قاپلان تور كۆرگۈچىسى جىنشەن تور شىركىتى مەخسۇس ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە تور سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان قوش يادرولۇق تور كۆرگۈچ بولۇپ، بىخەتەر ۋە تېز بولۇشتەك ئىككى خىل ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
نۆۋەتتە بۇ تور كۆرگۈچنىڭ 2013-يىللىق ئەڭ يېڭى نەشىرى V3.0 ئېلان قىلىندى، يېڭى نەشىردە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بار:
بىخەتەرلىك مەركىزى يېڭىدىن قۇرۇلدى، كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلاندى؛
مەخپى نۇمۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى؛
شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش تەرەپلەردە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛
يېڭىدىن مىكروبىلوگ ھېساباتىنى قوغداش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
ئادرىس قىسقۇچ رامكىسى يېڭىدىن قوشۇلدى؛
چۈشۈرۈلگەن ماتىرىياللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسكەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
تېزلەتمە كۇنۇپكا Alt + Q ئارقىلىق تېزىملىك تولدۇرۇش، Alt + 1 ئارقىلىق تېزىملىك ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛
تور كۆرگۈچنىڭ ئىچكى سېغىمنى ئىگەللەش كەمچىلىكى تۈزىتىلدى؛
تور كۆرگۈچىنىڭ قوزغىلىشى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى؛
ئادرىس رامكىسىدىكى ئاپتوماتىك ھاسىل بولغان تورئادرىسلىرىنى يۇيۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛
ئۇلىنىش ئادرىسى ئۈستىدە مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق قاپلان ئارقىلىق چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛
قىسمەن JS كودلىرىنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىگە تەسىر قىلىشى تۈپەيلى كىلىپ چىقىدىغان بەت قېتىپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى؛
Win8 سىستېمىسى ئاستىدا خەت كىرگۈزگۈچ قوزغالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش