ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دېھقان ئوغلى يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەتكىنىڭىزلەر ئۈچۈن رەھمەت،
مەزكۇر ‹خانىم - قىزلار دەستۇرى› ناملىق يۇمشاق دىتالىمىز كەڭ خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى.
مەزكۇر ‹خانىم - قىزلار دەستۇرى› ناملىق يۇمشاق دىتالىمىز غا خانىم - قىزلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق بىلىملەر ، قىزلارغا 100 نەسىھەت ، ئاياللارغا 100 نەسىھەت ، خانىم - قىزلار ساقلىق ساقلاش بىلىملىرى ، ھەرخىىل ئەسەرلەردىن سەرخىل تەرمىلەر قاتارلىق تۈر- سەھىپىلىرىگە 300 خىلدىن ئارتۇق سەرخىل مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
خانىم - قىزلار ‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى سەھىپىسى 7 بۆلۈمچىگە بۆلىۈنگەن بۇلۇپ ، 1- بۆلۈمچىدە ، خانىم - قىزلارنىڭ ئادەت ( يەنى ھەيز ) گەمۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ، يەنى ، تۇنجى ھەيز كەلگەن قىزلار ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدىكى بىلملەر ، ھەيز قالايمىقانلىشىشقا دىئاگنوز قويۇش ، ھەيز قالايمىقانلىشىشىنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى قايسى؟ ، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 2 چوڭ ئامىل،ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى 2- بۆلۈمچىدە ، ئاياللار كۆكرەك كېسەللىكى ھەققىد ىكى بىلىملەر يەنى ، كۆكرەك كېسەللىكى ، ئۆتكۈر سۈت بېزى (ئەمچەك) ياللۇغى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ، كۆكرەكتە پەيدا بۇلىدىغان مونەكچىلەرنى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم پەيتى ، ئەمچەك راكىنى پەرقلەندۈرۈش ، ئەمچەك راكىنى غەربچە داۋالاش ئۇسۇلى . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى 3- بۆلۈمچىدە ، خانىم - قىزلار ھامىلدارلىق بىلىملىرى ، يەنى ، تۇغماسلىق كېسىلى ، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ، ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى 12 تۈرلۈك ساۋات . . . . .قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى 4- بۆلۈمچىدە ، خانىم - قىزلار بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى 5-6-7-بۆلۈمچىلىرىدىمۇ خانىم - قىزلارنىڭ ساقلىق ساقلاش بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
ھەرخىىل ئەسەرلەردىن سەرخىل ‹تەرمىلەر › سەھىپىسىمۇ ئوخشاشلا 7 بۆلۈمچىگە بۆلىۈنگەن بۇلۇپ ، 1- بۆلۈمچىدە ، نىكاھ ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلار ۋە ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى ، كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ، كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدىكى مەزمۇنلار شۇنداقلا نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى ، تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ ؟ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى ، ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹تەرمىلەر › سەھىپىسى 2- بۆلۈمچىدە ، ئەقىللىق ئانىنىڭ ئوماق قىزلىرىغا قىلغان نەسىھىەتلىرىى ، تەربىيە كۆرگەن قىز-ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ، ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹تەرمىلەر › سەھىپىسى 3- بۆلۈمچىدە ، پەرزەنت تەربىيىسى ، يەنى ، 1. پىسخىك تەربىيە ، 2. ئەخلاقى تەربىيە ، 3. ئادەت تەربىيىسى ، 4. ماسلىق تەربىيىسى . . .قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان پەرزەنت تەربىيىسى بىلىملىرى بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كېلەمدۇ؟ ئىسلامدىكى پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ساۋات ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 12 پىرىنسىپ ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ناتوغرا ئۇسۇللار ، سىز لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقىمۇ؟ . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
‹تەرمىلەر › سەھىپىسى 4-5-6-7- بۆلۈمچىلىرىدە ، ئاتا مىراس نەسىھەتلەر ، ﺋﺎﺑﺪۇقادىر ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯜﮔﯜﺗﻠﯩﺮﻯ ، ئەخلاق گۈلىستانىدىن تەرمىلەر ، خانىم - قىزلارغا ئىلىم ۋە تەربىيە ئۆگىتىش ، زىبۇ زىننەت، كىيىنىش، ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىش بىلىملىرى ، سالاملىشىشتىكى ئەدەپ- قائىدىلەر ، ئايال ۋە ئىلىم ، ئاياللار ھەققىدە 9 ھىكمەت ، ئىپپەت-ھايا . . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
مەزكۇر ‹خانىم - قىزلار دەستۇرى› ناملىق يۇمشاق دىتالىمىز خانىم - قىزلار غا ئاتاپ UKJ TUZ TOM خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىپ ، ئىخلاس بىلەن ياسالغان بۇلۇپ ، خالىغان بۆلۈمچىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقىرىۋېلىش ئىقتىدارى قۇشۇلغان . windows xp , windows 7 , windows 8 قاتارلىق سېستىمىلاردا نۇرمال ئىشلەيدۇ.
مەزكۇر ‹ خانىم - قىزلار دەستۇرى › غا كىرگۈزىلگەن بارلىق ئۇچۇرلار توردىن يىغىلغان . بۇ ئۇچۇرلارنىڭ دېھقان ئوغلى يۇمشاق دىتالىغا كىرگۈزىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىكى كۆزقاراشنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇخىل كۆز قاراشنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
بۇ ئۇچۇرلاردىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنۇز - داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دىتالنىڭ كۆرىنىشى :
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=334418&uk=2703937318
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-12 01:55 PM