تەستە ئۆتىۋاتاتتى ، بىراق ئىككىسىنىڭ ھىس تۇيغۇسى ، ئويلاۋاتقىنى تامامەن ئوخشىمايىتتى .
يەنە بىر سەھەر ، ياقۇپ مۇرەككەپ بىرخىل ھىسىياتتا ئۆيدىن چىقتى ، ئۆزىچە زورىخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ رەنانى تېپىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغۇسى كەلدى دە قانداقتۇر بىركىملەرنىڭ كۆرۈپ گەپتە سوقىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقا كوچىدىن مېڭىشقا باشلىدى ، ئويلىمىغان يەردىن كەتمەننى دولىسىغا ئالغان تەڭ دىمەتلىك ئىككى تونىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچراپ قالدى ، ئۇلار بىلەن ئاددىيلا ساالملىشىپ ئۆتۈپ كىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ئۇ ئىككەيلەن ياقۇپنىڭ ئويلىغىنىدەكلا گەپتە سوقۇشقا باشلىدى .
- ياقۇۋاخۇن ، ئاڭلىساق كىلىن قىز يوقاپ كىتىپتۇ ...
- شۇ ، نوقتىنىمۇ چىڭراق تۇتمىسا ئات ئادەمنى ئېتىۋىتىپ قېچىپ كىتدىغان گەپ ...
- نەگە ماڭدىڭلا ئەتتىگەندە يەرگە قاراپ ، خۇددى يەردىن پۇل ئىزدەۋاتقاندەك ...
ياقۇپ بۇلارنىڭ گەپلىرىگە بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ قىلمىدى ، ئۇلار بىر - بىرىگە گەپ قىلىشىپ كۈلۈشكەن پېتى يىراقلاشتى . بۇ گەپلەر ياقۇپنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ ئېچىشتۇرۇپ ، تېخىمۇ ئەدىتۋەتتى .
ياقۇپ رەنالارنىڭ ئىشكى ئالدىغا كىلىپ قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۆيگە ئۇددۇللا كىردى ھەم سۇپىدا ئەمدىلەتىن ئاشنى قولىغا ئېلىپ تۇرغان نۇردۇنلارغا تۈزۈكرەك سالاممۇ بەرمەي گەپنى تىزلا قىلدى .
- رەنا قېنى ؟ رەنانى نەگە تىقىپ قويدۇڭلار ؟
ياقۇپنىڭ بۇ سۇئالىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلغان نۇردۇن ئاۋۋال جاۋاپ بەردى ، زورىخان بولسا ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئىدى .
- بىز نەدىن بىلەيلى ، بىزمۇ شۇ تاپالماي تۇرۋاتىمىز .
- قۇرۇق گەپ ، بۇ توينى قىلىشنى سىلەر پىلانلىغان ئەمەسمۇ ، مىنىڭچە رەنانىمۇ سىلەر قاچۇرۋەتكەن ...
- توۋا ، بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى . سىلەر ئۆزۈڭلار تېپىشىپ ، ئۆزۈڭلار توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ، شۇڭا بۇ توينى قىلغان ...
- ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ، مەن شاپائەت قىلغان ئىككى قوي بىلەن مىڭ كوي پۇلنىڭ كارامىتىدىن بولغان توي بۇ ...
- بۇ ، بۇ قانداق گەپ ؟ گەپ بولسا ئوچۇق بولسۇن ...
- قېنى زورىخاچا ، ھەممىنى شۇ بىلىدۇ ، ھەممىنى ئۆزى پىلانلىغان .
ياقۇپنىڭ بۇ گېپىدىن ھەيران قالغان نۇردۇن زورىخاننى چاقىرىپ چىقتى ھەم ئۇنىڭدىن قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى .
- بۇ قانداق ئىش ئېيتە ؟
- قانداق ئىش بولاتتى دادىسى ، ياقۇپنىڭ رەنانى ئالغۇسى بولغاچقا مەن رەناغا خىزمەت ئىشلەپ ئىككىسىنى تېپىشتۇرۇپ قويدۇم شۇ .
- خاتىرجەم بول ، چاتاق چىقمايدۇ ، ھەممىنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ ھە ، ئەمدى رەنا قېنى ؟... پۇلنى چىقىرىڭ ، قوينىمۇ ئېلىپ كىتىمەن ، توليۇقنىمۇ قايتۇرۋالىمەن ...
ياقۇپنىڭ گەپلىرىدىن زورىخاننىڭ قىلمىشلىرىنى بايقىغان نۇردۇن زورىخاننى تازا ساۋاپ ، ئۇرۇشقا باشلىدى .
بىر قانچە كۈن رەنانى ئىزدەش ، دىرىكىنى قىلىش بىلەن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كۈنلەر مەھەللە كىشىلىرى تەرىپىدىن  بۇ تويغا ، بۇ ئىككى ئائىلىگە ئوخشىمىغان ئارنۇمۇس ، ئوخشىمىغان باھالارنى ئاتا قىلدى .
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ رەنا بىلەن ياقۇپنىڭ تويىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇششاق گەپ سۆزلەر ، پاراڭلار بارا - بارا ئازىيىپ ، سۇسلىشىپ قېلىشتى .
زورىخاننىڭ ياقۇپتىن ئالغان تاپان ھەققى بىلەن قوشۇپ تويغا خەجلەنگەن چىقىم ۋە تويلۇق شۇ پېتىلا ياقۇپ تەرەپكە قايتۇرۇلدى . ئىشلارنىڭ بۇنداق بولىشىنى ھىچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، رەنانىڭ دادىسى نۇردۇنمۇ ئىشنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلگەن چاغدا ئاللىقاچان كىچككەن بولۇپ پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى .

(13)

داۋامى ...

3 يىلدىن كىيىن ...
بۇ رەنانىڭ يۇرتقا ئىككىنجى قېتىم كىلىشى ئىدى ، ئالدىنقى قېتىم كىلىپ ، دادىسىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشىغا ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن ، بۇ قېتىم قايتا كەلگەن ئىدى ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى دادىسى نۇردۇن ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ، زورىخان يىراقى مەھەللىگە ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئىكەن .
رەنا خۇلۇم قوشنىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ، ئۆگەي ئانىسىنىڭ ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئادىرسىغا ۋە ھەسەننىڭ مەركىزى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنلىكىدەك خەۋەرگە ئىرىشتى .
ئۆي تېخىچە بار بولۇپ دەرۋازىغا سېلىنغان يوغان قۇلپىدىن ،ئىشىك ئالدىكى سۈپۈرۈلمىگىنىگە خىلى ئۇزاق بولغان كۆرۈنۈشتىن بۇ ئۆيگە ئۇزاقتىن بېرى ئادەم ئاياغ باسمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى .
قولىدا كۆتۈرۋالغان بىر بالا ۋە قولىدىن يىتىۋالغان يەنە بىر بالىدىن ھىچكىممۇ رەنانىڭ بۇ يېشى ، تۇرقىدىن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى دەپ ئويلىمايىتتى ، رەنا دادىسىنىڭ ۋاپات بولغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى يۇرت - مەھللىگە كىلىپ بۇرۇنقى ئىشلاردىن كۆڭلى يېرىم بولغىنى ئۈچۈنمۇ ، بىرخىل سۇلغۇن چىرايى بىلەن يېزا مەركىزىگە قاراپ يول ئالدى .
گەرچە بۇ مەھەللە يېزا مەركىزىگە يىقىن بولسىمۇ ئەمما ئارلىقتا قاتنايدىغان قاتناش قوراللىرى بولمىغاچقا مېڭىپ بېرىشقا توغرا كەلدى ، بىر بالىنى كۆتۈرگەن ۋە يەنە بىرسىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ ماڭغان رەنا ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئىككى ئاش پىشىم ۋاختىدا يېزا مەركىزىگە يىتىپ كەلدى .
بۇ يەردە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ ، پەقەتلا مەكتەپكە ئۈچ قەۋەتلىك بىنا سالغاندىن باشقا ئالاھىدە بىر ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلغىلى بولمايىتتى .
رەنا قوشنىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە ئىنىسى ھەسەننىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا باردى ، تەنەپپۇس ۋاختى بولۇپ بالىلارنىڭ بەزىلىرى سىنىپتا ، بەزىلىرى مەيداندا قالايمىقان مېڭىپ ، ئويناپ يۈرگەن . ھىچبىر بىرسىنى ئايرىپ بولغۇسىز بولۇپ كەتكەچكە ،، رەنا ئىنىسى ھەسەننى تەسلىكتە تونىدى ھەم يېنىغا چاقىردى .
- ھەسەن ، ھەسەن ...
رەنانى كۆرگەن ھەسەن يات ئادەملەرنى كۆرگەندەك بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئاندىن رەنانىڭ يېنىغا كەلدى ، چۈنكى ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە بىر جىيەنى بار ، بۇ قېتىم كەلگەندە ئىككى جىيەنى بار ئىدى .
- ئاچا ، رەنا ئاچا ...
ئاچا - ئىنى ئىككىيلەن بىر - بىرىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ تەسىرلىك ھالدا يۈز كۆرۈشتى ، ئۆگەي ئانىنىڭ ئۆگەيلىكى ئاچا - ئىنىنىڭ مىھرى - مۇھەببىتىنى توسۇپ قالالمىغاندەك قىلاتتى ، رەنا ھەسەننى قۇچاقلاپلا ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى .
- دادام قېنى جان ئۇكام ؟
- ئۆلۈپ كەتتى ...
- قاچان ، قانداق ئۆلۈپ كەتتى ؟
- باغدىن ياغاچ كىسىمەن دەپ ، ياغاچ بېسىۋىلىپ ئۆلۈپ كەتتى .
- جېنىم دادا ... دادام ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا سەن بارمىدىڭ ؟
- ھەئە ، دادامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ئىدۇق ، شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتتى ...
- دادام ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا ساڭا گەپ قىلدىمۇ  ، ئانامغا گەپ قىلدىمۇ ؟
- گەپ قىلدى ، بالىنى ئوبدان چوڭ قىلىڭ ، ھەسەننى ئوقۇتۇپ خىزمەتچى قىلىڭ ... رەناغا ياخشى ئانا بولۇڭ ، رەنا كەلگەندە ئۆينى رەناغا بىرىڭ ...دىدى .
- جېنىم ئۇكام ... دادام ئۆلۈپ كەتكەندە نىمىشقا ماڭا دىمىدى ؟
- مەن ، مان ئانامغا ئاچام نىمىشقا كەلمەيدۇ ؟ دىسەم ئانام ، ئاچاڭ كەلمىسىمۇ بولىدۇ ، دىگەن ئىدى .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان رەنا تېخىمۇ بەك ئەدەپ كەتتى ، شۇ تاپتا گەپ قىلىشقا رايى يوق ھەسەننى قۇچاقلىغان پېتى كۆز ياشلىرىنى ھەسەننىڭ مۆرىسىگە ئېقىتىپ كىتىپ باراتتى .
تەنەپپۇس ۋاختى توشقان چېغى ،كۈچلۈك چېلىنغان داڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ ھەممە ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا يۈگرەپ كىرىشىپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەيدان تىنىچلا بولۇپ قالدى .
- سىنىپىڭغا كىرەمسەن ؟
- كىرىپ كەتسەم ، كىتەمسەن ئاچا ؟
- ھەئە ...
- نەگە كىتىسەن ، نىمىشقا مىنى تاشلاپ قويۇپ كىتىسەن ؟
- سىنى تاشلاپ قويمايمەن  ئۇكام ... مەن ئۆگەي ئانىنىڭ دەردىنى تارىتقان ئىدىم ، سەن ئۆگەي دادىنىڭ دەردىنى تارتىپ قالارسەنمۇ جېنىم ئۇكام ؟...
- بۇ نىمە دىگىنىڭ ئاچا ، كەتمىگىنە ...بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ تۇرايلى ، ئۇكىلىرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ كىتەيلى .
- بولمايدۇ ئۇكام ، مەن بارسام بولمايدۇ ...
ئۇلار بىر - بىرىگە قىيمىغان پېتى گېپىنى ئۈزۈلمەي تۇراتتى ، نېراقتا قولىدا دەرىسلىك ماتىرياللىرى كۆتىرۋالغان بىر مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ دىققىنى بۇرىدى .
- ھەسەن ...سىنىپقا كىر ، دەرىس باشلايمىز .
بۇ ئاۋاز ھەسەن ئۈچۈنمۇ ، رەنا ئۈچۈنمۇ تونۇش ئىدى ، ھەسەننىڭ قۇلىقىغا تونۇش بولسا ، رەنانىڭ قۇلىقىغا ھەم يۈرىكىگە تونۇش ئىدى ، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ قاراپ سالغان رەنا قارىدىيۇ ، كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى  ئۇ بولسا ئۈچ يىل ئاۋۋالقى ۋەدىلىشىپ ، كۆڭۈل بىرىشكەن ، يۈرەك باغرىنى لەختە قىلىشىپ بىر - بىرىدىن ئايرىلىشقان ئاشىقى نىجات ئىدى .
قارا كۆك كاستيۇم بۇرۇلكا كىيگەن نىجات تولىمۇ سالاپەتلىك كۆرىنەتتى ، نىجات گەپنى قىلدىيۇ ھەسەنگە باش ئىشارىسى قىلىپ قويۇپلا سىنىپكا كىرىپ كەتتى ، بۇ ھالەت رەنانى شۈنچىلىك ھىجران ئازابىغا تاشلاپ قويدى ، دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىلەن قوشۇلۇپ نىجاتنىڭ ئۆزىنى تونۇمايلا سىنىپقا كىرىپ كەتكىنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەلەم قىلىۋاتاتتى .
- ئۇ كىم بولىدۇ ئۇكام ؟
- نىجات مۇئەللىم ، بىزگە ئېلىپپە ئۆتىدۇ .
- رەنانىڭ دىمىقى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى ، ھەسەننى سىنىپقا كىرىپ كىتىشنى ، كەچتە بۇرۇنقى ئۆيىگە بېرىشنى ئۆيدە ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەسەن سىنىپقا كىرىپ ، كۆزدىن غايىپ بولغىچىلىك پىشانىسى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى ، بىر قولىدىكى بالىسى قىمشىپ يىغلىغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ قەدەم ئالدى .
- رەنا ...
ئارقا تەرىپىدىن ئاڭلغان بۇ كۈچلۈك ئاۋاز رەنانى قەدەملىرىدىن توختىتىپ ، كەينىگە قاراشقا دەۋەت قىلدى ، تىز - تىز قەدەملەر بىلەن يىقىنلىشۋاتقىنى نىجات ئىدى ، رەنا قارىدىيۇ تىزلا كۆزلىرىنى پەسكە يۆتكەپ ، يۈزىنى تۆۋەن سالدى ، بۇ كۆرىنىش خېلىغىچە داداملاشتى ، نىجات ھەيرانلىق ، نەپرەت ، سېغىنىش ئارلاشقان كۆزلىرىنى رەناغا تىكىپ ، سۇئال نەزەرى بىلەن رەناغا قاراپلا تۇرغان ئىدى .
- كەچۈرۈڭ ، مەن كىتەي ...
رەنانىڭ بۇ تۆۋەن ئاۋازى نىجاتنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى .
- نەگە ، نەگە كىتىسىز ؟ ئۈچ يىل بولدى سىز كەتكىلى ، يەنە ھىچبىر چۈشەندۈرۈش يوقلا نەگە ؟...
- مەن ، مەن كەتمىسەم بولمايدۇ .
- كىتىش شۈنچە ئاسانمۇ ؟ ئۇنداقتا كىچىشچۇ ؟
نىجاتنىڭ سۇئالىدىن يۈرىكى ئېتىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان رەنا نىمە دىيىشنى ، نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى ، گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيلا قالدى .
- بۇ بالىلار بالىڭىزما ؟
- ھەئە ...
- يۈرۈڭ ئىشخانامغا كىرىپ پاراڭلىشايلى ، ۋاختىڭىز قىس بولمىسا ...
- ۋاختىمغۇ قىس ئەمەس .
- ئەمىسە يۈرۈڭ ، مىنىڭچە سىزنىڭمۇ ماڭا دەيدىغان گەپلىرىڭىز بار .
ئۇلار بىر بېسىپ - ئىككى بېسىپ نىجاتنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدى ، ئىشخانا ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ رەنا كەينىدىرەك ماڭغان ئىدى ، پاكىزە ، رەتلىك بولغان بۇ ئىشخانىغا كىرگەن ۋاقىتتا رەنا تېخىمۇ بىئاراملىق ، خىجىلچىلىق ئىلكىدە قالدى .
- قېنى ئولتۇرۇڭ ، باللىرىڭىز ئۇسسىغاندۇ ، بۇ سۇنى بىرىڭ ...
بالىلارغا سۇ بىرىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ غەۋىسىمۇ پەسىيىپ قالدى ، رەنا يەنىلا ئۈنسىز ئىدى ، رەنانىڭ خجالىتىنى چۈشەنگە نىجات تاللاشنى ئۇنىڭدا قويدى .
- بىلىمەن ، مەندىن خىجالەت ھىس قىلىۋاتىسىز ، بۇنچە تارتىنىپ كەتمەڭ ، مەن سىزنى ئەيىپلىمەيمەن ھەم ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمايمەن ، پەقەت ئەينەن ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرسىڭىزلا بولدى ، ئاۋۋال مەن باشلايمۇ ياكى سىز باشلامسىز ؟...
رەنا يەنىلا گەپ قىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن يەنىلا نىجات سۆزلىدى .
- ئۇنداقتا يەنىلا مەن باشلاي ، بايا مەيداندا ياغلىقنى چوڭقۇر ئارتىۋاپتىكەنسىز تونىماي قاپتىمەن ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئوخشىتالمىدىم ... ھەسەندىن كىملىكىڭىزنى سورىمىغان بولسام بۇ جاھاندا بارلىقىڭىزنىمۇ ئۇمايدىكەنمەن ...
شۇ قېتىملىق خېتىڭىزدىن كىيىن سىزدىن قايتا خەتمۇ بارمىدى ، تەتىلدە قايتىپ كىلىپ تويىڭىز بولغانلىقىنى ،ئەمما توي كىچىسى يوقاپ كەتكەنلىكىڭىزنى ، دىرىكىڭزنى ھىچكم ئۇقمىغانىقىنى بىلدىم . بەلكىم بۇنى مەن ئۈچۈن قىلغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم ، بىراق مەن ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولسىڭىز نىمىشقا مىنى ئىزدىمەيسىز ، نىمىشقا مىنى خەۋەرلەندۈرمەيسىز ؟ ئىز - دىرەكسىز يوقاپ كەتكىنىڭىزنى بىلىپ قانچىلىك ئەنسىرىدىم ، قانچىلىك ھەسرەت چەكتىم بىلەمسىز ؟... مانا شۇ كۈنلەرنى ، شۇ ئازاپلارنى ئۇنتۇش ، ئۆزۈمنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ھاراق - تاماكىغا ئۈگىنىپمۇ قالدىم ، ئەمدىلەتىن بۇ غەم - قايغۇلاردىن يىنىكلەپ ، قۇتۇلاي دىگەن ۋاقىتتا يەنە پەيدا بولدىڭىز ...
نىجات گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا رايى بارمىگەندەك بىرتال تاماكىنى ئالدىدە ئوت تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ - كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى . رەنانىڭ تاشالماي تۇرغان ياشلىرى نىجاتنىڭ يۈزىگە يىنىك قاراش بىلەنلا سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى
- قېنى نۆۋەت سىزگە كەلدى ، مەن ئوننىڭ بىرىنى دىدىم سىز تەپسىلى چۈشەنچە بىرىڭ .
بىردەمدىلا تاماكىنىڭ يېرىمىنى شوراپ بولغان نىجات ئۆزىگە ئاجىز كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇرغان رەنانى سۆزلەشكە دەۋەت قىلدى ، نىجاتقا قارىغاندا رەنا خېلىلا بەك روھسىز ۋە جىمغۇر ئىدى .

(14)

داۋامى ...

- مەن ، مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن نىجات ...
رەنا ئۆزىگە تىكىلىپلا قاراپ تۇرغان نىجاتقا يىغلامسىراۋاتقان كۆزلىرى بىلەن قاراپ گېپىنى باشلىدى .
- ئۇ تويدىن مىنىڭ پۈتۈنلەي خەۋرىم يوق ئىدى  ، مەن ئىشلارنى ئەتە توي بولىدۇ دىگەن كۈنىلا ئاندىن ئۇقتۇم ، بىراق تولىمۇ كىچىككەن ئىكەنمەن ، تويۇم بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇ تويغا قارشى چىقتىم ، ماڭا توليۇق ئۈچۈن ئەمەس ئادەتتىكى كىيىم سۈپىتىدە ئالغان كىيىمنى يىرتىپ نارازىلىق بىلدۈردۈم .
باشقا كىيىملەر ۋە توي ساندۇقىنى قۇدا بولغۇچىلار كىيىن ، توي كۈنى ئېلىپ كەلدى ، كىيىمنى يىرتىپ ، ئۆگەي ئانامغا نارازىلىق بىلدۈردۈم ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ، دادامغا قىلىنغان تەتۈر تەشۋىقات تۈپەيلى دادام مىنى خاتا چۈشىنىپ ئۇردى ، كىيىن قازناق ئۆيگە سولاندىم ، تاكى توي كۈنى ئەتتىگەنگىچە سولىنىپ ياتتىم ، قېچىپ چىقىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ئىمكان بولمىدى ، شۇنىڭ بىلەن رايىشلىق بىلەن توينىڭ تۈگىشىنى كۈتۈپ ، پۇرسەت كۈتتۈم ...
توي ئاخىرلاشتى ، مىنى يۆتكەپ ئېلىپ مېڭىشتى ، مەن يۆتكەپ بېرىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ زورلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا چۈشىنىش پۇرسىتى بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزدىم ، بىراق دىيىشىدىغان گەپلەر قالمىغان چاغدا ئۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يىقىنلاشماقچى بولدى ، مەن شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزۈم خالىمىغان نىكاھتىن ۋاز كىچىشنى ئويلاپ ، كىيىم ئالماشتۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم ...
رەنا گەپنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي ئۆكسۈپ كەتتى ، رەنانىڭ گېپىنى تىڭشاۋاتقان نىجاتنىڭمۇ روھى چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى ، شۇنداقتىمۇ كۆڭلىدىكىنى بىلىندۈرگۈسى كەلمەي رەنانى داۋاملىق سۆزلەشكە دەۋەت قىلدى .
- ئۆيدىن قېچىپ تاشيولغا چىقتىم ، ئۇ ۋاقىتتا خېلى كەچ بولغاچقا يول ئارسال ئىدى ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مەھەللىدىن تىزراق كىتىشنى ئويلىغاچقا كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلمايلا بىر ماشىننى توستۇم ، ماشىنا توختىدى ...ئۇ بىرلا ئەر شوپۇر ئىكەن ، مەن ھىچ ئىككىلەنمەيلە ماشىنغا ئۆزۈمنى ئاتتىم . شوپۇردن ئۇنىڭ غۇلجا تەرەپكە بارىدىغانلىقى ، سەپەر جەريانىدا ئۈرۈمچىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە ئالغاچ كىتىشنى ئۆتۈندۈم ، ئۇ قوشۇلدى ھەم مىنى سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈدىغانلىقى ، پۇل ئالمايدىغانلىقى ھەم سەپەر جەريانىدا منىڭ قورسىقىمدىن خەۋەر ئالىدىغانلقىنى ۋەدە قىلىپ ، مىنى خاتىرجەم قىلدى .
مەن ئۇنىڭغا ئانچە ئىشەنمىسەممۇ ئەمما شۇ چاغدىكى ھىسىياتىمدا ئۇنىڭغا بېقىنماي ئىلاجىم يوق ئىدى ، ۋاقىت ئۆتتى ...مەن توي كۈنى ئېغىزىمغا تۇزغا مىلەنگەن بىر چاينام نان سالغانچە تاكى ئەتىسى سەھەرگىچە ھىچنەرسە يىمىگەن ئىدىم ، ئەتىسى سەھەر بىھۇش قىلىش دورىسى ئارلاشتۇرۇلغان ئىچىملىك سۇنى ئىچىپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيىتتىم ، بىراق ...بىراق بىردەم بولغاندا ئۇيقىغا كىتىپ ھىچنىمىنى سەزمەپتىمەن ، ھۇشۇمغا كىلىپ ، كۆزۈمنى ئاچسام ئۆزۈمنىڭ ئاللىقاچان ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ بولغانلقىمنى سەزدىم ...
- ئىپلاس ... ئادەم ئەمەس ، ھايۋان !  
رەنانىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىغان نىجات ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىراپ سالدىيۇ رەنانىڭ بارغانچە تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن گەۋدىسىگە قاراپ ، تاقەت قىلىپ ئاڭلايدىغانلىقنى ئېيتىپ ، داۋاملىق سۆزلەشكە ئۈندىدى .
- مەن يىغلىدىم ، ئازاپلاندىم ، ئۇ شوپۇرنى تىللاپ - ئاھانەت قىلدىم باشقىسىنى قىلالمىدىم ، كىيىن شوپۇرغا بولغان نەپرىتىمنى يىغلاش ، تىللاش ئارقىلىق ئەمەس ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ ،چاپلىشىۋىلىش ئۇنىڭغا ماڭا ئىگە بولۇش ئارقىلىق بىلدۈرۈپ ، شۇ ئارقىلىق قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلدۇرۇش ئىدى ، ئەپسۇس يەنە بىر قېتىم چوڭ خاتالاشقىنىمنى كىگىز ئۆيگە سولانغاندىن كىيىن بىلدىم ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئۇزاق سەپەرنى باشلاپ ، شىمالى شىنجاڭ تەرەپكە يىتىپ باردۇق ، بىز بارغان چارۋىچىلىق مەيدانى ئەتراپى ياپيىشىل چىمىق ، يىراقلاردىن كۆرۈنگەن قارىغاي ، شەمشادلار ئۇ ۋادىنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئايرىلغان گۈزەل بىر ماكان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى .
مىنى قىرىق ، ئەللىك ياشلىق بىر ئايال كىگىز ئۆيگە تەكلىپ قىلدى ، ئۆيگە كىردىم ئەمما شۇ ھامان سولىنىپ قېلىپ ، قايتا چىقالمىدىم ھەم ئۇ شوپۇرنمۇ قايتا ئۇچراتمىدىم ، كىيىنكى كۈنلەردە بالىنىڭ دادىسىدىن ئىز دىرىكىنى سورىسام ، < ئۇ پەقەت بىر قېتىملا بۇ يەرگە كەلگەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشلىقىم يوق ، شۇ چاغدا ئكزۈمنىڭ بويتاقلىقىمنى ئېيىتقان ئىدىم ،ئۇنىڭ لەن باشقا مۇناسىۋىتىمىز يوق > دەپ تۇرىۋالدى ...
ئونبەش ، يىگىرمە كۈنگىچە بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىم شۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆتتى ، ئۆزۈمگە ناتونۇش بولغان ئۇ ئۆيدە ، ناتونۇش بولغان بىر ئەرنى كۈتىۋالدىم ... ئۇ بەزىدە كىچىسى بەزىدە كۈندۈزى نەچچە ۋاقىت ئۆيگە كىرىپ مىنى زورىغا ئىچ پۇشىقى قىلاتتى ، ئۇنى تىللايىتتىم ، قارشى چىقاتتىم ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئاجىز ئىدىم ...
ئۇنى بوغۇپ قويۇپ ئۇ شەرمەندىچىلىكتىن قۇتۇلاي دىدىم بىراق ئۇ زادىلا ئۇخلىمايىتتى ، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىپ بولۇپلا چىقەىپ كىتەتتى  ، مەن ئۆز - ئۆزۈمگە ھەمراھ بولۇپ ، ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ يۈرەك باغرىمنى لەختە قىلىپ شۇ ئۆيدە تۈنەيىتتىم .
ئارىدىن خىلى كۈنلەر بولغاندا ئاندىن ئىللىق قۇياش نۇرىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ، يېقىشىلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئەمما مەن نەگە بارسام ئۇمۇ شۇ يەرگە باراتتى ، ئۇ نەگە بارسا مىنىڭمۇ شۇ يەرگە بېرىشىم كىرەك ئىدى .
دەسلەپكى نەچچە كۈندە ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرى زىناھ ھىساپلاندى ، كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئۇ تۇرمۇشتىن پات ئارىدا قۇتۇلۇپ كىتەلمەيدىغانلىقىمىنى سىزىپ ئۇنىڭغا نىكاھلىنىشنى تەلەپ قىلدىم ، ئۇ قوشۇلغان بولسىمۇ بىراق داۋاملىق ماڭا كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇراتتى .   
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ ئېغىر ئاياق بولغىننى ھىس قىلدىم ، قورسىقىمنىڭ بارغانچە چوڭىيىشى بىلەن كىيىنكى كۈنلەردە مەن ئارقىلىق بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بىر نارسىدىنىڭ قورسىقىم ئىچىدە بارلىقىنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۇ تۇرمۇشتىن قېچىپ كىتىشىمنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى توغرا تاپتىم ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بالا ئاللىقاچان يەتتە سەككىز ئايلىق بولۇپ قالغان ئىدى .
ئۇ ۋاقىتتا مەن ھەم ئۆيگە قايتىشقا لايىق ئەمەس ، سىزنى ئىزدەشكە تېخىمۇ ھەققىم يوق ھىساپلىغان ئىدىم ، بالنى شۇ كىگىز ئۆيدە تۇغۇپ ، شۇ ئۆيدە باقتىم . بالا ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئۆيگە كىلىپ دادامنى يوقلاشنى تەلەپ قىلسام ئۇ قوشۇلدى ھەم بىللە كەلدى . بىراق دارۋازىدىن پۇتىمىزنى ئالمايلا دادامنىڭ ئاھانىتىگە ، ئىزاسىغا قالدۇق ، يۈرىكىم دەرىت ئىچىدە قېلىپ نائۈمىد يەنە شۇ كىگىز ئۆيگە قايتىپ كەتتىم ، بالا بىر ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا كىچىكىگە قورساق كۆتۈردۈم ...
ئۇ كۈنلەر ماڭا جاپا بولدى ، كۈن ، ئايلار ئۆتۈپ كىچكىمۇ تۇغۇلدى خۇدانىڭ يەتكۈزگەن كۈنى شۇ بولدىمۇ ، بالا تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئانا - بالا ئىككىسى تاغقا چارۋا ھەيدەپ چىقىشىدا تاغ گۆمۈرلۈپ چۈشۈپ ئىككلىسى جان ئۈزۈپتۇ ، ئۇ كۈنى يامغۇر ياغقان بولۇپ تاغ گۆمۈرلۈشكە يامغۇر سەۋەپچى بولغان ئىكەن .
باشقا كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنىڭ جەسسىتىنى كولاپ چىقىپ يەرلىككە قويدۇق ، ئۇلارنىڭ مال - چارۋىلىرىغا مەن بىلەن بالىلار ۋارىسلىق قىلدۇق . شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئىككى بالا بىلەن يېتىپ - قوپۇپ بۈگۈنگە كەلگۈچە ياشاۋاتىمەن ، نىمىلا قىلمىسۇن دادامنىڭ كەچۈرىشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلسەم دادام ، بىچارە دادام ئاللىقاچان جان ئۈزۈپتۇ ، ئۇ ئالەمگە كىتىپ قاپتۇ ...ئاھ خۇداھ...
رەنا گەپلىرىنى ئاران - ئاران دەپ بولۇپ ئۆزىنى تۇتالمايلا يىغىغا چۈشۈپ كەتتى ، شۇ كەمدە نىجاتمۇ يىغلىۋىتەيلا دەپ قالغان بولسىمۇ ، رەنانىڭ ئالدىدا يىغلاشنى پەقەتلا لايىق كۆرمىدى ، بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە يىتىپ بارغاندىلا ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىغان بولسا ئۇنىڭ كۆز يېشىغا جۆر بولۇپمۇ قالار ئىدى .
- نىمىشقا ، نىمىشقا ئۈرۈمچىگە يىتىپ بارغان تۇرۇپ مىنى ئىزدىمەيسىز ؟ شۇ بىر قېتىملىق نۇمۇسىڭىزنى يوقاتقىنىڭىز ئۈچۈنمۇ ؟ مىنى ئىزدىگەن بولسىڭىز بەلكىم ئىشلار بۈنچىلىك بولۇپمۇ كەتمەس ئىدى ...
نىجات رەنانىڭ تۇنجى قېتىم شوپۇرنىڭ ئۇۋاللىقىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئىزدەپ بارسا قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئەسكەرتىش بەرمىسىمۇ ئەمما كىيىنكى ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئوتتۇرغا قويدى .
توغرا ، رەنا نىجاتنى ئىزدەشكە ئىرادە قىلىپ يولغا چىققاندىن كىيىن ھەرقانچە ئاۋارچىلىق ، توسالغۇغا ئۇچرىسىمۇ ئۈرۈمچىگە قەدەم باسقاندىن كىيىن نىجاتنى ئىزدىگەن بولسا بەلكىم ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشەلمىسىمۇ ھىچ بولمىغاندا ،  ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ < ئۈچ يىللىق كىگىز ئۆي ھاياتى > نىڭ ئالدىنى ئالغان بولاتتى .
ئىشخانىنىڭ ئىچى رەنانىڭ يىغلامسىراۋاتقان ھالىتىدىن باشقا تىنىچ ئىدى ، بالىلارمۇ خۇددى ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بىرىۋاتقاندەك خاپا قىلمىغان ئىدى .
كۆزلىرىگە ياش لىقلىنىپ قالغان نىجات ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىشخانىدىن تىز قەدەملەر بىلەن ئايرىلدى ، پۇتىنى ئىشىكتىن ئالدىيۇ كۆز جىيەكلىرىدە لىغىرلاپ قالغان ياشلىرى سىېغىپ چۈشتى .
شۇ تاپتىكى نىجاتنىڭ بىر سائەتلىك دەرس ۋاختى توشۇپ تەنەپپۇسقا داڭ چېلىنغان ئىدى ، نىجات كۆز ياشلىرىنى بىراۋلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىماي يۇقارقى قەۋەتتىكى ياتاق رايۇنىغا چىقىپ كەتتى .
ئۆزىنىڭ تىنىچ مۇھىتتا تۇرغىننى سەزمەيلا قالغان نىجات ياتاق رايۇنىغا شاۋقۇن -سۈرەن پەيدا بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ئاۋازلىرى قۇلىقىغا ئۇرۇلغان چاغدىلا شۈنچە ئۇزاق تۇرۇپ كەتكىننى ھىس قىلدى ، بۇ تاپتا ئۆزىگە چاي ئىچىرۈلگەن قىز بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپلا قالغان ئىدى  .
كۈن قىزىللىقى يوقىغان چاغ ، رەنا ئەينى ۋاقىتتىكى بىر كىچە كۈندۈز سولاپ قويۇلغان قازناق ئۆينىڭ ئىچىدە ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتتى ، قازناقنىڭ كۈن ئولتۇرۇش تەرىپىدىكى بىر تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ ، ئۆينى ئايلىنىپ شۇ يېرىدىن قازناق ئىچىگە ئاياغ باسقان رەنا ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۈۋرۈكنى قۇچاغلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى .
ئىنىسى ھەسەن ۋە ئىككى بالىسى ئۇنىڭ نە ئۈچۈن شۈنچە زارلىنىپ ، يىغلاۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيىتتى .
رەنانىڭ قەلبى ئۆز -ئۆزىگە نىدا قىلىپ كەتتى .
- ئەينى ۋاقىتتا ئۆرۈلۈپ چۈشىسچۇ بۇ تام ، ئاھ خۇداھ ، گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن ! دادامنىڭ روھىنى قۇرۇندۇرمىغىن ، مىنى ياخشى ئۈممەتلەر قاتارىدىن قىلغىن !...


كىيىنكى ئىشلار :
رەنانىڭ دادىسى نۇردۇن ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا ئۆينىڭ ۋە باغنىڭ يېرىمىنى رەناغا ، قالغان يېرىمى ۋە باشنىڭ يېرىمنى شۇنداقلا تېرىلغۇ يەرنى ئۆگەي ئانىسى زورىخان بىلەن ئىنىسى ھەسەنگە قالدۇرغان بولۇپ ، جامائەتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا تىلخەت پۈتۈپ قالدۇرغىنىغا ئاساسەن ، رەنا ئۆزىگە تىگىشلىك باغ ۋە ئۆينى سېتىپ پۇلىسىنىڭ بىر قىسمىنى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامىغا مەسچىتنىڭ خىراجىتى قىلشى ئۈچۈن تاپشۇرغاندىن كىيىن ، مەھەللىدىكى مېيىپ ، ئاجىز ، يىتىم - يىسىرلارغا بۆلۈپ تارقىتىپ بەرگەندىن كىيىن ، ياقۇپ ۋە نىجاتلار بىلەن قايتا ئەسرالىشىش ، سالاملىشىشنى بىھاجەت كۆرۈپ ئىككى بالىنى تۇغۇپ ، چوڭ قىلغان بىپايان يايلاق ، كىگىز ئۆيگە قايتىپ كەتتى .

                   *               *                  *                    *                    *                     *

تۆت ھەپتىدىن كىيىن نىجات رەنانىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى .
ئەسسالام نىجات مۇئەللىم ،  مەن ئوقۇغۇچىڭىز ھەسەننىڭ دادا بىر ، ئانا باشقا ئاچىسى رەنا بولىمەن ، مەن بۇ خەتنى تولىمۇ خىجىللىق ئىچىدە يېزىۋاتىمەن .
مەن يۇرتتىن مەڭگۈلۈك خوشلىشپ قايتىپ كەلدىم ، شۇتاپتا كۆپكۆك ئاسمان ، ياپيىشىل دالا ئىچىدە ئۆزۈمنى بىر تۆۋىكار ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ بۇ خەتنى يېزىشقا قولۇمغا قەلەم ئالدىم ، ھەم بۇندىن كىيىن ياخشى ياشاش ئۈچۈن نىيەت قىلدىم .
مەن ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ ئالدىدا تۆۋبە قىلدىم ، بۇندىن كىيىنمۇ يىگەن ، ئىچكىنىمگە رازى بولۇپ ، ئۈشكىرى قانائەت ئىچىدە ياشاشنى لايىق كۆردۈم ، ئەمما قايتا ياتلىق بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم ھەم ئۇنداق قىلغۇممۇ يوق ، بۇ ئىككى نارسىدىنىڭ ماڭا ئوخشاش بىتەلەي بولۇپ قېلىشىنى ئويلىساملا ھەر قانچە كۈن كۆرسەممۇ ئۆزۈمگە ئىرادە قىلىپ بالىلارغا ھەم ئانا ، ھەم دادا بولۇپ ئۆتۈشكە ئىشەنچىم بار .
ۋاي ، ۋۇي ...بۇ گەپەلرنى سىزگە دەپ نىمە قىلاي ، ئىشقىلىپ ھازىرقى كۈنلىرىم يامان ئەمەس ، ئۈچ - تۆت يۈزگە يىقىن مال ، چارۋام  ، ئىككى ئۈچ تۇياق ئېتىم ۋە ئىككى دانە يوغان كىگىز ئۆيۈم بار ، ماللارنى بىرسىگە بېقىشقا كۆترەگە بەردىم ، سېتىشقا توغرا كەلسە مال ئالىدىغانلار ئۆزلىرى پات - پات كىلىپ يوقلاپ كىتىدۇ ، مۇشۇ يەردە تۇرۇپلا سېتىپ  خىراجەتكە ئىشلىتىمەن ، ئاز تولا ئېشىنچا قىلغان پۇللۇرىمنى باللىرىمنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن يىغىۋاتىمەن .
ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى كۈنلىرىم بەك جاپا ئەمەس ، بالىلارغا قاراش بىلەنلا ئۆتىدۇ ، ئەسلى بۇ گەپلەرنى قىلمىساممۇ بولاتتى ئەمما ئۆزۈمنىڭ بۇ يىڭى تۇرمۇشقا قەدەم بېسىپ ، بۇندىن كىيىنكى ياشاش ئۇسۇلۇمنى تاللىغىنىمدىن سىزنى خەۋەردار قىلىپ قوياي دىدىم .
سىزنىڭ مۇئەللىم بولغىنىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم ، قاراكۆك كاستيۇم بۇرۇلكا سىزگە بەك يارىشىدىكەن ...
سىزنىڭمۇ ئەتىكى يىڭى قۇياشقا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بېقىپ ، بىلىمگە تەشنا نوتىلارغا ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى مىھنەتسىز ھالدا ئۈگۈتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، پەقەت سىز < ئا > دىن باشلانغان < ئانا نان > دىگەن بۇ ئۇلۇغ سۆزنى تىزراق شۇ بىلىمگە تەشنا نوتىلارغا ، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا تىزراق ئۈگىتىپ ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئانا تىلىمىز ئارقىلىق يورۇتسىڭىز مەن شۇنداقلا كىينكى ئەۋلادلار سىزدىن چەكسىز سۆيىنىدۇ ھەم ئەسلەيدۇ .
ئاخىردا سىزنىڭ يىڭى تۇرمۇشىڭىزنى قۇرىۋىلىشىڭىزنى ئەخلاقلىق ،، تىرىشچان بىر قىز بىلەن توي قىلىپ بەختىڭىزنى تېپىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
رىسقىڭىز زىيادە بولغاي ، چىھرىڭىزدىن خۇشاللىق كەتمىگەي !

سىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىڭىز ، ئوقۇغۇچىڭىز ھەسەننىڭ ئاچىسى : رەنادىن .

                                        *                *                   *                         *

نىجاتتىن بارغان جاۋاپ خەت :
خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم رەنا ، سىزنىڭ ئۇ تەرەپتە خاتىرجەم ، ھاللىق تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تولىمۇ خاتىرجەم بولدۇم ، سىزنىڭ بالىلارغا ئانا تىلىمىزنى تىزراق ئۈگىتىپ ، دىلىنى يورۇتۇڭ دىگىنىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ شەرەپلىك خىزمەت قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم .
ھازىر بالىلارنىڭ ئالدىنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ساۋادى چىقىپ بولدى ، ھەسەنمۇ خەتلەرنى دۇدۇقلاپ بولسىمۇ ئوقىيالايدۇ ،، خېتىمۇ خىلى چىرايلىق ... ئىشقىلىپ مەن ئۇلاردىن زىرىكمەيمەن ، يازالمىسا قايتا - قايتا كۆرسىتىمەن ، ئوقىيالمىسا قايتا - قايتا ئوقىتىمەن ، يەنە ئاز كۈنگە قالماي بالىلارنىڭ ئاپئاق قەلبىگە ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى مارجان كەبى تىزىمەن .
سىز قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ماڭا بىر قىز بىلەن چاي ئىچىرۈلگەن ئىدى ، ئۇمۇ تارماق مەكتەپتە ئېلىپپە دەرسى ئۆتىدۇ ، بىز توي قىلغىلى ئىككى ھەپتە بولۇپ قالدى ، تويىمىز كۈنى مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ يىگىرمىدەك ئوقۇغۇچى ھەربىرى بەش مودىن چىقىرىپ ئون يۈەندەك پۇلنى كۆڭۈل سوۋغىسى قىلىپ ئېلىپ كەپتۇ .
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەسەنمۇ بارئىدى ، پۇلنى ئالدىمىزغا قويغاندا شۇنداق ئەدەپلىك ھەم تارتىنجاق بولۇپ كەتتىيۇ ، ئالدىغا پولۇ قويۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا تالىشىپ ، تولىمۇ كەپسىزلىك قىلىشىپ كەتتى ، ئەلۋەتتە ئۇ دەرىس ۋاختى بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇپ بەردىم .
مەنمۇ يىڭى تۇرمۇشىمغا كۆنۈپ قالدىم ، مەكتەپكە بارسام بالىلارنىڭ شوخ - تىتىك ھالىتى ، قىزغىنلىق بىلەن سۇئال سوراشلىرى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرمايدۇ ، ئۆيگە كەلسەم ئۇنىڭ بىلەن ئىمىر - چىمىر يېزىلغان دەپتەرلەردە تاپشۇرۇق تەشۈرۈشتە ، دەرىس لاھىيسى تەييارلاشتا بەسلىشىپ دىگەندەك كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ .
ئۇ يەردە تۇرۇپ مىنى ئويلاپ خەت يازغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! ئىشىنىمەنكى شۈنچە كۈنلەردىمۇ چىداپ ئۆتكەن ئىكەنسىز ، بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىڭىزمۇ چوقۇم مەنىلىك ، كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ .
شۇ تاپتا دەرىسكە كىرىپ ئۇلار بىلەن بىر سائەتلىك ۋاختىمنى بىللە ئۆتكۈزمىسەم بولمايدۇ ، بۇ خەتلەرنى ئون مىنۇتلۇق تەنەپپۇس ۋاختىدىن پايدىلىنىپ يازدىم ، خەتنى بەك تىز يېزىۋەتكەن بولغاچقا سەترەك چىقىپ قالدى بولغاي ...
ھە راسىت ، كىلەر يىلى يازلىق تەتىلدە خانىمنى يەنە ئوقۇغۇچۇم ھەسەننى ئېلىپ كىگىز ئۆيىڭىزگە مىھمانغا بېرىشنى ئويلىشۋاتىمەن .
ئامان بولۇڭ ، سىزگە خۇشاللىق، ئامەت يار بولغاي ...
                                              سىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋقدىشىڭىز ، ھەسەننىڭ مۇئەللىمى : نىجاتتىن .



خاتىمە :
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ھەممىنى بويسۇندىرىدۇ بىراق مىھرى - مۇھەببەت بۇنىڭ سىرتىدا ...
ئىنسان جىسمىدىكى قان ھاياتلىق ئۈچۈن توختىماي ئېقىپ تۇرىشى كىرەك ، ئادەممۇ توختىماي تىرىشىشى ، ئەتىگە تەييارلىق قىلىشى كىرەك ، بىراق ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كىرەك ، بىر قېتىملىق ئالدىراقسانلىقنىڭ ئۆمۈرلۈك پۇشايمان ئېلىپ كىلىشىدىن ساقلىنىشى كىرەك .

تۈگىدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 01:59 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھۆكما + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
otyurak0998 + 50
تاڭنۇر + 222 كونا بولسىمۇ جاپا چەك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 282   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90400
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:11:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايە  بەك ياخشى يىزلىپتۇ  مەن مۇشۇنداق  ھىكايىلەرنى  ئۇقۇشقا ئامراق   داۋامىنى  تىزراق  يوللاپ قۇيارسىز  قىرىندىشىم    .................... قۇلڭىزغا  دەت يەتمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:13:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يوللاڭ ئەندىن ئىنكاس يازاي ھــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــە   !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21137
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6350
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4306 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:27:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawami yok asarlarni tastiklimas  likni  tuzum kilsa bolamdu nima

مەردان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي-ۋۇي ،شىرجان ئەپەندى. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز نىمانداق ياخشىدۇ.سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە ئاشىق بۇلۇپ قالدىم.بىر-بىردىن شۇنداق ياخشىكەن.           داۋامىنى تىزراق يوللاسىز.ھە!

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ‹‹ ھاراقكەش كېلىن ›› گە ئوخشاش، پوۋىست بولۇپ كەتمەس ھە!

داۋامىنى تىزراق يېزىڭ. ئوقۇپ بولۇپ بىراقلا ئېنكاس يازاي.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3#
يوللىغان ۋاقتى 27 مىنۇت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
   
داۋامىنى يوللاڭ  

يىزىپ بوپسىزغۇ

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24198
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللاسىز ئەمدى شىرجان .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

قەلەم! قەلەمگە خ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14658
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1630 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:52:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ھاراقكەش كېلىن ››نىڭ پارولى قانچە؟ ئەجەپ كۆرەلمىدېم..........

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر !!1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8756
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 778 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:53:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى نىمدەپ ئىلىپ قالدىڭىز دەيمە  بىرلا يوللىۋەتمەي،مىنىڭ بەك ئىچىم سىقىلىتى مۇشتا يىرىمياتە گەپ بولسۇن مەيلى  رومان ھىكايە بولسۇن ،تولۇق بۈلەلمىسەم زە تۇرالمايمە

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش