مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 849|ئىنكاس: 1

ئىسلاموفوبيىا (ئىسلامدىن قورقۇش ۋەھىمىسى) ۋە ئۇنىڭ خەتىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16933
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1130 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 01:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلاموفوبيىا (ئىسلامدىن قورقۇش ۋەھىمىسى) ۋە ئۇنىڭ خەتىرى:




( مەسجىدى ھەرەم خۇتبىسى19/4/1434ھـ 1/3/2013م)



جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان  ھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئابدىرەھمان سۇدەيس  جانابلىرى..

   ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"ئىسلاموفوبيىا(ئىسلامدىن قورقۇش ۋەھىمىسى)ۋە ئۇنىڭ خەتىرى"دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:



  ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. تەقۋادارلىق ئىززەت ۋە شەرەپ،تەقۋادارلىق ئارقىلىق ئىنسان ئالى ماقامغا يىتەلەيدۇ،دۇنيادىن بىھاجەت بولالايدۇ.

ئې مۇسۇلمانلار! بىز ياشاۋاتقان زامان ئىختىلاپلار،سۈركىلىشلەرئەۋجىگە چىققان بىر زامان.دۈشمەنلەرنىڭمۇ خىرىسلىرى،ئازغۇنلارنىڭ ھىلە-مىكىر،نەيرەڭلىرى نىقابىنى ئېچىپ ئوتتۇرىغان چىققان بىر زامان.ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئاۋازنى بەلەن قىلىپ ۋارقىراشلار،خاتا چۈشەنچىلەر ھەقىقەتنى يۆگىۋالغان بىر زامان.ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاشتا ئەڭ خەتەرلىك چۈشەنچىلەردىن بىرى ئىسلامدىن قورقۇش ياكى ھازىرقى ئاتالغۇ بويىچە،"ئىسلاموفوبيا"دۇر.

دىن دۈشمەنلىرى ياكى باشقادىن ئىگىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تىزسۈرئەتتە تارقىلىشى باشقا دىنلار ياكى ئازغۇن تەرەپلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ قويۇشتىن ئەنسىرىمەكتە.

ئىسلامدىن قورقۇش بولسا يالغۇز ئىسلامنىڭ تارقىلىشىدىن قورقۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن ئىسلامغا داغ تەككۈزۈش،مۇسۇلمانلارنى رادىكال،تىرورچى،ئىرتىجاچى دېگەندە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ داغ تەككۈزۈشكە ئورۇنۇشتۇر.ئىسلام ئۆزىنىڭ ئادالىتى،رەھىمدىللىكى،كەڭچىلىكى،مىھرىبانلىقى بىلەن دۇنياغا تارقالغان.

ئې مۇئمىنلەر! ئىسلامغا چاپلانغان تۆھمەتلەر ئىسلامدىن قورقۇش سەۋەبىدىن بولۇپ،مۇسۇلمانلارغا تېرورلۇق قالپىقىنى كەيدۈرۈشكە ئورۇنۇشلار،ئىسلامنى زوراۋانلىق،زۇلۇم بىلەن تۆھمەت قىلىش ئاساسسىز يالغاندىن ئىبارەت بولۇپ،غەرەزلىك تۆھمەتلەرنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان.

شۇنچە ئېغىر تۆھمەت،رەھىمسىز ھۇجۇملارغا قارىماي ئىسلامنىڭ كۈنسىرى گۈللىنىشى دىن دۈشمەنلىرىنى ئۈزلۈكسىز بىئارام قىلماقتا.

ھەقىقەتتە ئىسلام دىنى ھىكمىتى،ۋەز-نەسىھەتلىرى ئارقىلىق دىللارنى ئەسىير قىلغان.ئىسلام ھېچقاچان قوپاللىق،زوراۋانلىققا تەشەببۇس قىلمايدۇ.ئىنسانلارنى زورلۇق بىلەن ئىمانغا چاقىرىش مۇمكىن ئەمەس،ئىسلام ھېچقاچان ئىنسانلارنى ئىسلام دىنىنى زور بىلەن مەجبۇرىي ھالدا قوبۇل قىلىشقا ئورۇنمىغان. بەلكى ئىنسانلارنى ھىكمەت بىلەن ئىسلامغا چاقىرىشنى قۇرئان كەرىمدا ئوچۇق ئاشكارا بايان قىلغان ۋە دېگەنكى:

"ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ"

[پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز- نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.](نەھىل125)

ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىكنىڭ ئەۋجى ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللاركۆپ بولۇپ،تېخنىكا ئىنقىلابى،ھاۋابوشلۇغى جەڭلىرى،ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدۇر. مەزكۇر ۋاسىتىلەرنىڭ ئاساسلىقى ئىسلامغا قارشى تەرەپبازلىقنى قالقان قىلغان،ھېچقاچان بىتەرەپ تۇرمىغان،ئىسلامغا بولغان ئاداۋەت-ئۆچىمەنلىكتە بىتەرەپ تۇرالمىغاندىن تاشقىرى تەرەپدارلىقىنىمۇ يۇشۇرالمىغان. بەلكى،تۆھمەت،ھۇجۇمچى تەرەپنى تاللىغان، نەتىجىدە سەمىمىيلىكىنى يوقاتقان.

دىن دۈشمەنلىرى ئىسلامغا قارشى تۇما ئورنىدا ئېسىۋالغان بەزى ۋەقەلەر ئىسلامدىكى خاتالىق بولماستىن ئىسلامغا مەنسۇپ كىشىلەردىن سادىر بولغان شەخسى خاتالىق،سەۋەنلىكلەر بولۇپ،ئۇنداق كىشىلەر نىڭ قىلمىشلىرى ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

مۇسۇلمانلار دۇنيادىكى خوجايىنلىق رولىنى يوقىتىپ قويۇش نەتىجىسىدە دۇنيا خەلقى ئوچۇق-ئاشكارا زىيان تارتتتى.21-ئەسىردە دۇنيا دۆلەتلىرىدىن كۆپ دۆلەت ئىسلام شەرىئىتىنى قانۇن قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقى،ئىسلامغا قارشى ھەرتەرپتىن قىلىنغان ھۇجۇملارغاقارىماي، غەربنىڭ ئىنساپلىق ئەقىل ئىگىلىرى:دۇنيادا ھۇجۇمغا ئۇچراش،خاتا چۈشىنىلىشتە ئىسلام دىنى ئۇچرىغاندەك يەنەبىر دىن يوقلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.

يەنەبىر غەربلىك ئىسلام ھەققىدە:ئىسلام دۇنياغا ئۇمۇيۈزلۈك تارقىلىۋاتىدۇ،ئىسلام نەگە يىتىپ بارسا پەزىلەت،ئالى جانابلىق بىرگە بارماقتا،ئىسلام يىتىپ بارغان ھەرقانداق جايدا ئىسىل ئەخلاق بىرگە بارغان؛دەيدۇ.

يەنەبىر غەربلىك: ھەقىقەت شۇكى،دۇنيادا مىللەتلەر ئەرەبلەرگە ئوخشاش رەھىمدىل،كەچۈرۈمچان فاتىھلارنى كۆرۈپ باقمىغان.ئىسلام دىنىدەك ئولۇق دىننى كۆرۈپ باقمىغان؛دەيدۇ.

ئىمام خۇتبىسىدە يەنە: ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىپ ئىسلامغا قارشى تەرەددۇتتا قالغانلارغا خىتاب قىلىپ:ئىسلامدىن قورقماڭلار!ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ھېچكىمگە خەتەر ئېلىپ كەلمەيدۇ.ئىسلام تەرەپكە پۈتۈنلەي تەرەپسىز ھالدا كىلىڭلار،ئىسلامدىن تولىمۇ ئۈمىتلىك بولۇڭلار!ھېچقاچان شۇملۇقنى كۈتمەڭلار!

قوش ئۆلچەمدە ئۆلچىمەڭلار!

سىلەر سەمىيمىلىك بىلەن ئىسلامغا يۈزلەنسەڭلار پايانسىز ياخشىلىقلار دېڭىزىغا كىرىسىلەر،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئەدەب-ئەخلاقنى كۆرىسىلەر.

مىھرىبان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام""چىرايلىق سۆز سادىقە،قېرىندىشىڭنىڭ چىرايىغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشىڭ سادىقە،يولدىكى تاقىشىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش سادىقە"دېگەن.

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل،ئالىجاناب دىن بارمۇ؟!



سىراجىدىن ئەزىزى تەرجىمىسى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:01:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، ياخشى تىما يوللاپسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!!

باغراش تورى ئېچىۋېتىلدى. تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش