مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 7

ئەڭ شىپالىق دورا − ئۈمىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92957
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 01:22:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            ئەڭ شىپالىق دورا − ئۈمىد


    ئۈمىد − سۇندۇرۇشقا بولمايدىغان باراقسان دەرەخ. ئۈمىد − ئۆچۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغان مەشئەل. ئۈمىد − سوغۇلدۇرۇشقا بولمايدىغان بۇلاق. تۇرمۇش بىزدىن ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈمىد بولمىسا، تىرىشچانلىق بولمايدۇ. تىرىشچانلىق بولمايدىكەن، ھاياتلىقنىڭ ھېچقانداق مەززىسى بولمايدۇ. دېمەك، ئۈمىد بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز سۈپىتىدە قاغجىرىغان قەلبىمىزگە، مەنىۋىيىتىمىزگە مەلھەم، دەردىمىزگە دەرمان بولالايدۇ.

   كىشىلىك ھاياتتا بىز ھەمىشە كىشىلەرنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسىدۇر. بۇ ھەقتە ئامېرىكىلىق ئىككى پىسخولوگ ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر قىلىدىغان زىيانسىز ماددىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوكۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ سىناق يېرىم يىلدا جەمئىي بەش قېتىم ئىشلەنگەن. نەتىجىدە ئېممۇنىتېت كۈچى پىسخىك ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. ئۈمىدۋار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۈمىدسىزلەنگەنلەرنىڭ تۆۋەن بولغان. بۇ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىش بىزنى ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە سۆرەيدۇ. بىز قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان مۇستەھكەم پىسخىكا ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرسەك، ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ بويسۇندۇرالمايدۇ. ئۈمىدسىزلىك سىزنى چىرمىۋالغاندا مۇنۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ: ئورنىڭىزدىن سەھەر تۇرۇپ، قۇياشنىڭ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈشىنى تاماشا قىلىڭ. ياشلار توپلاشقان جايلارغا بېرىپ تۇرۇڭ، بولسا ياشلارنىڭ تازا قىزىۋاتقان توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ بېقىڭ. ياشاش مۇھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. كېچىلەردە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان، جاپالىق جايلاردا تەر تۆكۈۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرەر ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. دېمەككى، ئەتراپىمىزدا بىزنى ھامان ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان نەرسىلەر كۆپ. شۇنداق ئىكەن، بىزنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق شارائىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.

   دېمەك، ئۈمىد ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش مەيلى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن، بىزگە ھەر دائىم كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. روھىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى − ئۈمىدۋارلىقتۇر. ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر قانداق كېسەلگە قالقان بولالايدىغىنىمۇ يەنىلا ئۈمىدۋارلىقتۇر. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتىمىز ھەردەم ئۈمىدۋارلىقتا كۈلۈمسىرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى، جىسمىمىزنى قىممەتلىك سوۋغىلارغا ئېرىشتۈرىدۇ.

                                               مەنبە:خاتىرەمدىن


ئىمران

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13542
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 10:11:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمۈد غەلبىنىڭ ئانىسى.................

ﻧﺎن ﺑﻪرﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎلاﻳﻤﺎڭ، ﻛﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰ،ﺗﻮﻏﺮا ﺳﯚزﻟﻪڭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ يۈزﯨﯖﯩﺰ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚپ ﻳﻮﻟﻠﯩﻤﺎڭ، ﮬﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻳﯜزﯨﯖﯩﺰ،ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:46:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ناھايىتى ياشىشى كىرەك ،پەقەت ئومۇتلك بولغاندا ھەر قانداق ئشنى يىڭەلەيدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10453
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ئۆلسىمۇ ،ئۈمۇت ئۆلمەيدۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tulpar12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 12:08 PM  


ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمىد...         -ئۈمىد-

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:21:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارزۇ-ئۈمىد-ئىشەنچ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10536
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 01:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ئوقۇپ قەلبىمدىكى بىر خىل ئۇمۇتسىزلىكنىڭ ئورنى ئازراق بولسىمۇ يوقالغاندەك بولدى. تۇرمۇشتا كۆڭۇلسىزلىك بولۇپ تۇرىدۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئادەم بىر خىل ئۇمۇتسىزلىنىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق تىمىلار ئادەمگە بىر خىل مەلھەم بولىدىكەن. تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

تۈمەن ئۆركىشى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18242
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10281 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 03:10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش